قەلبنى بۇزغۇچى بەش ئاپەت

ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: قەلبنى بۇزغۇچى بەش چوڭ ئامىل بولۇپ، ئۇلار: كۆپ ئارىلىشىش، ئارزۇ – ئارمان دېڭىزىغا غەرق بولۇش، ئاللاھتىن ئۆزگىگە باغلىنىش، ھارام تائام يېيىش ياكى تاماقنى كۆپ يېيىش ۋە كۆپ ئۇخلاشتۇر.

 

1.  بىھۇدە كۆپ ئارىلىشىش

بىھۇدە ئارىلىشىشنىڭ كۆپ بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلبىي تەسىرلەر قەلبنى ئادەمزات تىنىقىنىڭ قارا تۈتۈنى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنى قارايتىۋېتىدۇ، قەلبكە بولسا بىئاراملىق، تەشۋىش، غەم – قايغۇ، ئاجىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بەدقىلىق دوستلىرىنىڭ كۆتۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان يۈكلىرىنى ئارتىپ، ئۇلار بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئۆزىنى بىكاردىن – بىكارلا قۇربان قىلىۋېتىدۇ ۋە ئوي – خىيالى ھېلىقى دوستلىرىنىڭ ئارزۇ – ھەۋەس كوچىلىرىدا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق بولۇۋەرسە ئاللاھ ۋە ئاخىرەت دىيارى ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ نېمىسى قېپقالىدۇ؟!

دېمەك، كىشىلەر بىلەن كۆپ ئارىلىشىش نۇرغۇن ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى، نېمەتلەرنى قاچۇرۇۋەتتى، ئېغىرچىلىقلارنى چۈشۈردى، ئاتا – ئېھسانلارنى يوقىتىۋەتتى ۋە سىناققا دۇچار قىلدى. ھەي… ! كىشىنىڭ ئاپىتى كىشى ئەمەسمۇ!؟

مەلۇم تۈرلۈك دۇنيالىق مۇناسىۋەت ياكى ئۆزئارا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش بىلەن بولۇۋاتقان بۇ خىل بىھۇدە ئارىلىشىش ھەقىقەتلەر ھەق بولۇپ ئەمىلىيلەشكەندە دۈشمەن بولۇپ ئۆرۈلىدۇ – دە، ئۇنىڭ ساھىبى خۇددى ئاللاھ تائالا «فۇرقان» سۈرىسىدە: ﴿شۇ كۈنى زالىم (يەنى، كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن ئۇ (يەنى، پالانى) مېنى قۇرئاندىن شەك – شۈبھىسىزكى ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ﴾(فۇرقان: 27 – 29) دەپ ئېيتقاندەك قوللىرىنى چىشلەپ قالىدۇ.

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿بۇ كۈندە دوستلار بىر – بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر﴾( ئەنكەبۇت: 25) ئاللاھ تائالا ئىبراھىم  خەلىلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئېيتقان سۆزىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئىبراھىم ئېيتتى: بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چۇقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار، ئاندىن قىيامەت كۈنى بەزىڭلارنى بەزىڭلار ئىنكار قىلىسىلەر، بەزىڭلارغا بەزىڭلار لەنەت ئوقۇيسىلەر (يەنى، قىيامەت كۈنى مەزكۇر دوستلۇق دۈشمەنلىككە ئايلىنىدۇ، ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەردىن ئادا – جۇدا بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى دوستلۇقى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان ئەمەس)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرنى (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ﴾(ئەنكەبۇت: 25).

مانا بۇ مەقسەت – مۇددىئاداش كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بولۇپ، ئۇلار ئورتاق مەقسەتنىڭ ئۈستىدە ئۆزئارا ياردەمدە بولسا دوستلىشىدۇ. ئەگەر بۇ ئورتاق مەقسەت بۆلۈنۈپ يوقاپ كەتسە، پۇشايمان ۋە غەم – قايغۇنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھېلىقى دوستلۇق ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك، لەنەت ۋە سۆكمىچىلىككە ئايلىنىدۇ.

ئارىلىشىش مەسىلىسىدىكى پايدىلىق ئۆلچەم بولسا، كىشىلەر بىلەن جۈمە نامىزى، جامائەت نامىزى، ھېيت – ئايەم، ھەج، ئىلىم ئۆگىنىش، جىھاد قىلىش ۋە نەسىھەت قىلىشتەك ياخشى ئىشلاردا ئارىلىشىش، يامان ئىشلار ۋە تايىنى يوق ئۇششاق – چۈششەك ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىشتۇر.

ئەگەر (بىراۋ) ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بىرىلىرى بىلەن يامان ئىشلاردا ئارىلشىشقا مەجبۇر بولسا، ئۇلاردىن ئايرىلغىلى بولمىسا، ئۇلارغا ماسلىشىپ بېرىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن! ھەمدە يامان كىشىلەر كۈچ قوشۇپ، ياردەمچى بولمىغاندا ئەزىيەت بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلسۇن! لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، ئەزىيەت يېتىش ئۇ كىشىگە ئەزىيەت بەرگۈچىلەر، مۇئمىنلەر ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن غالىبلىق، سۆيۈلۈش، ئۇلۇغلۇق ۋە مەدھىيە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارغا ماسلاشقانلىقتىن ئۇ كىشىگە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن جازا ۋە خارلىق، مۇئمىنلەر ۋە ئەزىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆچمەنلىك ۋە كايىش كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىش دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاقىۋىتى مەدھىيەلىنىدىغان ياخشى ئىشتۇر.

ئەگەر ئېھتىياج ئۇلار بىلەن ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ ئارىلىشىشقا زورلىسا، شۇ سورۇننى ئىمكانقەدەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشسۇن!

 

2.  ئارزۇ – ئارمان دېڭىزىغا غەرق بولۇش

بۇ بەئەينى ساھىلسىز دېڭىز بولۇپ، «قەرزدارلارنىڭ دەسمايىسى ئۈمىددۇر» دېگەندەك، پەقەتلا ئالەمنىڭ (ھىممەتسىز) كەمبەغەللىرى كىرىدىغان دېڭىزدۇر. شۇڭا، يالغان، قۇرۇق ئارزۇ – ئارمان دولقۇنلىرى ھەمىشە ئىت تاپ بىلەن ئويناشقاندەك، ئۆز يولۇچىسى بىلەن ئوينىشىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ خىياللار تاشقى رېئاللىق ھەقىقەتلىرىگە ئېرىشىش ھىممىتى بولمىغان، بەلكى ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئورنىنى سۇبيېكتىپ ئارزۇلىرى بىلەن تولدۇرۇۋالغان بارچە ئەرزىمەس، ناچار، داشقال نەپسنىڭ دەسمايىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ئىش تۇتقان بولۇپ، بەزىلىرى باشقىلارغا ئۈلگە، ھۆكۈمران رەھبەر بولۇشنى، زېمىندا كېزىشنى، دۆلەتلەرنى ئارىلاپ يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بەزىلىرى پۇل، مال – دۇنيا ئارزۇلايدۇ. يەنە بەزىلىرى قىز – ئايال ۋە سۆلەتمەنلىكنى ئارزۇ قىلىدۇ.

 مەيلى قانداقلا قىلسۇن ئىشقىلىپ، ھەۋەسكار ئۆز كۆڭلىدىكى ئارزۇسىنىڭ تەسۋىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ ۋە مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرۇپ، ئۆزىچە ئارزۇسىغا ئېرىشىش بىلەن «ئۇتۇق قازاندىم»، ئارزۇسىدا زەپەر قۇچۇش بىلەن «ھۇزۇرلاندىم» دەپ ئويلاپ يۈرۈيدۇ، ئەپسۇسكى، ئۇ ئەس – ھوشىنى تاپقاندا ئۇنىڭ قوللىرى باغلانغان بولىدۇ.

ئالىي ھىممەت ساھىبىنىڭ ئارزۇسى ئىلىم، ئىمان ۋە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل دائىرىسىدە بولىدۇ. مانا بۇنىڭ ئارزۇسى ئىمان، نۇر ۋە ھېكمەتتۇر. نېرىقىلارنىڭ ئارزۇسى بولسا ئالدامچىلىق ۋە مەغرۇرلۇقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياخشىلىقنى ئۈمىد قىلغۇچىنى مەدھىيەلىگەن ۋە بەزى نەرسىلەردە ئۇنىڭ ئەجىر – ساۋابىنى ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئەجىر – ساۋابىغا ئوخشاش قىلغان.

 

3.  ئاللاھتىن ئۆزگىگە باغلىنىش

ئاللاھتىن ئۆزگە بىلەن ئالاقە باغلاش قەلبنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، قەلبكە بۇنىڭدىن بەكرەك زىيان سالىدىغان ۋە قەلبنى ئۆزىنىڭ پايدا – مەنپەئەتىدىن، بەخت – سائادىتىدىن ئايرىپ قويىدىغان نەرسە يوقتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاللاھتىن باشقىغا باغلىنىۋالسا، ئاللاھ ئۇنى ئاشۇ نەرسىگە بېقىندۇرۇپ قويىدۇ – دە، ئالاقە باغلىغان نەرسىسى تەرىپىدىن خار بولىدۇ ۋە ئۆزگىگە باغلىنىش، تەلمۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھدىن ئېرىشمەكچى بولغان ئارزۇسىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نېسىۋىسىز قالىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاتىغان نەرسىسىدىن تەمە قىلغان ئۈمىدىمۇ ھەم ۋىسال تاپمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار (يەنى، مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى، بۇتلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇشلىرى ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلار (يەنى، بۇتلار)غا چوقۇندى. ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى، بۇتلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، ئۇلارنىڭ (يەنى، مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى، مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ﴾(مەريەم: 81 -، 82).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى. ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر﴾(ياسىن: 74 -، 75).

ئەڭ خار، ئەڭ زىيان تارتقۇچى ئاللاھتىن ئۆزگىگە باغلىنىۋالغان ئىنساندۇر. چۈنكى، ئۇ قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان پايدا – مەنپەئەت، بەخت – سائادەت ۋە ئۇتۇق ئۆزىنى ئاتىغان نەرسە ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىدىن كۆپ بولۇپ، يوقىلىپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئاللاھتىن ئۆزگە بىلەن باغلىنىۋالغۇچى مىسالى ئىسسىق – سوغۇقتىن ئۆيلەرنىڭ ئەڭ ئاجىزى بولغان ئۆمۈچۈك ئۆيى بىلەن دالدىلانغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

قىسقىسى، شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسىي ۋە تايانچ تۈۋرۈكى ئاللاھتىن ئۆزگىگە باغلىنىش بولۇپ، ئۇ ئەيىبلىنىدۇ ۋە خارلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى (شېرىك) قىلمىغىن. (ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئەيىبلەنگەن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىدن) مەھرۇم بولغان ھالدا (دوزاختا ھەمىشە) قالىسەن﴾(ئىسرا: 22). (يەنى، مەدھىيەلىگۈچىسى يوق ئەيىبلەنگۈچى، ياردەمچىسى يوق مەھرۇم بولغۇچى بولۇپ قالىسەن).

چۈنكى، بەزى كىشىلەر گەرچە ناھەق ھالدا دەپسەندە كىشىگە ئوخشاش ئېزىلسىمۇ مەدھىيەلىنىدۇ، يەنە بەزىلەر ناھەق ئېزىلىپ قۇل – چاكاردەك خارلانغان بولىسىمۇ ياردەم بېرىلىدۇ ۋە يەنە بەزىلەر ھەقتە چىڭ تۇرۇپ، ھەق بىلەن ئىش ئېلىپ بارغان كىشىدەك مەدھىيەلىنىدۇ ھەم ياردەم بېرىلىدۇ.

ئاللاھتىن ئۆزگىگە باغلانغان مۇشرىكنىڭ تەقسىماتى يۇقىرىقى تۆت قىسىمنىڭ ئەڭ ناچىرى بولۇپ ھەم ماختالمايدۇ، ھەم ياردەممۇ بېرىلمەيدۇ.

 

4.  ھارام تائام يېيىش ياكى تائامنى كۆپ يېيىش

ئىككى تۈرلۈك تائام قەلبنى بۇزىدۇ:

بىرى، ھارام نەرسىلەرگە ئوخشاش تائامنىڭ ئەسلى ۋەسلى نۇقتىسىدىن بولغان بۇزغۇچىدۇر. بۇ ھەم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى: ئاللاھ ھەققى ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلار، مەسىلەن، ئۆلۈك، قان، قوزۇق چىشلىق يىرتقۇچلار ۋە تىرناقلىق يىرتقۇچ قۇشلار. ئىككىنچىسى: قۇل ھەققى ئۈچۈن ھارام قىلىنغان نەرسىلەر، مەسىلەن، ئوغۇرلانغان، ئېلىۋېلىنغان، بۇلىۋېلىنغان، ساھىبىدىن مەجبۇرىي بولسۇن، تارتىپ بولسۇن ۋەياكى ھاقارەتلەپ بولسۇن رازىلىقىسىز ئېلىۋېلىنغان نەرسىلەر.

يەنە بىرى، ئۆز مىقدارى ياكى ھەددىن زىيادە بولۇپ كېتىش بىلەن قەلبنى بۇزغۇچىدۇر. مەسىلەن، ھالال نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلىش، ھەددىن زىيادە توقلۇق، چۈنكى زىيادە توقلۇق تائەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈشتىن ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە قورساق قىيىنچىلىقنى يەڭگەنگە قەدەر قەلبنى بۇ قىيىنچىلىقنى يوقىتىشقا ۋە بۇ يولدا كۈرەش قىلىشقا مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ. ئەمدى بۇنى ھەل قىلساق، ئۇنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش، ئۇنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى، قورساق ئېغىرلىقى قەلبنى مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭدا قىزىقسىنىش، شەيتان ھەرىكىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى، شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. روزا تۇتۇش بولسا ئۇنىڭ ھەرىكەت يوللىرىنى تارايتىۋېتىدۇ ياكى توسۇۋېتىدۇ. توقلۇق بولسا ئۇ يوللارنى ئېچىۋېتىدۇ ۋە كېڭەيتىۋېتىدۇ. كۆپ يېگەن، كۆپ ئىچكەن، كۆپ ئۇخلىغان كىشى زىياننىمۇ كۆپ تارتىدۇ.

مەشھۇر بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئادەم زاتى قورساقتىنمۇ يامانراق بىرەر قاچىنى تولدۇرۇپ باقمىدى، (ھالبۇكى) ئادەم بالىسىغا قەددىنى رۇسلىغۇدەك بىر قانچە لوقما يېتەرلىكتۇر. ئەگەر (بۇنىڭدىن كۆپرەك يېيىش) زۆرۈر بولسا قورساقنىڭ ئۈچتىن بىرى تائامى ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى ئىچىملىكى ئۈچۈن، ئۈچتىن بىرى نەپەس ئېلىشى ئۈچۈن بولسۇن»(1).

 

5.  كۆپ ئۇخلاش

كۆپ ئۇخلاش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ، بەدەننى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىدۇ ۋە زىيادە غەپلەت بىلەن ھورۇنلۇقنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيقۇ بەك ئېھتىياجلىق بولغاندا بولمىسا، ئېغىر مەكروھ ۋە پايدىسى يوق زىيان سالغۇچى بولىدۇ. ئۇيقۇنىڭ بەدەنگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشىسى كېچىنىڭ دەسلىپىنىڭ ئۇيقۇسى بولۇپ، ئاخىرىنىڭكىدىن ياخشى ھەم پايدىلىق. كۈندۈزدىكى چۈشلۈك ئۇيقۇ كېچىنىڭ باش ياكى ئاخىرىدىكى ئۇيقۇدىن ياخشىدۇر. ئۇيقۇ كۈندۈزنىڭ دەسلەپ ياكى ئاخىرىدا بولغانسېرى پايدىسى ئازلاپ، زىيىنى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ، ئەسىر ۋاقتىدىكى ئۇيقۇ شۇنداق بولىدۇ. كۈندۈزنىڭ ئەۋۋىلىدىكى ئۇيقۇ پەقەت كېچىنى بىدار ئۆتكۈزگەن كىشىگىلا بولىدۇ.

كىشىلەر بامدات نامىزى بىلەن كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلگەنلىكتىن، بۇ ۋاقىتتىكى ئۇيقۇنى يامان كۆرىدۇ. يول يۈرگۈچىلەر سەپىرى ئۈچۈن بۇ ۋاقىتنى ناھايىتىمۇ بەك ئەزىزلەيدۇ، ھەتتاكى ئۇلار كېچىچە يول يۈرسىمۇ، بۇ ۋاقىتتا، تاكى كۈن چىققانغا قەدەر يۈرۈشتىن توختاپ قېلىشقا ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ كۈندۈزنىڭ دەسلىپى ھەم ئاچقۇچى، رىزىقلار چۈشىدىغان، تەقسىمات بولىدىغان، بەرىكەت ياغىدىغان ۋاقىتتۇر.

مانا بۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن كۈندۈز باشلىنىدۇ، كۈندۈزنىڭ بارچە ھۆكمى مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ھۆكمىدىن چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇيقۇسى ھاجەتمەننىڭ ئۇيقۇسىغا ئوخشاش بولۇشى مۇۋاپىقتۇر (يەنى، ئۇيقۇغا بەك موھتاج بولغاندا ئۇخلىنىدۇ، خالاس).

قىسقىسى، دوختۇرلارنىڭ قارىشىدا، ئۇيقۇنىڭ ئەڭ نورمال، پايدىلىقراقى كېچىنىڭ دەسلەپكى يېرىمى بىلەن ئاخىرقى ئالتىدىن بىرىنىڭ ئۇيقۇسى بولۇپ، سەككىز سائەت مىقدارىدۇر. ئۇيقۇ بۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ بولۇپ قالسا شۇنىڭغا يارىشا ئىنسان تەبىئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەنپەئەتسىز ئۇيقۇلارنىڭ قاتارىدىن ھەم قوياش پېتىشىغىلا خۇپتەننىڭ قاراڭغۇلۇقى يوقالغانغا قەدەر بولغان كېچىنىڭ دەسلىپىدىكى ئۇيقۇ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى يامان كۆرەتتى، بۇ خىل ئۇيقۇ شەرئىي جەھەتتىن ھەم پىسىخىك جەھەتتىن يامان سانىلىدۇ.

 

مەنبە: ئىمام ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 1 – توم، 453 – 460.

تەرجىمىدە: دىنسۆيەر.

 

——————————

(1): تىرمىزىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان، ئالبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز