شىئەلەرنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىشكە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ياۋروپادا ئاشخانا ياكى قاسساپخانا ئاچىدىغان لىۋانلىق ياكى باشقا يەرلىك شىئەلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟ ئۇلار ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتمىسا، گۆشىنىڭ ھالاللىقىنى سورىساق ھەئە دېسە، گېپىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

شىئەلەرنىڭ بەزى تائىپىلىرى بارلىق ئەھلى سۈننە ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كافىر بولغاچقا، يەنە بەزى تائىپىلىرىنى بەزى ئالىملار كافىر دېسىمۇ، ئالدىراپ كافىر دەۋەتكىلى بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار ئۇلارنى مۇسۇلمانمۇ ياكى ئازغۇن پاسىقمۇ ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بەزىلەر ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بەزىلەر يېسە بولىدۇ دەيدۇ. لېكىن شىئەلەرنىڭ يالغانچى كاززاپلىقىدا شەك يوق. شۇڭا مۇمكىنقەدەر يېمىگەن تۈزۈك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

4 – 9 – 2016

2-توم، 89-نومۇرلۇق پەتىۋا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز