پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقچاق قىلىش ئۇسۇلى

د. مۇھەممەد ئۇمارە

 

 ئىسلام ئوتتۇراھاللىق دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ئوتتۇراھاللىقنىڭ نوقۇل مۇئمىنلەرنىڭ تاللىشى بولماستىن، بەلكى ئىلاھىي بېكىتمە بولۇشىنى خاھلىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە ئېيتىدۇ: ﴿شۇنىڭدەك (يەنى، سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى، ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) گۇۋاھچى بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۈممەت قىلدۇق﴾(بەقەرە: 143). بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، بۇ ئۇلۇغ ئايەت ئوتتۇراھاللىقنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەر خىل مىللەت ۋە خەلقلەرنى، دىن – دىيانەتلەرنى، مەدەنىيەت ۋە ھازارەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھلى جاھانغا گۇۋاھچى (نازارەتچى، باشلامچى) قىلىنىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتتى. كۆرسىتىلگەن بۇ سەۋەبنىڭ «ئوتتۇراھاللىق» ۋە «گۇۋاھچى» مەنىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن رەۋىشتىكى ئوتتۇراھاللىق ئادالەتتۇر، ئادالەت بولسا ئەھلى جاھان ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشكە لايىق قىلغۇچى شەرتتۇر. چۈنكى، بۇ ئاخىرقى ئۈممەت پۈتكۈل پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرگە، ساماۋى كىتابلارغا ئىشەنگەندۇر. يالغۇز ئۇنىڭلا ئادالىتى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن سىرت، پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشنى كۈتۈۋالغۇچىدۇر.

 

ئاتالغۇ ۋە چۈشەنچىلەرنى بېكىتىۋېلىش

ئالىملار «سۆز ۋە ئاتالغۇلاردا ئۆزئارا توقۇنۇش يوق» دەپ بىرلىككە كەلگەن بولسا، بۇ توقۇنۇشنىڭ يوقلۇقى پەقەت مۇشۇ سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە توختاپ تۇرىدۇ. ئەمما، بۇ ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسەت قىلىنغان مەزمۇن ۋە چۈشەنچىلەرگە كەلسەك: مەدەنىيەت، ھازارەت، پەلسەپە ۋە مەنىۋى مىراسلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن توقۇنۇشلار مەۋجۇت. بولۇپمۇ، بىر ئاتالغۇدىن مەقسەت قىلىنغان چۈشەنچىلەر كۆپ بولغاندا، يەنە بەزىدە ئۆزئارا زىتلىشىپ قالغاندا توقۇنۇش تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.

مەسىلەن، «دىن» دېگەن ئاتالغۇنى ھەر خىل مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئىشلىتىدۇ ۋە قوللىنىدۇ، لېكىن ئىنسان تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان دىنلەرگە ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى «دىن» چۈشەنچىسى بىلەن ساماۋى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى «دىن»نىڭ چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ. ماددىزىمچى پەلسەپىلەردە «دىن»نىڭ مەنە ۋە چۈشەنچىسى «ئىنسان تەرەققىياتىنىڭ گۆدەكلىك دەۋرىدىكى ئىنسانىي ئەقىلنىڭ خۇراپىي ۋە ئەپسانىۋى ئاجرالمىسى»دىن دېرەك بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىسلامنىڭ قارىشىدا، «دىن» ئەقىل ئىگىلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھىدايەتكە ۋە دۇنيا – ئاخىرەتلىك بەخت – سائادەتكە باشلاش ئۈچۈن، ئىشەنچىلىك پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پەيغەمبەرلەرگە چۈشكەن ئىلاھىي يولدىن ئىبارەتتۇر.

«سىياسەت» دېگەن ئاتالغۇنى بارچە مىللەت – خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەر ئىشلىتىپ كەلمەكتە، لېكىن ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدە: «سىياسەتنىڭ قىممەت قاراش ۋە ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، نوقۇل كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رېئاللىقتا قىلالايدىغانلىكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىش سەنئىتى»دىن ئىبارەتتۇر. ھالبۇكى، ئىسلام دىنى سىياسەتنى سىياسەت پەلسەپىسىدە قەدىر – قىممەت ۋە ئەخلاق بىلەن تەڭشىگەن. دېمەك، سىياسەت ئىسلامنىڭ قارىشىدا: «ئىنسانلارنى مەنپەئەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ، زىيان – خەتەردىن يىراق قىلىدىغان تەدبىرلەردۇر». سىياسەتنىڭ بۇ ئىسلامىي چۈشەنچىسى بىلەن ماكياۋېللىنىڭ نەزىرىدىكى سىياسەتنىڭ غەربچە چۈشەنچىسى ۋە پەلسەپىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار. ماكياۋېللى ياسىما غەرب مەدەنىيىتى سىياسەت پەلسەپىسىدە كەڭ ئومۇملاشقان، مۇشۇ كەمگىچە يەنە ئومۇملىشىۋاتقان بىر شەخستۇر.

«سۇيۇرغاللىق» ھەممە مىللەت ۋە خەلقلەر ئىشلىتىدىغان بىر ئاتالغۇ، لېكىن ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدە: زېمىنغا ۋە زېمىندىكى ئادەم، مال – مۈلۈكلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى (يەنى، فېئوداللىق) تىن ئىبارەتتۇر. ھالبۇكى ئىسلام مەدەنىيىتىدە: داق يەرگە سۇ باشلاپ تېرىلغۇ يەر ئېچىش ۋە ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاللاھ شەرىئەتتە بېكىتكەن پىرىنسىپلار بويىچە باشقىلارنى (يەر – زېمىندىن) مەلۇم مەنپەئەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

 

ئوتتۇراھاللىق ئاتالغۇسى

ئوتتۇراھاللىق ئاتالغۇسىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولۇپ، ئوتتۇراھاللىق چاكىنىلارنىڭ نەزىرىدە: «ئەخلاقنى قايرىپ قويۇش، ھېچقانداق چەك – چېگرا بەلگىلىمەسلىك»تىن دېرەك بەرسە، ئارىستوتېل نەزەرىيىسى ۋە پەلسەپىسىدە: ئىككى يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى ياخشىلىقتۇر، يەنى، پۇتبول مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىغا ئوخشىغان ئۈچىنچى بىر ئورۇندۇر. ۋەھالەنكى مەيداننىڭ ئىككى تەرىپى بىلەن بۇ ئوتتۇرىدىكى ئۈچىنچى ئورۇن ئارىسىدا تامامەن زىتلىق بار. لېكىن، ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىسى ئۇنداق ئەمەس. ئۇ كۆپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئوتتۇراھاللىق بولۇپ، بىر – بىرىگە مەلۇم دەرىجىدە قارشى ۋە زىت ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچىنچى ئورۇندۇر، ئەمما بۇ ئوتتۇراھاللىق ئىككى تەرەپ بىلەن بىر پۈتۈن زىتلاشمايدۇ، بەلكى ئۇ مۇشۇ يېڭى «ئوتتۇرا»نى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپتىن ھەق ۋە ئادالەت ئامىللىرىنى توپلايدۇ. دېمەك، ئۇ ئۆز ماھىيىتىدە مۇشۇ ئىككى تەرەپتىن بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتكەن ئاشقۇنلۇقنى (ھەددىدىن زىيادە ياكى ھەددىدىن ئاز ئاشقۇنلۇقىنى) رەت قىلىش دېمەكتۇر.

دېمەك، ماددىي ئاشقۇنلۇق ۋە روھىي ئاشقۇنلۇقنى رەت قىلىدىغان ئسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق ماددا ۋە ماددىيلىقنى، روھ ۋە روھانىيلىقنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ ماددىيلىق ۋە روھانىيلىق ئوتتۇرىسىدا ئادالەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان شەكىلدە، ھەر ئىككىلىسىدىن ھەق ۋە ئادالەت ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرگۈچى ئوتتۇراھاللىقتۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئىسلامنىڭ ئوتتۇراھاللىقى كېچىلىرى قىيامدا، كۈندۈزلىرى ئات ئۈستىدە، شەخس بىلەن كوللېكتىپنى، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، تائەت – ئىبادەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن ئاللاھ ئىنسان ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىك ۋە شېرىنلىكلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرەلىگەن ئوتتۇراھال ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىغان.

 

پەيغەمبەر – ئۈلگە

تەلىم – تەربىيە ۋە ئاقارتىش مەيدانلىرىدا نەمۇنىلىك ئۈلگىنىڭ ئىنسان ۋە جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە ھازارەت ئۈچۈن چوڭ رولى بار. شۇڭا، ئاللاھ تائالا بۇ ئوتتۇراھال ئۈممەت ئۈچۈن نەمۇنىلىك ئۈلگىنىڭ، ھاياتى بىلەن ئىسلامنىڭ كەڭ ئوتتۇراھاللىقىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىنى تىكلىگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولۇشىنى خاھلىدى.

ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بۇ ئىسلامىي ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئۈلگىسى ۋە نەمۇنىسى بولۇشى ئۈچۈن يېتىشتۈرگەنىدى. دېمەك، ئۇ ۋەھىي نازىل بولىدىغان بىر ئىنسان، ئىنسانىي سۈپەتلەرنىڭ ھەرقاندىقى تېپىلىدىغان بىر ئىنسان. ئۇ تۇغۇلىدۇ، ئاغرىپ كېسەلمۇ بولىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. ئۇ تاماق يەيدۇ، بازارلاردىمۇ يۈرىدۇ، پەقەتلا ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان مۆجىزىلەرنىلا كەلتۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ ئۇنىڭغا ۋەھىي چۈشىدىغان بولغاچقا، زېمىننىڭ ئاسمان بىلەن ئالاقە – باغلىنىشىنى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ بىلەن ئالاقە چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈردى. ئۇستاز ئىمام مۇھەممەد ئابدۇھنىڭ دېگىنى بويىچە ئېيتقاندا: پەيغەمبىرىمىزنىڭ روھى ھېچبىر ئىنسان روھىي جەھەتتىن مەغلۇپ قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس دەرىجىدە ئۇلۇغ ئىلاھ تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشكۈچىدۇر. ئۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن غەيبتىن خەۋەردار بولىدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىنسانلارنىڭ غەيبىي ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئۇ پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نىسبەتەن ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىدۇر. دېمەك، ئۇ بۇ دۇنيادا بەجايىكى ئەھلى دۇنيا جۈملىسىدىن ئەمەستۇر. لېكىن، ئۇ ئاخىرەت ئەھلىنىڭ ئەمەس بەلكى دۇنيا ئەھلىنىڭ لىباسى بىلەن كەلگەن ئاخىرەت ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاللاھ توغرىسىدا ئەقىللەر بىلەلمەيدىغان، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىنى خاھلىغان ئۈستۈنكى ئالەم ئىشلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئۇنى بەندىلەرنىڭ ئەقىللىرى كۆتۈرەلىگۈدەك، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسىدىنمۇ يىراق بولمىغان شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ. ئاندىن قالسا، بارلىق ئىنسانلار يولۇقىدىغان، ئەمما پەيغەمبەرلىكىگە نۇقسان بولمايدىغان ئىشلارغا ئۇمۇ يولۇقىدۇ.

ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنى ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلىدى، ئەخلاقىنى گۈزەل ۋە مۇكەممەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى بولدى. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە سىياسەتلىرى ئىنسانىي ئىجتىھاد بىلەن ئىجتىھادنىڭ يېتەكچىسى، ئىجتىھاد ئىشلىمەيدىغان ساھەلەرنىڭ ھاكىمى بولغان ۋەھىينىڭ ئوتتۇرىسىنى بىرلەشتۈردى. ئۇ ئىككى پۇتى ئىششىپ كەتكۈچە رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ، بېرىلىپ ئىبادەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ئۆزىنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ ئىبادىتى قىلغانىدى، ھەتتا ئۇ شۇنداق چەۋەنداز جەڭچى ئىدىكى، ئۇرۇش شىددەتلىك بولۇپ، تازا قىزىغان چاغدا (ساھابە) چەۋاندازلار ئۇ ئارقىلىق خەتەردىن ساقلىنىپ قالاتتى، ھېچكىم دۈشمەنلەرگە ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك يېقىنلىشالمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ، يۈزى ئېچىلمىغان قىز بالىدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ شەرىئىتىدە شەرم – ھايانى ئىماننىڭ شاخچىلىرىدىن بىر شاخچە قىلدى، ئۇ ئەڭ باتۇر ۋە ئەڭ ياۋاش ئىدى، ئۇنىڭ ئىبادىتى جىھاد ۋە كۈرەش ئىدى، ئۇنىڭ جىھادى تائەت ۋە ئىبادەت ئىدى.

ئوتتۇراھاللىق ئۇنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتىدا كۈچلۈك سەۋر ۋە چىدامچانلىق بىلەن نامازدىكى قورقۇش ۋە يېلىنىشنى بىرلەشتۈردى. ﴿ئاللاھتىن سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ناماز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن باشقىلارغا ئېغىر كېلىدۇ﴾(بەقەرە: 45).

شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتى ھەرقانداق بىر ئىنسانغا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە، جىمى جانسىز تەبىئەتكە مۇلايىم بولۇش بىلەن ئاللاھنىڭ دىنى، ئاللاھنىڭ ھۆرمىتى ۋە بەلگىلىمىلىرى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپ قىلىشنى بىرلەشتۈردى. ھايۋانات ۋە جانسىز تەبىئەتكە مۇلايىم بولۇشىنىڭ بائىسى شۇكى، ئۇلار گەرچە بىز چۈشەنمىسەكمۇ، ئۆز ياراتقۇچىسىغا تەسبىھ ۋە مەدھىيە ئېيتىدۇ.

ئۇنىڭدىكى ئۈلگە ۋە نەمۇنە باينىڭ مال – دۇنيادىن زاھىت بولۇشى بىلەن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلىپ، بۇ گۈزەل كائىناتقا زىننەت قىلىپ چېچىۋېتىلگەن گۈزەللىككە ئاشىق بولۇشنىڭ ئوتتۇرىسىنى بىرلەشتۈردى. ئۇنىڭ ۋەسىيەتلىرى گۈزەل ئىسىم تاللاش، ھالال ئويۇن – تاماشادىن ھۇزۇرلىنىش، سەپەر دۇئاسىدا دىلنى غەش قىلىدىغان مەنزىرىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش بولغانىدى. ئۇ يامغۇر تىلەش نامىزىدىكى دۇئاسىدا: «ئى ئاللاھىم! بىزگە زېمىنىمىزنىڭ زىننىتىنى (يامغۇرنى) چۈشۈرۈپ بەرگىن» دەيتتى(1).

يەنە شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ھەددىدىن ئاشقان زالىم پادىشاھلار بىلەن ئەمەس، بەلكى پېقىر – مىسكىنلەر بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارتۇق كۆرۈش بىلەن خۇشخۇي بولۇش ۋە زىننەتلىنىشنى بىرلەشتۈردى، ھەتتاكى ئۇنىڭ خىسلەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى توغرىسىدا مۇنداق بايانلار كەلگەن: «ئۇنىڭ قولىدىنمۇ يۇمشاق قول يوق ئىدى، ئۇنىڭ پۇرىقىدىنمۇ خۇشبۇي پۇراق يوق ئىدى، ئۇنىڭ پۇرىقى ئىپاردىنمۇ بەك خۇشپۇراق ئىدى، ئۇنىڭ يۈزى خۇشاللىقتىن چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭ تەرى گويا ئۈنچە ئىدى»(2).

رەسۇلۇللاھنىڭ ئوتتۇراھاللىقى ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چاغدا ئىبادەتكە بېرىلىشى بىلەن ئېتىكاپ جەريانىدىمۇ زىننەتلىنىشنى بىرلەشتۈرگەنىدى. رەسۇلى ئەكرەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا چېچىنى تاراپ قويۇشى ئۈچۈن بېشىنى سۇنۇپ بېرەتتى، ۋەھالەنكى ھەزرىتى ئائىشە ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بار ئۈلگە ۋە نەمۇنىلەر مۇشۇ كەڭ ئىسلامىي ئوتتۇراھاللىق بىلەن ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىش ياكى ھەددىدىن تۆۋەنلىتىۋېتىش ئاشقۇنلۇقىدىن يىراق بولغان مۇكەممەل ئىنسان ئابىدىسىنى تىكلىدى.

دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ھەرىكەت قىلغان، تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى، مەدەنىيەت ۋە ھازارەت چۈشەنچىسىنى، ئىنساننىڭ ئىنسانلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئاتلانغان، 13 يىللىق مەككە مەزگىلىدە نۇرغۇنلىغان جەبر – جاپالارنى تارتقان، دۆلەت قۇرغان ۋە ئۈممەتنى بىرلەشتۈرگەن توققۇز يىللىق مەدىنە مەزگىلى جەريانىدا 60 تىن ئارتۇق ئۇرۇش (ۋە جازا يۈرۈشلىرىدە) قوشۇنلارغا قوماندانلىق قىلغان ئۇشبۇ ئۇممىي(3) پەيغەمبەرنىڭ ئوتتۇراھاللىقى جاپا تارتقان بۇ جاننىڭ كۈچى ۋە تاقىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان كۈرەش ۋە تارتقان رەنج – مۇشەققەتلىرىنىڭ مېۋىسىگە ئېرىشش ئۈچۈن ھەمدە ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا يارىتىپ بەرگەن تۈرلۈك گۈزەللىكلەردىن ۋە پايدىلانسا بولىدىغان ئامىللاردىن بەھرىلىنىش ئۈچۈن، بۇ توختاۋسىز كۈرەش ۋە رىيازەت چېكىش بىلەن جاننى ئارام ئالدۇرۇشنى جەملىدى.

 

قىزىقچىلىق، لەتىپە، يۇمۇر، چاقچاق قاتارلىقلارنىڭ چۈشەنچىسى توغرىسىدا

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ بۇ تەرەپلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئەرەب تىلى ئىستىلاھى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى «الملحة» (كۈلدۈرگە، قىزىقچىلىق)، «الطرفة» (لەتىپە)، «النكتة» (يۇمۇر)، «المزح» (چاقچاق) قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى ۋە چۈشەنچىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش لازىم.

«الملحة» (مۇلھە): قىزىقارلىق سۆز ۋە ئىشنى كۆرسىتىدۇ. «لىسانۇل ئەرەب»تە مۇنداق دېيىلگەن: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «راستچىلغا ئۈچ خىل خىسلەت بېرىلىدۇ: مۇلھە (قىزىقچىلىق)(4)، (ئاللاھتىن) قورقۇش ۋە مۇھەببەت». دېمەك، «الملحة»: سۆز ياكى سورۇننى قىزىقارلىق ۋە يۇمۇرىستىك قىلىدىغان قىزىقارلىق سۆز ياكى ئىش – ھەرىكەتتۇر. يەنى زۆرۈر سۆز ۋە ئىش – ھەرىكەتلەردىن ئارتۇقچە مەقسەتتۇر، ئۇنىڭدا ئوتتۇراھال بولغىنى گۈزەلدۇر (ئوتتۇراھاللىقتىن ئېشىپ كەتكىنى قەبىھتۇر). چۈنكى، ئوتتۇراھاللىق تائامنىڭ تۇزىغا ئوخشايدۇ، تۇز ئوتتۇراھال بولسا پايدىلىق، ئوتتۇراھاللىقتىن ئېشىپ كەتسە تائامنى بۇزىدۇ.

«الطرفة» (تارافە / لەتىپە): كىشىنى مەسىتخۇش قىلىدىغان ھەيران قالارلىق يېڭىلىقتۇر، توقۇلغاندىن كېيىن كىشىنى ھەيرەتلەرگە سالىدىغان ئىشتۇر. دېمەك، ئۇ ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئەجەبلىنەرلىك ۋە خۇشاللىنارلىق مەنىلەرنى بىغىشلايدىغان قىزىقارلىق سۆز ياكى ئىش – ھەرىكەتتۇر.

«النكتة» (ئەننەكتە / يۇمۇر) لۇغەتتە: «چېكىت» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ، «ئىنچىكە ئويلىنىش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن چىقىرىلغان ئىنچىكە مەسىلە» دېگەن مەنىسى ئۇنىڭ مەنىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ كۆچمە مەنىدە: «كۆڭۈلنى ئاچىدىغان، ئادەتتە، قوللىنىلمايدىغان مەنە ۋە قىزىقارلىق جۈملە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ.

«المزح» (مىزاھ / چاقچاق): ئوينىشىش ۋە چېقىشىش دېگەنلىكتۇر، ئەستايىدىل بولۇشنىڭ ئەكسىدۇر. چاقچاقچى كىشىلەرنىڭ تەبىئىتى ئادەتتە، ئېغىر – بېسىق ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىگىمۇ ۋە غەزەپ – نەپرەتلىك ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. دېمەك، چاقچاق ئېغىر – بېسىقلارنىڭ قەتئىيلىكى ۋە چۇس – تەرسالارنىڭ قوپاللىقىنىڭ ئەكسىچە، قىزىق ئوينىشىش ۋە چېقىشىش بىلەن گەپنى ياكى ئىش – ھەرىكەتنى رەڭدار قىلىش دېگەنلىكتۇر. يۇقىرىقىلار بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەزمۇنى ۋە چۈشەنچىسىدۇر.

 

مۇكەممەل ئىنسان

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۈپەتلىرى، مىجەز – خاراكتېرى ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىدە كۆپ تەرەپلىمە ئوتتۇراھاللىق ۋە ئادىلانە تەڭپۇڭلۇق تاكامۇللاشقان مۇكەممەل ئىنساننىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئۆزىدىكى ئۈلگە – نەمۇنە ھەقكە، راستچىللىققا ۋە ئادالەتكە، يەنى ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش بولسۇن ياكى ھەددىدىن كېمەيتىۋېتىش بولسۇن ھەرقانداق ئاشقۇنلۇقتىن يىراق بولغان ئوتتۇراھاللىققا ئەمەل قىلغان ئاساستا، جاننى ئارام ئالدۇرۇش، قەلبلەرنىڭ ئىقتىدار ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھاياتلىقنىڭ كەسكىنلىكى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قىزىقچىلىق، لەتىپە ۋە يۇمۇرلاردىن خالىي بولمىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتىنى ئوقۇپ قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ساھابىلىرىگە چاقچاق قىلاتتى. يەنى چېقىشىپ قوياتتى، لېكىن ھەق گەپتىن باشقىسىنى دېمەيتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭغا: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆزلىرىدەك بىر زاتمۇ بىز بىلەن ئوينىشىپ قويىدىكەنلا!» دېگىنىدە، ئۇ: «مەن سىلەر بىلەن ئوينىشىپ قويغان تەقدىردىمۇ، ھەق سۆزدىن باشقىنى دېمەيمەن» دېگەنىدى(5).

ئۇنىڭ سۈپەتلىرى ۋە مىجەز – خاراكتېرلىرى ھەققىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەنىدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم خۇشخۇي، گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە مۇلايىم ئىدى»(6). ئابدۇللاھ ئىبنى ھارىس ئىبنى جەزئى مۇنداق دېگەنىدى: «مەن رەسۇلۇللاھتىنمۇ كۆپ تەبەسسۇم قىلىدىغان بىرەرسىنى كۆرمىدىم»(7).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇباھ ئويۇنلارنى تاماشا قىلاتتى، يامان كۆرمەيتتى. دەرھەقىقەت، بىر گرۇپپا ھەبەشىيلەرنىڭ مەدىنە مەسجىدىدە يايراپ ئۇسسۇل ئوينىشىغا، يەنى پۇتىنى يەرگە ئۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇسسۇلنى ئوينىشىغا ۋە ناخشا ئېيتىشىغا ئورۇن بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇلارنىڭ ئويۇن، ئۇسسۇل ۋە ناخشىلىرىنى تاماشا قىلىشنى خاھلايدىغانلىقىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئائىشە قېنىپ بولدى قىلغىچە ئۇنى كەينىدە تۇرغۇزۇپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى، يېقىملىق بىر ئەر-ئاياللىق مەنزىرىسى سۈپىتىدە، ئۇ ئىككىسىنىڭ مەڭزى بىر – بىرىگە تېگىپ تۇراتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدكە كىرىپ، ھەبەشىيلەرنى توسماقچى بولۇۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى توختىتىپ قويدى ۋە: «ئى بەنى ئەرفىدە! بوش كەلمەڭلار، يەھۇدىيلەر بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ كەڭرى دىن ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ قولاي بىر دىن بىلەن ئەۋەتىلگىنىمنى بىلىپ قالسۇن!»(8) دەپ ھەبەشىيلەرنى داۋاملىق ئويناۋېرىشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى.

جابىر ئىبنى سەمۇرەنىڭ ھەدىسىدە كېلىشىچە: «بەزىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا شېئىر ئوقۇيتتى، ئۇلار شېئىردا جاھىلىيەتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى، پەيغەمبىرىمىز تەبەسسۇم قىلاتتى ۋە ئۇلارنى توسمايتتى، پەقەت ھارامدىن توساتتى»(9).

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدنىڭ ھەدىسىدە: «بەزىدە پەيغەمبىرىمىز كۈلۈپ، ئېزىق چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى»(10).

كەئب ئىبنى مالىكنىڭ ھەدىسىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشال بولسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى گويا ئاينىڭ بىر پارچىسىدەك نۇرلىنىپ كېتەتتى»(11).

ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھەدىسىدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن بەكمۇ چاقچاقلىشاتتى»(12).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇ: رەسۇلۇللاھ ۋە (رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىدىن) سەۋدە بىنتى زەمئە ئۈچىمىز بىللە ئىدۇق. مەن (ئۇلارغا) بىر ئوماچ ئېتىپ ئەكەلدىم، سەۋدەگە: «قېنى يەڭ!» دېسەم، ئۇ: «يېگۈم يوق» دېدى، ئاندىن مەن ئۇنىڭغا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، يا تاماقنى يەيسىز ياكى بولمىسا مۇشۇ تاماقنى يۈزىڭىزگە سۈركەيمەن» دېدىم. ئۇ: «مېنىڭ ئۇنى زادىلا تېتىغۇم يوق» دېۋىدى، مەن قولۇم بىلەن تەخسىدىن ئازراق ئوماچنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىگە سۈركىدىم، ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ سەۋدە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. رەسۇلۇللاھ سەۋدەنىڭ مەندىن ئۆچىنى ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن ئىككى تىزىنى پەسلىتىپ بەردى. ئاندىن سەۋدەمۇ تەخسىدىن ئازراق ئوماچنى ئېلىپ مېنىڭ يۈزۈمگە سۈركىدى، رەسۇلۇللاھ بولسا كۈلۈپ كەتتى(13).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (يۈگۈرۈشتە) مەن بىلەن مۇسابىقىلەشتى – دە، مەن يېڭىۋالدىم، كېيىن سەمىرىپ قالغىنىمدا مۇسابىقىلىشىپ، ئۇ مېنى يېڭىۋالدى ۋە ماڭا: «ئەمدى ئىككىمىز تەڭلەشتۇق» دېدى(14).

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چاقچىقىدىن كۆرۈنۈشلەر

ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر موماي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە جەننەت تىلەپ دۇئا قىلىپ قويۇشىنى سورىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز: «ھېچبىر موماي جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن موماي يىغلاپ كەتتى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئۇ كۈندە سىز موماي ھالەتتە بولمايسىز (بەلكى ياش قىز ھالەتتە بولىسىز). ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق﴾(ۋاقىئە: 35 – 37)»(15).

زەيد ئىبنى ئەسلەم رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ ئەيمەن دەپ چاقىرىلىدىغان بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يولدىشىم سىزنى چاقىرىدۇ» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم ئۇ؟ كۆزىدە ئاقلىق بار ئادەم شۇمۇ؟» دېدى. ئۇ ئايال: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ كۆزىدە ئاقلىق يوق» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، بار، ئۇنىڭ كۆزىدە ئاقلىق بار» دېدى. ئۇ ئايال: «ياق! يوق» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كۆزىدە ئاقلىق بولىدۇ» دېدى(16).

ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مىنگۈدەك بىر تۆگە سورىۋىدى، ئۇ: «مەن ساڭا تۆگە بالىسى بېرەي» دېدى. ئۇ كىشى: «ئى رەسۇلۇللاھ! تۆگىنىڭ بالىسىنى نېمە قىلىمەن؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۆگىنىڭ بالىسى دېگەنمۇ تۆگە بولمامدۇ؟!» دېگەن ئىدى(17).

ئەنەس ئىبنى مالىك رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئەبۇ تەلھەنىڭ ئەبۇ ئۇمەير دېيىلىدىغان بىر بالىسى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ (بالىغا): ‹ئەي ئەبۇ ئۇمەير! نۇغەيز نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟› دەيتتى»(18). نۇغەيز ھېلىقى بالىنىڭ بىرگە ئوينايدىغان كىچىك قۇشى ئىدى.

زەيد ئىبنى ئەسلەم رەھىمەھۇللاھ خەۋۋات ئىبنى جۇبەير ئەنسارىيدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، خەۋۋات مەككە يولىدا بەنى كەئب قەبىلىسىدىن بىر قانچە ئايالنىڭ يېنىدا تۇراتتى، رەسۇلۇللاھ چىقىپ كەلدى ۋە: «ئەي ئەبۇ ئەبدۇللاھ! ئاياللارنىڭ يېنىدا نېمىش قىلىسەن؟» دېدى. خەۋۋات: ئۇلار مېنىڭ بىر قاچقاق تۆگەمنىڭ يايلىسىنى تاراپ ئۆرۈپ قويۇۋاتىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئىشىغا راۋان بولدى. ئاندىن (بىر ھازادىن كېيىن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايتىپ كېلىپ: «ئەي ئەبۇ ئابدۇللاھ! ئاۋۇ قاچقاق تۆگە تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدىمۇ؟(19)»، دېدى. خەۋۋات ئېيتىدۇ: «(شۇنىڭ بىلەن) مەن لام جىم دېيەلمىدىم ۋە بەكمۇ خېجىل بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرسەم خېجىل بولغانلىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولدۇم، كېيىن مەدىنىگە باردىم. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىمدە كۆرۈپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن نامازنى ئۇزۇن ئوقۇدۇم، شۇئان پەيغەمبىرىمىز: «ئۇزۇن ئوقۇۋەتمە! مەن سېنى ساقلاۋاتىمەن» دېدى. ئاندىن مەن سالام بېرىپ نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ زات: «ئى ئەبۇ ئابدۇللاھ! ھېلىقى قاچقاق تۆگە تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدىمۇ؟» دېۋىدى، مەن: «سېنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن تارتىپ قاچمىدى» دېسەم، ئۇ: «ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ! ئەبۇ ئابدۇللاھنى توغرا يولغا باشلىغىن»دېدى. رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقى بەكمۇ ياخشى بولدى ۋە ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا باشلىدى(20).

رىۋايەت قىلىنىشىچە، نۇئەيمان ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چاقچاقچى كىشى ئىدى. مەدىنىگە سۈت ياكى مېۋە – چېۋە كىرىپ قالسىلا، ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كېلەتتى ۋە: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇنى سەن ئۈچۈن سېتىۋالدىم، بۇنى ساڭا ھەدىيە قىلدىم» دەيتتى. كېيىن مال ئىگىسى ئۇنىڭدىن پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭغا مېلىنىڭ پۇلىنى بېرىۋەتكەن بولساڭ» دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى بىزگە ھەدىيە قىلمىغانمىدىڭ؟» دېسە، ئۇ: «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ يېنىمدا بەرگۈدەك پۇلۇم يوق ئىدى. مەن سېنىڭ ئۇ مېۋىلەردىن يېيىشىڭنى ياخشى كۆرگەنىدىم» دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا كۈلۈپ كېتەتتى ۋە يېنىدىكىلەردىن بىرىنى ئۇنىڭ پۇلىنى بېرىشكە بۇيرۇيتتى(21).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەقرە ئىبنى ھابىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ (نەۋرىسى) ھەسەن ئىبنى ئەلىنى ئوينىتىۋاتقانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەسەنگە تىلىنى كۆرسىتىپ (ئەركىلىتىۋاتقانلىقىنى) ۋە ئۇنى سۆيۈۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە، ئەقرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشىنى غەلىتە ھېس قىلغاندەك بولۇپ: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلاردىن بىرەرسىنىمۇ سۆيۈپ باقمىدىم» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مېھىر – شەپقەت قىلمىغان ئادەم مېھىر – شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى(22).

مانا بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمۈربايانى، يەكتا سۈپەت ۋە مىجەز – خاراكتېرلىرىدىن ھەمدە ئۇ زاتنىڭ ئەھل ۋە ئەسھابىلىرى ئارىسىدىكى ئاغزاكىي ۋە ئەمەلىي سۈننەتلىرىدىن نامايەندىلەر بولۇپ، بۇلار ئىسلامنى نوقۇل قوپاللىق، توڭلۇق ۋە ھېسسىياتسىزلىق دەپ ئويلىۋالغان؛ شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئۈلگە – رەھنەماسى بولمىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قانداق تەسۋىرلىگەنلىكىدىن بىخەۋەر ياكى بىلمىگەن بولۇۋېلىپ، ئىسلامنىڭ نەمۇنەلىك ئالىم – ئۆلىمالىرىنىڭ كەسكىن تەرسالىق ۋە ھەيۋە – سۈرەننىڭ تىمسالى بولۇشىنى خاھلايدىغان؛ بىلمەي قېلىۋاتقان ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرگە قارشى پەيغەمبەر يولىنىڭ ناھايىتى كەڭرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھتۇر. ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن﴾(ئال ئىمران: 159).

ئاللاھ تائالا بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالامنى ھەتتا دۈشمەنلەرگىمۇ مۇلايىم بولۇشقا بۇيرۇپ، ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقىدىن توستى. چۈنكى، بۇ يول قەلبلەرنى دوستلاشتۇرۇش، قەلبلەردە بۇرۇلۇش پەيدا قىلىش يولىدۇر. ﴿(ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز﴾(مۇئمىنۇن: 96)، ﴿ئاللاھقا (يەنى، ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟ ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ﴾(فۇسسىلەت: 33 -، 34).

شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ بۇ ھاياتلىقتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتلىقتىكى بەخت – سائادىتىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن، قەلبلەرنىڭ تۈگۈنىنى يېشىش، كۆڭۈل ۋە ئەقىللەرنى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە قىزىقارلىق گەپ، لەتىپە ۋە يۇمۇرلار بىلەن چاقچاق قىلىدىغان، چېقىشىپ قويىدىغان ۋە خۇشچىراي، ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىرى ۋە ھەد – بەلگىلىمىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن غەزەپ قىلىدىغان، مۇلايىم ۋە مېھرىبان، جەڭچى ۋە چەۋەنداز، ئابىد ۋە زاھىت مۇكەممەل ئىنساننىڭ نامايەندىسى ئىدى.

ئەگەر توغرا بولسا، قەلبلەردىن ئۆچ – ئاداۋەتلەرنى تازىلاشقا، كەيپىياتنى ياخشىلاش ۋە كۆڭۈللەرنى ئۈلپەتلەشتۈرۈشكە ياردىمى بولسا، خۇش چىراي بولۇش، ئوينىشىپ قويۇش، قىزىقارلىق گەپ ۋە لەتىپىلەردە رەھمەت باركى، ئۇنى كەرەملىك ئاللاھ مېھرىبانلارنىڭ ياخشىلىقلىرى قاتارىغا يازىدۇ.

 

مەنبەسى: المنهاج النبوي في المداعبة والمزاح للدكتور محمد عمارة – http://islamstory.com

تەرجىمىدە: قاراخانىي

——————————————————
1. تەبەرانىي: «ئەۋسەت»، 7619 – ھەدىس. سەنەدى زەئىف.
2. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 13405 – ھەدىس. سەنەدى سەھىھ.
3. ئوقۇش، يېزىشنى بىلمەيدىغان دېگەن مەنىدە. – ت.
4. «مۇلھە»نى بەرىكەت دەپ شەرھىلىگەنلەرمۇ بار.
5. «تىرمىزىي»، 1990- ھەدىس. سەھىھ.
6. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 17868 – ھەدىس.
7. «تىرمىزىي»، 3641- ھەدىس. سەھىھ.
8. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 24899 – ھەدىس. سەنەدى ھەسەن.
9. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21048 – ھەدىس. سەنەدى ھەسەن.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4811 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 186 – ھەدىس.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4418 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2769 – ھەدىس.
12. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 25837 – ھەدىس.
13. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 4476 – ھەدىس؛ ھۈسەين سەلىم ئەسەد: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن.
14. «ئەبۇ داۋۇد»، 2578 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
15. «تىرمىزىي»، 240 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 375 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
16. ھافىز ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيا»، 2921 – ھەدىس) «بۇ ھەدىسنى زۇبەير ئىبنى بەككار (كتاب الفكاهة والمزاح) بىلەن ئىبنى ئەبىددۇنيا رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
17. «تىرمىزىي»، 1991 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6203- ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2150 – ھەدىس.
19. يەنى «سەن تېخىچە ئۇ ئاياللار بىلەن مۇشۇ يەردىمۇ؟»
20. ھافىز ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيا»، 3 – توم، 92 – بەت) «بۇ ھەدىسنى تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»دە رىۋايەت قىلغان. راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن.
21. ھافىز ئىراقىي: («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيا»، 3 – توم، 92 – بەت) «بۇ ھەدىسنى زۇبەير ئىبنى بەككار ‹كتاب الفكاهة والمزاح›دە مۇرسەل رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
22. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5997 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 4282 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز