«جۈمە مۇبارەك» دېيىشنىڭ ھۆكمى

 

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! جۈمە كۈنىدە «جۈمە مۇبارەك» دېيىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان دۇئالارنى قىلىش ۋە تەبرىكلەش بىدئەتمۇ؟ بەزىلەر بۇنى بىدئەت دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. چۈشەنچە بەرسىڭىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۇلۇغ جۈمە كۈنى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەپتىلىك ھېيت كۈن بولغانلىقى ۋە ئۇ كۈندە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت بارلىقى جەھەتتىن، ئۇ كۈندە تەبرىكلەشنى سۈننەت ياكى دىندا ئالاھىدە بۇيرۇلغان ئىش دەۋالماستىن، ياخشى تىلەكلەردە بولۇش ۋە تەبرىكلەش يۈزىسىدىن «جۈمە مۇبارەك» ياكى «جۈمە كۈنىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي» ياكى «ئاللاھ قوبۇل قىلغاي» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن قېرىندىشىنى تەبرىكلىسە ياكى دۇئا قىلسا بۇنىڭ چەكلىنىدىغان ياكى بىدئەت بولىدىغان تەرىپى يوق. چۈنكى، بۇ چىرايلىق سۆزلەش ۋە دۇئا قىلىش ئادىتىدۇر. ھەرھالدا بۇ ئۆزئارا دەتالاش قىلىپ كەتكۈدەك ياكى ئەيىبلەپ كۆڭۈل ئاغرىتقۇدەك مەسىلە ئەمەس.

بۇنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزاھلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدا تەپسىلىيرەك توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ:

1. جۈمە كۈنىنىڭ ھېيت كۈنى ئىكەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر، شۇنداقلا ساھابە كىرام ۋە مۇجتەھىد ئىماملارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن سابىت بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنى ھەققىدە: «بۇ ئاللاھ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيت قىلىپ بەرگەن كۈندۇر. شۇڭا، جۈمە نامىزىغا كەلمەكچى بولغان كىشى يۇيۇنسۇن، خۇشبۇيى بولسا سۈركىسۇن. چىشىڭلارنى مىسۋاكلاڭلار!» دېگەن(1). بۇ نۇقتىدىكى ئاساس ھەدىستۇر.

2. ھېيت كۈنلىرىدە «ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزئارا تەبرىكلىشىش ھېيتتىكى مۇھىم پائالىيەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابىلەرمۇ بىر – بىرىنى «ئاللاھ بىزدىنمۇ، سىلەردىنمۇ قوبۇل قىلسۇن!» دەپ تەبرىكلەشكەن(2). بۇ كۈنلەردە يەنە سىلە – رەھىم كۈچەيتىلىدۇ، كىشىلەر ئۆزئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ. ھېيت كۈنىدە چىرايلىق ياسىنىش ۋە پاكىزلىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇ ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتتىن جۈمە كۈنىمۇ ئىككى ھېيتقا ئوخشاش. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى(3).

ھېيت كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن بىر كۈنى خەلىفە ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، سۆزلىگەن خۇتبىسىدە: «ئى خالايىق! بۇ سىلەرگە ئىككى ھېيت جەم بولغان بىر كۈندۇر»(4) دېگەن.

ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾(مائىدە: 3) دېگەن ئايەت ھەققىدە: بۇ ئايەت جۈمە كۈنى ۋە ئەرافات كۈنىدىن ئىبارەت (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىككى ھېيت كۈنىدە نازىل بولغان، دېگەن(5).

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن: «ئىككى ھېيت (ھېيت نامىزى بىلەن جۈمە نامىزى) بىر كۈنگە توغرا كېلىپ قالسا، بىرىنچىسى (ھېيت نامىزى) سۈننەتتۇر. ئىككىنچىسى (جۈمە نامىزى) پەرزدۇر. ئىككىسىنىڭ ھېچبىرى تەرك قىلىنمايدۇ. ھەر ئىككىسىدە ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنىدۇ»(6).

ئىمام ئىبنى تەيمىييە جۈمە كۈنىنىڭ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەپتىلىك ھېيت كۈنى قىلىنغانلىقى ۋە ئۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ھەجگە ئوخشاش جىمى شەھەرلەردە ئۇلۇغ جۈمە نامىزىغا جەم بولىدىغانلىقى ھەققىدە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە كۈنىنى بىرنەچچە ھەدىستە ‹ھېيت› دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭدا ھېيتلىق ئالاھىدىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ كۈننىلا ئايرىم روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن» دېگەن(7).

ئىمام ئىبنۇل قەييىم جۈمە كۈنىگە خاس 33 ئالاھىدىلىكنى ساناپ: «ئون ئۈچىنچىسى، ئۇ ھەپتىدە بىر تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ھېيت كۈنىدۇر»(8) دېگەن.

ئەللامە ئىبنى رەجەبمۇ: «جۈمە كۈنى ھېيتلاردىن بولۇپ، روزا ۋە قۇربان ھېيتلار يىللىق ئىككى ھېيت بولغىنىدەك، ئۇ ھەپتىنىڭ ھېيتىدۇر»(9) دېگەن.

يۇقىرىقى بايانلار جۈمە كۈنى ھېيت كۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك بولۇپ، بۇنىڭدا جىمى ئالىملار بىردەك قاراشتىدۇر. جۈمە كۈنى ھېيت كۈنى بولىدىكەن، يىللىق ئىككى ھېيتقا ئوخشاشلا ئۇنىڭدا تەبرىكلەش ۋە ياخشى تىلەكلەردە بولۇش دىنىمىزدا چەكلىنىدىغان ئادەت ئەمەس. دېمەك، بۇ نۇقتىدىكى ئاساس قىياستۇر.

3. ئومۇمىي جەھەتتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىر – بىرىگە دۇئا قىلىشى ياخشى ئىش، بولۇپمۇ جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت باردۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇل قاسىم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جۈمە كۈنىدە (دۇئا ئىجابەت بولىدىغان) شۇنداق بىر سائەت باركى، مۇسۇلمان بىر بەندە تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالادىن بىرەر نەرسىنى سورىغان چاغ ئاشۇ ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەرمەي قويمايدۇ» دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ، (باش) بارماق ئۇچىنى ئورتا ۋە چىمچىلاق بارماقلىرىنىڭ (بىرىنچى) ئۈگىسىگە قويدى. بىز: «ئۇ ۋاقىتنى ناھايىتى قىسقا دېمەكچى» دەپ چۈشەندۇق(10).

بۇ دۇئا – تىلەكلەر شۇ سائەتكە ئۇدۇل كەلسە، ئىجابەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن دۇئا تەرىقىسىدە «جۈمە كۈنلىرى خەيرلىك، بەرىكەتلىك بولغاي!» دېسە بۇنىڭ چەكلىنىدىغان تەرىپى يوق. بىرەر ئالىم ئۇنى چەكلىگەن ئەھۋالمۇ يوق. رەببىمىز: ﴿مەندىن تىلەڭلار، ئىجابەت قىلىمەن﴾(غافىر: 60) ۋە: ﴿قۇللىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، مەندىن تىلىسە دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن﴾(بەقەرە: 186) دەپ بۇيرۇغان بولۇپ، ئايەتتىكى تىلەش ئومۇملۇقنى بىلدۈرىدۇ ۋە جۈمە كۈنىدە دۇئا قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ﴿كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار!﴾(بەقەرە: 83) دېگەن بۇيرۇقمۇ شۇنداق.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە سەھىھ ھەدىسلەردە جۈمە كۈنىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. ئەۋس ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— بىر ھەپتىدىكى ئەڭ ئەۋزەل كۈنلىرىڭلاردىن بىرى جۈمە كۈنى بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى يارىتىلغان، شۇ كۈنى ۋاپات تاپقان. (ئىنسانلارنىڭ قەبرىدىن چىقىشى ئۈچۈن چېلىنىدىغان) سۇر شۇ كۈنى چېلىنىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىدىغان سۇرمۇ شۇ كۈنى چېلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ كۈنلىرى ماڭا كۆپ دۇرۇد ئوقۇڭلار، ئوقۇغان دۇرۇدۇڭلار ماڭا كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ، — دېدى. ساھابىلەر:

— ئى رەسۇلۇللاھ! دۇرۇدلىرىمىز جانابلىرىغا قانداق يېتىپ تۇرىدۇ؟ جانابلىرى ئۇ چاغدا چىرىپ كېتىدىغان تۇرسىلا؟ — دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ئاللاھ زېمىنغا پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى (چىرىتىشنى) ھارام قىلغان، — دېدى(11).

دۇرۇد – سالاممۇ ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتىغا ياكى پۈتۈن مۇئمىنلەرگە خەير – بەرىكەت تىلەشتىن ئىبارەت.

بەزىلەر: بۇ كۈندە يۈز بەرگەن ۋە يۈز بەرگۈسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتى، سۇر چېلىنىش بىلەن بارچە ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى قاتارلىق چوڭ ۋەقەلەر جۈمە كۈننىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلمىغان، ئۇ ۋەقەلەرنىڭ چوڭ ۋەقەلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغان دېگەن بولسىمۇ، يەنە بەزىلەر: بەلكى پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغان. چۈنكى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتىن چىقىشى ئۇنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادلىرىنىڭ، ئەنبىيا – پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە سالىھلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا سەۋەب بولغان، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار ۋە سالىھلارنىڭ تېز مۇكاپاتلىنىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ۋە شەرىپىنى روياپقا چىقىرىشقا سەۋەبتۇر، دېگەن. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر ھەپتىدىكى ئەڭ ئەۋزەل كۈنلىرىڭلاردىن بىرى جۈمە كۈنىدۇر» دېگەن ئىبارىسىمۇ ئۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئېيتىلغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. بۇنى باشقا ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان ھەم بۇ كۈندە جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى جۈمە كۈنى قوبۇل قىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنى ۋاپات تاپقان. قىيامەت جۈمە كۈنى قايىم بولىدۇ. جۈمە كۈنى ئىنس – جىندىن باشقا بارلىق جانلىقلار قىيامەت قايىم بولۇشتىن قورقۇپ، تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ كۈن چىققۇچە جىمجىت قۇلاق سېلىپ تىڭ ـ تىڭلايدۇ. جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بار بولۇپ، ھەرقانداق مۇسۇلمان بەندىنىڭ ناماز ئوقۇغان ھالدا ئاللاھدىن بىرەر نەرسە تىلەپ قىلغان دۇئاسى بۇ ۋاقىتقا ئۇدۇللىشىپ قالسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىدۇ»(12).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «جۈمە كۈنى كۈنلەرنىڭ خاجەسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتتىنمۇ ئۇلۇغدۇر»(13) دېگەن.

4. بەزىلەردەك «ئىلگىرىكى سەلەف – سالىھلاردىن جۈمە كۈنىدە بەرىكەت تىلەش ۋە تەبرىكلەش ئادىتى كەلمىگەن» دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى، ئۇلاردىن كەلمىگەنلىكى يوقلۇقنى ياكى جائىز ئەمەسلىكنى ئىسپاتلىمايدۇ. سەلەفلەر ئۇنداق دۇئا قىلىشنى چەكلىگەن بولسا ئىدى، ئاندىن يوقلۇققا ياكى جائىز ئەمەسلىككە ئىسپات بولغان بولاتتى. بولۇپمۇ ئۆرپ – ئادەت قاتارى ئىشلاردا تېخىمۇ شۇنداق.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە ئىككى ھېيتتا تەبرىكلەش ھەققىدە: «تەبرىكلەش بۇيرۇلغان سۈننەت ئىش بولمىغىنىدەك، چەكلەنگەن ئىشمۇ ئەمەس» دېگەن(14). چەكلەنمىگەندىن كېيىن، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنىلىشىپ كەتكەن ئىشلاردا كەڭرى – ئازادە ئىش تۇتۇشقا تامامەن بولىدۇ.

ئالىملىرىمىز تەبرىكلەشنىڭ ئۆزىنى «ئۆرپ – ئادەت جۈملىسىدىن» دەپ قارىغان ۋە ئۇنىڭدا مۇباھلىق ئەسىل قائىدە ئىكەنلىكىنى، تاكى چەكلەيدىغان بىرەر دەلىل كەلمىگۈچە مۇباھ ھالىتىدە قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

شەيخ ئابدۇرراھمان ئەسسەئدىي (ھ. 1307 – 1376 / م. 1889 – 1956) «ئەلقەۋائىد» ناملىق نەزمىسى ۋە ئۇنىڭ شەرھىدە: «ئادەتلىرىمىزدە مۇباھلىق ئەسىلدۇر، شۇڭا پەقەت ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغىنىلا ھارامدۇر» دەيدۇ(15).

شەيخ ئۇسەيمىن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان: «كىمكى دىنىمىزدا ئەسلەن يوق بولغان بىرەر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ»(16) دېگەن ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن بۇ ئىبادەتمۇ ياكى ئادەتمۇ ئايرىش لازىم. مەسىلەن، بىر كىشى چوڭ خېيىم – خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان بىراۋغا: ‹ماشائاللاھ! مۇبارەك بولسۇن!› دېگەن بولسا، (باشقا) بىرى ئۇنىڭغا: ‹بۇ بىدئەت› دېسە توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئۆرپ – ئادەت قاتارىدىكى ئىش، ئىبادەت قاتارىدىكى ئىش ئەمەس. شەرىئىتىمىزدىمۇ بۇنى تەكىتلەيدىغان دەلىللەر بار. مەسىلەن، ئۇزۇن بىر ھەدىستە كېلىشىچە، كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولغاندا، ساھابىلەر ئۇنى تەبرىكلەشكە باشلىغان(17). كىشىلەر قىلىۋاتقان تەبرىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى دەلىل بولمىغان تەقدىردە بىدئەت دەۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئادەت قاتارىدىن، ئىبادەت ئەمەس. يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بىر كىشىنى كۆرگەندە: ‹مۇبارەك بولسۇن!› دېگەن بولسا بۇنى بىدئەت دېسە ئورۇنسىز. بىر ئىش ئىبادەتمۇ ياكى ئادەتمۇ دەپ ئارىدا قالغان بولسا، ئەسىل ئېتىبارى بىلەن ئۇ ئادەت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىگە دەلىل تۇرغۇزۇلمىغۇچە ئۇنى چەكلەشكە بولمايدۇ»(18).

5. ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەردە تۇتقان مەۋقەسى ھەم بۇنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئىبنۇل قەييىم كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل بولغاندا، تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ كېلىپ قول ئېلىشىپ ئۇنى تەبرىكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ھەدىس توغرۇلۇق: «بۇ ھەدىس دىنىي جەھەتتىن بىرەر يېڭى نېئمەتكە ئېرىشكەن كىشىنى تەبرىكلەشنىڭ، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشنىڭ مۇستەھەپلىكىگە دەلىل بولۇپ، مانا بۇ خىل تەبرىكلەش سۈننەت ۋە مۇستەھەپتۇر. بىرەر دۇنياۋى پايدىغا ئېرىشكەن كىشىنى بۇنداق تەبرىكلەش جائىزدۇر. ئۇ كىشىنى: ‹ئاللاھنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى بەرىكەتلىك بولغاي› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىسە نېئمەتنى ئىگىسىگە مەنسۇپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىنى مۇبارەكلەش ئارقىلىق دۇئا قىلىش جەھەتتىن بۇ خىل تەبرىكلەش تېخىمۇ مۇناسىپتۇر» دېگەن(19).

ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ھافىز ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانىي (ھ. 773 – 852 / م. 1372 – 1449) «ھېيت – ئايەم ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەش» نامىدا بىر رىسالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى ئالىملاردىن مۇنداق نەقىل كەلتۈرگەن: «مەن شافىئىي ئالىملاردىن كىشىلەر قىلىۋاتقاندەك ھېيت – ئايەم، ھىجرىيە يىل ۋە ئايلار بېشىدا تەبرىكلەش ھەققىدە بىرەر بايان ئۇچراتمىدىم. لېكىن، شەيخ زەكىييۇددىن ئابدۇلئەزىم ئەلمۇنزىرىي (ھ. 581 – 656 / م. 1185 – 1258) نىڭ پايدىلىق ئىلمىي خاتىرىلىرىدىن نەقىل قىلىنغان يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەنلىكىنى كۆردۈم: ھافىز شەيخ ئەبۇلھەسەن ئەلمەقدىسىي (ھ. 544 – 611 / م. 1149 – 1214) ‹ئايلار ۋە يىللار بېشىدا تەبرىكلەش بىدئەتمۇ ئەمەسمۇ؟› دېگەن سوئالغا: ‹بۇ بارىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس، مەن قارايمەنكى، ئۇ مۇباھ ئىش، سۈننەتمۇ ئەمەس، بىدئەتمۇ ئەمەس› دەپ جاۋاب بەرگەن. شەيخ كامالۇددىن دەمىيرىي (ھ. 742 – 808 / م. 1341 – 1405) مۇ ‹شەرھۇل مىنھاج› دا بۇنى نەقىل قىلىدۇ. يەنە ‹ئەلبەيانۇ ۋەتتەھسىل›نىڭ مۇئەللىفى ئىمام ئىبنى رۇشد (ھ. 450 – 520 / م. 1058 – 1126) ئىمام مالىك (ھ. 93 – 179 / 711 – 795) تىن يامان كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى نەقىل قىلغانلىقىنى، ئىبنى ھەبىب (ھ. 174 – 238 / م. 790 – 853) نىڭمۇ: ‹بار دەپمۇ بىلمەيمەن، يامانمۇ كۆرمەيمەن› دېگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ»(20).

ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ رىسالىسىدە بۇ مەسىلىدە مۇستەھەپ دېيىشنى تاللايدۇ. ئەلبەتتە بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان جۈمە كۈنى ياكى رامىزان/قۇربان ھېيت ۋە ياكى ھىجرى يېڭى يىل قاتارلىق ئۇلۇغ مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەشنىڭ مۇباھلىقى توغرىدۇر. چۈنكى، بۇنىڭ بىدئەت دېيىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئىبادەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ئۆرپ – ئادەتكە تەۋە ئىشلاردىندۇر.

بەزى تەتقىقاتچىلار «بۇ خىل تەبرىكلەش مۇسۇلمانلارغا خرىستىيانلاردىن سىڭگەن» دېگەن گەپنى كەسكىن رەت قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ دەل ئۇنىڭ ئەكسى ئىكەنلىكنى يەكۈنلىگەن(21).

يەنى، يۇقىرىقى نەقىللەر بۇ خىل تەبرىكلەشلەرنىڭ مۇسۇلمانلاردا خېلى بۇرۇنقى ئەسىرلەردىلا بار ئىكەنلىكىنى، ئالىملاردىن بۇ ھەقتە (يەنى ھىجرى يېڭى يىل، يېڭى ئاي قاتارلىقلاردا تەبرىكلەش ھۆكمىدە) سوئاللار سورىلىپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنى ھىجرىيە 2 – 5 ياكى مىلادى 8 – 11 ئەسىرلەردىلا بۇ خىل تەبرىكلەشلەرنىڭ مۇسۇلمانلاردا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋرلەردە ياۋروپا تېخى ئەڭ مەدەنىيەتسىز ھالەتتە، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاراڭغۇ يىللىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەيۋىسى دۈشمەنلىرىگە قورقۇنچ سالغان، فەتىھ – زەپەرلەر تۈركىستاندىن ئەندەلۇسقىچە كېڭەيگەن، ئىلىم – مەرىپەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياغا ئۇستاز بولغان چاغلار ئىدى. كۈنىمىزدىكى ئەمەلىيەتتىنمۇ كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، ئەلمىساقتىن بېرى ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى دوراپ كەلمەكتە ۋە دورىماقتا. بۇنىڭغا ئاساسەن، يېڭى يىلنى تەبرىكلەشنى خرىستىيانلار مۇسۇلمانلاردىن ئالغان ئادەت دېيىش ئەمەلىيەتتىن ئانچە يىراق بولمىسا كېرەك. بۇ ھېچ بولمىسا «بۇ خىل تەبرىكلەش مۇسۇلمانلارغا خرىستىيانلاردىن سىڭگەن» دېگەن قاراشنى خېلىلا ئاجىزلىتىدۇ. بۇ تەرىپى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە موھتاج، ئەلبەتتە. بۇنى چەكلەش تەرەپدارى بولغان بەزىلەر مۇشۇنىڭغا تايانغان ئىدى.

6. يۇقىرىقى ھافىز ئىبنى ھەجەر ۋە ئىمام سۇيۇتىيلارنىڭ نەقىللىرىدىن ئايان بولىدۇكى، ئىلگىرىكى ھەدىسشۇناسلار، فۇقاھالار ۋە شۇنداقلا مۇجتەھىد ئىماملار بۇ مەسىلىدە ئەڭ مۇۋاپىق يول تۇتقاندۇر. يەنى بۇنى دىندا كۆرسىتىلگەن «سۈننەت» ياكى «بىدئەت» دېمەستىن، «مۇباھ» دېگەن. چۈنكى، بۇ ئادەت قاتارى ئىشتۇر. يېقىنقى زامان ئالىملاردىن شەيخ ئابدۇرراھمان ئەسسەئدىيمۇ شۇنداق يولنى تۇتقان بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىسى ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەقىل (ھ. 1335 – 1432 / م. 1917 – 2011) گە ھ. 1367 – يىلى مۇھەررەم ياكى م. 1947 – يىلى 11 – ئايدا يازغان مەكتۇبىنى: «ھەرقايسىلىرىنى يېڭى (ھىجرىيە) يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز، ئاللاھ بىزلەرگە ۋە سىزلەرگە نېئمەتلىرىنى يېڭىلاپ ئاتا قىلغاي! بىزلەردىن ۋە سىزلەردىن غەزىپىنى دەﻓﺌ قىلغاي!» دەپ باشلايدۇ(22)

ئادەت قاتارى سانالغاچقا، ھىجرىيە يېڭى يىل ياكى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەشنى باشقا سەلەفىي ئېقىمدىكى كۆپلىگەن مۆتىۋەر ئالىملارمۇ(23) «بىدئەت» دېمىگەن ۋە «تەبرىكلىگەنلەر ئەيىبلەنمەيدۇ» دېگەن. يۇقىرىقى ئالىملار مادامىكى، ھىجرى يېڭى يىل مەسىلىسىدە مۇشۇنداق قارايدۇ، ھېيت كۈنلىرىدىن بولمىش جۈمە كۈننى تەبرىكلەشنى جائىز دەپ قارىشى مۇھەققەقتۇر. ھەتتا دوكتور سالمان ئەلئەۋدە: « ‹جۈمە مۇبارەك› دېيىش گۈزەل سۆزلەردىن بولۇپ، ئۆزئارا ھەمخاھلىق ۋە دۇئانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇددى بىرىگە: ‹ئاللاھ جۈمە كۈنىڭىزنى خەيرلىك قىلغاي!› ياكى ‹ئاللاھ قوبۇل قىلغاي!› دەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش» دېگەن(24). ھەتتا شەيخ بىن باز، شەيخ ئۇسەيمىن قاتارلىقلار رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەشنى «بەك ياخشى ئىش» دېگەن(25). شۇڭا، بۇ مەسىلىدە «بىدئەت» دەپ تۇرۇۋېلىشنىڭ ئورنى يوق.

 

 ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 12. 20

————————————————————————-
1. «ئىبنى ماجە»، 1098 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 901 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
2. ھافىز ئىبنى ھەجەر: («فەتھۇل بارىي» 2 – توم، 446 – بەت) «ھەسەن» دېگەن. سۇيۇتىيمۇ: («ۋۇسۇلۇل ئەمانىي»، 42 – بەت) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («تامامۇل مىننە»، 354 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
3. «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، 1766 – ھەدىس.
4. «بۇخارىي»، 5572 – ھەدىس.
5. «مۇسلىم»، 3017 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 3044 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇتتىرمىزىي»، 3044 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
6. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن شەيبانىي: «ئەلجامىئۇسسەغىر»، 1 – توم، 113 – بەت.
7. ئىمام ئىبنى تەيمىييە: «ئىقتىزائۇسسىراتىل مۇستەقىم»، 1 – توم، 506 – بەت.
8. «زادۇل مەئاد»، 1 – توم، 363 – بەت.
9. ئىبنى رەجەب: «فەتھۇل بارىي»، 5 – توم، 366 – بەت.
10. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس. «بۇخارىي»، 5294 -ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 852 – ھەدىس.
11. «ئەبۇ داۋۇد»، 1047 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئەبى داۋۇد»، 1047 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
12. «ئەلمۇۋەتتا»، 241 – ھەدىس؛ «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 10307 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 1359 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
13. «ئىبنى ماجە»، 1084 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 888 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
14. «ئەلفەتاۋا ئەلكۇبرا»، 2 – توم، 228 – بەت.
15. «المجموعة الكاملة لمؤلفات الشيخ عبد الرحمن السعدي»، 1 – توم، 143 – بەت.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2697 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1718 – ھەدىس.
17. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 4418 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2769 – ھەدىس.
18. «مجموع فتاوى ورسائل العثيمين»، 5 – توم، 260 – بەت.
19. «زادۇل مەئاد»، 3 – توم، 511 – بەت.
20. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «جزء في التهنئة في الأعياد وغيرها»، «دارۇل بەشائىر ئەلئىسلامىييە» نەشرىياتى، 2004 – يىل، بېيرۇت، 26 – 28 – بەتلەر. سۇيۇتىيمۇ بۇنى ئوخشاش بايان قىلغان. «وصول الأماني بأصول التهاني»، «دارۇل ئىمام ئەھمەد» نەشرىياتى، 2006 – يىل، قاھىرە، 51 -، 52 – بەتلەر.
21. دوكتور ئۆمەر ئابدۇللاھ ئەلمۇقبىل: «البعد التاريخي للتهنئة بالعام الهجري»، http://www.saaid.net/mktarat/mohram/24.htm
22. ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەقىل: «الأجوبة النافعة عن المسائل الواقعة»، 174 – بەت.
23. مەسىلەن، شەيخ بىن باز، شەيخ ئۇسەيمىن، ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەقىل، شەيخ ئابدۇرراھمان ئەلبارراك، شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شىنقىيتىي، دوكتور ئۆمەر ئابدۇللاھ ئەلمۇقبىل، دوكتور خالىد ئەلمۇسلىھ ۋە ئابدۇلكەرىم ئەلخۇزەير قاتارلىقلار.
24. https://www.youtube.com/watch?v=sL-tMmGznqM
25. ئۇلارنىڭ دوكتور ئۆمەر ئابدۇللاھ ئەلمۇقبىلگە ھ. 1416 – يىل 9 – ئاينىڭ 8 – كۈنى بەرگەن جاۋابى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز