پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەتتى

 

ئابدۇلۋاھھاب ئەتتارىيرىي

قېنى بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۆيىگە بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى! ئاللاھ تائالا پۈتۈن يامانلىقلاردىن پاكلىغان ئاشۇ ئۆيگە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز ئېچىپ بەرگەن روجەكتىن، بىرنەچچە تابىئىنلار ئۇنىڭدىن: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆيىدە، سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان ۋاقىتلىرىدىن خەۋەر بېرىڭ» دەپ سورىغان ۋاقتىدا ئېچىپ بەرگەن شۇ روجەكتىن بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى. تابىئىنلارنىڭ بۇنداق سورىشى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر زاتنىڭ ئاشۇ كونكرېت شارائىتتىكى ئەھۋالغا قىزىقىش بولۇپ، سىرتلاردا ئۈممەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ، ئېغىر يۈكلىرىنى زىممىسىگە ئالغان ھالدا ياشايدىغان رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەنھا قالغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالى قانداق ئىدى؟ نېمە ئىشلارنى قىلاتتى؟… دېگەنلەرنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز بۇ سوئالغا ئەھمىيەت بېرىپ، قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى. شۇ ئارقىلىق بىزگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە قاراپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۆيىدە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى كۆرىدىغان بىر كۆزنەك ئېچىپ بەردى. ئۇ يىغىنچاق، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى:

«رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆيىدە ئىنسانلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇلايىم، ئەڭ مېھرىبان ۋە ئەڭ ئېسىل كىشى ئىدى، ھەرقايسىڭلارغا ئوخشاش بىر ئەر ئىدى، ئەمما دائىم كۈلۈپ، كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، پەقەتلا بىر ئىنسان ئىدى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى (يەنى، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى)، ئايىغىنى يامايتتى، كىيىمىنى تىكەتتى، ئۆچكىسىنى ساغاتتى، ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى، ھەرقايسىڭلار ئۆيلىرىڭلاردا ئىشلىگەنگە ئوخشاش ئىشلەيتتى، ناماز ۋاقتى كەلسە نامازغا چىقاتتى، مەن ئۇنىڭ بىرەر ئايال كىشىنى ياكى خىزمەتچىنى ئۇرغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم».

نېمىدېگەن پاساھەتلىك، ئىخچام ئەمما، مەقسەتنى تولۇق يورۇتۇپ بەرگەن سۆزلەر – ھە! بۇ شۇنداق بىر دەستە گۈلكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز رەسۇلۇللاھنىڭ ئەردەم – پەزىلەتلىرى گۈلزارلىقىدىكى خۇشپۇراق لالە – رەيھانلاردىن تىزىپ بىزگە سۇنغان بىر دەستەگۈل ئىدى. ئەمدى بىزنىڭ قىلىدىغىنىمىز ئەقىل كۆزلىرىمىزنى ئېچىپ، بۇ سۆزنىڭ يۈكسەك مەنىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش بولغۇسى.

1. «پەقەتلا بىر ئىنسان ئىدى». كەمىنە ئائىشە ئانىمىزنى بۇنداق دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ «پەرىشتە ئەمەس، بەلكى بىر ئىنسان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى دەپ قارىمايمەن. بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كونكېرتراق بىر مەنىنى يەنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەردىكى ئىنسانىيلىقىنى ئىپادىلىمەكچى، دەپ قارايمەن. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ساللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيىگە بىر قوماندان ياكى بىر رەھبەر ۋە ياكى بىر ئىمام سالاھىيىتىدە ئەمەس، ئايالى بىلەن مېھىر – مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر ئەر سۈپىتىدە كىرەتتى ۋە پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتلەردىكى ئۇلۇغلۇقىنى گۈزەل بىر يوسۇندا بىرلەشتۈرگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆيىدە كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئەمەس، ئائىلىۋى ھاياتتىكى ئاددىي – ساددىلىقى ۋە ئىستىخىيىلىكى بىلەن ياشايتتى، ئايالى ئۇنىڭدىن مېھىرلىك ۋە مۇھەببەتلىك ئېرىنىلا كۆرەتتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئادەمزاتنىڭ خاجەسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئۇلۇغلۇقىدىن ئۇنىڭغا ھۆرمەتلىمەستىن، ئەيمەنمەستىن قاراشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆيىدە ئەڭ ئاۋۋال بىر ئەر سۈپىتىدە ياشايتتى.

 بىز بۇ يۈكسەك روھنى قانچىلىك ئۇنتۇپ كەتتۇق – ھە! ئۆيلىرىمىزگە كىرگەندە، تالادىكى مەنسەپ، نام – ئاتاقلارنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىۋالىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزدە بەختلىك، ئىمتىيازلىق ياشىشىمىزنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ نام – ئاتاقلار ئىشىكنىڭ ئالدىدىنلا قايتىپ كېتىشىدۇ. كىممۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامدەك «پەقەتلا بىر ئىنسان» بولالىدى – ھە؟

2. «ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرەتتى». بۇ سۆز ئەقلىمگە شۇنداق بىر سوئالنى كەلتۈردى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ياردەملىشىپ يۈرگۈدەك، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز ئۆيدىكى ئىشلىرىنىڭ كۆپ ۋە مۇشەققەتلىكىدىن زارلىنىپ، قاقشىغان بولغىيتتىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئۆيى كىچىككىنە بىر ئۆي، بۇ يېنى ئون گەز، ئۇ يېنى بەش گەز كېلىدىغان كىچىكلا بىر ھۇجرا ئىدىغۇ؟ ئۇدا ئىككى ئايلاپ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ تاماق ئېتىلمەيدىغان بىر ئۆيدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشىنى تەقەززا قىلغۇدەك قانچىلىك ئېغىر ۋە كۆپ ئىش بولغىيتتى؟

بۇ سوئالنىڭ جاۋابى، پەيغەمبىرىڭىز ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۇ قىلغانلىرىنى ئۆيدە ئىشنىڭ كۆپ ۋە جاپالىقلىقىدىن قىلغان ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە تېرەن بىر مەنا بار، ئۇ بولسىمۇ ئەر – ئاياللىق تۇرمۇشتىكى ئۆزئارا كۆيۈنۈش، مۇكەممەل ھەمكارلىق ھېسسىياتى بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھالال جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ھەققىدىكى ئايەتتە «لتسكنوا معها» (بىللە تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن) دېمەستىن ﴿لتسكنوا إليها﴾ ﴿مېھىر – مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشۈڭلار ئۈچۈن﴾(رۇم: 21) دېگەن لەۋزىدىكى ئىلاھىي ھېكمەتنىڭ ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىنىشى ئىدى.

بۇ كىچىككىنە ئىشلار قەلبى كۆيۈنۈشتىن ئېرىگەن ئايالنىڭ كۆڭۈل ساھىلىغا مۇھەببەتنىڭ باياننامىسى سۈپىتىدە يېتىپ بارىدۇ – دە، مېھىر – مۇھەببەت، رەھىم – شەپقەت دولقۇنلىرىنى ھاسىل قىلىپ ئۆركەشلەيدۇ. ئايال ئۆزىنى ئېرىگە شۇنداق يېقىن سېزىدۇكى، پۈتۈن روھى ۋە قەلبى بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. ئەر كىشىنىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى – قانچىلىك كىچىك ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – ئايالىغا «بۇ ھايات ئىككىمىزنىڭ بولغاندىكىن، ئىشنىمۇ تەڭ قىلايلى!» دېگەنلىكىدۇر. قانچە كىچىك پېئىل بولغانسېرى ئايالىنىڭ قەلبىدىكى قەدىر – قىممىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، قانچە ئاددىي – ساددا بولغانسېرى ئايالىغا شۇنچە ئۇلۇغ تۇيۇلىدۇ.

3. بىز بۇ روجەكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە قاراپ شۇنى كۆردۇقكى، ئۇ ئۆزى كىچىك، بىساتلىرى تولىمۇ ئاددىي ئۆي ئىدى، ئەمما رەسۇلى ئەكرەمنىڭ يۈكسەك، گۈزەل ئەخلاقى ئۇنى خۇشاللىق ۋە بەختكە تولدۇرۇپ، كۈلكىلەر ياڭراپ، تەبەسسۇملار نۇر بولۇپ يانىدىغان، بەخت – سائادەت بۇلىقىنىڭ سۈيى مەڭگۈ قۇرۇمايدىغان بىر ئۆيگە ئايلاندۇرغان ئىدى.

«ھەرقايسىڭلارغا ئوخشاش ئەر ئىدى، دائىم كۈلۈپ، كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۆيىدە ياسىما تەكەللۇپ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان سۈر – ھەيۋە، قاپاق تۈرۈپ ماي تارتىشىشلار يوق ئىدى. ئەكسىچە، خۇشال كۈلكە، خۇشخۇي تەبەسسۇم ۋە ھاياتنىڭ تەبىئىي نېمەتلىرى بار بولۇپ، بۇلار ئۆينى مىننەتدارلىق، ئاسايىشلىق، بەخت – سائادەتكە تولدۇراتتى، ئۇ ئۆيدىكىلەر خۇددى جەننەتنىڭ بىر بۇرجىكىدە ياشاۋاتقاندەك ئىدى.

4. ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىكى بۇ يارقىن سەنئەت، ئەردىكى بەختىيار ھاياتقا بولغان تەشەببۇسكارلىق ئەر كىشى ئۈچۈن ئايالنىڭ قەلبى، يۈرىكىنى ئوۋلاپ بېرىدۇ. بۇ گۈزەل مۇئامىلە ئايالنى ئېرى ئۆيدە بولسا بەختكە چۆمىدىغان، يوق بولسا سېغىنىدىغان قىلىدۇ.

ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ سوغۇق ۋە مەنىسىز ئىكەنلىكىدىن قاقشايدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ دەرسىنى ئۆگەنسە، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سېھىرلىك، گۈزەل مۇئامىلىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھايات تومۇرلىرىدا ئىسسىق قانلار دولقۇنلاپ ئاقىدۇ. ئايالنىڭ قەلبىدە ھاياتتىكى ھەقىقىي ھەمنەپەسلىكنى ھېس قىلدۇرۇپ، تەبەسسۇملىرى بىلەن ئۆمرىنى رەڭدارلىققا تولدۇرغان ئېرىگە قارىتا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى مۇھەببەت قاپلايدۇ.

5. رەسۇلۇللاھ سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى بۇ خىل تەڭپۇڭلۇق بىزنىڭ كۆزلىرىمىزنى چاقنىتىدۇ. رەسۇلۇللاھ كىشىلەر بىلەن بىللە بولغاندا سورۇندىكى ئەڭ خۇشچىراي كىشى ئىدى، ئۆيىدىمۇ كۈلۈپ، كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى، كىشىلەر بىلەن بىللە بولغاندا خۇددى رەھمەت يامغۇرلىرىنى ئېلىپ كەلگۈچى مەيىن شامالغا ئوخشايتتى، ئۆيىدە بولسا ئايالىنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى، كىشىلەرنىڭ ئىچىدە باشقىلارغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان رەھبەر ھەم ئاياللىرىغىمۇ ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەر ئىدى.

شۇنداق كىشىلەر باركى، باشقا كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، قىلمىغان سىلىق – سىپايىلىكلىرى قالمايدۇ – يۇ، سۈر – ھەيۋىلىرىنى، كۆڭلىنىڭ قارىلىقلىرىنى ئاياللىرى ئۈچۈن ساقلاپ قويۇشىدۇ. ئۇلار باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ گۈزەل خۇلقلۇق بولسىمۇ، ئاياللىرى ئۇلاردىن تىل – ھاقارەت، ئازاب – تەشۋىشتىن باشقىنى ھېس قىلىشمايدۇ. ھالبۇكى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇنىڭ ئاياللىرى بۇ گۈزەل ئەخلاقتىن ئەڭ كۆپ بەھرىمەن بولىدىغانلاردىن ئىدى.

 

مەنبە: كان في مهنة أهله – عبد الوهاب الطريري https://ar.islamway.net/article /

تەرجىمىدە: چەشمەزۇلال

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز