بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىش

بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىش

ئىسلام دىنى ئىنسان تەبىئىتىگە ماسلىشىدىغان، چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن نەرسىلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان بىر دىندۇر. بىز بۇنى ئىسلامنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. چۈنكى، ئىسلام دىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسۇلماننىڭ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئىسلامدىن ئىلگىرىكى كۆپلىگەن دىن ۋە مىللەتلەر ھېچبىر چەكلىمىگە باغلانماستىن، كۆپلەپ ئونلىغان ۋە يۈزلىگەن ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلاتتى. ئىسلام كەلگەندە كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمگە چەكلىمە ۋە شەرت قويدى.

ئىسلام قويغان چەكلىمە بولسا بىر كىشى نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سانى تۆتتىن ئاشماسلىقتۇر. غەيلان ئەسسەقەفىي دېگەن كىشى مۇسۇلمان بولغان چاغدا ئون خوتۇنى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: «بۇلاردىن تۆتنى ساقلاپ قېلىپ، قالغىنىنى قويۇپ بەرگىن»(1).

يەنە سەككىز خوتۇنى بىلەن مۇسۇلمان بولغانلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت تۆتنىلا قالدۇرۇپ، باشقىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان(2).

 ئەمما، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز ئايال بىلەن ئۆيلىنىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا ئىسلام تەشۋىقاتىنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىغا ئېھتىياجى بولىدىغانلىقى جەھەتتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەخسۇس بېرىلگەن بىر رۇخسەتتۇر.

 

Ÿ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىشتە ئادالەت شەرتتۇر

ئىسلامنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىشكە قويغان شەرتى بولسا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاياللىرى ئارىسىدا يېمەك – ئىچمەكتە، كىيىم – كېچەكتە، تۇرىدىغان ئۆيدە، خەجلەپ بېرىدىغان پۇلدا ۋە يېنىدا قونۇشتا ئادالەت بىلەن ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشىدۇر. كىمكى بۇ ھەقلەرنى ئادىللىق بىلەن ھەممە ئاياللىرىغا تەڭ قىلىپ، ئادا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇنداق كىشىنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن ئۆيلىنىشى ھارام بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئەگەر (ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ﴾(نىسا: 3).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە بەكرەك مايىل بولغان كىشى قىيامەت كۈنى چۈشۈپ ياكى ساڭگىلاپ قالغان بىر تەرىپىنى سۆرىگەن ھالدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ» دېگەن(3).

ھەدىستە ئاگاھلاندۇرۇلغان مايىل بولۇش پەقەتلا كۆڭۈلنىڭ مايىل بولۇشى بولماستىن، بەلكى ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش مەنىسنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈل مايىللىقىدا ئادىللىق قىلىش ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇنى كەچۈرۈۋەتكەن.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرىگە پۈتۈنلەي مايىل بولماڭلار﴾(نىسا: 129). بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممە نەرسىنى ئاياللىرىغا تەڭ ۋە ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلاتتى ۋە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بۇ كۈچۈم يەتكەن نەرسىنى تەقسىم قىلىشىم. مېنىڭ قولۇمدا بولمىغان، پەقەتلا سېنىڭ ئىلكىڭدە بولغان نەرسىلەر ھەققىدە مېنى كەچۈرگىن»(4). بۇ يەردە قولىدا بولمىغان نەرسىدىن مەقسەت، كۆڭۈل مەسىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇم بىرىگە قارىتا ئالاھىدە ئامراقلىق تۇيغۇسىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىقىدىغان چاغدا ئاياللىرى ئارىسىدا چەك تاشلايتتى، چەك قايسى ئايالىغا چىقسا، شۇنى بىللە ئېلىپ ماڭاتتى(5). بۇنى پەقەتلا كۆڭۈل ئاغرىقى بولماسلىق ۋە ھەممىنى تەڭ رازى قىلىش ئۈچۈن قىلاتتى.

 

 

Ÿ تۆتكىچە ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلىشتىكى ھېكمەت

ئىسلام ئاللاھنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە بەلگىلىگەن دىنىدۇر. شۇڭا، ئىسلام دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ھەرقانداق زامان ۋە ئەسىرلەرگە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا ئومۇميۈزلۈك بولغان مەڭگۈلۈك قانۇنلارنى بەلگىلىگەن.

ئىسلام شەھەر ئاھالىسىگە خاس قانۇن بەلگىلىگەندە، يېزا ئاھالىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. سوغۇق بەلباغدىكىلەرنى ئويلاپ، ئىسسىق بەلباغدىكىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بىر ئەسىر ۋە بىر دەۋرنى كۆزلەپ، باشقا ئەسىرلەرنى ۋە دەۋرلەرنى تاشلاپ قويمايدۇ.

ئىسلام كىشىلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى تەڭ قامدايدۇ، ھەممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر بالا يۈزى كۆرۈشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدىغان بولسىمۇ، ئايالى كېسەللىك ياكى باشقا سەۋەبتىن تۇغماس چىقىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەرنىڭ بىرىنچى ئايالىنى ساقلاپ قېلىپ، بارلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن بىللە بالا يۈزى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدىغان ئىككىنچى بىر ئايالنى بىرىنچى ئايالىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئەمەسمۇ؟!

يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتى ۋە شەھۋىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئايالىدا ئەر كىشىنى ئانچە ياقتۇرماسلىق، ياكى مەلۇم بىر كېسەللىك، ياكى ئادەت كۆرۈش مۇددىتى ئۇزۇن بولۇشتەك بىرقانچە ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر كىشى ئۇزۇن مۇددەت چىداپ تۇرالمايدىغان بولسا، بىرىنچى ئايالىنى قويۇۋېتىش ياكى يوشۇرۇن ئاشنا تۇتۇشنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئالسا توغرا بولمامدۇ؟!

بەزى ئەھۋاللاردا، بولۇپمۇ ياشلارنى ۋە ئەر كىشىلەرنى قىرىپ تۈگىتىدىغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن، ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن ئارتۇق بولىدۇ. مانا بۇنداق ئەھۋاللاردا ئاياللار پۈتۈن ئۆمرىنى ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ياشاشنىڭ ئورنىغا كۈنداش بولۇپ ياشىشى ھەم ئاياللار ئۈچۈن، ھەم جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ تۇرمۇش خاتىرجەملىك، سۆيگۈ ۋە ئىپپەت ۋە ئانا بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى بەخش ئېتىدۇ.

دېمەك، توي قىلىشقا قادىر بولغان ئەرلەرنىڭ سانىدىن ئارتۇق بولغان ئاياللارنىڭ ئالدىدا تۆۋەندىكى ئۈچ يولنىڭ بىرىنى تاللىماي چارە يوق:

1. پۈتۈن ئۆمرىنى ئەر – خوتۇنلۇقتىن مەھرۇم ھالدا ئۆتكۈزۈش؛

2. ئەرلەرنىڭ ھارام كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ئويۇنچۇق بولۇپ ياشاش؛

3. ئايالى بار ھەمدە يەنە بىر ئايالنى بېقىپ خەۋەر ئالالايدىغان بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش.

شەكسىزكى، بۇ ئاخىرقى يول ئەڭ ساغلام ۋە ئەڭ ئادالەتلىك چارىدۇر. ئىسلام كۆرسەتكەن يولمۇ شۇدۇر. ﴿ئاللاھقا چىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھۆكۈمدە ئاللاھدىنمۇ ئادىل كىم بار؟﴾(مائىدە: 50)

خرىستىيان غەرب دۇنياسى ئۆز ئەرلىرىگە سانسىز مەشۇقلارنى تۇتۇشنى ھېچبىر شەرت ياكى چەكلىمىسىز راۋا كۆرگەن تۇرۇقلۇق ھەمدە بۇ قانۇنسىز ۋە ئەخلاقسىز مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىقىدىغان بالا – چاقىلارغا ۋە ئاشنا ئايالغا قارىتا ھېچبىر قانۇنىي ياكى ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ئېتىراپ قىلمىغان تۇرۇقلۇق، مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن ئارتۇق ئايال بىلەن قانۇنلۇق نىكاھلىنىشىنى ئەيىبلىشى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئىككى يولنىڭ قايسىسى بەكرەك توغرا؟

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق كىتابىدىن.

 

—————————————————–
1. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 4609 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «باشقا يوللىرى ۋە شاھىتلىرى بىلەن سەھىھ» دېگەن. تىرمىزىي: (1128 – ھەدىس) «شافىئىي، ئەھمەد ۋە ئىسھاق قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز بۇ ھەدىس بويىچە ئىش تۇتىدۇ» دېگەن. «ئىبنى ھىببان»، 4156 – ھەدىس. شۇئەيب ئەلئەرنائۇت: «سەھىھ ھەدىس» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 226 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
2. «ئەبۇ داۋۇد»، 2241 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1952 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 227 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى قەيس ئىبنۇل ھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
3. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7936 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «سەنەدى ئىككى ئۇستاز (بۇخارىي بىلەن مۇسلىم) شەرتى بويىچە سەنەدى سەھىھ» دېگەن. «ئەبۇ داۋۇد»، 2133 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1141 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 1969 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 229 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
4. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 25111 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 2134 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 1140 – ھەدىس؛ «ئىبنى ھىببان»، 4205 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 3943 – ھەدىس. ئىبنۇلمۇلەققىن («ئەلبەدرۇل مۇنىر»، 8 – توم، 38 – بەت) ۋە سۇيۇتىي («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 7127 – ھەدىس) لار: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 230 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. كېيىن: («مىشكاتۇل مەسابىھ»، 3235 – ھەدىس) «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سەنەدى ياخشى» دېگەن.
5. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2688 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2770 – ھەدىس. بۇنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز