مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىلاھمۇ؟

تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلغۇچى ئالىملار مىسىر (مورقۇسىيە) ئورتودوكس چېركاۋلىرى ياقلاپ كېلىۋاتقان مەسىھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تەبىئىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

مىسىردىكى ئىكلىيرىيكىييە(1) فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ھەبىيب گىرگېس مىسىر چېركاۋلىرىنىڭ ئەقىدىلىرى ھەققىدىكى بايانىدا، شەرق ئورتودوكسلىرىنىڭ بىر تەبىئەت مەسىلىسى ھەققىدىكى ئەقىدىسىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئۇلۇغ پىداكارىمىز ئۆزىنىڭ شانلىق ئاسمىنىدىن چۈشۈپ، ئىنساننىڭ جىسمى، ئەقلى ۋە ئوي – پىكىرلىرىنى ئۆزىنىڭ جىسمى، ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە ئۆزىنىڭ ئوي – پىكىرى قىلىپ، ئىنسان بىلەن ھەقىقىي رەۋىشتە بىرلەشتى. ئاندىن مۇقەددەس روھنىڭ قۇدرىتى بىلەن (مەريەمنى) مەسىھكە ھامىلىدار قىلدى… ئۇ ئىككىسى بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ بىرىكىپ كەتمىگەن تەرزدە بىرلىشىپ، بىر تەبىئەتلىك بىر شەخسكە ئايلىنىپ كەتتى… مەسىھ بىر زات، بىر جەۋھەر، بىر تەبىئەت، بىر خاھىش بولدى».

ئېھتىمال، بۇ، خرىستىيانلار ئىچىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك كاپىر مەزھەپ بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ مەزھەپ ئاللاھنى مەريەم ئوغلى ئىيسانىڭ دەل ئۆزىدۇر، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھنى مەسىھ ئىبنى مەريەم شۇ دەۋالغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كاپىر بولدى…﴾ (مائىدە: 17).

مۇسۇلمانلار بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئاللاھنى قانداقسىگە ئىنسان قىلىۋالغانلىقىغا ھەيرانۇھەستۇر. چۈنكى، ئىنتىھاسى (باشلانغۇچى) بولمىغان ئەزەلىي زات بىر ئىنتىھاسى بولغان زاتقا ئايلانمايدۇ، ئۇنىڭدا ئىنسانلاردا بولىدىغان ئۇخلاش، ئۇنتۇپ قېلىش، يېيىش – ئىچىش… قاتارلىق ھادىسىۋىي ئالاھىدىلىكلەر تېخىمۇ بولمايدۇ.

لېكىن، مۇقەددەس تېكىستلەر مەسىھنىڭ ئاللاھ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا روشەن زىتلىق مەۋجۇتتۇر. دېمەك، ھەزىرىتى مەسىھ ئىنساندۇر، ئۇنىڭدا باشقا ئىنسانلاردا بار بولغان ھادىسىۋىي ئالاھىدىلىكلەر باردۇر. بۇ تەۋرات ۋە ئىنجىللەرنىڭ تېكىستلىرى ئاللاھنى خالىي دەپ سۈپەتلىگەن ھادىسىۋىي ئالاھىدىلىكلەردۇر.

مەسىھ ئەلەيھىسسالام بىر ئايالدىن تۇغۇلغان. بىر ئايالدىن تۇغۇلغۇچىنىڭ، قۇرت مىسالى ئادەم بالىسىنىڭ ئىلاھ بولۇشى تولىمۇ مەنتىقىسىزلىقتۇر. تەۋراتتا مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئايمۇ ئۇنچىلىك يورۇق، يۇلتۇزمۇ ئۇنچىلىك پاك ئەمەس تۇرسا لىچىنكىدەك ئىنساننى، قۇرتتەك ئادەم بالىسىنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟!»(2). مەسىھ ئىنساندۇر، ئۇ ئىنسان پەرزەنتىدۇر. «…ھالبۇكى، مېنى يەنى ئاللاھدىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئىنساننى…»(3). ئەمما، ئاللاھ بولسا «ئاللاھ ئىنسان بولمىغاچقا يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىنسان پەرزەنتى بولمىغاچقا پۇشايمان قىلمايدۇ»(4)دۇر.

مەسىھ كېمىدە ئۇخلىغان(5). ئەمما، ئاللاھ بولسا «ئىسرائىلنى قوغدىغۇچى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ»(6)دۇر.

مەسىھ ئەلەيھىسسالام كۆرگىلى بولىدىغان تەندۇر. ئەمما، ئاللاھ بولسا «ئۇنى ھېچبىر ئىنسان كۆرۈپ باقمىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان، جىمى ھۆرمەت ۋە مەڭگۈلۈك كۈچ – قۇدرەت ئۇنىڭغا خاس بولغان زات»(7)تۇر. بۇنى يەنە يوھاننا ئېيتقان مۇنۇ سۆزمۇ تەستىقلايدۇ: «ئاللاھنى ھېچكىم پەقەت كۆرۈپ باقمىغان»(8).

يوھاننا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ _ روھتۇر»(9)، يەنى سەزگۈ ئەزالار بىلەن سەزگىلى بولىدىغان جىسىم ئەمەس. لېكىن، مەسىھ تۇتسا تۇتقىلى بولىدىغان جىسىمدۇر. مەسىھ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى قۇلۇم بىلەن ئىككى پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش – ئۇستىخىنى بولمايدۇ. قاراڭلار، مېنىڭ بار. ھەزرىتى ئىيسا شۇنداق دېگەچ پۇت – قوللىرىنى كۆرسەتتى»(10).

توغرىسى، جىسىملار ئاللاھنى كۆرۈشتىن ئاجىز. كىم ئۇنى كۆرسە ئۆلۈپ قالىدۇ(11). شۇنداقكەن بەزىلەر قانداقسىگە ئىنساننىڭ ئاللاھنى كۆرگەنلىكىنى داۋراڭ سېلىشىدۇ؟!

مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئەمما، ئاب(12)غا كەلسەك، تەۋرات – ئىنجىللەر ئابنىڭ ئاۋازىنى ھېچكىمنىڭ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ئۇنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىشقان. «مېنى ئەۋەتكەن ئاب ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار»(13).

خرىستىيانلار قانداقسىگە «ھەقىقەتەن، ئىنسانىي تەن ئۇنى تۇغۇلغۇچە قورسىقىنىڭ ئىچىدە ساقلىغان» دەيدۇ، ھالبۇكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئاللاھتا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ؟! كاتولىكلەرنىڭ تەۋراتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پەرۋەردىگار ئېيتىدۇ: ‹مېنىڭ روھىم ئەسلا ئىنسان بىلەن بىرلەشمەيدۇ، چۈنكى ئۇ _ تەندۇر›»(14). دېمەك، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ زاتى تۈگۈل روھىمۇ تەنلەر بىلەن بىرىكمەيدۇ. چۈنكى، «ئۇلۇغ زات قوللار ياسىغان ھەيكەللەردە تۇرمايدۇ»(15).

زېمىندىكى تەننىڭ قانچىلىك كاتتا بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قوينىغا ئېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۇنى سىغدۇرالمايدۇ. «ئاللاھ راستىنلا زېمىندا تۇرامدۇ؟ ئاسمانلار ۋە ئەرشئەلا سېنى سىغدۇرالمايدۇ. ئۇنداق ئىكەن مەن بىنا قىلغان بۇ ئۆي نېمىدېگەن كىچىك»(16).

مەسىھ ئىنجىللەردە دېيىلگەندەك كرېستقا مىخلانغان ۋە ئۆلگەندۇر. ئاللاھ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «مەن مەڭگۈ ھاياتمەن»(17). يەنە مۇنداق دېگەن: «ئەبەدىلئەبەد ھايات تۇرغۇچى بىلەن قەسەمكى»(18). «بىردىنبىر مەڭگۈ ئۆلمەس، يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان نۇر ئىچىدە تۇرىدىغان»(19).

مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھىي مەرتىۋىدىن كۆپ تۆۋەن ۋە ئاجىز بىر ئىنسان ئىكەنلىكى ھەققىدە تەۋرات – ئىنجىللەردە يەنە باشقا بايانلار كەلگەن. بۇلارمۇ ئۇنىڭ ئاللاھ ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئۇ قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلمەيدۇ. «ئاشۇ كۈن ۋە ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يەككە – يېگانە دادامدىن باشقا نە ئاسمانلارنىڭ پەرىشتىلىرى، نە ھېچكىم بىلمەيدۇ»(20).

مەسىھ ئۆزى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزلۈكىمدىن ھېچ ئىش قىلالمايمەن»(21).

شۇڭلاشقا ئۇ زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلىنى پادىشاھلىقىدا (ئوڭ ۋە سول يېنىدا) ئولتۇرغۇزۇشقا ۋەدە بېرەلمىگەن(22). ئۇلارنىڭ بىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى «ياخشى» دەپ چاقىرغاندا، ئۇ: «مېنى نېمىشقا ‹ياخشى› دەيسىز؟ يەككە – يېگانە ئاللاھدىن باشقا ياخشى يوقتۇر»(23) دېگەن.

پاۋۇلوس مەسىھنىڭ شېرىكلىرى بارلىقىنى ئېيتقان. «شۇڭا، ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان – شۆھرەت ۋە شادلىقى شېرىكلىرىڭگە ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر»(24). ئۇلار ئۇنىڭغا ئىلاھلىقتىمۇ شېرىكمۇ؟

بۇ يەردە يەنە مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئىلاھ – ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقى ھەققىدە تەۋرات ۋە ئىنجىلدا كەلگەن ئىبارىلەر بار. لۇكا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى ۋە كېچىنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى»(25). ئىنجىلشۇناسلار ئۇنىڭ كرېستتا تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا ئاللاھقا يېلىنىپ – يالۋۇرۇپ: «ئىلاھىم! ئىلاھىم! مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟»(26) دېگەنلىكىنى ئېيتىشقان.

ئۇ ھاۋارىيلىرىغا ئاللاھ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «دادام ۋە سىلەرنىڭ داداڭلار، مېنىڭ ئىلاھىم ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار»(27).

مەسىھ ئەلەيھىسسالاممۇ رەببىگە ئىبادەت قىلاتتى، دۇئا قىلاتتى. قوشۇن ئۇنى تۇتقىلى كەلگەن كېچىسىدىكى ئىبادىتىمۇ شۇ قاتاردىندۇر(28). دېمەك، ئەگەر ئۇ ئاللاھ بولسا، ئۇنداقتا، ئۇ كىمگە ئىبادەت قىلغان؟ ئەجەبا، ئاللاھ ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانمۇ؟! ئاللاھ ئاللاھقا دۇئا قىلغانمۇ؟! ئاندىن ئاللاھ ئاللاھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانمۇ؟!

شەيتان ئۇنىڭدىن ئۆزىگە سەجدە قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ شەيتانغا: «‹ئىلاھىڭ بولغان پەرۋەردىگارغا سەجدە قىل، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىل› دەپ يېزىلغان» دېگەن(29). ئۇ ئۆزى ھەققىدە سۆزلەۋاتقانمىدۇ؟

مەسىھ بىلەن ئاللاھنىڭ باشقا – باشقا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تېكىستلەرمۇ كەلگەن. مەسىھنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ۋە ئەۋەتكۈچى ئەمەس ئەۋەتىلگۈچى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئونلىغان تېكىستلەر كەلگەن. مەسىلەن: «سىلەر ئاڭلاۋاتقان بۇ سۆزلەر ماڭا ئائىت ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاب قا ئائىتتۇر»(30). يەنە مەسىھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەن مېنى جاھانغا جاھاننىڭ سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىمان ئېيتىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەنىدىڭ»(31). يوھاننانىڭ مەكتۇبىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاللاھ بىردىنبىر ئوغلىنى جاھانغا جاھاننىڭ ئوغلى سەۋەبلىك ياشنىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن»(32). يوھاننا ئاب بىلەن ئوغۇلنىڭ بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىر ئەمەسلىكىنى مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلىدىن بايان قىلغان: «مەن ئۆزلىكىمدىن سۆزلىگىنىم يوق، نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ماڭا بۇيرۇدى»(33). ئەگەر ئوغۇل ئاب قا ھەر نەرسىدە باراۋەر بولغان بولسا ياكى ئابنىڭ ئۆزى بولغان بولسا، نېمىشقا ئوغۇل ئۆزلىكىدىن سۆزلىمەيدۇ؟ ئەكسىچە، ئۇنىڭغا ئۇنى ئەۋەتكەن، ئۇنىڭغا دېيىشى كېرەك بولغان سۆزنى ئاتا قىلغان ۋە تاپىلىغان ئابنىڭ ماقۇللىشى كېرەكقۇ؟!

ئىككىسىنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تېكىستلەرنىڭ بىرى پاۋۇلوسنىڭ مەسىھ ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئېيتقان: «ئۇنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن تىرىلدۈرگەن…»(34) دېگەن سۆزىدۇر. دېمەك، ئۆلۈمدىن تىرىلگۈچى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ئەمەس.

پاۋۇلوس يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز ئىيسا مەسىھنىڭ دادىسى بولغان ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمىز»(35). دېمەك، دادا ئوغۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇلنىڭ دادىسى.

مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «دادام مېنى ياخشى كۆرگەندەك…»(36). يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئالەم مېنىڭ دادامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن، خۇددى دادام ماڭا ئەمر قىلغاندەك…»(37). دېمەك، ئۇ ياخشى كۆرگۈچى ئەمەس ياخشى كۆرۈلگۈچى؛ ئەمر قىلغۇچى ئەمەس ئەمر قىلىنغۇچىدۇر.

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دادامدىن ئاڭلىغان نەرسە…»(38). دېمەك، ئۇ سۆزلىگۈچى ئەمەس ئاڭلىغۇچىدۇر.

ئۇ ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرسىدا پەرق بارلىقىنى تەكىتلەپ: «مېنى ۋە دادامنى غەزەپلەندۈردىڭلار»(39) دەيدۇ.

ئۈچ ئاساسنىڭ ئايرىم – ئايرىم ئىكەنلىكىنى بەترىسنىڭ مۇنۇ سۆزى ئىپادىلەيدۇ: «ئىسۇ ياردەم بەرگۈچىلەردىن ئىدى، ئاللاھ ئۇنى مۇقەددەس روھ ۋە كېزىپ ياخشى ئىش قىلىدىغان كۈچ قۇۋۋەت بىلەن سىلىدى»(40). دېمەك، ئاللاھ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مۇقەددەس روھ بىلەن سىلىدى. شۇڭا، ئۇلار ئايرىم – ئايرىم، پەرقلىق ئۈچ شەخس.

يەنە مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا قىيامەت بولغاندىن كېيىن: «ئۆرلىدى ۋە ئاللاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇردى» دېيىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېكىستلەر كەلگەن(41). پاۋۇلوس مۇنداق دەيدۇ: «مەسىھ ئاللاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇچىدۇر»(42). دېمەك، ئوڭ تەرەپتىكىسى سول تەرەپتىكىسى ئەمەس.

مەريەم ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا: ‹مەن مېنىڭ دادامنىڭ ۋە سىلەرنىڭ داداڭلارنىڭ، مېنىڭ ئىلاھىمنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارنىڭ قېشىغا ئۆرلەيمەن› دەڭ»(43). دېمەك، ئۆرلىگۈچى ئۈستىدىكى زات ئەمەس.

شۇنداقلا، بۇ ئەمەسلىكلەر ئاللاھ بىلەن مەسىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىسىنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «دادام مەندىن ئۇلۇغدۇر»(44). «مېنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان دادام ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر»(45). «ھەقىقەت، مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىمەن: ھېچقانداق قۇل ئۆزىنىڭ خوجايىنىدىن كاتتا ئەمەس، ھېچقانداق ئەلچى ئەلچىنى ئەۋەتكۈچىدىن كاتتا ئەمەس»(46). «مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى دەيمەن، ئوغۇل ئۆزلىكىدىن ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت ئاب ئورۇندىلىشىنى توغرا تاپقان نەرسىنىلا قىلالايدۇ»(47).

پاۋۇلوس مەسىھنىڭ نىھايەتتە ئاللاھقا بويسۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ھەممە ئۇنىڭغا تىز پۈككەندە، ئوغۇلمۇ ئۆزىگە ھەممىنى تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن زاتقا تىز پۈكىدۇ. شۇ چاغدا، ئاللاھ ھەممىنى تىز پۈكتۈرگۈچى بولىدۇ»(48). ئىيسا مەسىھ شەكسىزكى ئاب ئەمەستۇر، ئۇنىڭغا بويسۇنغۇچىدۇر، ئۇ ئابنىڭ ئۆزى ئەمەستۇر. بۇ ئىككى ئاساس باراۋەرمۇ ياكى ئايرىم – ئايرىم ئىككى شەخسمۇ؟

ئوغۇلمۇ مۇقەددەس روھقا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئىككىسى باراۋەر ئەمەس. شۇڭا، مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ»(49). دېمەك، تېكىست مۇقەددەس روھنىڭ مەسىھتىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. بۇ مەسىھنى مۇقەددەس روھتىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئۈچلۈك قېلىپنىڭ تەرتىپىگە مۇخالىپ.

بۇ ئۈچ ئاساسنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقى ۋە باراۋەر ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدىغان ئىشنىڭ بىرى چېركاۋنىڭ مۇقەددەس روھ، ئوغۇل ۋە ئاب دېگەنگە ئوخشاش ئۈچ بىرلىشىشنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنى ھارام دەپ بېكىتكەنلىكىدۇر. چۈنكى، بۇ سۆز بىدئەتتۇر. ياۋروپادا ئوتتۇرا ئەسىردە بۇ سۆز كەڭرى تارقالغان ئىدى. چېركاۋ ئۇ سۆزنى كۆمۈۋېتىش ئۈچۈن كۆپ ئۇرۇنغان. بۇ خىل قېلىپنى چەكلەش ئۇلارنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكىنى دەلىللەيدۇ. مەشھۇر بولۇپ كەتكەن تەرتىپنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەمر قىلىش بۇ ئاساسلارنىڭ بىر – بىرىدىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

بۇنى تەكىتلەيدىغان ئىشنىڭ يەنە بىرى چېركاۋنىڭ «ئوغۇل ياكى كەلىمە مەريەمگە سىڭگەن ۋە ئۇنى مەسىھقا ھامىلىدار قىلغان زات شۇ» دېگەن سۆزنى رەت قىلىشىدۇر. چۈنكى، مەتتا مۇنداق دەيدۇ: «مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى»(50). ئەگەر ئوغۇل مۇقەددەس روھ شۇ بولسا ۋە ئىككىسى بىر جەۋھەر بولسا ئىدى، بۇنىڭغا ئاساسەن بىزنىڭ: «مەريەمنىڭ ئوغۇل ياكى ئاب دىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى» دېيىشىمىز توغرا بولغان بولار ئىدى. ھالبۇكى، بۇنى تۈرلۈك خرىستىيان چېركاۋلىرىنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئاخىرىدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاللاھنىڭ مەيلى ئاسماندا بولسۇن، مەيلى زېمىندا بولسۇن؛ مەيلى مەسىھ بولسۇن، مەيلى باشقىسى بولسۇن، ھېچقانداق ئوخشىشى يوقتۇر. «ئۇ: ‹ئەي بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىلاھى بولغان رەب! ئاسماندا ۋە زېمىندا ساڭا ئوخشاش ئىلاھ يوقتۇر› دېدى»(51). «ئاسماندىكى كىم پەرۋەردىگارغا تەڭ كېلەلەيدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ئارىسىدا كىم پەرۋەردىگارغا ئوخشايدۇ؟»(52).

 

مەنبە: كتاب «الله جل جلاله واحد أم ثلاثة» للدكتور منقذ بن محمود السقار.

تەرجىمىدە: بىلىميار
—————————————————————————————
1. مىسىردىكى قىبتىي ئورتودوكس چېركاۋلىرى ئۈچۈن پوپ ۋە موناخلارنى تەربىيەلەيدىغان ئىنستىتۇت.
2. كىتابى ئەيۇب 25/4 – 5.
3. يوھاننا ئىنجىلى 8/40.
4. سانلار كىتابى 23/9.
5. مۇرقۇس ئىنجىلى 4/35 – 38.
6. زەبۇر مەزمۇرلىرى 121/4.
7. ئەزىز تىموتۇس ئىنجىلى (1) 6/16.
8. يوھاننا 1/18.
9. يوھاننا 4/24.
10. لۇكا ئىنجىلى 24/ 37 _ 41.
11. چىقىش كىتابى 10/28.
12. ئاب: سامىي تىللارغا ئائىت سۆز بولۇپ، ئەسىل، مەنبە، جەۋھەر دېگەن مەنىدە. بۇنىڭ ئەرەب تىلىدىكى «دادا» دېگەن مەنىدىكى «الأب» دېگەن كەلىمە بىلەن تەلەپپۇزى ئىنتايىن يېقىن. بۇ جايدا بۇ سۆز ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ.
13. يوھاننا 5/37.
14. يارىتىلىش كىتابى 6/3.
15. ئەلچىلەرنىڭ ئەمەل – پائالىيەتلىرى 7/48.
16. ھۆكۈمدارلار 1، 8/28.
17. كىتابى تەسنىيە 32/40.
18. ۋەھىينامە 10/6.
19. تىموتۇس 1، 6/16.
20. مەتتا ئىنجىلى 24/36.
21. يوھاننا 5/30.
22. مەتتا 20/23.
23. لۇكا 18/18 _ 20.
24. ئىبرانىيلەر (بارناباس مەكتۇبى) 1/8 _ 10.
25. لۇكا 6/12.
26. مەتتا 27/46.
27. يوھاننا 20/17.
28. مەتتا 26/39.
29. مەتتا 4/10.
30. يوھاننا 14/24.
31. يوھاننا 17/21 _ 24 .
32. يوھاننا 1، 4/9 .
33. يوھاننا 12/49.
34. كولوسيلىكلەرگە مەكتۇب 2/12.
35. كولوسي 1/3.
36. يوھاننا 15/9.
37. يوھاننا 14/31.
38. يوھاننا 1/15.
39. يوھاننا 15/24.
40. ئەلچىلەرنىڭ ئەمەل – پائالىيەتلىرى 10/38.
41. مۇرقۇس 16/19.
42. كولوسي 3/1.
43. يوھاننا 20/17.
44. يوھاننا 14/28.
45. يوھاننا 10/29.
46. يوھاننا 13/26.
47. يوھاننا 5/19.
48. كورنتلىقلارغا مەكتۇب 1، 15/28.
49. يوھاننا 12/32.
50. مەتتا 1/18.
51. كۈنلەر خاتىرىسى 1 ، 6/14.
52. زەبۇر مەزمۇرلىرى 89/6.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز