رامازاندىكى ئۆمۈرلۈك پۇرسىتىڭىز

(قېرىندىشىم، ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟ _ ت)

كەتكەن ئۆمۈرنى قايتۇرۇۋېلىشقا بىر پۇرسىتىڭىز بارلىقىغا ئىشىنەمسىز؟

ئەمەللەرنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكىلى بولىدىغان بىر كېچىنىڭ بارلىقىنى بىلەمتىڭىز؟

مالائىكەلەر ۋە مالائىكەلەرنىڭ سەردارى جىبرىل ئەلەيھىسسالام سىزگە دارىيدىغان، سالام بېرىدىغان، سىز ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان ۋە سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزغا «ئامىن!» دەپ بېرىدىغان ئالاھىدە بىر ۋاقتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

قىلغان گۇناھلىرىڭىزنى يۇيۇۋېلىشىڭىز ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىرپۇرسەتنىڭ مۇشۇ رامازاندا ئىكەنلىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟

ئۆمرىڭىزدە قەدىر – قىممىتىنى ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، تىل سۈپەتلەپ بولالمايدىغان شۇنداق بىر ئالاھىدە كېچە بارلىقىنى بىلەمسىز؟

بىلىڭكى، ئۇ كېچە دەل قەدر كېچىسىدۇر. ﴿قەدر كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟﴾(قەدر: 2) ئى مۇئمىن! شۇنداق بىر كېچىكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە ئىكرامى مول، قەدرىنى قىلالىغانلار غالىبلاردىن، قىلالمىغانلار غاپىل، مەغلۇپلاردىن بولىدىغان مۇبارەك كېچىدۇر. ﴿قەدر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن، (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾(قەدر: 3 – 5).

ئۇ، «قۇرئان كەرىم» نازىل بولغان مۇبارەك كېچىدۇر. ﴿بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى قەدر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق. ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ﴾(دۇخان: 3 – 4).

* ئۇ، «قۇرئان كەرىم» لەۋھۇلمەھفۇز(1)دىن ئاسماننىڭ ئىززەت ئۆيىگە بىر پۈتۈن چۈشكەن (كېيىن زېمىنغا پارچە – پارچە چۈشكەن) مۇبارەك كېچىدۇر(2).

* ئۇ، ئاللاھ ئۇلۇغ قىلغان ۋە ئەڭ ئۇلۇغ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن مۇبارەك كېچىدۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قەدر كېچىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟﴾(قەدر: 2) يەنى ئۇ كېچىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش دائىرىسىنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇ كېچىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى پەقەت غەيبلەرنىڭ يېگانە بىلگۈچىسى ئاللاھ بىلىدۇ.

* ئۇ، ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتنى ئاجايىب كارامەت ۋە ئىلاھىي بەخشەندىلەر بىلەن خاس قىلغان مۇبارەك كېچىدۇر. ئاللاھ ئۇ كېچىدە قىلىنغان ئىبادەتنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر قىلغان مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل قىلدى: ﴿قەدر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر﴾(قەدر: 3). دېمەك، بۇ كېچىدىكى ئىبادەت بىر مۇسۇلماننىڭ ئۈزلۈكسىز سەكسەن ئۈچ يىل تۆت ئاي قىلغان تائەت – ئىبادىتىگە باراۋەردۇر. شۇنداقلا ئۇشبۇ كېچە بەزى ئالىملارنىڭ نەزەرىدە پۈتۈن زامانلاردىنمۇ ياخشىدۇر. چۈنكى، ئەرەبلەر «مىڭ»نى سان – ساناقسىز بىر زامان ئۇقۇمى ئۈچۈن قوللىناتتى.

* ئۇ، مالائىكەلەر يەر يۈزىنى ئاۋات قىلىپ، زېمىننى قورشايدىغان، ئەرش ئاھالىلىرى پەرش ئاھالىلىرىدىن بولغان مۇئمىنلەرگە مېھمان بولۇپ كەلگەن ۋە ھەتتا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ ئەۋزەل مالائىكە سامادىن، سىدرەتۇل مۇنتەھا(3)دىن يەر يۈزىگە چۈشۈپ، تاكى تاڭ ئاتقۇچە ئىنسانلارنىڭ دۇئالىرىغا «ئامىن» دەپ بېرىدىغان، بىر – بىرىگە ۋە مەسجىدتىكى مۇئمىنلەرگە سالام بېرىدىغان مۇبارەك كېچىدۇر(4). ﴿پەرىشتىلەر ۋە جىبرىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾(قەدر: 4 – 5).

* ئۇ مۇبارەك ھۆكۈم كېچىسىدۇركى، ئاللاھنىڭ قەدەر ھۆكمى بىلەن شەرئىي ھۆكمى شۇ كېچىدە بىرلىكتە چۈشكەندۇر. ھەقىقەتەن، ئۇ كېچىدە ئىنسانلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرغۇچى ئۆگۈتلەر ۋە شەرئىي ھۆكۈملەر بىلەن تولغان «قۇرئان كەرىم» چۈشكەن كېچىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى قەدر كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق﴾(دۇخان: 3). ۋە يەنە شۇنداقلا ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك ئىش مۇناسىب ئايرىلغان قەدەر ھۆكۈملىرى لەۋھۇلمەھفۇزدىن چۈشىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ. (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق﴾(دۇخان: 4 _ 5).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ ئىمان ئەھلى ئۈچۈن رەھمەت بولغان قەدەرلەرنى چۈشۈرۈشىدۇر. ئاللاھ ئۇ كېچىدە بەخت – سائادەت ۋە رىزىق – نېئمەتلەرنىلا تەقدىر قىلىدۇ. مەزكۇر كېچە بالايى – ئاپەت ۋە غەزەپ – جازا تەقدىر قىلىنغان باشقا كېچىلەرگە ئوخشىمايدۇ. شەيتان ئۇ كېچىدە مۇئمىن – مۇئمىنەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ: ﴿شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ – ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر﴾(قەدر: 5) (5).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن يەنە بىرى مەزكۇر كېچىنىڭ ئىنسانلارنىڭ رامازاننىڭ قالغان ئونىدا شۇ كېچىنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى، بۇ تىرىشچانلىقنىڭ پەزىلەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئەمەل تارازىلىرىغا شۇ تىرىشچانلىقلىرىنى قېتىش ئۈچۈن مەخپىي قىلىنىشىدۇر(6).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن يەنە بىرى شۇ كېچىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب تەلەپ قىلغان ھالدا قىيامدا تۇرغان، زىكىر ۋە دۇئا بىلەن ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى قەدر كېچىسى چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(7).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن يەنە بىرى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نىسبەتەن ئۆمرى قىسقا بولغان بۇ ئۈممەتنىڭ ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىلىشىدۇر. بۇ ھەقتە ئىمام مالىك(8) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىشىنىدىغان بىر كىشىدىن كەلگەن رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ياكى ئاللاھ خاھلىغان شۇنىڭغا يېقىن بىرنەرسە كۆرسىتىلگىنىدە، ئۇ زاتقا ئۆز ئۈممىتىنىڭ ئۆمرى قىسقا بىلىنگەن ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىلگەن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئۆز ئۈممىتى قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىڭ ئايدىنمۇ ئەۋزەل بولغان قەدر كېچىسىنى بەرگەن»(9).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەركەتلىرىدىن يەنە بىرى شۇ كېچىگە نائىل بولغان ۋە مۇۋەپپەق قىلىنغان كىشىنىڭ شۇ كېچىدىن مەھرۇم قالغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ كېتىشىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۇلاشقان ئۇشبۇ ئايدا ھەقىقەتەن بىر كېچە بار بولۇپ، ئۇ كېچە مىڭ ئايدىنمۇ ياخشىدۇر. كىمكى شۇ كېچىدىن مەھرۇم قالسا، پۈتۈن ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ»(10). يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى شۇ كېچىدىن مەھرۇم قالسا، پۈتۈن ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. ئۇ كېچىنىڭ ياخشلىقىدىن پەقەت ياخشىلىقتىن نېسىۋىسى يوق كىشىلا مەھرۇم قالىدۇ»(11) دەپ كەلگەن.

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن يەنە بىرى ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزى رامازاننىڭ پۈتۈن كۈندۈزلىرىدىن ئەۋزەل بولۇشىدۇر. بۇ ھەقتە شەئبىي(12): «ئۇ كېچىنىڭ كېچىسى كۈندۈزىدەكتۇر» دەيدۇ. ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ: «ئۇ كېچىنىڭ كۈندۈزىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېچىسىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنگە ئوخشاش مۇستەھەپتۇر» دەيدۇ(13).

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئۇ كېچىدە ھاۋا بوشلۇقى ۋە كۆك يۈزىدە كۆرۈلىدىغان كائىنات ئالامەتلىرىدۇر. ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسەللەمنىڭ: «ئەتىگەندە قۇياشنىڭ ئاق ۋە نۇرسىز ھالەتتە چىقىشى شۇ كېچە قەدر كېچىسى بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر»(14) دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.

* ئۇشبۇ كېچىنىڭ بەرىكەتلىرىدىن يەنە بىرى شۇ كېچە ئۈچۈن ئىجابەت قىلىنىدىغان مەخسۇس دۇئانىڭ بولۇشىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن:

 ـ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قەدر كېچىسىنى تاپسام نېمە دەيمەن؟ ـ دەپ سورىغانىدىم، ئۇ زات جاۋابەن:

 ـ ‹ئى ئاللاھ! سەن كەچۈرگۈچى كەرەملىك زاتسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى كەچۈرگىن!› دەپ دۇئا قىلىڭ، – دېدى»(15).

 

ئى ھاجەتمەنلەر ھاجىتىنى راۋا قىلغۇچى ئاللاھ! ئى يالۋۇرغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغۇچى ئاللاھ! بىزگە قەدر كېچىسىگە ھازىر بولۇشنى نېسىپ قىلغىن (بىزگ قەدر كېچىسىنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن). ئۇ كېچىدىكى ئەجىر – مۇكاپاتلىرىمىزنى ھەسسىلەپ بەرگىن. بىزدىن پۈتۈن گۇناھلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋەتكىن. ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن. ئەپۇنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

——————————————–

1. لەۋھۇلمەھفۇز (اللَّوْحُ الْمَحْفُوظُ): ئىسلام ئېتىقادىدا جىمى مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەرگە ئالاقىدار ئىلاھىي ئىلىم ۋە تەقدىر قەيت قىلىنغان كىتابتۇر. بەزى ئايەتلەردە («رەئد»، 39؛ «زۇخرۇف»، 4) «ئانا كىتاب (أم الكتاب)» دەپمۇ ئاتالغان. ئاللاھ ئۇنىڭغا جىمى مەخلۇقاتلارنى ياراتماستىلا كېيىنچە بولىدىغان ئۇلارغا ئالاقىدار چوڭ ۋە كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پۈتۈۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ېەلەيھۈ ۋەسەللەم ھەدىستە: «ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى ئاسمان ۋە زېمىننى يارىتىشتىن 50 مىڭ يىل بۇرۇن پۈتۈۋەتكەن. ئۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى» دېگەن («مۇسلىم»، 2653). مەزكۇر ئاتالغۇ سۆزلۈك مەنىسى «خەت يازغىلى بولىدىغان يايپاڭ ۋە تۈز يۈز» دېگەن مەنىدىكى «لەۋھ» بىلەن «قوغدالغان» مەنىسىدىكى «مەھفۇز» دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «ئۈستىگە خەت / يازۇ يېزىلغان، ئۆچۈرۈلۈشتىن ۋە ئۆزگەتىلىشتىن قوغدالغان تۈز لەۋھە» دېمەكتۇر. ھەقىقىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. _ ت.
2. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4 – توم، 532 – بەت.
3. سىدرەتۇل مۇنتەھا (سِدْرَةُ الْمُنْتَهَى): «ئەڭ ئاخىرقى چەڭتىكى سىدر (چىلان) دەرىخى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، 7 – قەۋەت ئاسماندا، يارالمىشلار ئاللاھقا يېقىنلىشالايدىغان ئاداققى چەك – چېگرادۇر. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ مەنبەسى «نەجم (يۇلتۇز)» سۈرىسى 13 – 18 – ئايەتلەردۇر. بۇ ئاتالغۇ «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مىراج كېچىسى يېنىدا ئىلاھىي سىرلارغا مۇيەسسەر بولغان دەرەخ ياكى ماقام» دېيىشكە بولىدۇ. ھەقىقىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلۇر. _ ت.
4. «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 20 – توم، 113 – بەت.
5. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 4 – توم، 534 – بەت.
6. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 63 – بەت.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1901 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 760 – ھەدىس.
8. ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (الإمَامُ مَالك بن أنس بن مَالك الأصبحي الْمَدَنِيّ) (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) _ مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، تەبەئى تابىئىن. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇۋەتتا» ئاتلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابى باردۇر. _ ت.
9. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 64 – بەت.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7148 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 2106 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. «ئىبنى ماجە»، 1644- ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
12. ئەبۇ ئەمر ئامىر ئىبنى شەراھىيل ئىبنى ئەبد ئەششەئبىي (عَامِرُ بنُ شَرَاحِيْلَ بن عَبْدٍ الشَّعْبِيُّ) (ھ. 21 – 104 / م. 641 – 723) _ تابىئىنلەرنىڭ چوڭلىرىدىن. كۇفەلىك مۇھەددىس، فەقىھ، قازى. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە قاتارلىق كۆپ ئىماملارنىڭ ئۇستازلىرىدىن بىرى. خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن قازى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئالىم. ئۇمەۋىي خەلىپەسى ئابدۇلمەلىك ئۇنى ۋىزانتىيەگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. _ ت.
13. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 69 – بەت.
14. «مۇسلىم»، 762 – ھەدىس.
15. «تىرمىزىي»، 3513 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3850 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز