ئىبرەت ۋە تەربىيە يۈزىسىدىن پەيغەمبەر ۋە پەرىشتىلەر ھەققىدە ھېكايە توقۇش ۋە ئاڭلاش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھازىر دىيارىمىزغا تور ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئۈن – سىن تەبلىغ، نەسىھەتلىرى، تۈركىيەنىڭ بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئىسلامى كىتابلىرى كۆپلەپ كىرىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش. لېكىن، ئۆزبېكلەرنىڭ تەبلىغ خاراكتېرىنى ئالغان ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىدا پالانى پەيغەمبەر مۇنداق قىلغان، مۇنداق دېگەن دېگەندەك ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ ئۆتىدىكەن، كۆپىنچىسىنىڭ ئاساسى يوقكەن. ئۇلارنى دىنىي ۋە تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، تۈركلەر بالىلارغا ئىسلام ئىدىيىسى ئۆگىتىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى خۇددى گرېكلارنىڭ ئەپسانە رىۋايەتلىرىدەك تەسۋىرلىۋېتىدىكەن. كىشىلەرگە ئىبرەت بولۇش ۋە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن يالغان ۋەقەلىكلەرنى توقۇسا بولامدۇ؟ ئۇنى ئاڭلىسا ۋە كۆرسىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى ئەھكام ئېلىش، ئەمەل قىلىش، ئېتىقاد ۋە باشقا پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشتا، تەقۋادارلىق ۋە ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشتە يېتەرلىكتۇر، بۇ ھەقتە باشقا بىر توقۇلما رىۋايەتلەر، يالغان قىسسىلەرگە ئېھتىياج يوقتۇر.

ئادەتتە ۋەز – تەبلىغ، تەشۋىقات، جۈمە خۇتبىلىرى ۋە يەنە بەزى تايىنى يوق كىتابلاردىمۇ يالغان، ئاجىز ھەدىسلەر، قىسسىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلارنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن:

1. يالغان، توقۇلما ھەدىسلەر. بۇنى ئاساسەن بارلىق ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن رىۋايەت قىلىش، نەقىل قىلىش، سۆزلەش، ئەمەل قىلىش ھارام بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى چاپلىسا، ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىۋالسۇن».([1])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «يالغان ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش ئۇنىڭ يالغانلىقىنى بىلگەن ياكى يالغانلىقىنى كۆڭلى ھېس قىلغان كىشىگە ھارام بولىدۇ. شۇڭا كىمكى بىر ھەدىسنىڭ يالغانلىقىنى بىلسە ياكى كۆڭلى يالغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنى رىۋايەت قىلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يالغانلىقىنى بايان قىلىپ قويمىسا، مۇشۇ تەھدىت دائىرىسى ئىچىگە كىرىدۇ».([2])

ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇلھەي لۇكنەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، فىقھى ئالىملىرى ۋە مۇھەددىسلەرنىڭ ھەممىسى كىتابلىرىدا يالغان ھەدىسنى رىۋايەت قىلىش، زىكىر قىلىش، نەقىل قىلىش، مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ھارام بولىدۇ، پەقەتلا ئۇنى يالغان دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەھكاملاردا بولسۇن، قىسسىلەردە بولسۇن ياكى ۋەز – نەسىھەت ۋە تەبلىغ قاتارلىقلاردا بولسۇن، ئۇنىڭغا قارىتا سەل قاراش، مەيلى دەۋېتىش ھارام بولىدۇ، ئۇنى زىكىر قىلىش ۋە نەقىل قىلىشتا باشقىلارنى دوراش ھارام بولىدۇ، پەقەتلا يالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئاندىن نەقىل قىلسا مەيلى. ئەمما، ئاجىز ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئاجىز ھەدىسلەر ئەھكاملاردا بولمىسا مەيلى دېيىلىپ، بىر قانچە شەرت تېپىلسا قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بايان قىلغان».([3])

ئىمام نەۋەۋى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يالغاننى توقۇش مەسىلىسىدە، ئەھكاملاردىكى يالغانچىلىق بىلەن ھۆكۈم بولمىغان ۋەز – نەسىھەت ۋە تەبلىغ قاتارلىق مەسىلىلەردە يالغانچىلىق قىلىش ئوخشاش، بۇلارنىڭ ھەممىسى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر، چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن، قەبىھ ئىشلارنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىدىندۇر».([4])

بۇنداق قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا يالغاننى توقۇپ بوھتان قىلغانلىق بولماستىن، بەلكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغاننى توقۇغانلىقتۇر.

2. ئاجىز ھەدىسلەر. ئاجىز ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلىش تۆۋەندىكى بىرقانچە شەرت بىلەن جائىز:

بىرىنچى: ئەقىدە ياكى ھالال – ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىش دائىرىسىدە بولماسلىق.

ئىككىنچى: ئۇنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس «شاھىد» بولۇشى ياكى بىرەر چوڭ ئاساسنىڭ دائىرىسىگە كىرىشى.

ئۈچىنچى: ئۇنى سەھىھ دەپ ئىشەنمەسلىك.

تۆتىنچى: ئاجىزلىقى بەك ئېغىر بولماسلىق. ئەگەر راۋىيلىرى ئىچىدە يالغانچىلىق بىلەن قارىلىنىپ قالغانلار ياكى ئېغىر خاتالىق بىلەن رىۋايەت قىلىدىغانلار بولسا، بۇ دائىرىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

بۇنداق بولۇشتا، ئاجىز دېگەنلىك كەسكىن يالغان دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئەمەلىيەتتە راست بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. شۇڭا ئاجىز ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى قۇۋۋەتلەيدىغان باشقا بىرەر دەلىل بولۇپ قالسا، تەبلىغ ۋە ۋەز – نەسىھەتلەردە ئاجىزلىقىنى بايان قىلغاچ رىۋايەت قىلسا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بەزى كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بار. بەزىلەر ئاجىزلىقىنى بايان قىلماي رىۋايەت قىلىۋەرسە بولىدۇ، دەپمۇ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ئەقىدە ۋە ئەھكامدا بولمىسا ئاجىزلىقىنى بايان قىلىپ رىۋايەت قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

3. ئىسرائىلىيات. «ئىسرائىلىيات» دېگىنىمىز: بىزنىڭ رەسۇلىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلمىگەن، ئەھلى كىتاب بولغان يەھۇدىيلار، ناسارالار تەرىپىدىن كەلگەن مەلۇماتلار، رىۋايەتلەر، قىسسىلەردىن ئىبارەت. بۇرۇن يەھۇدىيلار، ناسارالاردىن بەزىلەر مۇسۇلمان بولغان چاغدا مۇسۇلمانلار ئۇلاردىن بەزى قىسسىلەرنى، خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ رىۋايەت قىلغان ئەھۋاللار بولغان. مەسىلەن: كەئبۇل ئەھبار رىۋايەتلىرى، ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھ رىۋايەتلىرى قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. يەنە بەزى مۇسۇلمانلاردا يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ كىتابلىرىدىن كۆچۈرۈۋالغان مەلۇماتلار بار ئىدى. بۇ تۈرلۈك رىۋايەتلەر «ئىسرائىلىيات» دائىرىسىگە كىرىدۇ. تەپسىر كىتابلىرىدا بۇنداق رىۋايەتلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئىسرائىلىياتنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك بۇنى ئۈچ تۈرگە ئايرىيمىز:

بىرىنچى تۈرى: بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ئايەت ياكى ھەدىسلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان رىۋايەتلەر. بۇنى رىۋايەت قىلسا بولىدۇ، چاتاق يوق.

ئىككىنچى تۈرى: بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ئايەت ياكى ھەدىسلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلانغان رىۋايەتلەر. بۇنى رىۋايەت قىلىش ھارام.

ئۈچىنچى تۈرى: بىزنىڭ شەرىئىتىمىزدە ئايەت ياكى ھەدىسلەر ئارقىلىق ئۇنىڭ راستلىقى ياكى يالغانلىقى ئىسپاتلانمىغان رىۋايەتلەر. بۇنى رىۋايەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. لېكىن ئۇنى راستمۇ دېمەسلىك، يالغانمۇ دېمەسلىك لازىم.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەھلى كىتاب بولغان يەھۇدىيلار تەۋراتنى ئىبرانىيچە ئوقۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئەرەبچە تەرجىمە قىلىپ بېرەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىنى راستمۇ دېمەڭلار، يالغانمۇ دېمەڭلار، ئېيتىڭلاركى: [ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەنگە، ئىساغا بېرىلگەنگە ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە ئىمان ئېيتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، يەنە بىز ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىلارمىز]([5])».([6])

يەنە بىر ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكلىرىنى سىقىلماي سۆزلەۋىرىڭلار، كىمكى قەستەن ماڭا يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۆزىگە دوزاختىن ئورۇن راسلىۋالسۇن».([7])

رىۋايەت قىلىش رۇخسەت قىلىنغان بۇ ۋەقەلىكلەر راست ياكى يالغانلىقى ئىسپاتلانمىغان ۋەقەلىكلەردۇر. بۇنى بەزى ئالىملار كىتابلىرىدا دەلىل سۈپىتىدە ئەمەس، بىرەر دەلىلگە قوشۇمچە قىلىپ يانداشتۇرۇپ ئەكىلىدۇ.

ئىسرائىلىيات رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتە ئۇنى بىلسە ئالاھىدە پايدىسى يوق، بىلمىسە پەۋقۇلئاددە زىيىنى يوق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن: ئەسھابۇل كەھفنىڭ ئىتىنىڭ رەڭگى قانداق ئىدى دېگەندەك. بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟

ئەمدى ئالىملىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ يۇقىرىقى نۇقتىلارنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە سەل قاراپ، بىپەرۋالىق قىلىپ قالغان بەزىبىر ئالىملار يازغان تەپسىر، قىسسىلەر ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەر دائىرىسىدىكى كىتابلاردا يالغان ۋەقەلىكلەر، ئىسرائىلىياتلار ۋە يالغان ھەدىسلەرمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. بەزىبىر كىتابلار يالغان رىۋايەتلەرگە لىق تولغان. رابغۇزىنىڭ «قەسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق ئەسىرى بۇنىڭ مىسالى.

بەزىدە ئىشەنچلىك دەپ قارالغان دىنىي كىتابلاردىمۇ ئانچە – مۇنچە يالغان ھەدىس، يالغان قىسسىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ بەزى ئالىملارنىڭ ئاشۇ ھەدىسلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرمىگەنلىكى، بۇ ھەقتىكى سەزگۈرلىكى تۆۋەن بولغانلىقى، راۋىيلارغا، ئاشۇ مەلۇماتلار بايان قىلىنغان ئەسلى مەنبەلەرگە قارىتا ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان.

ۋەز – تەبلىغلەردە يالغان ھەدىس، يالغان قىسسىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككىگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

بىرى، ۋەز – تەبلىغچىلەر ئادەتتە ھەقىقىي ئەھلى ئىلىم بولماي، زۇۋانداراز، سۆزمەن، مەدداھ كىشىلەر بولىدۇ. بۇلار ئادەتتە راست – يالغان ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ ئايرىمايلا سۆزلەۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى جامائەتنى تەسىرلەندۈرۈش بولىدۇ، خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىز ئۇيغۇرلار سۆزمەن، تەبلىغچى بولسىلا ئالىم دەپ ھېسابلاۋېرىمىز.

يەنە بىرى، ۋەز – تەبلىغ ئاڭلايدىغان جامائەتنىڭ ئۆزى، تۈرلۈك زىيانلىق تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىدە قۇرئان ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەسىرلەنمەيدىغان، ئۇنىڭدىكى تەھدىتلەر ئۇلارنى قورقۇتالمايدىغان، ئۇنىڭدىكى ساۋابلار ئۇلارنى قىزىقتۇرالمايدىغان ھالەتتە بولغاچقا، پەقەتلا بەزىبىر يالغان ھەدىس، يالغان قىسسە – ۋەقەلىكلەرلا ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان بولۇپ قالغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى يالغان ھەدىس ۋە يالغان ۋەقەلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ۋە ۋەز – تەبلىغلەرنىڭ يالغان ھەدىس ۋە قىسسىلەرنى بايان قىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىرىدىن ھەزەر ئەيلەش، ساقلىنىش، باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش لازىم. ئەمما، بۇ ئەھۋال ئانچە – مۇنچە ئۇچراپ قالىدىغانلىرىدىن ئەقىدە ياكى ھالال – ھارام بېكىتىشتە پايدىلانماي، تەرغىباتتا مۇۋاپىق پايدىلانساق بولىدۇ. دىيارىمىزدا دىنىي ماتېرىياللار قىس بولغاچقا، ئازغىنە قۇسۇر بار ماتېرىياللارنى تاشلاپ قويساق، ئۇنىڭدىن مۇكەممەلرەكىنى تېپىپ بولالماي قالىمىز.

ئالايلۇق، تۈركىيەنىڭ بالىلار، ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى كىتابلىرىدا ئۆسمۈرلەرنىڭ چۈشىنىشى قولاي بولۇشى ئۈچۈن، بەزىبىر ئابستراكىت ئۇقۇملارنى ئۇلارنىڭ ياش – قورامى، ئاڭقىرىش ئىقتىدارىغا قاراپ ئاددىيلاشتۇرۇپ، مىسال ئېلىپ ئەدەبىي تەسۋىرلەپ بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنى پۈتۈنلەي خاتا دەۋەتكىلى بولمايدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيىلەشتە باشقا مۇكەممەل ماتېرىيال بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن پايدىلانساق بولىدۇ.

مەيلى ۋەز تەبلىغ، مەيلى كىتاب – ماتېرىياللاردا بولسۇن، ئەقىدىسى ساغلام، يالغان – توقۇلما ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلمايدىغان ئىشەنچلىك كىتابلاردىن، ئىشەنچلىك مۆتىۋەر ئالىم ۋە ۋەز – تەبلىغچىلەردىن پايدىلىنىش لازىم. تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ ساغلام كىتابلارنى تاللىشى لازىم.

خۇلاسە شۇكى، بىزگە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى كۇپايە قىلىدۇ. دىنىمىزنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ يالغانغا موھتاج بولۇپ قالمايمىز. توقۇلما ھەدىسلەرنى يالغانلىقىنى بايان قىلماستىن رىۋايەت قىلىش، نەقىل قىلىش، سۆزلەش ھارام بولىدۇ. يالغان ھەدىس ۋە قىسسىلەرنى بايان قىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان كىتاب ۋە ۋەز – تەبلىغلەردىن ھەزەر ئەيلەش، ساقلىنىش ۋە باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

6 – 7 – 2011

2-توم، 120-نومۇرلۇق پەتىۋا.

————————

([1]) سەھىھەين: «بۇخارى» 197 – ھەدىس. «مۇسلىم» 3 – ھەدىس.
([2]) «صحيح مسلم بشرح النووي» 1/71.
([3]) «الآثار المرفوعة في الأخبار الموضوعة» 21 – بەت.
([4]) «صحيح مسلم بشرح النووي» 1/70.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى 136 – ئايەت.
([6]) «بۇخارى» 4485 – ھەدىس.
([7]) «بۇخارى» 3461 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز