دەمىدە قىلىشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇرئاندىن مەلۇم مىقداردا ئوقۇپ، سۇ، قۇرۇق مېۋە – چېۋە ياكى قەنت – ناۋاتلارغا سۈفلەپ ئىچىدىغان ئىشلار بار. ھەتتا بەزى جايلاردا ئىچىگە قۇرئان ئايەتلىرى ئويۇلغان چەينەكلەرنى ساتىدىكەن، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: بۇنداق چەينەكتە سۇ ئىچسە دەمىدە قىلىپ ئىچكەن بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمى نېمىكىن؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

دەمىدە قىلىش: سۇ ۋە ياكى يېمەكلىككە ئوخشاش بىرەر نەرسىگە قۇرئان ئايەتلىرىنى ياكى دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ، دەم سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دېمىدىدىن پايدىلانماقچى بولغان بىمار ئاشۇ نەرسىلەرنى شىپالىق دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىدۇ.

بۇ شەكىلدە دەمىدە قىلىش جائىز. تۆۋەندە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى دەلىللىرى بىلەن بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1. قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن دۇئالارنى ئوقۇپ، قولىغا سۈفلەپ بەدىنىنى سىلاش سۈننەتتۇر.

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ياخشى چۈش ئاللاھ تەرىپىدىن، يامان چۈش شەيتاندىن بولىدۇ. بىرەرسىڭلار يامان چۈش كۆرۈپ قالسا، ئويغانغاندا ئۈچ قېتىم سۈفلىۋەتسۇن، ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھتىن پاناھلىق تىلىسۇن، شۇنداق قىلسا، ئۇ چۈش ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ». ئەبۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن چۈش كۆرسەم (ئۇنىڭ يامانلىقىدىن) ماڭا تاغدىنمۇ ئېغىر كېلەتتى، بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغىنىمدىن تارتىپ ئۇنداق چۈشلەرگە پەرۋا قىلمايدىغان بولدۇم».([1])

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى ياتقاندا ئىككى ئالىقىنىغا ﭽﭑ ﭒ ﭓ ﭔﭼ (ئېيتقىنكى، ئۇ ئاللاھ بىردۇر.) دېگەن سۈرىنى، ﭽ ﭤ ﭥ ﭦ ﭧﭼ (ئېيتقىنكى، سۈبھىنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن سۈرە بىلەن ﭽ ﮀ ﮁ  ﮂ ﮃﭼ (ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ رەببى بىلەن پاناھلىق تىلەيمەن.) دېگەن پاناھلىق تىلەش (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق) سۈرىلىرىنى([2]) ئوقۇپ سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى ئالىقىنى بىلەن يۈزىنى، بەدىنىنىڭ قولى يەتكەن جايلىرىنى سىلايتتى». ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاغرىپ قالغاندا مېنى ئۇنىڭغا ئاشۇنداق قىلىپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى». يۇنۇس مۇنداق دېدى: «مەن ئىبنى شىھابنىڭ ياتقاندا شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن».([3])

2. ئايەت ۋە دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلەپ قويغان كىشى قولى بىلەن باشقىلارنى سىلاپ قويسا بولىدۇ. لېكىن يات ئاياللار بىلەن يات ئەرلەر ئوتتۇرىسىدا بۇنداق داۋالاشقا بولمايدۇ.

مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «أَذْهِبِ الْبَاسَ رَبَّ النَّاسِ، وَاشْفِ أَنْتَ الشَّافِي، لاَ شِفَاءَ إِلاَّ شِفَاؤُكَ، شِفَاءً لاَ يُغَادِرُ سَقَمًا‏» (ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن، شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي) دەپ ئوڭ قولى بىلەن سىلىغان ھالىتىدە بەزىلەرگە دەم سالاتتى». سۇفيان مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ھەدىسنى مەنسۇرغا سۆزلەپ بەرسەم، ئۇ ماڭا ئىبراھىمدىن مەسرۇق ئارقىلىق ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئاشۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلىپ بەردى».([4])

زۇھرى ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرى (ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس قاتارلىق) نى ئوقۇپ ئۆزىگە ئۆزى سۈفلەيتتى، كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ سۈرىلەرنى مەن ئوقۇپ ئۇنىڭغا سۈفلەپ قوياتتىم، بەرىكەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز قولى بىلەن بەدىنىنى سىلىتىپ قوياتتىم». مەئمەر دەيدۇ: زۆھرىدىن:

–       قانداق سۈفلەيدۇ؟ – دەپ سورىسام، ئۇ:

–       ئىككى قولىغا سۈفلەيتتى، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى، – دېدى.([5])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە، دەم سالغاندا سۈفلەشنىڭ مۇستەھەپلىكىگە دەلىل بار، بارلىق ئالىملار بۇنىڭ جائىزلىقىغا ئىجما قىلغان. ساھابە – تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنى مۇستەھەپ، دەپ قارىغان».([6])

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە يەنە، قۇرئان ۋە زىكىر بىلەن دەم سېلىشنىڭ مۇستەھەپلىكىگە دەلىل بار. پاناھلىق تىلەش سۈرىلىرىنى ئوقۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ سۈرىلەر يامان كۆرۈلىدىغان بارلىق ئەزىيەتلەردىن ھەم ئومۇم قىلىپ، ھەم تەپسىلىي قىلىپ پاناھلىق تىلەشنى جەملىگەن».([7])

3. قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقا مەزمۇنى توغرا دۇئالارنى ئوقۇپ سۈفلىسە بولىدۇ.

ئابدۇلئەزىز رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: سابىت بىلەن ئىككىمىز، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كىردۇق، سابىت:

– ئى ئەبۇ ھەمزە! مەن كېسەل بولۇپ قالدىم، – دېۋىدى، ئەنەس:

– مەن ساڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەمىدە دۇئاسى بىلەن دەم سېلىپ قويايمۇ؟ – دېدى.

– شۇنداق قىلغىن، – دېۋىدى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:

– اللَّهُمَّ رَبَّ النَّاسِ مُذْهِبَ الْبَاسِ اشْفِ أَنْتَ الشَّافِي لاَ شَافِيَ إِلاَّ أَنْتَ، شِفَاءً لاَ يُغَادِرُ سَقَمًا‏ (ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، كېسەللىكنى كۆتۈرۈۋەتكۈچى، شىپالىق بەرگىن، سەنلا شىپالىق بەرگۈچىسەن، سەندىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوقتۇر، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي).([8])

مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىدىن بەزىسىگە پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ، ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ: ‹ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوق، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي› دەپ دەم سالاتتى».([9])

ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاغرىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن، ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! شىپالىق سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، ئۇنى سەندىن باشقا ساقايتقۇچى يوقتۇر» دەپ دەم سالاتتى.([10])

ئەمرە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەلگە: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، بۇ، زېمىنىزنىڭ توپىسىدۇر، بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن بىرلەشكەندۇر. رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن ئاغرىقچانلىرىمىز شىپالىق تاپقاي!» دەپ دەم سالاتتى.([11])

ئەمرە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەلگە: «بۇ، زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر، بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكىدۇر. ئاغرىقچانلىرىمىز رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن شىپا تاپقاي!» دەپ دەم سالاتتى».([12])

مۇسلىم رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «بىرەر ئىنساننىڭ بىرەر يېرى ئاغرىپ قالسا ياكى ئۇنىڭدا بىرەر يارا ياكى جاراھەت بولغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارمىقىنى مۇنداق قويۇپ تۇرۇپ – بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان سۇفيان بىگىز بارمىقىنى زېمىنغا قويۇپ ئاندىن كۆتۈردى – مۇنداق دەم سالاتتى: ‹ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، بۇ زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر، بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن بىرلەشكەندۇر. ئاغرىقچانلىرىمىز رەببىمىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن شىپالىق تاپقاي!› ».([13])

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە، بارلىق ئاغرىقلاردىن دەم سېلىشنىڭ جائىزلىقىغا، بۇ ئىشنىڭ ساھابىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، ھەممىگە مەلۇم بىر ئىش ئىكەنلىكىگە دەلىل بار».([14])

بۇ ھەدىسلەردىكى تۈكۈرۈك بىلەن دەم سېلىپ سۈفلەش ئۇسۇلىنى ئىمام نەۋەۋى مۇنداق كۆرسەتكەن: «ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازراق تۈكۈرۈكىنى بىگىز بارمىقىغا ئېلىپ ئاندىن ئۇنى توپىغا مىلەپ، مەزكۇر سۆزنى ئېيتقاچ ئاغرىق ياكى يارىلانغان يەرگە سۈركەشتۇر».([15])

بەزى ئالىملار تېببىي جەھەتتىن توپىنىڭ يارىنى ساقايتىشتا، ئاغرىقنى پەسەيتىشتە رولى بار دەپمۇ قارىغان. ھاپىز ئىبنى ھەجەرنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئىمام بەيزاۋى مۇنداق دېگەن: «تېببىي تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، تۈكۈرۈكنىڭ يارىنى پىشۇرۇشتا، مىجەزنى مۆتىدىل قىلىشتا رولى بار. ئانا ۋەتەن توپىسىنىڭمۇ مىجەزنى نورمال ساقلاشتا، زىياندىن مۇداپىئە قىلىشتا تەسىرى بار. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە: مۇساپىر كىشى ئۆز ۋەتىنىنىڭ سۈيىنى بىللە ئېلىپ ماڭالمىغان ئەھۋالدا، ئۆز ۋەتىنىنىڭ توپىسىنى بىللە ئېلىۋېلىشى كېرەك، باشقا تۈرلۈك سۇ بويلىرىدىن ئۆتكىنىدە، سۇ تۇلۇمىغا ئاشۇ ئانا ۋەتەن توپىسىدىن ئازراق تاشلىۋەتسە، تۈرلۈك يات سۇلارنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دەم سېلىش ۋە سۈفلەشلەرنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىرى بار بولۇپ، ئەقىللەر بۇنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ».([16])

يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىسلەردە «بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن بىرلەشكەندۇر»، «بۇ، زېمىنىمىزنىڭ توپىسىدۇر» دەپ كەلگەن بولغاچقا، بەزى ئالىملار بۇنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن مەدىنە مۇنەۋۋەرە توپىسىغا خاس دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ياكى مەدىنە زېمىنىغا خاس ئەمەس، بەلكى ھەرقانداق دەم سالغۇچى بىلەن ھەرقانداق زېمىنغا قارىتا ئومۇمەن ئوخشاش، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بۇ شىپالىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرئان ۋە دۇئا بىلەن بىللە بولغان تۈكۈرۈك بىلەن توپىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن مەدىنىنىڭ توپىسىدا ئالاھىدە بەرىكەت بولسىمۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا ساھابىلارمۇ تۈكۈرۈكى بىلەن دەمىدە قىلغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، بۇ ئىش خاس ئىش ئەمەس.

4. دەم سالغاندا تۈكۈرۈكسىز سۈفلىسىمۇ، تۈكۈرۈك بىلەن سۈفلىسىمۇ بولىدۇ.

بەزىلەر تۈكۈرۈكسىز دەم سالىدۇ، تۈكۈرۈك بىلەن دەم سالسا بولمايدۇ، دەپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، سەھىھ ھەدىسلەردە تۈكۈرۈك بىلەن دەم سالسا بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىللىرى كۆپ.

يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىسلەردە: «بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكى بىلەن بىرلەشكەندۇر»، «بىرىمىزنىڭ تۈكۈرۈكىدۇر» دەپ ئېنىق كەلگەن.

ئەبۇل مۇتەۋەككىل رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر سەپەرگە چىقىپ ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىرىگە چۈشۈپ، ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى مېھمان قىلىشنى سورىۋىدى. بۇنىڭغا ئۇلار ئۇنىمىدى. شۇ چاغدا قەبىلە باشلىقىنى چايان چېقىۋالدى. ئۇلار قىلغۇدەك بارچە ئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە: ‹ئاۋۇ مۇساپىرلار ئارىسىغا بېرىپ بېقىڭلار. بىرەرسىنىڭ ئامالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن› دېدى. ئاندىن ئۇلار كېلىپ:

–  ئى جامائەت! بىزنىڭ خوجىمىزنى چايان چېقىۋېلىپ، قىلغۇدەك ئاماللارنى قىلىپ بولدۇق، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى. بىرەرسىڭلارنىڭ ئامالى بارمۇ؟، – دېۋىدى. ساھابىلارنىڭ بىرسى:

–  ھەئە بار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەن دەم سالغۇچىمەن، لېكىن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزنى مېھمان قىلىڭلار دېسەك ئۇنىمىدىڭلار. ئوقۇغانغا بىر نەرسە بەرمىگۈچە ئوقۇمايمەن، – دېدى. ئۇلار ئۆزئارا بىر پادا قويغا كېلىشتى، ھېلىقى كىشى: ‏]‏الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ‏[‏ (ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىين) نى ئوقۇپ تۈكۈرۈپ سۈفلەشكە باشلىدى، كېسەل كىشى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئاغرىق يوقتەك دەس ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ كەتتى. ئۇلار بېرىشكە پۈتۈشكەن ھەقنى تولۇق بەرگەن ئىدى، بەزىلەر:

–  قوينى تەقسىم قىلىڭلار، – دېدى. دەمىدە ئوقۇغان ئادەم:

–  تەقسىم قىلماي تۇرۇڭلار، بىز رەسۇلۇللاھقا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى بايان قىلىپ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتەيلى، – دېدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا كېلىپ ئەھۋالنى بايان قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: ‹ئۇنىڭ دەمىدە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭ؟ توغرا قىلىپسىلەر، تەقسىم قىلىڭلار، ماڭىمۇ بىر ئۈلۈش بېرىڭلار› دېدى».([17])

بۇ ھەدىستىمۇ «تۈكۈرۈپ سۈفلەشكە باشلىدى» دەپ ئېنىق كەلگەن.

يەنە، بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىم قىلغان رىۋايىتىدە: «شۇنداق قىلىپ، ئۇ قۇرئاننىڭ ئانىسى («فاتىھە») نى ئوقۇپ، تۈكۈرۈكىنى يىغىپ تۈكۈرگىلى تۇرۇۋىدى، ھېلىقى ئادەم ساقىيىپ كەتتى» دەپ كەلگەن.([18])

يۇقىرىقى ھەدىسلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابە – كىراملارنىڭ دەم سالغاندا تۈكۈرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا تۈكۈرۈشنى ئىنكار قىلىش ئورۇنسىز. بۇنىڭغا ئاساسەن توغرا قاراشتا، تۈكۈرمەي سۈفلىسىمۇ بولىدۇ، تۈكۈرۈپ سۈفلىسىمۇ بولىدۇ. يەنە تېخى سۈفلىمەي، تۈكۈرمەي، دۇئا قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەسەن بىلەن ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا پاناھلىق تىلەش دۇئاسى ئوقۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاتاڭلار مۇشۇ دۇئا بىلەن ئىسمائىل بىلەن ئىسھاققا پاناھلىق تىلەيتتى: أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ» (ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەزىلەتلىك سۆزلىرى بىلەن بارلىق شەيتان، زىيانلىق ھاشارات ۋە يامان كۆزنىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن).([19])

ھەدىسلەردە كەلگەن «النفث» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا سۈفلەش دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ، ئازغىنە تۈكۈرۈك بىلەن بولىدۇ. پۈۋلەش تۈكۈرۈكسىز بولىدۇ. يەنە ھەدىسلەردە كەلگەن «التفل» دېگەن سۆز تۈكۈرۈشكە ئوخشاش، ئۇنىڭدىن سەل ئازراقتۇر. تۈكۈرۈشتىن قالسا، «التفل» (ئاز تۈكۈرۈش)، ئاندىن قالسا سۈفلەش، ئاندىن قالسا پۈۋلەش بولىدۇ».([20])

سۈفلەشنىڭ تۈكۈرۈك بىلەنمۇ بولىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى، ئەمر رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى قەبرىدىن چىقارغۇزۇپ، ئۇنى ئىككى تىزىغا قويۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە تۈكۈرىكى بىلەن سۈفلەپ، ئۆزىنىڭ كۆينىكىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويدى».([21])

تۈكۈرۈش ئوقۇشتىن كېيىن بولىدۇ. ئىمام شەۋكانى مۇنداق نەقىل قىلغان: «ئىبنى ئەبى جەمرە: دەم سالغاندا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ بەرىكىتى ئەزالارغا يېتىشى ئۈچۈن، تۈكۈرۈش ئوقۇشتىن كېيىن بولىدۇ، دېگەن».([22])

5. سۇغا ياكى باشقا بىر نەرسىگە سۈفلەپ، دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

«فاتىھە» ۋە باشقا ئايەتلەرنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ سۇ ۋە باشقا نەرسىلەرگە سۈفلەپ دەمىدە قىلىپ ئىچسە، بەدىنىگە قۇيسا، يۇيۇنسا، تاھارەت ئالسا بولىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا چايان چېقىۋالغان ئىدى. نامازدىن بىكار بولغاندىن كېيىن: ‹ئاللاھ چايانغا لەنەت قىلسۇن! ناماز ئوقۇغاننىمۇ، باشقىنىمۇ ساق قويمايدۇ› دېدى. ئاندىن سۇ بىلەن تۇز ئەكەلدۈرۈپ ‹قۇل يا ئەييۇھەل كافىرۇن›، ‹قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىل فەلەق› ۋە ‹قۇل ئەئۇزۇ بىرەببىنناس› نى ئوقۇپ ئۇ يەرنى سىلاشقا باشلىدى».([23])

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھەدىسىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېسەل ياتقان سابىت ئىبنى قەيس ئىبنى شەمماس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كىرىپ: ‹ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن› دېدى. ئاندىن بۇتھاندىن([24]) توپا ئېلىپ، ئۇنى بىر قاچىغا سالدى، ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ قاچىغا سۈفلەپ، سۇ بىلەن ئارىلاشقان توپىنى ئۇنىڭغا تۆكتى».([25])

بۇ ھەدىسلەردە سۇغا ياكى باشقا نەرسىگە دەم سېلىپ سۈفلەپ دەمىدە قىلسا، بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ ھەدىسىنىڭ سەنەدىدە سەل ئاجىزلىق بولغاچقا، ئالىملار بۇ ھەدىسكە يانداشتۇرۇپ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كەلگەن سەھىھ ئەسەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، بۇ ئىشنى جائىز دەپ قارايدۇ.

ئەبۇ مەئشەر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۇغا پاناھلىق تىلەش ئايەت ۋە دۇئالىرىنى ئوقۇپ دەم سېلىپ، ئۇنى بىمارغا تۆكسە بولىدۇ، دەپ قارايتتى.([26])

دېمەك، بۇ ئىش بىر سەھىھ ھەدىس، بىر ئاجىزراق ھەدىس بىلەن بىللە ساھابە – كىراملارنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن جائىز بولغان.

6. قۇرئان ئايەتلىرىنى قاچىغا ياكى قەغەزگە ياكى تاختىغا يېزىپ، ئۇنى سۇ بىلەن چايقاپ ئىچىش مەسىلىسى، قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلىدۇر. سەلەفلىرىمىزدىن بەزىلىرى بۇنى جائىز دەپ قارىغان، بەزىلىرى يامان كۆرگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن تۇغۇتتا قىينىلىپ قالغان ئايالغا بەزى ئايەتلەرنى يېزىپ چايقاپ ئىچكۈزۈش رىۋايەت قىلىنغان. مۇجاھىدتىنمۇ شۇنداق قاراش كەلگەن، نەخەئىيدىن يامان كۆرگەنلىكى كەلگەن.([27])

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «قۇرئاننى بىر قاچىغا يېزىپ، ئاندىن ئۇنى يۇيۇپ بىمارغا ئىچكۈزسە، ھەسەن بەسرى، مۇجاھىد، ئەبى قىلابە ۋە ئەۋزائىي قاتارلىقلار: ھېچ گەپ بولمايدۇ، دېگەن. نەخەئىي بۇنداق قىلىشنى يامان كۆرگەن. بىزنىڭ مەزھىپىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە، بۇنداق قىلسا ھېچ گەپ بولمايدۇ».([28])

ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: «سەلەفلەردىن بىر تۈركۈمى قۇرئاننى يېزىپ ئاندىن ئۇنى ئىچسە بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراش مۇجاھىد بىلەن ئەبى قىلابەدىن كەلگەن».([29])

ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: «بىمارلارغا ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە زىكرىنى ھالال سىيا بىلەن يېزىپ يۇيۇپ ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەن».([30])

ھەنبەلىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىبنى مۇفلىھ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى سالىھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەزىدە ئاغرىپ قالغىنىمدا، ئاتام بىر قاچىغا سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئوقۇپ ماڭا: ‹بۇنىڭدىن ئىچكىن، يۈز – قوللىرىڭنى يۇغىن› دەيتتى. يەنە ئۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ سۇغا ئوقۇپ سۈفلەپ ئۇنى ئىچىپ، ئۆزىگە قۇيغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. يۈسۈف ئىبنى مۇسا مۇنداق دەيدۇكى: ‹بىز مەسجىدتىكى چاغلىرىمىزدا، مەن ئەبۇ ئابدۇللاھ (ئىمام ئەھمەد) نىڭ بىر كوزا كەلتۈرۈلسە، ئۇنىڭغا ئوقۇپ، پاناھلىق تىلەپ دەمىدە قىلغانلىقىنى كۆرگەن›. ئۇستاز ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇرنى قاناپ كەتكەن كىشىنىڭ پېشانىسىگە ‹ھۇد› سۈرىسىنىڭ 44 – ئايىتىنى يازاتتى».([31])

يەنە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ئەھمەد قۇرئاننى بىر نەرسىگە يېزىپ، ئاندىن ئۇنى يۇيۇپ بىمارغا ئىچكۈزگەن كىشى ھەققىدە سورالغاندا، مەن ئۇنىڭ: ‹ھېچ گەپ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن› دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان».([32])

لېكىن، يۇقىرىدا ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ھەنبەلىي مەزھەپ ئىماملىرى قىلغاندەك، يېزىلىدىغان مەلۇم سۈرىلەرنى، ياكى مەلۇم ئايەتلەرنى، ياكى مەلۇم زىكىرلەرنى بېكىتىۋېلىشتا سەھىھ بىر دەلىل يوق. يۇقىرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن رىۋايەتمۇ ئاجىز.

بۇنداق قىلىشنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ھازىرقى زامان سەلەفىي ئېقىم مەنسۇپلىرى ئۆزىگە يېتەكچى قىلغان ئىمام ئەھمەد، ئىمام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەردەك ھەنبەلىي مەزھەپ ئىماملىرى جائىز دەپ قارىغان. شۇنداقلا ئەسرىمىزدىكى سەلەفىي ئېقىمغا مەنسۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن باز، ئىبنى جىبرىن، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئالى شەيخ، شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن، شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان قاتارلىق ئالىملار بىر نەرسىگە سۈفلەپ ئوقۇپ، دەمىدە قىلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقىنى جائىز دەپ قارىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، مېنىڭ بىلىشىمچە، دىيارىمىزدا سەلەفىي ئېقىمغا ئەگىشىدىغانلار بۇ ئىشنى توغرا تاپماي، بۇ مەسىلىدە ئۇلارغا ئەگەشمەيدۇ.

مەسىلەن: شەيخ ئىبنى جىبرىن مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپكى دەۋر پېشقەدەملىرىمىزنىڭ سۇ ۋە شۇنىڭدەك بىر نەرسىگە ئوقۇپ ئاندىن ئۇنى ئىچىپ ياكى يۇيۇنغانلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ ياكى ساقايتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ: ﭽﯢ ﯣ ﯤ ﯥ ﯦ ﯧﯨ ﭼﭽئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەت ۋە شىفادۇر ﭼ.([33]) شۇنداقلا ماي ياكى ياغقا ئوقۇپ ياغلىنىش، يېمەكلىككە ئوقۇپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار، ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلىنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت مۇباھ ئىشلاردۇر».([34])

شەيخ ئىبنى جىبرىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئازراق سۇغا ئوقۇغاچ سۈفلەيتتىم. بىمار ئۇنى ئىچسە ئېنىق پايدىسىنى كۆرەتتى. ۋەللاھۇ ئەئلەم».([35])

شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان مۇنداق دەيدۇ: «سۇغا ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ بەرسە، ئۇنى ئىچسە ھەم بولىدۇ».([36])

سېھىرگە قارىتا دەمىدە قىلىش مەسىلىسىدە، شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سىدىر دەرىخىنىڭ يەتتە تال يوپۇرمىقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەزى ئايەتلەرنى ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈچ قېتىم ئىچىپ قالغىنى بىلەن غۇسلى قىلسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بۇ كېسەل يوقاپ كېتىدۇ، كېرەك بولسا، ساقايغىچە بىر نەچچە قېتىم ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، دېگەن.([37]) بۇنداق قىلىشنى ئىمام ئىبنى كەسىر تەپسىرىدە ئىبنى ۋەھبتىن نەقىل قىلغان. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ «كىتابۇتتەۋھىيد»نىڭ شەرھى «فەتھۇل مەجىيد»تىمۇ ئاشۇنداق نەقىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا يا سەھىھ، يا ئاجىز ھەدىستىن، يا بىرەر ساھابىنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن دەلىل يوقتۇر.

يەنە بەزى ئالىملار، ئايەتلەرنى قاچىغا ياكى قەغەزگە ياكى تاختىغا يېزىپ، ئۇنى سۇ بىلەن چايقاپ ئىچىشنى بىدئەت، دەپ قارىغان. مەسىلەن: ئىمام ئىبنى ئەرەبى: «بۇ، شەيتاندىن كەلگەن بىدئەتتۇر» دېگەن.([38])

دېمەك، بۇ مەسىلىدە جائىز دەپ قارىغان بىر قىسىم تابىئىن، ھەنبەلىي ۋە باشقا مەزھەپ ئالىملىرى، شۇنداقلا ئەسرىمىزدىكى سەلەفىي ئېقىمغا مەنسۇپ ئالىملار بار. مەكرۇھ دەپ قارىغان تابىئىنلارمۇ ۋە بىدئەت دەپ قارىغان ئالىملارمۇ بار.

توغرىسى، بۇ شەكىلدە دەمىدە قىلىشتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ياكى ساھابىلاردىن سەھىھ يول ئارقىلىق بىرەر ئىش – ئىز كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنداق قىلماي، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە دەمىدە قىلغان تۈزۈك. لېكىن بۇ، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە بولغاچقا، بۇنداق شەكىلدە دەمىدە قىلغانلارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى تەنقىتلىمەسلىك لازىم.

7. دەم سالغاندا ئوقۇغان دۇئا مەزمۇن جەھەتتىن توغرا بولۇشى كېرەك.

شېرىككە ياتىدىغان ياكى مەنىسى چۈشۈنۈلمەيدىغان، قالايمىقان ئىبارىلەر بىلەن دەم سېلىشقا، يېزىشقا بولمايدۇ.

ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: بىز جاھىلىيەتتە دەم سالاتتۇق، شۇڭا رەسۇلۇللاھقا: ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ ئىشقا قانداق قارايلا؟ دېسەك، رەسۇلۇللاھ: «دەم سالغاندا ئوقۇيدىغان دۇئالىرىڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلار! شېرىك بولمىسىلا ھېچ گەپ بولمايدۇ» دېدى.([39])

ئىمام شەۋكانى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ياكى سۆزلىرى بىلەن بولمىسىمۇ، زىيان بولمىغان ۋە شەرىئەت تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن دۇئالار بىلەن دەم سېلىپ داۋالاشنىڭ جائىزلىقىغا دەلىل بار. لېكىن چۈشۈنۈلىدىغان بولسا شۇنداق، چۈنكى چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆزدە شېرىك بولۇپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ».([40])

8. دەم سېلىپ سۈفلىگۈچى زۇكام ياكى باشقا كېسەللىكلەردىن خالىي، ساغلام بولۇشى كېرەك.

بەزى ئالىملار دەمىدە قىلغاندا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر قاتارىدا مۇنداق بايان قىلغان: زۇكام ياكى باشقا كېسەللىكلەر بولسا، دەمىدە قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى ئېغىزدىكى مىكروب سۈفلىگەندە تۈكۈرۈك بىلەن بىللە چىقىپ باشقىلارغا يۇقۇپ زىيان ئۇرىدۇ. بۇ تېبابەت ئەھلى ئارىسىدا مەلۇم ئىشتۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

15 – 9 – 2011

2-توم، 110-نومۇرلۇق پەتىۋا.

————————————————

([1]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5747 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2261 – ھەدىس.
([2]) «ئىخلاس»، «فەلەق» ۋە «ناس» قاتارلىق سۈرىلەرنى دېمەكچى.
([3]) «بۇخارى» 5748 – ھەدىس.
([4]) «بۇخارى» 5750 – ھەدىس.
([5]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5735 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2192 – ھەدىس.
([6]) «صحيح مسلم بشرح النووي» 14/182.
([7]) «صحيح مسلم بشرح النووي» 14/183.
([8]) «بۇخارى» 5742 – ھەدىس.
([9]) «بۇخارى» 5743 – ھەدىس.
([10]) «بۇخارى» 5744 – ھەدىس.
([11]) سەھىھەين: «بۇخارى» 5745 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2194 – ھەدىس.
([12]) «بۇخارى» 5746 – ھەدىس.
([13]) «مۇسلىم» 2194 – ھەدىس.
([14]) «فتح الباري» 10/208.
([15]) «صحيح مسلم بشرح النووي» 14/184.
([16]) «فتح الباري» 10/208.
([17]) «بۇخارى» 5749 – ھەدىس.
([18])«مۇسلىم» 2201 – ھەدىس.
([19]) «بۇخارى» 3371 – ھەدىس.
([20]) «النهاية في غريب الحديث والأثر» 1/192. «مختار الصحاح» 1/32.
([21]) «بۇخارى» 1350 – ھەدىس.
([22]) «نيل الأوطار» 3/290.
([23]) «مصنف ابن أبي شيبة» 23553 – ھەدىس. «المعجم الصغير» الطبراني 830 – ھەدىس. ھەيسەمىي تەبەرانى رىۋايىتىگە قارىتا: «ئىسنادى ھەسەن» دەپ باھالىغان. شەيخ ئالبانى «سلسلة الأحاديث الصحيحة» دە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايىتىگە قارىتا: «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([24]) بۇتھان – مەدىنىدىكى بىر ۋادىنىڭ نامى.
([25]) «ئەبۇ داۋۇد» 3885 – ھەدىس. «سنن النسائي» 10856 – ھەدىس. ئالبانى: «ئاجىز» دەپ باھالىغان.
([26]) «مصنف ابن أبي شيبة» 5/40 – بەت 23509 – نومۇر. سەھىھ.
([27]) «مصنف ابن أبي شيبة» 5/40 – بەت. 23508 – 23510 – نومۇرلار.
([28]) «المجموع» 2/194.
([29]) «زاد المعاد» 4/356.
([30]) «مجموع الفتاوى» 19/64.
([31]) «الآداب الشرعية» ابن مفلح 2/441، 442.
([32]) «مسائل الإمام أحمد» لأبي داود 260 – بەت.
([33]) «فۇسسىلەت» سۈرىسى 44 – ئايەت.
([34]) «الفتاوى الذهبية» 40 – بەت.
([35]) شەيخنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلغان قول يازما 138 – بەت.
([36]) «المنتقى» 1/72 – بەت 131 – نومۇر.
([37]) «ئەلمۇسلىمۇن» گېزىتى 9 – سان 16 – بەت 1985 – 4 – 6 – كۈن.
([38]) «عارضة الأحوذي» 8/222.
([39]) «مۇسلىم» 2200 – ھەدىس.
([40]) «نيل الأوطار» 9/105.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز