دوكتور مۇھەممەد ئۇمارەنىڭ «خرىستىيانلاشتۇرۇشقا قارشى چوقان – ئىلمىي دوكلات» دېگەن كىتابى ئۈستىدە تەھلىل

 

ناسىر فەرەج خەتتاب

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارەنىڭ «خرىستىيانلاشتۇرۇشقا قارشى چوقان – ئىلمىي دوكلات» دېگەن كىتابى «قوغداشقا تەييار تۇرغۇچىلار – ئەقلىڭىزنى ئىمانىڭىزغا قالقان قىلىڭ! On Guard: Defending Your Faith with Reason and Precision)»([1^]) نامىدىكى بىر خرىستىيانلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىدا ئورۇن ئالغان دەۋالارنىڭ مۇھىملىرىنى چۆرىدىگەن ھالقىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ. بۇ خرىستىيان تەشۋىقاتى بەش بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلەكتە تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇرمىلانمىغانلىقى ھەققىدە، ئىككىنچى بۆلەكتە بارنابا ئىنجىلى ھەققىدە، ئۈچىنچى بۆلەكتە خرىستىيانلىقنىڭ بىرلەشمە دىن ئىكەنلىكى ھەققىدە، تۆتىنچى بۆلەكتە كەچۈرۈم مەسىلىسى ۋە پىداكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە، بەشىنچى بۆلەكتە كىچىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەيدۇ. بۇ تەشۋىقاتلار خرىستىيان ئەقىدىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش، شۇنداقلا خرىستىيانلاشتۇرۇش نىشانى بىلەن ئۇنى مۇسۇلمانلارغا سۇنۇش قاتارلىقلاردا توختىلىپلا قالماستىن، قۇرئان ۋە ئىسلام رەت قىلىدىغان خرىستىيان ئەقىدىلىرىنىڭ توغرىلىقىغا «قۇرئان كەرىم»دىن پاكىت ئىزدەشكە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە تىل تەگكۈزۈشكىچە ئەزۋەيلىگەن.

 

مەزكۇر (خرىستىيانچە) كىتابتا كەلگەن ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىرى:

1. كونا ئەھد ۋە يېڭى ئەھدتىن ئىبارەت مۇقەددەس كىتاب دەپ ئاتالغان نەرسىنىڭ مەسىلىسى. بۇرمىلاش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟

2. مەسىھ (ئىيسا) ئەلەيھىسسالامنى خرىستىيانچە ئىلاھلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىش.

3. بۇ كىتابنىڭ مەسىھنى ئىلاھلاشتۇرۇشىغا ئېلىپ بارغان مۆجىزىلەر، خاتالىق ۋە مەسۇملۇق مەسىلىسى.

بۇ كىتاب مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى تىلغا ئالىدۇ.

 

تەۋرات، ئىنجىلنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۇنىڭ بۇرمىلانمىغانلىقى

 

مىسسىئونېر ئۆزىنىڭ خرىستىيانلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ بۇ بۆلىكىدە مۇنداق دەيدۇ: «بەزىلەر تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ بۇرمىلاشقا ئۇچرىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ھەقتە ھېچبىر دەلىل كەلتۈرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ نوقۇل پەرەز ۋە پاكىتسىز قارىلاشتۇر. پەيغەمبەر ھەدىسىدە: «دەۋاگەر پاكىت كەلتۈرۈشى كېرەك» دەپ بار، يەنى ھەرقانداق بىر قارىلىغۇچى دەۋاگەر دەۋاسىنىڭ راستلىقىغا دەلىل كەلتۈرۈشى كېرەك».

 

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە تۆۋەندىكى دەلىللەر ئارقىلىق تەۋراتنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ:

بىرىنچى دەلىل:

ئېنىقكى، تەۋرات ئىبرانىي تىلى پەيدا بولۇشتىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ئىلگىرى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھېروگلىف تىلى بىلەن نازىل بولغان. چۈنكى، ئىبرانىي تىلى كەنئان شېۋىسىدۇر. ئۇنداقتا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھېروگلىف تىلى بىلەن نازىل بولغان تەۋرات قېنى؟

جاۋاب: بۇ تەۋرات مەۋجۇت ئەمەس.

 

ئىككىنچى دەلىل:

مۇسا ئەلەيھىسسالام مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 – ئەسىردە ياشاپ ۋاپات بولغان. كونا ئەھد (يەنى تەۋرات) پارىلىرىنى تۇنجى قېتىم توپلاش مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يەنى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 597 – 538) يەھۇدىيلەرنىڭ بابىل ئەسىرلىكىدىن قايتقاندىن كېيىن ئەزرانىڭ قولىدا ھاسىل بولغان. مانا بۇ، ئاشۇ يەھۇدىي يادىكارلىقىنىڭ سەككىز ئەسىر مۇددەت ئاغزاكى يادىكارلىق بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ ئارىدا بەنى ئىسرائىل بىردەم موزايغا، بىردەم كەنئانلىقلارنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، كۆپ ھاللاردا پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىققان.

 

ئۈچىنچى دەلىل:

تەۋرات پارىلىرىدا تېپىلىدىغان ئوچۇق – ئاشكارا قارىمۇقارشىلىقلار. ناۋادا ئۇ زىتلىقلارنى سانىماقچى بولساق، ئۇنىڭدىن بىر پارىغا قاراش يېتەرلىكتۇر. مىسال تەرىقىسىدە:

1. ئاللاھنىڭ ئىسمى بەزىدە ياھۋەھ، بەزىدە ئېلوھىم بولۇپ قالىدۇ.

2. يارىتىلىش پارىسىدا، يارىتىلىشنىڭ باشلىنىشى توغرىسىدا نۇرنىڭ بىرىنچى كۈندە يارىتىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ (يارىتىلىش 1 : 5)، ئاندىن نۇرنىڭ تۆتىنچى كۈندە يارىتىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ (يارىتىلىش 1: 6 – 19).

بىردەم قۇياش بىرىنچى كۈندە يارىتىلغان، دەيدۇ (يارىتىلىش 1: 5)، بىردەم تۆتىنچى كۈندە يارىتىلغان، دەيدۇ (يارىتىلىش 1: 14 – 19).

كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا، يارىتىلىش پارىسىدا (1: 20 – 23)، ئاۋۋال بەشىنچى كۈندە ھايۋاناتلار يارىتىلدى، ئادەم ئالتىنچى كۈندە يارىتىلدى، دەيدۇ. ئاندىن شۇ پارىدا (يارىتىلىش 2: 7 – 19) قايتا مۇنداق دەيدۇ: ئاۋۋال ئىنسان يارىتىلدى، ئۇندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەر، ئۇندىن كېيىن ھايۋاناتلار ۋە قۇشلار يارىتىلدى.

3. زاماننىڭ ئۆمرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايقايمىز:

ئىبرانىيچە تەۋراتتا 1656 يىل؛

گىرېكچە نۇسخىدا 2262 يىل؛

سامىرىچە نۇسخىدا 1307 يىل.

4. ئىبلىسنىڭ زېمىنغا چۈشۈش تارىخى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەرنى بايقايمىز:

بىر تۇرۇپ ئادەم يارىتىلىپ، جەننەتكە كىرىشىدىن ئىلگىرى، دەيدۇ (ئىلاھىيەتشۇناس يۇھاننانىڭ چۈشى 12: 7 – 10).

يەنە بىر تۇرۇپ ئادەم يارىتىلىپ، جەننەتتىكى ئاسىيلىقىدىن كېيىن، دەيدۇ (يارىتىلىش (3: 1 – 15).

5. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ توپان بالاسى مۇددىتى ھەققىدە:

يارىتلىش كىتابى (7: 12) دا قىرىق كېچە، قىرىق كۈن؛

شۇ كىتابنىڭ ئۆزىدە (يارىتىلىش 7: 24) يەنە توپاننىڭ مۇددىتىنىڭ 150 كۈن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

6. ئاللاھ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا پۈتكەن ئاچارچىلىق يىللىرىنىڭ سانىنى مۇنداق كۆرىمىز:

 يەتتە يىل (ئىككىنچى سامۇئىل 24: 12)،

ئۈچ يىل (ئاۋۋالقى كۈنلەرنىڭ خەۋەرلىرى توغرىسىدا 21: 11).

7. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئارامدا يوق قىلغان كېمىلەرنىڭ سانى:

700 كېمە، 40٫000 ئاتلىق (ئىككىنچى سامۇئىل 10 – 18).

7000 كېمە، 40٫000 ئاتلىق (ئاۋۋالقى كۈنلەرنىڭ خەۋەرلىرى 19: 18).

شۇنىڭدەك يەنە، كونا ئەھد (تەۋرات) پارىلىرىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئىككىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن سۆزلىمەيدىغانلىقى، بەلكى ئۈچىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن سۆزلەيدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال ئۇ پارىلارنىڭ ئۇنىڭغا نازىل بولمىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن توپلانغان يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

مىسال تەرىقىسىدە:

«ياھۋەھ مۇساغا گەپ قىلدى… ياھۋەھ مۇساغا يۈزمۇ – يۈز گەپ قىلدى» (مىسىردىن چىقىش 33: 11).

«مۇسا دېگەن كىشىگە كەلسەك، ئۇ زېمىن يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدىن بەك مۇلايىم ئىدى» (12: 3).

«مۇسا قوشۇننىڭ ۋەكىللىرىگە خاپا بولدى» (31: 4).

«مۇسا ئاللاھنىڭ ئەركىكى» (قانۇننىڭ تەكرارى 31: 1).

«ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا ئۆلدى» (قانۇننىڭ تەكرارى 34 – 35).

«پەرۋەردىگار مۇساغا ئېيتتى» (مىسىردىن چىقىش 6: 1).

مۇشۇ گەپلەر مۇساغا نازىل بولغانمۇ، ياكى ئۇ كىرگۈزۈلگەن يازمىلار، قىستۇرمىلارمۇ؟

ئاندىن بۇ يەردە كونا ئەھد (تەۋرات) كىتابلىرىغا ئىشىنىدىغان خرىستىيان چېركاۋلىرىنىڭ كونا ئەھد كىتابلىرىنىڭ سانى ھەققىدە ئىختىلاپلىرى بار:

پروتېستانت 66 پارىغا ئىشىنىدۇ.

كاتولىك 73 پارىغا ئىشىنىدۇ.

ئورتودوكس 66 پارىغا ئىشىنىدۇ.

ئاخىرىدا، مىسىرلىق ئورتودوكسلارنىڭ پاپاسى پاپا III شەنۇدا ئۆزىنىڭ ھەپتىلىك ۋەز – نەسىھىتىدە، ھازىرقى كونا ئەھد (تەۋرات) پارىلىرىدىن ئورتودوكس چېركاۋلىرى كونا ئەھدنىڭ بىر قىسمى دەپ ئىشىنىدىغان قانۇننىڭ تەكرارى پارىلىرىنىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقىغا گۇۋاھلىق بەردى.

تۆتىنچى دەلىل:

يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇۋاھلىقى. يەھۇدىي ئالىم زالمان شازار يەھۇدىي ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى «قەدىمكى ئەسىردىن ھازىرقى ئەسىرگىچە كونا ئەھدنىڭ تەكشۈرۈلۈش تارىخى» ناملىق كىتابىغا توپلىغان بولۇپ، بۇ كىتاب كونا ئەھد پارىلىرىنىڭ نوقۇل ئۇزۇن دەۋرلەر، خىلمۇخىل ئەسىرلەر، ئوخشىمىغان مۇھىتلار، پەرقلىق مەدەنىيەتلەر، تۈرلۈك مەنبەلەر ۋە ئوخشىمىغان مۇئەللىپلەر ئارقىلىق تەشكىل تاپقان ئاغزاكى جۇغلانمىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىگە يەھۇدىيلەرنىڭ كەسكىن گۇۋاھلىقلىرى بىلەن تولغان.

مەسىلەن: ئالتە پارىدىن ئىبارەت بولغان «ئىشئىيا» پارىسى خىلمۇخىل زامانلاردا يېزىلغان. بىرىنچى ئىشئىيا يوسام، ئاھاز ۋە يەھزىقىيا دەۋرىدە ياشىغان. (24 – 27) بابلار يوشياهو ئەسىرىدە، ئىككى باب (34 – 35) خارابلىقتىن كېيىن يېزىلغان. يەنە ئىككى باب (13 – 14) ھىزقىيالدىن 30 يىل كېيىن يېزىلغان.

«ئېرمىيا» پارىسى ئوخشىمىغان قىسىملارغا بۆلۈنگەن. زەكەرىيا پارىسىدا ئۈچ پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى بار، بىرىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى 1 – 6 گىچە بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى پەيغەمبەر ھوشە دەۋرىدە ياشىغان. ئىككىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى 7 – 12 گىچە بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەھۇياقىم ۋە سىدىقياھ‍ۇ دەۋرىدە ياشىغان. 12 – 14 گىچە بولغان بابلار ئۈچىنچى پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بەشىنچى دەلىل:

مۇقەددەس دېيىلگەن بۇ كىتابنىڭ پارىلىرىغا قوشۇلغان مۇقەددەسلىك چەتتىن كىرگەن بولۇپ، بۇ مۇقەددەسلىك مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن ئون ئەسىردىن كۆپرەك كېيىن يۈز بەرگەن. شۇڭا ماكابىلار دەۋرى (مىلادتىن بۇرۇنقى 168 – 37) دىن ئىلگىرى بۇ پارىلارنى ئۇلۇغلايدىغان كىشى بولمىغان.

ھەتتا مۇكابىلار دەۋرىدىمۇ بۇ مۇقەددەس پارىلار ئېتىراپ قىلىنمىغان. فرانسىيەلىك تالمۇد ھۆكۈمالىرى ئىككىنچى ھەيكەل زامانىدا، قالغان پارىلارنىڭ ئارىسىدىن بۇ پارىلارنى تاللاپ چىققان، ئاندىن ئۇنى رەتلەپ، مۇقەددەس كىتاب مەرتىۋىسىگە كۆتۈرگەن.

شۇ جەھەتتىن، ﴿بىز ھەقىقەتەن ھىدايەت ۋە نۇر بولغان تەۋراتنى نازىل قىلدۇق﴾(مائىدە: 44)، ﴿ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بولغان تەۋرات بار﴾(مائىدە: 43) دېگەن ئايەتلەر ئارقىلىق قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنگەن تەۋراتتىن مەقسەت مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتىدۇر. ھالبۇكى، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سەككىز ئەسىر كېيىن توپلانغان بۇ پارىلار مۇسانىڭ تەۋراتى ئەمەس.

ئىنجىلنىڭ بۇرمىلانغان ئىكەنلىكىگە دەلىللەر

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە بۇرمىلاشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دەلىللەرنى قويۇشتا ئىخچام خۇلاسىلىق، تېمىلىق ۋە مەنتىقىي مىتودنى قوللىنىدۇ.

بىرىنچى دەلىل:

مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئىنجىلنى ئارامى تىلى بىلەن ئېلىپ كەلگەن. ئۇنداقتا، بۇ ئىنجىل – مەسىھنىڭ ئىنجىلى قەيەردە؟

دۇنيادىكى پۈتكۈل چېركاۋلار ۋە دۇنيادىكى پۈتۈن خرىستىيان مەزھەپلىرى بۇ ئىنجىلنىڭ بىرەر نۇسخىسىغىمۇ ئىگە ئەمەس.

مۇشۇ نۇقتىدىن، مەسىھ ئېلىپ كەلگەن، قۇرئان كەرىم ئاللاھ نازىل قىلغان زىكىر ئېتىبارى بىلەن تىلغا ئالغان ﴿بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا) ھىدايەت ۋە نۇر بولغان ئىنجىلنى بەردۇق﴾(مائىدە: 46)، ﴿ئىنجىل ئەھلى ئاللاھ ئىنجىلدا نازىل قىلغان ئەھكاملار بىلەن ھۆكۈم قىلسۇن﴾(مائىدە: 47) دەپ ناسارالاردىن ئەھكاملىرىنى بىجا كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان بۇ ئىنجىل خرىستىيان چېركاۋلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا مەۋجۇت ئەمەس.

ئىككىنچى دەلىل:

مەشھۇر مۆتىۋەر تۆت ئىنجىلنىڭ ئىككىسىنى مەسىھتىن كېيىنكى ئەۋلاد ئىچىدىن پېترۇسنىڭ شاگىرتى ماركۇس ۋە پاۋلۇسنىڭ شاگىرتى لۇكا ئىككىسى يازغان. بۇ ئىككىسى يازغان نەرسىلىرىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ئەمەس.

ئۈچىنچى ئىنجىل (يۇھاننا ئىنجىلى) غا كەلسەك، ئىچكى تەكشۈرۈشكە تايانغان تەتقىقاتلار ئۇنىڭ مىلادى بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشقا بىر يۇھاننانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن يېزىلغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ. دېمەك، بىز دەۋاتقان تۆت ئىنجىلنىڭ ئۈچىنىڭ مەسىھ دەۋرى بىلەن ئالاقىسى يوق.

ئۈچىنچى دەلىل:

بۇ ئىنجىللار نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىش بىلەن تېكىستلىرى كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەن.

مەتتا ئىنجىلى ئاۋۋال ئىبرانىيچە ئەمەس، ئارامىيچە يېزىلغان، ئاندىن گىرېكچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئاۋۋالقى تېكىست يوقاپ كېتىپ، ئىككىنچىسى (يەنى تەرجىمىسى) قېپقالغان.

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە بەزى مىساللارنى بايان قىلىدۇ:

1. ماركۇس ئىنجىلى يېڭىدىن مىسىرچە تەرجىمە قىلىندى. بۇ تەرجىمىنى «مۇقەددەس كىتاب» مەجمۇئەسى ئىچىدىكى مەۋجۇت ئەرەبچە ئوخشاشلىرىغا سېلىشتۇرغان كىشى ھەربىر بەتتە نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى تاپىدۇ.

2. 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى كونا ئەھد ۋە يېڭى ئەھد (تەۋرات ۋە ئىنجىل) تېكىستلىرى نۇرغۇن تىللاردىكى يېڭى تەرجىمىلەرگە شاھىت بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن غەربتە رادىكال فېمىنىزم (ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى) مەيدانغا كەلدى. نەتىجىدە، بۇ تېكىستلەردىكى دىنىي مەدەنىيەتنىڭ ئەرلەر مەدەنىيىتى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىكى كۆپلىگەن ئەرلىك ئىسىملىرى بۇ يېڭى تەرجىمىدە چەتكە قېقىلدى.

بۇ يېڭى تەرجىمىلەر دۇنياۋىلىشىش، زامانىۋىلىشىش تەرەپدارلىرى ۋاسىتىسى بىلەن كۈچەپ بازارغا سېلىندى.

تۆتىنچى دەلىل:

بىز لۇكا ئىنجىلىنىڭ بېشىغا نەزەر سالساق (بىرىنچى باب: 1 – 4)، پاۋلۇسنىڭ شاگىرتى لوكانىڭ مۇنداق سۆزىنى ئوقۇيمىز: «ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى! كۆپ كىشىلەر بىز جەزم بىلەن ئىشىنىدىغان ئىشلارنىڭ قىسسەسىنى خۇددى باشتىن تارتىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە «كەلىمە»گە خىزمەت قىلغانلار بىزگە تاپشۇرغاندەك يېزىشقا تۇتۇنغان بولسا، مەنمۇ – باشتىن ھەممىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈردۈم – سىزگە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئارقىمۇ – ئارقا مەكتۇپ يېزىشنى توغرا كۆردۈم».

بىز كۆرۈۋاتقان بۇ تېكىست تۆت كىشى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىنجىللارنى يازغانلىقىنى ئېيتماقتا.

بەشىنچى دەلىل:

بېرىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسىدە بۇ تۆت ئىنجىل توغرۇلۇق مۇنداق بايانلار كەلگەن:

1. مەتتا ئىنجىلى: مەتتانىڭ بۇ ئىنجىلنىڭ مۇئەللىپى ئىكەنلىكى راستىنلا شەكلىك بىر ئىش. مەتتانىڭ بۇ ئىنجىلىنى يېزىشتا، تۇنجى يېزىلغان ئىنجىل ھېسابلىنىدىغان ماركۇس ئىنجىلىغا تايانغانلىقى مەلۇم. بۇ ئىنجىل 621 تېكىستقا يەتكەن ماركۇس ئىنجىلىنىڭ تېكىستىدىن 600 نى، يەنى ماركۇس ئىنجىلىنىڭ مەزمۇنىدىن 90% نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

2. ماركۇس ئىنجىلى: قول يازمىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. 9 دىن 20 گىچە تېكىستلەر كېيىنكى قوشۇمچىلار دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، 16: 9 – 20 – غىچە بولغان ئاخىرقى تېكىستلەر قوليازمىلارنىڭ بەزىسىدە مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا قوليازمىلاردىكى قىسقا پارچىلار تېپىلىدۇ.

3. لۇكا ئىنجىلى: بۇ ئىنجىلنىڭ مۇئەللىپى مەجھۇل بولۇپ كەلمەكتە.

4. يۇھاننا ئىنجىلى: ئىيسانىڭ ئىلاھلىقىنى ئوچۇق ئېيتقان بىردىنبىر ئىنجىلدۇر. بۇ ئىنجىل ئىيسانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ: «مەن ۋە ئاتا بىرمىز» (يۇھاننا 10 – 30)، «مېنى كۆرگەن كىشى ئاتانى كۆرگەن بولىدۇ» (يۇھاننا 14: 9)، «مەن ئاتانىڭ ئىچىدە، ئاتا مېنىڭ ئىچىمدە» (يۇھاننا 14: 10).

بۇ ئىنجىل مەسىھنى كرېستقا مىخلاش، قۇربانلىق رىۋايىتى، مەسىھنى تۈۋرۈككە باغلاش ۋە مەسىھنىڭ پەيغەمبەرلىك مۇددىتى قاتارلىق جىددىي ۋە مۇھىم ئىشلاردا باشقا ئىنجىللارغا زىت كېلىدۇ.

ئالتىنچى دەلىل:

بۇ ئىنجىللارنىڭ يېزىلىش تارىخى مەسىھ ئەسرى ۋە ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخىدىن كېيىندۇر.

بېرىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى تىلغا ئالغاندەك، بۇ ئىنجىللارنىڭ ئەڭ كونىسى ماركۇس ئىنجىلى بولۇپ، مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىدىن 30 يىل كېيىن، مىلادىيە 65 ~ 70 – يىللار ئارىسىدا يېزىلغان.

مەتتا ئىنجىلى مىلادىيە 70 ~ 80 – يىللىرى ئارىسىدا يېزىلغان.

 لۇكا ئىنجىلى مىلادىيە 80 – يىلى يېزىلغان.

يۇھاننا ئىنجىلى بولسا مىلادىيە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، يەنى مىلادىيە 100 – يىلى يېزىلغان.

مىلادىيە 130 – يىلى ۋاپات بولغان پوپ بابياس ئېيتقاندەك: «پېترۇسنىڭ تەرجىمانى بولغان ماركۇس ئۇنىڭ خاتىرىسى رۇخسەت قىلغۇدەك يېتەرلىك ئىنچىكىلىكتە ئىيسانىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە سۆزلىرىنى يازغان، لېكىن قائىدىگە رىئايە قىلمىغان، چۈنكى ماركۇس گەرچە ئىيساغا شەخسەن ئەگەشكۈچى بولسىمۇ، ئىيسادىن بىرنەرسە ئاڭلىمىغان، لېكىن ئۇ كېيىنكى باسقۇچتا پېترۇسقا ئەگەشكەن».

يەتتىنچى دەلىل:

پارىژدىكى كاتولىك ئىنستىتۇتى ئۇستازى كانېنگىسېر (R.P.Kanenengesser) ئېيتىدۇ: «ئىنجىللارنى ئۆزگەرمىگەن، ئۆز پېتى دەپ دەپ قوبۇل قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئىنجىللارنىڭ بىر قىسمىنى ساقلاپ قالغان، يەنە بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇ ئىنـجىللار بەس – مۇنازىرە شارائىتىدا يېزىلغان يازمىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇئەللىپلىرى ئۆز جامائىتىنىڭ مەسىھ ھەققىدىكى يادىكارلىقلىرىنى يازغان».

سەككىزىنچى دەلىل:

ئىنجىللارنىڭ دەسلەپكى ئەسلىلىرى يوقىلىپ كەتكەن. ھازىرقى بۇ ئىنجىللارنىڭ ئەڭ قەدىمكى قوليازمىلىرى بىلەن مەسىھ ئوتتۇرىسىدا ۋە بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ دەۋرى ئوتتۇرىسىدا 300 يىلغا يېقىن ئارىلىق بار.

بېرىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيىسىنىڭ گۇۋاھلىقى: «ئەسلى مۇئەللىپلىرىنىڭ قوللىرى بىلەن يېزىلغان يېڭى ئەھدنىڭ ئەسلى نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسى يۈتۈپ كەتكەن. يېڭى ئەھد ۋەقەلىكلىرى بىلەن ھازىرقى مەۋجۇت قوليازمىلارنىڭ يېزىلىش تارىخى ئوتتۇرىسىدا 200 ~ 300 يىلدىن ئاز بولمىغان ۋاقىت ئارىلىقى بار».

توققۇزىنچى دەلىل:

ھازىرقى تارقىتىلىپ نەشر قىلىنغان ئىنجىللارنىڭ قوليازمىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يۈز ئەللىك مىڭ (150٫000) زىددىيەتلىك نۇقتا بار. بۇ زىددىيەتلەر خىلمۇخىل ئىنجىللارنىڭ قوليازمىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت ئەمەس، بەلكى بىر ئىنجىلنىڭ قوليازمىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردۇر.

بېرىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيەسىنىڭ تېكىستى: «مەتبەئەچىلىك دەۋرىدىن ئىلگىرىكى مۇقەددەس كىتاب نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېكىستىدە زىددىيەتلەر كۆرۈلىدۇ. چېركاۋ پوپلىرىنىڭ يېڭى ئەھد كىتابلىرىدىن ئالغان ئۈزۈندىلىرىنىڭ تېكىستلىرىدە بىر يۈز ئەللىك مىڭدىن كۆپرەك زىددىيەت كۆرۈلىدۇ».

ئاندىن دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە ھازىرقى ئىنجىللارنىڭ تېكىستلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرگە دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ. ئۇ دەلىللەردىن مىسال تەرىقىسىدە:

مەتتا ئىنجىلىدىن Didascaliya نەقىل قىلغان بىر تېكىستتە: «بۇ سەۋەبتىن تەڭرى دېدى: ئاسماندىكى قۇشلارغا ئوخشاش بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ تېرىمايدۇ، ئورىمايدۇ، كاتلاردا ساقلىمايدۇ، ئۇلارغا سىلەرنىڭ ساماۋى ئاتاڭلار ئوزۇق بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ نېمە ئىچىمىز، نېمە يەيمىز دەپ غەم قىلماڭلار، چۈنكى ئاتاڭلار بۇنىڭ ھەممىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلگۈچىدۇر».

مەتتا ئىنجىلىنىڭ ھازىرقى نۇسخىسىدىكى تۆۋەندىكى تېكىستىگە مۇراجىئەت قىلساق، مۇنداقلىقىنى بايقايمىز: «ئاسماننىڭ قۇشلىرىغا قاراڭلار، ئۇلار تېرىمايدۇ، ئورىمايدۇ، ئامبارلارغا توپلىمايدۇ، ساماۋى ئاتاڭلار ئۇلارغا قۇۋۋەت بېرىدۇ. ئەڭ لايىقىغا سىلەر ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

سىلەردىن كىم غەم يەپ، ئۆزىنىڭ قامىتىنى بىر گەز ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايدۇ؟! نېمە ئۈچۈن كىيىم ئۈچۈن غەم يەيسىلەر؟!

ئېتىزدىكى پىياز گۈللەرنى ئويلاڭلار، ھارماي، سولاشماي قانداق ئۆسىدۇ؟ لېكىن سىلەرگە دەيمەنكى: كىيىم كىيىدىغان سۇلايمان شۇ شانۇشەۋكىتىدە بىر تال پىياز گۈلدەك ئەمەس. ئەگەر بۈگۈن بار بولغان، ئەتە تونۇرغا تاشلىنىدىغان ئېتىزنىڭ چۆپلىرىگە ئاللاھ مۇشۇنداق كىيىم كىيدۈرگەن بولسا، سىلەرگە كىيىم كىيگۈزۈشكە تېخى بەكرەك لايىق ئەمەسمۇ ئەي ئىمانى ئازلار؟!»

«نېمە يەيمىز، ياكى نېمە ئىچىمىز، ياكى نېمە كىيىمىز، دەپ غەم قىلماڭلار، بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۈممەتلەر تەلەپ قىلىدۇ، چۈنكى سىلەرنىڭ ساماۋى ئاتاڭلار بۇنىڭ ھەممىسىگە موھتاج بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ» (مەتتا: 6: 25 – 32).

Didascaliya ئۈزۈپ ئالغان تېكىست بىلەن مەتتا ئىنجىلىنىڭ ھازىرقى بار تېكىستىنى سېلىشتۇرغاندا، تېكىستنىڭ كېڭەيتىۋېتىلگەنلىكىنى، قوشۇلغان ئامىلنىڭ قەدىمكى تېكىستتە ئىشارەت كەلمىگەن كىيىمدىن ئىبارەت يەنە بىر ئامىلغا چېتىلغانلىقىنى كۆرىمىز. بىر ئامىلغا ئالاقىدار بولۇپ قوشۇلغان ئامىل قەدىمىي تېكىستتە ئۇنىڭغا ئىشارەت كەلمىگەنلىكىنى، ھازىرقى ھالىتىنىڭ ۋىجدانىي قوزغاتقۇچ سۆزلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئونىنچى دەلىل:

ئىنجىللاردىكى زىتلىقلار ۋە قارىمۇقارشىلىقلاردىن باشقا بۇ ئىنجىللارنىڭ نۇسخىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپتۇر. مەسىھنىڭ بىر ئىنجىلغا دەۋەت قىلغانلىقى ھەممىگە ئېنىق ئىكەن، ئەمدى بۇ يەردە ئاللاھ تەرەپتىن ئەمەس، رىم دۆلىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تۆت ئىنجىلدىن باشقا نۇرغۇن ئىنجىللار بار. مىسال تەرىقىسىدە ئۇلاردىن: مەتتا ئىنجىلى، ماركۇس ئىنجىلى، نىكودىم ئىنجىلى، لاتىنچە لۇكا ئىنجىلى، سۈريانچە لۇكا ئىنجىلى، ئەرمەنچە بوۋاقلىق مەزگىلى ئىنجىلى، سۈريانچە بوۋاقلىق مەزگىلى ئىنجىلى، ئەرمەنچە يولباشچىمىزنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلى ئىنجىلى، ئەرەبچە يولباشچىمىزنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلى ئىنجىلى، توماس ئىنجىلى، فىلىپۇس ئىنجىلى، يۈسۈف نەججار قىسسىسىنىڭ قەدىمىي ئەرەبچە تېكىستى (ئىنجىلى)، ئۇلارغا قوشۇلۇپ يەنە بارنابا ئىنجىلى، يەھۇدا ئىنجىلى، ئىبرانىيلەر ئىنجىلى، ناسىرىيلەر ئىنجىلى، ھەقىقەت ئىنجىلى قاتارلىقلار بار.

بۇ ئىنجىللارغا قوشۇلۇپ، يەنە 1947 – يىلى ئۈستۈنكى مىسىردا نەجە ھاممادى قوليازمىلىرى ئارىسىدا بايقالغان ئىنجىللار بار. ئۇ ئىنجىللار 53 تېكىست بولۇپ، 1153 بەت كېلىدۇ. جەمئىي 13 تومدا توپلانغان. مەجدەللىك مەريەم ئىنجىلى، فىلىپ ئىنجىلى، پېترۇس ئىنجىلى، مىسىرلىقلار ئىنجىلى قاتارلىقلار شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

ئون بىرىنچى دەلىل:

ھەتتا مەشھۇر تۆت مۆتىۋەر ئىنجىلدىمۇ كەڭ تارالغان شۇنچىۋالا زور مىقداردىكى قارىمۇقارشىلىق ۋە زىددىيەتلەرمەۋجۇدتۇر. بېرىتانىيە ئېنسىكلوپېدىيەسى ئەشۇ تۆت ئىنجىلنىڭ قوليازمىلىرىدا 150٫000 دىن كۆپرەك قارىمۇقارشىلىق بارلىقىنى بېكىتكەن.

دوكتۇر مۇھەممەد ئىمارە مەسىھنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ۋەقەلىكلىرى توغرىسىدا بۇ تۆت ئىنجىل توشۇپ كەتكەن زىتلىقلارغا بەزى مىساللارنى بايان قىلىدۇ.

 

خرىستىيانلىق بىرلەشمە دىندۇر

خرىستىيانلاشۇرۇش تەشۋىقاتىنى يازغۇچى مۇشۇ نام ئاستىدا مۇنداق دەۋا قىلىدۇ: «(مەسىھتىن ئىبارەت) ئاللاھنىڭ ‹كەلىمە›سى ئاللاھنىڭ ئەقلىدۇر، ئاللاھنىڭ ئۆز زاتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىشتىكى قۇدرىتىدۇر».

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە بۇ دەۋاغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

1. ئەگەر مەسىھ ئاللاھنىڭ «كەلىمە»سى بولسا، «كەلىمە» – مەسىھ – ئىلاھىي ئەقىل، شۇنداقلا ئىلاھنىڭ ئۆز زاتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىشتىكى قۇدرىتى بولسا؛

2. ئەگەر مەسىھ – ئاللاھنىڭ ئەقلى ۋە «كەلىمە»سى – مەريەمدىن تۇغۇلغان بولسا، ئۇنداقتا، ئاللاھ مەسىھتىن ئىلگىرى ئەقىلسىزمىدى؟ ئۆز زاتىنى ئاشكارىلاش ۋە ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىشتا قۇدرەتسىزمىدى؟

ئەگەر ئاللاھنىڭ ئەقلى مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىدا مەسىھ بىلەن، يەنى بىر ئىنسان بىلەن بىرلەشكەن، دېيىلسە، ئۇ ھالدا، مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا ئاللاھ ئەقلى بىلەن كىرگەنمۇ؟! ياكى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئەقلى مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرىپ، ئاللاھ ئەقىلسىز قالغانمۇ؟! ئەگەر مەريەمنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاللاھ مەسىھ بىلەن بىرلەشكەن بولسا، ئاللاھ كائىناتنى مەريەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىدارە قىلامتى؟ ئۆز زاتىنى مەريەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاشكارىلامتى؟ ئۆز ئىرادىسىنى مەريەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىجرا قىلامتى؟

ئەگەر ئۈچى – دادا، ئوغۇل، ئۇلۇغ روھ – قۇياش بىلەن بىرلەشكەن قۇياشنىڭ ھارارىتى ۋە يورۇقلۇقىغا ئوخشايدىغان بولسا (خرىستىيانلار ئۈچ بىرلىكنى چۈشەندۈرۈشتە مۇشۇنى مىسال كەلتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ)، يورۇقلۇقنىڭ ئۆزى قۇياشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمايدۇ، شۇنداقلا ئىسسىقلىقنىڭ ئۆزىلا قۇياشنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەلمەيدۇ. بەلكى قۇياشنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتۈشى ئۈچۈن، قۇياشنىڭ يورۇقلۇق، ھارارەت ۋە باشقا پۈتۈن قۇرۇلمىلىرى بولۇشى لازىم.

مەسىھنىڭ – قۇرئاندا – ئاللاھنىڭ روھى بولۇشىغا كەلسەك ﴿وَرُوحٌ مِنْهُ (ئاللاھتىن بولغان روھ)﴾(نىسا: 171)، بۇ ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئادەمگىمۇ ئۆزىنىڭ روھىنى پۈۋلىگەن. ھېچكىم «ئادەم ئىلاھقا ئايلاندى» دېمىدى.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا يارىتىش مۆجىزىسىنى تاپشۇرۇشىغا كەلسەك – ﴿مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭدا پۈۋلەيمەن – دە، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ قۇش بولىدۇ﴾(ئال ئىمران: 49) –، بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىر مۆجىزىدۇر، ئاللاھنىڭ يارىتىشىغا ئوخشاش دەسلەپكى يارىتىش ئەمەس. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىشى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشىمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مۆجىزىدۇر ﴿قارىغۇنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن﴾(ئال ئىمران: 49).

بۇ – مەسىھنىڭ ئىلاھلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ قولىدا نامايان قىلغان بىر مۆجىزىسىدۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ يارىتىش، تىرىلدۈرۈش، ئۆلتۈرۈشتە ئاللاھ بىلەن ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ قالىدۇ، ھەمكارلىق تەۋھىدنى ئەمەس شېرىكلىكنى بىلدۈرىدۇ.

خرىستىيان تەشۋىقاتى يازغۇچىسى «زۇخرۇف» سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىنى دەلىل كەلتۈرىدۇ: ﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە، قىيامەت (يىقىنلاشقانلىقنىڭ) ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار، (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر﴾(زۇخرۇف: 61).

ئۇنىڭ قۇرئاننىڭ مەسىھنى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىشى بۇ ئايەتنىڭ ئالدىدىكى 59 – ئايەتكە كۆز يۇمۇۋالغانلىقىدۇر. 59 – ئايەت دەيدۇكى: ﴿ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق)﴾ (زۇخرۇف: 59).

 دېمەك، ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ئۇنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاخىرقىسى قىلدى. قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ھەممىسى يىگانە بىر ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر.

مەسىھنىڭ دادىسىز تۇغۇلۇشى ئۇنىڭ ئىلاھلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بولمىسا، ئىلاھلىققا ئادەم ئەلەيھىسسالام بەكرەك لايىق بولغان بولاتتى. چۈنكى، ھەزرىتى ئادەم ھەم ئاتىسىز، ھەم ئانىسىز يارىتىلدى. ئۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ «كەلىمە»لىرىدۇر. يېگانە بىر ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن يارىتىلغاندۇر. ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىيسانىڭ مىسالى ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئادەمنى ئاللاھ تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دېدى – دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كەلدى﴾(ئال ئىمران: 59).

 

مەسۇملۇق، خاتالىق ۋە مۆجىزىلەر توغرىسىدا

 

خرىستىيانلىق تەشۋىقاتىنىڭ يازغۇچىسى 22 – ، 36 – بەتتە ئېيتىدۇ:

«پەيغەمبەرلەرمۇ خاتالىقتىن مەسۇم بولمىغان؛ پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە قەدەر، پۈتۈن ئىنسانلار ئىچىدە خاتالىقنىڭ جازاسىدىن تولۇق قۇتۇلىدىغان كىشى يوقتۇر. بىرلا شەخس بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مەسىھتۇر. ئۇ چوڭ – كىچىك ھېچبىر خاتالىقى يوق مۇتلەق كامىلدۇر».

ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسۇملۇقىنى يوققا چىقىرىشتا، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە ئاتا – ئانامنى مەغپىرەت قىلغىن﴾(نۇھ: 28) دېگەن دۇئاسىنى ھەمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىمىز! مېنى، ئاتا – ئانامنى ۋە مۆمىنلەرنى ھېساب بېرىدىغان كۈندە مەغپىرەت قىلغىن﴾(ئىبراھىم: 41) دېگەن دۇئاسىنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەن.

شۇنىڭدەك، ئۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەست بولۇپ يالىڭاچلىنىپ قالغانلىقى (يارىتىلىش 9:21)، شۇنداقلا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يالغان سۆزلەپ ئايالىنىڭ ھەققىگە سەل قارىغانلىقى (يارىتىلىش 20:42) توغرىسىدا ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس كىتابى» كونا ئەھدتىن (يارىتىلىش 9:21) دەلىل كەلتۈرگەن.

 

دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە بۇنىڭغا مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ:

پەيغەمبەر – ئەلچىلەرنىڭ مەسۇملۇقى ئەقىدىسى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالانىڭ كامالى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەر – ئەلچىلەرنى تاللاشتىكى ھېكمىتى ھەم ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئەۋەتكەن دىنىنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ئەقلىي زۆرۈرىيەتتۇر.

ئاللاھنىڭ بۇ دىننى، بۇ ئامانەتنى كۆتۈرەلمەيدىغان ئىشەنچىسىز بىر ئىنساننى دىندىن ئىبارەت ئامانىتىنى يەتكۈزىدىغان ئەلچى قىلىپ تاللىشى ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە بىر ئىشتۇر.

ئاندىن پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ بۇ مەسۇملۇقى ئاللاھدىن يەتكۈزىدىغان نەرسىلەردىكى مەسۇملۇقتۇر، يىرگىنىشلىك ۋە نەپرەتلىك ئىشلاردىكى مەسۇملۇقتۇر، گاھىدا ئەۋزەللىككە ۋە توغرىلىققا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مۇتلەق ئىجتىھادلاردىكى مەسۇملۇق ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ئىجتىھادلاردا مەسۇم ئەمەس.

شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ (ھ 1266 – 1323/ م 1849 – 1905) بۇ مەسۇملۇق ئەقىدىسى، ئۇنىڭ مەنىلىرى ۋە چەكلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسلامىي ئىماننىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئەقىللىرىنىڭ ساغلام، سۆزلىرىدە راستچىللىقى، يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى يەتكۈزۈشتىكى ئىشەنچىلىكلىكى، ئادىمىيلىككە يات ھەر نەرسىدىن مەسۇملۇقى، بەدەنلىرىنىڭ كۆزگە ئىلىنمايدىغان، ساغلام زوقلار يىرگىنىدىغان ئىشلاردىن سالامەتلىكى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا ئۆتكەن سۈپەتلەرنىڭ بىرەرىگە زىت كېلىدىغان ئىشلاردىن پاكلىقى قاتارلىقلارغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپتۇر».

شۇ جەھەتتىن، بىز پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ مەسۇملۇقى ئەقىدىسىدە دىنىي پىكىردە ئىككى ئېقىمنى ئۇچرىتىمىز:

1. قۇرئان ئېقىمى: بۇ ئېقىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھدىن يەتكۈزىدىغان نەرسىلىرىدە، شۇنداقلا نەپرەتلىك ۋە يىرگىنىشلىك ئىشلاردا مەسۇملۇقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2. كونا – يېڭى ئەھد كىتابلىرى ئېقىمى: بۇ ئېقىم پەيغەمبەرلەرنى مەسۇملۇقتىن يالىڭاچلاپ، پەيغەمبەرلەردىن ئىبارەت ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ ياخشى كىشىلەر تۈگۈل، ئادەتتىكى نورمال كىشىلەرمۇ ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ناچار سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ، پەيغەمبەرلەرنى كەمسىتىدۇ.

يەھۇدىي ۋە خرىستىيان ئېقىملىرى بويىچە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىرلىقلارنىڭ ئەخلاقىنى ئۆلچەشتە خاتالىشىپ، ئۆزىنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە ۋە قۇللار تەمەسىدە، يالغان سۆزلەشكە، دەيۈسلۈككە ۋە گۈزەل ئايالىنى ئىشرەتخور ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇشقا ئايالى بىلەن كېلىشىدۇ. (يارىتىلىش 12: 10 – 20).

ھالبۇكى، ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىتى بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى، پېشۋا، ئىمام، سالىھ، دۇنيا – ئاخىرەتتە تاللانغان، تەۋبە قىلغۇچى، مۇلايىم، يېلىنغۇچى، راستچىل، مېھرىبان ئاللاھنىڭ دوستى، ياخشى ئۈلگە، تەۋھىدكە ئەقلىي دەلىل كەلتۈرۈش ئۈچۈن كائىناتقا نەزەر تاشلىغۇچى، بۇتلارنى پاچاقلىغۇچى، بەيتۇللاھنى تازىلىغۇچى، بەيتۇللاھنىڭ ئۇلىنى قوپۇرغۇچى، ئوت ئۇنىڭ ئۆزىگە تىنچ ۋە سوغۇق بولۇپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ يېگانە ۋە سۆيۈملۈك كىچىك بالىسىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئورۇندىغۇچى قاتارلىقلاردۇر.

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالامدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش:

ئۇنىڭ كونا ئەھدتىكى سۈرىتى: مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى قىزى بىلەن زىنا قىلغان. (يارىتىلىش 9 : 30 – 38)

قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىتى بولسا، سالىھ بەندە، ئىلىم – ھېكمەت ئىگىسى، بۇزۇق ۋە گۇناھ ئىشلاردىن توسقۇچى، ئۆزىنى پاك تۇتقۇچى، ئاللاھ نىجاتلىق بەرگەن… قاتارلىقلاردۇر.

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش.

 ئۇنىڭ كونا ئەھدتىكى سۈرىتى: پاسىق، كىشىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىگە ئوغرىلىقچە قارىغۇچى، زىناخور، سۇيىقەستچى، قاتىل، ئايال – خوتۇنلارنى بۇلىغۇچى. (سامۇئىل ئىككىنچى 11: 1 – 26)

ھالبۇكى، ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىتى: خەلىپە، تەۋبە قىلغۇچى، قۇشلار ۋە تاغلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىدىغان، ئىستىغپار ئېيتقۇچى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش:

ئۇنىڭ كونا ئەھدتىكى سۈرىتى: خوتۇنلارغا ئامراق، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىدىن چىققۇچى، ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ھەيكەللەرنى ياسىغۇچى ۋە بۇ بۇتلارغا ئىبادەت قىلغۇچى قاتارلىقلار. (پادىشاھلار 11: 1 – 11)

ھالبۇكى، ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىتى: ئىلىم، پەزىلەت ئىگىسى، ئۇنىڭغا ئاللاھ قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچ كىشىگە لايىق بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بەرگەن، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى قاتارلىقلار.

ئاندىن دوكتۇر مۇھەممەد ئىمارە قۇرئاننىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكى، بۇ مۆجىزىنىڭ ئەقىلنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقى، «قۇرئان كەرىم» توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەقىلنى غىدىقلايدىغانلىقى ۋە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ مۇشۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈپ بېقىش توغرىسىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇلارغا مەڭگۈلۈك رىقابەت ئېلان قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى سۆزلەيدۇ ۋە «قۇرئان» ئايەتلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى مۆجىزىنى بايان قىلىدۇ.

 

ئاخىرىدا:

بۇ خرىستىيان تەشۋىقاتچىسى خرىستىيانلارنىڭ مەسىھنى ئىلاھلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ كرېستقا مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قاتارلىق ئەقىدىلىرىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، يالغانچىلىق ۋە ئىلەشتۈرۈش ۋاسىتىسىنى قوللانغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ يالغان ئېيتىپ، ئىمام فەخرۇددىن رازىي (ھ. 544 – 606 / م. 1150 – 1210) نىڭ مەسىھنىڭ يەھۇداغا ئوخشىتىپ قويۇلغانلىق مەسىلىسى – ﴿ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىيسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى(﴾(نىسا: 571) – نى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

1. شۇنىڭدەك، ئۇ ئوقۇرمەنلىرىگە ئىمام بەيزاۋىي (ھ. ؟ – 691 / م. ؟ – 1292) نىڭمۇ مەسىھنىڭ دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، بەلكى ئۇنىڭ: «يەھۇدىيلەرنىڭ ھىيلىسى بىكارغا كەتتى ۋە ئاقمىدى، چۈنكى مەسىھ ھايات قايتتى ۋە ئاللاھ ئۇنى ئۆز دەرگاھىغا كۆتۈردى» دەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئىمام بەيزاۋىيغىمۇ يالغان چاپلىغان. گويا بەيزاۋىي – بۇ يالغانچىلىق ۋە ئىلەشتۈرۈشكە ئۇيغۇن ھالدا – مەسىھنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئاندىن قىيامەتتە ھايات قايتىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغاندەك تەسۋىرلىگەن.

2. دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە ئېيتىدۇ: «بۇ يازغۇچىنىڭ ئىمام بەيزاۋىي ئۈستىدىن قىلغان دەۋاسى ئوچۇق يالغانچىلىق، ئاشكارا تۆھمەتتۇر، بەيزاۋىي بارلىق ئىسلام ئالىملىرىغا ئوخشاش، مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دارغا ئېسىلمىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىشتا كەسكىن ۋە روشەن ئىدى. شۇنداقلا يەھۇدىيلەرنىڭ تەۋراتنى بۇرمىلىغانلىقىنى ئېيتىشتىمۇ كەسكىن ۋە روشەن ئىدى».

3. ئاخىرىدا، دوكتور مۇھەممەد ئۇمارە مۇنداق ۋەسىيەت قىلىدۇ:

4. «جاۋابلىشىشقا تەييارلار» دېگەن كىتابنىڭ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلىقى، ئىسلام ئالىملىرىغا تۆھمەت قىلغانلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئوقۇماسلىق لازىم.

5. بۇ رەددىيەنى «ئەزھەر ژۇرنىلى»دا نەشر قىلىش؛ چۈنكى بۇ كىتابتىكى ئىغۋالار كىشىلەر ئارىسىدا نەشر قىلىندى. يالغانچىلىق ۋە تۆھمەتلەرگە قارشى ئەقىللەرنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىش ۋاجىپ.

 

تەرجىمىدە – مۇخلىس

مەنبە: عرض كتاب ”تقرير علمي“ للدكتور محمد عمارة- www.alukah.net/spotlight/10928/8998

 

———————————————-
1. ۋىلىيام لېين كرەيگ (William Lane Craig) 2010 – يىلى (On Guard: Defending Your Faith with Reason and Precision) نامىدا يېزىپ نەشر قىلدۇرغان بۇ ئەسەرنى ئەرەبچىگە دوكتور سامىھ فىكرىي ھەننا 2017 – يىلى ((المستعدون للمجاوبة – كيف تقدم إيمانك بعقل ودقة) نامىدا تەرجىمە قىلغان. ئوفىر نەشرىياتى، ئىئوردانىيە – ئاممان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز