رامازاندىكى سېخىيلىقىڭىز

سېخىيلىق ئۆزگىلەرگە كۆپ ھەدىيە قىلىش ۋە قولى ئۇچۇق بولۇشتۇر. ئۇ ھەم شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر ۋە مەزكۇر ئۇلۇغ سۈپەتتىن «جەۋۋاد» ئىسمى تۈرلىنىپ چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنى شۇ ئىسىم بىلەن سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھ بەك جەۋۋاد (سېخىي) دۇر، جەۋۋاد (سېخىي) لىقنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار ئەخلاقنى يامان كۆرىدۇ»(1).

 ئاللاھنىڭ سېخىيلىقى ۋە كەرەملىكى رامازاندا ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇ زات بەندىلىرىنىڭمۇ شۇ مۇبارەك ئايدا سېخىي ۋە قولى ئوچۇق بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن ھەدىستىكىدەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى. بولۇپمۇ رامازاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندە، تېخىمۇ سېخىي بولۇپ كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسىدە جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا قۇرئان ئوقۇشاتتى. جەزم قىلىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشىلىق قىلىشتا سالقىن شامالدىنمۇ سېخىي ئىدى(2).

ئىمام ئىبنى رەجەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامازان ئېيىدا نەچچە ھەسسە سېخىي بولۇپ كېتىشىنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: «‹قۇرئان كەرىم› پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ئىدى. ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ رازى بولغىنىغا رازى بولاتتى، قۇرئاننىڭ غەزەبلەنگىنىگە غەزەپلىنەتتى؛ ‹قۇرئان كەرىم› قىزىقتۇرغان نەرسىگە ئالدىرايتتى، چەكلىگەن نەرسىدىن يىراق تۇراتتى؛ جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىنىڭ پەزىلىتى، سېخىيلىققا ۋە گۈزەل ئەخلاققا قىزىقتۇرغان بۇ مۇبارەك كىتابنى كۆپ دەرس قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك ئايدىكى سېخىيلىقى ۋە پەزىلەتلىرى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتەتتى. شۈبھىسىزكى كۆپلەپ ئۇچرىشىش بولسا ئاشۇ ئۇچراشقان كىشىدىن گۈزەل ئەخلاقلارنى مىراس قالدۇرىدۇ»(3).

بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان سېخىيلىق ۋە قولى ئوچۇق بولۇش مۇئمىننىڭ نەپسى تېخىمۇ راھەتلىنىدىغان سەدىقىلەرنى كۆرسىتىدۇ. سېخىيلىق ۋە قولى ئوچۇقلۇق مۇئمىننىڭ پەزىلىتىنى ۋە ئاشۇ سەدىقىلەرگە بولغان ئىمانىنىڭ راستچىللىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «(بېرىلگەن) سەدىقە ھۆججەتتۇر»(4). يەنى ئۇ سەدىقە ساھىبىنىڭ ئىمانىغا ۋە ئاللاھنىڭ مېلىدىكى ھەققىنى ئادا قىلغانلىقىغا، شۇنداقلا مېلىدا ھېچبىر كىشى ئۈچۈن ھەق يوق دەپ قارايدىغان بېخىل مۇناپىقنىڭ زىينىغا دەلىل – ئىسپاتتۇر.

ئەمدى سېخىيلىقنىڭ رامازان ئىسمى بىلەن باغلىنىشىغا كەلسەك، فىتىر زاكىتى رامازاننىڭ سەدىقىسى دەپ ئىسىملەندۈرۈلگەندۇر، «سەھىھەين»دە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە فىتىرنى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمانغا بىر سا خورما ياكى بىر سا ئارپا بېرىشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن. كېيىن (مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشچىلىقىدا) كىشىلەر ئۇنى «يېرىم سا بۇغدايغا تەڭ» دەپ ھېسابلاشقانىدى(5).

«سەدىقە سېخىيلىققا ھۆججەت» دېيىلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن سېخىيلىقتا ئەڭ كاتتا ھۆججەت بار. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىيلىقى ئەڭ كاتتا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەفلە سەدىقىلىرى ھەم بار ئىدى. ئىمام ئىبنۇلقەييىم بىزگە مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىراۋ كەلسە، بەزى ۋاقىتلاردا تاماق بېرىش بىلەن، بەزى ۋاقىتلاردا كىيىم – كېچەك بېرىش بىلەن ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھسان ۋە سوۋغاتلىرى خىلمۇخىل ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا سوۋغا بەرسە، بەزى ۋاقىتلاردا سەدىقە قىلاتتى. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا، خۇددى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆگىسىنى سېتىۋېلىپ پۇل بىلەن تۆگىنى قايتۇرۇپ بەرگەندەك بىرەر نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۇ نەرسىنى ۋە پۇلىنى ساتقۇچىنىڭ ئۆزىگە ھەدىيە قىلىۋېتەتتى. بەزىدە بىر نەرسىنى قەرز ئالاتتى، كېيىن قەرز ئالغىنىدىن ياخشىراق، زىيادىرەك، چوڭراق قايتۇراتتى. بىر نەرسىنى سېتىۋالاتتى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئاشۇرۇپ ئادا قىلاتتى. ھەدىيە قوبۇل قىلاتتى، شۇ ھەدىيەگە ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇقىنى قايتۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەدىقە ۋە ياخشىلىق قىلىشنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىدە تېخىمۇ مۇلايىم ۋە ئىنچىكە مۇئامىلە قىلاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەدىقە – ئېھسانلىرى ئۆزى ئىگە بولغان نەرسە (لەر) بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرى بىلەن بولاتتى. ئۆزىنىڭ يېنىدىكى نەرسىلىرىنى چىقىرىپ سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇيتتى ۋە ئىنسانلارنىمۇ قىزىقتۇراتتى، ئۆزىنىڭ ھال ۋە ھەرىكىتى ھەمدە سۆزى بىلەن دەۋەت قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاچكۆز كىشى كۆرگەن ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆز – ھەرىكىتى ئۇ كىشىنى سەدىقە بېرىشكە ئۈندەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئارىلاشقان، ھەمراھ بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن كىشى ناھايىتى سېخىي، ئەپۇچان ۋە ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان بولۇپ كېتەتتى(6).

خىلمۇخىل شەكىللەردە مال بىلەن سېخىيلىق قىلىش سېخىيلىقنىڭ يالغۇز بىرلا كۆرۈنۈشى ئەمەستۇر. بۇ خۇسۇستا نەفلە سەدىقىلەردىن ھېسابلىنىدىغان، كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن رامازان كۈنلىرىدە ئۆز نەپسىگە ئايرىسا بولىۋېرىدىغان مال بىلەن قىلىدىغان سېخىيلىقىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا نۇرغۇن سېخىيلىق تۈرلىرىمۇ باردۇر. ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ:

«مال بىلەن سېخىيلىق قىلىشتىن باشقا ئىككى تۈرلۈك سېخىيلىق بار:

بىرىنچىسى، ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىش؛ بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا بەزىدە مال بىلەن بولغان سەدىقىدىنمۇ ياخشىراقتۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇشمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ۋە مەئسىيەتلىرىدىن چەكلەشتىن ئىبارەت بۇ خىل سېخىيلىق مال بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ئەۋزەل، شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»نى ۋە تۈرلۈك پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىتىش، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەش ۋە ئۇلارغا يېتىدىغان ئەزىيەتلەرنى كەتكۈزۈش دېگەندەك ئىشلارمۇ شۇنىڭ قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ‹قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم قىلىشىڭ سەدىقىدۇر، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر، يولدىن ئادىشىپ قالغان كىشىگە يول كۆرسىتىپ قويۇشۇڭ سەدىقىدۇر، چېلىكىڭدىكى سۇدىن قېرىندىشىڭغا بېرىشىڭ سەدىقىدۇر›(7).

ئىككىنچىسى، پايدىسى قىلغۇچىغىلا بولىدىغان ئىشلار. بۇ تەكبىر، تەسبىھ، ئىستىغپار ۋە تەھلىل ئېيتىشقا ئوخشاش زىكىرنىڭ تۈرلىرى، شۇنداقلا مەسجىدكە ياياق بېرىشقا ئوخشاش ئىشلار»(8).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! رامازاندىكى سېخىيلىقىڭىزنىڭ ئەجرىنى ئەڭ سېخىي زات رەببىڭىز تەرىپىدىن ئالىسىز. مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىگە قارىتا بولىدۇ. سىز روزىدارلارغا ۋە ھاجەتمەنلەرگە سېخىيلىق قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇ كىشىگە روزىدارنىڭ ئەجرى بىلەن ئەينى مىسلىدا ئەجىر – مۇكاپات بېرىلىدۇ»(9).

مۇبادا ئۇشبۇ رامازان ئېيىدا قىيامدا تۇرۇش ۋە ئاچ (لار) غا تاماق بېرىشنى ئورۇندىيالىسىڭىز، مانا بۇ سېخىيلىقىڭىز سەۋەبىدىن ئالاھىدە بىر مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلىنىسىز. رەسۇلۇللاھ بىر كۈنى:

— جەننەتتە شۇنداق ھۇجرىلار باركى، تېشىدىن ئىچى، ئىچىدىن تېشى كۆرۈنۈپ تۇرۇر، — دېگەنىدى، ساھابە كىراملەر:

— ئۇ ھۇجرىلار كىملەر ئۈچۈندۇر؟ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! — دەپ سوراشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:

— ياخشى سۆز قىلغان، ئاچ قالغانغا تاماق بەرگەن، كېچىلىرى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ناماز ئوقۇغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر، — دەپ جاۋاب بەردى(10).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! سېخىيلىق قىلغان ھەر كۈنىڭىز ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندىلەر تاڭ ئاتقۇزغان ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېلىنى سەن ئۈچۈن سەرپ قىلغان كىىشگە ئورنىنى تولدۇرىدىغان مال ئاتا قىلغىن› دەيدۇ. يەنە بىرى: ‹ئى ئاللاھ! مېلىنى سەن ئۈچۈن سەرپ قىلماي، چىڭ تۇتۇۋالغان كىشىگە تالاپەت ئەۋەتكىن› دەيدۇ»(11).

ئى ئاللاھ! بىزگە سېخىيلىقىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. بىزنى ئەپۇ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن. بىزنى دەرگاھىڭدا قوبۇل بولغان كىشىلەردىن قىلغىن… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

——————————————–

1. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، 10346 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ»، دېگەن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2308 – ھەدىس.
3. «ۋەزائىفۇ رامىزان»، 33 – بەت.
4. «مۇسلىم»، 223 – ھەدىس.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1511 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 984 – ھەدىس.
6. «زادۇل مەئاد»، 2 – توم، 232 – بەت.
7. «تىرمىزىي»، 1956 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. «جامىئۇلئۇلۇم ۋەلھىكەم»، 59 – بەت.
9. «تىرمىزىي»، 807- ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1337 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1984 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1442 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1010 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز