رامازاندىكى شۈكرىڭىز

ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېئمىتى ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلىشى بولۇپ، ئىنسان بىر ئۆمۈر ئاللاھقا رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغان تەقدىردىمۇ بۇ نېئمەتنىڭ ھەققىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بىز ئىبادەتلىرىمىزدە ئاللاھنىڭ ھىدايەت نېئمىتىگە شۈكۈر ئېيتالايمىز. پەرز ياكى نەفلە نامازلاردا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇش ۋە داۋاملىق توغرا يولغا يېتەكلەشنى سوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھەمد (فاتىھە) سۈرىسى»نى ئوقۇيمىز: ﴿بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن﴾(فاتىھە: 6). نامازدا رۇكۇدىن كېيىن: «ئاللاھ ھەمد ئېيتقان كىشىنىڭ ھەمدىنى ئاڭلىدى، رەببىمىز ساڭا كۆپ، پاك، مۇبارەك ھەمدلەر بولسۇن» دەيمىز، بۇ يەنە بىر شۈكۈردۇر. چۈنكى، ناماز ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە زىكىر ئېيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى: ﴿مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن﴾(تاھا: 14). قۇرئان بىزلەرنى ھەج ئىبادىتىدە قۇربانلىقلارنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە شۈكۈر ئېيتقان ھالدا سۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ: ﴿ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھكاملىرىغا يېتەكلىگەنلىكىنى ئۇلۇغلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئاشۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردى﴾(ھەج: 37). بىزلەر روزىدا ھەم ھىدايەتكە شۈكۈر ئېيتىشقا بۇيرۇلدۇق: ﴿(ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامازان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خاھلايدۇ﴾(بەقەرە: 185). مەزكۇر ئايەت ۋە يۇقىرىقى ھەج ئايىتىنىڭ ئەرەبچە لەۋزىدە كەلگەن «التكبر()» ھىدايەتكە بولغان شۈكۈرانە بولۇپ، ھەمد مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تۈپەيلى ئۆتۈملۈك شەكىلدە «علىٰ (ئۇلۇغلىشىڭلار)» بىلەن كەلدى. بۇ خۇددى «سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ھەمد ئېيتقان ھالدا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى» دېگەندەك بولىدۇ. روزىدارلارنىڭ ئۇشبۇ تەكبىرى ئومۇمىي ھىدايەت نېئمىتىگە بولغان شۈكۈرانە بولۇپ، خاس نېئمەتنىڭ شۈكرى بولسا رامازان روزىسىنى تولۇقلاشتۇر.

سەبر بىلەن شۈكۈر مۇئمىننىڭ ھاياتىدىكى ئايرىلماس ھەمراھلاردۇر. چۈنكى، ئىماننىڭ يېرىمى سەبر، يېرىمى شۈكۈردۇر. شۈكۈر مەجبۇرىيىتىمىزنى قانچە كۆپ ئادا قىلساقمۇ ئۇ يەنىلا ئاز، چۈنكى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ: ﴿ئەگەر ئاللاھنىڭ (سىلەرگە بەرگەن) نېئمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر﴾(نەھل: 18) شۈكۈر ئېيتقۇچىلار قانچىلىك كۆپ شۈكۈر ئېيتسۇن، ئۇلارنىڭ شۈكرىسى ئاز بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ سانىمۇ ئىنسانلار ئىچىدە ناھايىتى ئازدۇر: ﴿مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئازدۇر﴾(سەبەﺋ: 13). ﴿نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن﴾(ئىبراھىم: 7) دېگەن خىتابنىڭ ئوبيېكتى (كىشىلەر) دىن بولۇشىمىز ۋە ﴿ئەگەر (كۇفرانى نېئمەت) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ﴾(ئىبراھىم: 7) دېيىلگەن كىشىلەردىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەم شۇنداقلا ھەقىقىي شۈكۈر ئېيتقۇچىلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن، شۈكۈرنىڭ يولىنى ۋەھىينىڭ يورۇتۇپ بېرىشىگە ئېھتىياجىمىز بار.

بىزلەر رامازاندا تىلاۋەت قىلىدىغان «قۇرئان كەرىم» ئىنسان ئوغلىغا رەببىگە شۈكۈر ئېيتىشى ۋە تۇزكورلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان نېئمەتلىرىنى بايان قىلىش بىلەن توشۇپ كەتكەن. ئەگەر بىز قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا ياكى ئاڭلىغاندا ئۇنى كۆزىتەلىسەك ۋە ئاللاھنىڭ بىزگە ئەسلەتكەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىيەلىسەك، شۈكۈر مەجبۇرىيىتىمىزدىن ئازغىنە ئادا قىلغان بولىمىز. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئويلىنىپ بېقىڭ: ﴿ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟﴾(بەلەد 8 _ 10). بىلىڭكى، نېئمەتلەر ھەر ۋاقىت بىزنى قورشاپ تۇرىدۇ. بىز نېئمەتلەر ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرىمىز. كۆنۈپ كەتكەنلىكىمىز تۈپەيلى گاھى ئۇ نېئمەتلەرنى ھېس قىلالمايمىز. مۇجاھىد(1) رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىدە: «بۇ ئاللاھنىڭ ئاشكارا نېئمەتلىرىدىن بىر نېئمەت بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى شۈكۈر ئېيتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا بايان قىلىۋاتىدۇ»(2) دەيدۇ. فۇزەيل بىر كېچىسى بۇ ئايەتنى ئوقۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتى. يىغىسىنىڭ سەۋەبى سورالغاندا ئۇ: «سەن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ساڭا سۆزلەيدىغان تىلنى، كۆرىدىغان كۆزنى ئاتا قىلغانلىقىغا شۈكۈر ئېيتتىڭمۇ؟» دېدى ۋە شۇنداق دېگىنىچە نېئمەتنىڭ تۈرلىرىنى ساناشقا باشلىدى. ئىبنى ئەبىددۇنيا(3) رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا كۆپلەپ مال – دۇنيا ئاتا قىلغان، كېيىن ئۇنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالغان بىر كىشى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇشقا باشلىدى. بايلىقى قولىدىن كەتمىگەن باشقا بىر كىشى ئۇنىڭدىن سورىدى:

— نېمىگە ئاساسەن ئاللاھقا ھەمد ۋە شۈكۈر ئېيتىسەن؟ — ئۇ:

— پۈتۈن ئىنسانىيەت ئىلكىدىكى نەرسىلەرنى بېرىپ تېگىشىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، مەن قوبۇل قىلمايدىغان بىر نېئمەتنىڭ ماڭا بېرىلگەنلىكىگە ھەمد ئېيتىۋاتىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. ھېلىقى كىشى:

— ئۇ نېمە؟ — دەپ سورىۋىدى، ھەمدۇسانا ئېيتقۇچى:

— كۆرمەيۋاتامسەن؟! تىلىم، كۆزلىرىم، قۇلاقلىرىم، قول ۋە پۇتلىرىم بولماي نېمە؟! — دەپ جاۋاب بەردى(4).

ئىنسان ساغلاملىق ۋە خاتىرجەملىكتىن ئىبارەت بەدەن ئۈچۈن ئەڭ كاتتا نېئمەتكە ئېرىشىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئۇشبۇ نېئمەتلەر سايىسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىمۇ مۇمكىن. لېكىن، ئۇ ئاشۇ خاتىرجەملىكنى ۋە ئۆمۈرنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شۈكۈرنى ئادا قىلمىسا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تۆۋەندىكى ھەدىستە ئېيتقاندەك ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان جىنايەتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ: «ئىككى چوڭ نېئمەت بار بولۇپ، كۆپىنچە ئىنسانلار ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. بىرى، سالامەتلىك؛ ئىككىنچىسى، بىكار ۋاقىت»(5).

كىشىلەر بۇ بىلمەسلىكنىڭ قاي دەرىجە ئىكەنلىكىنى پات ئارىدا، قىيامەت كۈنى ئاشۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىش ھەققىدە سورالغان ۋاقىتلىرىدا تونۇپ يېتىشىدۇ: ﴿ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېئمەتلەردىن سوئال – سوراق قىلىنىسىلەر﴾(تەكاسۇر: 8). بىز پات يېقىندا سورىلىدىغان نېئمەتلەر باي – باياشات كىشىلەرگىلا خاس ئەمەس، بەلكى بارلىق مەخلۇقاتلار ھۇزۇر ئېلىۋاتقان نېئمەتلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى بەندىدىن تۇنجى بولۇپ سورىلىدىغان نېئمەتلەر شۇكى: ساڭا جىسمىڭنى ساغلام قىلىپ بەرمىدۇقمۇ؟ سوغۇق سۇ بىلەن ئۇسسۇزلۇقىڭنى قاندۇرمىدۇقمۇ؟»(6)

ئازغىنە سۆز ۋە ئازغىنە ئەمەللەرنى بىزدىن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى شۈكۈر مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق ھېسابلىغان رەھمىتى كەڭرى زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ – ھە؟! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاڭ ئاتقاندا، ‹ئاللاھىم! مەن ۋە مەندىن باشقا سېنىڭ ھەربىر مەخلۇقاتىڭ تاڭ يورۇشى بىلەن ئېرىشكەن ھەربىر نېئمەت پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭ نېئمىتىڭدۇر، سېنىڭ شېرىكىڭ يوقتۇر، ساڭا ھەمد ۋە شۈكۈرلەر بولسۇن› دېگەن كىشى شۇ كۈننىڭ شۈكرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئۇنى كەچتە ئېيتقان كىشى شۇ كېچىنىڭ شۈكرىنى ئادا قىلغان بولىدۇ»(7).

ھەربىر ئەمەل ئىخلاس ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىش بىلەن يۇغۇرۇلسا، ئۇ ئاللاھقا بولغان شۈكۈر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! (ئاللاھنىڭ بۇ چوڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلىڭلار، مېنىڭ بەندىلىرىمدىن (ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلغۇچى بەك ئاز﴾(سەبەﺋ: 13). دېمەك، ھەر ئىش پەقەت نىيەتكە (ۋە ئىزچىللىققا) باغلىقتۇر.

بىز رامازان ئېيىدا بارلىق ئەمەللىرىمىزنى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بىلەن ئورۇندىيالايمىز. شۇڭا، روزىمىز، قىيامىمىز ۋە باشقا ئىبادەتلىرىمىزنى شۈكۈر نىيىتى بىلەن قىلساق، سەبر قىلغۇچىلار ۋە شۈكۈر ئېيتقۇچىلار جۈملىسىدىن بولۇش ئۈچۈن سەبر بىلەن شۈكۈرنىڭ ئارىسىنى جۇغلىغان بولىمىز.

ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ئىلىم ئەھلى ئېيتقاندەك ئىككى تۈرلۈكتۇر:

بىرىنچىسى: ۋاجىپ شۈكۈر. ئۇ ئاللاھ بۇيرۇغان ۋاجىپ ئەمەللەرنى قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئاز قىلغان ياكى چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ سالغانلارنىڭ قىلغان ئەمىلىگە ئوڭ تاناسىپ ھالدا قىلغان شۈكۈرلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇڭلاشقا بەزى سەلەفلەر: «شۈكۈر دېگەن مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزۈشتۇر» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «شۈكۈر ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى ئارقىلىق مەئسىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقتۇر» دەيدۇ. رامازاندا مەئسىيەتلەردىن قول ئۈزگەنلىكىمىز رامازاننىڭ شۈكۈرلىرىدىن سانىلىدۇ.

ئىككىنچى: مۇستەھەپ شۈكۈر. بۇ ئىنساننىڭ پەرزلەرنى ئادا قىلىپ، ھارام ئىشلاردىن ساقلانغىنىدىن كېيىن، نەفلە ئىبادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشى بىلەن بولىدۇ. بۇ (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە) بۇرۇن ئېرىشىدىغان ۋە (ئاللاھقا) يېقىن بولغان كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىدۇر. مانا بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچە نامىزىدا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاكى پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەنگە قەدەر (قىيامدا) تۇرغان شۈكۈردۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سورالغىنىدا مۇنداق دەيتتى: «كۆپ شۈكۈر قىلغۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟»(8)

بىز رامازان كۈنلىرى ئاللاھ ئۈچۈن (تەراۋىھ نامازلىرىدا) تۇرۇشىمىزدا مۇشۇ نىيەتنى ھازىرلىساق، زىكىر بىلەن شۈكۈرنى جەملىگەن بولىمىز.

بىزنىڭ نېئمەتلەرگە ئېيتقان شۈكۈرلىرىمىزنىمۇ مۇكاپاتلاپ ۋە ھەسسىلەپ يەنە بىر نېئمەت قىلىپ بەرگەنلىكى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ گۈزەل پەزل – مەرھەمەتلىرىدىندۇر: ﴿نېئمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن﴾(ئىبراھىم: 7). ئاللاھ تائالا بەندىسىنى دۇنيالىق نېئمەتلەرگە ھەمد ئېيتىش ياكى باشقا تۈردىكى شۈكۈر قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسا، بۇ ئاللاھقا تېخىمۇ سۆيۈملۈك بولغانلىق ۋە ئەڭ كاتتا نېئمەتتۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئۆزىگە ھەمد ئېيتىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بەندىسى غىزالىنىپ ھەمد ئېيتسا، ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ ھەمد ئېيتسا ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ. مەرد، سېخىي كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نېئمەتلەرنى ماختاش، مەدھىيە ئوقۇش ۋە شۈكۈر ئېيتىش مال – دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئۇلار مەدھىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىنى سەرپ قىلىشىدۇ. ئاللاھ تائالا ھۆرمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى، سېخىيلەرنىڭ ئەڭ سېخىيسىدۇر. ئۇ ئاللاھ بەندىلىرىگە نېئمەتلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئۇلاردىن ئۆزىگە سانا ئوقۇش، زىكىر ۋە ھەمد ئېيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇلار ئارقىلىق شۈكۈر ئېيتقانلىقى تۈپەيلى ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان پەزلى بولسىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىغا ئۇ زاتنىڭ ئەسلا ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا بەندىنىڭ ياخشىلىنىشى، نىجاتلىقى ۋە مۇكەممەللىكى باردۇر. ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە شۈكۈر ئېيتىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېئمەتلىرىدىن بولسىمۇ، ئۇلارنى بەندىلىرىگە نىسبەت بېرىشى ئاللاھنىڭ پەزلى قاتارىدىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىغا موھتاج ئەمەس. بۇ خۇددى ئۇلارغا مال – دۇنيا بېرىپ، ئاندىن ئۇلاردىن بەزىسىنى قەرز قىلىپ سورىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ قەرز بەرگەنلىكىنى ماختىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ۋەھالەنكى بارلىق نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكى ۋە پەزلىدىندۇر. لېكىن ئۇنىڭ سېخىيلىقى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئى ئاللاھ! بىزنى ئۆز كەرەمىڭ بىلەن كەرەملىك قىلغىن! نېئمەتلىرىڭگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلاردىن قىلغىن! بىزنى دەرگاھىڭدىكى ھۆرمەتلىك، شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ مەنزىللىرىگە يەتكۈزگىن!… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

 

——————————————–

1. ئەبۇلھەججاج مۇجاھىد ئىبنى جەبر ئەلمەككىي (مُجَاهِدُ بنُ جَبْرٍ المَكِّيُّ الأَسْوَدُ) رەھىمەھۇللاھ (ھ. 21 – 103 / م. 642 – 721) _ ئازادگەردە تابىئىن، ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شاگىرتى. كاتتا فەقىھ ۋە مەككە مۇفەسسىرى. _ ت.
2. سۇيۇتىي: «ئەددۇررۇل مەنسۇر»، 8 – توم، 521 – بەت.
3. ئىبنى ئەبىددۇنيا دەپ تونۇلغان مەزكۇر زاتنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇبەكرى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۇبەيد (عَبْدُ اللهِ بنُ مُحَمَّدِ بنِ عُبَيْدِ القُرَشِيُّ البَغْدَادِيُّ) (ھ. 208 – 281 / م. 823 – 894) _ باغدادلىق مۇھەددىس، تارىخشۇناس، پېداگوگ، ۋائىزدۇر. ئۇ ئۆمرىدە «ئەسسامت»، «شۈكۈر»، «مەكائىدۇششەيتان» ۋە «رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرى» قاتارلىق 150 دىن كۆپ رىسالەلەرنى يازغان ئازادگەردە زاتتۇر. _ ت.
4. ئىبنى ئەبىددۇنيا: «شۈكۈر»، 100 _ 102 – بەتلەر.
5. «بۇخارىي»، 6412 – ھەدىس.
6. «تىرمىزىي»، 3358 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، 5075 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 9750 – ھەدىس. ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «ھەسەن» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1130 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2819 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز