ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش سىزنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان يولدۇر

دوكتور شەرىف فەۋزى سۇلتان

تەۋەككۈل قىلىش دېگەن قەلبنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىغا ئېرىشىش ۋە زىيانلاردىن ساقلىنىشتا ئاللاھقا ھەقىقىي تايىنىشى ۋە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالادىن باشقا ھېچكىمنىڭ يا پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقى، يا زىيان سالالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشى دېمەكتۇر. بەزىلەر قەلبنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا خۇددى مېيىتنىڭ ئۆزىنى خاھلىغانچە ئۆرۈپ – چۆرۈپ يۇيىدىغان غەسسالنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا ياتقىنىغا ئوخشاش ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇشىدۇر، دەپمۇ ئىزاھلىغان. سەئىد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دېگەن: «تەۋەككۈل قىلىش دېمەك ئىماننى مۇجەسسەملىمەك دېمەكتۇر». ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار﴾(مائىدە: 23). مانا بۇ تەۋەككۈل قىلىش مۆمىننىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكى ھالىتىدۇر.

 ئىبادەت ئىشلىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھقا ئىبادەت قىل ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىل﴾(ھۇد: 123).

دەۋەت ئىشلىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئۇلارغا دېگىنكى، «ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم. ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر»﴾(تەۋبە: 129).

رىزىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ﴾(تالاق: 2، 3).

ھۆكۈم پىچىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «سىلەر ھەرقانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن»﴾(شۇرا: 10).

جىھادتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرمىسە، ئاللاھدىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۇئمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن﴾(ئال ئىمران: 160).

ھىجرەت ۋە سەپەردە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارنى دۇنيادا چوقۇم ياخشى جايغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇلار بىلىدىغان بولسا، ئۇلارغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭدۇر. ئۇلار سەۋرچان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر﴾(نەھل: 41، 42).

ۋەدە – قەسەمدە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يەئقۇب ئېيتتى: «بۇنيامىننى قوغداش يولىدا ھەممىڭلار ھالاك بولمىساڭلارلا ئۇنى چوقۇم ماڭا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ چىڭ ۋەدە بەرمىگۈچە ئۇنى سىلەر بىلەن بىللە ئەۋەتمەيمەن». ئۇلار ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ چىن ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، يەئقۇب: «بىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمىزگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر» دېدى.﴾(يۈسۈف: 66).

بارلىق گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت ۋە قارارلىرىدا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ﴾(ئال ئىمران: 159). يەنە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ﴾( تالاق: 3).

سەۋەب قىلىش تەۋەككۈل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ. بەلكى، بۇ تەۋەككۈلنى تاماملىغانلىق ۋە تولۇقلىغانلىقتۇر. ئەمما، قەلبنىڭ سەۋەبلەرگە مايىل بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. تەۋەككۈلگە زىت كېلىدىغىنىمۇ مانا مۇشۇ. شۇڭا، بەزىلەر: سەۋەب قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنلىك ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر؛ قەلب بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغانلىق ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلىقتۇر، دېگەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار﴾(ئەنفال: 60).

﴿ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بولۇپ)، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىن تەلەپ قىلىڭلار﴾(جۇمۇئە: 10).

ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مەريەمگە مۇنداق دېگەن: ﴿خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ﴾(مەريەم: 25). ھالبۇكى، ھەزرىتى مەريەم ئاجىز ۋە نىپاسدار بولۇپ، خورمىنى ئىرغىتالمايتتى، ئىرغىتالىغان تەقدىردىمۇ خورما چۈشمەيتتى. لېكىن، ئاللاھ تائالا بىزگە ئاز بولسىمۇ سەۋەب قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتمەكچى بولدى.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە مۇنداق دېگەن: ﴿جەزمەن ئاللاھ ساڭا كۇپايە قىلىدۇ﴾(ئەنفال: 36). ﴿ئاللاھ سېنى كىشىلەردىن قوغدايدۇ﴾(مائىدە: 67). بىراق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەتكە ئاتلانغاندا، كىشىلەر تۇيمايدىغان ۋە ئويلاپمۇ باقمىغان يولدىن ئاتلانغان. بۇنىڭ ھەممىسى سەۋەب قىلىشتۇر.

تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋشتە تەۋەككۈل قىلغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە، ئاللاھ سىلەرنى سەھەردە ئاچ كېتىپ كەچتە توق قايتىدىغان قۇشلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرغان بولاتتى»(1).

بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: «(ئۇلىغىمنى) باغلاپ تەۋەككۈل قىلامدىم ياكى بوش قويۇۋېتىپ تەۋەككۈل قىلامدىم؟» دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەلەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «باغلاپ تەۋەككۈل قىلىسەن» دېگەن(2).

بىر قىسىم سەلەفلەر: تەۋەككۈل قىل، رىزىقلار ساڭا جاپا – مۇشەققەتسىز كېلىدۇ، دېگەن.

«سەھىھۇ مۇسلىم»دە كېلىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كۆڭۈللىرى قۇش كەبى بولغان ئىنسانلار جەننەتكە كىرىدۇ»(3). يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ئادەم بالىسى رىزقىدىن خۇددى ئۆلۈمدىن قاچقاندەك قاچسىمۇ رىزقى ئۇنىڭغا خۇددى ئۆلۈم يېتىشىۋالغاندەك يېتىشىۋالىدۇ»(4).

سەلەفلەرنىڭ تەۋەككۈل قىلىش ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئامىر ئىبنى قەيس مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئۈچ ئايەت بىلەن بارچە مەخلۇقاتلاردىن بىھاجەت بولدۇم: بىرىنچىسى، ﴿ساڭا بىرەر يامانلىق يەتسە، ئۇنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق ئىرادە قىلسا ئۇنىڭ ئىلتىپاتىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ﴾(يۇنۇس: 107). ئىككىنچىسى، ﴿ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن بەرمىگەن نەرسىنى ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(فاتىر: 2). ئۈچىنچىسى، ﴿يەر يۈزىدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھلا ئۈستىگە ئالغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۇرار جايىنى ۋە ساقلىنىدىغان، ئۆلگەندە دەپنە قىلىنىدىغان جايىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روشەن كىتابقا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزغا) يېزىلغاندۇر﴾(ھۇد: 6)».

ئەلى ئىبنى بەككار مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەمنىڭ يېنىغا قولىغا قاراشلىق جان سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن شىكايەت قىلىپ بارغاندا، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: ‹قېرىندىشىم! قارا، ئۆيۈڭدە رىزقىنى ئاللاھ ئۈستىگە ئالمىغان كىم بولسا، ئۇنى مېنىڭ ئۆيۈمگە ئەۋەتكىن›».

بىر كىشى مەئرۇف كەرخىي رەھىمەھۇللاھقا: ماڭا نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ، دېگەندە، ئۇ: «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىنكى، ئۇ سېنىڭ ئۈلپىتىڭ، ھەمسۆھبىتىڭ، شىكايەت قىلىدىغان يېرىڭ بولسۇن. شۇنى بىلگىنكى، كىشىلەر ساڭا پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، زىيانمۇ سالالمايدۇ، بىر نەرسە بېرەلمەيدۇ، بېرىشكە توسقۇنلۇقمۇ قىلالمايدۇ».

ئەبۇ قۇدامە رەملى مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى ﴿سەن ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغان ئاللاھقا تايانغىن، ئۇنى مەدھىيەلەش بىلەن بىللە پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن. ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر﴾(فۇرقان: 58) دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. ئاندىن سۇلايمان خاۋاس قېشىمغا كېلىپ: ‹ئەبۇ قۇدامە! بۇ ئايەت بار تۇرۇپ بىراۋنىڭ ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىلتىجا قىلىشى مۇناسىپ ئەمەس› دەپ، ئارقىدىن يەنە: ‹ئاللاھنىڭ نېمىدېگەنلىكىگە قارا! ﴿ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن﴾. ئۇ ساڭا ئۆزىنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى، بارچە مەۋجۇداتلارنىڭ بولسا ئۆلىدىغانلىقىنى دەپ بېرىپ ئاندىن سېنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿ئۇنى مەدھىيەلەش بىلەن بىللە پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن﴾ دەيدۇ ۋە ساڭا ئۆزىنىڭ ھەممىدىن خەۋەردار، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئى ئەبۇ قۇدامە! ئەگەر بىراۋ ئاللاھقا ئەڭ چىرايلىق رەۋشتە ئىتائەت قىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ سەمىمىي نىيەت بىلەن تەۋەككۈل قىلسا ئىدى، ئەمەلدارلاردىن تارتىپ ھەممە كىشى ئۇ كىشىگە موھتاج بولۇپ كېتەتتى. پاناھلىق بېرىش ئاللاھقا ئائىت تۇرۇپ قانداقسىگە بىراۋ يەنە بىراۋدىن ھاجىتىنى راۋا قىلىشىنى سورايدۇ؟!›دېگەن».

ئىبرەتلىك ھېكايە ۋە قىسسەلەر

مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن ئىنتايىن زالىم بولۇپ، ئۇنىڭ 18 مىڭ كىشىنى ئاچ ۋە سۇسىز قويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ئەڭ ئەشەددىي ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر.

بىر كۈنى زاھىد ئەبۇلھەسەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئەڭ ئەۋزەل جىھاد زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئالدىدا ھەقنى سۆزلەشتۇر» دېگەن مۇبارەك سۆزىگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن ئەھمەد ئىبنى تۇلۇننىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا: «سەن پۇقرالارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسەن، مۇنداق – مۇنداق ئىشلارنىمۇ قىلىۋاتىسەن» دەپ ئۇنى ئاللاھدىن قورقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن ئەبۇلھەسەننى ئاچ قالغان بىر شىرغا تاشلاپ بېرىدۇ.

نېمىدىگەن قورقۇنچلۇق! لېكىن، ئەبۇلھەسەننىڭ قەلبى ئىمان ۋە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ بىلەن تولغان بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭغا شىرنى قويۇپ بەرگەندە ئۇ ھەيران قالارلىق ئىشتىن بىرنى قىلغان. يەنى، شىر ھۆركىرىگەنچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن، ئەبۇلھەسەن بولسا مىتمۇ قىلىپ قويماي ئورنىدا ئولتۇرۇۋەرگەن. كىشىلەر بولسا بۇ مەنزىرىگە قورققان ۋە بۇ جاسارەتلىك ئالىمغا ئىچى ئاغرىتىپ يىغلاشقان ھالدا قاراپ تۇرۇشقان. بىراق، ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ! شىر ھۆركىرىگىنىچە بىر ئالدىغا، بىر كەينىگە يېنىپ، ئاندىن بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئەبۇلھەسەنگە يېقىن كېلىپ ئۇنى ھىدلايدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەستىن جىمجىتلا قايتىپ كېتىدۇ. كىشىلەر بولسا قاتتىق ھەيران قېلىپ، تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىشىپ كېتىدۇ.

بىراق بۇ قىسسەنىڭ ھەيران قالىدىغان يېرى تېخى ئەمدى كېلىدۇ. ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن مەقسىتىگە يېتەلمىگەندىن كېيىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىدۇ ۋە ئەبۇلھەسەننى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

– شىر ئەتراپىڭدا چۆرگىلەپ يۈرگەندە ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىغۇدەك زادى نېمە ئويلاۋاتقانىدىڭ؟ – دەيدۇ. ئەبۇلھەسەن:

– شىرنىڭ شۆلگىيى ھەققىدە ئويلىنىۋاتاتتىم، ئەگەر مېنى چىشلىسە ئۇنىڭ شۆلگىيى پاكىزمۇ ياكى مەينەتمۇ دېگەننى، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەھمەد ئىبنى تۇلۇن:

– شىردىن قورقمامسەن؟ – دېگەندە، ئۇ:

– ياق، ماڭا ئاللاھ كۇپايە قىلىدىغان تۇرسا، – دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بەرھەق! ئاللاھ تائالا: ﴿ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟﴾(زۇمەر: 36) ۋە: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ﴾( تالاق: 3) دېدى ئەمەسمۇ.

ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىشنىڭ پايدىلىرى

1.   رىزىقنىڭ مول بولۇشى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋشتە تەۋەككۈل قىلغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە، ئاللاھ سىلەرنى سەھەردە ئاچ كېتىپ كەچتە توق قايتىدىغان قۇشلارنى رىزىقلاندۇرغاندەك رىزىقلاندۇرغان بولاتتى»(5).

ئويلاپ بېقىڭ! «ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقىي رەۋشتە تەۋەككۈل قىلغان بولساڭلار». بىز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ ياكى بانكىلارغا، خىزمەتكە، مائاشقا، تىجارەتكە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ؟

دېمەك، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئاللاھ رەھمەت قىلغان ئازغىنا كىشىلەردىن باشقىلاردا بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتتى. مانا بۇ بىزنىڭ ھەممىگە مەلۇم ئەھۋالىمىزدۇر.

ھاتىم ئەلئەسەم بىر يىلى ھەج سەپىرىگە چىقماقچى بولۇپ، بالىلىرىغا خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلار يىغلاپ:

– كىم بىزگە يار – يۆلەك بولىدۇ؟ – دېيىشىپ كېتىدۇ. ھاتىمنىڭ ئاللاھ تائالا ئىمان، تەۋەككۈل قىلىش، شەكسىز ئىشىنىش نېمىتى ئاتا قىلغان بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ قىزى:

– ماڭغىلى قويۇڭلار، چۈنكى رىزىق بەرگۈچى دادىمىز ئەمەس – دەيدۇ. ئۇ يولىغا مېڭىۋېرىدۇ. كېيىن بالىلىرى ئاچلىقتىن ھەمشىرىسىگە تاپا – تەنە قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ قىز:

– ئى ئاللاھ! مېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېجىل قىلمىغىن – دەپ دۇئا قىلىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن يۇرتنىڭ ئەمىرى ئۇ جايدىن ئۆتۈپ قالىدۇ ۋە مۇلازىملىرىنى سۇ كەلتۈرۈشكە بۇيرىيدۇ. ھاتىم ئەلئەسەمنىڭ بالىلىرى يېڭى كوزىدا مۇزدەك زىلال سۇ كەلتۈرۈشىدۇ. ئەمىر:

– كىمنىڭ قورۇسى بۇ؟ – دەپ سورايدۇ. ئۇلار:

– ھاتىم ئەلئەسەمنىڭ – دېيىشىدۇ. ئاندىن ئەمىر ئىچىگە ئالتۇن سېلىنغان بىر ھەمياننى قورۇنىڭ ئىچىگە تاشلايدۇ ۋە:

– مېنى ياقتۇرىدىغانلار مەن قىلغاندەك قىلسۇن – دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ياساۋۇل – ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى يانلىرىدا بار پۇل – ماللىرىنى قورۇغا تاشلايدۇ. قىز يىغلاپ كېتىدۇ.

قىزنىڭ ئانىسى بۇنى كۆرۈپ:

– قىزىم، نېمىگە يىغلايسىز؟ ئاللاھ بىزگە مولچىلىق ئاتا قىلدىغۇ؟! – دەپ سورىدى. قىزى:

– يارىتىلغان بىر ئىنسان بىزگە نەزەر سېلىپ قويۇۋىدى، باي بولۇپ كەتتۇق. ناۋادا ياراتقۇچى – ئاللاھ نەزەر سالسا قانداق بولۇپ كېتەرمىز؟ – دەپ جاۋاب بەردى.

 ئىمام شافىئىيغا:

– قانداق قىلىپ بۇنچىۋالا تەۋەككۈل قىلالايدىغان بولدىڭىز؟ – دېدىلەر. ئىمام شافىئىي جاۋابەن:

– رىزقىمنى مەندىن باشقا ھېچكىمنىڭ يەپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم – دە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدىن غەم قىلىپ كەتمەيدىغان بولدۇم؛ مېنىڭ ئىشىمنى مەندىن باشقا ھېچكىمنىڭ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىم بىلەن مەشغۇل بولدۇم؛ ئۆلۈمنىڭ ماڭا ئۇشتۇمتۇت يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئالدىرىدىم؛ ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆزىدە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ بۇنى ئەستىن چىقارمىدىم، – دېدى.

 ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم:

– جاننى قانداق باقىسىز؟ – دەپ سورالدى. ئىمام شافىئىي جاۋابەن شۇ ئايەتنى ئوقۇدى:

– ﴿ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، لېكىن مۇناپىقلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ﴾(مۇنافىقۇن: 7).

ئىمام شافىئىي يەنە مۇنداق دېگەن: تەۋەككۈل قىلىش كەسىپ قىلىشمۇ ئەمەس، قىلماسلىقمۇ ئەمەس. تەۋەككۈل دېگەن قەلبتە بولىدىغان نەرسىدۇر.

2.   قەرز قايتۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ﴾(تالاق: 3). «سەھىھۇل بۇخارىي»دا شۇنداق كەلگەن:

بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بولغان بىر ئادەم ئۆز قەۋمىدىن 1000 تىللا قەزر سورىدى. قەرز سورالغان كىشى:

– گۇۋاھچىلارنى چاقىرىپ كەل، ئۇلارنى گۇۋاھ قىلاي، – دېدى. قەرز سورىغۇچى:

– ماڭا گۇۋاھچى بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، – دېدى. قەرز سورالغان كىشى:

– ئەمىسە، كېپىل ئەكەلگىن، – دېدى. قەرز سورىغۇچى:

– ماڭا كېپىل بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، – دېدى. قەرز سورالغان كىشى:

– راست ئېيتىسەن، – دېدى ۋە ئۇنىڭغا مۇددەت بەلگىلەپ 1000 تىللا قەرز بەردى. قەرز سورىغان كىشى دېڭىزدا سەپەرگە چىقتى ۋە ئىشىنى تۈگىتىپ بەلگىلەنگەن مۇددەتكە ئۈلگۈرۈپ قەرزنى قايتۇرماقچى بولۇپ، قايتىدىغانغا كېمە ئىزدىدى. بىراق، كېمە تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ياغاچتىن بىرنى ئويۇپ، ئىچىگە ھېلىقى 1000 تىللانى ۋە بىر پارچە خەتنى سېلىپ، ئېغىزىنى ئەتتى ۋە:

«ئى ئاللاھ! سەن بىلىسەنكى، مەن پالانىدىن 1000 تىللا قەرز سورىغاندا، ئۇ كېپىل تەلەپ قىلغانىدى، مەن: ‹ماڭا كېپىل بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر› دېگەنىدىم. مەندىن گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان ئىدى، مەن: ‹ماڭا گۇۋاھچى بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر› دېگەنىدىم. ئۇمۇ سېنىڭ كېپىللىكىڭ ۋە گۇۋاھلىقىڭغا رازى بولغانىدى. مەن قەرزنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېمە ئىزدىدىم، ئەمما تاپالمىدىم. مەن بۇنى ساڭا ئامانەت قويىمەن» دېدى ۋە ياغاچنى دېڭىزغا ئېقىتىۋەتتى. قەرز بەرگەن كىشى قەرزدارنى كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ چىقىپ، قارىسا، ئالدىدا ھېلىقى ياغاچ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ياغاچنى ئوتۇن قىلىش مەقسىتىدە ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ ۋە يېرىپ قارىسا ھېلىقى 1000 تىللا ۋە بىر پارچە خەت چىقىدۇ.

كېيىن قەرزدار كىشى ئۇنىڭغا (يەنە باشقا) 1000 تىللانى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە:

– ئاللاھقا قەسەمكى، بۇرۇن مەن قېشىڭغا كېلىش ئۈچۈن كېمە ئىزدەپ پەقەت تاپالمىغانىدىم، – دەيدۇ. قەرز ئىگىسى:

– ماڭا بىرەر نەرسە ئەۋەتكەنمىدىڭ؟ – دەپ سورايدۇ. قەرزدار:

– مەن ساڭا بۇندىن بۇرۇن قېشىڭغا كېلىش ئۈچۈن كېمە تاپالمىغانلىقىمنى دەپ بېرىۋاتىمەن، – دەيدۇ. قەرز ئىگىسى:

– ئاللاھ قەرزىڭنى ئەۋەتكەن ياغىچىڭ بىلەن ساڭا ۋاكالىتەن تۆلەپ بولدى، – دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەرزدار ئېلىپ كەلگەن پۇلىنى ئېلىپ قايتىپ كېتىدۇ.

 

3.   ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش شەيتاندىن مۇداپىئە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغانلارنىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ﴾(نەھل: 99).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى (ئۆيىدىن چىققاندا) ‹ بسم الله توكلت على الله ولا حول ولا قوة إلا بالله (ئاللاھنىڭ نامى بىلەن، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم. ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋەت يوق)› دېسە، ئۇنىڭغا: ‹ساڭا ئاللاھ كۇپايە بولدى، قوغدالدىڭ، ھىدايەت قىلىندىڭ› دېيىلىدۇ ۋە شەيتان ئۇنىڭدىن يىراق قېچىپ، يەنە بىر شەيتاننىڭ يېنىغا بېرىپ: ‹ھىدايەت قىلىنغان، ئاللاھ كۇپايە بولغان، قوغدالغان كىشىدە يەنە نېمە ئىشىڭ بولاتتى؟› دەيدۇ»(6).

 

4.   ئۈمىدسىزلىكنى يوقىتىدۇ. ئۈمىدسىزلىك دېگەن گەپ – سۆزدىن، ياكى ئىش – ھەرىكەتتىن، ياكى كۆرگەن – بىلگەندىن شۇملۇق ھېس قىلىش دېمەكتۇر. بەزى كىشىلەر بىرەر ئىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىدۇ – دە، تېزلا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا قايتىپ كەلگەنلىكى سورالغاندا: «پالانىنى كۆرۈپ شۇملۇق ھېس قىلىپ قايتىپ كەلدىم» ياكى «مۇنداق – مۇنداق گەپ ئاڭلاپ شۇملۇق ھېس قىلىپ قايتىپ كەلدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ناۋادا ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشقا ئۇچراپ قالسا: «ئەتىگەندە ئايىغى ياراشمىدى» دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «شۇملۇق ھېس قىلىش شېرىكتۇر، لېكىن ئاللاھ ئۇنى تەۋەككۈل ئارقىلىق يوقىتىۋېتىدۇ»(7).

5.   ھەقىقىي تەۋەككۈل قىلىش جەننەتكە ئازابسىز، ھېسابسىز كىرىشنىڭ يولىدۇر. «سەھىھۇ مۇسلىم»دە ئىمران ئىبنى ھۇسايىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئۈممىتىمدىن 70 مىڭ كىشى جەننەتكە ھېسابسىز كىرىدۇ›» دېگەندە، ساھابىلەر: ‹ئۇلار قانداق كىشىلەر ئى رەسۇلۇللاھ!؟› دەپ سورايدۇ. رەسۇلۇللاھ: ‹ئۇلار (جاھىلىيەتتە سالغاندەك) دەم سالدۇرمايدىغان، قۇشلاردىن شۇم پال ئالمايدىغان، داغلىنىپ داۋالانمايدىغان، رەببىگىلا تەۋەككۈل قىلىدىغانلاردۇر› دەپ جاۋاب بېرىدۇ»(8).

6.   ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئەزىزلىكنىڭ يولىدۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(ئەنفال: 49).

7.   ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ. ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياقتۇرۇپ قالسا ئۇنى قەتئىي دوزاخقا سالمايدۇ (ئەگەر ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياقتۇرۇپ قالسا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى سالىدۇ). ناۋادا ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياقتۇرۇپ قالسا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغىنىنى بېرىدۇ.

8.   ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ئىماننىڭ ئۇنۋانى ۋە ئىسلامنىڭ بەلگىسىدۇر. ئىمانىدا راستچىل مۇئمىن داۋاملىق ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغان مۇئمىندۇر. ئەمما، مۇناپىق ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ۋە ئۆزىدىن باشقا مەخلۇقاتلارغا تەۋەككۈل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار﴾(مائىدە: 23). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە: ئى قەۋم! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بولساڭلار، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا بويسۇنغان ھالدا تەۋەككۈل قىلىڭلار: ﴿مۆمىنلەر دېگەن ئاللاھ ئەسلىتىلسە… ﴾(ئەنفال: 2). (﴿پەقەت ﷲ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ﷲ نىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر﴾(ئەنفال: 2))

9.   ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش غەم – قايغۇلارنى يوقۇتىدۇ. بىر دەۋەتچى شۇنداق دەيدۇ:

بىر ئادەم خىزمىتىدىن ھەيدەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشى قىيىنلىشىپ، كۆڭلى غەش يۈرۈپتىكەن. ماڭا ئۇچراپ قالدى. مەندىن خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پالانىنىڭ ئارىغا چۈشۈشى ھەققىدە سوراپ قالدى. مەن:

– سىز دېگەن كىشىنى تونۇمايدىكەنمەن، ئەمما سىزنىڭ مۈشكىلاتىڭىزنى ھەل قىلىپ، غەم – قايغۇدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىرسىنى تونۇيمەن، – دېدىم. ئۇ كىشى ئالدىراپ:

– ئىدارە باشلىقى پالانچىغا ئۇنىڭ گېپى ئۆتەرمۇ؟ – دەپ سورىدى. مەن:

– ھەئە، گېپى ئۆتىدۇ، – دېدىم. ئۇ:

– ئۇنى تونۇملا؟ – دېدى. مەن:

– ھەئە، تونۇيمەن، – دېدىم. ئۇ:

– ئۇنىڭغا گەپ قىلالاملا؟ – دېدى. مەن:

– ھەئە، گەپ قىلالايمەن، سىزمۇ گەپ قىلالايسىز، – دېدىم. ئۇ:

– كىم ئۇ؟ – دېدى. مەن:

– ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە. سەھەر تۇرۇپ ئۇنىڭغا دەردىڭىزنى ئېيتىڭ، – دېدىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

– بۇ پاراڭ ماڭا تەسىر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كېچىسى سەھەر تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلدىم ۋە خۇددى ئۇنى كۆرگەندەك ھۇزۇر ھېس قىلدىم. تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇدۇل ئىدارە باشلىقىنىڭ قېشىغا چاپتىم. ئۇ مېنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇردى ۋە قىزغىن قارشى ئالدى، ئەھۋال سورىدى. ھالبۇكى، ئىككىمىزنىڭ ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا: «مېنىڭ كېلىش مەقسىتىم مۇنداق – مۇنداق ئىدى» دەپ ئارزۇيۇمنى ئېيتتىم، ئۇ ئىشلارنى ئارزۇيۇم بويىچە ھەل قىلىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ بۇ مۈشكىلاتىم ئۈچ ئايدىن بېرى ھەل بولمايۋاتاتتى. مەن بولغان ئىشلارغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي: «بەندىدىن ئۈمىد كۈتكەن جاپادا قالار، ئاللاھدىن ئۈمىد كۈتكەن بەخت قۇچار» دېگەچ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

«مېلىغا ئىشەنگەن توزار، ئەقلىگە ئىشەنگەن ئازار، نامىغا ئىشەنگەن يەردە قالار. كىمكى ئاللاھقا ئىشەنگەن بولسا، توزۇمايدۇ، ئازمايدۇ ۋە يەردە قالمايدۇ» دېگەن بايانلار نېمىدېگەن توغرا ئېيتىلغان – ھە!

تەۋسىيە

ھەر كۈنى ئۆزىڭىزدىن «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىۋاتامدىم ياكى قەلبىم باشقىغا تەلپۈنۈۋاتامدۇ؟» دەپ سوراپ بېرىڭ ھەمدە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ.

 

تەرجىمىدە: بىلىميار

مەنبە: التوكل على الله طريقك إلى السعادة – د. شريف فوزي سلطان https://www.alukah.net/sharia/0/105881/

————————————————————–
1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 205 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2344 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
2. «تىرمىزىي»، 2517 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
3. «سەھىھۇ مۇسلىم»، 2840 – ھەدىس.
4. ئەبۇ نۇئەيم: «الحلية»، 8 – توم، 246 – بەت، ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 205 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 2344 – ھەدىس؛ ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
6. «تىرمىزىي»، 3427 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، 3912 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5705 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 218 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز