مېيىتكە ئىخلاس توپىسى دەمىدە قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاللاھقا ھەمدۇسانا، رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت – سالاملار بولسۇن، مېيىتنى دەپنە قىلغاندا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ توپىغا دەمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىدىغان ئىش بار. بۇنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى قانداق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپات – جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، جەننەتكە كىرگۈزۈلسە، ئۇ ئۇتقان بولىدۇ. دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئالدىنىدىغان كىشى ئالىدىغان نەرسىدۇر ﭼ.([1]) ﭽئۇنىڭ (زېمىننىڭ) ئۈستىدىكى ھەممە يوقالغۇچىدۇر].([2])

مۇجاھىد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دۇنيادا سەن گويا غېرىبتەك ياكى يولۇچىدەك بولغىن» دېدى. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيتتى: «كەچ قىلغىنىڭدا تاڭنى كۈتمىگىن، تاڭ ئاتقۇزغىنىڭدا كەچنى كۈتمىگىن. ساغلام ۋاقتىڭنى بىتاپ ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن، ھايات ۋاقتىڭنى مامات ۋاقتىڭدىن بۇرۇن غەنىيمەت بىلگىن».([3])

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «دۇنيا ئارقىنى قىلىپ كەتتى، ئاخىرەت ئالدىنى قىلىپ كەلدى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېسىلىدىغان بالىلىرى باردۇر، سىلەر ئاخىرەتنىڭ بالىلىرىدىن بولۇڭلاركى، دۇنيانىڭ بالىلىرىدىن بولۇپ قالماڭلار، چۈنكى بۈگۈن ئىش بار، ھېساب يوق. ئەتە ھېساب بار، ئىش يوق» دېگەن.([4])

ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەقىقەت شۇكى، ھەر بىر ئادەم بالىسى ئۆمرى ھەرقانچە ئۇزىرىغان تەقدىردىمۇ ھامان بىر كۈن ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇڭا ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن ھايات چېغىدا سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاخىرەتلىكىنىڭ غېمىدە بولۇش زۆرۈر.

بىر كىشى سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا تۇرۇپ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دەپ تەلقىن قىلىپ([5]) تۇرۇش ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.

ئەبۇ سەئىيد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سەكراتتىكى ئادەمگە: «لائىلاھە ئىللەللاھ»نى تەلقىن قىلىڭلار».([6])

جېنى چىقىپ كەتسە كۆزىنى يۇمۇپ، ئېڭىكىنى تېڭىپ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت، رەھمەت قاتارلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلىش، ئاندىن يۇيۇپ – تاراپ، كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، تېزرەك يەرلىكىدە قويۇۋېتىش لازىم.

نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈر.

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ سەلەمەنىڭ قېشىغا كىردى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغان ئىدى، يۇمدۇردى. ئاندىن كېيىن: «روھ قەبزى قىلىنغاندا، كۆز ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ» دېدى، ئەبۇ سەلەمەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋارقىرىشىپ كەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزەڭلارغا ياخشى دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى پەرىشتىلەر نېمە دېسەڭلەر ئامىن دەيدۇ» دېدى. ئاندىن كېيىن: «ئى ئاللاھ! ئەبۇ سەلەمەنى مەغپىرەت قىل، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ھىدايەت تاپقانلار قاتارىدا يۇقىرى قىلغىن، ئۇنىڭ قېپقالغان ئائىلىسىدىكىلەرگە كېپىللىك قىلغىن. بىز ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن. ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى! ئۇنىڭ قەبرىسىنى كەڭرى ۋە نۇرلۇق قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلدى.([7])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «جىنازىنى ئىتتىك ئېلىپ مېڭىڭلار. ئەگەر ئۇ سالىھ، ياخشى بەندە بولسا، ئۇنى ئۆز ماقامىغا تېزرەك ئاپارغان بولىسىلەر. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئۇنداق يامان بەندىنى كۆتۈرۈشتىن تېزراق قۇتۇلۇپ قالىسىلەر».([8])

مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتقا مەغپىرەت تىلەش، سوئال سورالغاندا تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەش لازىم.

ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىسى بېشىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەيتتى ۋە: «قېرىندىشىڭلارغا مەغپىرەت تىلەڭلار، چۈنكى ئۇ ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىدۇ» دەيتتى.([9])

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىش ئۇسۇلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىسى بېشىدا ساھابىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەيتتى. ساھابىلارنىمۇ ئۇنىڭ تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەشكە بۇيرۇيتتى».([10])

ئاندىن ۋەسىيەت قىلغان بولسا ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇندىن كېيىن مىراسىنى شەرئى تەقسىم قىلىش زۆرۈر.

ئەمما، ئىخلاس توپىسىغا كەلسەك، مېيىتقا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىتابتا مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياكى ساھابىلىرىنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇ بىدئەت بولسا كېرەك.

شۇڭا مېيىتقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ دۇنيادىن ئۇزۇتۇش لازىم.

ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە توپا تاشلاشتا قولى بىلەن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلاشنى مۇستەھەپ، دەپ قارىغان.([11])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، جىنازا بىلەن بىللە قەبرە بېشىغا كەلدى ۋە (ئۇنى قەبرىسىگە قويۇپ) قەبرىسىگە باش تەرىپىدىن ئۈچ ئوچۇم توپا چاچتى.([12])

ئامىر ئىبنى رەبىيئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوسمان ئىبنى مەزئۇننى دەپنە قىلغاندا، ئۇنىڭ نامىزىنى تۆت تەكبىر بىلەن چۈشۈرۈپ، قەبرىسىنىڭ باش تەرىپىدە تۇرۇپ ئۆز قولى بىلەن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن».([13])

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن قەبرىگە باش تەرىپىدىن ئۈچ ئوچۇم توپا تاشلاش مۇستەھەپ. بۇ ھەقتە ساھابە – كىراملاردىنمۇ رىۋايەتلەر كەلگەن.([14]) لېكىن، بۇ توپىلارغا ئىخلاس سۈرىسىنى ياكى باشقا بىرەر ئايەتنى ئوقۇش ھەققىدە ھەدىس يوق. شۇڭا ھەدىستە كەلگىنى بىلەن چەكلىنىش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

24 – 8 – 2011

2-توم، 123-نومۇرلۇق پەتىۋا.

—————————–

([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى 185 – ئايەت.
([2]) «راھمان» سۈرىسى 26 – ئايەت.
([3]) «بۇخارى» 6416 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى» 6416 – ھەدىس.
([5]) «تەلقىن قىلىش» سەكراتتىكى كىشىنىڭ ئېيتىشى ئۈچۈن يېنىدا تۇرۇپ كەلىمە شاھادەتنى تەكرارلاشتىن ئىبارەت.
([6]) «مۇسلىم» 916 – ھەدىس.
([7]) «مۇسلىم» 920 – ھەدىس.
([8]) «مۇسلىم» 944 – ھەدىس.
([9]) «ئەبۇ داۋۇد» 3221 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([10]) «زاد المعاد» 1/522.
([11]) «المجموع» 5/251. «المغني» 2/188.
([12]) «سۇنەنى ئىبنى ماجە» 1565 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن.
([13]) «سنن البيهقي الكبرى» 3/410 – بەت. 6521 – ھەدىس. «سۇنەنى دارىقۇتنى» 2/76. بەيھەقى: «ئىسنادى ئاجىز. لېكىن بەزىبىر شاھىدلىرى بار» دېگەن.
([14])«مصنف ابن أبي شيبة» 3/20 – 21.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز