سۇ كىرىپ كەتكەن قەبرىنى يۆتكەش توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! دادام تۈگەپ كەتكىلى بىر يېرىم يىل بولغان ئىدى. بۇ يىل ھۆل – يېغىن سەۋەبىدىن دادامنىڭ قەبرىسىگە سۇ كىرىپ كېتىپتۇ. باشقا قەبرە ئورنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى. قانداق قىلساق ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدۇق. يۆتكىسەك ياخشىمۇ ياكى يۆتكىمىسەك ياخشىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مۇسۇلماننىڭ ھەققى – ھۆرمىتى رىئايە قىلىش كېرەك بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى كەئبىدىنمۇ ئۇلۇغدۇر. مۇسۇلماننىڭ بۇ ھەققى – ھۆرمىتى ھايات ۋاقتىدا بولغىنىدەك، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىدۇ. شۇڭا ھايات بولسۇن ياكى مېيىت بولسۇن، مۇسۇلماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئىززەتلەش لازىم.

ئەلۋەتتە، قەبرىنى ئېچىپ، مېيىتنى يۆتكەش مۇسۇلماننىڭ ھەققى – ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بولغاچقا، زۆرۈر ئەھۋال بولمىسا قەبرىنى ئېچىشقا، جەسەتنى يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

قەبرىنى سۇ بېسىپ كەتكەن ياكى قەبرىگە مەينەت سۇلار ئېقىپ كىرىپ كەتكەن، ياكى يىرتقۇچلار كولاپ مېيىتنى يەپ كېتىدىغان، ياكى قەبرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا، مېيىتنى باشقا بىر قەبرىگە يۆتكەش، مېيىتنى قوغداش ۋە مېيىتنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش جەھەتتىن زۆرۈر بولغاچقا، بۇ ئەھۋالدا قەبرىنى ئېچىپ باشقا يەرگە يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ مېيىتكە پايدىلىق ئىشتۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن:

–       مېيىتنى قەبرىسىدىن چىقىرىپ باشقا قەبرىگە يۆتكىسە بولامدۇ؟ – دەپ سورالغاندا، ئۇ:

–       ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىر نەرسە بولسا يۆتكىۋەتسە بولىدۇ، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىمۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قەبرىسىمۇ يۆتكىۋېتىلگەن، – دەپ جاۋاب بەرگەن.([1])

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «ئېھتىياج بولمىسا قەبرىنى ئېچىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: قەدىمكى قەبرىدە مېيىتكە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر ئەھۋال بولسا، بەزى ساھابىلاردىن ئاشۇنداق ئەھۋاللاردا رىۋايەت قىلىنغاندەك قەبرىنى ئاچسا بولىدۇ».([2])

ساھابىلارنىڭ قىلغانلىرى مۇنداق: ئەتا رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئوھۇد غازىتى يېقىنلىشىپ قالغاندا ئاتام مېنى كېچىسى چاقىرىپ: ‹مەن بۇ ئۇرۇشتا ئۆزۈمنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلىدىغانلاردىن بولارمەنمىكىن، دەپ قارايمەن، مەن ئۈچۈن مەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا مەن ئۈچۈن سەندىنمۇ ئەزىزراق بىرەرسىنى قالدۇرۇپ كەتمەيمەن، مېنىڭ قەرزلىرىم بار، ئۇنى ئادا قىلغىن، قىز قېرىنداشلىرىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىڭنى ۋەسىيەت قىلىمەن› دەپ تاپىلىدى. تاڭ ئاتقۇزغىنىمزدا، تۇنجى بولۇپ قەتلى قىلىنغان كىشى ئاتام ئىدى، يەنە بىر كىشى ئۇنىڭ بىلەن بىر قەبرىگە قويۇلدى، كېيىن ئاتامنى باشقا بىرەيلەن بىلەن بىللە قويۇپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي، ئالتە ئايدىن كېيىن ئۇنى چىقىرىپ قارىسام، ئۇ قۇلىقىنىڭ ئازراق ئۆزگەرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەپنە قىلىنغان كۈندىكىدەكلا تۇرۇپتۇ».([3])

ئىمام بۇخارى بۇنى «دەپنە قىلىنىپ بولغان مېيىتنى بىرەر ئىش تۈپەيلىدىن گۆردىن ۋە ئىچ گۆردىن چىقىرىشقا بولامدۇ؟» دېگەن بابتا بايان قىلغان.

ئەبۇتتەيياھ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە، مەسجىد سېلىشقا بۇيرۇپ: «ئى نەججار جەمەتى! بېغىڭلارنى ماڭا باھا قويۇپ سېتىپ بېرىڭلار!» دېگەنىدى، ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پۇلىنى ئاللاھتىنلا تەلەپ قىلىمىز» دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇيرۇپ مۇشرىكلارنىڭ قەبرىلىرىنى چىقارغۇزۇۋەتتى، خارابىلىقنى تۈزلەتكۈزدى، خورما دەرەخلىرىنى كەسكۈزدى، ئۇلار بۇ دەرەخلەرنى مەسجىدنىڭ قىبلە تەرىپىگە قاتار تىزىپ قويدى.([4]) ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستىن ئىگىلىكىدىكى قەبرىنى ھەدىيە قىلىپ بېرىۋېتىش ۋە سېتىۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ جائىزلىقى چىقىدۇ…».([5])

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، كۆڭلۈڭلار خاتىرجەم بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، مېيىتنى باشقا سۇ كىرىپ كەتمەيدىغان ياكى سۇ تېشىپ چىقمايدىغان بىخەتەر يەرگە يۆتكىۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2 – 8 – 2011

2-توم، 125-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————–

([1]) «المغني» 2/194.
([2]) «مجموع الفتاوى» 24/303.
([3]) «بۇخارى» 1351 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى» 1868 – ھەدىس.
([5]) «فتح الباري» 1/526.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز