نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش

نامازدىن كېيىن قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ زىكىر ۋە دۇئا قىلىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بەزىلەر: «جۈمە ۋە بەش ۋاقىت نامازدىن كېيىن تارقىلىپ كەتمەي، بىر كىشىنىڭ ئۈنلۈك قىرائەت قىلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى ئاڭلىشى، ئىمامنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ باشچىلىقىدا جامائەت بولۇپ زىكىر («سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر») ۋە دۇئا قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، خۇراپاتتۇر» دەپ پەتۋا بېرىپتۇ. بۇ ئىشلارغا ئىسلام دىنى قانداق قارايدۇ؟ دەلىللىرىچۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

نامازنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە قىرائەت قىلىش، جامائەت بولۇپ ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىر، تەسبىھ ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلار باشقىلارغا ۋاراڭ – چۇرۇڭ قىلغانلىق جەھەتتىن زىيىنى بولمىسا، مۇستەھەب ئىشلاردۇر. بۇلارنىڭ پايدىلىرى كۆپ. مەسىلەن، بىلمىگەنلەر ئۆگىنىۋالىدۇ، يادىدا يوقلار ئەسلەيدۇ.

دەلىللەرگە كەلسەك، قىرائەت قىلىشنىڭ ئۆزى، ئادەتتە، ئىسلام يولغا قويغان مۇستەھەب ئىش، بۇنى قاچان قىلسا بولىدۇ، نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە قىلسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇ چەكلەنمىگەن. نامازنىڭ كەينىدە قىرائەت قىلىش جامائەتكە قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان پۇرسەتلەردىن بىرىدۇر.

دۇئاغا كەلسەك، نامازدىن كېيىنكى ۋاقىت ھەدىستە كەلگىنىدەك دۇئا ئىجابەت قىلىنىدىغان پەيتلەرنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەت بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىشقا تەرغىب قىلغان. ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھدىن: ئى رەسۇلۇللاھ! قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا، «كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدىكى ۋە پەرز نامازلارنىڭ كەينىدىكى» دەپ جاۋاب بەرگەن.(1)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلغان بولۇپ، بۇ، پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلبەتتە، ئىمام بولغان كىشى بۇ سۈننەتنى تاشلاپ قويسا بولمايدۇ.

ئەمر ئىبنى مەيمۇن ئېيتىدۇ: سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىلىرىغا تۆۋەندىكى كەلىمەلەرنى مۇئەللىم كىچىك بالىلارغا خەت يېزىشنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتىپ: رەسۇلۇللاھ ھەر نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمەلەر بىلەن پاناھلىق تىلەيتتى دەيتتى: «ئى ئاللاھ! قورقۇنچاقلىقتىن پاناھلىق تىلەيمەن، بەك قېرىپ كېتىىشىمدىن پاناھلىق تىلەيمەن. دۇنيانىڭ فىتنەسىدىن پاناھلىق تىلەيمەن. گۆر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەيمەن».(2)

سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامىزىدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئۈچ قېتىم «ئەستەغفىرۇللاھ» دەپ مەغپىرەت تىلەيتتى ۋە: «اللهم أنت السَّلَامُ وَمِنْكَ السَّلَامُ تَبَارَكْتَ يا ذَا الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ» دەيتتى.(3)

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى تاماملاپ سالام بەرگەندىن كېيىن: «اللهم اغْفِرْ لي ما قَدَّمْتُ وما أَخَّرْتُ وما أَسْرَرْتُ وما أَعْلَنْتُ وما أَسْرَفْتُ وما أنت أَعْلَمُ بِهِ مِنِّي أنت الْمُقَدِّمُ وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ لَا إِلَهَ إلا أنت» دەپ دۇئا قىلاتتى.(4)

بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇغىنىمىزدا بىزگە يۈزلىنىپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى كۆزلەپ، ئۇ زاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرۇشنى ياقتۇراتتۇق. بەراﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە ئېيتىدۇ: شۇنداق قىلىپ مەن رەسۇلۇللاھنىڭ: «رَبِّ قِنِي عَذَابَكَ يوم تَبْعَثُ عِبَادَكَ (ئى رەببىم! بەندىلىرىڭنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان كۈنى مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغايسەن)» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.(5) بۇلارمۇ ئەلبەتتە، پەرز نامازدىن كېيىن ئىمامنىڭ قىلغان دۇئاسىدۇر. بۇ دۇئالارنى ساھابەلەرنىڭ ئاڭلىغانلىقى، بۇ دۇئالارنىڭ ئۈنلۈك قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ (ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھېچ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ، ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺩﮪﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەممىگە ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ، ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪننى ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪننى ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﯧﻨﯩﯔ تائىتىڭنىڭ ئورنىغا ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ)» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.(6) بۇ تۈرلۈك زىكىرلەرمۇ مەزمۇن جەھەتتىن دۇئادىن ئىبارەتتۇر.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىمام ۋە جامائەتنىڭ يالغۇز دۇئا قىلىشىنىڭ سۈننەتلىكىدە گەپ يوق. بۇ يەردە پەقەت «پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىمام ياكى مۇئەززىن دۇئا قىلسا، باشقىلار ئامىن دېسە بىدئەت بولامدۇ» دېگەن مەسىلىدە قاراش ئوخشاشماسلىق بولغان. شەرىئەتتە بىر كىشى دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دېسە بولمايدۇ دەيدىغان چەكلىمە يوق.

بەزىلەر سوئال قويۇپ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئانى جامائەت بولۇپ قىلمىغان، دېيىشى مۇمكىن. توغرا، دۇئانى جامائەت بولۇپ قىلمىغان بولسا، بۇنى سۈننەت دەۋالمايمىز، مۇستەھەب دەيمىز. ئەگەر قىلغان بولسا، مۇستەھەب بولۇپلا قالماي، بەلكى سۈننەت بولۇپ كېتەتتى.

بۇنىڭ مۇستەھەبلىكى خاس دەلىلگە موھتاج ئەمەس، چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ﴿قۇللىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن﴾(2/«بەقەرە»: 186) دېگەن ئايەتىنىڭ ئومۇملۇقى دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئايەتتىكى «دۇئا قىلغۇچى» دېگەن مەنىدىكى «الداع» دېگەن سۆز «ئەلىف»، «لام» بىلەن كەلگەن بولۇپ، بۇ ئەرەب تىلىدا ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ. نەتىجىدە، قولىنى كۆتۈرگەننىمۇ، كۆتۈرمىگەننىمۇ، جامائەت بىلەن دۇئا قىلغاننىمۇ، يالغۇز دۇئا قىلغاننىمۇ، پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلغاننىمۇ ئوخشاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿رەببىڭلار دېدى: مەندىن تىلەڭلار، ئىجابەت قىلىمەن﴾(40/«غافىر»: 60) دېگەن.

بۇ خىتاب يالغۇز كىشىلەرگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كۆرۈنۈشتە جامائەتكە قارىتىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، جامائەت ھالىتىدە دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان بولىدۇ.

يەنە تېخى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆيىدە نەفلە نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇپ بەرگەن ۋە نامازدىن كېيىن ئۆي ئىگىلىرىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ياخشىلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئانىسى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھدىن دۇئا ئالغان.(7) بۇ ھەدىسمۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازدىن كېيىن جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلبەتتە، رەسۇلۇللاھ ئۈنلۈك دۇئا قىلغان ۋە ئۇنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئانىسى ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئامىن دېمەسلىكى ناتايىن.

يەنە بىر ھەدىستە ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللارنى ھېيت نامازلىرىغا چىقىشقا بۇيرۇپ: «تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﯞﻩ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ، مۇئمىنلەﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ، ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.(8)

يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۇممۇ ئەتييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﭼﯩﻤﯩﻠﺪﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ، ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭىكىتىنى ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﮪﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻙ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻻﺗﺘﯘﻕ» دېگەن.(9)

بۇ ھەدىسلەردىمۇ ھېيت نامىزىدىكى دۇئالارغا قاتنىشىش ئالاھىدە تەرغىب قىلىنغان. بۇمۇ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشقا دەلىل بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلمىغانلىقى، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى بۇيرۇق ۋە پەزىلەتنىڭ ئومۇملۇقى ھەققىدىكى ھۆكۈملەرنى خاسلاشتۇرۇشقا دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئومۇم ھۆكۈم ئومۇملۇقىدا قېلىۋېرىدۇ. يەنە دۇئا قىلماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە كۆرسەتمە بەرمىگەنلىكىمۇ، بۇ ئىشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پەرز نامازلاردىن كېيىنكى ۋاقىت دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن بولغاندىن كېيىن، دۇئا ئارقىلىق ئىماننى ئويغىتىش ۋە توغرا ئەقىدىنى ئۆگىتىش كۆزدە تۇتۇلسا، جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىش مۇستەھەبلىكى تەكىتلىنىدۇ.

يۇقىرىقى دەلىللەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەرز نامازلاردىن كېيىن ئىمام ياكى مۇئەززىن دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دەپ جامائەت بولۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش قاتارلىق بىرنەچچە ئىشنىڭ بىرىككەن شەكلى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىم ھەدىس كەلمىگەن. لېكىن، ھەربىرىنىڭ ئايرىم دەلىللىرى كەلگەن. بىرىككەن شەكلى ھەققىدە ئايرىم دەلىل تېپىلمىغان ئەھۋالدا ئومۇم دەلىللەرگە ئەمەل قىلىشقا بولىدۇ. بىر ئىشقا يا ئايرىم، يا ئومۇم دەلىل تېپىلمىغاندا ئاندىن ئۇ ئىش بىدئەت بولىدۇ. پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بولۇپ قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشمۇ، ئومۇم دەلىل دائىرىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، يەنە تېخى رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز نامازدىن كېيىن دۇئا قىلغانلىقى، نەفلە نامازدىن كېيىنمۇ جامائەت بىلەن دۇئا قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بولغاچقا، ھېيت نامازلاردا جامائەت دۇئاسىغا قاتنىشىش تەرغىب قىلىنغان بولغاچقا، بۇنى بىدئەت دېگىلى بولمايدۇ. بولمىسا ئومۇم دەلىللەرنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئومۇملۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىر ئىشقا ئايرىم دەلىل يوق دېيىلىپ ئومۇم دەلىللەرگە ئەمەل قىلىنماي قالىدۇ. ھالبۇكى، كۆپ مەسىلىلەرنىڭ دەلىللىرى ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر بولىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ۋە ياخشىلىق قىلىڭلاركى، نىجاتلىققا ئېرىشكەيسىلەر﴾(22/«ھەج»: 77) دېگەن بۇيرۇقى مەلۇم بىر چەكلىمىگە تاقىشىپ قالمىسىلا بەندىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا قىلىنغان بۇيرۇقتۇر. جەڭگاھلاردا قارىيلارنىڭ قىرىلىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ كېتىپ، قۇرئاننىڭ كۆپ قىسمى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، قۇرئاننى توپلاپ قويۇش ھەققىدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەكلىپ بەرگەندە، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىلمىغان ئىشنى قىلسام قانداق بولىدۇ؟» دېگەن. ئۆمەر: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ياخشى ئىش» دېگەن، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلى قانائەت تاپقان ۋە زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇرئاننى توپلاشقا بۇيرۇغان.(10)

دۇئا قىلىش ھەققىدىكى بۇيرۇقمۇ بىرەر زامان، ياكى ماكان، ياكى يالغۇزلۇق ياكى جامائەت، ياكى قول كۆتۈرۈش، ياكى نېمە دۇئا قىلىش بىلەن چەك قويۇلماستىن: ﴿رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار﴾، ﴿ماڭا دۇئا قىلىڭلار﴾ ﴿مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن﴾، ﴿ھەقىقەتەن رەببىم دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر﴾ دەپ ئومۇملۇق ھالىتىدە كەلگەن. بۇ بۇيرۇق ۋە كۆرسەتمىلەر پەرز نامازلاردىن كېيىنكى ۋاقىتنىمۇ، جامائەت ھالىتىنىمۇ، قول كۆتۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئەلبەتتە. شۇڭا، بۇ ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلىدىغان ئايرىم بىر دەلىل كەلگەن تەقدىردە، ئاندىن شۇ ئىش بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. مەسىلەن، 2/«بەقەرە»: 200 – ئايەتتە ئاخىرەتنى تىلىمەي دۇنيالىقنىلا تىلەش ھەققىدە ئايرىم چەكلىمە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ئىش مەزكۇر ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلىنغان.

ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەرز نامازلاردىن كېيىن جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلىشمۇ ئايرىم دەلىلگە قاراشلىق ئەمەس، بەلكى دەلىلگە زىت كەلمىگەندىن كېيىن، ئۆگىتىش جەھەتتىن پايدىلىق بولغاچقا، مۇستەھەبلىك دائىرىسىدە قالىدۇ. ئايرىم چەكلىمە كەلسە ئاندىن ئومۇملۇقتىن مۇستەسنا قىلغىلى بولىدۇ.

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشنى ئاشۇ شەكىلدە قىلمىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ بىدئەتلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، باشقا ئومۇم دەلىللەر بار.

ئايەتلەردىكى ئومۇملۇق زىكىر سورۇنلىرى پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن بۇ ھەدىس بىلەنمۇ تەكىتلىنىدۇ: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ يوللاردا ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار زىكىر ئەھلىنى ئىزدىشىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا زىكرى ئېيتىۋاتقان بىرەر قەۋمنى ئۇچرىتىپ قالسا، بىر – بىرىنى:

ــ تېز بۇياققا كېلىڭلار! ئىزدىگىنىڭلار تېپىلدى، ــ دەپ چاقىرىشىپ، ئۇلارنى بىرىنچى ئاسمانغا قەدەر قاناتلىرى بىلەن ئورۇۋېلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلاردىن ئوبدان بىلىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇلاردىن:

ــ بەندىلىرىم نېمە دېيىشىۋاتىدۇ؟ ــ دەپ سورايدۇ. پەرىشتىلەر:

ــ ئۇلار ساڭا تەسبىھ ئېيتىۋاتىدۇ، تەكبىر ئېيتىۋاتىدۇ، ھەمدۇ ئېيتىۋاتىدۇ، سېنى ئۇلۇغلاۋاتىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ــ ئۇلار مېنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

ــ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار سېنى كۆرۈپ باقمىغان.

ــ ناۋادا ئۇلار مېنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

ــ ناۋادا ئۇلار سېنى كۆرگەن بولسا ساڭا تېخىمۇ قاتتىق ئىبادەت قىلغان بولاتتى، سېنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇلۇغلاپ، ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ساڭا تېخىمۇ كۆپ تەسبىھ ئېيتقان بولاتتى.

ــ ئۇنداقتا ئۇلار مەندىن نېمە سورىشىۋاتىدۇ؟

ــ سەندىن جەننەتنى سورىشىۋاتىدۇ.

ــ ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

ــ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

ــ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

ــ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھېرىسمەن بولغان بولاتتى، تېخىمۇ قاتتىق تىلىگەن بولاتتى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق خۇشتار بولاتتى.

ــ ئۇنداقتا ئۇلار نېمىدىن پاناھلىق تىلىشىۋاتىدۇ؟

ــ دوزاختىن.

ــ ئۇلار ئۇنى كۆرۈپتىكەنمۇ؟

ــ ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى رەببىمىز، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان.

ــ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، قانداق زىكىر ئېيتىپ كېتەر ئىدى؟

ــ ناۋادا ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسا، دوزاختىن تېخىمۇ بەك قاچقان بولاتتى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قاتتىق قورققان بولاتتى،

ــ ئۇنداق بولسا سىلەرنى گۇۋاھ قىلىمەنكى، مەن ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىۋەتتىم. پەرىشتىلەردىن بىرى:

ــ ئۇلارنىڭ ئىچىدە (گۇناھكار) پالانىمۇ بار، ئۇ ئۇلاردىن ئەمەس، ئۇ بىر ئىش ئۈچۈن كېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ قالغان، ــ دەيدۇ. پەرۋەردىگار:

ــ ئۇلار بىر سورۇندا ئولتۇرغانلاردۇر، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان كىشى ئۇلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن بەختسىزلىككە يولۇقمايدۇ، ــ دەيدۇ»(11).

بۇ ھەدىستە دۇئانىمۇ زىكىر دەپ ئاتاش بىلەن بىللە، دۇئانىڭ جامائەت ھالىتىدە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ ھالەت، بىرى دۇئا قىلسا، باشقىلار «ئامىن» دېيىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىستىمۇ شۇنداق ئومۇملۇق كەلگەن. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر سورۇندىن تۇرغىنىدا ساھابەلىرىگە مۇشۇ دۇئانى قىلماي قالمايتتى: «اللَّهُمَّ اقْسِمْ لَنَا مِنْ خَشْيَتِكَ مَا يَحُولُ بَيْنَنَا وَبَيْنَ مَعَاصِيكَ ، وَمِنْ طَاعَتِكَ مَا تُبَلِّغُنَا بِهِ جَنَّتَكَ ، وَمِنَ اليَقِينِ مَا تُهَوِّنُ بِهِ عَلَيْنَا مُصِيبَاتِ الدُّنْيَا ، وَمَتِّعْنَا بِأَسْمَاعِنَا وَأَبْصَارِنَا وَقُوَّتِنَا مَا أَحْيَيْتَنَا ، وَاجْعَلْهُ الوَارِثَ مِنَّا ، وَاجْعَلْ ثَأْرَنَا عَلَى مَنْ ظَلَمَنَا ، وَانْصُرْنَا عَلَى مَنْ عَادَانَا ، وَلاَ تَجْعَلْ مُصِيبَتَنَا فِي دِينِنَا ، وَلاَ تَجْعَلِ الدُّنْيَا أَكْبَرَ هَمِّنَا ، وَلاَ مَبْلَغَ عِلْمِنَا ، وَلاَ تُسَلِّطْ عَلَيْنَا مَنْ لاَ يَرْحَمُنَا».(12)

رەسۇلۇللاھنىڭ پەرز نامازدىن كېيىنكى ئولتۇرغان سورۇنىمۇ مەزكۇر ھەدىستىكى سورۇنلار قاتارىدا، ئەلبەتتە. چۈنكى كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن ھەدىستە: «سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى سورۇنىدا ئولتۇرغان ۋاقتىدا ئالدىغا كېلىپ سالام بېرەتتىم» دېگەن.(13)

قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، تۈرلۈك ئەھۋاللاردا دۇئا قىلغاندا قول كۆتۈرۈش ھەققىدە كەلگەن يۈزگە يېقىن ھەدىس پەرز نامازدىن كېيىنكى دۇئادىمۇ قول كۆتۈرۈشنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېلىنىدىغان دەلىللەر بىلەن بىللە تەھلىل قىلغىنىمىزدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەرز نامازدىن كېيىن مۇشۇ تەرىقىدە دۇئا قىلمىغانلىقى بۇنىڭ سۈننەتلىكىنى كۆرسەتمىگەندەك، بىدئەتلىكىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام شاتىبىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ بۇ خىلدىكى دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزىنى بىدئەت دېمىگەن. بەلكى ئىزچىل شۇنداق قىلىشنى توغرا تاپماي: «بىز دەيمىزكى، ئۆلىمالار نامازدىن كېيىنكى زىكىر ۋە دۇئاغا ئوخشاش ئىشلاردا ئۇنى مۇستەھەبتۇر، سۈننەت ياكى ۋاجىب ئەمەستۇر دېيىشىدۇ» دېگەن.(14)

مەيلى ئىمام شاتىبىي بولسۇن، مەيلى ھازىرقى سەلەفىي ئېقىمدىكى ئالىملار بولسۇن، پەرز نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنى مۇتلەق بىدئەت دېمەيدۇ. بەلكى، ئىزچىل شۇنداق قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەزىدە قىلسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇلار ئىزچىل قىلىنغان تەقدىردە، بۇنى زادى قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىب ئىش دەپ چۈشىنىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىشنى مۇستەھەب دېيىش ئارقىلىق بۇنداق خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ساھابەلەرنىڭ چۈشۈنىشىگە قارايدىغان بولساقمۇ، بىرەر ئومۇم دەلىلگە تايىنىپ بىر خىل ئىبادەتنى ئىزچىل قىلىش چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنمىگەن.

ئەنەس ئىبنى مالك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ قۇباﺋ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪىدە جامائەتكە ﺋﯩﻤﺎﻡ بوﻻﺗﺘﻰ، ﺋﯘ ﮪﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﺩﺍ ﺳﯜﺭﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ‹ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ›ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﴿‏قۇل‏ ھۇۋەللاھۇ ئەھەد﴾(112/«ﺋﯩﺨﻼس»)نى ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯜﺭﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯘ ﮪﻪﺭ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:

— ﺳﻪﻥ ‹ﻓﺎﺗﯩﮭﻪ›ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪﻥ، ﻳﺎ ﺷﯘ )ﺳﯜﺭﻩ ﺋﯩﺨﻼس) نىلا ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻦ، — ﺩﯦﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯘ:

— ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺧﺎھلىساﯕﻼﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻱ، ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻱ، — ﺩﯦﺪﻯ.

ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ئۆز ئىچىدىكى ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ خاھلىماي، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺋﻰ ﭘﺎﻻﻧﻰ! ﺳﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ، ﮪﻪﺭ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺴﻪﻥ؟ — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ:

— ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ، — ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، — ﺩﯦﺪﻯ».(15)

 دېمەك، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى بۇ سۈرىنى ئاشۇ شەكىلدە ئىزچىل ئوقۇمىغان بولسىمۇ، نامازدا قۇرئان ئوقۇش ھەققىدىكى ئومۇم دەلىلگە تايىنىپ نامازدا بىر سۈرىنى ئاشۇ شەكىلدە ئىزچىل ئوقۇغان ساھابەنىڭ ئىشىنى ماقۇللىغان.

خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئومۇميۈزلۈك ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان كۆرسەتمىلەرگە تايىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويغان.(16)

دېمەك، ئومۇم دەلىللەر بۇ ئىشنىڭ بىدئەت بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا يېتەرلىك.

ھەرھالدا، بۇ تۈرلۈك ئىشلار ئالىملار ئوتتۇرىدىكى ئىجتىھادىي مەسىلىلەر بولغاچقا، باشقىلارنىڭ تاللىغان يولىنى بىدئەت دەۋەتمەسلىك لازىم. بولمىسا بىرمۇ ئالىم بىدئەت بىلەن قارىلىنىشتىن ساقلىنالمايدۇ.

ئەمدى نامازنىڭ كەينىدە جامائەت بولۇپ ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىر، تەسبىھ ئوقۇش مەسىلىسىگە قاراپ باقايلى:

مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ: «لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لاَ مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلاَ مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلاَ يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ (ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھېچ ﺋﯩﻼﮪ ﻳﻮﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ، ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪﺩﮪﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەممىگە ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ، ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ! ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪننى ﺗﻮﺳﻘﯘﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﻪﻥ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪننى ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﺳﯧﻨﯩﯔ تائىتىڭنىڭ ئورنىغا ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻘﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ)» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. مۇسلىم رىۋايەتىدە: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن سالام بەرگىنىدە ئاشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان» دەپ كەلگەن.(17)

ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ زىكىرنى ئۈنلۈك دېمىگەن بولسا، مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنى قانداق ئاڭلىغان؟

ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھەر نامازدىن كېيىن سالام بېرىپ بولۇپ مۇنداق دەيتتى: «لَا إِلَهَ إلا الله وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ له له الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وهو على كل شَيْءٍ قَدِيرٌ لَا حَوْلَ ولا قُوَّةَ إلا بِاللَّهِ لَا إِلَهَ إلا الله ولَا نَعْبُدُ إلا إِيَّاهُ له النِّعْمَةُ وَلَهُ الْفَضْلُ وَلَهُ الثَّنَاءُ الْحَسَنُ لَا إِلَهَ إلا الله مُخْلِصِينَ له الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ (يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، بارچە مەخلۇقات ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچ كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر، يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، بىز ئۇنىڭدىن باشقىغا ئىبادەت قىلمايمىز، بارلىق نېمەتلەر ئۇنىڭدۇر، بارلىق پەزلى – مەرھەمەتلەرمۇ ئۇنىڭدۇر، گۈزەل ھەمدۇسانالارمۇ ئۇنىڭدۇر، بارلىق كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ھەق دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا، (يالغۇز) ئاللاھقا ئىبادەت قىلغان ھالدا: يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دەيمىز)» ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەنە مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاشۇ سۆزلەرنى ھەر نامازدىن كېيىن ئۈنلۈك دەيتتى.(18)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازى بىلەن دەيتتى» دەپ كەلگەن.(19)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: پەرز نامازدىن يانىدىغاندا جامائەتنىڭ زىكىر ئېيتىپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاقتىدا بار بولغان ئىش ئىدى. مەن زىكىرنى ئاڭلاپ جامائەتنىڭ نامازدىن يانغانلىقىنى بىلەتتىم. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنىڭ تامام بولغانلىقىنى تەكبىر ئېيتىش بىلەن بىلەتتىم.(20)

نامازدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىماملىق سۈپىتى بىلەن ئۈنلۈك زىكىر – تەسبىھ ئېيتقانلىقى ھەققىدە يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن قوشۇپ يىگىرمىدىن ئارتۇق سەھىھ ھەدىس بار.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن كېيىنكى زىكىرلەرنى ئۈنلۈك دېگەن بولسا، ئۈنلۈك دېگەندىمۇ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ دېگەن بولسا، بۇ قانداقسىگە بىدئەت بولسۇن؟ ئەكسىچە، سۈننەت بولىدۇ.

«سۇبھانەللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندەك زىكىرلەرنىمۇ، ئىمام يېتەكچى بولۇپ ئۈنلۈك ئېيتسا، باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىچىدە ئېيتسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ، باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئۇسۇل بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقىلارغا ئۆگىتىش مەقسىتىدە قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇيدىغان بەزى نامازلاردا بىرەر ئايەتنى ئۈنلۈك ئوقۇپ قوياتتى.

ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پېشىن نامىزىنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئىتىنىڭ ھەربىرىدە «فاتىھە» بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيتتى، ئاۋۋالقى رەكئەتنى ئۇزۇن، ئىككىنچى رەكئەتنى قىسقا ئوقۇيتتى. بەزىدە بىرەر ئايەتنى بىزگە ئاڭلىتىپ ئوقۇيتتى.(21)

ئاڭلىتىپ ئوقۇپ قويۇشى ئاشۇ رەكئەتتە قۇرئان ئوقۇغانلىقىنى، قايسى سۈرىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى جامائەتكە ئۆگىتىش مەقسىتىدە ئىدى.

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ خەلىفە ۋاقتىدا ئىمام بولغاندا، جامائەتكە ئۆگىتىش مەقسىتىدە نامازغا قۇلاق قاققاندىن كېيىنكى: «سۇبھانەكەللاھۇممە ۋە بىھەمدىكە… » دېگەن تەسبىھنى ئۈنلۈك ئوقۇپ قوياتتى.(22) بۇمۇ، ئۆگىتىش مەقسىتىدە قەستەن ئۈنلۈك ئوقۇشتۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دىيارىمىزدا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ زىكىر، تەسبىھ، دۇئا ۋە قۇرئان ئۆگىنىش پۇرسىتىنى بىدئەتكە قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن يوقىتىۋېتىشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەتتۇر.

بۇنداق ئىشلارنىڭ سۈننەت بولمىغانلىرىنى سۈننەت دەۋالماي، مۇستەھەب دېسە ياكى ئۆگىتىش ھەم ئىسلام پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 13 – جامادىيەلئەۋۋەل / م. 2011، 17 – ئاپرېل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 116 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————–
1. «تىرمىزىي»، (3499). ئالبانىي ھەسەن» دېگەن.
2. «بۇخارىي»، (2822).
3. «مۇسلىم»، (591).
4. «مۇسلىم»، (771). يەنە بىر رىۋايەتتە: «تەشەھھۇد بىلەن سالام بېرىش ئارىلىقىدا دەيتتى» دەپ كەلگەن. بۇ ئىككى رىۋايەت بىر – بىرىگە زىت بولماستىن، بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ بەزىدە سالامدىن بۇرۇن، بەزىدە سالامدىن كېيىن ھەر ئىككى ئورۇندا شۇنداق دۇئا قىلغانلىقىنى ئىپساتلايدۇ.
5. «مۇسلىم»، (709).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (844)؛ «مۇسلىم»، (593).
7. «مۇسلىم»، (660).
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (980)؛ «مۇسلىم»، (890).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (971)؛ «مۇسلىم»، (890).
10. «بۇخارىي»، (4679).
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (6408)؛ «مۇسلىم»، (2689).
12. «تىرمىزىي»، (3502). ئالبانىي «سەھىھ» دېگەن.
13. «بۇخارىي»، (4418).
14. شاتىبىي: «ئەلئىئتىسام»، 1/351.
15. «بۇخارىي»، (774).
16. «بۇخارىي»، (3045).
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (844)؛ «مۇسلىم»، (593).
18. «مۇسلىم»، (594).
19. ئەبۇلئابباس: «مۇسنەدۇل ئىمامىششافئىي»، (191).
20. «بۇخارىي»، (841، 842).
21. «بۇخارىي»، (759).
22. «مۇسلىم»، (399). «مۇرسەل» رىۋايەت قىلىنغان، دارەقۇتنىي «مۇتتەسىل» رىۋايەت قىلغان. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 1/322.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ