بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق پۇل، بىر نەچچە ئۆي، مەلۇم مىقداردا تىجارەت تاۋارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئالىدىغان ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قالدۇرغان ۋارىسلىرى: بىر ئايالى، تۆت ئەر ۋە بىر قىز بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بار. بۇ 5 بىر تۇغقان بۇيەردە ئەمەس، ۋەتەندە. مەرھۇمنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى پەرزەنتى يوق. ئۇنداقتا، شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇلارغا مەزكۇر مىراس قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

مەرھۇم قالدۇرغان مىراس: مەلۇم مىقداردا نەق پۇل. بىر نەچچە يۈرۈش ئۆي. مەلۇم مىقداردا تىجارەت تاۋارلىرى. باشقىلاردىن ئالىدىغان ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، مىراسخورلىرى: بىر ئايالى. دادا بىر، ئانا بىر تۆت ئەر قېرىندىشى. دادا بىر، ئانا بىر بىر قىز قېرىندىشىدىن ئىبارەت.

بۇلار تۆۋەندىكىچە تەقسىم قىلىنىدۇ:

1. ئالدى بىلەن باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزى (ئايالىنىڭ ئىددەت نەپىقىسىمۇ قەرز دائىرىسىدە) ياكى بېرىلمەي قالغان زاكاتلىرى بولسا بېرىلىدۇ. ۋەسىيىتى بولسا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [(بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى) مىراس ئىگىلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيەدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)](نىسا: 12).

2. مەرھۇمنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، ئايالىغا پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [ئەگەر سىلەرنىڭ (ئەرلەر) بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىر ئۈلۈشى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر ئۈلۈشى تېگىدۇ](نىسا: 12).

3. مېيىتنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى بىلەن بىللە دادا بىر، ئانا بىر تۆت قېرىندىشى ئاسىب تۇغقانلار(1) بولۇپ، مېيىتنىڭ ئايالىغا پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى بېرىلگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنىڭ ھەممىنى بىر ئوغۇل ئىككى قىزنىڭ باراۋېرى بويىچە ئالىدۇ.

4. تەقسىمات قولاي بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈن مىراس 24 ئۈلۈشكە بۆلۈنۈپ، بۇنىڭ تۆتتىن بىرى بولغان 6 ئۈلۈشنى ئايالى ئالىدۇ. قالغان 18 ئۈلۈشنى تۆت قېرىندىشى، ھەربىرى 4 ئۈلۈشنى، بىر ھەمشىرىسى 2 ئۈلۈشنى ئالىدۇ.

5. نەق مال، نېسى ئۆتنە ۋە ئۆي مۈلۈكنى بۆلۈشتە ئالدى بىلەن ئۆيلەرنىڭ باھاسى پىچىلىدۇ. ئاندىن مەزكۇر مىراسخورلار ئۆزئارا كېلىشىپ بەزىلەر بىرەر ئۆينى، بەزىلەر مالنى، بەزىلەر نەق پۇل، بەزىلەر نېسى قەرزنى ئالسىمۇ بولىدۇ. كېلىشەلمىسە ئۈلۈشلەرگە بۆلۈنۈپ چەك تاشلاپ تەقسىملەنسە بولىدۇ.

6. بۇ يەردە يوق 5 قېرىندىشى ئۈچۈن بىر ئامانەتدار ۋەكىل تۇرغۇزىلىدۇ. ۋەكىل ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھچىلار شاھىد بولۇپ ھۆججەت قالدۇرۇلىدۇ.

 

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 12. 6

———————————-
1. «ئاسىب تۇغقانلار» مىراسخورلارنىڭ بىر تۈرى. باشقا مىراسخورلار بولمىسا ئاسىب مىراسخورلار مىراسنىڭ ھەممىنى ئالىدۇ، بولسا، باشقا مىراسخورلار نېسىۋىلىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان مىراسنى ئالىدۇ. ئاشمىسا ئالمايدۇ.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز