رامازاندىكى تىرىشچانلىقىڭىز

شۈبھىسىزكى، رامازان روزا تۇتۇش، قىيامدا تۇرۇش، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلىشتا سەبر بىلەن تىرىشىش ئېيى بولغىنىدەك، جىھادنىڭ ۋە ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن نەپس ۋە ئىنسانلار بىلەن كۆرەش قىلىشنىڭمۇ ئېيىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ رامازاندا بۈيۈك غەلىبىلەرگە ئېرىشىشى ئەسلا تەسادۇف ئەمەستۇر. روزا تۇتقۇچى بۇ مۇبارەك ئايدا روھىي جەھەتتىن رەببىنىڭ رىزاسى ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلەيدىغان دەرىجىدە يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە ئۇلىشالايدۇ. بۇ بولسا روزىنىڭ سىر – ئەسرارلىرىدىن بىر سىر ۋە پەيز – روھلىرىدىن بىر روھتۇر.

·       مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىلىرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ بۈيۈكى بولغان بەدر غازىتى ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامازان ئېيىنىڭ 17 – كۈنىدە بولغانىدى(1). بۇ ئۇرۇش «قۇرئان كەرىم»دە نامى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن مەڭگۈگە قالدۇرۇلغان ئۇرۇشتۇر: ﴿ئاللاھ سىلەرگە بەدردە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار!﴾(ئال ئىمران: 123)

·        ھىجرەتنىڭ 8 – يىلى رامازاننىڭ 20 – كۈنى (مىلادى 630 – يىلى 11 – يانۋار كۈنى) دە ئاللاھ ئىسلامنى ۋە ئەھلى مۇسۇلماننى ئەزىز قىلغان ۋە ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ – توپ بولۇپ كىرگەن، مەككە فەتھ بولغان(2)، بۇ غەلىبە – نۇسرەت ھەققىدە نەسر سۈرىسى نازىل بولغانىدى: ﴿ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەمد ئېيتقىن ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر!﴾(نەسر: 1 _ 3)

·       ھىجرەتنىڭ 92 – يىلى رامازاننىڭ 18 – كۈنى (711 – يىلى 9 – ئىيۇن) مۇسۇلمانلار ئەندەلۇسنى فەتھ قىلغانىدى ۋە ئەندەلۇستا ناھايىتى گۈللەنگەن بىر خىلافەت مەيدانغا كەلگەنىدى.

·       ھىجرەتنىڭ 223 – يىلى رامازاننىڭ 26 – كۈنى (838 – يىلى 21 – ئاۋغۇست) مۇسۇلمانلار ئەمۇرىيە شەھرىنى ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇئتەسىم بىللاھنىڭ قوماندانلىقى بىلەن فەتھ قىلغانىدى(3).

·       ھىجرەتنىڭ 658 – يىلى رامازان ئېيىنىڭ 25 – كۈنى (1260 – يىلى 9 – سېنتەبر) مۇسۇلمانلار «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»(4)دا مەملۇك قوماندان سەيفىددىن قوتۇز(5) رەھبەرلىكىدە موڭغۇللارنىڭ زور قوشۇنىغا قارشى غەلىبە قىلغانىدى. ئىسلام ئالىمىگە ئۇرۇش ئاچقاندىن كېيىن ۋە باغدادتىكى ئابباسىي خىلاپىتىنى (750 – 1258) گۇمران قىلغاندىن كېيىنكى موڭغۇللارنىڭ ھېچقانداق كۈچى قالمىغانىدى.

·       ھىجرەتنىڭ 666 – يىلى رامازاننىڭ 4 – كۈنى (1268 – يىلى 18 – ماي) مۇسۇلمانلار «ئەھلى سەلىب»گە قارشى ناھايىتى چوڭ بىر غەلىبە قازانغانىدى. مۇسۇلمان قوماندان بايبارس(6) ئانتاكىيە شەھرىنى قايتۇرۇۋالغانىدى.

شۈبھىسىزكى، جىھاد روھى رامازاندا شۇنىڭدىكى تىرىشچانلىق روھىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن يۈكسىلىدۇ ۋە شەكسىزكى، نەپسنىڭ جىھادى بولسا ھەرقانداق بىر توغرا بولغان جىھادتىنمۇ ئىلگىرى كېلىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مۇجاھىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشى. مۇھاجىر دېگەن خاتالىقلارنى ۋە گۇناھلارنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر»(7). مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى شەرئىي جىھاد يولىدا داۋاملىشىشقا پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىلەرلا قادىر بولالايدۇ. روزا بولسا نەپسكە قارشى جىھاد قىلىش بىلەن قۇللۇق قىلىشنىڭ يوللىرىدىن ئاساسلىق بىر يولدۇر.

بەزى كىشىلەر، نەپس بىلەن جىھاد قىلىش ۋە ئىبادەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ ئارىسىدا چوڭ مۇناسىۋەت يوق دەپ قارايدۇ، لېكىن يۇقىرىقى ھەدىس: «مۇجاھىد دېگەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئۆز نەپسى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىدۇر» دېيىش ئارقىلىق بۇ مۇناسىۋەتنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىتائەتتىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى، شۇ جۈملىدىن روزا، كۆرۈنۈشتە سەمىمىي، يۆنىلىشلىرىدە راستچىل بولغان خاس بىر شەخسىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مانا بۇ بولسا رامازاننىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىھاد ۋە جىھاد كۈنلىرى دەپ سانالغان ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىزگە ئاتا قىلىدىغان مېۋىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان نەرسىدۇر.

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! ئۇشبۇ كۈنلەردە تەييارلىق ۋە تىرىشچانلىق نىيىتىنى ھازىرلىغان ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسەتكىن. بەلكى رامازاندىكى ئىتائەتلىرىڭگە ئاشۇ نەپسنىڭ جىھادنى ئارزۇ قىلىش ئىتائىتىنى قوشالىشىڭ مۇمكىن. شۈبھىسىزكى، «جىھاد قىلماي تۇرۇپ ئۆلگەن ۋە نەپسىدە جىھاد قىلىشنى ئىستىمەي تۇرۇپ ئۆلگەن كىشى بىر مۇناپىقلىق شاخچىسى ئۈستىدە ئۆلگەن بولىدۇ»(8).

 رامازاندا نەپس بىلەن جىھاد قىلىشتىن مەقسەت مەزكۇر روزىنى تەئدىل – ئەركانلىرى، ۋاجىپ – پەرزلىرى ۋە تاكامۇل ئادا تاپقۇزغۇچى شەرت – ئامىللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئادا قىلغان نامازدەك ئادا قىلىشتۇر. بۇ خىل ئادا قىلىش پەقەت ۋە پەقەت نەپس بىلەن جىھاد قىلىش ۋە سەبرچانلىق كۆرسىتىش بىلەنلا بولىدۇ. ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «بىلگىنكى، مۇئمىن ئۈچۈن رامازان ئېيىدا ئىككى جىھاد باردۇر: بىرى، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇش ئارقىلىق نەپس بىلەن بولغان جىھاد؛ يەنە بىرى، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش (ئارقىلىق ئۇيقۇ) بىلەن بولغان جىھاد. كىمكى بۇ ئىككى جىھادنى بىرلەشتۈرەلىسە، ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلالىسا ۋە ئۇنىڭغا سەبر قىلالىسا ھېسابسىز ئەجىرگە ئېرىشىدۇ»(9).

رامازاندىكى نەپس بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ مەنىسى بۇ ئاينىڭ چىقىپ كېتىشىگە يېقىنلىشىپ قالغاندا ئاندىن كۆزگە چېلىقىدۇ. مۇسۇلمان كىشى بۇ ئاينىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا، ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىنى غەنىيمەت بىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا ئالدىرىغىنى ياخشى. چۈنكى، بۇ بولسا رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونى شۇنداقلا ئەڭ ئەۋزەل ئۈچتىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ قاتارىدا مۇئمىنلەرنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان نەرسىلەرنى تېپىۋېلىشقا ۋە بار نەرسىسىنىڭ قىممىتىنى بىلىشكە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاشۇ ئون كۈننى قاتمۇقات، ھەسسىمۇھەسسە ئىجتىھاد ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئالاھىدە ئۆتكۈزۈش بار ئىدى. «سەھىھەين»دە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن رىۋايەتتە، ئائىشە ئانىمىز شۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە، ئىشتىنىنىڭ بېغىنى چىڭ باغلايتتى ۋە كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈرەتتى، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئويغىتاتتى»(^[10]).

ئىمام مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا ۋاقىتتا كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى»(11).

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا كۆرسەتكەن بۇ ئالاھىدە تىرىشچانلىق بولسا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۈملىدىن: كېچىنى ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈرۈش، ئۆز ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئويغىتىش، ئاياللاردىن يىراق تۇرۇش، ئېغىز ئېچىشنى سەھەر ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش، شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا يۇيۇنۇش، شۇنداقلا مۇشۇ ئون كۈننى ئېتىكاپ ئىبادىتى بىلەنمۇ خاس قىلاتتى. بۇ ئالتە خىسلەت ئىبنى رەجەب ئېيتقاندەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدىكى ئىجتىھادى ئىدى.

بۇ ئالتە خىسلەتتىن بىرىنچىسى، كېچىنى ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈرۈش؛ بۇنىڭغا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈرەتتى» دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. كېچىنى تىرىلدۈرۈش دېگەنلىك كېچىنىڭ ھەممىسىنى ئەمەس، كۆپ قىسمىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشتۇر.

ئىككىنچى خىسلەت، ناماز ئۈچۈن ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئويغىتىش؛ ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئائىلىسىنى ئويغىتاتتى» دەپ كەلگەن.(12) ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاننىڭ 23 -، 25 -، 27 – كېچىلىرىدە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن قىيامدا تۇرغانىدى، ئەھلىنى ۋە ئاياللىرىنى چاقىرغانىدى» دەپ كەلگەن(13).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى ئون كۈن ئىچىدىكى قەدر كېچىسى بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان كېچىلەردە ئائىلە تاۋابىئاتىنى ئويغىتىشتا ناھايىتى چىڭ تۇراتتى. سۇفيان سەۋرىي رەھىمەھۇللاھ: «رامازاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە، مەن ئۈچۈن كېچىدە ئىبادەت قىلىشتىن ۋە تاقەت كەلتۈرەلىسە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىمنى نامازغا ئويغىتىشتىن سۆيۈملۈك بىر ئىش يوقتۇر»(14) دېگەنىكەن.

 گەرچە رامازاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتلەردە زىيادە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پۈتۈن ئۈممەت ئۈچۈن ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئائىلىسى بىلەن يىلنىڭ پۈتۈن ئايلىرىدا ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن ئىبادەت قىلىدىغانلىقى رىۋايەتلەر بىلەن سابىتتۇر. سەھىھ رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسى قىزى ھەزرىتى فاتىمەتۇززەھرا بىلەن كۈيئوغلى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ: «ئىككىڭلار (قوپۇپ) ناماز ئوقۇمامسىلەر؟!»(15) دېگەنىدى.

ئۈچىنچى خىسلەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتىنىنىڭ بېغىنى چىڭ باغلايتتى؛ يەنى ئاياللىرىدىن ئايرىلىپ تۇراتتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن رىۋايەتتە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاخىرقى ئون كۈن كىرگەندە ئىشتىنىنىڭ بېغىنى چىڭ باغلايتتى، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن تىرىلدۈرەتتى ۋە ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئويغىتاتتى»(16).

تۆتىنچى خىسلەت: ئېغىزنى ئېچىشنى سوھۇرلۇق ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش؛ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازاننىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئاخشاملىق تامىقىنى سوھۇرلۇق قىلىۋېتەتتى»(17). ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

— ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار، قايسىڭلار ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا، (ئىپتارلىق يېمەي) سوھۇرلۇققىچە ئۇلىسۇن، — دېگەنىدى. ساھابىلەر:

— يا رەسۇلۇللاھ! جانابلىرى ئۇلاپ تۇتىلىغۇ؟ — دېدى. شۇندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:

— مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، مەن ئاللاھ تەرىپىدىن يېمەك – ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىپ ياتىمەن، — دېدى(18).

 بەشىنچى خىسلەت، ناماز شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا يۇيۇنۇش؛ ئىبنى ئەبى ئاسىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازاندا ئۇخلايتتى ۋە قىيامدا تۇراتتى، ئاخىرقى ئونى كىرگەندە ئىشتىنىنىڭ بېغىنى چىڭ باغلاپ، ئاياللىرىدىن ئۇزاق تۇراتتى ۋە شام بىلەن خۇپتەن ئارىسىدا يۇيۇناتتى»(19).

شەكسىزكى، ئاشۇ شەرەپلىك كېچىلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش بولسا زىيادە پاكىزلىق بىلەن بولىدۇ.

ئالتىنچى خىسلەت، ئېتىكاپ. بىز بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى توختىلىپ بولغان.

ئى ئاللاھ! بىزگە توغرىلىقتا مۇستەھكەم تۇرۇشنى رىزىق قىلغىن! ھەرقانداق بىر گۇناھتىن ساغلام قېلىشنى، ھەرقانداق بىر پايدىلىق ئىشلاردىن غەنىيمەت ئېلىشنى رىزىق قىلغىن! بىزگە غەلىبە بىلەن جەننەتكە ئېرىشىشنى، جەھەننەمدىن قۇتۇلۇشنى رىزىق قىلغىن!… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

——————————————–

1. بەدر غازىتى: ھ. 2 – يىلى رامازان / م. 624 – يىلى مارت ئېيىدا رەسۇلۇللاھ باشچىلىقىدىكى 74 مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن بولۇپ 305 كىشى، 70 تۆگە ۋە 2 ئاتتىن تەشكىل تاپقان ئىسلام قوشۇنى بىلەن 700 تۆگە ۋە 100 ئات بىلەن 1000 كىشىلىك قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئوتتۇرىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۇرۇشتۇر. _ ت.
2. ھىجرىيە 8 – يىلى رامازاننىڭ 13 – كۈنى (م. 630 – يىلى 4 – يانۋار) ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ باشچىلىقىدىكى 10 مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنلىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنى، ئۆز ئۇرۇقداشلىرى قۇرەيشنىڭ قولىدىكى مەككە مۇكەررەمەگە قارشى يولغا چىقىپ رامازاننىڭ 20 – كۈنى (630 – يىلى 11 – يانۋار) مەككەگە يېقىنلاشتى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرى بىلەن تۆرتكە بۆلۈنۈپ، قارشلىق بولمىغۇچە ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشماسلىقنى تاپىلىغان رەسۇلۇللاھ قوزغىلىش بۇيرۇقى بېرىپ «فەتىھ» سۈرىسىنى ئوقۇغان ھالدا مەككە مۇكەررەمەگە كىردى. قالغان ئۈچ قىسىم ھېچقانداق توسالغۇسىز كىرگەن بولسىمۇ، خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدىكى قىسىملار ئىكرىمە ئىبنى ئەبۇ جەھىل باشچىلىقىدىكى كىچىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ مەككە مۇكەررەمەگە كىردى ۋە مەككە فەتىھ قىلىندى. رەسۇلۇللاھ دەرھال ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مال – مۈلككە چېقىلمىدى. كەئبەنىڭ ئىچى ۋە يېقىنلىرىدىكى 360 بۇت – ھەيكەل «ئىسرا» سۈرىسى 81 – ئايەتى ئوقۇلغان ھالدا بىر – بىرلەپ چېقىپ تاشلاندى ۋە رەسۇلۇللاھ پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى. _ ت.
3. ئەسەرنىڭ ئەرەبچە ئەسلىدە ھىجرىيە 233 – يىلى رامازاننىڭ 26 – كۈنى دېيىلگەن بولۇپ، توغرىسى «ھىجرىيە 223 – يىلى» بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئەمۇرىيە ياكى ئامۇرىيۇم 838 – يىلى ئەرەب ئابباسىي خەلىپىلىكى تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلىپە مۇئتەسىم بىللاھ 833 – يىلى خىلافەت تەختىگە ئولتۇرۇپ، ھىجرىيە 227 – يىلى رەبىيئۇل ئەۋەللنىڭ 18 – كۈنى، 842 – يىلى 5 – يانۋار كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات تاپقان. شۇڭا 233 – يىلى بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئەمۇرىيە بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئافيون قاراھىسار ۋىلايىتى ئەمىرداغ ئىلچەسى تەۋەسىدىدۇر. _ ت.
4. ئەسەرنىڭ ئەرەبچە ئەسلىدە ھىجرىيە 668 – يىلى رامازاننىڭ 15 – كۈنى دېيىلگەن بولۇپ، توغرىسى 658 – ھىجرىيە 25 – رامازاندۇر. «ئەين جالۇت ئۇرۇشى» 1260 – يىلى 3 – سېنتەبر كۈنى بەھرىيە مەملۇك سۇلتانى سەيفىددىن قوتۇز ۋە ئىلغار قىسىمنىڭ قوماندانى بايبارس رەھبەرلىكىدىكى مەملۇك قوشۇنلىرى بىلەن تېگى تۈرك بولغان كەتبۇغا نويان باشچىلىقىدىكى موڭغۇل قوشۇنلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئىلخانىي خانى ھىلاكۇ قوشۇنلىرى ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، باش قوماندان كەتبۇغا ئۆلتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن مىسىر ۋە سۇرىيە موڭغۇل ھاكىمىيىتىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر مەيدان تارىخىي ئۇرۇشتۇر. _ ت.
5. سەيفىددىن قۇتۇز (سيف الدين قطز) _ تېگى تۈرك بولۇپ، خارزەمشاھلاردىن جالالىددىن مەڭگۈبەردىنىڭ جىيەنىدۇر. مىلادىيە 1259 – يىلى نويابىردىن 1260 – يىلى ئۆكتەبىرگىچە مەملۇك سۇلتانى بولغان. ئۆز ۋاقتىدا بىر قوماندان بولغان قۇتۇز «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دا بايبارس بىلەن بىرگە جەڭ قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن، تۆھپە كۆرسەتكەن قوماندان بايبارسنىڭ ھالەپنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆز يېقىنلىرىدىن باشقا بىرىگە بەرگەن. بايبارس بىلەن قۇتۇز ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا ئاز – تولا ئاداۋەت بار بولۇپ، بۇ ئىشتىن كېيىن بايبارس غەزەپلىنىپ، مىسىرغا قايتىش يولىدا چۈشكۈن قىلغان بىر يەردە سۇيىقەست بىلەن مىلادىيە 1260 – يىلى 22 – ئۆكتەبىردە سۇلتان قۇتۇزنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مىسىرغا سۇلتان بولغان. _ ت.
6. بايبارس I، تولۇق ئىسمى ئەلمەلىكۇززاھىر رۇكنىددىن ئەسسالىھىي ئەلبۇنداقدارىي (الملك الظاهر ركن الدين بيبرس البندقداري) _ تېگى قىپچاقلاردىن بولۇپ، مىلادىيە 1233 – يىلى ئەتراپىدا قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا تۇغۇلغان، تەخمىنەن 14 يېشىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن ئەسر ئېلىنىپ، شامدا قۇل بازىرىدا ئەييۇبىي ئەمىرلىرىدىن ئايتېكىن ئەلبۇنداقدارىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستىدادى سېزىلىپ، ئەييۇبىي سۇلتانى ئەسسالىھ ئەييۇبىي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئەسكەرىي بارىگاھقا ئەۋەتىلگەن، نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە تېزلا ئەمىرلىككە يۈكسەلگەن. مىلادىيە 1260 – يىلى 3 – سېنتەبىردىكى «ئەين جالۇت ئۇرۇشى»دىن غەلىبە بىلەن قايتىۋاتقان مىسىر بەھرىيە مەملۇك ھاكىمىيىتىنىڭ سۇلتانى سەيفىددىن قۇتۇزنى ئۆلتۈرۈپ، مىسىر تەختىگە ئولتۇرغان ۋە بايبارس نامى بىلەن مىسىر ۋە سۇرىيە تۇپراقلىرىدا ھۆكۈم سۈرگەن شىجائەتلىك سۇلتان. ئىلخانىي موڭغۇللىرى ۋە ئەھلى سەلىب بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان ۋە مىلادىيە 1277 – يىلى 1 – ئىيۇن كۈنى شامدا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. _ ت.
7. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 24004 – ھەدىس. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 549) «سەھىھ» دېگەن.
8. «مۇسلىم»، 1910 – ھەدىس.
9. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 46 – بەت.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2024 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1174 – ھەدىس.
11. «مۇسلىم»، 1175 – ھەدىس.
12. «تىرمىزىي»، 795 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەلاتۇت تەراۋىھ»، 16) «سەھىھ» دىگەن.
13. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 20910 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 1375 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 806 -، 1364 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 1605 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن. _ ت.
14. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 56 – بەت.
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1127 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 775 – ھەدىس.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2024 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1174 – ھەدىس.
17. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 5653 – ھەدىس. ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1922 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1098 – ھەدىس.
19. ئىبنى رەجەب: «لەتائىفۇل مەئارىف»، 346 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز