ھارام قىلىنغان تىجارەت

ھارام قىلىنغان تىجارەت

ئىسلام دىنى زۇلۇم قىلىش، ئالداش، بوزەك قىلىش ياكى ئىسلام چەكلىگەن نەرسىلەرنى بازارغا سېلىش قاتارلىقلاردىن باشقا تۈرلۈك تىجارەت ئۇسۇللىرىنى ھارام قىلمىغان. مەسىلەن، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر، توڭگۇز ۋە بۇت – ھەيكەللەر ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىسلام دىنى ئىشلىتىشنى، پايدىلىنىشنى ياكى ئېلىپ – سېتىشنى ھارام قىلغان ھەرخىل نەرسىلەر بىلەن تىجارەت قىلىش ئىسلام راۋا كۆرمەيدىغان ھارام تىجارەتتۇر، بۇلاردىن كەلگەن كىرىممۇ مەينەت كىرىمدۇر. بۇ كىرىم بىلەن ياشىغان كىشىنىڭ تېنى جەھەننەمدە كۆيۈشكە لايىقتۇر. بۇنداق ھارام تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تىجارەتتە راستچىل، ئەمىن بولۇشى ئۇلارنى جەھەننەم ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ. چۈنكى، بۇلار تىجارەت قىلىۋاتقان ماللار ئىسلام چەكلىگەن ۋە جەڭ ئېلان قىلغان ھارام ماللاردۇر. ئالتۇن ياكى يىپەك تىجارىتىدە چەكلىمە يوق، چۈنكى بۇلار ئاياللارغا ھالالدۇر. بىراق، بۇلاردىن ئەرلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ياسالغىنىنىڭ تىجارىتىنى قىلىش ھارامدۇر.

ھالال تىجارەت قىلغاندا قىيامەت كۈنىدە گۇناھكارلار گۇرۇھى بىلەن بىللە تۇرۇپ، جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تىجارەتچىلەرنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان بىرقانچە ئىشلار بار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى نامازغا چىقىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ ئېلىم – سېتىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە، ئۇلارغا: «ئى تىجارەتچىلەر!» دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەممە كىشى قوللىرىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قاراشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھدىن قورققان ۋە راستچىل بولۇپ لەۋزىدە تۇرغانلاردىن باشقا بارلىق تىجارەتچىلەر قىيامەت كۈنىدە گۇناھكارلار قاتارىدا قوپىدۇ (تىرىلىدۇ)» دېدى(1).

ساھابىلەردىن ھەزرىتى ۋاسىلە ئىبنۇل ئەسقاﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز تىجارەت قىلغان چاغلىرىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقىپ: ‹ئى تىجارەتچىلەر! ھەرگىز يالغان گەپ قىلىپ سالماڭلار› دېگەن ئىدى» دەيدۇ(2).

تىجارەتچى يالغان سۆزلەشتىن ئاگاھ بولسۇن، چۈنكى يالغان سۆز تىجارەتچىلەرگە بىر ئاپەتتۇر. يالغانچىلىق گۇناھقا باشلايدۇ، گۇناھ جەھەننەمگە باشلايدۇ. تىجارەتچىلەر ئومۇمەن قەسەم ئىچىشتىن، بولۇپمۇ يالغان قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچ كىشىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى قارىمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ھەمدە ئۇلار قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى يالغان قەسەم بىلەن مېلىنىڭ بازىرىنى چىقارغان كىشىدۇر» دېگەن(3).

ھەزرىتى ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر كۈنى بىر سەھرالىق قولىدا بىر قوينى يېتىلەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭغا: ‹قوينى ئۈچ تەڭگىگە ساتامسەن؟› دېدىم. ئۇ ماڭا: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ياق، ساتمايمەن› دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن ئۇنى شۇ باھادا ساتتى. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئاخىرىتىنى دۇنياسىغا سېتىپتۇ› دېدى»(4).

تىجارەتچى ئالدامچىلىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن! چۈنكى، ئالدامچى ئىسلام ئۈممىتى قاتارىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

تىجارەتچى ئۆلچەش ياكى تارازىدا كەم بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كەمچەندە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي! ئۇلار كىشىلەردىن كەمچەنلەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە كەمچەنلەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ﴾(مۇتەففىفىن: 1 – 3).

مونوپولچىلىقتىن ھەزەر ئەيلىسۇن! چۈنكى، مونوپول قىلغۇچىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئادا – جۇدا بولۇپ كېتىدۇ.

جازانە (ئۆسۈم) بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن! چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆسۈمدىن بەرىكەتنى يوقىتىۋېتىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاھ تائالا جازانە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى «ئاللاھقا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتكەن. ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «بىر كىشىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ جازانە قىلىش ئارقىلىق يېگەن بىر تەڭگىسىنىڭ گۇناھى 36 قېتىم زىنا قىلىشتىنمۇ ئېغىر (گۇناھ) دۇر»(5).

بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇئامىلىلەر بابىدا تەپسىلىي بايان قىلىمىز.

 

خىزمەت قىلىش ۋە مەنسەپ تۇتۇش

مۇسۇلمان كىشى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشقا، تەلەپ قىلىنغان بارلىق نەرسىلەرنى جايىدا ئورۇنلاشقا كۈچى يېتىدىغانلا بولسا، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، ئىدارە، شىركەت ياكى بىرەر شەخس قولىدا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىسا بولىدۇ. ئەمما، ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئىشقا، بولۇپمۇ سوت ۋە ھۆكۈمەت مەنسەپلىرىگە ئۆزىنى كۆرسەتسە بولمايدۇ.

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھوقۇقدارلارنىڭ، رەئىسلەرنىڭ، ئامبارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! قىيامەت كۈنىدە بەزى كىشىلەر شۇنداق بىر ئەھۋالدا قالىدۇكى، ‹دۇنيادا ھېچبىر خىزمەت تۇتمىساق بوپتىكەن› دەپ پۇشايمان قىلىپ، چاچلىرىدىن چولپان يۇلتۇزغا ئېسىلىپ، ھاۋا بوشلۇقىدا ساڭگىلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ»(6).

ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:

— ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا بىرەر مەنسەپ تۇتقۇزماملا؟ — دېگەن ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈرەمگە شاپىلاقلىغان ھالدا:

— ئى ئەبۇ زەر! سەن ئاجىز، مەنسەپ دېگەن ئامانەت. بۇ مەنسەپ تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىغانلاردىن باشقىلارغا قىيامەت كۈنى پۇشايمان ۋە نومۇستۇر، — دېگەنىدى» دەيدۇ(7).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «سوتچىلار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىر تۈرى جەننەتكە، ئىككى تۈرى جەھەننەمگە كىرىدۇ. جەننەتكە كىرىدىغىنى ھەقنى تونۇپ، ھەقكە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغىنىدۇر. قالغان ئىككى تۈرى بولسا، بىرى، ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ ناھەق ھۆكۈم قىلغىنى، يەنە بىرى، بىرنەرسە بىلمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلغىنىدۇر. بۇ ئىككى تۈردىكلەر جەھەننەمدىدۇر» دېگەن(8).

ياخشى مۇسۇلمان دېگەن چوڭ مەنسەپ ۋە خىزمەتكە لاياقىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا ھېرىسمەنلىك قىلمىغىنى تۈزۈك، چۈنكى پۈتۈن ئۈمىدىنى مەنسەپ – ھوقۇققا باغلاپ قويغان كىشىنى مەنسەپ – ھوقۇق قۇل قىلىۋالىدۇ. كىمكى پۈتۈن دىققىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىدىكەن، ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

ھەزرىتى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: ‹ئى ئابدۇرراھمان! مەنسەپ تەلەپ قىلما. ئەگەر سەن تەلەپ قىلمىغان ئەھۋالدا ساڭا مەنسەپ بېرىلسە، ياردەم قىلىنىسەن. ناۋادا مەنسەپنى ئۆزۈڭ تەلەپ قىلىپ ئالغان بولساڭ، ياردەمسىز يالغۇز قالىسەن› دېگەن» دەيدۇ(9).

ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى قازىلىقنى ئارزۇ قىلىپ، قازى بولۇشقا يولى بار كىشىلەردىن ياردەم سورىسا، ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. كىمكى بۇ مەنسەپنى ئارزۇ قىلمىغان ھالدا مەجبۇرىي ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان بىر پەرىشتە ئەۋەتىدۇ»(10). ناۋادا بىر مەنسەپنى تۇتۇشقا شۇ بىر كىشىدىن باشقا لاياقەتلىك ئادەم تېپىلمايدىغان ھەمدە مەنسەپنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىسا، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدىغان بىر ۋەزىيەت كۆرۈلسە، ئۇ چاغدا لاياقىتى بار كىشى چىقىپ، بۇ مەنسەپنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بىزگە يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغان. بۇ قىسسىدە يۈسۈف ئەلەيھىسسالام پادىشاھقا: ﴿«مېنى زېمىن (مىسىر) نىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن ئوبدان ساقلىيالايدىغان، بىلىملىك ئادەممەن»﴾(يۈسۈف: 55) دېگەن.

سىياسىي ۋە باشقا بارلىق ئىش – خىزمەتلەرنى تەلەپ قىلىشتا ئىسلام كۆرسەتكەن ئەدەب – ئەخلاق مانا مۇشۇنداقتۇر.

 

ھارام قىلىنغان ئىش – خىزمەتلەر

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان «خىزمەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ» دېگەن سۆز بۇنداق خىزمەتلەردە مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق بىرەر نەرسە بولماسلىق شەرتىگە باغلىق. مەسىلەن، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوشۇندا ئوفىتسېر، ياكى ئەسكەر، ياكى ئىشچى بولۇپ خىزمەت قىلىشى، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قورال – ياراق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ياكى شىركەتلەردە ئىشلىشى ھەمدە ئىسلام دۈشمىنى بولغان ھەرقانداق بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىشى ھالال بولمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاشلا، كىمكى ھارامغا ياكى زۇلۇمغا ياردەم بېرىدىغان خىزمەتتە ئىشلىسە، بۇ خىزمەت ھارام بولىدۇ. مەسىلەن، جازانە – ئۆسۈم ئىشلىرىدا ئىشلەش، ھاراق زاۋۇتى ۋە دۇكىنىدا ئىشلەش، تانسىخانا ياكى شۇنىڭدەك جايلاردا ئىشلەش.

بۇنداق ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھارام ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقى ئۇلارنى گۇناھتىن پاكلىيالمايدۇ. چۈنكى، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، گۇناھقا ياردەم قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھتۇر. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسۈم يېگەنگە لەنەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى يازغانغا ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھچى بولغانغىمۇ لەنەت قىلغان. ھاراق ئىچكەنگە لەنەت قىلغاندەك، ئىشلەپچىقارغانغا ۋە قۇيۇپ بەرگەنگىمۇ لەنەت قىلغان.

ئەمما، بۇ ھۆكۈم مۇسۇلمان كىشىنى بۇنداق ئىشلار بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال بولمىغان چاغلاردا شۇنداق بولىدۇ. ناۋادا ئەھۋال شۇنداق بولۇپ قالسا، مۇسۇلمان كىشى بۇنداق ئىشلاردىن نەپرەتلەنگەن ھالدا ئىشلەپ تۇرۇپ، ھارام ئىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىپ ھالال كەسىپكە يۆتكىلىشى كېرەك.

مۇسۇلمان دېگەن قانچىلىك كۆپ پايدا بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، گۇمانلىق ۋە دىننى ئاجىزلىتىدىغان جايلاردىن داۋاملىق ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «گۇمانلىق نەرسىلەرنى قويۇپ، گۇمان يوق نەرسىلەرنى قىلغىن»(11)، «بەندە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ئەندىشە قىلىپ چەكلەنمىگەن نەرسىلەرنى تەرك قىلمىغۇچە، تەقۋادارلارنىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ»(12).

 

پۇل تېپىش مەسىلىلىرىدىكى ئومۇمىي قائىدە

پۇل تېپىشتىكى ئومۇمىي قائىدە شۇكى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا خاھلىغان يول ۋە خاھلىغان شەكىلدە پۇل تېپىشنى راۋا كۆرمەيدۇ، بەلكى ئىسلام دىنى جەمئىيەت ۋە كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، تىرىكچىلىك قىلىشقا قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز يوللارنى ئايرىپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايرىش مۇنداق بىر ئاساسىي پرىنسىپقا تايىنىدۇ:

«پايدا ئېلىش پەقەتلا باشقىلارنىڭ زىيان تارتىشىغا باغلىق بولغان يوللارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىزدۇر. ئادالەت ۋە رازىلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشى قانۇنلۇقتۇر». بۇ پرىنسىپنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ئېنىق بايان قىلىدۇ: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. كىمكى چەكتىن ئېشىپ ۋە زۇلۇم قىلىپ ئۇنى (يەنى چەكلەنگەن ئىشلارنى) قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز﴾(نىسا: 29 -، 30).

بۇ ئايەت تىجارەتنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئىككى شەرت قويغان:

بىرىنچىسى، تىجارەت ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن بولۇشى؛

ئىككىنچىسى، بىر تەرەپنىڭ پايدا ئېلىشى ئىككىنچى تەرەپنىڭ زىيان تارتىشىغا باغلىق بولماسلىقى.

بۇنى ئايەتتىكى ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار﴾ دېگەن بۇيرۇق بايان قىلىپ بېرىدۇ. مۇفەسسىرلەر بۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى مەنىدە تەفسىر قىلغان بولۇپ، ھەر ئىككى مەنە بۇ ئورۇنغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

بىرىنچى مەنە: بىر – بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈشمەڭلار؛

ئىككىنچى مەنە: ئۆزۈڭلارنى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ئۆلتۈرمەڭلار.

دېمەك، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قېنىنى ئېقىتقان، ئاخىرىدا پەقەت ئۆزىنىلا ھالاكەتكە سۆرىگەن بولىدۇ. مەسىلەن، ئوغرىلىق، پارىخورلۇق، قىمارۋازلىق، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، جازانىخورلۇق ۋە بۇلارغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان پۇل تېپىش يوللىرىدا، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش بار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار قانۇنسىز يوللاردۇر. بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بولۇش شەرتى تېپىلسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار﴾ دېگەن ئايىتىدىكى مۇھىم شەرت تېپىلمايدۇ(13).

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق كىتابىدىن.

————————————————————————
1. تىرمىزىي: (1210 – ھەدىس) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 2146 – ھەدىس؛ «سۈنەنۇددارىمىي»، 2538 – ھەدىس؛ «ئىبنى ھىببان»، 4910 – ھەدىس؛ «ئەلمۇستەدرەك»، 2144 – ھەدىس. ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. ئالبانىي: («سەھىھۇتتەرغىب»، 1785 – ھەدىستە) «سەھىھ»، «غايەتۇل مەرام»دا (168 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. بۇ ھەدىسنى رىفائە ئىبنى راﻓﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
2. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 22 – توم، 56 – بەت. مۇنزىرىي: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (1793 – ھەدىس) «سەھىھ»، «غايەتۇل مەرام»دا: (169 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
3. «مۇسلىم»، 2108 – ھەدىس. بۇنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
4. «ئىبنى ھىببان»، 4909 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. سۇيۇتىي («جامىئۇل ئەھادىيس»، 1035 – ھەدىس) بايان قىلغىنىدەك، زىيا «ئەلمۇختارە»دىمۇ: «سەنەدى ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 171 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن.
5. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 21957 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «مەرفۇﺋ كەلگىنى زەئىف» دېگەن ۋە كەئىب ئەلئەھبارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى «سەھىھ» دېگەن. «سۈنەنۇددارەقۇتنىي»، 48 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 172 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھەنزەلە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 8627 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 27250 – ھەدىس؛ «ئەلمۇستەدرەك»، 7016 – ھەدىس. ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. بەيھەقىي «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، 20720 – ھەدىس. ھەيسەمىي: («مەجمەئۇززەۋائىد»، 9017 – ھەدىس) «راۋىيلىرى ئىشەنچلىك» دېگەن. ئالبانىي «سەھىھۇتتەرغىب»تە: (2179 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. «غايەتۇل مەرام»دا (173 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
7. «مۇسلىم»، 1825 – ھەدىس.
8. «ئەبۇ داۋۇد»، 3573 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1322 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 5922 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 2315 – ھەدىس. ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 9 – توم، 522 – بەت) ئىراقىي، («تەخرىجۇ ئەھادىيسى ئىھيا»، 152 – ھەدىس) سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 6189 – ھەدىس) ۋە ئالبانىي («غايەتۇل مەرام»، 175 – ھەدىس) لار: «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 7146 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1652 – ھەدىس.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 13302 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 3578 – ھەدىس؛ تىرمىزىي: (1324 – ھەدىس) «ھەسەن، غەرىب» دېگەن. «ئەلمۇستەدرەك»، 7021 – ھەدىس. ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. زىيا «ئەلمۇختارە»، 1580 – ھەدىستە «سەھىھ» دېگەن. سۇيۇتىي: («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 8277 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 176 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن.
11. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 1727 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي: (2518 – ھەدىس) «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. «نەسائىي»، 5711 – ھەدىس. ئىبنى ھەجەرنىڭ «ئەددىرايە» 380 – ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئىمام بۇخارىي: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ: («غايەتۇل مەرام»، 179 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
12. تىرمىزىي: (2451 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. «ئىبنى ماجە»، 4215 – ھەدىس؛ «ئەلمۇستەدرەك»، 7899 – ھەدىس. ھاكىم: «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. بۇ ھەدىسنى ئەتىييە سەئدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
13. ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدىي، «أسس للاقتصاد (ئىقتىساد ئاساسلىرى)»، 152 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز