كالا – قويلارنىڭ بىرىكتۈرمە تەييار يېمى توغرىسىدا

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ھايۋاناتلارنىڭ يېمىگە قارىتا بىرەر بەلگىلىمە بارمۇ؟ بىز مەلۇم بىر شىركەتنىڭ كالا – قويلار ئۈچۈن بىرىكتۈرۈپ ياسىغان تەييار يېمىنى ساتىمىز. بىز بۇنى سېتىشتىن بۇرۇن يەمنىڭ تەركىبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ ھەم كۆرۈش ئارقىلىق تەپسىلى بىلىپ چىقتۇق، بۇنىڭ تەركىبىدە: دانلىق ۋە مايلىق زىرائەتلەر، ئاز مىقداردا نېفىت (تەخمىنەن 100 كىلوگرام يەمدە 100 گرام ئەتراپىدا)، ئۆسۈملۈكلەردىن، تۇپراقتىن ئېلىنغان ماددىلار، تۇز قاتارلىقلار، بەزى يەملەردە ھەرخىل ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىكىدىن ئىلىنغان سۆڭەك پاراشوكى بار ئىكەن. ئەگەر سۆڭەك پاراشوكى يوق بولسىچۇ؟ بۇ يەمنى ھايۋانلارغا بەرگەندىن كېيىن ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق نىجىس ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش ئېھتىمالى بارمۇ؟ بۇ يەم زەھەرسىز بولۇپ، ھايۋان بەدىنىدىكى ھەرخىل كېسەللىكنى تازىلايدۇ، بۇ يەمنى يېگەن ھايۋانلارنىڭ گۆشى ھەم تاتلىق، ھەم يومشاق چىقىدۇ، ھايۋانلارنى يىل بويى باقسىمۇ، ئەكس تەسىر بەرمەيدۇ. بىزنىڭ بۇ يەمنى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىشلىتىشكە يۈزلەندى. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى دىنسىزلار. بىز قانداق قىلىمىز؟ تېزرەك جاۋاپ بېرىشلىرىنى سورايمىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئاللاھنىڭ زېمىندىكى ئىزباسارى بولمىش ئىنسان ھاياتى چارۋا ماللارنىڭ گۆش ۋە سۈتىنىڭ ساغلاملىقى ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان يەم – خەشەكلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئەڭ بۇرۇن ياراتقان مەخلۇقلار قاتارىدا ئىنسان ۋە چارۋىلارنىڭ غىزالىنىشى ئۈچۈن، زېمىندىن سۇ ۋە ئوتلاقلارنى چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالغان.([1])

يەنە بەزى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا قوي، كالا، تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللارنى ئىنسانلارغا ھالال قىلىپ بەرگەنلىكى، ئىنسانلار ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈرلۈك ئوتياش، زىرائەت ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەنلىكى، ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن يەپ، چارۋىلىرىنى ئۇنىڭدا ئوتلىتىشقا بۇيرۇغانلىقى كەلگەن.([2])

بۇ ئايەتلەر، چارۋا ماللارنىڭ ھالال بولۇشى ئۈچۈن، چارۋىلارنىڭ ئاشۇ ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئىي ئوتلاقلاردىن ئوتلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

يەنە سەھىھ ھەدىستە، تېزەكتە ئىستىنجا قىلماسلىق سەۋەبى: «تېزەكنىڭ جىنلارنىڭ ئۇلاغلىرىنىڭ يەم – خەشەكلىرى بولغانلىقى» دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ. بۇنىڭدىن ئۆلىمالار ھايۋانلارغا نىجىس يەم – خەشەكلىرىنى يېگۈزۈشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.([3])

ھەدىستە يەنە زىيان ئۇرۇش چەكلەنگەن.

ئاللاھ تائالا يەنە: [سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، شېرىن نەرسىلەردىن يەپ – ئىچىڭلار] دېگەن ئايىتى([4]) ئارقىلىق، پاك نەرسىلەردىن غىزالىنىشقا بۇيرۇغان بولسا، [سىلەر ئىشلەپ تاپقىنىڭلارنىڭ پاكلىرىدىن سەرپ قىلىڭلار] دېگەن ئايىتى([5]) ئارقىلىق، پاك كەسىپتىن تاپقان پۇللارنى خەجلەشكە بۇيرۇغان.

ھازىرقى زاماندا چارۋا ماللارنىڭ يەم – خەشەك، ھەلەپلىرى تەركىبىگە پاك ۋە ھالال بولغان تۈرلۈك دانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سامان، پاسار ۋە كۈنجۈرەدەك قالدۇقلىرىلا قوشۇلماستىن، بەلكى بەزى دورىلار، نىجىس ۋە خىمىيىۋى ماددىلار قوشۇلماقتا. نەتىجىدە، بۇ، ئالىملارنىڭ ئاشۇ تۈرلۈك يەم – خەشەكلەرنىڭ شەرئى جەھەتتىن ھالال، ياكى ھارام، ياكى شۈبھىلىك بولۇشى، شۇنداقلا ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇش – بولماسلىقى، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىزدىنىشىگە، تەتقىق قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

دانلىق ۋە مايلىق زىرائەتلەر، شۇنداقلا تۇز ۋە نېفىت قاتارلىق زېمىندىن چىققان پاك، تەبىئىي ماددىلاردىن ياسالغان يەم – خەشەكلەر تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولمىسىلا، بۇنى ئىشلەپچىقىرىش، چارۋىلارغا بېرىش ۋە ئۇنى ئېلىپ – سېتىش جائىز.

بۇ يەردە بىزگە مۇھىم بولغىنى مەينەت، زىيانلىق ۋە ھارام بولغان بەزى ماددىلار قوشۇلغان يەم – خەشەك بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئاساسلىقىنى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

1. ھورمون (Hormones) ۋە تېز ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار ماددىلار. بۇ تۈرلۈك ماددىلارنىڭ بەزىسى تەبىئىي ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋاندىن ئېلىنسا، يەنە بەزىلىرى خىمىيىۋى ماددىلاردىن ياسىلىدۇ. قوي، كالا قاتارلىق چارۋا ھەلەپلىرىگە، قۇشلارنىڭ يەملىرىگە مەلۇم مىقداردا ئانىلىق ھورمونى قوشۇلىدۇ. بۇ تۈرلۈك ھورمون ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ئېممونېنتلىق كۈچىگە زىيان ئۇرۇپلا قالماي، ئۇنىڭ گۆشى، سۈتى ۋە تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلغان ئىنسانغىمۇ زىيانلىق. ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغان ئىنساندا راك ۋە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، ھايۋاننىڭ ۋە ئىنساننىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا ھالىتى سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان ئۇرىدۇ. پىشۇرۇش ياكى قاينىتىشمۇ بۇ تۈرلۈك ھورمون زىيىنىنى يوقىتالمايدىغان بولغاچقا، خەلقئارا سەھىيە ئورگانلىرى ئۇنى ھەلەپ ۋە يەم – خەشەكلەرگە قوشماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. شەرئى جەھەتتىنمۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنى چەكلىگەن. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەم – خەشەككە قوشۇلىدىغان پېنسىلىن ۋە تىتراسسىلىنغا ئوخشىغان ئانتىبئوتىكلارمۇ، تەم ۋە رەڭ كىرگۈزگۈچى بەزى ماددىلارمۇ زىيانلىق بولغانلىقى تۈپەيلى، سەھىيە مىنىستىرلىكلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغۇچى بەزى ماددىلارغا قارىتا مەلۇم ئۆلچەم بېكىتىلگەن.([6])

2. شەرئى بوغۇزلانغان ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھالال ۋە ھارام ماللارنىڭ گۆش، سۆڭەك، تۇياق، ئۈچەي، قېرىن، تېرە، پەي، قان ۋە تېزەك قاتارلىق ئەخلەتلىرىدىن، ئاشخانا قالدۇقلىرىدىن ياسالغان پاراشوكلار. تەركىبىگە بۇ خىل پاراشوك قېتىلغان يەم – خەشەكلەرنى يېگەن ھايۋانلاردا تەسىرى كۆرۈلۈپ، گۆشى ۋە سۈتىنى ئىستېمال قىلغان ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ، ئۇنىڭ زىيىنى ئېغىر دەپ قارالغان. بۇ خىل پاراشوكلار بىر تەرەپتىن نىجىسلىق، يەنە بىر تەرەپتىن زىيانلىق بولغاچقا، چەكلىنىدۇ.([7])

نىجىس ۋە ھارام ماددىلارنى پاك ۋە ھالال باشقا ماددىلارغا ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆزى، نىجىسنى پاك ماددىغا ئايلاندۇرمايدۇ. پەقەتلا يەمدىكى نىجىس پىرسەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەمما نىجىس ۋە ھارام ماددىلارنىڭ خىمىيىلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىدە، پاك ۋە ھالال ماددىغا ئايلىنىش ياكى ئايلانماسلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بار. بەزى ئالىملار چوشقا تەركىۋى باشقا ماددىغا تولۇق ئايلانمايدۇ دەپمۇ قارايدۇ. ئايلاندى دېگەن تەقدىردىمۇ، باشقا ماددىغا ئايلانغاندىن كېيىن يەنىلا تەن سالامەتلىكىگە زىيىنى بارلىقى ئىسپاتلانسا، بەرىبىر چەكلەنگەن دائىرىدە قالىدۇ.

لېكىن ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن، تەركىبىدە نىجىس ماددا بار بولغان يەم – خەشەكلەرنى چارۋا ماللارغا بېرىشكە بولىدۇ دەپ قارىغانلار، بۇ نىجىس ماددىلار %1 تىن %10 كىچە ئىنتايىن ئاز نىسبەت دەپ قاراپ، بۇ ئاز نىجىس ماددا باشقا ماددىغا ئايلىنىش ئارقىلىق پاك بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ نەزىرىدە باشقا ماددىغا ئايلاندۇرۇش 120 گىرادوس قىززىقلىقتا پىشۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىكى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، كېيىن ئۇنى ئېزىپ، باشقا ماددىلار بىلەن پاراشۇك ياسىلىدىكەن.([8])

لېكىن بۇلار ئېيتقاندەك، نىجىس ماددا پىشۇرۇش ئارقىلىق پاك ماددىغا ئايلىنىدۇ دېيىلسە، چوشقا گۆشىنى مەلۇم قىززىقلىق دەرىجىسىدە پىشۇرسا، پاك ۋە ھالال بولىدۇ دېگەندەك خاتا نەتىجە چىقىدۇ. شۇڭا بۇ تەرىقىدە پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق باشقا پاك ماددىغا ئايلىنىشى ناتايىن.

يەنە بەزىلەر، نىجىس مىقدارى ئاز بولغاچقا، ھارام ۋە نىجىس ئارىلاشقان يەمنى چارۋىلارغا بېرىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ گۆش، سۈت ۋە تۇخۇمغا تەسىرى بولمايدۇ، ئىنسانلارغا زىيىنى بولمىسىلا، ئىنسان ئۇنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ دەپ قارىغان.([9])

لېكىن پىرسەنتى ئاز بولسا زىيىنى بولمامدۇ؟ بۇ ئازلىقنىڭ مەلۇم ئىلمىي ئۆلچىمى بارمۇ؟ بۇ، بىر مەسىلە. توغرىسى، بۇنىڭ پىرسەنتى ئەمەس، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەسىرى مۇھىم.

يەنە كېلىپ، قوشۇلغان ماددىلار ناھايىتى ئاز پىرسەنتتە بولسىمۇ، ئۇنىڭ يەنە مەلۇم تەسىرى بولىدىغانلىقى ئىلمىي تەجرىبىلەردە ئىسپاتلانغان، بولمىسا ئۇنى قوشۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پوق يەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈتىنى ئىچىشتىن توسقان.([10])

ئالىملار بۇ ھەدىستىكى چەكلىمىنى مەكروھلۇق ياكى ھاراملىقنى بىلدۈرىدۇ، دەپ قاراپ، تۇخۇم بىلەن سۈتنى گۆش قاتارىغا كىرگۈزگەن.([11])

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇرۇن ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغاچقا، سىرتلاردا ئۇدۇل كېلىپ قالسا پوق يەپ قالىدىغان ھايۋان، قۇشلار، يۇقىرىقى ھۆكۈمدە بولسا، ھازىرقىدەك ھەر كۈندە نەچچە ۋاخ پىلانلىق ۋە مۇنتىزىم ھالدا نىجىس يەم بېرىش زىيانلىق بولغانلىقتىن، ئەلۋەتتە چەكلىنىشى لازىم.

بۇ تۈرلۈك يەمنىڭ ئىنساننىڭ پىترىتىگە (يارىتىلىشتىكى تەبىئىتىگە) زىت ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇنى ھارام دەپ قارىغان.([12])

ئەسلىدە نىجىس يەم بىلەن بېقىلغان قوي، كالا، توخۇ، بېلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنى، سۈتلىرىنى ئىستېمال قىلىش مەسىلىسىدە، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ قاراشلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

بىر قىسىم ئالىملار، بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشى ياكى سۈتى، ياكى تۇخۇمىدا مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە ياكى پۈتۈن يەملىرى نىجىس بولمىسا، بۇلار ھالال دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىدۇر. ئەگەر پاك بىلەن نىجىس يەمنى ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىغان بولسا، گۆشىدە مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى كۆرۈلمىسە، ياكى بىر مۇددەت سولاپ قويۇپ پاك يەم – خەشەك بىلەن بېقىلىپ، مەينەتلىكنىڭ ئەسىرى قالمىسا، يېيىشكە بولىدۇ. يەنە بەزى ئۆلىمالار، نىجىس ماددا پىرسەنتى ئىنتايىن تۆۋەن بولسا ھالال، يەملىرىنىڭ كۆپ قىسمى ھارام ياكى نىجىس بولغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرى ھارام دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر، نىجىس يەم بىلەن بېقىلغان چارۋىلار ھالال دەپ قارايدۇ.([13])

لېكىن، ئەينى چاغلاردا بۇ ئۆلىمالار ئانچە – مۇنچە نىجىس يەپ قالىدىغان ھايۋانلار توغرىسىدا، شۇ چاغنىڭ تىببىي ۋە ئىلمىي تەرەققىياتى دائىرىسىدە شۇنداق ھۆكۈم قىلغىنى بىلەن، بۈگۈنكى دەۋردە، بۇنداق سۈنئىي يەم – خەشەكلەرنى ئىشلىتىشتە، تۆۋەندىكى خەتەرلىك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇش لازىم:

1. تەركىبىگە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نىجىس ۋە ھارام ماددىلار قوشۇلىدىغان بۇ تۈرلۈك يەم – خەشەكلەرنىڭ ئىنسان ۋە ھايۋان سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر.

2. بۇ تۈرلۈك يەم تەركىبىگە سىرتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بەزى ماددىلار قوشۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ ماددىلاردا چوشقا مېيى ۋە ئۇنىڭدىن ئېلىنغان نەرسىلەر بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.

3. بۈگۈنكى كۈندە يەم – خەشەك سانائىتىگە قارىتا سەھىيە نازارەت كۈچى بولمىغانلىق ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل تېپىشتا دىن ۋە ئەخلاققا رىئايە قىلمايدىغانلىقى تۈپەيلى، يەم – خەشەكلەر تەركىبىگە خاتىرجەم بولغىلى، دىنسىزلارغىلا ئەمەس، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەيدىغانلارغىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. نەتىجىدە، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغىلا قالدى. مۇسۇلمان دۆلەتلەردە توننىلاپ ئۆلۈك توخۇ ۋە ھايۋان تاپلىرىنى يانچىپ يەم – خەشەك ياسايدىغان زاۋۇتلارنىڭ پاش قىلىنىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ.

4. بۇ تۈرلۈك يەم – خەشەكلەر، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاللاھ تائالا ياراتقان تەبىئىتىگە ۋە ئىلاھىي قانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. دان ۋە ئۆسۈملۈكتىن غىزالىنىدىغان ھايۋانلارغا گۆشخور ھايۋانلار يەيدىغان گۆش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ماددىلارنى يەم شەكلىدە بەرگەن ئەھۋالدا، ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى ۋە نېرۋىسى بىنورماللىشىپ، غالجىر كالا كېسىلى، قۇش زۇكىمى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋابالارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇندىن كېيىنمۇ ۋابا كەلتۈرۈپ چىقارماسلىققا قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟([14])

5. ساماۋى دىندىن يىراق ياشايدىغان كافىرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغان جەمئىيەتلەردە، بۇ تۈرلۈك يەم – خەشەكلەرنىڭ تەركىبىگە سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

نەتىجىدە، نىجىس ۋە ھارام ماددا ئارىلاشقان بۇ تۈرلۈك يەم – خەشەك تىجارىتى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھالال، بەزىسىنىڭ قارىشىدا ھارام دەپ قارالغاچقا، ئەقەللىي تەقدىردە، شۈبھىلىك دائىرىگە كىرىدۇ. ئەگەر تەرجىھ قىلىش كېرەك بولسا، زىيان ۋە مەينەتلىك جەھەتتىن ھاراملىق تەرىپى كۈچلەندۈرىلىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ تۈرلۈك يەم – خەشەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە تىجارىتىنى قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەسلىدە ئىسلام تەلىپىگە ئۇيغۇن سەھىيە نازارەتلىرى بولۇپ، ئۆلچەم ۋە تەكشۈرۈشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلغان تەقدىردە، رۇخسەت قىلىنغان ئۆلچەمدە پاك يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىشنى جائىز دېگىلى بولاتتى. لېكىن، دىنسىزلارنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان تەركىپ جەدۋىلىگىمۇ، زىيىنى يوق، زەھەرسىز دېگەندەك گەپلىرىگىمۇ ئىشەنچ قىلغىلى، خاتىرجەم بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنداق يەملەر بىلەن بېقىلغان ھايۋاننىڭ گۆشى ئادەتتىكى ئىستېمالچىغا يۇمشاق، تەملىك ياكى زەھەرسىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستېمال قىلىنىش نەتىجىسىدە، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق ئىكەنلىكى ئىلمىي تەجرىبە ۋە تەتقىقاتلاردا ئېنىق ئىسپاتلانغان. چەتئەللەردە بۇ ئاللىقاچان بايقىلىپ، غالجىر كالا كېسىلى، قۇش زۇكىمى… قاتارلىق ۋابالارغا، ئىنسانلاردا كۆرۈلگەن راك ۋە باشقا كېسەللەرگە ئاشۇ تۈرلۈك نىجىس يەمنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھورمون بىلەن تېز يېتىشتۈرۈلگەن گۆش توخۇلىرىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ گۆشى يۇمشاق، ئىستېمال قىلغۇچىلاردا زىيىنى دەرھال بايقالمايدۇ. لېكىن ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا ئاندىن كۆرۈلىدۇ.

يەنە، ئۆلۈپ قالغان ھايۋان ۋە قۇشلار، تاپلار، قانلار، تېزەك، ماياق ۋە توخۇ قاتارلىق قۇشلارنىڭ پوقلىرىنى، پەيلىرىنى ۋە باشقا قالدۇقلىرىنى شۇنداق يەم – خەشەك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارغا سېتىشمۇ، سالامەتلىككە زىيان ئۇرۇش جەھەتتىن ھارام بولىدۇ.

يۇقىرىقىدەك يەم – خەشەك ۋە غىزا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ زىيىنىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ھەر جايلاردىكى مۇسۇلمانلار ھالال، پاك يەم – خەشەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

24 – 11 – 2016

2-توم، 91-نومۇرلۇق پەتىۋا.
——————————–
([1]) «نازىئات» سۈرىسى 30 – 31 – ئايەتلەر.
([2]) «مائىدە» سۈرىسى 1 – ئايەت. «ئەبەسە» سۈرىسى 32 – ئايەت. «تاھا» سۈرىسى 54 – ئايەت.
([3]) «مۇسلىم» 450 – ھەدىس. «نيل الأوطار» 1/119.
([4]) «بەقەرە» سۈرىسى 57 – ئايەت.
([5]) «بەقەرە» سۈرىسى 267 – ئايەت.
([6]) «مركزات الأعلاف وإضافاتها» ص 18. دكتور عبد الفتاح محمود إدريس.
([7]) «المخلفات الزراعية (النباتية والحيوانية) واستعمالاتها كأعلاف» دكتور محمد يونس حرب. ص 274.
([8]) «النجاسات المختلطه بالأعلاف وأثرها في المنتجات الحيوانية في الفقه الإسلامي» لمحمد بن عثمان شبير. مجلة الشريعة والدراسات الإسلامية، الكويت. العدد 43 2000م. «بحوث فقهية مقارنة» رؤية معاصرة. ص 261. دكتور محمد فالح مطلق.
([9]) «المواد المحرمة والنجسة في الغذاء والدواء بين النظرية والتطبيق» للدكتور نزيه حماد. ص 87 – 88. وفتوى لجنة الأزهر برقم: 8532.
([10]) «مسند أحمد» 1989 – ھەدىس. «ئەبۇ داۋۇد» 3786 – ھەدىس. «تىرمىزى» 1825 – ھەدىس. تىرمىزى «ھەسەن سەھىھ» دېگەن. ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([11]) «تحفة الأحوذي» 5/450.
([12]) «مركزات الأعلاف وإضافاتها» ص 111. دكتور عبد الفتاح محمود إدريس.
([13]) «تبيين الحقائق» 6/10. «القوانين الفقهية» 116 – بەت. «المجموع» 9/28. «الإنصاف» 10/367.
([14]) «المخلفات الزراعية (النباتية والحيوانية) واستعمالاتها كأعلاف» دكتور محمد يونس حرب. ص 274.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز