قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش

 

«قۇرئانچىلار» كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر

قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش

 

قەبر ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشتىكى تۇنجى مەنزىلىدۇر. كىشى ئۆلۈپ تاكى قىيامەتتە ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلىپ قوپقانغا قەدەر بولغان بۇ ئارىلىق «بەرزەخ ھاياتى» يەنى پاسىل ھايات دەپ ئاتىلىدۇ. «بەرزەخ ھاياتى» دۇنيا ھاياتى بىلەن ئاخىرەت ھاياتىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئۆتكۈنچى ھايات ئالەمى بولغاچقا، «بەرزەخ ئالەمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دېمەك، جىمى ئىنسانلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنىپ قىيامەت قايىم بولغۇچە بەرزەخ ھاياتىدا تۇرىدۇ. ﴿سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ﴾(ياسىن: 51). بۇ ھاياتقا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنىڭ بىرى بولغان «ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش»نىڭ بىر پارچىسىدۇر(1). ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، ‹پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال – مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن›. (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ﴾(مۇئمىنۇن: 99 – 100).

قەبردە ياكى «بەرزەخ ئالەمى»دە سوئال – سوراقنىڭ، ياخشىلار ئۈچۈن ھۇزۇر، يامانلار ئۈچۈن ئازابنىڭ بارلىقى ئايەتلەر، سەھىھ ھەدىسلەر، شۇنداقلا ساھابە كىراملارنىڭ بىردەك ئىجمائسى بىلەن ئىسپاتلانغان غەيبىي ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، قەبر ئازابى بىلەن قەبر ھۇزۇرىغا ۋە ئۇنىڭدىكى سوراققا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپتۇر.

بۇ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرى بولمىش ئەسرى سائادەتتە ھەممە بىردەك ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئەقىدە بولۇپ، پەقەت خاۋارىجلارنىڭ ئاتالمىش «قۇرئاندىنلا ھۆكۈم ئېلىش، ھەدىسنى رەت قىلىش» قائىدىسى بولغاچقا، قۇرئان ئايەتلىرىنى بىر تەرەپلىمە چۈشىنىۋېلىش خاھىشى بويىچە بەزى ئايەتلەردە خېلى ئېنىق، بەزى ئايەتلەردە ئىما – ئىشارىلىك ئىسپاتلانغان، ئەمما ھەدىسلەردە بەكلا ئېنىق ۋە مەزمۇنى مۇتەۋاتىر دەرىجىدە ئىسپاتلانغان، پۈتۈن ساھابىلەر بىردەك ئىجماﺋ قىلغان، جىمى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى بولغان بەرزەخ ھاياتىنى جاھىللارچە ئىنكار قىلغان.

ساھابە قاتىللىرى بولمىش خاۋارىجلارنىڭ ھەدىسنى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ سەھىھ ھەدىسلەرنى قۇرئانغا ياكى باشقا ھەدىسلەرگە ياكى ئەقىلگە زىت دەپ قارىۋالغانلىقى(2) بولۇپ، ئۇلار قۇرئان بىلەنلا كۇپايىلىنىش باھانىسى بىلەن نۇرغۇن ئەھكاملارنى ئىنكار قىلىپ ئازغۇنلۇققا پاتقان.

ئىمام ئەشئەرىي (ھ. 260 – 324 / م. 874 – 936): «خاۋارىجلار قەبر ئازابى يوق، ھېچكىم قەبردە ئازابلانمايدۇ دەپ قارايدۇ» دېگەن(3).

ئىمام ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064): «قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىش بىز ئۇچراتقان خاۋارىجلارنىڭ قارىشىدۇر» دېگەن(4).

قەبر ئازابىنى يەنە ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) بايان قىلغاندەك: «دىنسىز پەيلاسوپلارنىڭ يولىنى تاللىغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن چىققان دىنسىزلارمۇ ئىنكار قىلغان»(5).

يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋرلەردىكى خاۋارىجلاردىن بولمىش «قۇرئانچىلار» تائىپىسى يېڭى بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويالماستىن، ئەنە شۇ قەدىمكى خاۋارىجلارنىڭ قارىشىنى بازارغا سالغان ۋە ھەممىسى بىردەك قەبر ئازابىنى ۋە بەرزەخ ئالەمىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان(6).

ئالايلۇق، ھىندىستان «قۇرئانچىلىرى»دىن ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم جەيراجپۇرىي(7): «بەرزەخ ئالەمى ئۆلۈكلەر ئالەمى بولۇپ، ئۇنىڭدا قانداقتۇر مەلۇم شەكىلدە ھاياتلىق ياكى ئىدراك يوقتۇر» دېگەن(8).

 ئۇلاردىن يەنە غۇلام ئەھمەد پەرۋىز(9): «قۇرئان كەرىم روھىغا ئاساسەن قەبرنىڭ ھەقىقىتى يوقتۇر. چۈنكى، ئۇ ئۆلۈك جەسەتنىڭ دەپنەگاھى بولۇپ، جەسەتنىڭ سىرتتا قالغاندىكى سېسىقچىلىقىدىن تاشقى مۇھىتنى ساقلايدىغان جايدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ سوراق ۋە ئازاب جايى ئەمەستۇر. چۈنكى، قەبرگە دەپنە قىلىنغان جەسەتتە ھاياتلىقمۇ، تۇيغۇمۇ يوقتۇر» دېگەن(10).

ھازىرقى دەۋردە ئەرەب ۋە باشقا مىللەتلەردىن چىققان قۇرئانچىلارمۇ قەبر ئازابىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقتا. تېخى بەزىلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس كىتابمۇ يازغان(11).

قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:

بىرى، «قەبر ئازابى» دېگىنىمىزدە ۋاپات بولغان ئىنسان قەبرگە مەيلى كۆمۈلسۇن ياكى كۆمۈلمىسۇن، بەرزەخ ھاياتىدىكى ئازاب كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنى يەرگە دەپنە قىلىنغاننىلا ئەمەس، كۆيدۈرۈلۈپ كۈلى كۆككە سورۇلغان ياكى غەرق بولغان ياكى يىرتقۇچلارغا يەم بولغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمدىن كېيىنكى تاكى قىيامەتتە قايتا تىرىلگەنگە قەدەر ئازابلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى دەپنە قىلىنىدىغان بولغاچقا، «قەبر ئازابى» دەپ بايان قىلىنىدۇ.

يەنە بىرى، قەبردىكى «بەرزەخ ھاياتى» ماھىيەت جەھەتتىن ھەرگىزمۇ بىز دۇنيادا ياشاۋاتقان ھايات بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاشۇ پاسىل باسقۇچقا مۇناسىپ ھاياتتۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىكى ئازاب بىلەن ھۇزۇرمۇ شۇ ھاياتقا خاس بىر خىل ئازاب ۋە ھۇزۇردۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ. چۈنكى، بۇ روھنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ» دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن﴾(ئىسرا: 85).

 ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، روھنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنسان بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان ھەربىر باسقۇچقا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنسان قورساقتىكى تۆرەلمىگە روھ پۈۋلەنگەندە بىر خىل ھاياتتا، تۇغۇلغاندا بىر خىل ھاياتتا، ئۇخلىغاندا بىر خىل ھاياتتا بولىدۇ، بەرزەخ ئالەمىدىمۇ باشقا بىر خىل ھاياتتا بولىدۇ، شۇڭا قەبردىكىلەرگە سالام قىلسا ئاڭلايدۇ ۋە سالامنى ئىلىك ئالىدۇ. ئاندىن قايتا تىرىلىپ مەھشەرگاھقا جەم بولغاندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەھەننەم ياكى جەننەتكە كىرگەن چاغلاردا باشقىچە مۇكەممەل ۋە ھەقىقىي ھاياتتا بولىدۇ. يۇقىرىدىكى بەش خىل ھاياتنىڭ ھەربىرى ماھىيەتتە پەرقلىق بولغاچقا، ئەھكاملىرى ئوخشاش بولمىغىنىدەك، ئۇ باسقۇچلاردا ئىنساننىڭ سائادەت ۋە شاقاۋەت ھالىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ(12).

دېمەك، بەرزەخ ئالەمىدىكى بۇ خىل ھاياتتا ئازابلىنىش، لەززەت ھېس قىلىش، ئۈمىد ۋە ھەسرەتتە بولۇش قاتارلىقلار شۇ خىل ھاياتقا مۇناسىپ شەكىلدە بولىدۇ. بۇ خىل ھاياتنى ئىنسان بېشىدىن كەچۈرمىگەچكە، شۇنداقلا روھنىڭ بۇ خىل ھاياتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىگەچكە، ئۇنى دۇنيا ھاياتىغا قىياسلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كەمتۈك ئەقلى ئۇنى ئاڭقىرالمىسا، ئۇنى ئىنكار قىلىش ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر.

ئەمدى قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرىگە كېلەيلى:

قۇرئاندىن دەلىللەر

 بۇ ھەقتە ئايەتلەر كۆپ بولۇپ بىز بىرقانچىنى ئۆرنەك تەرىقىسىدە سۇنىمىز.

1. ئاللاھ تائالا پىرئەۋن جەمەتى ھەققىدە: ﴿ئۇلار ئەتىگىنى – ئاخشىمى ئوتقا سۇنىلىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «پىرئەۋن جەمەتىنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرگۈزۈڭلار!» (دېيىلىدۇ)﴾(غافىر: 46) دېگەن.

ئىمام ئامىدىي (ھ. 551 – 631 / م. 1156 – 1233) نىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئايەتتە قەبر ئازابىغا ئۈچ تەرەپتىن دەلىل بار:

بىرىنچىسى، بۇ ئايەت قىيامەت كۈنىدىن بۇرۇن ئازاب بارلىقىنى، بۇ ئازابنىڭ قەبرلەردىن تىرىلىپ قوپۇشتىن بۇرۇن بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتە ئېنىق دەلىلدۇر.

ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتىكى ئازاب بوشاپ قالمايدىغان، توختاۋسىز، مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي بولاتتى. مەزكۇر ئايەتتە ئىسپاتلانغان ئازاب دائىم بولماستىن، ئەتىگىنى – ئاخشىمى بولىدۇ. ئۇ ئاخىرەتتىكى ئازاب بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر ئايەت (ئاللىبۇرۇن) ئۆلگەنلەر ھەققىدە كەلگەن.

ئۈچىنچىسى، مەزكۇر ئايەت ئىككى ئازابنى ئايرىغان ۋە قىيامەتتىكى ئازابنى ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى دەپ سۈپەتلىگەن. دوزاخقا ئەتىگىنى – ئاخشىمى سۇنۇلۇش بولسا ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقى ئەمەس. شۇڭا، ئۇ قىيامەتتىكى ئازاب بولمايدۇ. بەلكى، ئۇنىڭ قەبر ئازابى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ(13).

2. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خاھلىغىنىنى قىلىدۇ﴾(ئىبراھىم: 27).

بۇ ئايەتنىڭ قەبر ئازابى، ھۇزۇرى ۋە سورىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى مۇنداق بايان قىلغان: «مۇئمىن قەبرىسىدە ئولتۇرغۇزۇلغاندا ئۇنىڭغا ئىككى پەرىشتە كېلىدۇ، ئاندىن ئۇ: ‹بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ﴾(ئىبراھىم: 27) دېگەن ئايىتىدۇر» بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى قەبر ئازابى ھەققىدە نازىل بولغان دېگەن» (14).

3. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلەردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز، ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ﴾(تەۋبە: 101).

ئىمام ئىبنى ئەتىييە (ھ. 481 – 545 / م. 1088 – 1148) قاتارلىق مۇفەسسىرلەر مەزكۇر ئايەتتىكى ئىككى ئازابنىڭ بىرىنى قەبر ئازابى دەپ تەفسىر قىلغان بولۇپ، بۇ كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەرنىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، بۇ ئايەت ئازابنىڭ ئۈچ ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چوڭ ئازاب ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابى، ئوتتۇرانچى ئازاب بولسا قەبر ئازابىدۇر. بىرىنچى ئازاب ھەممىگە مەلۇم، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادىكى غەم – قايغۇ، قەتل قىلىنىش ۋە ئاسارەت قاتارلىق ئازابلار(15).

4. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا تار ھايات بار، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپقۇزىمىز﴾(تاھا: 124).

بۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىدە مۇفەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتارلىق سەلەف – سالىھلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇفەسسىرلەر تار ھاياتنى قەبر ئازابى دەپ ئىزاھلىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ شۇنداق تەفسىر كەلگەن(16). يەنە بەزىلەر: دۇنيادىكى ناچار ھايات دەپ ئىزاھلىغان. لېكىن، ئۇنى قەبر ئازابى دەپ تەفسىر قىلىش تېخىمۇ ئورۇنلۇق، چۈنكى، ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگەن كاپىرلارنىڭ بەزىلىرى دۇنيادا راھەت – پاراغەتتە ياشايدۇ. ئەگەر ئۇنى دۇنيا ھاياتى دەپ ئىزاھلىغان تەقدىردە، رېئاللىققا زىت كېلىدۇ(17).

5. ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن. ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ھىيلە – مىكرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارغا ياردەممۇ قىلىنمايدۇ. شۈبھىسىزكى، زۇلۇم قىلغانلارغا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ باشقا ئازاب باردۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ﴾(تۇر: 45 – 46).

ئىبنى ئابباس بىلەن بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇ ئايەتنى قەبر ئازابىغا دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ تەفسىر بويىچە ئېيتقاندا، ﴿زۇلۇم قىلغانلارغا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ باشقا ئازاب باردۇر﴾ دېگەندىكى ئازاب قەبر ئازابىردۇر. چۈنكى، ئۇندىن بۇرۇنقى ئايەتتە ﴿ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن﴾ دېگەن. ئۇلار ھالاك بولىدىغان ئۇ كۈن دۇنيانىڭ ئاخىرقى كۈنىدۇر. لېكىن، بۇ غەيب بولغاچقا، ﴿ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ﴾. ئۇنداق بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى باشقا ئازاب قەبر ئازابىدۇر(18).

يۇقىرىقى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئوندىن ئارتۇق (بەقەرە: 154، ئال ئىمران: 169، ئال ئىمران: 185، ئەنئام: 93، تەۋبە: 9، ئەنفال: 50 – 51، نەھل: 28 – 29، ئىسرا: 75، مۇئمىنۇن: 99 – 100، سەجدە: 21، غافىر: 11، مۇھەممەد: 27، مۇمتەھىنە: 13، نۇھ: 25) قۇرئانىي دەلىللەر قاراتمىلىقى ئېنىق كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، باشقىچە تەفسىر قىلىنىشىمۇ مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ئازغۇن پىرقىلەر ئۇ ئايەتلەرنى باشقىچە تەفسىر قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن، يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە سەلەف – سالىھلەردىن، شۇنداقلا مۆتىۋەر ئالىملاردىن كەلگەن تەفسىرلەر ئۇلارنى قەبر ئازابى دەپ تەفسىر قىلىشنى رەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك. شۇنداقتىمۇ دەلىللەر پەقەت ئايەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇڭا بىز ئەمدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبر ئازابىنى بايان قىلغان، كۆپلىگەن ئالىملار تەرىپىدىن مەزمۇنى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىدە دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن(19) نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەردىن ئازغىنە بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

 

سەھىھ ھەدىسلەردىن دەلىللەر

1. قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بەندە قەبرىسىگە قويۇلۇپ، قايتقانلارنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتقان چاغدىلا ئۇنىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە كېلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن: ‹سەن ماۋۇ كىشى (يەنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› دەيدۇ. مۆمىن بولسا: ‹مەن ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ‹دوزاختىكى ئورنۇڭغا قارا، ئاللاھ ئۇنى ساڭا جەننەتتىكى بىر ئورۇنغا ئالماشتۇرۇپ بەردى› دەيدۇ». قەتادە: ‹بىزگە ئۇنىڭغا قەبرىسى ئازادە قىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان› دەپ يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «شۇنداق قىلىپ ئۇ دوزاختىكى ئورنى بىلەن جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرىدۇ. ئەمما مۇناپىق بىلەن كاپىرغا: ‹سەن ماۋۇ كىشى توغرىسىدا نېمە دەيسەن؟› دېيىلگەندە، ئۇ: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمە دېسە شۇنى دېگەنىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا: ‹يا ئەقىل ئىشلىتىپ ئۆزۈڭ بىلىۋالمىدىڭ، يا بىلىدىغانلارغا ئەگەشمىدىڭ› دېيىلىدۇ. ئاندىن بازغان بىلەن شۇنداق قاتتىق ئۇرۇلىدۇكى، ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئىنس – جىندىن باشقا يېقىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ»(20).

2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! گۆر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن»(21).

3. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر يەھۇدىي ئايال ئۇنىڭدىن بىرنەرسە تىلەپ كېلىپ ئۇنىڭغا: «ئاللاھ سىزنى قەبر ئازابىدىن ساقلىسۇن» دېگەنىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: «كىشىلەر قەبرلىرىدە ئازابلىنامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى.، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن» دېدى(22).

4. ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «كۈن تۇتۇلغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ يېنىغا كەلسەم، كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن: ‹كىشىلەرگە نېمە بولدى؟› دېسەم، ئائىشە ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ: ‹سۇبھانەللاھ!› دېدى. مەن: ‹كۈننىڭ تۇتۇلۇشى ئالامەتمۇ؟› دېسەم، ‹ھەئە› دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى. مەن دەرھال نامازغا تۇردۇم، ئاخىرى بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. مەن بېشىمغا سۇ قۇيغىلى تۇردۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن پارىغ بولۇپ ئۇلۇغ ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ‹مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ مۇشۇ ئورنۇمدا كۆردۈم. ئاندىن ماڭا شۇنداق ۋەھىي قىلىندىكى: سىلەر قەبرىڭلاردا دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان پىتنە بىلەن سىنىلىسىلەر، بىرىڭلار كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن: بۇ ئادەمگە (مۇھەممەد رەسۇلۇللاھقا) قانداق قارايسەن؟ دەپ سورىلىدۇ. مۇئمىن ئادەم ياكى ئىمانى مۇستەھكەم كىشى بولسا: ‹ئۇ بولسا بىزگە ئېنىق مۆجىزىلەر ۋە ھىدايەت بىلەن كەلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتۇر، بىز ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق› دەيدۇ. ئۇ ئادەمگە: سەن سالىھ بەندىلەردىن بولۇپ ئۇخلىغىن، سېنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىز بىلەتتۇق، دېيىلىدۇ. مۇناپىق ياكى شەكلەنگۈچى بولسا: ‹بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمىدېگەن بولسا، ئاڭلاپ شۇنى دېدىم› دەيدۇ»(23).

5. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئادەمنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ: «ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ، ئەمما چوڭ گۇناھ سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتقىنى يوق» دەپ بولۇپ: «شۇنداق. ئەلۋەتتە بۇ چوڭ گۇناھدۇر. ئۇلارنىڭ بىرى سۇخەنچىلىك قىلاتتى، يەنە بىرى بولسا سۈيدۈكىدىن ساقلانمايتتى» دېدى. ئاندىن بىر ھۆل شاخنى ئەكەلدۈرۈپ ئۇنى ئوشتۇپ ھەربىر قەبرگە بىردىن سانجىپ قويدى. ساھابىلار: «يا رەسۇلۇللاھ! نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىلا؟» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «بۇ شاخلار قۇرۇپ قالغۇچە ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىتىلىشى مۇمكىن» دېدى(24).

6. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قەبردىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ:

ــ بۇ قەبرنىڭ ئىگىسى قاچان ۋاپات بولغان؟ ــ دەپ سورىدى:

ــ جاھىلىيەتتە، ــ دەپ جاۋاب بېرىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ جاۋابتىن سۆيۈندى ۋە:

ــ مۇبادا (قەبردىكى ئازابتىن قورقۇپ) بىر – بىرىڭلارنى دەپنە قىلماي قېلىشىڭلاردىن قورقمىغان بولسام، ئاللاھ تائالاغا مەن ئاڭلىغان قەبر ئازابىنى سىلەرگىمۇ ئاڭلىتىشىغا دۇئا قىلغان بولاتتىم» دېدى (25).

7. بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۈن پېتىپ بولغاندا (مەدىنىدىن سىرتقا) چىقىپ بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ: «يەھۇدىيلەر قەبرلىرىدە ئازابلىنىۋاتىدۇ» دېدى(26).

8. خالىد ئىبنى سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى (ئەمە، ئۇممۇ خالىد) رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبر ئازابىدىن پاناھ تىلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان (27).

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆلۈكلەر تاشلانغان قۇدۇققا نەزەر تاشلاپ:

ــ سىلەر رەببىڭلارنىڭ ۋەدە قىلغان نەرسىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟ ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھقا:

ــ ئۆلۈكلەرگە گەپ قىلىۋاتاملا؟ ــ دېيىلىۋېدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئوبدانراق ئاڭلايدۇ. لېكىن، جاۋاب قايتۇرالمايدۇ ــ دېدى(28).

9. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئەھزاب غازىتى بولغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ‹ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە قەبرلىرىنى ئوتقا توشقۇزىۋەتكەي! ئۇلار بىزنى كۈن ئولتۇرغۇچىلىك ئوتتۇرا ناماز (ئەسىر نامىزى)نى ئوقۇتماي ئاۋارە قىلدى› دېدى»(29).

يۇقىرىقىلار قەبردىكى سوئال – سوراق، قەبر ئازابى ۋە قەبر ھۇزۇرى توغرىسىدا كەلگەن نۇرغۇن ھەدىسلەردىن ئازغىنە ئۆرنەك، بۇ ھەدىسلەرنى 39 دىن كۆپ ساھابە رىۋايەت قىلغان. بۇ ساھابىلەردىن نۇرغۇن تابىئىنلەر، ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ تەبەئى تابىئىنلەر رىۋايەت قىلغان. ئىسلام ئۈممىتى بۇ ھەدىسلەردىكى قەبردىكى سوئال – سوراق، قەبر ئازابى ۋە قەبر ھۇزۇرىنى ئەقىدە دەپ قوبۇل قىلغان. بىرلا مىسال بەرسەك، قەبر ئازابىدىن پاناھلىق تىلەش ھەققىدىكى ھەدىسلا 24 ساھابىدىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزىلا قەبر ئازابىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىكتۇر. ئىمام بەيھەقىي (ھ. 384 – 458 / م. 994 – 1066) «قەبر ئازابىنى ئىسپاتلاش ۋە ئىككى پەرىشتىنىڭ سوئالى (إثبات عذاب القبر وسؤال الملكين)» ناملىق ئەسىرىدە قەبر ئازابىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەردىن 200 ئەتراپىدا ھەدىس ۋە ساھابە – تابىئىنلەرنىڭ بايانلىرىنى جەملىگەن بولۇپ، بۇ ھەدىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى سەھىھ ھەدىسلەردۇر. شۇنداقتىمۇ بۇ بىرلا ئالىمنىڭ جەملىگىنى بولۇپ، بۇ بارىدىكى جىمى ھەدىسلەر بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئەلبەتتە. دېمەك، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر مەزمۇن جەھەتتىن مۇتەۋاتىرلىقىغا قىل سىغمايدۇ. بىرەرسى چىقىپ ئۇنى ئىنكار قىلغان تەقدىردىمۇ، قەبر ئازابىنىڭ سابىتلىقىغا شەك كەلتۈرەلمەيدۇ.

ئۇندىن باشقا «ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ» دېگەن ھەدىسنى بەش ساھابە، «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە قەبرلىرىنى ئوتقا توشقۇزىۋەتكەي! ئۇلار بىزنى كۈن ئولتۇرغۇچىلىك ئوتتۇرا ناماز (ئەسىر نامىزى) نى ئوقۇتماي ئاۋارە قىلدى» دېگەن ھەدىسنى ئالتە ساھابە رىۋايەت قىلغان. باشقا ھەدىسلەرمۇ شۇنداق.

 

ئىجماﺋ بايانى

 

بۇ ھەدىسلەرنى رىۋايەت قىلغان ساھابە ۋە تابىئىنلەرنى ئايەتلەرنى تەفسىر قىلغان ساھابە ۋە تابىئىنلەرگە قوشىدىغان بولسا، سەلەف – سالىھلەرنىڭ قەبر ئازابى، قەبر ھۇزۇرى ۋە قەبر سورىقىنى ئىسپاتلاشتا بىردەك ئىجماﺋ قىلغانلىقىنى، ئۇلاردىن ئۇنى رەت قىلىدىغان باشقىچە قاراش كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ بارىدا ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائسى بارلىقىنى ئىمام ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىي ۋە ئىمام ئىبنى تەيمىييە قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغاندۇر(30).

ساھابە كىراملارنىڭ ئىجمائىسى ئىسپاتلانغان ئىكەن، ئۇ شامال ئۆتمەس پاكىت بولىدۇ ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ قەبر ئازابىغا ئوخشىغان غەيبىي مەسىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا دېيەلەيمىزكى، قەبر ئازابىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى بۇ ھەقتىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە تايانغان بولۇپ، باشقىچە قاراش پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا ئىجماﺋ شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭلاشقا ئۇندىن كېيىن پەيدا بولغان باشقىچە قاراشلار ئۇنى زېدىلىمەيدۇ، بەلكى كېيىنكى قاراش ئىجمائغا زىت بولغانلىقتىن نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

دېمەك، قەبر ئازابى ھەدىسلەردىكى مەزمۇن مۇتەۋاتىرلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ ئىجمائىسى بىلەن تەۋرەنمەس ئەقىدىگە ئايلانغان. چۈنكى، ساھابە كىراملار ۋەھىي ئارقىلىق ئۇلارغا مەلۇم بولمىغان بىرنەرسىنى ھەممىسى بىردەك دىن دەپ قارىۋالمايدۇ. بۇنى ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن تۆت ئىمام ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى مۆتىۋەر مۇجتەھىد ۋە مۇھەققىق ئالىملارنىڭ بايانلىرى تېخىمۇ تەكىتلەيدۇ.

 

 مۆتىۋەر ئىماملارنىڭ بايانلىرى

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە (ھ. 80 – 150 / م. 699 – 767) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇنكەر بىلەن نەكىرنىڭ(31) قەبردە سوراق سورىشى ھەقتۇر. قەبردە بەندىنىڭ تېنىگە روھنىڭ قايتۇرۇلۇشىمۇ ھەقتۇر. قەبرنىڭ سىقىشى ۋە ئازابى جىمى كافىرلار ۋە بەزى ئاسىي مۇئمىنلەر ئۈچۈن ھەقتۇر»(32).

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855): «قەبر ئازابى ھەقتۇر. بەندە ئۆزىنىڭ دىنى، پەيغەمبىرى ۋە جەننەت بىلەن دوزاختىن سورىلىدۇ. مۇنكەر بىلەن نەكىرمۇ ھەقتۇر. ئۇ ئىككىسى قەبر پىتنىسىگە (سورىقىغا) دۇچار قىلغۇچىلاردۇر. ئاللاھتىن سەباتلىق تىلەيمىز» دەيدۇ. يەنە: «قەبر ئازابى ھەقتۇر. ئۇنى ئازغۇن ياكى ئازدۇرغۇچىدىن باشقىسى ئىنكار قىلمايدۇ» دەيدۇ(33).

ئىمام ئەبۇ جەئفەر تاھاۋىي (ھ. 239 – 321 / م. 853 – 933) «ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرىنىڭ ئېتىقادى بويىچە ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئەقىدىسىنىڭ بايانى»دا مۇنداق دەيدۇ: «بىز يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋە ساھابە كىراملىرىدىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي!) كەلگەن خەۋەرلەر بويىچە، لايىق بولغانلارغا قەبر ئازابى بارلىقىغا، مۇنكەر بىلەن نەكىر قەبردە مېيىتتىن پەرۋەردىگارى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سوئال سورىشىغا ئىمان ئېيتىمىز. قەبر جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر ياكى دوزاخ ئازگاللىرىدىن بىر ئازگالدۇر»(34).

ئىمام ئەبۇل ھەسەن ئەشئەرىي (ھ. 260 – 324 / م. 874 – 936) مۇ قەبر ئازابىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى، ئۇنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا تانغان بىرمۇ ساھابە يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە بۇ بارىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىردەك ئىجماﺋ قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا ئەھلى سۈننەت ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ قەبر ئازابى بارلىقىغا دەلىل قىلغان ئايەتلەرنى دەلىل كەلتۈرىدۇ(35).

ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) : «قەبر ئازابىنى شەرىئەتنىڭ كەسكىن دەلىللىرى ئىسپاتلىغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ۋە ساھابە كىراملاردىن دۇئالىرىدا ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى مۇتەۋاتىر دەرىجىدە كەلگەندۇر. ھەم ئۇ مۇمكىن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇمكىنلىكى ئېنىق. شۇڭا ئۇنىڭغا ئىشىنىش ۋاجىپتۇر» دېگەن(36).

ئىمام قۇرتۇبىي (ھ. 600 – 671 / م. 1204 – 1273) مۇنداق دەيدۇ: «قەبر ئازابى بىلەن ئۇنىڭدىكى سوراققا ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپتۇر. راستچىل زات بىزگە خەۋەر قىلغان بويىچە ئۇنىڭغا ئىشىنىش لازىمدۇر»(37).

ئىمام نەۋەۋىي (ھ. 631 – 676 / م. 1233 – 1277): «ئەھلى سۈننەنىڭ تۇتقان يولى ‹قەبر ئازابى بار› دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى بىرلىكتە ئىسپاتلىغاندۇر» دەيدۇ(38).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەۋەر بەرگەن ئۆلۈمدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرۈش ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، قەبر فىتنىسى (سورىقى)، ئازابى ۋە ھۇزۇرىغا ئىمان كەلتۈرۈلىدۇ»(39).

سابىت داموللام ئابدۇلباقى ئوغلى (ھ. 1300 – 1360 / م. 1883 – 1941) مۇ قەبر ئازابى توغرىسىدا بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دەلىللىرى بىلەن مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«31 – سوئال: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى پەرىشتە سوئال قىلۇرمۇ؟

جاۋاب: ئۆلۈك گۆردە تۇرغۇزۇلۇپ، ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭدىن سوئال قىلۇر. ﴿ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قەتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قەتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى بارمۇ؟» دەيدۇ﴾(غافىر: 11) ئايەتى ئىسپاتتۇر. ئۆلۈك گۆرگە كۆمۈلگەندە مۇنكەر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتە گۆرگە كىرەدۇرلەر. ئۆلۈكنىڭ ھەممە ئەزاسىغا ياكى يۇقارقى يارىمىغا جان كىرەدۇرلەر. ئۇنىڭغا سوئالنى چۈشەنىپ جاۋابقا قادىر بولغۇدەك دەرەجەدە ئەقىل ۋە ھىس – ئىدراك بەرىلەدۇر. ئۇ ئىككى پەرىشتە ئۆلۈكنى ئولتۇرغۇزۇپ، پەرۋەردىگارىڭ كىمدۇر؟ پەيغەمبەرىڭ كىمدۇر؟ ۋە دىنىڭ نەمەدۇر دەپ سوئال قىلۇرلەر. رەببىمىز، بىزلەرنى شاھادەت كەلىمەسىدە مەھكەم قىلغىن.

32 – سوئال: گۆرنىڭ ئازابى كىملەرگەدۇر؟

جاۋاب: گۆرنىڭ ئازابى كافىرلارنىڭ ھەممەسىگە ۋە ئاسىي مۆمىنلەرنىڭ بەئزىسىگەدۇر. ﴿ئۇلارنى ئىككى قەتىم جەزالەيمىز﴾(تەۋبە: 9) ئايەتىنىڭ مەناسى كافىرلەرغە دۇنيادا ئۆلۈم بىلەن ياكى مەغلۇبىيەت بىلەن، ئۆلگەندە قەبرنىڭ ئازابى بىلەن ئازاب قىلامىز دەگەن سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ئازابى جەسەت بىلەن جانغادۇر. گۆرنىڭ راھەتى ۋە نىئمەتى ۋە لەززەتى ھەم ھەق ۋە راستتۇر. ‹قەبر ياكى جەننەت باغچەلەرىدىن بىر باغچە، ياكى دوزاخ ئازگاللارىدىن بىر ئازگالدۇر› ھەدىسى پاكىتتۇر. ئاققان كىشى ياكى كۆيگەن كىشى مۆمىن بولسا راھەت، لەززەتتەدۇر. ئەگەر كافىر بولسا ياكى پاسىق بولسا ئازابتادۇر»(40).

دېمەك، قەبردە ئازاب بىلەن ھۇزۇر بارلىقى، مۇنكەر، نەكىر ئاتلىق ئىككى پەرىشتىنىڭ سورىقى جىمى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىدۇر. بۇ ئەقىدىنى ئىلگىرى – كېيىن ئىنكار قىلغانلار قەدىمكى خاۋارىجلار بىلەن «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتالغان يېڭى خاۋارىجلاردۇر. بۇلار بۇ ئەقىدىنى يا ھەدىسلەرنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقتىن، يا ئۆزىنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلىشتا ئۇلارنىڭ بىرەر ئاساسى يوقتۇر.

 

ئەقلىي دەلىل

كونا ۋە يېڭى خاۋارىجلار قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلىشتا «ھايات بولمىغان جەسەتنى ئازابلاش، ئۇنى سوراق قىلىش ۋە سوراققا جاۋاب بېرىش مۇھال(41)، چۈنكى بەرزەخ ئالەمى ئۆلۈكلەر ئالەمى بولۇپ، ئۇنىڭدا قايسىبىر شەكىلدە ھاياتلىق ياكى ئىدراك ۋە ياكى تۇيغۇ يوقتۇر. يەنى بۇ ئەقىلگە زىتتۇر» دېگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە قەدىمدىن تارتىپ ئالىملىرىمىز يېتەرلىك جاۋابنى بېرىپ كەلگەندۇر.

مەسىلەن، ئەبۇل مۇئىن نەسەفىي (ھ. 438 – 508 / م. 1047 – 1115) بۇنىڭغا مۇنداق رەددىيە بېرىدۇ: «توغرىسى شۇكى، بىلىش ئۈچۈن ھايات شەرتتۇر. بىلىش بولمىسا ئەلەم تارتىش ياكى ھۇزۇر ھېس قىلىش بولمايدۇ. لېكىن، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن قەبر ئازابىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر كەلگەن بولغاچقا، ئۇنى ئىسپاتلىماي بولمايدۇ. يەنە قەبر ئازابى مۇمكىن ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا جەسەتكە ئەلەم ۋە ھۇزۇر ھېس قىلغۇچىلىك مىقداردا ھاياتنى قايتۇرسا بۇ تامامەن مۇمكىندۇر»(42).

 ئىمام نەۋەۋىيمۇ بۇنىڭ مۇھال ئەمەس، بەلكى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئاللاھ تائالانىڭ ھاياتنى جەسەتنىڭ بىر پارچىسىغا قايتۇرۇپ، ئۇنى ئازابلىشى ئەقىلدە چەكلەنمەيدۇ. ئەقىل ئۇنى چەكلىمىگەندىن كېيىن، شەرىئەت ئۇنى ئىسپاتلىغان ئىكەن، قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ۋاجىپتۇر» دەيدۇ(43).

ئىمام ئىبنى ئەبىلئىز مۇنداق رەددىيە بەرگەن: «بىز قەبردىكى سوراقنىڭ، ئازاب ۋە ھۇزۇرنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە توختالماستىن، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايمىز. چۈنكى، ئەقىل بۇ ھاياتى دۇنيادا ئۇنى ئۇچرىتىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمەيدۇ. شەرىئەت ئەقىل «مۇھال» دەپ قارىغان نەرسىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەلكى ئەقىل ھەيرانۇھەس قالىدىغاننى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى، روھنىڭ جەسەتكە قايتىشى بىز دۇنيادا بىلگەن تەرىقىدە بولمايدۇ. بەلكى روھ ئۇنىڭغا بىز دۇنيادا بىلگەن تەرىقىدىن باشقا تەرىقىدە قايتۇرۇلىدۇ»(44).

بىز يۇقىرىدا قەبر ئازابىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ئىككى نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنىدۇق. ئۇنىڭ بىرى، قەبردىكى «بەرزەخ ھاياتى» ماھىيەت جەھەتتىن ھەرگىزمۇ بىز دۇنيادا ياشاۋاتقان ھايات بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. بەلكى ئۇ ئاشۇ پاسىل باسقۇچقا خاس ھاياتتۇر. شۇڭا ئۇنىڭدىكى ئازاب بىلەن ھۇزۇرمۇ شۇ ھاياتقا تالىق بىر خىل ئازاب ۋە ھۇزۇردۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئاللاھ بىلىدۇ. چۈنكى، بۇ روھنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. «روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن﴾(ئىسرا: 85).

 دېمەك، بۇ مەسىلىدە خاۋارىجلارغا رەددىيە بېرىشتە ئىككى نۇقتا ئاساس:

بىرى، بۇ ئەقىل جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن ئىش؛

يەنە بىرى، ئايەت – ھەدىسلەر بۇنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋاجىپ.

ھەقىقەتەن، ئۆلۈككە قايتا ھايات بېرىلىپ، سىرتتىكى ھايات ئىنسانلار ئۇنى كۆرمەيدىغان ياكى ئاڭلىمايدىغان شەكىلدە سوراققا تارتىلسا، ئازاب ياكى ھۇزۇر ھېس قىلسا، بۇنىڭ ئەقىل جەھەتتىن مۇھاللىق تەرىپى يوق. بۇ مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان بەزى ئېغىر كېسەلگە مۇبتىلا بولغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. يەنى كىشىلەر ئۇلار ھېس قىلىۋاتقان ئەلەمنى كۆرەلمەيدۇ. ئەگەر بەرزەخ ئالەمىدىكى ھاياتنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا بىر ھايات دەيدىكەنمىز، ئۇنى بۇ دۇنيادىكى ھاياتقا قىياس قىلىۋېلىشنىڭ ئۆزى خاتادۇر. بەرزەخ ئالەمىدىكى ھايات بولسا بىزگە غەيب بولغان ئىشلار جۈملىسىدىن بولغاچقا، ئىلىم – پەن ھەرقانچە ئىلگىرىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى تەجرىبىگە بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ ئەقىلنىڭ ياكى تەجرىبىنىڭ ئىسپاتلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بەلكى ئۇدۇل ۋەھىيدىن ئېلىنىدىغان ئەقىدە. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ بارىدا مەزمۇنى مۇتەۋاتىر سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن ئىكەن، ئەقىلمۇ ئۇنى قوبۇل قىلماي تۇرالمايدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئەقىلنى نەقلىي دەلىللەرنىڭ ئالدىغا قويۇۋالغان مۇئتەزىلەلەرنىڭمۇ بەزىلىرى قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك مۇئتەزىلەلەر قەبر ئازابىنى ئىنكار قىلمىغان ۋە ئۇنى ئىسپاتلاشتا ئەقلىي جەھەتتىن مۇمكىنچىلىكى بىلەن بىللە ئەھلى سۈننەت دەلىل كۆرسەتكەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇلاردىن قازى ئابدۇلجاببار (ھ. 359 – 415 / م. 969 – 1025) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇئتەزىلەلەر بۇ مەسىلىدە ئىككى گۇرۇھتۇر:

بىرى، ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە بۇنى مۇمكىن ئىش دەپ قارايدىغانلار؛

يەنە بىرى، بۇنى كېسىپ بار دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلار. بىزنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە ھەدىسلەر كۆپ بولغاچقا بۇنى كېسىپ ئېتىقاد قىلىدۇ»(45).

ئىمام ئىبنى ھەزممۇ مۇئتەزىلەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ قەبر ئازابى ھەققىدە ئەھلى سۈننەگە ئوخشاش ئېتىقادتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان(46).

كالتا پەم خاۋارىج قۇرئانچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كەم ئەقىللىقى ۋە نەپسى – خاھىشى بىلەنلا قۇرئان ئايەتلىرىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئىجمائسىنى، شۇنداقلا ئۈممەت سەرخىللىرىنىڭ ئىلمىيلىك بىلەن تويۇنغان ئەقلىي دەلىللىرىنى تېپىۋېتىش ھەددى ئەمەس.

دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېگەندەك: «قەبر ئازابى ھەقتۇر»(47). ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بەرزەخ ۋە قەبر ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى بىلگۈچى زاتتۇر. بىز ئۇنىڭدا روھقا قانچىلىك، تەنگە قانچىلىك ئازاب ياكى ھۇزۇر بولىدۇ؟! بۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيمىز. پەقەت سالىھ ئەمەللەرنى قىلىپ، شۇ كۈن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى ۋە جىمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى بىلىمىز.

ئى ئاللاھ! ئى ئاللاھ! گۆر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم پىتنىلىرىدىن ۋە مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمىز. قەبرلىرىمىزنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدىن قىلغىن، بىزنى دوزاختىن ساقلىغىن!

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2021. 1. 14

 

————————————————————————–
1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «الموسوعة الإسلامية العامة»، 279 – بەت. وزارة الأوقاف – المجلس الأعلى للشؤون الإسلامية، ھ. 1424 / م. 2003. قاھىرە؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية»، 331 – بەت. پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد.
2. شاتىبىي: «الاعتصام»، 1 – توم، 246 – بەت. «المكتبة التجارية الكبرى» نەشرىياتى، قاھىرە.
3. ئىمام ئەشئەرىي: «ماقالاتۇل ئىسلامىييىن»، 127 – بەت. «دار إحياء التراث العربي» نەشرىياتى، بېيرۇت.
4. ئىبنى ھەزم: «ئەلفەسلۇ فىلمىلەل»، 4 – توم، 56 – بەت. «مكتبة الخانجي» نەشرىياتى، قاھىرە.
5. قۇرتۇبىي: «التذكرة في أحوال الموتى وأمور الآخرة»، 139 – بەت. «دار الكتب العلمية» نەشرىياتى، بېيرۇت.
6. خادىم ھۇسەين ئىلاھىي بەخش، «القرآنيون وشبهاتهم حول السنة»، 333 – بەت. «مكتبة الصديق» نەشرىياتى، ھ. 1421 / م. 2000. تائىف.
7. ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم سالامەتۇللاھ بھوپالىي جەيراجپۇرىي Aslam Jairajpuri (ھ. 1299 – 1375 / م. 1882 – 1955) ھىندىستاننىڭ ئەئزەمگەرھ شەھرىگە تەۋە جەيرەجپۇرلۇق تارىخچى، پەيلاسوپ. قۇرئانچىلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىلىرىدىن بىرى. ئۇ خۇجە ئەھمەدىددىن ئەمرىتسارىي (1861 – 1936) نىڭ بەزى كىتابلىرىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. لاھوردا چىقىدىغان كۈندىلىك بىيسە گېزىتىنىڭ تونۇلغان ستون يازغۇچىسى. ئەلەيكىرەھ ۋە مىللىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە لېكتور بولغان. توققۇز ياشقا كىرمەيلا قۇرئاننى يادلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن «ھافىز» دەپ ئاتالغان. «ئىسلامدا مىراس تۈزۈمى»(ئەرەبچە)، «تارىخۇ ئۇممەت»، «ئەقائىدۇل ئىسلام»، «ماقامۇ ھەدىس»، «نىكاتۇ قۇرئان»، «تەئلىماتۇ قۇرئان»، «تارىخۇل قۇرئان» ۋە «ئابدۇرراھمان جامىينىڭ ھاياتى» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەرنى يازغان.
8. ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم جەيراجپۇرىي: «تەئلىماتۇ قۇرئان»، 190 – بەت. «مطبعة تجلي برقي» نەشرىياتى، م. 1934. دېھلى.
9. غۇلام ئەھمەد پەرۋىز Ghulam Ahmed Perwez (ھ. 1321 – 1405 / م. 1903– 1985) ھىندىستاننىڭ شەرقى پەنجابتىكى گۇرداسپۇر ئۆلكىسىگە تەۋە قاديان ئەتراپىدىكى باتالا ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. قۇرئانچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئەسەر يازغان ئەللامىسى. «ئەھلى قۇرئان جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، «تۇلۇئى ئىسلام جەمئىيىتى»نىڭ ۋە شۇ نامدىكى ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ (م. 1938) قۇرغۇچىسى. دەسلەپتە بوۋىسىنىڭ تەسەۋۋۇف تەرىقىتىنىڭ تەسىرىگە، كېيىنچە ياۋروپا پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئىسلامغا ياۋروپا پىكرى بويىچە رەڭ بېرىشكە ئۇرۇنغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقىلاپ، مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇستازى ھافىز مۇھەممەد ئەسلەم جەيراجپۇرىي (م. 1808 – 1955) نىڭ تەسىرىدە قۇرئانچىلار سېپىگە قوشۇلغان. پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، كاراچىغا يۆتكەلگەن. ئۇنىڭ قاراشلىرىغا ئىمام مەۋدۇدىي قاتارلىق ئالىملار تاقابىل تۇرغان ۋە 1961 – يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كاراچىغا كەلگەن مىڭ ئالىم تەرىپىدىن ئۇنىڭ قاراشلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ ئۇنىڭ دىندىن چىقىپ كاپىر بولغانلىقىغا ھۆكۈم بېرىلگەن. «تبويب القرآن»(3 توم)، «قرآني فيصلي»(3 توم)، «قرآني قوانين»، «لغات القرآن»(4 توم)، «مفهوم القرآن»(3 توم)، «مطالب القرآن»(7 توم) ۋە «كتاب التقدير» قاتارلىق كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ قۇرغان «تۇلۇئى ئىسلام جەمئىيىتى» ھازىرمۇ ئەڭ كۈچلۈك قۇرئانچىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
10. غۇلام ئەھمەد پەرۋىيز: «تبويب القرآن»، ، 3 – توم، 1304 – بەت. «تۇلۇئى ئىسلام» مەتبەسى، م. 1977. لاھور.
11. أحمد صبحي منصور: «أكذوبة عذاب القبر والثعبان الأقرع»، «مكتبة مدبولي» نەشرىياتى، م. 1994. قاھىرە. أحمد عبده ماهر: «أوهام عذاب القبر»، «مركز الكتاب للنشر» نەشرىياتى، م. 2010. قاھىرە. جواد عفانة: «لا عذاب في القبر مختصر كتاب حقيقة عذاب القبر»، «جمعية عمال المطابع التعاونية» نەشرى، 2000م. ئىئوردانىيە – ئاممان.

 Prof. Dr. Mehmet Okuyan’ın ”Kur’an-ı Kerim’e Göre Kabir Azabı Var mı?“, ”Sidre Yayıncılık“, Samsun 2007.
12. ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 43 – 44 – بەتلەر. ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 263 – 264 – بەتلەر. «دار الفكر» نەشرىياتى، ھ. 1404 / م. 1984. بېيرۇت. شەيخ سەييىد سابىق: «ئەلئەقائىدۇل ئىسلامىييە»، 242 – بەت. «دار الكتاب العربي للطباعة و النشر» نەشرىياتى، ھ. 1402 / م. 1982. بېيرۇت.
13. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت؛ ئامىدىي: «ئەبكارۇل ئەفكار»، 4 – توم، 335 – بەت؛ ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 75 – بەت؛ ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 261 – بەت؛ ئىيجىي: «ئەلمەۋاقىف»، 382 – بەت؛ تافتازانىي: «شەرھۇل مەقاسىد»، 5 – توم، 111 – بەت.
14. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1369 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2871 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
1^5]: تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 11 – توم، 644 – بەت؛ ئىبنى ئەتىييە: «ئەلمۇھەررەر ئەلۋەجىز»، 3 – توم، 304 – بەت؛ ئەبۇ ھەييان: «ئەلبەھرۇل مۇھىت»، 5 – توم، 497 – بەت؛ ئىبنۇل جەۋزىي: «زادۇل مەسىر» 3 – توم، 226 – بەت.
16. مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، 6644 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 3113 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت، ھۇسەين سەلىم ئەسەد ۋە ئالبانىيلار: «ھەسەن» دېگەن.
17. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 16 – توم، 196 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 11 – توم، 259 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 5 – توم، 323 – بەت؛ ئەلۇسىي: «رۇھۇل مەئانىي»، 8 – توم، 585 – بەت؛ ئامىدىي: «ئەبكارۇل ئەفكار»، 4 – توم، 335 – بەت.
18. تەبەرىي: «تەفسىرۇ تەبەرىي»، 21 – توم، 603 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 17 – توم، 87 – بەت؛ سەمەرقەندىي: «بەھرۇل ئۇلۇم»، 4 – توم، 205 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «التذكرة في أحوال الموتى وأمور الآخرة»، 151 – بەت. «دار الكتب العلمية» نەشرىياتى، بېيرۇت.
19. جۇۋەينىي: «ئەلئىرشاد»، 374 – بەت؛ غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت؛ ئەسفەرايىينىي: «التبصير في الدين»، 52 – بەت؛ ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 52 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «مجموع الفتاوى»، 3 – توم، 145 – بەت؛ ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 263 – بەت؛ ئىبنى رەجەب: «أهوال القبور وأحوال أهلها إلى النشور»، 81 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇل قارىي»، 12 – توم، 465 – بەت؛ شاتىبىي: «الاعتصام»، 2 – توم، 335 – بەت؛ سۇيۇتىي: «شرح الصدور بشرح حال الموتى والقبور»، 121 – بەت؛ «دار المعرفة» نەشرىياتى، ھ. 1417 / م. 1996. بېيرۇت. ئەلكەشمىيرىي: «العرف الشذي شرح سنن الترمذي»، 2 – توم، 450 – بەت.
20. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1374 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2870 – ھەدىس.
21. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1377 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 588 – ھەدىس.
22. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1055 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 903 – ھەدىس.
23. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1053 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 905 – ھەدىس.
24. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1378 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 292 – ھەدىس.
25. «مۇسلىم»، 2868 – ھەدىس.
26. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1375 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2869 – ھەدىس.
27. «بۇخارىي»، 1376 – ھەدىس.
28. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1370 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2874 – ھەدىس.
29. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2931 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 627 – ھەدىس.
30. ئىمام ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە»، 14 -، 247 – بەتلەر؛ ئىبنى تەيمىييە: «مجموع الفتاوى»، 4 – توم، 262 – بەت.
31. مۇنكەر ۋە نەكىر: كۆرۈمسىز ئىككى پەرىشتە بولۇپ، مېيىت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىسىگە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدىن رەببى، دىنى ۋە پەيغەمبىرى توغرۇلۇق سورايدۇ. جاۋاب بېرەلىگەنلەر قەبرىسىدە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. جاۋاب بېرەلمىگەنلەر قەبرىسىدە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ھەدىس («تىرمىزىي»، 1071 – ھەدىس) تە: «مېيىت قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن، مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك، چېقىركۆزلۈك، قاپقارا ئىككى پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىدۇ» دەپ كەلگەن. ئىلمىي گۇرۇپپا: «معجم مصطلحات العلوم الشرعية (شەرئىي ئىلىملەر ئاتالغۇلار قامۇسى)»، 1636 – بەت، پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئىلىم ۋە تېخنىكا شەھىرى (KACST)، م. 2017، رىياد.
32. موللا ئەلى قارىي: « (ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ) ئەلفىقھۇل ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ شەرھى»، 187 – بەت. «دار الكتب العربية الكبرى» نەشرىياتى، ھ. 1327 / م. 1909، قاھىرە.
33. ئىبنى ئەساكىر: «تارىخى دەمەشق»، 21 – توم، 311 – بەت. ئىبنى قەييىم: «ئەرروھ»، 57 – بەت.
34. ئىمام تاھاۋىي: «ئەقىدە تاھاۋىيە»، 25 – بەت. «ئىبنى ھەزم نەشرىياتى»، ھ. 1416 / م. 1995. بېيرۇت.
35. ئىمام ئەشئەرىي: «ئەلئىبانە ئەن ئۇسۇلىددىيانە»، 247 – 248 – بەتلەر؛ «دار الأنصار» نەشرىياتى، ھ. 1397 / م. 1977. قاھىرە.
36. غەززالىي: «ئەلئىقتىساد فىل ئېئتىقاد»، 182 – بەت.
37. قۇرتۇبىي: «التذكرة في أحوال الموتى وأمور الآخرة»، 137 – بەت.
38. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9 – توم، 248 – بەت.
39. ئىبنى تەيمىييە: «مجموع الفتاوى»، 3 – توم، 145 – بەت. «دار الوفاء» نەشرىياتى، ھ. 1426 / م. 2005.
40. سابىت داموللا ئابدۇلباقى ئوغلى: «ئەقائىد جەۋھەرىييە»، 18 – بەت. 31 -، 32 – سوئاللار. «محبوب المطابع» نەشرىياتى، ھ. 1351 / م. 1932. دېھلى.
41. مۇھال (محال): ئەرەبچە، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەقىلگە سىغمايدىغان، خىيالىي، تۇترۇقسىز، ئاساسى يوق. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 619 – بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 1993، بېيجىڭ.
42. ئەبۇل مۇئىن نەسەفىي: « تەبسىرەتۇل ئەدىللە»، 621 – بەت. «دار الكتب العلمية» نەشرىياتى، م. 2020. بېيرۇت.
43. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9 – توم، 247 – بەت.
44. ئىبنى ئەبىلئىز: «شەرھۇتتاھاۋىيە»، 263 – بەت.
45. قازى ئابدۇلجاببار: «فضل الاعتزال وطبقات المعتزلة»، 201 – بەت. «الدار التونسية للنشر» نەشرىياتى، م. 1974. تۇنىس.
46. ئىبنى ھەزم: «الفصل في الملل»، 117 – بەت.
47. «بۇخارىي»، 1372 – ھەدىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز