كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن مېيىتنى قانداق يۇيىمىز؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئوت كېتىش ۋەقەسىدە پۈتۈن بەدەن تېرىسى كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم نامىزى چۈشۈرۈلۈشتىن بۇرۇن يۇيۇلامدۇ؟ يۇيۇلسا قانداق يۇيۇلىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ناھەق كۆيۈپ ئۆلگەن مۇسۇلمانلار ئومۇمەن شېھىد دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنى يۇيۇپ – تاراشتا ئىككىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىمىز:

1. ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشتا، جەڭدە كۆيۈپ ئۆلتۈرۈلگەن شېھىدلەر.

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ:

–       بەزىلەر غەنىمەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بەزىلەر نام – شۆھرەت دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ نەقەدەر باتۇرلۇقىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ ئۇرۇش قىلىدۇ. زادى قايسىسى ئاللاھ يولىدا؟ – دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

–       كىم ئاللاھنىڭ كالامى ئۈستۈن بولسۇن دەپ ئۇرۇش قىلغان بولسا، شۇ ئاللاھ يولىدا، – دېدى.([1])

بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» ياكى «كامىل شېھىد» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇلار يۇيۇپ – تارىماسلىق جەھەتتىن دۇنيادا شېھىد مۇئامىلىسى قىلىنىدىغان، ئاخىرەتتىمۇ شېھىدكە ۋەدە قىلىنغان ساۋاپ ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىدىغان شېھتىلەردۇر.([2])

«دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دېگەن بۇ تۈرگە، كافىرلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن ياكى جەسىتى جەڭ مەيدانىدىن زەخمىلەنگەن ھالەتتە تېپىلغان ياكى مۇسۇلمانلار ناھەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە ئۆلۈمىگە تۆلەم ۋاجىپ بولمىغان، ئەقلى – ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن كىشىلەر كىرىدۇ. بۇ تۈرلۈك شېھىدلەر تۆت مەزھەپ ۋە ئاساسەن بارلىق ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا يۇيۇلمايدۇ. ئەقلى – ھوشى جايىدا ئەمەسلەر، نارەسىدىلەر ۋە جۇنۇپ ھالىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر، ھەنەفىي مەزھەپتە، يۇيۇلىدۇ.([3])

زۇلۇمغا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ: «قانداق بىر مۇسۇلمان بىرەر زۇلۇمغا ئۇچراپ زالىملار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن، چوقۇم شېھىد كېتىدۇ».([4]) «كىمكى زۇلۇمدىن ئۆزىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىدتۇر».([5])

بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرنىڭ يۇيۇلمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، بىرسى ئاللاھ يولىدا يارىلانسىلا، – ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا يارىلانغانلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر – ئۇ قىيامەت كۈنى چوقۇم ئۇنىڭدىكى رەڭ قاننىڭ رەڭگى، پۇراق ئىپارنىڭ پۇرىقى بولغان ھالەتتە كېلىدۇ».([6])

يەنە بىر ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوھۇد غازىتىدا شېھىد بولغان ھەر ئىككى كىشىنى بىر رەختكە يۆگەپ، ئاندىن: «ئۇلارنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپ بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. قايسىسىغا ئىشارەت قىلىنسا، شۇنى لەھەتكە بۇرۇن كىرگۈزۈپ: «مەن قىيامەت كۈنى ئاشۇلارغا گۇۋاھچى بولىمەن» دەيتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى قانلىرى بىلەن دەپنە قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇلار يۇيۇلمىدى ۋە نامازمۇ چۈشۈرۈلمىدى.([7])

لېكىن، بۇ تۈرلۈك شېھتىلەرگە ناماز چۈشۈرۈش مەسىلىسىدە ھەدىسلەر ھەر خىل مەزمۇندا كەلگەن بولغاچقا، ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ، نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ دەپ قارىسا، ھەنەفىي مەزھەپ ۋە يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوھۇد شېھىدلىرىگە ئادەتتە چۈشۈرىدىغان جىنازا نامىزىدەك ناماز چۈشۈرگەنلىكى سەھىھ رىۋايەت بىلەن يېتىپ كەلگەن بولغاچقا([8]) نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ.([9])

ئەگەر رىيا ياكى دۇنيانى كۆزلەپ جىھادقا قاتنىشىپ، ياكى جىھادتىن قېچىۋېتىپ، ياكى غەنىيمەتتىن ئوغرىلاۋېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بۇلار ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار بۇنى «دۇنيا شېھىدى» دەپ ئاتايدۇ. يەنى دۇنيادا دەپنە ئىشلىرىدا ھەقىقىي شېھىدقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ – يۇ، ئاخىرەتتە نىيىتىگە قاراپ جازا بېرىلىدۇ.

2. بىرەر ھادىسە ياكى ئوت ۋەقەسىدە كۆيۈپ ئۆلگەنلەر.

يۇقىرىقى خاس مەنىدىكى شېھىدتىن باشقا يەنە بىر قانچە تۈرلۈك شېھىدلەر بولۇپ، بۇلار «ئاخىرەت شېھىدى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى دۇنيادا دەپنە ئىشلىرىدا ئادەتتىكى كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ – يۇ، ئاخىرەتتە ھەقىقىي شېھىدلەر قاتارىدا ئەجىر بېرىلىدۇ. بۇلارنى بەزى ئالىملار: يەتتە تۈرلۈك، دېسە، يەنە بەزى ئالىملار: 20 نەچچە تۈرلۈك، دېگەن. ئادەتتىكى ئوت ئاپەتلىرىدە ئۆلگەن كىشىمۇ مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.

جابىر ئىبنى ئەتىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇپ شېھىد بولغانلاردىن باشقا يەنە مۇنداق يەتتە تۈرلۈك شېھىد بار: ۋابا كېسىلىدە ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. غەرق بولغان كىشى شېھىدتۇر. كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ قالغان كىشى شېھىدتۇر. قورساق ئاغرىقىدا ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. تام بېسىپ ئۆلگەن كىشى شېھىدتۇر. تۇغۇتىدا بالىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شېھىدتۇر».([10])

بۇ تۈرلۈك كىشىلەرگە قىيىن ئۆلۈم سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى – مەرھەمىتىنى ئاتا قىلىپ شېھىدلىك مەرتىۋىسىنى بەرگەن. ئەلۋەتتە، شېھىدلىكنىڭ بۇ مەرتىۋىسى جىھادتا شېھىد بولغان «دۇنيا ۋە ئاخىرەت شېھىدى» بولغان كامىل شېھىد مەرتىۋىسىدىن تۆۋەنرەك ئورۇندا تۇرىدۇ.

«ئاخىرەت شېھىدى»دىن ئىبارەت بۇ تۈرلۈك شېھىدلەرنىڭ يۇيۇپ – تارىلىپ، نامىزى چۈشۈرىلىدىغانلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا باشقىچە قاراش يوقتۇر.([11])

بۇلارنى يۇيۇش مۇمكىن بولغان تەقدىردە، ئادەتتىكى مېيىتلاردەك يۇيۇلىدۇ. يۇيۇلسا تىتىلىپ كېتىش خەۋپى بولسا، قول تەككۈزمەستىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇلىدۇ ۋە بىر نەرسە بىلەن قۇرۇتىلىدۇ. سۇ قۇيسا تىتىلىپ كېتىش خەۋپى بولسا، يۇيۇلماي، تەيەممۇم قىلدۇرغىلى بولسا تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ.

تەيەممۇم قىلدۇرۇش ئۇسۇلى: تەيەممۇم قىلدۇرغۇچى كىشى ئىككى ئالقىنى بىلەن زېمىنغا ئۇرۇپ، ئالقانلىرىدا مېيىتنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى ئالقىنىنى سىلايدۇ. ئاندىن كېپەنلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ. تەيەممۇم قىلدۇرۇشمۇ مۇمكىن بولمىسا، شۇ پېتى كېپەنلىنىپ نامىزى چۈشۈرۈلىدۇ.

ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «چېچەكتە، ئوتتا، سۇدا ئۆلگەنلەر يۇيۇش مۇمكىن بولسا يۇيۇلىدۇ. يۇيۇشتىن تىتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، تۇتماستىن ئۈستىگە سۇ قۇيۇلىدۇ. سۇ قۇيسا تىتىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەھۋالدا، يۇيۇلماي، سۇ زىيان قىلىدىغان ھايات ئادەمگە ئوخشاش تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ. سۇ تېپىلمىغانلىقتىن مېيىتنى يۇغىلى بولمىسىمۇ تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ. بىر قىسمىنى يۇغىلى بولماي، بىر قىسمىنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا، ھايات ئادەمگە ئوخشاشلا شۇ قىسمى يۇيۇلۇپ، قالغان يېرى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ».([12])

بەزى ئالىملار بۇ ئەھۋالدا مېيىتنى يۇيۇشنىڭ ھارام بولىدىغانلىقىنى مۇنداق قەيت قىلغان: «يۇسا تېرىسى سويۇلۇپ ياكى ئېتى تىتىلىپ كېتىدىغان بولسا، يۇيۇش ھارام بولىدۇ – دە، تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ».([13])

ئىمام نەۋەۋەى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «يۇيۇش مۇمكىن بولمىغاندا تەيەممۇم قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى ۋاجىپتۇر. چۈنكى، بۇ مەينەتچىلىكنى تازىلاشقا مۇناسىۋەتسىز بولغان مەنىۋىي پاكلاشتىن ئىبارەت بولغاچقا، سۇ ئىشلىتەلمىگەن ئەھۋالدا جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇشتىكىدەك تەيەممۇمغا يۆتكىلىش ۋاجىپ بولىدۇ».([14])

دېمەك، تەيەممۇمغا يۆتكىلىشنىڭ دەلىلى ھايات ئادەمگە قىياس قىلىشتۇر. جۇنۇپ ئادەم سۇ ئىشلىتەلمىسە تەيەمممۇغا يۆتكەلگەندەك، مېيىتنى يۇغىلى بولمىغاندىمۇ تەيەممۇم قىلدۇرۇلىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

20 – 12 – 2016

2-توم، 122-نومۇرلۇق پەتىۋا.

————————

([1]) «بۇخارى» 2810 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1904 – ھەدىس.
([2]) «حاشية ابن ىابدين» 2/252.
([3]) «الاختيار» 1/321. «بدائع الصنائع» 1/320. «المغني» 2/204. «بداية المجتهد» 1/165. «المجموع» 5/215.
([4]) «مسند أحمد» 6913 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([5]) «سنن النسائي» 4096 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([6]) «بۇخارى» 2803 – ھەدىس.
([7]) «بۇخارى» 1343 – ھەدىس.
([8]) «بۇخارى» 1344 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2296 – ھەدىس.
([9]) «بداية المجتهد» 1/175. «المجموع» 5/219. «المغني» 2/204.
([10]) «ئەبۇ داۋۇد» 3111 – ھەدىس. «سنن النسائي» 1846 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([11]) «حاشية ابن عابدين» 2/252. «المدونة الكبرى» 1/184. «المجموع» 5/219. «المغني» 2/207. «الموسوعة الفقهية الكويتية» تَغْسِيلُ الْمَيِّتِ الْمُحْتَرِقِ.
([12]) «المغني» 2/209.
([13]) «منح الجليل» 1/482.
([14]) «المجموع» 5/137.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز