مېيىتنى قەبرىگە شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مېيىتنى قەبرىگە شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇش توغرىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

بۇ ئىشنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمەن، يا قۇرئان، يا گۇۋاھنامە، يا مەكتۇپ، يا باشقا ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، مېيىتنى كېپەندىن باشقا نەرسە بىلەن بىللە كۆمۈشكە بولمايدۇ. بىللە كۆمگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ.

مېيىتكە يېتىدىغىنى پەقەتلا ئۆزى قىلغان ئەمەل – ئىبادەت، قالدۇرۇپ كەتكەن پايدىلىق ئىلىم، سەدىقە، ۋەخپە قاتارلىق سالىھ ئەمەللىرىدۇر. شۇنداقلا پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە جەننەت… تىلەپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭغا ئاتاپ سەدىقە قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەج – ئۆمرە قىلىپ قويۇشى، تۇتالماي قالغان روزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇتۇپ قويۇشى قاتارلىق ئىشلارمۇ مېيىتكە ئىنتايىن پايدىلىق.

ئەگەر مېيىتنىڭ قەرزى بولسا، پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى تۆلەپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بار. تۆلەپ قويسا، بۇ مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق سىلە – رەھىم بولىدۇ.

يۇقىرىقىدەك، مېيىتكە پايدىسى يېتىدىغان نۇرغۇن ئىشلار تۇرۇقلۇق شاھادەتنامە بىلەن بىللە قويۇشتەك بىدئەت ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

19 – 4 – 2011

2-توم، 127-نومۇرلۇق پەتىۋا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز