قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرى

 

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىز كىچىكىمىزدىن ”قەبر ئازابى بار“ دەپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەنتۇق، يېقىندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا قەبرە ئازابىنى ئىنكار قىلىدىغان ئېقىملار پەيدا بولدى؟ ئۇلارنىڭ دەلىلى ”قۇرئاندا ئېنىق ئايەت يوق“ دېگەنلىك ئىكەن. راست شۇنداقمۇ ياكى قۇرئان ۋە سۈننەتتە قەبر ئازابىنىڭ دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

جىمى ئىنسانلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتى ئوتتۇرىدىكى پاسىل ھايات ”بەرزەخ ھاياتى“دا تۇرىدۇ. ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(ياسىن: 51). بۇ ھاياتقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولغان «ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش»نىڭ بىر پارچىسىدۇر.

قەبردە ياكى «بەرزەخ ھاياتى» سۈرۈلىدىغان «بەرزەخ ئالەمى»دە سوئال – سوراقنىڭ، ياخشىلار ئۈچۈن ھۇزۇر، يامانلار ئۈچۈن ئازابنىڭ بارلىقى ئايەتلەر، سەھىھ ھەدىسلەر، شۇنداقلا ساھابە كىراملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپتۇر.

بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى بولمىش ئەسرى سائادەتتە ھەممە بىردەك ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئەقىدە بولۇپ، قەدىمكى خاۋارىجلار قىلغاندەك، يېقىنقى زامان خاۋارىجلىرى بولغان «قۇرئانچىلار» تائىپىسى قۇرئاندا ۋە مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردە ئېنىق ئىسپاتلانغان، پۈتۈن ساھابىلەر بىردەك ئىجماﺋ قىلغان، جىمى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى بولغان بەرزەخ ھاياتىنى جاھىللارچە ئىنكار قىلغان ۋە بۇ جاھالىتىنى مىللىتىمىزگە تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

يەنە «ھىزبۇتتەھرىر»(1) جامائىتىمۇ قەبر ئازابى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى مۇتەۋاتىر ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن «ئەقىدە» ئىسپاتلاشقا بولمايدۇ. بۇنداق دەلىللەرگە تايىنىپ «قەبر ئازابى بار» دەپ ئېتىقاد قىلغۇچىلار گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان(2).

ھىزبۇتتەھرىرنىڭ قۇرغۇچىسى شەيخ تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 – 1398 / م. 1909 – 1977): «ھەدىستە كەلگەن قەبر ئازابىغا ئىشىنىش جائىز، لېكىن ئۇنى جەزملەشتۈرۈش ھارامدۇر» دېگەن. بۇ بىر خىل تەناقۇز (زىتلىق) بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنسىمۇ، ئۇنى يالغانغا چىقارسىمۇ بولىدۇ، ئۇنى كەسكىن جەزملەشتۈرۈپ ئىشىنىش ھارام، دېگەنلىكتۇر. نەتىجىدە ئۇلار قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەقىدە دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن بولىدۇ. بۇ قەبر ئازابىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان قەدىمكى بەزىبىر مۇئتەزىلەلەرنىڭ قارىشىغا يېقىندۇر(3).

ئەمەلىيەتتە قەبردىكى سوئال – سوراق، قەبر ئازابى ۋە قەبر ھۇزۇرى قاتارلىق بەرزەخ ئالەمىدىكى ئىشلارغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ دەلىللىرى قۇرئان، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر، ساھابە كىرام ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ئىجمائسى ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئۇنىڭغا جەزم قىلىشقا يېتەرلىك(4).

مەسىلەن، ئاللاھ تائالا پىرئەۋن جەمەتى ھەققىدە: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا سۇنىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋن جەمەتىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(غافىر: 46) دېگەن.

بۇ ئايەتتە قەبر ئازابىغا ئۈچ تەرەپتىن دەلىل بار بولۇپ:

بىرىنچىسى، بۇ ئايەت قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ئازاب بارلىقىنى، بۇ ئازابنىڭ قەبرلەردىن تىرىلىپ قوپۇشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە ئېنىق دەلىلدۇر.

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتىكى ئازاب بوشاپ قالمايدىغان، توختاۋسىز، مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي بولاتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئىسپاتلانغان ئازاب دائىم بولماستىن، ئەتىگىنى – ئاخشىمى بولىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىكى ئازاب بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ئايەت (ئاللىبۇرۇن) ئۆلگەنلەر ھەققىدە كەلگەن.

ئۈچىنچىسى، مەزكۇر ئايەت ئىككى ئازابنى ئايرىغان ۋە قىيامەتتىكى ئازابنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى دەپ سۈپەتلىگەن. دوزاخقا ئەتىگىنى – ئاخشىمى سۇنۇلۇش بولسا ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەمەس. شۇڭا، ئۇ قىيامەتتىكى ئازاب بولمايدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ(5).

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خاھلىغىنىنى قىلىدۇ﴾(ئىبراھىم: 27).

بۇ ئايەتنىڭ قەبر ئازابى، ھۇزۇرى ۋە سورىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى مۇنداق بايان قىلغان: «مۇئمىن قەبرىسىدە ئولتۇرغۇزۇلغاندا ئۇنىڭغا ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ، ئاندىن ئۇ: ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ﴾(ئىبراھىم: 27) دېگەن ئايىتىدۇر» بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى قەبر ئازابى ھەققىدە نازىل بولغان دېگەن»(6).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبر ئازابىنى بايان قىلغان، كۆپلىگەن ئالىملار تەرىپىدىن مەزمۇنى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن(7) نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بار.

مەسىلەن، قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن: ‹سەن ماۋۇ كىشى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. مۆمىن بولسا: ‹مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ‹دوزاختىكى ئورنۇڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى› دەيدۇ». قەتادە: ‹بىزگە ئۇنىڭغا قەبرىسى ئازادە قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان› دەپ يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «شۇنداق قىلىپ ئۇ دوزاختىكى ئورنى بىلەن جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئەمما مۇناپىق بىلەن كاپىرغا: ‹سەن ماۋۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› دېيىلگەندە، ئۇ: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمە دېسە شۇنى دېگەنىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ‹يا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزۈڭ بىلىۋالمىدىڭ، يا بىلىدىغانلارغا ئەگەشمىدىڭ› دېيىلىدۇ. ئاندىن بازغان بىلەن شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلىدۇكى، ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئىنس – جىندىن باشقا يېقىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ»(8).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! گۆر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن»(9).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر يەھۇدىي ئايال ئۇنىڭدىن بىرنەرسە تىلەپ كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سىزنى قەبر ئازابىدىن ساقلىسۇن» دېگەنىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىشىلەر قەبرلىرىدە ئازابلىنامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن» دېدى(10).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئادەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: «ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق» دەپ بولۇپ: «شۇنداق. ئەلۋەتتە بۇ چوڭ گۇناھدۇر. ئۇلارنىڭ بىرى سۇخەنچىلىك قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى» دېدى. ئاندىن بىر ھۆل شاخنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ئوشتۇپ ھەربىر قەبرگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابىلار: «يا رەسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىلا؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «بۇ شاخلار قۇرۇپ قالغۇچە ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن» دېدى(11).

يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان سەلەف – سالىھلەرنىڭ قەبر ئازابى، قەبر ھۇزۇرى ۋە قەبر سورىقىنى ئىسپاتلاشتا بىردەك ئىجماﺋ قىلغانلىقىنى، ئۇلاردىن ئۇنى رەت قىلىدىغان باشقىچە قاراش كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ بارىدا ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى ئىمام ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىي ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغاندۇر(12).

دېمەك، قەبر ئازابى ھەدىسلەردىكى مەزمۇن مۇتەۋاتىرلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائىسى بىلەن تەۋرەنمەس ئەقىدىگە ئايلانغان. چۈنكى، ساھابە كىراملار ۋەھىي ئارقىلىق ئۇلارغا مەلۇم بولمىغان بىرنەرسىنى ھەممىسى بىردەك دىن دەپ قارىۋالمايدۇ. بۇنى ئۇلاردىن كېيىنكى مۆتىۋەر مۇجتەھىد ۋە مۇھەققىق ئالىملارنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.

 ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇنكەر بىلەن نەكىرنىڭ(13) قەبردە سوراق سورىشى ھەقتۇر. قەبردە بەندىنىڭ تېنىگە روھنىڭ قايتۇرۇلۇشىمۇ ھەقتۇر. قەبرنىڭ سىقىشى ۋە ئازابى جىمى كافىرلار ۋە بەزى ئاسىي مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھەقتۇر»(14).

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) : «قەبر ئازابىنى شەرىئەتنىڭ كەسكىن دەلىللىرى ئىسپاتلىغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋە ساھابە كىراملاردىن دۇئالىرىدا ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى مۇتەۋاتىر دەرىجىدە كەلگەندۇر. ھەم ئۇ مۇمكىن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇمكىنلىكى ئېنىق. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋاجىپتۇر» دېگەن(15).

سابىت داموللام ئابدۇلباقى ئوغلى (ھ. 1300 – 1360 / م. 1883 – 1941) مۇ قەبر ئازابى توغرىسىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دەلىللىرى بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«31 – سوئال: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پەرىشتە سوئال قىلۇرمۇ؟

جاۋاب: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سوئال قىلۇر. ﴿ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قەتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قەتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى بارمۇ؟» دەيدۇ﴾(غافىر: 11) ئايەتى ئىسپاتتۇر. ئۆلۈك گۆرگە كۆمۈلگەندە مۇنكەر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆرگە كىرەدۇرلەر. ئۆلۈكنىڭ ھەممە ئەزاسىغا ياكى يۇقارقى يارىمىغا جان كىرەدۇرلەر. ئۇنىڭغا سوئالنى چۈشەنىپ جاۋابقا قادىر بولغۇدەك دەرەجەدە ئەقىل ۋە ھىس – ئىدراك بەرىلەدۇر. ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكنى ئولتۇرغۇزۇپ، پەرۋەردىگارىڭ كىمدۇر؟ پەيغەمبەرىڭ كىمدۇر؟ ۋە دىنىڭ نەمەدۇر دەپ سوئال قىلۇرلەر. رەببىمىز، بىزلەرنى شاھادەت كەلىمەسىدە مەھكەم قىلغىن.

32 – سوئال: گۆرنىڭ ئازابى كىملەرگەدۇر؟

جاۋاب: گۆرنىڭ ئازابى كافىرلارنىڭ ھەممەسىگە ۋە ئاسىي مۆمىنلەرنىڭ بەئزىسىگەدۇر. ﴿ئۇلارنى ئىككى قەتىم جەزالەيمىز﴾(تەۋبە: 9) ئايەتىنىڭ مەناسى كافىرلەرغە دۇنيادا ئۆلۈم بىلەن ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن، ئۆلگەندە قەبرنىڭ ئازابى بىلەن ئازاب قىلامىز دەگەن سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئازابى جەسەت بىلەن جانغادۇر. گۆرنىڭ راھەتى ۋە نىئمەتى ۋە لەززەتى ھەم ھەق ۋە راستتۇر.‹قەبر ياكى جەننەت باغچەلەرىدىن بىر باغچە، ياكى دوزاخ ئازگاللارىدىن بىر ئازگالدۇر› ھەدىسى پاكىتتۇر. ئاققان كىشى ياكى كۆيگەن كىشى مۆمىن بولسا راھەت، لەززەتتەدۇر. ئەگەر كافىر بولسا ياكى پاسىق بولسا ئازابتادۇر»(16).

كونا ۋە يېڭى خاۋارىجلار قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىشتا «ھايات بولمىغان جەسەتنى ئازابلاش، ئۇنى سوراق قىلىش ۋە سوراققا جاۋاب بېرىش مۇھال(17)، چۈنكى بەرزەخ ئالەمى ئۆلۈكلەر ئالەمى بولۇپ، ئۇنىڭدا قايسىبىر شەكىلدە ھاياتلىق ياكى ئىدراك ۋە ياكى تۇيغۇ يوقتۇر. يەنى بۇ ئەقىلگە زىتتۇر» دېگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە قەدىمدىن تارتىپ ئالىملىرىمىز يېتەرلىك جاۋابنى بېرىپ كەلگەندۇر.

ئىمام نەۋەۋىيمۇ بۇنىڭ مۇھال ئەمەس، بەلكى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ھاياتنى جەسەتنىڭ بىر پارچىسىغا قايتۇرۇپ، ئۇنى ئازابلىشى ئەقىلدە چەكلەنمەيدۇ. ئەقىل ئۇنى چەكلىمىگەندىن كېيىن، شەرىئەت ئۇنى ئىسپاتلىغان ئىكەن، قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپتۇر» دەيدۇ(18).

ھەقىقەتەن، ئۆلۈككە قايتا ھايات بېرىلىپ، سىرتتىكى ھايات ئىنسانلار ئۇنى كۆرمەيدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغان شەكىلدە سوراققا تارتىلسا، ئازاب ياكى ھۇزۇر ھېس قىلسا، بۇنىڭ ئەقىل جەھەتتىن مۇھاللىق تەرىپى يوق. بۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بەزى ئېغىر كېسەلگە مۇبتىلا بولغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنى كىشىلەر ئۇلار ھېس قىلىۋاتقان ئەلەمنى كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر بەرزەخ ئالەمىدىكى ھاياتنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا بىر ھايات دەيدىكەنمىز، ئۇنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتقا قىياس قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خاتادۇر. بەرزەخ ئالەمىدىكى ھايات بولسا بىزگە غەيب بولغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولغاچقا، ئىلىم – پەن ھەرقانچە ئىلگىرىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى تەجرىبىگە بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئەقىلنىڭ ياكى تەجرىبىنىڭ ئىسپاتلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بەلكى ئۇدۇل ۋەھىيدىن ئېلىنىدىغان ئەقىدە. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ بارىدا مەزمۇنى مۇتەۋاتىر سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن ئىكەن، ئەقىلمۇ ئۇنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايدۇ.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك: «قەبر ئازابى ھەقتۇر»(19). ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەرزەخ ۋە قەبر ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگۈچى زاتتۇر. بىز ئۇنىڭدا روھقا قانچىلىك، تەنگە قانچىلىك ئازاب ياكى ھۇزۇر بولىدۇ؟! بۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيمىز. پەقەت سالىھ ئەمەللەرنى قىلىپ، شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى ۋە جىمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى بىلىمىز.

ئى ئاللاھ! ئى ئاللاھ! گۆر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمىز. قەبرلىرىمىزنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن قىلغىن، بىزنى دوزاختىن ساقلىغىن!

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 1. 17

 

————————————————————————-

1. ھىزبۇتتەھرىر ئەلئىسلامىي Hizb ut-Tahrir: سىياسى، ئىسلامىي پارتىيە بولۇپ، پەلەستىنلىك شەيخ مۇھەممەد تەقىييۇددىن نەبھانىي (ھ. 1326 – 1398 / م. 1909 – 1977) تەرىپىدىن ھ. 1372 / م. 1953 – يىلى قۇرۇلغان. ئىسلام تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، خەلقنى ئىسلام چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا ئاقارتىش ۋە ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىش، ئۆزگەرتىشتە پىكىرگە تايانغان ئاساستا ئىسلام خەلىپىلىكىنى تىكلەش ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەددىنى رۇسلاشنى نىشان قىلىدۇ. پارتىيە تارىخىدا بىرقانچە قېتىم كۆپچىلىك ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇلار «توغرا يولدىن چەتنىگەن» دەپ قارالغان. مەسىلەن، ئەقىدە ۋە تەربىيە تەرەپلىرىگە سەل قاراپ، دىققەتنى پىكرىي ۋە سىياسىي تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئەقىدە مەسىلىلىرىدە ۋە مۇسۇلمان كىملىكنى بەرپا قىلىشتا ئەقىلگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەھكاملارنى ئىجرا قىلىدىغان ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەرنى ئېسىپ قويۇش… قاتارلىقلار. شەيخ تەقىييۇددىننىڭ ۋاپاتى (1977) دىن كېيىن پارتىيە رەئىسلىكىگە ئابدۇلقەدىم زەللۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەتاﺋ خەلىل ئەبۇررىشتە (2003) چىققان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە، ھىندونېزىيە، مالايسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە پائالىيەتلىرى بار. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 683 – بەت. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الفلسطينية»، 1- توم، 564 – بەت. «هيئة الموسوعة الفلسطينية» نەشرى، م. 1984، دەمەشق.
2. تەقىييۇددىن نەبھانىي: «ئەددەۋسىييە (دوسية إزالة الأتربة عن الجذور: ربط الأفكار والأحكام بالعقيدة الإسلامية»، ھىزبۇتتەھرىر ئىچكى ماتېرىيالى، 3 – 6 – بەتلەر. ھ. 1384 شەئبان / م. 1964 دېكابىر.
3. قازى ئابدۇلجاببار (ھ. 359 – 415 / م. 969 – 1025) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇئتەزىلەلەر بۇ مەسىلىدە ئىككى گۇرۇھتۇر: بىرى، ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە بۇنى مۇمكىن ئىش دەپ قارايدىغانلار؛ يەنە بىرى، بۇنى كېسىپ ئېتىقاد قىلىدىغانلار. بىزنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپ بولغاچقا بۇنى كېسىپ ئېتىقاد قىلىدۇ»: قاراڭ: «فضل الاعتزال وطبقات المعتزلة»، 201 – بەت. «الدار التونسية للنشر» نەشرىياتى، م. 1974. تۇنىس.
4. تېخىمۇ كەڭ دەلىل ۋە تەپسىلىي مۇلاھىزىلەر ئۈچۈن قاراڭ: «‹قۇرئانچىلار› كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر – قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش»، «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى».
5. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت. ئامىدىي: «ئەبكارۇل ئەفكار»، 4 – توم، 335 – بەت. ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 75 – بەت. ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 261 – بەت. ئىيجىي: «ئەلمەۋاقىف»، 382 – بەت. تافتازانىي: «شەرھۇل مەقاسىد»، 5 – توم، 111 – بەت.
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1369 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2871 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
7. جۇۋەينىي: «ئەلئىرشاد»، 374 – بەت؛ غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت؛ ئەسفەرايىينىي: «التبصير في الدين»، 52 – بەت؛ ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 52 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مجموع الفتاوى»، 3 – توم، 145 – بەت؛ ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 263 – بەت؛ ئىبنى رەجەب: «أهوال القبور وأحوال أهلها إلى النشور»، 81 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇل قارىي»، 12 – توم، 465 – بەت؛ شاتىبىي: «الاعتصام»، 2 – توم، 335 – بەت؛ سۇيۇتىي: «شرح الصدور بشرح حال الموتى والقبور»، 121 – بەت؛ «دار المعرفة» نەشرىياتى، ھ. 1417 / م. 1996. بېيرۇت. ئەلكەشمىيرىي: «العرف الشذي شرح سنن الترمذي»، 2 – توم، 450 – بەت.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1374 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2870 – ھەدىس.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1377 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 588 – ھەدىس.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1055 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 903 – ھەدىس.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1378 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 292 – ھەدىس.
12. ئىمام ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە»، 14 -، 247 – بەتلەر؛ ئىبنى تەيمىييە: «مجموع الفتاوى»، 4 – توم، 262 – بەت.
13. مۇنكەر ۋە نەكىر: كۆرۈمسىز ئىككى پەرىشتە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىس («تىرمىزىي»، 1071 – ھەدىس) تە: «مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ» دەپ كەلگەن. ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلار قامۇسى)»، 1636 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد.
14. موللا ئەلى قارىي: « (ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ) ئەلفىقھۇل ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ شەرھى»، 187 – بەت. «دار الكتب العربية الكبرى» نەشرىياتى، ھ. 1327 / م. 1909، قاھىرە.
15. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت.
16. سابىت داموللا ئابدۇلباقى ئوغلى: «ئەقائىد جەۋھەرىييە»، 18 – بەت. 31 –، 32 – سوئاللار. «محبوب المطابع» نەشرىياتى، ھ. 1351 / م. 1932. دېھلى.
17. مۇھال (محال): ئەرەبچە، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەقىلگە سىغمايدىغان، خىيالىي، تۇترۇقسىز، ئاساسى يوق. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619 – بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 1993، بېيجىڭ.
18. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9 – توم، 247 – بەت.
19. «بۇخارىي»، 1372 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز