پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى ۋاپادارلىق كارتىنىلىرى

 

سەييىد مۇھەممەد دىيب

ۋاپادارلىق ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە بايان قىلغان ئېسىل ئىسلامىي ئەخلاق بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپادارلىقى ئۇ زاتنىڭ ئۆچمەس ئىش – ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن. شۇنداقلا، ئىسلامىيەتنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەدەنىي بۇرۇلۇش دەپ قارىغان كۆپلىگەن ساھابىلىرىنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىمۇ گەۋدىلەنگەن. ئۇنداقتا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە جۇلالىنىپ تۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى، ھايات دېمەك ئېلىش ۋە تەقدىم قىلىش دېمەكتۇر.

1. ۋاپادارلىقنىڭ بىر قانچە مەنىلىرى          
ۋاپادارلىق ھەر ۋاقىت، ھەرقانداق يەردە گەۋدىلىنىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشى زۆرۈر بولغان ئىسلامىي ئەخلاقتۇر. چۈنكى، ئۆزگىرىشچان تۇرمۇش ۋە ئىنسانىي خۇسۇسىيەتلەر كىشىلەرنىڭ باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

مانا بۇ ۋاپادارلىق زاكات، سەدىقە، ياخشىلىققا ياردەم بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسلامىي ئەخلاق، ئىبادەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئەخلاقنى ئىجابىي شەكىلدە روياپقا چىقىرىش ھاياتقا خۇش تەم ۋە گۈزەل رەڭ بېغىشلايدۇ.

ۋاپادارلىق مۇكەممەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇ باراۋەرلىك يولىدىكى مۇلازىمەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى قاچۇرۇش ئەمەستۇر. ئۇ كىشىلەرنى ساپلىق، چىنلىق ۋە ئىخلاسمەنلىكنىڭ يۇقىرى دەرىجىسىگە ئۆرلىتىدىغان گۈزەل ئەخلاق پەزىلەتتۇر.

ۋاپادارلىقنىڭ ئەھدۇپەيمانغا رىئايە قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن شەكىللىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئىنسانلار ئارا ۋاپادارلىق قانداقلا شەكىلدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئىككىنچى بىر ئادەمگە ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى تەقدىم قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۆزئارا سىلە – رەھىم قىلىشىش، كۆيۈنۈش ۋە سەمىمىيەت شەكىللىنىدۇ.

بىز دېمەكچى بولغان ۋاپادارلىق باشقىلارنىڭ ھەق – ھۆرمىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ۋە خىيانەت قىلماسلىقتۇر. بۇ خۇددى بەزى ۋاقىتلاردا ھاياتنىڭ چىغىر يوللىرىدا مۆدۈرلۈپ يىقىلغان ياكى غەم – غۇسسە، ئۆتنە – قەرز، دەرد – كېسەللىك چىرمىۋالغان ۋەياكى ھاياتنىڭ بەزى لەززەتلىرىدىن مەھرۇمانە غېرىبلىقتا ياشاۋاتقان سادىق دوستىڭىزغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزگەندە ئىپادىلەنگەن ۋاپادارلىققا ئوخشايدۇ.

مانا بۇ قىزغىن جاۋاب قايتۇرۇش زامان ھادىسىلىرى ۋە ھايات قىيىنچىلىقلىرىغا قارشى تۇرۇشتا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئالاھىدە ئىجابىي ۋاپادارلىقتۇر.

بىز دېمەكچى بولغان ۋاپادارلىق يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىش – پائالىيەت، پېئىل – ئەتۋارلىرىدىن غايىب بولۇپ كەتكەن، پەقەت ئۆزلىرى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بولغان مەلۇم بىر ئىتتىرگۈچى كۈچنىڭ تەسىرىدىلا ھەرىكەت قىلىدىغان ئەخلاقتىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام مۇھەممەد غەززالىي رەھىمەھۇللاھ قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ۋاپادارلىقنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ قېرىنداشلىق ئاتالغۇسىنى تار مەنادا نەسەب جەھەتتىكى قېرىنداشلىققىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مىقياسىدىكى قېرىنداشلىققىمۇ ئىشلىتىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ۋاپادارلىق بولسا، بىر – بىرىنى ئۆلگەنگە قەدەر ياخشى كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئۆلگەندىن كېيىن بالىلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن دوستلىشىش دېمەكتۇر».

ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە ۋاپادارلىقنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ۋاپادارلىقنىڭ ئەنبىيا ۋە ئەلچىلىرىنىڭ سۈپىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ﴿ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى﴾(نەجم: 37)، دېگەن.

شۇنداقلا ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە ۋاپادارلىقنى تەقۋادار مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتى قىلىپ، مۇنداق دېگەن:

﴿ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە (يەنى، ئاللاھ تاپشۇرغان ئىشلارغا) ۋاپا قىلىدۇ، بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزمايدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش – ئەقرىبالارغا) سىلە – رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشتىن قورقىدۇ﴾(رەئد: 20 -، 21).

بۇلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاپادارلىقلاردىن سىرت، كىشىلەر ئارا ۋاپادارلىقنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىدۇر.

2. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ۋاپادارلىقىدىن نەمۇنىلەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسىيىتىدىكى ۋاپادارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىدا، بولۇپمۇ، باشقىلارغا ئېھسان ۋە ئىنئام قىلىشقا كۈچ – قۇدرىتى يېتىدىغان زامانلاردا دوستلۇقنى ساقلاش، ياخشىلىقنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئەڭ ياخشى شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇش جەھەتلەردە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئانىسى ئامىنەنىڭ قورسىقىدا ئىككى ئايلىق بولغان ۋاقتىدا ئاتىسى ئابدۇللاھ ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن توغما يېتىم، ئالتە يېشىدا ئانىسى ۋاپات بولغانلىقى ئۈچۈن قارا يېتىم چوڭ بولغان، 25 ياشقىچە ھاياتنىڭ ئاچچىق – چۈچۈك مۇساپىلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئاندىن خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىدكە ئۆيلەنگەن ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن كەمبەغەل ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنتايىن ئىشەنچىلىك ۋە ۋاپادار بولۇپ، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن، ئايالى خەدىجە خانىمنىڭ مېلى بىلەن تىجارەت قىلدى. رەسۇلۇللاھ خەدىجەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى قوغدىدى، خەدىجەمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئوبرازىنى قوغدىدى. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان/مۇسلىمە ئىدى. ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەستىن مال بىلەن ياردەم قىلاتتى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىر قانچە قىز – ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.

كېيىن خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋاپات بولغان يىلى ۋاپات بولۇپ كەتتى. مەزكۇر يىل «قايغۇ يىلى» دەپ ئاتالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەدىجەگە بولغان مۇھەببىتىدە ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ ئەسلەپ تۇراتتى.

ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇ تىلغا ئېلىنغان بىر ئىشنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇددى باشقا كۆپلىگەن ئاياللارغا ئوخشاش كۈنلەمچىلىك قىلىپ، خەدىجەنى مەقسەت قىلغان ھالەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئۇ بىر موماي ئىدى، مانا ئاللاھ ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىنى ئالماشتۇرۇپ بەرمىدىمۇ؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ ماڭا خەدىجەدىنمۇ ياخشىراقىنى ئالماشتۇرۇپ بەرمىدى. ئۇ كىشىلەر كاپىر بولغان چاغدا ئىمان ئېيتتى، كىشىلەر مېنى يالغانغا چىقارغاندا مېنى تەستىقلىدى، كىشىلەر مېنى مەھرۇم قويغان چاغدا ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلدى. ئاللاھ ماڭا باشقا ئاياللاردىن نېئمەت قىلىپ بەرمىگەن پەرزەنتنى ئۇنىڭدىن نېئمەت قىلىپ بەردى» دېگەن ئىدى (1).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۆزى بىلەن ياشىغان خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىشەنچىلىكلىكىگە ۋە سەمىمىي ساداقىتىگە گۇۋاھلىق بەرگەن. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ ئۆتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەتتا ئېرىدىن جۇدا بولغان يەككە – يالغۇز، ھېچقانداق كەسىپ قىلالمايدىغان ئاجىزە، ياشانغان ئاياللارغىمۇ بەك ۋاپادار ۋە كۆيۈمچان ئىدى. ئۇ دوستلۇق ۋە مېھىر – مۇھەببەتنى قوغداشتىمۇ ئۈممىتىگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا شەھەرلىك ئەرەبلەر، ئەۋلادلىرىنىڭ شەھەر بالىلىرىدا كۆرۈلىدىغان ھۇرۇنلۇق، تەييار تاپلىق ئىللەتلىرىدىن خالىي، بەدىنى تىمەن چوڭ بولۇشى ئۈچۈن بوۋاقلىرىغا سەھرالاردىن ئىنىكئانا تېپىپ بېرەتتى. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلىسىمۇ گۆدەك مۇھەممەدكە سەھرالاردىن ئىنىكئانا ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. ئاخىرى، بالا ئېمىتكۈچى ئاياللار ئىچىدىن بەنى سەئىد قەبىلىسىلىك ھەلىمە ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن ئېمىتمەكچى بولۇپ، سەھراغا ئېلىپ كەتتى• پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى سەئىد دىيارىدا ھەلىمەنىڭ بالىلىرى بىلەن ئېمىش ۋاقتى توشقۇچە تۇردى، ئاندىن ئۆزىنىڭ مەككىدىكى ئائىلىسىگە قايتتى. شۇندىن كېيىن ھەلىمەنىڭ ھاياتلىق كېمىسى يۈرۈۋەردى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ھەلىمە مەككىگە كېلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى خەدىجەگە ئېيتقاندا، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئىنىكئانىسى ھەلىمە ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەلىمەگە بىر تۆگە ۋە قىرىق قوي بەرگەن ئىدى.

ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ، ھۇنەين غازىتىدىن كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنىكئانىسى ھەلىمە يەنە بىر قېتىم كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەئرانە دېگەن جايدا گۆش تەقسىم قىلىۋاتاتتى. ئۇ زات ھەلىمەنى كۈتۈۋالغىلى چىقتى ۋە ھەلىمە يېقىنلاپ كەلگەن چاغدا، رەسۇلۇللاھ ئۆز يەكتىكىنى ئىنىكئانىسىغا يېيىپ سالدى، ھەلىمە ئۇنىڭدا ئولتۇردى. ئەتراپتىكىلەر:

 – بۇ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنىكئانىسى بولىدۇ، – دېيىشتى.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنىكئانىسىغىمۇ سىلە – رەھىم قىلىپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم قىلىپ تۇرغان ئىدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتىسىدىن مىراس قالغان دېدىكى (ئۇممۇ ئەيمەن) گە بولغان ۋاپادارلىقىنى بىر قانچە ئورۇنلاردا ئالاھىدە ئىپادىلىگەن. ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلىنىپ، ئازاد قىلغانغا قەدەر، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تۇرغان ئىدى.

ئۇممۇ ئەيمەننىڭ ئىسمى بەرەكە بولۇپ، ئۇ بىر ھەبەشىي قۇل بىلەن توي قىلغان ۋە توغۇلغان ئوغلىغا ئەيمەن دەپ ئىسىم قويۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇممۇ ئەيمەن (ئەيمەننىڭ ئانىسى) دەپ ئاتالغان. ئۇ مۇجاھىد ئاياللار قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۇ مەككىدىن مەدىنىگە پىيادە مېڭىپ ھىجرەت قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن خەيبەر ئۇرۇشىغا قاتناشقان.

ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كىچىك ۋاقتىدا تەربىيىلىگەن ۋە مېھرىبانلىق قىلغانلىقتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۇنى بەك قەدىرلەيتتى ۋە بەك ياخشى كۆرەتتى.

ئۇممۇ ئەيمەننىڭ يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ياتلىق قىلىش مەقسىدىدە: «كىمكى جەننەتىي ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇممۇ ئەيمەنگە ئۆيلەنسۇن!» دېگەن ئىدى.

مانا بۇ ئۇممۇ ئەيمەننىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىقتۇر. كېيىن ئۇنى زەيد ئىبنى ھارىسە نىكاھىغا ئالغان ئىدى.

تارىخچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇممۇ ئەيمەن بىلەن ئوينىشىپ، چاقچاقلىشاتتى.

بىر كۈنى ئۇممۇ ئەيمەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

− مېنى (بىرەر ئۇلاغقا) مىندۈرۈڭ، – دەپ تەلەپ قىلدى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

− مەن سىزنى بوتىلاققا مىندۈرەي، – دېگەندە، ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھا:

− ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بوتلاق مېنى كۆتۈرەلمەيدۇ، مەنمۇ بوتلاقنى خالىمايمەن، – دېدى. رەسۇلۇللاھ:

– مەن سىزنى پەقەت بوتلاققىلا مىندۈرىمەن، – دەپ، ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى ۋە ئۇممۇ ئەيمەنگە قىلغان چاقچىقىنىڭ سىرىنى: «ھەرقانداق تۆگە بوتىلاق (تۆگە بالىسى) بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈرۈپ قويغان ئىدى.

دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ چاقچاق قىلاتتى، لېكىن راستنىلا دەيتتى.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىسىدىكى ۋاپادارلىق ناھايىتى كۆپ ئورۇنلاردا ئىپادىلەنگەن، بولۇپمۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاپادارلىق ھىجرەت يولىدا، غاردا تۈنىگەندە ۋە كېچە – كۈندۈز بىللە مەدىنىگە سەپەر قىلغاندا ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەنگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە ناھايىتى قويۇقلىشىپ كەتكەن، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھېچقانداق نەرسە تەمە قىلماستىن، ئىنتايىن كۆپ ياخشىلىق ۋە بەخش – ئېھسانلارنى تەقدىم قىلغان.

بۇ ياخشىلىقلارنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنتۇپ قالمىغان بولۇپ، بىر قانچە سورۇندا ئەبۇ بەكرىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭ نەزىرىمدە ئەبۇ بەكرىدىن كاتتىراق بىراۋ يوق، ئۇ ماڭا جېنى ۋە مېلى بىلەن ياردەم قىلدى ۋە قىزىنى نىكاھلاپ بەردى»(2).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ماڭا ھېچقانداق مال ئەبۇ بەكرىنىڭ مېلى مەنپەئەت قىلغاندەك مەنپەئەت قىلمىدى» دېۋىدى، ئەبۇ بەكرى: «مەن ۋە مېنىڭ مېلىم پەقەت سەن ئۈچۈن» دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى(3).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىدىكى ۋاپادارلىق ئۇنىڭ ئەر ۋە ئايال ساھابىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدە مۇجەسسەملەنگەن ئىسلامىي ئەخلاق ئىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشى ۋە ئۆزئارا ۋاپادارلىقنى بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش، دوستلىشىش، ياردەملىشىش، ياخشىلىققا يېتەكلەش، «قۇرئان كەرىم» ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىش بىلەن روياپقا چىقىرىشى لازىمدۇر.

تەۋپىق بەرگۈچى ۋە توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى يېگانە ئاللاھ تائالادۇر.

 

مەنبە: «ئەزھەر» ژۇرنىلى، 2014 – يىللىق 8 – سان.

تەرجىمىدە: ئابرال

——————————-
1. ئىمام ئەھمەد ۋە تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان.
2. ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.
3. ئىمام ئەھمەد ۋە تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز