ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات، ساجىيە ”مەن مۇسۇلمان“ يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى 4 – قىسىم. زاكات (تېكىستى)

بىر كۈنى رەھىمە بىلەن ئابدۇللاھجان «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە «مەن مۇسۇلمان» يۈرۈشلۈكلىرىنى ئالغىلى كەپتۇ. قارىسا مەركەزدىكى ئاكاشلار ئالدىراش «زاكات» ناملىق ئۆسمۈرلەر كىتابىنى تەھرىرلەۋاتقان ئىكەن. ئابدۇللاھجان كىچىكىدىن ھەممە نەرسىگە بەكلا قىزىقىدىغان بولغاچقا، كاللىسىدىكى جاۋابىنى تاپالمىغان بەزى سوئاللارنى سوراپ بىلىۋالماقچى بوپتۇ – دە، تارتىنماستىن سوراشقا باشلاپتۇ:

ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاكا! «مەن مۇسۇلمان» يۈرۈشلۈكلىرىنى بەك ياقتۇردۇم، لېكىن بەزى سوئاللىرىم بار ئىدى، سورىسام بولامدۇ؟

ــ ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئوماقلار. بۈگۈن تەلىيىڭلار بار ئىكەن، سوئالىڭلارغا ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ئۆزى جاۋاب بېرىدۇ، ئىنشائاللاھ.

ـ ۋاھ! نېمىدىگەن ياخشى. مەن دوكتور داداش بىلەن كۆرۈشۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ـــ دەپتۇ رەھىمە خۇشال بولۇپ.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دوكتورنىڭ ئىشخانىسىدا بالىلارچە تاتلىق تىللىرى بىلەن بىلمىگەنلىرىنى سوراپ بىلىۋېلىشقا باشلاپتۇ:

ــ ئۇستاز، دادام – ئاپاملار داۋاملىق: «بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى، يىغقان پۇلۇڭلارنى پېقىر – مىسكىنلەرگە بەرسەڭلار زاكات، سەدىقە ساۋابىنى ئالىسىلەر» دەيدۇ، خاپا بولماي، مۇشۇ زاكات، سەدىقە دېگەن گەپلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىلا بوپتىكەن.

ـــ ماشائاللاھ، ئوماقلار! رەببىم ھەر ئىككىڭلارنى ئۈممىتىمىزگە پايدىلىق تەقۋادارلاردىن قىلسۇن، سوئالىڭلارغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن بىر سوئال سوراپ باقاي: ئوماق بالىلىرىم! ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى ئېسىڭلاردىمۇ؟

ـ ئەلۋەتتە ئېسىمىزدە، بۇنى «مەن مۇسۇلمان» دېگەن كىتابتىن ئوقۇغان ئىدۇققۇ – ھە، رەھىمە؟

ـــ ھەئە، ئابدۇللاھجان ئاكا. جاۋابىنى مەن دەپ باقايچۇ؟

ـــ بولىدۇ، قىزىم، سىز دەپ بېقىڭ.

ـــ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى: شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇتۇش، قادىر بولالىسا ھەج قىلىش.

_ ئاپىرىن سىزگە. ئۇنداقتا بىز ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان زاكاتنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى بىلىۋالايلىمۇ؟

_ ماقۇل دوكتور دادا، شۇنداق قىلايلى.

_ زاكات ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى ئاساسىدۇر. ئۇ پۇل – مالدىن بەلگىلەنگەن ئۈلۈش بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى قۇرئاندا كۆرسىتىلگەن مۇناسىب كىشىلەر ئۈچۈن بېرىشىمىزنى پەرز قىلدى.

_ شۇڭا، دادام: «زاكات تەرك قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغان، ئىنكار قىلغۇچى كاپىر بولۇپ كېتىدىغان ئوپئوچۇق پەرزدۇر» دەپتىكەندە؟!

_ دادىڭىز توغرا دەپتۇ قىزىم. ئۇنداقتا، «زاكات» توغرۇلۇق بۇرۇن ئاڭلىغىنىڭلارنى دەپ باقامسىلەر؟

_ ئاپام ماڭا: «زاكات دېگىنىمىز مەلۇم ئۆلچەمدىكى بايلىق دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن جىددىي ئېھتىياج يوق، ھاجىتىدىن ئاشقان قىسمىنى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەنىدى.

_ ماشائاللاھ! ئاپىڭىز توغرا دەپتۇ، ئابدۇللاھجان.

_ مەنمۇ زاكاتنىڭ قاچان پەرز قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن، دەپ باقايمۇ، ئۇستاز؟

_ بولىدۇ، رەھىمە قىزىم، تارتىنماي ئولتۇرۇڭ.

_ زاكات ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە پەرز قىلىنغان.

_ توغرا دېدىڭىز، ئۇ بەك مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»دە كۆپ ئورۇنلاردا ناماز بىلەن بىللە كەلتۈرۈلگەن. ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ئايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە زاكاتقا بۇيرۇش بىللە كەلتۈرۈلگەن. مېھرىبان رەببىمىز ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مۇنداق دېگەن: [نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ھەرقانداق ياخشى ئەمەل بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر](بەقەرە: 110).

_ ئۇستاز، بىر نەرسىنى ئويلاپ قالدىم، زاكاتنىڭ قانداق پايدىسى باردۇر – ھە؟!

_ زاكات ــ بەرگۈچىنى بېخىللىق، ئاچكۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەردىن، پۇل – مېلىنى بولسا باشقىلارنىڭ ھەققى ئارىلىشىپ قېلىش سەۋەبلىك بۇلغىنىپ كېتىشتىن پاكلايدۇ. زاكات ئادا قىلىنسا، ئىسلام جەمئىيىتىدىكى ماددىي قىيىنچىلىق، نامراتلىق، يوقسۇللۇق … قاتارلىق بىرقاتار مۈشكۈلاتلار ئاساسەن ھەل بولىدۇ.

_ ئۇنداقتا، زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولۇش شەرتلىرى قايسىلار؟

_ زاكاتنىڭ پەرز بولۇش شەرتلىرى

1. مۇسۇلمان بولۇش؛ چۈنكى، غەيرى مۇسۇلمانغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

2. پۇل – مال تولۇق ئىگىدارچىلىقىدا بولۇش؛ چۈنكى، ئومۇمنىڭ مېلىغا ئوخشاش مۇئەييەن ئىگىسى يوق نەرسىگە زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ.

3. پۇل – مال ئىگىسىنىڭ قولىدا تۇرۇپ، ھىجرىيە يىلى ھېسابىدا تولۇق بىر يىل ئۆتۈش؛ چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەر قانداق مالدا بىر يىل ئۆتمىگۈچە زاكات يوق» دېگەن. لېكىن، زىرائەتلەر، مېۋىلەر، كان بايلىقلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بۇ شەرتنىڭ سىرتىدىدۇر.

4. پۇل – مال نىسابقا يېتىشى كېرەك.

_ ئۇستاز، «نىساب» دېگەن سۆزنى چۈشىنەلمىدىمغۇ؟!

_ «نىساب» دېگىنىمىز پۇل – مالدىن مۇئەييەن بىر مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئېزىغا زاكات ۋاجىپ بولمايدۇ. بۇ ئۆلچەم زاكات چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ تۈرلىرىگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ.

5. ئىنساننىڭ ئەسلىي ھاجەتلىرىدىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.

_ ئابدۇللاھجان ئاكا! «ئەسلىي ھاجەت» دېگەن نېمە گەپتۇ؟

_ ئۇكام، «ئەسلىي ھاجەت» دېگىنىمىز ئىنسانغا لازىم بولىدىغان ئاساسىي ھاجەتلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

_ ئابدۇللاھجان ئاكىڭىز توغرا دېدى قىزىم.

_ ھە چۈشەندىم، دېمەك:

قەرزدىن خالىي، ئېھتىياجىدىن ئارتۇق، يىلنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا تولۇق ئىگىدارلىقى بولغان، بايلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇل – مالغا ئىگە بولغاندا، ئاندىن زاكات پەرز بولىدىكەن – دە!

_ ئەمىسە، قايسى ماللىرىمىزغا زاكات كېلىدىغاندۇ؟

_ بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە بىر – بىرلەپ دەپ بېرەي – ھە!

زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ماللار

ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ زاكىتى

ئالتۇن – كۈمۈش قىممەتلىك كان بايلىقلىرىدىن بولۇپ، نىسابقا يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ئالتۇننىڭ ئۆلچىمى 85 گرام، كۈمۈشنىڭ ئۆلچىمى بولسا 595 گرامدۇر.

ئەمما، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ ھەربىرىدە ئايرىش ۋاجىپ بولىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىغا كەلسەك، بۇ مىقدار قىرىقتىن بىردۇر (₄₀⅟)، يەنى 2.5%.

_ ئۇستاز! قىرىقتىن بىر دېگىنىگە مىسال كەلتۈرۈپ بەرسىلە بوپتىكەن.

_ بولىدۇ، قىزىم رەھىمە. مەسىلەن، 85 گرامدىن ئارتۇق ئالتۇن جابدۇق ياكى ئالتۇن تەڭگىڭىز بولسا، ئۇنى قىرىققا بۆلۈپ، بىرىنى زاكات قىلىپ بېرىسىز.

_ ھە، ئېسىمگە كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ئىكەن: «كۈمۈشتە قىرىقتىن بىرى (زاكاتتۇر)»، «(ئالتۇندا) 20 مىسقالدا يېرىم مىسقال (زاكات باردۇر)».

_ ما شائاللاھ ئابدۇللاھجان ئوغلۇم، ھەدىسنى توپتوغرا يادقا ئاپسىز. قۇرئان، ھەدىس يادقا ئېلىش ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىش بەكمۇ مۇھىم. ئوماق بالىلىرىم! شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، پۇل – مال قولدىن چىقىپ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ ئەجرى مەڭگۈ قالىدۇ. زاكات دېگەن دوزاختىن قۇتقۇزغۇچىدۇر.

_ چۈشەندۇق ئۇستاز. لېكىن قەغەز ۋە تەڭگە پۇللار ئىنسانلار ئۆزئارا ئېلىم – بېرىم قىلىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەبتىن، مۇئامىلىلەرنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭ زاكىتىنى قانداق بېرىمىز؟

_ فەقىھ ئالىملار قەغەز پۇلنىڭ زاكات ئۆلچىمىنى ئالتۇننىڭ ئۆلچىمىگە سېلىپ تۇرۇپ بەلگىلىگەن ۋە ئۇنىڭغىمۇ ۋاجىپ بولىدىغان شەرتلەرنى بېكىتكەن.

_ ئاپام مۇنداق دەيتتى: «پۇلنىڭ زاكىتى پۇلدۇر، ئەمما ئۇ جەننەتكە ئېلىپ بارغۇچىدۇر».

_ توغرا. ئەگەر قەغەز پۇللارنىڭ قىممىتى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە يەتسە ۋە ئۇنىڭغا بىر يىل ئۆتسە، ئۇنىڭدىن %2.5 ى، يەنى قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) مىقداردا زاكات ئايرىلىدۇ.

_ ئىلكىدىكى پۇل – مېلى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىۋەتسىمۇ بولامدۇ، ئۇستاز؟

_ شۇنداق بالام، بىر كىشىنىڭ ئىلكىدىكى پۇل – مېلى زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ، بىر يىلنىڭ، ياكى بىرقانچە يىلنىڭ ۋە ياكى بىرقانچە ئۆلچەمنىڭ زاكىتىنى ئالدىنئالا بېرىۋەتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

_ دېمەك، زاكاتتا قىممىتىنى بېرىشكە بولىدىكەن – ھە؟! مەسىلەن، قولىدا ئالتۇن بار كىشى قەغەز پۇل بەرسە، قولىدا چارۋا مال ياكى رەخت قاتارلىق تاۋارلار بار كىشى ئۇنىڭ زاكىتىنى پۇل بىلەن بەرسە بولىۋېرىدۇ، شۇنداقمۇ؟

_ توغرا دېدىڭىز قىزىم، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپسىز.

_ ئەگەر چوڭ دادىمىز زاكات بېرەلمەي تۈگەپ كەتكەن بولسا، بىز بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟

_ ئوغلۇم ئابدۇللاھجان، بىر كىشى ئادا قىلمىغان زاكات ياكى فىتىر سەدىقىسى بار ھالەتتە ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسىدىن ئادا قىلىنمايدۇ. ئەگەر ۋارىسلىرى ئادا قىلىۋەتكەن بولسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، بۇ بىر ئىبادەت. شۇڭا، ئىبادەت بولۇشى ئۈچۈن پەقەت ئۆزى ياكى ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان كىشى بىلەنلا ئادا تاپىدۇ.

_ ئۇنداقتا ئاپىمىزنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

_ ياخشى سورىدىڭىز، قىزىم رەھىمە. ئالتۇن – كۈمۈش بىلەزۈكلەر، ئۈزۈكلەر ۋە ھالقىلارغا ئوخشاش زىننەت بۇيۇملىرىغا، 85 گرام ئالتۇندىن ئىبارەت زاكات ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) بويىچە زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

_ قىممەتلىك بۇيۇملار تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسىچۇ؟

_ ئۇنىڭغىمۇ زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئۈنچە – مارجان، ياقۇت ۋە باشقا بۇ تۈردىكى نەرسىلەر پەقەت تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن چاغدىلا زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇلاردىن زاكات ئايرىشتا ئالتۇنغا ياكى پۇلغا سۇندۇرۇلۇپ، قىممىتى باھالىنىدۇ. ئەگەر زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.

_ دېمەك، ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش مەقسەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدىكەن – دە؟!

_ شۇنداق، قىزىم رەھىمە. ئەمما، قولغا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ماللاردا زاكات پەرز بولمايدۇ.

_ ئۇ قانداق مال؟

_ ئابدۇللاھجان قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن. ھەرقانداق سوئالىڭلار بولسا، مانا مۇشۇنداق تارتىنماي سوراۋېرىڭلار. چۈنكى «سورىغان بىلىم ئاپتۇ، سورىمىغان كېيىن قاپتۇ» دېگەن گەپ بار.

خوش، قولغا كېلىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن ماللار دېگىنىمىز يۈتۈپ كەتكەن، دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، چۆل -جەزىرىلەرگە كۆمۈپ قويۇپ ئورنىنى ئۇنتۇپ قالغان، ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىگە دەلىل – ئىسپات يوق، تارتىۋېلىنغان مال -مۈلۈك ۋە تېنىۋېلىنغان قەرز، تونۇمايدىغان كىشىگە قويۇپ قويۇلغان، ئاندىن كىمدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئامانەت ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ماللاردۇر.

_ ئۇنداقتا، بىز سېتىۋالغان ئويۇنچۇقلىرىمىزغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

_ ياق قىزىم رەھىمە، ئۆزىمىز ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارغا زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن، شۇ ئويۇنچۇقلارنى ساتىدىغان تىجارەتچىلەرگە كېلىدۇ. بۇنى چۈشىنىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن «تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى» توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرەي – ھە!

_ ئۇستاز، تىجارەت مېلى دېگەن نېمە؟

_ «تىجارەت مېلى» دېگىنىمىز ئېلىپ – سېتىش ئارقىلىق پايدا ئېلىش ۋە كەسپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان نەرسىلەردۇر. ئىنسان سېتىۋالغان چوڭ – كىچىك ماللارنىڭ ھەممىسى تىجارەت مېلى ھېسابلانمايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا كىشى كىيىملەرنى كىيىش ئۈچۈن، ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئۆيىگە قويۇش ئۈچۈن، ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەش ئۈچۈن سېتىۋالىدۇ. بۇلار «تىجارەت مېلى» دەپ ئاتالمايدۇ، چۈنكى بۇلار شەخسىي ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان ماللاردۇر.

ئەمما، سېتىپ پايدا ئېلىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىنغان نەرسە – كېرەكلەر تىجارەت مېلى ھېسابلىنىدۇ.

_ ھە، چۈشەندىم ئۇستاز.

_ تىجارەت ماللىرى زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە زاكات ۋاجىپ بولىدۇ. دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، زاكات ئايرىش ئۆلچىمى 85 گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدۇر. لېكىن ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭلار، شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىغا زاكات كەلمەيدۇ.

_ ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم. پۇللار زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ۋە بىر يىل ئۆتسە، 2.5% زاكات ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئۆيگە بېرىپلا ھەممەيلەنگە دەپ بېرىمەن. ئەمما ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ زاكىتىمۇ ئوخشاشمۇ؟

_ ھازىر چۈشەندۈرۈپ قوياي، ئوماقلار.

ھەنەفىي مەزھەپنىڭ قارىشىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ سوقۇلغانلىرىغا، تەبىئىي ھالەتتىكىلىرىگە، زىبۇ – زىننەتلىرىگە، قاچا – قۇچىلىرىغا تىجارەت نىيىتى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، ئۆلچەمگە يەتكەنلا بولسا، زاكات ۋاجىپ بولىدۇ.

_ ئۇنداقتا، ئالتۇننىڭ زاكات ۋاجىپ بولىدىغان ئۆلچىمىمۇ 85 گرامدۇر. ئۆلچەمگە يەتكەندە قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) نى زاكاتقا ئايرىشى ۋاجىپ.

_ ئاپىرىن، ئابدۇللاھجان. توغرا دېدىڭىز.

_ رەھمەت ئۇستاز. بىز ئولتۇرىدىغان ئۆيگىچۇ، زاكات كېلەمدۇ؟

_ ئۆزىمىز ئولتۇرغانغا كەلمەيدۇ، ئەمما ئىجارىگە بېرىلىدىغان ئۆي، دۇكان ۋە ماشىنا قاتارلىقلارنىڭ زاكىتىنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:

بىنا – ئىمارەتلەر ۋە باشقا دۇكان – ساراي، زاۋۇت، ماشىنا، شۇنداقلا شۇنىڭدەك جايلارنىڭ سېتىلمايدىغان مۇقىم سەرەمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ. يەنى بۇلارنىڭ ئانا پۇلىغا زاكات كەلمەيدۇ.

بىنا – ئىمارەتلەر ۋە باشقا دۇكان – ساراي، زاۋۇت، ماشىنا ۋە شۇنىڭدەك جايلار ئىجارىگە بېرىلسە، ئىجارىدىن كىرگەن كىرىمگە قولىدىكى ئىقتىساد ھېسابىدا قىرىقتىن بىر (₄₀⅟) نى زاكاتقا ئايرىشى ۋاجىپ.

_ بىلدىم، بىنا – ئىمارەت ۋە دۇكان – سارايلارنىڭ مۇقىم سەرەمجانلىرىغا زاكات كەلمەيدىكەن. ئۇنداقتا تىجارەتچى زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟

_ ئالدى بىلەن تىجارەتچى دەسمايىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل – پۈچەك، سودا بۇيۇملىرى، باشقا پۇل بىلەن باھالىغىلى بولىدىغان تاۋارلىرى ۋە شۇنىڭدەك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن بولغان قەرزلىرىدىن ئىبارەت بارلىق ماللىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ ھېسابلايدۇ.

ئاندىن بۇلاردىن كەلگۈسى بىر يىل ئىچىدە تۆلىشى كېرەك بولغان قەرزلىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ.

ئاخىرىدا قالغىنىنى ھېسابلاپ، زاكات ئايرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، قىرىقتىن بىرى (₄₀⅟) بويىچە زاكات بېرىدۇ.

ئۇلار پاراڭلىشىۋاتقاندا، باياتىن ئۇلارنى قارشى ئالغان ئاكاش بانان، ئۈزۈم، ئانار قاتارلىق رەھىمە قىز ئامراق مېۋە – چېۋىلەرنى ئۈستەلگە تىزىپ، ئۇلارنى يېيىشكە تەكلىپ قىپتۇ. بۇ چاغدا رەھىمە قىزنىڭ خىيالىغا بىر سوئال كەپتۇ – دە، دوكتور داداشتىن سوراپتۇ:

_ ئۇستاز، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ، مېۋە – چېۋىلەرگىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟

_ بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز قىزىم، بۇنىمۇ ھازىر دەپ بەرمەكچى ئىدىم.

زېمىنغا تېرىلغان دانلىق زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

_ ئېسىمگە كەلدى، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار](بەقەرە: 267).

_ ھەممىدىن بۈيۈك، كاتتا ئاللاھ راست سۆزلىگۈچىدۇر.

ئابدۇللاھجان! بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغىنىڭلار، زىرائەتلەرنىڭ ۋە مېۋە – چېۋىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، پىشىپ ئورۇلۇپ ياكى ئۈزۈلۈپ بولغان بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا: [مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار](ئەنئام: 141) دېگەن.

ئىككىنچىدىن، ئۇمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق نىسابقا يەتكەن بولۇشى شەرت. يەنى ئۇنىڭ نىساب ئۆلچىمى بەش ۋەسەققە يېتىشىدۇر، بەش ۋەسەق 653 كىلوگرام بۇغدايغا باراۋەردۇر. بۇنىڭدىن ئاز بولسا زاكات كەلمەيدۇ.

_ دېمەك، زىرائەتلەرنىڭ ھەممە تۈرلىرىگە زاكات ئايرىش ۋاجىپ ئىكەن – دە؟!

_ توغرا يەكۈنلىدىڭىز. قىزىم رەھىمە.

_ ئەمىسە، دېھقان تاغىلىرىمىزمۇ يىلدا بىر زاكات بېرىدىكەن – دە؟!

_ زېمىندىن چىققان مەھسۇلاتقا پۇل – مالنىڭ زاكىتىغا ئوخشاش بىر يىل ئۆتكەن بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ. يەنى ئەگەر زېمىن يىلدا بىرنەچچە قېتىم زىرائەت تېرىپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان بولسا، ھەرقېتىم ھوسۇل يىغقاندا زاكات ئايرىش ۋاجىپتۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى زىرائەتنىڭ چىقىم قىلىنىش تەبىئىتىگە قاراپ، زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدىغان مىقدارنى بايان قىلىپ بەرگەن. مەسىلەن، يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇلار بىلەن جاپا تارتمايلا سۇغىرىلىدىغان زىرائەتلەر ۋە مېۋە – چېۋىلەردىن ئوندىن بىر (⅒) يەنى 10% زاكات ئايرىش ۋاجىپ.

_ ماشىنىلاشقان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ پەرقلىقمۇ؟

_ ھەئە، سۇ تارتىش ماشىنىسى ۋە سۇ پومپىسىغا ئوخشاش ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقاننىڭ جاپا تارتىشى بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن يىگىرمىدىن بىر (₂₀⅟) يەنى 5% زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

_ يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىنىدىغان بولسىچۇ؟

_ ئىككى قېتىم زاكات بېرىدۇ. قىسقىسى، مەھسۇلات يىغقان بولسىلا زاكىتىنى ئايرىيدۇ.

_ ئۇستاز، زاكات ھېسابلىغاندا، سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى چىقىرىۋېتىدىغۇ – ھە؟!

_ ياق، ئابدۇللاھجان. زاكات ھېسابلىغاندا، يەرگە سەرپ قىلىنغان چىقىملار چىققان مەھسۇلاتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. ئەمما، مەھسۇلاتنى يىغىۋالغانغا قەدەر گەدىنىگە چۈشۈپ قالغان قەرزلەر چىققان ھوسۇلدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاندىن زاكات بېرىلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا بايىقى ئاكاش ئۇلارغا چىرايلىق ئىستاكاندا چاي ئەكىرىپتۇ. بۇ چاي ئۇلارغا بەك تېتىپ كېتىپتۇ.

_ بۇ چاي بەك تەملىك دەملىنىپتۇ، خۇددى ئاپام ھەسەل سېلىپ دەملەپ بەرگەن چايدەكلا تاتلىقكەن. ھە راست ئۇستاز، ھەسەلنىڭ زاكىتىچۇ؟

دوكتور كۈلۈمسىرىگەن ھالدا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:

_ ھەسەل ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئۆشرە ۋاجىپ بولىدۇ. يەنى ئوندىن بىرىنى زاكات قىلىپ بېرىمىز.

چاينىڭ قىزىقلىقىدىن تىلىنى كۆيدۈرۈۋالغىلى تاسلا قالغان ئابدۇللاھجان ئۇلاپلا سوراپتۇ:

_ كۆمۈر ياكى گازنىڭ زاكىتىچۇ، ئۇستاز؟

_ كان بايلىقلىرىنىڭ زاكىتى ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، ئابدۇللاھجان ئوغلۇم. چاي قىزىق، ئالدىرىماي ئىچىڭ.

ئالتۇن – كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت ۋە باشقا زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا زاكات بەلگىلىدى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: [ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار](بەقەرە: 267).

_ ھە چۈشەندىم، زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىنىڭ ھەممىسىدىن زاكات ئايرىش ۋاجىپ بولىدىكەن.

_ ئەگەر زېمىندىن چىقىرىلىدىغان نەرسىلەر كۆپ جاپا تارتماستىن چىقىرىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى بەشتىن بىر (⅕)، يەنى 20% دۇر؛

گەج، ھاك، ياقۇت، فىرۇزە، زۇمرەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش تاغلاردىن ۋە ئالتۇن ياكى كۈمۈش، ياكى تۆمۈر، ياكى قوغۇشۇن ۋە ياكى مىس قاتارلىق زېمىندىن چىقىدىغان كان بايلىقلىرىغا پۈتۈن چىقىملىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن قېپقالغان ساپ پايدىنىڭ %20 نى زاكاتقا ئايرىشى كېرەك.

_ بۇلاردىمۇ بىر يىل شەرتمۇ ئۇستاز؟ _ دەپ سوراپتۇ رەھىمە قىز.

_ كان بايلىقلىرىنىڭ زاكىتىنى ئايرىشتا بىر يىل ئۆتۈش شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى زېمىندىن چىقىرىلىشى بىلەنلا ئادا قىلىنىشى كېرەك.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يەر ئاستى بايلىقىغا بەشتىن بىرى كېلىدۇ» دېگەن. يەر ئاستى بايلىقى «كۆمۈپ ساقلانغان مال – مۈلۈك»نىمۇ، مەدەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

_ ھە بىلدىم، كان بايلىقلىرىنى زېمىندىن چىقارغان چاغدىلا زاكىتىنى ئايرىش ۋاجىپ بولىدىكەن. ئۇنداقتا دېڭىزدىن چىقىدىغان نەرسىلەرگىچۇ؟

_ دېڭىزدىن چىقىدىغان مەرۋايىت، ئەنبەر، ئۈنچە – مارجان قاتارلىقلارغا دېڭىزدىن چىقارغاندا ئۆشرىسىنى ئايرىش كېرەك ئەمەس. لېكىن، بۇلارغا قولغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ ئادەتتىكى بايلىق ۋە ئالتۇن – كۈمۈشلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

_ ئۇنداقتا، ئۆيىمىزدىكى قوي – كالىلارغىچۇ، زاكات كېلەمدۇ؟

_ ئىسلام دىنى پايدىلانغىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرقىسمىدىن زاكات ئايرىشنى ۋاجىپ قىلدى. بۇلار تۆگە، كالا، سۇ كالىسى، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىقلاردۇر. لېكىن، بۇمۇ مەلۇم شەرتلەر بىلەندۇر:

ئەۋۋەلا، نىساب (زاكات ئايرىش بايلىق ئۆلچىمى) قا يېتىشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭغا بىر يىل توشۇشى كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، يەر ئاغدۇرۇش، زىرائەتلەرنى سۇغىرىشقا ۋە يۈك كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇشى كېرەك.

تۆتىنچىدىن، يىلنىڭ كۆپ قىسىمىدا يايلىتىپ بېقىلغان بولۇشى كېرەك.

_ ئۇستاز، ھايۋانلارنىڭ زاكىتىمۇ قىرىقتىن بىرى بويىچە بېرىلەمدۇ؟

_ ئابدۇللاھجان، بۇ سوئالنى ياخشى سورىدىڭىز، بۇ ھايۋانلارنىڭ زاكىتى باشقىچە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، تۆگە بەش ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى كېرەك، مەسىلەن، تۆگە بولسا بەش تۇياققا بىر؛ كالا ۋە سۇ كالىلىرى بولسا ئوتتۇز تۇياققا بىر؛ قوي – ئۆچكە بولسا قىرىق تۇياققا بىردۇر. بۇ ساندىن ئاز بولۇپ قالسا، زاكات كەلمەيدۇ.

_ ئەمىسە، ئايرىم – ئايرىم دەپ بەرسىلە، خاتىرە دەپتىرىمىزگە يېزىۋالايلى.

_ بولىدۇ، ئوماق بالىلىرىم.

 

قوينىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

40 تىن ئاز قويغا زاكات كەلمەيدۇ. 40 قا يەتكەندە تا 121 گىچە بىر قوي، 121 دىن 201 گىچە ئۈچ قوي، 201 دىن 400 گىچە تۆت قوي، ئاندىن ھەر يۈز قويغا بىر قوي (قوشۇلۇپ) زاكات كېلىدۇ.

 

كالىنىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

كالا 30 غا يەتمىگۈچە زاكات كەلمەيدۇ. ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 30 تۇياققا يەتكەندە بىر تۇياق غۇنان (2 ياش) ئىنەك؛ ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 40 تۇياققا يەتكەندە بىر تۇياق غۇنىجىن (ئۈچ ياش ئىنەك) ياكى ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا زاكات كېلىدۇ.

ئەركەك بولسۇن ياكى چىشى بولسۇن 60 تۇياققا يەتكەندە، ئىككى تۇياق غۇنان ئىنەك ياكى ئىككى تۇياق غۇنان بۇقا …

_ ئۇستاز، 40 تىن كۆپ 60 تىن ئاز بولۇپ قالسىچۇ؟

_ 40 تۇياق بىلەن 60 تۇياق ئارىسىدا 40 تۇياق كۈچكە ئىگە. 60 تۇياق بايا ئېيتقاندەك، 70 تۇياققا يەتكەندە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنىجىن ۋە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنان بۇقا؛ 80 گە يەتكەندە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان ئىككى غۇنىجىن ۋاجىپ بولىدۇ. ئۆلچەم مۇشۇ بويىچە ھەر ئون كالىدا ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنان بۇقىدىن ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر غۇنىجىنغا يۆتكىلىدۇ.

 

تۆگىنىڭ زاكات ئۆلچىمى

بەش تۇياق تۆگىگە بىر تۇياق قوي، 10 غا ئىككى قوي، 15 كە ئۈچ قوي، 20 گە تۆت قوي؛ 25 كە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 36 غا ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بىر بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 46 غا تۆت ياشقا قەدەم قويغان بىر تۆگە؛ 61 گە بەش ياشقا قەدەم قويغان بىر تۆگە؛ 76 غا ئىككى دانە ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بۇغرا ياكى ئىنگانچۇق؛ 91 دىن 120 گىچە بەش ياشقا قەدەم قويغان ئىككى تۆگە زاكات كېلىدۇ؛ ئاندىن 120 دىن 145 كە يەتكۈچە ھەر بەشكە بىر قوي (قوشۇلۇپ) زاكات كېلىدۇ.

_ بۇلارنى چوقۇم يېزىۋالمىساق، يادلاش تەسكە توختىغۇدەك – ھە؟! ئابدۇللاھجان ئاكا.

_ شۇنداقكەن سىڭلىم، لېكىن مەن يادلىۋېلىشقا تىرىشىمەن.

_ رەھىمە قىزىم، ئابدۇللاھجان. بۇلارنى ھازىرچە بىلىۋالساڭلار بولىدۇ، يادلاش شەرت ئەمەس، لېكىن توغرا خاتىرىلىۋېلىڭلار. داۋامىنى دەيمەن ئەمىسە:

ئاتنىڭ زاكىتىنىڭ ئۆلچىمى

ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ «ئاتقا زاكات كېلىدۇ» دېگەن قارىشى بويىچە، ئايغىر ۋە بايتال ئارىلاش ياكى ھەممىسىلا بىيە – بايتال بولغان ئات يىلقىسى بار كىشى خاھلىسا، ھەربىر ئاتقا بىر دىنار (4.25 گرام ئالتۇن) زاكات بېرىدۇ، خاھلىسا، باھالاپ قىرىقتىن بىرىنى (₄₀⅟)، يەنى 2.5% بېرىدۇ.

_ يىلقا دېگەن نېمە گەپ؟

_ يىلقا دالىدا بېقىلىدىغان ئات توپىنى كۆرسىتىدۇ، قىزىم رەھىمە.

ئەمدى ئات، قېچىر، ئېشەك ۋە تۆگىلەرگە ئوخشاش داۋاملىق كۈچىدىن پايدىلىنىلىدىغان ۋە ھەلەپ بېرىپ بېقىلىدىغان چارۋىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا زاكات ۋاجىپ ئەمەس. بىراق تىجارەت قىلىش ئۈچۈن باققان بولسا، %2.5 بويىچە قىممىتىنى ھېسابلاپ زاكات بېرىدۇ.

يەنى ئاز دېگەندە ئالتە ئايدىن كۆپ ھەقسىز ئوتلاقلاردا، يايلاقلاردا كۆپەيتىش، سەمرىتىش، سۈتىنى سېغىش دېگەندەك نىيەتلەردە بېقىلغان چارۋىلارغا يۇقىرىقىدەك ھەر تۈرگە مەخسۇس چارۋا ماللار ئۆلچىمى بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ.

 ئەمما، تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ – سېتىش مەقسىتىدە باققان بولسا، بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، تاۋار سۈپىتىدە ئېلىپ – سېتىش ئۈچۈن باققان چارۋىلارنىڭ زاكىتىنى تىجارەت مېلى قاتارىدا 2.5% ئايرىيدۇ.

ئابدۇللاھجان بىلەن رەھىمە قىز دوكتور داداشتىن نۇرغۇن قىممەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ دوكتورنىڭ ۋاقتى بولسا، يەنە بىر قېتىم كېلىپ بىلمىگەنلىرىنى سوراپ بىلىۋالماقچى بوپتۇ.

_ ئۇستاز، ۋاقىتلىرى بولسا ئەتە يەنە بىر كەلسەك، سورايدىغانلىرىمىز تۈگىمىگەن ئىدى، _ دەپتۇ رەھىمە قىز تارتىنغان ھالدا.

_ ئەتە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىم بار ئىدى، كېلەر ھەپتە ئوخشاش ۋاقىتتا كېلەمسىلەر؟ _ دەپتۇ دوكتور كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈشىدىغان بولۇپ خوشلىشىپتۇ. رەھىمە ۋە ئابدۇللاھجان ئىككىسى بۇ بىر ھەپتىدە ئۆگەنگەنلىرىنى ياخشى تەكرارلاپتۇ. يەنە بەزى سوئاللارنى ئالدىن تەييارلاپ، دېيىشكەن ۋاقىتقا دەل ئۈلگۈرۈپ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە كەپتۇ. دوكتور ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىكەن. ئۇلار قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن، سۆھبىتىنى باشلاپ كېتىپتۇ:

_ ئۇستاز، زاكاتنى كىملەرگە بېرىمىز؟

_ تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلىنى سورىدىڭىز، قىزىم. ئەمىسە دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، تەپسىلىي دەپ بېرەي:

زاكات بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر

«زاكات بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر» دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنغان زاكات ماللىرى بېرىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىمىز بۇ ھەقتە مۇنۇ ئايەتتە كۆرسىتىلگەن سەككىز ئورۇننى بەلگىلەپ بەردى:

[زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر](تەۋبە: 60).

_ ھە راست، ئاپام: «پېقىر دېگەن ئازغىنە نەرسىسى بار كىشى، مىسكىن دېگەن ھېچ نەرسىسى يوق كىشىدۇر» دېگەندەك قىلغان بىر چاغدا.

_ شۇنداق.

پېقىرلار ــ كەسپ قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىگەنلىكتىن ھېچقانداق مالغا ئىگە بولالمىغان ياكى يېنىدا ئاز مال بولۇپ، زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىغا يەتمەيدىغان كىشىلەردۇر.

_ ئۇستاز، زاكات بىلەن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان كەمبەغەلنىڭ قەرزىنى تۆلىۋەتسەك بولامدۇ؟

_ دۇرۇس بولىدۇ، ئابدۇللاھجان.

 ئەمدى مىسكىنلەر بولسا پېقىرلارغا قارىغاندا ھال – ئوقىتى سەل ياخشى بولغان، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ زۆرۈرىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇدەك نەرسىلەرگە ئىگە بولالمىغان كىشىلەردۇر.

زاكاتنى قولىدىكى پۇل – مېلى (باي دەيدىغان) ئۆلچەمگە يەتمەيدىغان كىشىگە گەرچە بۇ كىشى ساغلام، پۇل تاپالايدىغان بولسىمۇ بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ كەمبەغەلدۇر.

_ زاكاتنى كەمبەغەل دەپ ئويلىغان بىر كىشىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئالغۇچىنىڭ باي، كافىر ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولسىچۇ؟

_ يەنىلا ئادا تاپقان بولىدۇ.

زاكات خادىملىرىغا كەلسەك، ئۇلار دۆلەت ياكى دۆلەت تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان ئورۇنلار زاكات يىغىش، ساقلاش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن تەيىنلىگەن، خىزمىتىگە قارىتا مۇقىم مائاش بېكىتىلمىگەن خىزمەتچىلەردۇر.

دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار: ئۇلار مۇسۇلمان بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغان كافىرلاردۇر ياكى يېڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئىسلامغا مۇستەھكەم باغلاش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

ئەمما، بۇ شەرت تېپىلمىسا، كافىرغا، بايغا ۋە باينىڭ سەبىي بالىسىغا زاكات بېرىلمەيدۇ.

_ ئۇنداقتا، تۇغقانلىرىمىزغا زاكات بەرسەك بولامدۇ، ئۇستاز؟

_ زاكات بەرگۈچىنىڭ دادىسى، بوۋىسى ياكى بالىسى، نەۋرىسى، ئەۋرىسى، چەۋرىسى، ئايالى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىشىگە بولمايدۇ.

ئەمدى قۇللارنى ئازاد قىلىشقا دېگىنىمىز قۇللارنى سېتىۋېلىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق ئازاد قىلىش. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، ئىسلام دىنى قۇللۇق تۈزۈمىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە بىكار قىلىشتا باشقا بارلىق تۈزۈملەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.

_ لېكىن دەۋرىمىزدە قۇل يوقتۇ، ئۇستاز؟

_ ھازىرقى دەۋرىمىزدە زاكاتنىڭ بۇ ئۈلۈشى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

 قەرزدارلار: ئۇلار نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان ۋە بۇ قەرزلىرىنى تۆلىگۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولالمىغان كىشىلەردۇر.

_ كەمبەغەل قەرزدارچۇ؟

_ كەمبەغەل قەرزدارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ [قەرزدارلارغا](تەۋبە: 60) دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان دائىرىگە كىرىدۇ.

ئاللاھنىڭ يولىغا: بۇ، دۈشمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش، قوراللىق جىھاد، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تىللاردا كىتابلارنى نەشر قىلىش ۋە شۇنداق مەركەزلەرنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەنىدىكى جىھادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

_ ئەمىسە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋە ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا زاكات بېرىشكە بولىدىكەن – دە؟!

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى جىھاد، شەرئىي بىلىم ئېلىش ۋە ھەج سەپىرىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ [ئاللاھنىڭ يولىغا](تەۋبە: 60) دېگەن سۆزىدە كۆزدە تۇتۇلغان دائىرىگە كىرىدۇ.

_ ئۇستاز، مەسجىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغاندىكىن، مەسجىد سېلىشقا زاكات بەرسەك، تېخىمۇ جىق ساۋاب بولار؟!

_ ئوغلۇم ئابدۇللاھجان، ئېسىڭىزدە بولسۇن. زاكات بىلەن مەسجىد سېلىشقا، كىشىلەرنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن تەمىنلەشكە، يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش ۋە رابات – ئۆتەڭ قۇرۇشقا ھەمدە ئۇلارنى ئاسراشقا، ئىگە – چاقىسىز مېيىتنىڭ كېپەنلىك ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ چىقىمىغا، مېيىتنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە، ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر بىنا قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئېھتىياجلار زاكاتتىن باشقا ئىختىيارىي سەدىقە بىلەن قامدىلىدۇ.

ئىبنى سەبىل: بۇ مال – مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان غېرىب مۇساپىر كىشىدۇر.

_ ئەلھەمدۇلىللاھ، زاكات بېرىلىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ ھەممىسىنى بىلىۋالدۇق.

_ بالىلىرىم، رامازان ئېيى كېلىپ قالدى، شۇڭا سىلەرگە فىتىر زاكىتى توغرىلىقمۇ سۆزلەپ بەرسەم قانداق؟

_ تولىمۇ ياخشى بولاتتى ئۇستاز، ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.

_ ئامىن، قىزىم رەھىمە. ئىككىڭلاردىنمۇ ۋە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلاردىنمۇ ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا فىتىر زاكىتىغا ئالاقىدار سۆزلىگەنلىرىمنى ياخشى ئاڭلاڭلار:

 

فىتىر زاكىتى

«فىتىر» دېگەن سۆز «ئېغىز ئېچىش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، بىر ئاي رامازاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىفتار ۋاقتىدىن باشلاپ روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغۇچە ئارىلىقتا بېرىلىدىغان سەدىقە ياكى زاكات بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان. ئادەتتە «فىتىر سەدىقىسى» دەپ تونۇلغان بولۇپ، «فىتىر زاكىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى «ۋاجىپ»تۇر.

_ فىتىر زاكىتى قاچان يولغا قويۇلغان بولغىيتتى؟

_ ئابدۇللاھجان بىلىشى مۇمكىن، دەپ باقامسىز، ئابدۇللاھجان؟

_ دادامنىڭ دېيىشىچە، ئىسلام دىنى روزا تۇتقۇچىنى پاكلاش ۋە پېقىرلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە فىتىر زاكىتىنى ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى شەئبان ئېيىدا يولغا قويغان ئىكەن.

_ بارىكاللاھ، توغرا جاۋاب بەردىڭىز، ئاپىرىن سىزگە.

_ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ھېكمىتى نېمە، ئۇستاز؟

_ ياخشى سوئال سورىدىڭىز رەھىمە قىزىم. ئۇنىڭ ھېكمىتى:

1.  رامازان جەريانىدا سادىر بولۇپ قالغان بىراۋغا ھاقارەت قىلىش، تىللاش، غەيۋەت قىلىش… دېگەندەك گۇناھلاردىن پاكلاش؛

2.  روزا ھېيت كۈنلىرىدە يوقسۇللارنىمۇ خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ قىسمەن بولسىمۇ ھاجىتىدىن چىقىش، تىلەشكە موھتاج قىلماسلىق؛

_ قانچىلىك مىقداردا بېرىمىز ئۇستاز؟ مەن بەزىدە سىڭلىم بىلەن ئويۇنچۇق تالىشىپ ئاغزىم ئىتتىكلىك قىلىپ قالىمەن، بۇ رامازاندا فىتىر سەدىقىسى بېرىپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇۋالاي.

_ فىتىر سەدىقىسى بۇغداي ياكى بۇغداي ئۇنىدىن 1 كىلو 100 گرام؛ ئارپا ياكى ئارپا ئۇنىدىن ۋە خورما ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن 2 كىلو 200 گرام بەرسىمۇ ۋە ياكى قىممىتىنى ھېسابلاپ پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ. بىراق ئابدۇللاھجان ئوغلۇم، تىللىشىش ياخشى ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ رامازاندا قەتئىي تىللاشماڭلار، ئۇرۇشماڭلار، ئىناق ئۆتۈڭلار. بولامدۇ؟

_ بولىدۇ ئۇستاز، بىز چوقۇم ئىناق ئۆتىمىز.

_ ھە ياخشى. «ئاللاھ سىلەرنى ئىگە قىلغان ماللاردىن ئۇلارغا بېرىڭلار. چوڭ – كىچىك گۇناھلاردىن پاكلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى ھەربىرىمىز چوقۇم ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك.

_ ئۇنداقتا، فىتىر زاكىتى كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

_ فىتىر زاكىتى ئۆزىنىڭ ۋە ئەگەر بار بولسا ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۈستىگە ئارتىلغان ئايالى، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ نامىدىن ئادا قىلىشقا قادىر بولالىغان چوڭ – كىچىك، ئەر، ئايال ھەربىر مۇسۇلمانغا ۋاجىپتۇر.

_ دېمەك، بۇ زاكات ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ روزا ھېيت كۈنى بىر كېچە – كۈندۈزگە يەتكۈدەك ئوزۇق – تۈلۈكتىن ئارتۇق بىرنەرسىگە ئىگە بولغان كىشىلەرگە ۋاجىپتۇر.

_ فىتىر زاكىتىنى قاچان بېرىمىز؟

بۇ زاكات رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تاكى روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغانغا قەدەر بېرىلىشى كېرەك.

_ رامازاننىڭ ئەۋۋەلقى كۈنلىرىدىلا بېرىۋەتسىچۇ؟

_ ئۇمۇ مەيلى، بولىۋېرىدۇ. ئەمما فىتىر زاكىتى پېقىرلارغا ۋە مىسكىنلەرگە ھېيت كۈنى خۇشاللىق بېغىشلاش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دوستلۇق، مېھرىبانلىقنى يېيىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى ئىفتاردىن كېيىن بەرگەن ئەۋزەل.

_ ئۇستاز، ئاشلىقنىڭ ئورنىغا پۇل بەرسەكچۇ؟

_ ئەگەر پېقىرلار ۋە موھتاجلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىكرەك بولسا، ئاشلىقنىڭ قىممىتىنى پۇلغا ھېسابلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ.

_ دادام داۋاملىق: «مال ئاللاھنىڭ مېلىدۇر، سېخىي كىشى ئاللاھنىڭ دوستىدۇر» دەيدىغان، ئەمدى چۈشەندىم.

_ كىچىك دوستلار تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانمىدىڭلار؟

باغ ئىگىلىرى

_ ئى دادا! بېغىمىزنىڭ مېۋىسى بەك كۆپ.

_ ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن ئوغلۇم، بىز ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشىمىز كېرەك…

_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەھمەدجان!

_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

_ مېۋىلىرىدىن بىزگىمۇ بېرەملا؟

_ ئەلبەتتە بېرىمەن. چۈنكى، زاكات ۋاجىپ ھەقتۇر. قېنى مەرھەمەت!

_ دادا! نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا بۇنىڭ ھەممىسىنى بېرىسەن؟

_ ئوغلۇم، ئاللاھ بۇ زاكات بىلەن بىزگە بەرىكەت بېرىدۇ، بېخىل كىشى ئۈچۈن بەرىكەت بولمايدۇ. پېقىر – مىسكىنلەر ھەققىدە ئاللاھتىن قورقۇڭلار بالىلىرىم!

_ مەرھەمەت، ئېلىڭلار! ئېلىڭلار! بۇ سىلەرنىڭ ھەققىڭلار.

دوكتور ھېكايىنى سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىسنى ئوقۇپتۇ:

﴿ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾ )ھەشر: 9).

يېرىم خورمىنى (سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ) دوزاختىن ساقلىنىڭلار. بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىدۇر. –– ھەدىس شەرىف.

ۋە ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن مۇنداق دەپتۇ: «خالايىقنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئىگىدارچىلىقىدىكى كىشىلەرگە ئەڭ مەنپەئەت يەتكۈزگىنىدۇر». ئاندىن ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:

(ھېلىقى ياخشى كىشى – ئەھمەد تاغا ۋاپات تاپقاندىن كېيىن)

_ ئەتە ھوسۇل يىغىدىغان كۈن، شۇڭا خۇددى ئىلگىرى دادىمىز قىلغانغا ئوخشاش بىزمۇ زاكات ئايرىيمىزغۇ – ھە؟

_ ياق! بۇ مېۋىلەر بىزگە تەۋە، بۇلار بىزنىڭلا ھەققىمىز.

_ لېكىن… پېقىرلار ئەتە كېلىدۇ.

_ بىز كېچىدە باغقا بېرىپ، ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى مېۋىلەرنى ئۈزۈۋالايلى!

_ مەيلى ماقۇل، پېقىرلار ئويغىنىشتىن ئىلگىرى تېز بولايلى ئەمىسە!

_ شۇنداق قىلايلى! تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى مېۋىلەرنى يىغىۋالساق، پېقىرلار بىزنى كۆرەلمەيدۇ.

 

(شور پېشانىلەر كېچىدە باغقا بارىدۇ ۋە باغنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغانلىقىنى كۆرىدۇ…)

_ ئى رەببىم!!! بۇ نېمە ئىش؟ بېغىمىزغا نېمە بولدى؟

_ بۇ بىزگە بېرىلگەن جازادۇر… بىز پېقىرلارغا زاكات بەرمەسلىكنى ئىرادە قىلغان ئىدۇق.

_ مېۋىلەر نەگە كەتتى؟ دەرەخلەر يوق بوپتۇ.

_ بىزمۇ تۈگىشىپتۇق… دادىمىزغا ئوخشاش پېقىرلارنىڭ ھەققىنى بەرگەن بولساقچۇ، كاشكى!

_ ئاللاھ تائالا بېخىللىقىمىزغا جازا بېرىپ، ئىنتىقام ئاپتۇ…

_ شۇنداق، بىزمۇ ھازىر پېقىر بولۇپ قالدۇق…

_ ئى ئاللاھ! بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە بېغىمىزنى قايتۇرۇپ بەرگىن، بىز بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ پېقىرلارنىڭ ھەققىنى بەرمەي قويمايمىز.

ھېكايە تۈگىگەندە دوكتور داداش ئابدۇللاھجان بىلەن رەھىمە قىزغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىنىچە شۇنداق دەپتۇ:

_ زاكات ئەمەلىيەتتە مالغا بەرىكەت ئېلىپ كېلىدۇ ۋە تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ.

_ بەكمۇ ياخشى ھېكايە ئىكەن ئۇستاز، ئاپاممۇ بىرقانچە قېتىم ئېيتىپ بەرگەنىدى، لېكىن سىلىدىن ئاڭلاپ تېخىمۇ بەكرەك چۈشەنگەندەك بولدۇم، _ دەپتۇ ئابدۇللاھجان.

_ مەنمۇ بۇ ھېكايىنى دادامدىن ئاڭلىغان ئىدىم، سىلەرگە بىر ئايەت ئوقۇپ بەرگۈم كەپقالدى، _ دەپتۇ رەھىمە قىزمۇ. ۋە تۆۋەندىكى ئايەتنى شۇنداق چىرايلىق تىلاۋەت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاكا – سىڭىل ئىككىسى دوكتور داداش بىلەن خوشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ.

﴿(كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن! ﴾(نىسا: 9)

ئۇلار ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن «زاكات توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرىمىزنى بىرلىكتە تەكرارلىغاچ ئويۇن ئوينىساق قانداق؟» دېيىشىپ بىرلىكتە ئىناق ئويناپتۇ.

1.  ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى قايسىلار؟

2.  زاكات دېگەن نېمە؟

3.  زاكاتنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار، قايسىڭلار دەپ باقىسىلەر؟

4.  دىنىمىزدا زاكات نېمە ئۈچۈن پەرز قىلىندى؟

5.   زاكات كىملەرگە، قانداق شەرت ھازىرلانسا ۋاجىپ بولىدۇ؟

6.   زاكات ئالسا بولىدىغان سەككىز تۈرلۈك كىشىنى دەپ بېرەلەمسىز؟ ئەتراپىڭىزدا كىملەر زاكات ئالسا بولىدىكەن ئويلىنىپ بېقىڭ.

7.  دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟

8.  قوشنىڭىزنىڭ 200 تۇياق قويى، 31 تۇياق كالىسى ۋە ئۈچ ئېتى بار ئىكەن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، قانچىلىك زاكات كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ بېرەلەمسىز؟

9.  ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ بۇ رامازاندا قانچىلىك فىتىر زاكىتى بېرىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ بېقىڭ.

10. «باغ ئىگىلىرى» ناملىق ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ بۇ ھېكايىنى ئېسىڭىزدە ساقلىۋېلىپ، دوستلىرىڭىزغا سۆزلەپ بېرىڭ، ماقۇلمۇ؟

كىچىك دوستلار، سىلەرنىڭمۇ «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە كېلىپ سورايدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟ ھەربىرىڭلارنىڭ مەركىزىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

Please follow and like us:

One thought on “ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات، ساجىيە ”مەن مۇسۇلمان“ يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى 4 – قىسىم. زاكات (تېكىستى)”

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ كىتابنىڭ باشقا قىسىملىرىنى ۋە بۇ زاكات قىسمىنى چۈشۈرەلمىدىم

    ئەقىدە قىسمى بىلەن ناماز قىسمىنى چۈشۈرگىلى بولدى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز