«قۇرئان»دا ئىيسا ئەلەيھىسسالام

 خرىستىيانلار بىلمەيدۇ

خرىستىيان كىشى مۇسۇلماننىڭ دائىما ھەزرىتى ئىيسا ۋە ئانىسى مەريەم (ئۇلارغا سالاملار بولسۇن!) گە كۆرسىتىدىغان چىن مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىمانىنىڭ بۇلىقى بولمىش «قۇرئان كەرىم»دىن ئېتىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خرىستىيان كىشى مۇسۇلماننىڭ گەپ – سۆزلىرىدە ئۇلۇغ ئىيسانىڭ ئىسمىنى «ھەزرىتى ئىيسا» ياكى «ئىيسا ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام بولسۇن!)» دېمەستىن تىلغا ئالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

قاچانكى، بىر مۇسۇلمان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنى بۇ ھۆرمەت سۈپەتلىرىنى قوشماي تىلغا ئالىدىكەن، ئۇ كىشى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەدەپسىز، قوپال ۋە ياۋايى كىشىدۇر. خرىستىيان كىشى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنىڭ «قۇرئان كەرىم»دە ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسمىدىن بەش ھەسسە ئارتۇق تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئىنچىكىرەك ئېيتقاندا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى «قۇرئان كەرىم»دە 25 قېتىم تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسمى قۇرئاندا بەش قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

بۇنىڭ مىساللىرى: ﴿مەريەم ئوغلى ئىيساغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام) بىلەن كۈچلەندۈردۇق﴾(بەقەرە: 87).

﴿«ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»﴾(ئال ئىمران: 45).

﴿مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىيسا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر﴾(نىسا: 171).

﴿ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق﴾(مائىدە: 46).

﴿زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر﴾(ئەنئام: 85).

 

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ناملىرى

ئىيسا ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە بەش ئورۇندا ئىسمى بىلەن تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ، قۇرئاندىكى باشقا يەرلەردە «مەريەم ئوغلى»، «مەسىھ»، «ئاللاھنىڭ بەندىسى»، «ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى» دېگەندەك ھۆرمەت ناملىرى بىلەن تىلغا ئېلىنغان.

ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا «ئاللاھنىڭ كەلىمىسى»، «ئاللاھنىڭ روھى»، «ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى» ۋە يەنە قۇرئان سۈرىلىرىدىن ئوخشىمىغان 15 سۈرىگە چېچىلغان، يۇقىرى ئىمتىيازدىن دېرەك بېرىدىغان نۇرغۇن شەرەپ ناملىرى بىلەنمۇ ئىشارە قىلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم راستتىنلا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە كۆپ ئىززەت – ئىكرام قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ 14 ئەسىر بۇيان ئۇنىڭغا ئىززەت – ھۆرمەت قىلىشقا سەل قارىغان ئەمەس.

پۈتۈن قۇرئاندا ئىيسانىڭ مەرتىۋىسىنى ياكى ئېتىبارىنى چۈشۈرىدىغان بىرمۇ گەپ تېپىلمايدۇ، خرىستىيانلارنىڭ ئەڭ مۇتەئەسسىپىمۇ بۇ ھەقتە ئېۋەن تاپالمايدۇ.

ئىيسا لاتىنچىدا « jesus جېسۇس» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

«قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭغا ئىيسا دېگەن ئىسم بىلەن ئىشارە قىلىدۇ. بۇ ئىسىم ئۇنىڭ باشقا ھەرقانداق نامىدىن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمى «خرىستىيانچە»دۇر. ئۇنىڭ خاس ئىسمى ئەرەبچىدە «ئىيسا»دۇر، ئىبرانىيچىدە «esau» – «ئىيساۋ»دۇر. خرىستىيان غەرب خەلقلىرى ئۇنى لاتىنچىغا «جېسۇس» (jesus) دەپ تەرجىمە قىلغان. لېكىن، «jesus» دېگەن ئىسىمدىكى «j» ھەرپى ۋە ئىككىنچى «s» ھەرپى ئۇنىڭ ئەسلى تىلىدىكى ئىسمىدا يوق. ئۇ ئىككى ھەرپ ئۇنىڭ سام تىللىرىدىكى ئىسمىدىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

ناھايىتى ئاددىي، بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىسى «ئىيساۋ» (esau) دۇر. بۇ ئىسىم بەك كەڭ تارالغان يەھۇدىيچە ئىسىم بولۇپ، مۇقەددەس كىتاب پارىلىرىدىن بولغان «يارىتىلىش» پارىسىنىڭ ئۆزىدىلا 60 قېتىمدىن ئارتۇق قوللىنىلغان.

ئەڭ ئەقەللىيسى ئىيسا ئالىي كېڭەشنىڭ ئالدىدا سوتلانغاندا، ئورۇنداقتا ئولتۇرغان بىر ئىيسا بار ئىدى.

يەھۇدىي تارىخچىسى يۇسىفۇس «قەدىمكى ئەسىرلەرنىڭ ئىزلىرى» ناملىق كىتابىدا «ئىيسا» دەپ ئاتىلىدىغان 25 چە شەخسنى تىلغا ئالىدۇ. «يېڭى ئەھد» جادۇگەر ۋە يالغان پەيغەمبەر «بار ئىيسا» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ (ئەلچىلەر، 6/13) ، شۇنىڭدەك يەنە پائۇل بىلەن زامانداش خرىستىيان مىسسئونېرى يۇستۇس دەپ ئاتىلىدىغان ئىيسا توغرىلىقمۇ سۆزلەيدۇ (كولوسىلىقلارغا مەكتۇب، 4/11).

بۇلار مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىشىلەردۇر.

ئىيساۋ Esau نى (ج)ېسۇ(س) (J)esu(S) قا ئۆزگەرتىۋېتىش ئۇنىڭدىن يەكتا بىر ئىسىم ياساش ئۈچۈندۇر. مەسىھتىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەسىردىن باشلاپلا، يەھۇدىيلەر ۋە خرىستىيانلار ئارىسىدا بۇ يەكتا ئىسىمنىڭ ئىستېمالى بۇزۇلۇپ كەتكەن. نەتىجىدە، بۇ ئىسىم يەھۇدىي دىنىدا (ئۇلارنىڭ گۇمانىچە) كاپىر بولۇپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ ئىسمى بولغانلىقتىن ھەمدە ئۇ ئىسىم خرىستىيانلارنىڭ جىسىملاشقان ئىلاھىنىڭ خاس ئىسمى بولۇپ قالغانلىقتىن، يەھۇدىيلەر ۋە خرىستىيانلار ئارىسىدا بۇ ئىسىم ئاتىقى يامان بىر ئىسىمغا ئايلىنىپ قالغان.

مۇسۇلمان كىشى ئوغلىغا «ئىيسا» دەپ ئىسىم قويۇشتىن ئىككىلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلۇغ بىر ئىسىمدۇر، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرى ئىچىدىكى بىر بەندىنىڭ ئىسمىدۇر.

 

كۆپلىگەن مەنبەلەر:

ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئابدۇللاھ يۈسۈف ئەلى تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىدا تولۇق بىر مۇندەرىجە بار بولۇپ، بىز مۇندەرىجىنى ئېچىپ كۆرسەك، 1832 – بەتتە «ئىيسا» ماددىسى بار. شۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار بار:

 

ئىيسا سالىھ پەيغەمبەردۇر

﴿زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر﴾(ئەنئام: 85).

 

ئۇنىڭ تۇغۇلۇشى

﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئېيتتى: «ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز) ئاللاھنىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى، مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىيسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدۇ. ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ». مەريەم: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىنساننىڭ قولى تەگمىگەن تۇرسا (يەنى ئەرلىك بولمىسام) قانداق بالام بولىدۇ؟» دېدى. پەرىشتە: «ئاللاھ خاھلىغىنىنى شۇنداق يارىتىدۇ (يەنى ئاتا ـ ئانا، ئارقىلىقمۇ ۋە ئۇنىڭسىزمۇ يارىتىدۇ). بىرەر ئىشنىڭ بولۇشىنى ئىرادە قىلسا، ۋۇجۇدقا كەل دەيدۇ – دە، ۋۇجۇدقا كېلىدۇ» دېدى﴾(ئال ئىمران: 45 – 47).

﴿مەريەم ھامىلىدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى ﴿22﴾. تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»﴾(مەريەم: 22 – 23).

 

ئىيسا بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەردۇر

﴿ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ) «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن ـ دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ. تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن، سىلەر يەيدىغان ۋە ئۆيۈڭلاردا ساقلايدىغان يېمەكلىكلەردىن خەۋەر بېرىمەن (يەنى سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئەھۋالىڭلارنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن). شۈبھىسىزكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا (يەنى مەن كەلتۈرگەن مۆجىزىلەردە) سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە، (مېنىڭ راستلىقىمنى كۆرسىتىدىغان روشەن) ئالامەت بار. مەن ئىلگىرى كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغان ھالدا (كەلدىم)، سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە (مېنىڭ ئەمرىمگە) ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»﴾(ئال ئىمران: 49 – 51).

 

ھەۋارىيلەر

﴿ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلەر) دىن كۇفرىنى (كۇفرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: «ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بېرىدۇ؟» دېدى. ھەۋارىلار (يەنى ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقىي مۆمىنلەر) ئېيتتى: «ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم بېرىمىز، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق. گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (پەيغەمبەرلىكىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز. پەرۋەردىگارىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەندۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا قىلغىن»﴾(ئال ئىمران: 52 – 53).

﴿ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلەرگە: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى. ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيلەر: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىيسا: «ئەگەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى قويۇشتا) ئاللاھدىن قورقۇڭلار» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭدىن يېيىشنى، كۆڭلىمىزنىڭ تىنچلىنىشىنى، سۆزۈڭنىڭ راستلىقىنى بىلىشنى ۋە پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچىلاردىن بولۇشنى ئىرادە قىلىمىز» دېدى. مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى. ئاللاھ (ئىيسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ): «ئۇنى مەن سىلەرگە چوقۇم (ئاسماندىن) چۈشۈرىمەن، سىلەردىن كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولسا، ئۇنى شۇنداق بىر ئازاب بىلەن ئازابلايمەنكى، ئەھلى جاھاندىن ھېچ كىشىنى مۇنداق ئازابلىمايمەن» دېدى﴾(مائىدە: 111 – 115).

 

ئىيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

﴿ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىيسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كاپىرلارغا بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب قىلىمەن، ئۇلارغا (ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى توسىدىغان) ھېچ مەدەتكار بولمايدۇ». ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ) ئەجرىنى تولۇق بېرىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ (زالىملارنى دوست تۇتمايدىغان زات قانداقمۇ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلسۇن؟). (ئى مۇھەممەد!) بۇ بولسا ساڭا بىز ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەردۇر ۋە ھېكمەتلىك قۇرئاندۇر﴾(ئال ئىمران: 55 – 58).

﴿يەنە «ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبن مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلەر ۋە ناسارالاردىن) ھەرقاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ. ئىيسا قىيامەت كۈنى ئۇلار (يەھۇدىيلەرنىڭ ئىيسانى دارغا ئاستۇق دېگەن دەۋاسىنىڭ ۋە ناسارالارنىڭ ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن دەۋاسىنىڭ يالغانلىقى) غا گۇۋاھ بولىدۇ﴾(نىسا: 157 – 159).

 

ئادەمنىڭ مىسالى

﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا ـ ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «ۋۇجۇدقا كەل» دېدى ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى ﴿ئىيسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس)﴾(ئال ئىمران: 59).

 

دارغا ئېسىلغىنى يوق

﴿يەنە «ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىيسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىيسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسىلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى﴾(نىسا: 157).

 

ئۇ پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر

﴿ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ئاللاھنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ئاللاھقا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىيسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى پەقەت ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ئاللاھنىڭ تاشلىغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ئاللاھنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ئاللاھ، ئىيسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (ئاللاھ ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ئاللاھ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن ئاللاھ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ئاللاھ يېتەرلىك ھامىيدۇر﴾(نىسا: 171).

﴿مەريەم ئوغلى ئىيسا پەقەت (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش) پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئانىسى ناھايىتى راستچىل خوتۇندۇر، ئۇ ئىككىسى تاماق يەيتتى (يەنە ئۇلارمۇ باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشاشلا گۆش، سۆڭەك، تومۇر ۋە پەيلەردىن تەركىب تاپقان ئىدى). ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ باتىللىقىغا) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەقتىن قانداق باش تارتقانلىقىغا قارىغىن﴾(مائىدە: 75).

﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق﴾(زۇخرۇف: 59).

﴿ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»﴾(زۇخرۇف: 63، 64).

 

ئىيسا ئاللاھ ئەمەستۇر

﴿«مەريەم ئوغلى مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھتۇر» دېگەن كىشىلەر (يەنى ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى) ھەقىقەتەن كاپىر بولدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ مەريەم ئوغلى مەسىھنى، مەسىھنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ھالاك قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئاللاھ (نىڭ ئىرادىسى) دىن بىرەر نەرسىنى توسۇشقا كىم قادىر بولالايدۇ؟» ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خاaلىغىنىنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر﴾(مائىدە: 17).

﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسادۇر، دېگۈچىلەر كاپىر بولدى، ئىيسا: «ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن (يەنى ئاللاھدىن غەيرىيگە ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، زالىملارغا ھېچبىر مەدەتكار (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى) بولمايدۇ» دېدى﴾(مائىدە: 72).

 

ئىيسا ئىنجىل بىلەن ئەۋەتىلگەن

﴿ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) ئېتىراپ قىلغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر﴾(مائىدە: 46).

 

ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەستۇر

﴿يەھۇدىيلەر: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ﴾(تەۋبە: 30).

 

ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە مۆجىزىلىرى

﴿ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ ـ دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلەردىن) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلار: «بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر» دېدى﴾(مائىدە: 110).

﴿مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى. بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ). قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى. مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»﴾(مائىدە: 30 – 33).

 

پەرۋەردىگارىدىن داستىخان سورايدۇ

﴿مەريەم ئوغلى ئىيسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن. سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى﴾(مائىدە: 114).

 

ئىيسا ھېچبىر ساختا ئىبادەتنى ئۆگەتمىگەن ياكى ئۇنىڭغا چاقىرمىغان

﴿ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار، دېدىڭمۇ؟» ئىيسا ئېيتتى: «(رەببىم!) شەنىڭگە لايىق ئەمەس نەرسىلەردىن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەنكى، ماڭا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولمىغان سۆزلەرنى مەن ئېيتمايمەن، ئەگەر مەن بۇ سۆزنى ئېيتقان بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن (يەنى مېنىڭ ئۇنداق دېمىگەنلىكىم ساڭا مەلۇملۇق). سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن، سەن غەيبلەرنى ناھايىتى ئوبدان بىلىسەن. مەن ئۇلارغا پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنى، يەنى، مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىم، مېنى قەبزى روھ قىلغىنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى سەن كۆزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ، سەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردارسەن. ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر (ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن)، (ساڭا ھېچ ئەھەدى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)، ئەگەر ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا) مەغپىرەت قىلساڭ، سەن (ئىشىڭدا) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن». ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) راستچىللارنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كۈندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر»﴾(مائىدە: 116 – 119).

 

ھەۋارىيلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ

﴿ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلەرگە: «ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار: «بىز ئىمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز» دېدى﴾(مائىدە: 111).

 

چەكلىك ۋەزىپە

﴿بىز سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا خوتۇنلار ۋە بالىلار بەردۇق، ھەرقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ھەربىر ۋاقىتنىڭ (ئۆزىگە مۇناسىپ) ھۆكمى بولىدۇ﴾(رەئد: 38).

 

ئىيسانىڭ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئەگەشكۈچىلىرى

﴿ئۇلاردىن كېيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى داۋاملىق ئەۋەتتۇق، ئارقىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق، رەھبانىيەتنى ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلدى، ئۇلارغا ئۇنى بىز بېكىتمىدۇق، ئۇلار ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ (پەيدا قىلدى)، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا لايىق دەرىجىدە ئەمەل قىلمىدى، ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بەردۇق، ئۇلاردىن نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر﴾(ھەدىد: 27).

 

ھەۋارىيۇنلار ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر

﴿ئى مۆمىنلەر! ھەۋارىيلەر (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۆمىن قەۋم) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيۇنلارغا: «(ئاللاھنىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) ئاللاھقا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى﴾(سەپ: 14).

 

ئىيسانىڭ ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكى

﴿بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامال قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق﴾(مۇئمىنۇن: 50).

﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە، قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر﴾ (زۇخرۇف: 61).

 

ئىيسانىڭ ئەھمەد دەپ بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى

﴿ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى﴾(سەپ: 6).

 

مەنبە: شەيخ ئەھمەد دىداتنىڭ «ئىسلامدىكى مەسىھ (المسيح في الإسلام)» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز