مېيىتنىڭ يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! يالغان چىش سالدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يالغان چىشىنى ئېلىۋېتىپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇقىم قىلىپ سېلىۋەتكەن يالغان چىشنى ئېلىۋېتىش كېرەك ئەمەس. بەلكى، تېخى ئېلىۋەتسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ بىر خىل ئۇستىخان سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانغا چېقىلغانلىق بولىدۇ. شەرىئىتىمىزدە مەلۇمكى، مۇسۇلماننىڭ مېيىت ھالىتىدىكى ھۆرمىتى ھايات ۋاقتىدىكى ھۆرمىتىگە ئوخشاشتۇر.

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇستىخىنىنى بىر ئۇستىخان بىلەن تېڭىپ، تېڭىق تۇتقان بولسا، كېيىن ئۆلۈپ كەتسە بۇ ئۇستىخان ئېلىۋېتىلمەيدۇ».([1])

ئەگەر ئالتۇندىن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىممەتلىك نەرسىلەردىن چىش سالدۇرغان بولسا، مال – دۇنيانى زايە قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن باشقا چىشلىرى بىللە قومۇرۇلۇپ كەتمەيدىغان بولسا ئېلىۋەتسە بولىدۇ، بولمىسا قويۇپ قويۇش كېرەك.

ئىمام ئەھمەد چىشلىرى ئالتۇن بىلەن چېتىلغان مېيىت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «چىشلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەستىن ئالتۇننى ئالالىسا بولىدۇ، چىشلىرى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە تەگمەي قويىدۇ».([2])

ئاسانلا ئېلىپ سالىدىغان چىش بولسا ئېلىۋەتسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا مېيىتكە ئازار بېرىش ياكى شەكلىنى بۇزۇۋېتىش بولمايدۇ.

ئەگەر ئاسانلا ئېلىپ سالىدىغان چىش بىلەن دەپنە قىلىپ بولغان بولسا، ئېچىپ چىشنى ئېلىۋېتىش كېرەك ئەمەس.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

6 – 9 – 2011

2-توم، 124-نومۇرلۇق پەتىۋا.

——————

([1]) «المغني» 5/34.
([2]) «المغني» 5/34.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز