رامازاندىكى دۇئالىرىڭىز

ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىشى بىزلەرگە ئىلتىپات قىلغىنى بولۇپ، بۇ ئۇشبۇ مۇبارەك ئاينىڭ كارامەتلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالانىڭ دۇئانى بۇ مۇبارەك ئاي بىلەن زىكىر قىلىشى دۇئانىڭ كارامىتىنىڭ قاتارىدىندۇر. روزا ۋە روزىنىڭ ھېكمەت، ئەھكاملىرى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن). ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)﴾(بەقەرە: 186). دۇئالارنىڭ ئىجابەت قىلىنىشى بولسا ئۇشبۇ مۇبارەك ئايدا ئىلتىپات ئۈستىگە ئىلتىپاتتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغاندەك: «ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە دۇئادىنمۇ ئۇلۇغراق ئىبادەت يوقتۇر»(1).

 سىز بۇ مۇبارەك سېخىيلىق ئېيىدا ھەقىقىي سېخىي زات ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەتلەر بىلەن قۇللۇق قىلىسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇ: «ئاللاھ تائالا ھايالىقتۇر، سېخىيدۇر. بەندىسى دۇئاغا قول كۆتۈرسە، ئۇنى قۇرۇق قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ»(2).

ئاللاھ تائالا ئۆزىگە دۇئا قىلغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇغاندۇر. ئۇ زات پەقەت ياخشى كۆرگەن نەرسىنىلا بۇيرۇق قىلىدۇ. پەرۋەردىگار ئېيتىدۇ: ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)﴾(غافىر: 60). بەلكى ئاللاھ دۇئانى كىچىك كۆرىدىغان ياكى كىبىر بىلەن دۇئانى تەرك ئەتكەن كىشىگە غەزەپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ﴾(غافىر: 60). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «كىمكى ئاللاھ تائالادىن بىرنەرسە سورىمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ»(3).

 ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)﴾(بەقەرە: 186) دېگەن ئايىتىدىكى دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا نائىل بولۇشقا قىلىنغان بۇ تەرغىب روزا بىلەن تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشقا تەرغىب قىلىش سىياقىدا كەلگەن. رامازاندىكى دۇئالار ئۈچۈن ئىپتاردىن ئىلگىرى ئاللاھقا يالۋۇرغۇچىلار، سەھەر ۋاقىتلىرىدا ئاللاھتىن قورقۇپ ئەيمەنگۈچىلەر ۋە ئۇزۇن قىياملاردىن كېيىن، كېچىلەردىكى تەھەججۈتلەردىن كېيىن رەببىنىڭ ئالدىدا قورقۇپ يىغلىغۇچىلار بىلەلەيدىغان ئالاھىدە بىر لەززەت باردۇر. ئەنە ئۇلار رەببىگە يېقىن ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ئىجابەتنىڭمۇ ئاللاھ تائالادىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەردۇر.

رامازان كۈنلىرى ئۆتكەنسېرى دۇئانى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپىيىدۇ، ياخشىلىقلار كۆپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامازان ئېيى قۇرئاننىڭ، سەبرنىڭ، روزىنىڭ، ئاچلارنى تويغۇزۇش ۋە ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئېيى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئېيى بولىدۇ. ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالانىڭ دۇئاغا قىزىقتۇرغۇچى ئۇشبۇ ئايەتنى روزىنىڭ ئەھكاملىرى ئارىسىدا زىكىر قىلىشىدا ئىككى خۇسۇستا كۆرسەتمە باردۇر: بىرى، شۇ ئاي ئۆتكەندىن كېيىنمۇ دۇئادا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، يەنە بىرى، ھەر ئىپتار ۋاقتىدا دۇئادا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر»(4). خوش، نېمە ئۈچۈن روزا رامازان بويىچە ۋە رامازاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق دۇئادا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك؟ چۈنكى، دۇئاگۇي روزىدارغا ئالاھىدە بىر مۇپاكات ۋەدە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. ئۇ ئالاھىدە مۇكاپات بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ روزىغا پۈتكەن ساۋابلىرىدىن تەلەپ قىلغانلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەتسىز قايتۇرماسلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، روزىدار ئۈچۈن ئىپتار ۋاقتىدا ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان بىر دۇئا (پۇرسىتى) بولىدۇ»(5). مەزكۇر ھەدىسنىڭ راۋىسى ئابدۇللا ئىبنى ئەمر(6) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىپتار ۋاقتىدا بالا – چاقىلىرىنى چاقىرىپ بىرلىكتە دۇئا قىلاتتى(7).

روزىدارغا نىسبەتەن بۇ مۇكاپات رامازان روزىسىغىلا خاس ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكى بىر روزىدار ئۈچۈن رەت قىلىنمايدىغان بىر دۇئا باردۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگىنىدەك:

«ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: ئادىل پادىشاھنىڭ دۇئاسى؛ روزدارنىڭ ئىفتار قىلغۇچە ئارىلىقتا قىلغان دۇئاسى؛ مەزلۇمنىڭ دۇئاسى. ئاللاھ مەزلۇمنىڭ دۇئاسىنى بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدىن كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچىدۇ ۋە: ‹ئىززىتىم بىلەن قەسەمكى، بىر مەزگىلدىن كېيىن بولسىمۇ، ساڭا ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمەن› دەيدۇ»(8).

شۇ بائىس، سالىھلەر دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى، ھەممىدىن يېقىن زات ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەگە رامازاننىڭ كۈندۈز ۋە كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ دۇئا قىلىش بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ ھەرىكەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ دۇئا قىلغۇچىلارغا قىلغان: ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)﴾(غافىر: 60) دېگەن چاقىرىقىغا، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىلغان: ﴿ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن) ﴾ (بەقەرە: 186) دېگەن نىداسىغا ئاۋاز قوشۇش ئىدى.

ئاللاھ تائالا بىزلەرنى دۇئا – تەكبىر ۋە تائەت – ئىبادەتلەرنى خالىسانە بىر ئۆزىگە قىلىشقا چاقىرىدۇ: ﴿كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار﴾(غافىر: 14). رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام : «دۇئا ئىبادەتتۇر»(9) دېگەن. بۇ ئىبادەت رامازاندا تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، رامازاندا قەلبلەر يۇمشايدۇ، روھلار ساپلىشىدۇ، شەھۋەتلەر قۇرۇپ، نەپسلەر سۇنىدۇ. مانا بۇ بىر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئاۋاز قوشۇشى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشى ئۈچۈن بەندىنىڭ شۇنىڭغا لايىق بولۇشىدۇر. دۇئالار ئادەتتە قەلبلەرنىڭ يۇمشىشى ۋە نەپسلەرنىڭ ئاجىزلىشىپ، تۈرلۈك شەھۋەتلەردىن قۇتۇلۇشى بىلەن مۇستەجاب بولىدۇ. كىشى بۇ ھالغا رامازاندىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇ دەرىجە تولۇق ئېرىشەلمەيدۇ.

 ئاللاھقا دۇئا قىلىش دائىما ئاللاھتىن ياردەم سوراش بىلەن بىرگە كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھقا دۇئا قىلغان ۋاقتىمىزدا ئاللاھتىن ياردەم سورايمىز، ئاللاھتىن ياردەم سورىغان ۋاقتىمىزدا بىز تىلىمىز بىلەن ﴿(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز﴾(فاتىھە: 5) دەپ دۇئا قىلىمىز. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا مۇنداق دېگەن: «بىر نەرسە سورىساڭ، ئاللاھتىن سورىغىن، ياردەم تىلىسەڭ، ئاللاھتىن تىلىگىن»(10).

 ئاللاھقا موھتاجلىقنى ئىپادىلەش پەقەت ياردەم سوراپ دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھتىن تىلەش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ ئۆزىدىن سورىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ. ﴿ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ)﴾(نىسا: 32) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك، ئاللاھنىڭ پەزلى كۆپتە بولسۇن ئازدا بولسۇن، تىلىنىدۇ: «رەببىڭلاردىن بارلىق كەم ـ كۇتاڭلارنى سوراڭلار. ھەتتا تۇزنىمۇ سوراڭلار! ئايىغىڭلارنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەن بوغقۇچىنىمۇ سوراڭلار!»(11)

 ئى روزىدار قېرىندىشىم! خاھلىغان ۋاقىتتا ئاللاھقا خالىس دۇئا قىلىش بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن ۋە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىسىز. دەرۋەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان گۇناھنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ۋە سىلە – رەھىمنى ئۈزۈش نىيەت قىلىنمىغان بىر دۇئانى قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: يا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى تېز ئىجابەت قىلىدۇ، ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئاخىرەتكە كېچىكتۈرىدۇ ۋە يا ئۇ كىشىدىن شۇ دۇئانىڭ باراۋىرىدە يامانلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ»(12) دېگەندۇر.

 شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىخلاسمەنلەر ئۈچۈن غەنىيمەت، ئاقىل – دانالار ئۈچۈن پۇرسەت ھېسابلىنىدىغان، خاھ رامازان ئېيىدا بولسۇن، خاھ باشقا ۋاقىتلاردا بولسۇن ئىزدىلىدىغان، تەلەپ قىلىنىدىغان شۇنداق دۇئا ۋاقىتلىرى باردۇر. يەنى:

* تەڭ كېچە ۋاقتى

          رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ھەقىقەتەن كېچىدە بىر ۋاقىت باركى، قايسىبىر مۇسۇلمان كىشى ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت خەيرلىكىدىن قانداق بىر ئىشنى سورىغان ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىگەن نەرسىسىنى بېرىدۇ، ئۇ ۋاقىت ھەممە كېچىدە بولىدۇ»(13) دېگەن.

* سەھەر ۋاقتى

          پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەر كېچىسى دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ: ‹كىم ماڭا دۇئا قىلىدۇ؟ مەن ئۇنى ئىجابەت قىلاي، كىم مەندىن مەغپىرەت تىلەيدۇ؟ مەن ئۇنى كەچۈرۈۋېتەي، كىم مەندىن رىزىق تىلەيدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا رىزىق بېرەي، كىم مەندىن يامانلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەيدۇ؟ مەن ئۇنى كۆتۈرۈۋېتەي› دەيدۇ»(14).

* رامازان كېچىلىرى

          رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «رامازان ئېيىنىڭ بىرىنچى كېچىسى يېتىپ كەلگەندە، شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى باغلىنىدۇ، دوزاخنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرى تاقىلىپ، جەننەتنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ. بىر جاكارچى: ‹ئى ياخشىلىق ئىزدىگۈچى، كەل!› دەپ، روزا تۇتقۇچىلارنى جەننەتكە چاقىرسا؛ ‹ئى يامانلىق ئىزدىگۈچى، يىراق كەت!› دەپ، روزا تۇتمىغانلارنى قوغلايدۇ. ئاللاھ رامازان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسى جەھەننەمدىن بىرمۇنچە كىشىنى ئازاد قىلىۋېتىدۇ»(15).

 

* ئەزان چاقىرىلغان ئەسنادا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نامازغا ئەزان توۋلانغان ۋاقىتتا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، دۇئالار ئىجابەت قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۇئا قايتۇرۇلمايدۇ»(16).

* ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەزان بىلەن تەكبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۇئا قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا، دۇئا قىلىڭلار»(17).

* نامازدىكى سەجدىلەردە

ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار!﴾(نەجم: 62) دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇ: «بەندىنىڭ رەببىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ھالىتى سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»(18).

* نامازدىن كېيىن

ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە: ﴿(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ﷲقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن. پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن﴾ (ئىنشىراھ: 7 – 8) دېگەن. دەھھاك(19) دەيدۇ: «يەنى نامازدىن پارىغ بولغىنىڭدا، سالام بەرگىنىڭدىن كېيىن، دۇئاغا يۈزلەن ۋە ئاللاھتىن سوراشقا يۈزلەن»(20).

* جۇمۇئە كۈنىدە

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جۇمۇئە كۈنىدە بىر ۋاقىت بار بولۇپ، بەندە ئۇ سائەتتە ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن بىرنەرسە تىلىسە، ئاللاھ ئۇنى بېرىدۇ»(21) دېگەن.

* تاھارەت بىلەن ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىنكى ۋاقىت

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنى ئەسلەپ تاھارەت بىلەن ئۇخلاپ قالسا، ئاندىن كېچىدە ئويغىنىپ ئاللاھتىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدىن بىرەرىنى سورىسا، ئاللاھ ئۇنى بېرىدۇ»(22) دېگەن.

* چارشەنبە كۈنى پېشىن بىلەن ئەسىر ئارىلىقىدا

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەھزاب مەسجىدىدە دۈشەنبە، سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى دۇئا قىلىۋىدى، چارشەنبە كۈنى پېشىن بىلەن ئەسىر ئارىلىقىدا ئىجابەت قىلىندى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىدىكى خۇشاللىقنى كۆردۇق. شۇندىن كېيىن ئەگەر بىرەر مۇھىم ئىشقا يولۇقۇپ قالغۇدەك بولسام، ئاشۇ كۈندە ئاشۇ ۋاقىت (چارشەنبە كۈنى پېشىن بىلەن ئەسىر ئارىلىقى) نى چىڭ تۇتۇپ دۇئا قىلاتتىم – دە، دۇئايىمنىڭ ئىجابەت بولغانلىقىنى بىلەتتىم»(23).

* جىھادقا چاقىرىق قىلىنغان ۋە ئۇرۇش بولغان ۋاقىتلار

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ۋاقىت بار، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، ھەرقانداق بىر دۇئا قىلغۇچىغا دۇئاسىنىڭ قايتۇرۇلۇشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، بىرى، جىھاد چاقىرىقى بولغان ۋاقىت؛ يەنە بىرى، ئاللاھنىڭ يولىدا دۈشمەنگە قارشى سەپ بولۇپ تۇرغان ۋاقىت»(24).

ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم! ئاللاھقا دۇئا قىلغان ۋاقتىڭىزدا «ئىسمى ئەزەم» بىلەن دۇئا قىلىڭ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئاللاھ بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن سەندىن تىلەيمەن. سەندىن باشقا ئىلاھ يوق يەككە – يېگانىسەن، ھەممە ساڭا موھتاج، سەن تۇغۇلغانمۇ ئەمەس، تۇغقانمۇ ئەمەس، سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ يوقتۇر» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ كىشىگە: «سەن تىلەنسە بېرىدىغان، دۇئا قىلىنسا ئىجابەت قىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئەڭ كاتتا ئىسمى (ئىسمى ئەزەم) بىلەن ئاللاھتىن تىلىدىڭ»(25) دېگەن.

 

ئى ئاللاھ! شىپى كەلتۈرۈپ سورالغان ۋاقىتتا بېرىدىغان، دۇئا قىلىنغان ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىدىغان «ئىسمى ئەزەم»ىڭ بىلەن سەندىن سورايمىزكى، پۈتۈن سورىغان نەرسىلىرىمىزنى بەرگىن. پۈتۈن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە بىزگە پۈتۈن رازىلىق بىلەن نېئمەت ئاتا قىلغىن!… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

——————————————–

1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8733 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 3370 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 1488 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 3556 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3865 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
3. «تىرمىزىي»، 3373 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
4. «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 1 – توم، 233 – بەت.
5. «ئىبنى ماجە»، 1753 – ھەدىس. بۇسايرىي: («مىسباھۇززۇجاجە»، 636 – ھەدىس) «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: «زەئىف» دېگەن.
6. ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئەلقۇرەشىي (عَبْدُ اللَّهِ بْنُ عَمْرِو بْنِ الْعَاصِ الْقُرَشِيُّ) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما (ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 63 ياكى 65 / م. 595 – 683 ياكى 685) _ ئاتىسى ئەمر ئىبنى ئاستىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولۇپ مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان ۋە غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجازىتى بىلەن ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ساھابىلەر ئىچىدە ئالىملىقى ۋە ئىبادەتگۇيلىقى بىلەن تونۇلغان، 700 گە يېقىن ھەدىس رىۋايەت قىلغان زات. _ ت.
7. «مۇسنەدۇ تەيالىسىي»، 2376 – ھەدىس.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8030 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2526 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1752 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
9. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18415 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2969 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 1481 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3828 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 2669 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2516 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
11. «تىرمىزىي»، 3963 – ھەدىس. ئالبانىي: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 2252 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
12. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 11149 – ھەدىس؛ بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 710 – ھەدىس؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 1816 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
13. «مۇسلىم»، 757 – ھەدىس.
14. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7500 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 10237 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. «تىرمىزىي»، 682 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
16. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 4109 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ تەيالىسىي»، 2220 – ھەدىس؛ خەتىب باغدادىي: «تارىخى باغداد»، 4 – توم، 147 – بەت. بەغەۋىي: «شەرھۇ سۈنەن»، 2 – توم، 291 – بەت. سەنەدى زەئىف.
17. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 12606 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 4109 – ھەدىس؛ «ئىبنى خۇزەيمە»، 426 – ھەدىس؛ بەغەۋىي: «شەرھۇ سۈنەن»، 5 – توم، 165 – بەت. باھا بەرگۈچىلەر: «سەھىھ» دېگەن.
18. «مۇسلىم»، 482 – ھەدىس.
19. ئەبۇ مۇھەممەد ئەدداھھاك ئىبنى مۇزاھىم ئەلھىلالىي (الضَّحَّاكُ بنُ مُزَاحِمٍ الهِلاَلِيُّ) (ھ. ؟ – 105 / م. ؟ – 723) _ تابىئىن، مەشھۇر مۇفەسسىر. رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرى «تۆت سۈنەن» كىتابلىرىدا كەلگەن. _ ت.
20. سەنەدى ھەسەن.
21. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 10734 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1139- ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
22. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21609 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 5042 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3381 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 805 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
23. ئىمام بۇخارىي: «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 704 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 14603 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
24. ئىمام بۇخارىي «ئەلئەدەبۇل مۇفرەد»، 661 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 5642 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
25. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23091 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 3857 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز