پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغدىغان بۈيۈكلەر

فەۋزىيە خىليەۋىي

 

قاتىل يەھۇدىيلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىش ۋە ئىسلامنى سەت كۆرسىتىش ئۈچۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن ئىزچىل پايدىلانماقتا. پۈتۈن خەلقئارالىق چوڭ گېزىت – ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنداق، مەسىلەن يەھۇدىي مىليونېر رۇپېرت مۇردوك (Keith Rupert Murdoch) سېتىۋالغاندىن كېيىن مەخسۇس سىئونىزم (يەھۇدىي قىساسچىلىقى) گېزىتىگە ئايلانغان «ئەنگىلىيە تايمىس گېزىتى (The Times) »، مەخسۇس ھەجۋىي رەسىم سىزىپ، لوندوندىكى ئەرەب مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇلارنى خۇنۈك كۆرسىتىدىغان «ۋىك ئېند ھەپتىلىك ژۇرنىلى (Weekend Magazine) » ھەم «يەكشەنبىلىك ۋاقىت گېزىتى (The Sunday Times)» قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

«نيۇيورك تايمىس گېزىتى (NY Times)» ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنى يەھۇدىي ئادولۇف ئوش سېتىۋالغان. «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى (The Washington Post)» ۋە 1981 – يىلى 4.5 مىليون تىراژغا يەتكەن «ھەپتىلىك يېڭىلىقلار گېزىتى (Newsweek)» قاتارلىقلار يەھۇدىي قىساسچىلىقىغا بويسۇنۇشتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يەھۇدىي قىساسچىلىقىنىڭ فرانسىيە نەشرىياتلىرىغا بولغان كونتروللۇقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئىلگىرى كىتابلىرىنى فرانسىيە نەشرىياتلىرى بەس – بەستە نەشر قىلىپ تارقاتقان داڭلىق مۇتەپەككۇر روجى جارۇدى Roger Garaudy (1913 – 2012) 1982 – يىلى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن يازغان «سىئونىزم ئەپسانىسى بىلەن ئىسرائىلىيە سىياسىتى ئارىسىدا» ناملىق كىتابىنى قوبۇل قىلىدىغان بىرمۇ نەشرىياتنى تاپالمىغان.

ئىززەت – ھۆرمەتنى ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ئىزدەيدىغان ھەربىر مۇئمىننىڭ قەلبىگە قايغۇ ۋە ئەپسۇسلۇق بېغىشلىغۇچى بۇ كەبى تەسىرلەر تۈپەيلى، بۇ خىل چوڭ ھەجىملىك سۇيىقەستلەرگە قارشى نۇرغۇن ئالىملىرىمىز كۆكرەك كېرىپ جەڭ ئېلان قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇھاجىرلارنى ئىسلامنى قوغدىغانلىقلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سۆزى ئارقىلىق مەدھىيىلىگەن ئىدى: [(ئۇ غەنىيمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال – مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىمانىدا) سادىق ئادەملەردۇر](ھەشر: 8).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا گەپ – سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ يۈز – ئابرويىنى قوغداپ، ھۆرمىتىنى ساقلاش، دۈشمەنلىرىنى خار – زەبۇن قىلىپ، پەيغەمبەرلىك ماقامىنى دەخل – تەئەررۇزلاردىن ساقلاش بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز زاتىغا ياردەم بەرگەنلىكتۇر. ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تىللىغان ياكى ئەيىبلىگەن، نەسەبىگە ياكى دىيانىتىگە تىل تەگكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن. دېمەك، ئۇنداق كىشىنىڭ ھۆكمى تەۋبە تەلەپ قىلىنماستىن ئۆلتۈرۈلۈشتۇر. چۈنكى، ئۇ مۇسۇلمان بولسا قېنى تۆكۈلۈشكە تېگىشلىك جىنايەت بىلەن، ئەگەر زىممىي بولسا ئەھدىنامىنى بۇزۇش بىلەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت بەرگەن بولىدۇ.

سۇلتانلار زىممىسىگە رەسۇلۇللاھقا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئارتقان. جۈملىدىن سالاھىددىن ئەييۇبىي كەرەك ھۆكۈمدارى شاتىلۇنلۇق رېينالد Raynald of Châtillon (1125 – 1187) نى ئۆلتۈرۈشكە قەسەم ئىچىپ، ئۇنى ئەسىرگە ئالغانىدى. سەۋەبى، ئۇرۇش توختىغان تىنچ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىسىرلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر كەرەك تەرەپتىن ئۆتۈپ قالىدۇ، شۇ چاغدا رېينالد تىنچلىقنى بۇزۇپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ، مىسىرلىقلار ئۇنىڭدىن سۈلھ تەلەپ قىلىسىمۇ، ئۇ پەيغەمبىرىمىزنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. نەتىجىدە، سالاھىددىن ئەييۇبىي ئەمىر – ھاكىملارنى چاقىرتىپ توپلايدۇ. شۇ قاتارىدا رېينالد مۇ كەلگەندىن كېيىن سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭغا: «مەن سەن ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىمەن» دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولۇش تەكلىپىنى سۇنىدۇ، رېينالد ئۇنىمىغاندىن كېيىن، سالاھىددىن ئەييۇبىي ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىغا خەنجەر ئۇرىدۇ.

مىسىر قرالى ھۈسەيىن كامىل (1853 – 1917) غا كەلسەك، ئەينى زاماندا كاپىرلار تەرىپىدىن دىميات شەھرى قورشىۋېلىنغان چاغدا، كاپىرلاردىن بىر كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئاكوپلىرى ئۈستىدە ئاشكارا يوسۇندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تىللاشنى ئادەت قىلىۋالىدۇ. ئۇ بارغانچە ھەددىدىن ئېشىپ، تىللاشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. كېيىنچە مۇسۇلمانلار نۇسرەت قازانغاندا، ھېلىقى كاپىر ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئاندىن قرالغا ئۇنىڭ مەسىلىسى مەلۇم قىلىنىدۇ، قرال كامىل ئۇنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ئەۋەتىشنى، ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغ جايدا ئېلىنىشىنى پىلانلايدۇ. كاپىر مەدىنىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قەبىھ قىلمىشى خالايىقنىڭ ئەشەددىي قارغىشىغا ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قىلىچ ئۇرۇلىدۇ.

ئەلقىسسە، مۇھەددىس ئەبۇ مۇئاۋىيە زەرىر (ۋاپاتى ھ. 195 / م. 811) ئابباسىي خەلىپىسى ھارۇن رەشىد (763 – 809) ھەققىدە مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلغان: مەن مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرىگە ھەدىس ئوقۇپ بېرەتتىم، مەن ھەر قېتىم «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇنداق دېگەن…» دېسەملا، ئۇ: «يولباشچىم ۋە يېتەكچىمگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن!» دەيتتى. مەن ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچراشقانلىق ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە، ئۇنىڭ تاغىسى: «ئۇ ئىككىسى نەدە ئۇچرىشىپتىكەن؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھارۇن رەشىد ئاچچىقلىنىپ: «بۇنداق سوئالنى ساڭا كىم تاشلىدى؟» دەپ ئۇنى قاماققا بۇيرۇدى ۋە تاغىسى قاماققا تاشلاندى. (تاغىسى) قاماقتىكى چېغىدا مەن ئۇنىڭ قېشىغا كىردىم، ئۇ: «مەن ئۇ گەپنى ھېچكىمدىن ئاڭلىمىدىم، ئۇ ھەقتە ھېچكىم بىلەنمۇ سۆزلىشىپ باقمىدىم» دەپ قاتتىق قەسەملەرنى ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئەمىرۇلمۇئمىنىننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغىنىمدىن كېيىن، بۇيرۇق قىلىپ، ئۇنى قويغۇزىۋەتتى. ئاندىن ھارۇن رەشىد ماڭا: «ئەگەر ئۇ گەپلەرنى ئۇنىڭغا بىرەر دىنسىز ئۆگەتكەن بولسا، ماڭا شۇ دىنسىزلارنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالاي دەپ ئويلىغانىدىم» دېگەن ئىدى.

شەيخ ئەھمەد شاكىر (1892 – 1958) مىسىردىكى مەلۇم بىر خەتىب توغرىلىق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:

«تولىمۇ ناتىق، سۆزمەن بىر خەتىب بار ئىدى. ئۇ خۇشامەتگۇيلۇق قىلىپ مىسىرلىق بىر ئەمەلدارنى ماختىماقچى بولدى – دە، خۇتبىدە: ‹جاءه الأعمى فما عبس بوجهه وما تولى (يەنى ئۇنىڭ قېشىغا بىر ئەما كەلدى، ئۇ قاپىقىنى تۈرمىدى ۋە كەينىنى قىلمىدى)›(1) دېدى. دادام نامازدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، خالايىققا خەتىبنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقىنى، شۇڭا جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ نامازنىڭ قايتا ئوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. شۇ ھەقىقەتنى ئېيتىشىم كېرەككى: ئاللاھ بۇ گۇناھكارنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتكە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادىمۇ جازاسىنى بەردى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يوغانچى مۇتەكەببىر، ھوقۇقدار ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ پاناھىغا كىرىۋېلىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزىنى چوڭ سانايدىغان شۇ خەتىبنى بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، پەس – خار ھالدا، قاھىرەدىكى بىر مەسجىدنىڭ ئىشىك تۈۋىدە نامازغا كىرگەنلەرنىڭ ئايىغىنى ساقلايدىغان بىر مەدىكار ھالدا كۆردۈم. ھەتتا مەن ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ قېلىشىدىن خېجىل بولدۇم، ئۇنى مەن تونۇيتتىم، ئۇمۇ مېنى تونۇيتتى. ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشمۇ ئورۇنسىز ئىدى. چۈنكى، ئۇ ھېسداشلىق قىلغۇدەكمۇ، قايغۇسىغا كۈلگۈدەكمۇ ئادەم ئەمەس ئىدى. ئېسىل ئادەم دېگەن رەقىبىنىڭ قايغۇسىغا كۈلۈشتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدۇ.»

دوكتور تەقىييۇددىن ھىلالىي سەئۇدى ئەرەبىستان قرالى فايسال (1906 – 1975) نىڭ رەسۇلۇللاھقا ياردەم بېرىش، شەرىئەتكە ھەمدەمدە بولۇش، سۇيىقەستچىلەرنىڭ شۈبھە – گۇمانلىرىنى رەت قىلىپ، ھىيلە – مىكىرلىرىنى توسۇش ۋە پىتنە – ئىغۋالىرىنى بىتچىت قىلىش قاتارلىق پەزىلەتلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قېرىنداشلاردىن بىرىنىڭ يېنىدا پارىژدا تۇرغان ئىدىم، شۇ جەرياندا داڭلىق تاشقى كېسەللەر دوختۇرى مورىس بۇكاي Maurice Bucaille (1920 – 1998) نىڭ بىر كىتاب يازغانلىقىنى، كىتابىدا يېڭى دەۋر ئاكادېمىك زىيالىيلىرى ئاللاھ تەرەپتىن چۈشكەنلىكىگە، ئۇنىڭدا ئارتۇق ياكى كەم بىرەر ھەرپنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلەيدىغان بىردىنبىر كىتابنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. (شۇ ۋەجىدىن) مەن دوكتۇر مورىسنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنى زىيارەت قىلماقچى بولدۇم – دە، ئۇنى تەكلىپ قىلدۇق، ئۇمۇ دەرھاللا كەلدى. كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا:

– ‹ھازىرقى زامان ئىلىم – پەننىڭ نەزىرىدىكى تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان› ناملىق كىتابىڭىزنى يېزىش سەۋەبىڭىزنى بىزگە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز، – دېدىم.

ئۇ جاۋاب بېرىپ ئېيتتى:

– مەن ئىلگىرى قۇرئاننى ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) نى قاتتىق دۈشمەن تۇتىدىغانلاردىن بىرى ئىدىم، ھەر قېتىم بىرەر مۇسۇلمان تاشقى كېسەل بىمارى كەلسە داۋالايتتىم – دە، داۋالاپ ساقايغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا: ‹قۇرئان ھەققىدە نېمە دەيسەن؟ ئۇنى ئاللاھ ئۆز تەرىپىدىن مۇھەممەدكە چۈشۈرگەنمۇ ياكى ئۇ يالغاندىن ئاللاھغا چاپلاپ توقۇۋالغان مۇھەممەدنىڭ گېپىمۇ؟› دەپ سورايتتىم. مۇسۇلمان بىمارلار: ‹ئۇ دېگەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن چۈشكەن، مۇھەممەھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راستچىلدۇر› دەپ جاۋاب بېرەتتى. ئاندىن مەن ئۇلارغا: ‹قۇرئاننى ئاللاھ تەرەپتىن چۈشكەن ئەمەس، مۇھەممەد راستچىل ئەمەس دەپ قارايمەن› دەيتتىم، ئۇلار جىم تۇرۇپ قالاتتى.

دوكتۇر مورىس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتتى:

– مەن بىر مەزگىل شۇنداق يۈرىۋەردىم، ئاخىرى مېنىڭ قېشىمغا سەئۇدى قرالى فايسال كېلىپ قالدى. مەن ئۇنى تاشقى كېسەللەر بويىچە داۋالادىم ۋە ساقايدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغىمۇ يۇقىرىقى سوئالنى قويدۇم. ئۇ :

– قۇرئان ھەقتۇر، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم راستچىلدۇر، – دېدى. مەن:

– ئۇنى راست دەپ قارىمايمەن، – دېدىم. قرال فەيسەل:

– قۇرئاننى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ – دېدى، مەن:

– ھەئە! بىر نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم، – دېدىم.

– ئۇنى ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇدىڭىزمۇ ياكى تەرجىمە تىل بىلەن ئوقۇدىڭىزمۇ؟ – دېۋىدى، مەن:

– ئۇنى ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇيالمايمەن، بەلكى پەقەت تەرجىمىسى بىلەن ئوقۇدۇم، – دېدىم.

– ئۇنداقتا سىز قارىغۇلارچە تەرجىمانغا ئەگىشىۋاپسىز، قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچى دېگەن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىسە، ئۇنىڭدا ئىلىم بولمايدۇ، نېمىنى ئاڭلىسا ئەگىشىپ شۇنىڭغا كېتىۋېرىدۇ، تەرجىمانمۇ خاتالىقتىن، ھەتتا قەستەن بۇرمىلاشتىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ، – دېدى ۋە:

– شۇڭا، سىز ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىپ ئاندىن ئۇنى ئوقۇڭ! مەن بۇ خاتا ئېتىقادىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە تىلەكداشمەن، – دەپ ماڭا ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەن ئۇنىڭ جاۋابىدىن ھەيران قېلىپ، ئۇنىڭغا:

– مەن سىزدىن ئىلگىرى خېلى كۆپ مۇسۇلماندىن سوراپ باقتىم، جاۋابىنى ئەمدى سىزدىن تاپتىم، – دېدىم – دە، ئەرەبچىنى ئۆگىنىپ، قۇرئاننى ئۆز تىلى بىلەن ئوقۇپ، قۇرئانغا چوڭقۇر نەزەر تاشلاپ، ئىشىنىش ياكى ئىنكار قىلىش نەتىجىسى چىققۇچە قۇرئان توغرىسىدا ۋە مۇھەممەد توغرىسىدا گەپ قىلماسلىققا ۋەدە بەردىم. ئاندىن شۇ كۈنىلا پارىژدىكى چوڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەرەب تىلى فاكولتېتىغا باردىم، بىر ئۇستاز بىلەن مۇئەييەن ھەق قارشىلىقىدا ھەر كۈنى مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ، مەن دەم ئالىدىغان يەكشەنبە كۈنىدىن باشقا ھەر كۈنى بىر سائەت ئەرەب تىلى ئۆگىتىپ قويۇشقا كېلىشتۇق. مەن بىر سائەتنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي تولۇق ئىككى يىل شۇنداق داۋام ئەتتىم، ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن 730 دەرس ئۆگەندىم. شۇنىڭ بىلەن قۇرئاننى چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن ئوقۇدۇم، ۋە نىھايەت، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم ساھاسىدىكىلەرنى بىر ھەرپ ئارتۇقمۇ ئەمەس، كەممۇ ئەمەس ئاللاھ تەرەپتىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە قىستايدىغان بىردىنبىر كىتاب ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. تەۋرات ۋە تۆت ئىنجىلغا كەلسەك: ئۇنىڭدا نۇرغۇن يالغانلار بار، ھېچبىر پەننىي ئالىم ئۇلارغا ئىشىنەلمەيتتى، – دېدى».

ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھۆكۈمدارلار – ھە!

خۇددى ئىبنى مۇبارەك ئېيتقاندەك ئۇلار ھەق ئۈستىدە ئىدىلەر:

 

ئىلاھىي مەرھەمەت بىرلە كۆتۈرۈلگەي ئول كۈلفەت،

ھەمىشە ئۇشبۇ سۇلتاننىڭ رىئايەتچانلىقى بىلەن ئۈلپەت.

تىنىچلىققا ئېرىشمەستۇق گەر ئىماملار بولمىسا بىزدە،

ئاجىزلىرىمىز ئېزىلىپ كۈچلۈكلىرىمىز بولۇپ ئاڭا چۆپقەت.

 

مەنبەسى: عظماء دافعوا عن الرسول صلى الله عليه وسلم www.saaid.net/daeyat/fauzea/26.htm

 تەرجىمىدە: قاراخانىي

 

————————————–
1. ئۇ ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئىسىملىك ئەما كىشى كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز سەل قارىغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا ئۇ زاتقا كايىپ نازىل قىلغان ئەبەسە سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى «﴿عَبَسَ وَتَوَلَّى أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَى﴾ (يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى)» دېگەن 1 – 2 – ئايەتلەرنى ئۆزىچە ئۆزگەرتىپ شېئىر قىلىپ توقۇغان بولدى _ ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز