جازانىنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى

جازانىنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى

ئىمام يۈسۈف قەرەداۋىي

جازانە ھارامدۇر

ئىسلام تىجارەت يولى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى مۇباھ قىلغان. ئاللاھ تائالا: ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزئارا ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار! پەقەتلا سىلەر ئۆزئارا رازى بولۇپ قىلىشقان تىجارەت بۇنىڭ سىرتىدا﴾(4/«نىساﺋ»: 29) دېگەن. يەنە تىجارەت ئۈچۈن سەپەرگە چىققۇچىلارنى ماختاپ: ﴿بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ﴾(73/«مۇززەممىل»: 20) دېگەن.

لېكىن، ئىسلام پۇل – مېلىنى جازانە ئارقىلىق كۆپەيتىشكە ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشىگە يولنى تاقاپ، جازانىنىڭ كۆپىنىمۇ، ئېزىنىمۇ ھارام قىلدى. جازانە چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق جازانە يېگەن يەھۇدىيلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەتلىرى ئىچىدە مۇنۇ ئايەتلەر بار ئىدى: ﴿ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىڭلار! قالغان جازانىنى تاشلاڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار، سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر﴾(2/«بەقەرە»: 278 – 279).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە ۋە جازانىخورلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان خەتىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «جازانە بىلەن زىنا بىر يۇرتتا ئاشكارا بولسا، ئۇ يۇرتنىڭ خەلقى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق قىلغان بولىدۇ»(1).

جازانىنى چەكلىگەن ساماۋى دىنلار ئىسلام دىنىلا ئەمەس. چۈنكى، يەھۇدىيلەرنىڭ «تەۋرات»ىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «قېرىندىشىڭ نامراتلىشىپ قالسا، ئۇنىڭدىن پايدا ياكى مەنپەئەت تەلەپ قىلماي پۇل قەرز بەرگىن!»(2). خرىستىيانلارنىڭ «لۇكا ئىنجىلى»(3)دا مۇنداق دېيىلگەن: «ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار! پايدىنى كۈتمىگەن ھالدا قەرز بېرىپ تۇرۇڭلار! شۇندىلا ساۋابىڭلار كۆپ بولىدۇ»(4).

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، «تەۋرات»قا بۇرمىلىغۇچى سوغۇق قوللار تېگىپ، يۇقىرىدىكى «قېرىندىشىڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى يەھۇدىي قېرىنداشقا خاس قىلىپ قويغان. «تەۋرات»نىڭ «تەسنىيە» پارىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «ياتقا ئۆسۈم بىلەن قەرز بەر، لېكىن قېرىندىشىڭغا ئۆسۈم بىلەن قەرز بەرمە»(5).

جازانىنى چەكلەشنىڭ ھېكمىتى

ئىسلامنىڭ جازانە مەسىلىسىدە قاتتىق چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى پەقەتلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزلىگەنلىكتۇر. ئىسلام ئالىملىرى جازانىنى ھارام قىلىشنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە بىرقانچە سەۋەبلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، يېڭى تەتقىقاتلار بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە ئۇنى تەكىتلەپ قوللىغان.

بۇ ھەقتە ئىمام ئەررازىي تەفسىرىدە بايان قىلغان سەۋەبلەر بىلەن بولدى قىلىمىز:

بىرىنچىدىن، جازانە باشقا بىر ئىنساننىڭ مېلىنى بەدەلسىز ئېلىۋېلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، بىر تەڭگىنى ئىككى تەڭگىگە ساتقان كىشى ئىككىنچى تەڭگىگە بەدەلسىز ئېرىشكەن بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ پۇل – مېلى ئېھتىياجىغا زىچ باغلانغان بولۇپ، ئۇنى ئورۇنسىز يەۋېلىشنىڭ چوڭ ھاراملاردىن ئىكەنلىك تەرىپى بار. ھەدىستە: «ئىنساننىڭ پۇل – مېلىنىڭ ھاراملىقى قېنىنىڭ ھاراملىقىغا ئوخشاشتۇر»(6) دەپ كۆرستىلىگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ پۇل – مېلىنى بەدەلسىز ئېلىش ھارام بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، جازانىگە تايىنىش كىشىلەرنى ھەرخىل ھۈنەر – كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توسۇپ قويىدۇ. چۈنكى، بىر تەڭگە ئىگىسى جازانە كېلىشىمى ئارقىلىق نەق ياكى نېسى بولسۇن، ئارتۇق بىر تەڭگىنى قولغا كەلتۈرەلىسە، بۇ شەكىلدە تىرىكچىلىك قىلىش ئۇنىڭغا يەڭگىل تۇيۇلىدۇ – دە، ھۈنەر – كەسىپ، تىجارەت ۋە سانائەتلەرنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىرىنى تارتىش ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال ئومۇمىي خەلقنىڭ مەنپەئەت يوللىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. مەلۇمكى، تىجارەت، ھۈنەر – كەسىپ، سانائەت ۋە گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلار بولمىسا، دۇنيا تەرەققىي قىلمايدۇ (ئىقتىسادىي قاراشمۇ بۇ ھېكمەتنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەلبەتتە).

ئۈچىنچىدىن، جازانە كىشىلەر ئارىسىدا قەرز ئارقىلىق ياردەم قىلىش روھىنىڭ يوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، جازانە چەكلەنسە بىر تەڭگىنى قەرز بېرىپ، كېيىن شۇ بىر تەڭگىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا كۆڭۈل رازى بولىدۇ. ناۋادا جازانىگە يول قويۇلسا، موھتاجنىڭ ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەڭگە ئورنىغا ئىككى تەڭگە ئالغۇسى كېلىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال ياخشىلىق قىلىش، خەير – ئېھسان قىلىش ۋە قىيىن ئەھۋاللار ئاستىدا ئەسقېتىش قاتارلىق ئېسىل روھلارنى يوقىتىپ قويىدۇ (ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇنىڭغا تەن بەرمەي بولمايدۇ).

تۆتىنچىدىن، كۆپىنچە ئەھۋالدا قەرز بەرگۈچى باي، قەرز ئالغۇچى كەمبەغەل بولىدۇ. ئۇنداقتا جازانىنى يولغا قويغانلىق بايغا ئاجىز كەمبەغەلنىڭ پۇل – مېلىنى ئارتۇق ئېلىۋېلىشقا يول قويغانلىق بولىدۇ – دە، بۇ ئىش رەھىمدىللىككە زىت كېلىدۇ.(7) (مانا بۇ ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى كۆزلەشتۇر).

بۇنىڭ مەنىسى: جازانىدە كۈچلۈكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاجىزنىڭ «سۈيىنى سىقىپ چىقىرىش»تەك ئىللەت بار بولۇپ، نەتىجىدە باي تېخىمۇ بېيىپ، كەمبەغەل تېخىمۇ كەمبەغەللىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتىكى بىر تەبىقىنىڭ باشقا بىر ياكى بىرقانچە تەبىقىلەرنىڭ قان – تەرى بەدىلىگە بودىلىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ – دە، جەمئىيەتتە ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ جەمئىيەت تەبىقىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا سىنىپىي كۈرەش ئوتىنى ياقىدۇ؛ تۈرلۈك قارىغۇلارچە توپىلاڭلارنى ۋە ساغلام بولمىغان پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىنقى تارىخمۇ جازانە ۋە جازانىخورلارنىڭ ئىقتىساد، سىياسەت، يەرلىك ۋە خەلقئارا تىنچلىققا نىسبەتەن نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ئۆسۈم يېگۈزگۈچى ۋە جازانە كېلىشىمىنى يازغۇچى

ئۆسۈم يېگۈچى پۇل – مېلىنى قەرز ئالغۇچىغا بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇپ ئالىدىغان كىشىدۇر. بۇنداق كىشى ئاللاھنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە شەكسىز مەلئۇندۇر. لېكىن، ئىسلام ئۆزىنىڭ ھارام قىلىشتىكى قائىدىسى بويىچە، بۇ جىنايەتنى ئۆسۈم يېگۈچىگىلا قارىتىپ قويماي، بەلكى ئۆسۈم يېگۈزگۈچىنىمۇ، يەنى باشقىلاردىن ئالغان قەرزگە ئۆسۈم بېرىدىغاننىمۇ، ئۆسۈم كېلىشىمىنى يازغۇچىنىمۇ ۋە ئۆسۈم كېلىشىمىگە گۇۋاھ بولغۇچىلارنىمۇ بۇ جىنايەتنىڭ گۇناھىغا شېرىك، دەپ قارىدى. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «ئاللاھ تائالا ئۆسۈم يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغۇچىغا ۋە ئۇنى يازغۇچىغا لەنەت قىلغان»(8).

ئەگەر ئۆسۈم بەرگۈچى پەۋقۇلئاددە جىددىي زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بولسا، تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلسا، جازانىنىڭ گۇناھى پەقەتلا ئۆسۈم ئالغۇچىغا، گۇۋاھچىغا ۋە يازغۇچىغىلا بولىدۇ، قەرز ئالغۇچىغا بولمايدۇ:

1. ئېھتىياج ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان تولۇقلىغۇچى ئېھتىياج بولماستىن، ھەقىقىي زۆرۈر ئېھتىياج بولۇشى شەرت. زۆرۈر ئېھتىياج دېگىنىمىز: ئەگەر قەرز ئالمىسا ھالاكەتكە چۈشۈپ قالىدىغان، ئوزۇق – تۈلۈك، سوغۇقتىن ساقلايدىغان كىيىم – كېچەك، يېقىلغۇ ۋە دورا – دەرمەك قاتارلىقلاردەك ھاياتىغا زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنى ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالمىسا باشقا ھېچقانداق يول بىلەن قامدىيالماسلىق ھالىتىدىكى موھتاجلىقتۇر. ئەمما، پۇلىنى تېخىمۇ ئاۋۇتۇش ياكى تىجارەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش بولسا، بۇنداق زۆرۈرىيەت موھتاجلىق دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

2. بۇنداق زۆرۈر ئەھۋالدا زۆرۈر مىقداردىن ئارتۇق قەرز ئالماسلىقى شەرت. مەسىلەن، توققۇز تەڭگىگە زۆرۈر ئېھتىياجى بولغان ئەھۋالدا ئون تەڭگىنى ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالسا، ئۆسۈم گۇناھى يەنىلا ئۆسۈم بەرگۈچىگىمۇ بولىدۇ.

3. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇ ماددىي قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق يوللارنى مېڭىپ بولغان بولۇشى شەرت. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى ۋاجىپتۇر. ناۋادا ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارە تاپالمىسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئەھۋالغا لايىق قەرز ئالسا، ئاللاھ كەچۈرۈۋېتەر.

4. بۇنداق مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ئۆسۈملۈك قەرزنى ياقتۇرۇپ ئەمەس، كۆڭلىدە ئۇنىڭغا نەپرەت بىلدۈرۈپ ئېلىشى شەرت. شۇندىلا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرز توغرىسىدا ئاللاھتىن پاناھ تىلەيتتى

مۇسۇلمان كىشى بىلىشى كېرەك بولغان ئىسلام ئەھكاملىرىدىن بىرى بولسا ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلماننى تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك ھاياتىدا ئوتتۇراھال بولۇشقا بۇيرۇغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىسراپ قىلماڭلار! ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپخورلارنى ياقتۇرمايدۇ﴾(6/«ئەنئام»: 141)، ﴿بۇزۇپ – چاچمىغىن! ھەقىقەتەن بۇزۇپ – چاچقۇچىلار شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 26، 27).

«قۇرئان كەرىم» مۇئمىنلەردىن پۇل خەجلەشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇلاردىن پەقەت پۇل – ماللىرىنىڭ بىرقىسمىنىلا خەجلەشنى تەلەپ قىلغان. ﴿ئۇلار بىز بەرگەن مال – مۈلكتىن سەرپ قىلىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 3). تاپقان پۇلىنىڭ بىرقىسمىنى خەجلىگەن كىشى ئادەتتە نامراتلىشىپ قالمايدۇ. بۇنداق ئوتتۇراھال بولۇش مۇسۇلماننى قەرز ئېلىشقا موھتاج قىلمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قەرز ئېلىشنى مۇسۇلمان ئۈچۈن ياقتۇرمىغان. چۈنكى، قەرز دېگەن ئەركىن، ھۆر ئادەمنىڭ نەزەرىدە كېچىسى غەم، كۈندۈزى خارلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قەرز توغرىسىدا ئاللاھتىن پاناھ تىلەپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! قەرزگە بوغۇلۇپ، كىشىلەرگە خار بولماسلىق ئۈچۈن سەندىن پاناھ تىلەيمەن»(9) دەيتتى ۋە: «كۇفۇر ۋە قەرز توغرىسىدا ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمەن» دېگەن. بىر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئى رەسۇلۇللاھ! كۇفۇر بىلەن قەرزنى بىر جۈپ دەپ قارامدىلا؟» دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ جاۋابەن: «ھەئە» دېگەن(10).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىدا: «ئى ئاللاھ! مەن گۇناھ ۋە قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دەيتتى. رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشتىن بەك كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنلا» دېيىلگەندە، جاۋابەن: «كىشى قەرزگە بوغۇلۇپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدىغان، ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ» دېگەن(11). بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزنىڭ ئەخلاققا كەلتۈرىدىغان خەۋپ – خەتىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە ئۆلۈكنىڭ قەرزنى ئادا قىلمىغانلىقى ياكى قەرزنى ئادا قىلغۇدەك پۇل – مال قويۇپ كەتمىگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلسە، ئۇنىڭغا جىنازا نامىزى ئوقۇمايتتى. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇراتتى. كېيىنچە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نۇرغۇن شەھەرلەرنى فەتىھ قىلىپ بەرگەندە: «مەن مۇئمىنلەرگە ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىگە بولىمەن. مۇئمىنلەر ئۆلگەن ۋاقتىدا قەرز قالدۇرسا، ئۇنى تۆلەش ماڭا، مال – دۇنيا قالدۇرسا، ۋارىسلىرىغا» دەپ، قەرزنى ئادا قىلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قەرزىنى جىھاد ئولجا – غەنىيمەتلىرىدىن ئادا قىلىۋەتكەن ئىدى(12). ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «شەھىدنىڭ قەرزدىن باشقا ھەممە گۇناھى كەچۈرۈلىدۇ»(13).

مانا بۇ يوليورۇقلارغا ئاساسەن، مۇسۇلمان كىشى قاتتىق ھاجىتى بولمىسا قەرز ئالماسلىقى، قەرز ئېلىشقا مەجبۇر بولغاندا چوقۇم ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن ئېلىشى كېرەك. ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «كىمكى ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن قەرز ئالسا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئادا قىلىۋېتىدۇ. كىمكى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك نىيىتىدە قەرز ئالسا، ئاللاھ ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ»(14).

ئەگەر موھتاجلىقتا ئالغان ئۆسۈمسىز قەرزنىڭ ئەھۋالى بۇنداق بولىدىغان بولسا، جازانە ئۆسۈملىرى بىلەن قەرز ئېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟!

ئارتۇق باھادا نېسى سېتىش

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مۇسۇلمان كىشى بىرنەرسىنى نەق پۇل بىلەن سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ ياكى رازىلىشىپ پۇلىنى كېچىكتۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدىيدىن نېسىگە ئاشلىق سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا بىر ساۋۇتنى رەنىگە قويغان»(15).

ئەگەر ساتقۇچى خۇددى بۈگۈنكى كۈنلەردە كۆپىنچە تىجارەتچىلەر قىلىۋاتقاندەك، كېچىكتۈرۈش سەۋەبىدىن باھانى ئاشۇرسا، بەزى فەقىھلەر زاماننىڭ بەدىلىگە مالنىڭ ئاۋۇشى جەھەتتىن جازانىگە ئوخشاپ قالغانلىقىغا ئاساسلىنىپ، بۇنداق سودىنى ھارام دەپ قارىغان.

ئەمما، ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنى جائىز دەپ قارىغان. چۈنكى، ھەرقانداق نەرسە ئەسلىدە ھالالدۇر. ھارام دەيدىغانغا بىرەر دەلىل يوق ھەمدە بۇ سودا جازانىگە بەزى جەھەتتىن ئوخشىسىمۇ، بىراق پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ساتقۇچى بەزىبىر نەرسىنى كۆزدە تۇتۇپ باھانى ئاشۇرسا بولىدۇ. ئەمما، باھا باشقىلاردىن ئورۇنسىز پايدىلىنىۋېلىش ۋە ئېنىق زۇلۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان دەرىجىدە ئاشۇرۇلسا، بۇ خىل باھانى ئاشۇرۇش ھارامدۇر.

ئىمام شەۋكانىي مۇنداق دەيدۇ: «ھەنەفىيلەر ۋە شافىئىيلەر، زەيد ئىبنى ئەلى، ئەلمۇئەييەد بىللاھ ۋە ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى جائىزلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەرنىڭ ئومۇمىغا ئاساسەن بۇ سودىنى جائىز دەپ قارىغان، دەلىللەر بۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ»(16).

«ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

———————————————————–
1. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 460 – ھەدىس. ھاكىم: («ئەلمۇستەدرەك»، 2261 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن، زەھەبىيمۇ بۇنى ماقۇللىغان. سۇيۇتىي: («ئەلجامىئۇسسەغىر»، 748 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 344 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
2. «چىقىش» پارىسى، 22 – 24 – جۈملىلەر.
3. لۇكا ئىنجىلى (Gospel of Luke): «يېڭى ئەھد»نىڭ تۆت كىتابىنىڭ ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ ئۇزۇنى بولۇپ، پاۋلۇسنىڭ دوختۇرى، ھەزرىتى ئىيسانىڭ ھاۋارىيلىرىدىن بولمىغان لۇكا تەرىپىدىن يېزىلغان، دەپ قارىلىدۇ. ۋافتىزچى يۇھاننانىڭ تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشىگە قەدەر بولغان 35 يىللىق ۋەقەلىكنى، بولۇپمۇ ھاياتىدىكى ئاخىرقى ھەپتىنى بايان قىلىدۇ. 24 بۆلۈم، 1151 جۈملىدىن تەركىب تاپقان. تەخمىنەن مىلادىيە 80 – 110 – يىللار ئارىسى يېزىلغان. لۇكا «ئوقۇمۇشلۇق، مەرىپەتلىك» دېمەكتۇر. — ت.
4. «لۇكا ئىنجىلى»، 6 – بۆلۈم، 24 -، 25 – جۈملىلەر.
5. «تەسنىيە» پارىسى، 19 – 23.
6. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 4262 – ھەدىس؛ تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 10316 – ھەدىس؛ بەززار: «مۇسنەد»، 1699 – ھەدىس؛ دارەقۇتنىي: «سۈنەن»، 94 – ھەدىس. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 345 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
7. «تەفسىرۇ فەخرۇررازىي»، 7 – توم، 47 – بەت. ئازغىنە قىسقارتىلدى.
8. «مۇسلىم»، 1598 – ھەدىس. بۇنى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
9. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 6618 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 5475 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 1555 – ھەدىس. ئالبانىي «غايەتۇل مەرام»دا: (347 – ھەدىس) «زەئىف»، «ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»دە: (1541 – ھەدىس) «ھەسەن» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
10. «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 11334 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 5473 – ھەدىس؛ «سەھىھۇ ئىبنى ھىببان»، 1025 – ھەدىس؛ ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 1950 – ھەدىس. مەناۋىي: «سەنەدى ياخشى» دېگەن. ئالبانىي: («غايەتۇل مەرام»، 348 – ھەدىس) «زەئىف» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 832 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 589 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
12. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 5371 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1619 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
13. «مۇسلىم»، 1886 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان.
14. «بۇخارىي»، 2387 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان.
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2068 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1603 – ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان.
16. شەۋكانىي يەنە: «بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم بىر رىسالە تۈزۈپ، ئۇنى تولۇق دەلىللەر بىلەن تەھقىقلەپ چىقتۇق. رىسالىنى ›شفاء الغلل في حكم زيادة الثمن لمجرد الأجل‹ دەپ ئاتىدۇق» دەيدۇ. قاراڭ: «نەيلۇل ئەۋتار»، 5 – توم، 153 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ