تاكسىدا يات ئايالنى يالغۇز توشۇشنىڭ ھۆكمى

تاكسىدا يات ئايالنى يالغۇز توشۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئۆز ۋاقتىدا ئىبنى ئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بىر پەتۋاسىدا شەخسىي ماشىنىغا يات ئايالنى چىقىرىۋالسا خالىيلىق شەكىللىنىدۇ. ئەمما، تاكسىدا سىرتتىكى ئادەملەر ماشىنىدىكى ئادەملەرنى ئېنىق كۆرەلىسە، خالىيلىق شەكىللەنمەيدۇ ھەم ئايال چىقسا بولىدۇ، دېگەنلىكىنى كۆرگەن. بىر قېرىندىشىم: تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى، ئەتىگەن – كەچتە تاكسىچىلىق قىلغان ئىدى. بەزى چاغدا ئايال كىشى چىقىدىكەن، خالىيلىق شەكىللىنەمدۇ، توغرا بولامدۇ – بولمامدۇ، دەيدۇ. ماشىنىسىنىڭ ئەينەكلىرىدە سىرتتىن غۇۋا كۆرىنىدىغان رەڭلىك چاپلاق بار ئىكەن.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن مەھرىمى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا خالىي يەردە بىللە بولمىسۇن» دېگەن ئىدى، بىر كىشى:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! ئايالىم ھەجگە چىقماقچى بولدى، مەن مۇنداق – مۇنداق غازاتلارغا چىقىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

قايتىپ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىل، ــ دېدى.(1)

يەنە بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن خالىي يەردە بىللە تۇرمىسۇن، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى چوقۇم شەيتان بولىدۇ» دېگەن. بىر كىشى:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! مەن مۇنداق – مۇنداق غازاتلارغا چىقىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى بولدى، ــ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ بېرىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە ھەج قىل، ــ دېدى.(2)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرلىرىدا ئاقىدۇ» دېگەن.(3)

ھەدىسلەردىكى «خالىي يەردە بولۇش» ئەر كىشىنىڭ يات ئايال بىلەن ئۇلارنى بىركىم كۆرمەيدىغان يەردە يالغۇز تۇرۇشىدۇر.(4)

ئەھلى ئىلىملەرمۇ ئەر كىشىنىڭ يات بىر ئايال بىلەن خالىي يەردە تۇرۇشىنى ھارام دەپ ئىجماﺋ قىلىپ چەكلىگەن. ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ھەدىس شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «يات ئايال يات ئەر بىلەن خالىي بولغان ئەھۋالدا، ئۇلار بىلەن ئۈچىنچى بىرەيلەن بولمىسا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر. شۇنداقلا، ئۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە ئۇنىڭدىن ھايا قىلىنمايدىغان ئىككى – ئۈچ ياشلىق بالىلار ۋە شۇلارغا ئوخشىغانلار بولسىمۇ بەرىبىر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بىللە بولۇشى يوقنىڭ ئورنىدا. شۇنداقلا بىر نەچچە ئەر كىشى يات بىر ئايال بىلەن خالىي جەم بولسىمۇ ھارام بولىدۇ. ئەمما، بىر ئەر يات بىرقانچە ئايال بىلەن خالىي جەم بولسا، توغرا قاراشتا جائىز بولىدۇ».(5)

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى، شۇنداقلا بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق بىر بۆلەك ئالىملار ئايال كىشىنىڭ يالغۇز ھالەتتە يات شوپۇر بىلەن بىر ماشىنىغا چىقىشىنى ھارام دەپ قارىغان ۋە سىرتىدىكىلەر تاكسىنىڭ ئىچىنى ئېنىق كۆرىدىغان بولسا ياكى شەھەر ئىچى كوچىلىرىدا ماڭسا رۇخسەت دەپ قەيت قىلمىغان. چۈنكى، بۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا يالغۇز ئايالنىڭ يات شوپۇر بىلەن ماشىنىدا خالىي ئولتۇرۇشىدىن ھەدىستە چەكلەنگەن خىلۋەت جايدا نامەھرەم بىلەن ئولتۇرۇش شەكىللىنىدۇ.

بۇلار يەنە مۇنداق دېگەن: «شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان خالىي يەردە بىللە تۇرۇشتىن، ئەر كىشىنىڭ نامەھرەم ئايال بىلەن بىر ئۆيدە كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يىراق يالغۇز تۇرۇشىلا مەقسەت قىلىنماستىن، بەلكى يەنە ماشىنىدا بولسۇن ياكى مەيداندا بولسۇن ۋە ياكى باشقا يەردە بولسۇن، كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ باشقىلار ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىمايدىغان ئورۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، خالىي بىللە تۇرۇش زىناغا ئېلىپ بارىدىغان بىر سەۋەب بولغانلىق جەھەتتىن چەكلەنگەن. شۇڭا، مۇشۇ مەزمۇن كىملەردە تېپىلسا، ئۇلار كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يىراق خىلۋەتتە تۇرغاننىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ».(6)

«كوچا – كويلار ۋە ئاممىۋىي سورۇنلاردا خالىيلىق شەكىللىنەمدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئىلگىرىكى ئۆلىمالاردىن ئىمام ئىبنى مۇفلىھ: «چەكلەنگەن خالىيلىق دېگەن ئۆيلەردە بولغىنىدۇر. ئەمما، كوچىلاردىكى خالىيلىق بولسا ئۇنىڭ قاتارىدىن سانالمايدۇ» دېگەن.(7)

ئەمما، كوچىدىكى ماشىنىنىڭ ئىچىچۇ؟ بۇ ئىككى ئېھتىماللىق ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ. باشقا كىشى كىرەلمەيدىغان ھازىرقى ماشىنىلارنى ئەينى دەۋردىكى ئۆيلەرگە ئوخشاتساق، خالىيلىق شەكىللىنىدۇ.

يەنە بەزى ئالىملار ئىچى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم كۆپ كوچىلاردا ماڭغان كىچىك ماشىنىلاردا خاتىرجەملىك بولۇپ، گۇمان ۋە فىتنە – پاسات بولمىسا، بۇ خالىيلىق شەكىللەندۈرمەيدۇ، ئايال كىشى يات ئەردىن يىراق ئولتۇرۇشى شەرت دەپ قارايدۇ.

سەھىھ ھەدىسلەردە كىشىلەر ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان جايدا پاراڭ قىلسا، خالىيلىق شەكىللەنمەيدىغانلىققا دەلىل بار. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەنسارلاردىن بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايال بىلەن بىر چەتتە ئايرىم تۇرۇپ سۆزلىشىپ، ئاخىرىدا: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ماڭا كىشىلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈكى» دېدى.(8)

ئىمام بۇخارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ ھەدىسنى ئەر كىشى يات ئايال بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا خالىي تۇرسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەرمۇ بۇ ھەدىستىن ئايال كىشى ئايرىم سورايدىغان دىنىي سوئالى ياكى گەپ – سۆزى بولۇپ، كىشىلەر ئالدىدا سورىيالمايدىغان بولسا، خاتىرجەملىك بولغان ئەھۋالدا، يات ئەر بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولىدىغان دەرىجىدە خالىي بولماستىن، كىشىلەر سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغۇدەك دەرىجىدە، كوچىدا كىشىلەردىن نېرىراق تۇرۇپ پاراڭلاشسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بارلىقىنى يەكۈنلىگەن.(9)

دېمەك، ھازىرقىدەك خاتىرجەملىك بولمىغان شارائىتتا، يات ئەر بىلەن ماشىنىدا يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا نىسبەتەن بۇ ئولتۇرۇش خالىيلىق دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟ بۇنى يۇقىرىقى ھەدىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائسىغا تەتبىقلاشتا ئەمەلىي ئەھۋاللارنىڭ ھەر خىل دەرىجىدە بولۇشى ھۆكۈمنىڭ ھەر خىل دەرىجىدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يەنە كېلىپ، خالىيلىق شەكىللەندۈرمىگەن ئەھۋالدىمۇ، بەزى جەمئىيەتتىكى شوپۇر ياكى يولۇچى ئاياللارنىڭ ھاياسىزلىقى، يېرىم – يالىڭاچ كىيىنىشى تۈپەيلى، نامەھرەملەر ئارا پاراڭ سېلىش، قارىشىش ۋە چاقچاقلىشىش، شۇنداقلا ۋەدىلىشىش قاتارلىق ناشايان ئىشلار يۈز بېرىش ۋە يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

ھازىرقى دەۋردە بۇ تۈرلۈك قاتناش قىيىنچىلىقىغا ئومۇم كىشىلەر دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، ئىككى ئەھۋالنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش مۇۋاپىق:

1. شەھەر ئىچى ئاۋات كوچىلاردا ماڭىدىغان بولسا، ماشىنىنىڭ ئىچى كوچىدىكىلەرگە كۆرۈنىدىغان بولسا، ئايال كىشى ئارقىدا ئولتۇرسا، نامەھرەمگە تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە ئېھتىياجدىن ئارتۇق گەپ – سۆز قىلماسلىق شەرتى بىلەن يات ئايالنى توشۇپ قويسا بولىدۇ. ئەلبەتتە، دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ماڭغان ئاياللارنى دوختۇرخانىغا، خەۋپلىك ئورۇندا قالغان ئايالنى بىخەتەر جايغا يەتكۈزۈپ قويۇشتىنمۇ باش تارتماسلىق كېرەك.

2. شەھەر سىرتى ياكى خىلۋەت كوچىلارنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولسا، كېلىپ چىقىدىغان ناشايان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يات ئايالنى توشۇشقا بولمايدۇ. ئىچى كۆرۈنمەيدىغان ماشىنىلاردا تېخىمۇ شۇنداق.

قانداقلا بولمىسۇن، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارىدىغان ئايالنى ئاپىرىپ قويۇشتىن باشقا ئەھۋالدا، تۇرمۇش ماشىنىسىدا كىرا قىلىدىغان كىشى توشۇش – توشىماسلىق ئىختىيارىدا بولغاندىن كېيىن، يات ئايالنى يالغۇز توشۇمىغىنى تۈزۈك. رەسمىي تاكسىچىلار ھەرقانداق يولۇچىنى ئېلىش مەجبۇر بولغان ئەھۋالدا، ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇش، تىكىلىپ قارىماسلىق ۋە بىھۇدە گەپ – سۆز قىلماسلىق قاتارلىق شەرتلەرگە دىققەت قىلغان ئاساستا، يات ئايالنى يالغۇز توشۇپ قويسا مەيلى.

يالغۇز بىر يەرگە بېرىش ئېھتىياجى بولغان ئايالمۇ، بىرەر ئايالنى ياكى مەھرەم تۇغقىنىنى بىللە بېرىشقا توغرىلىشى لازىم. ھەمراھ تاپالمىغان ئەھۋالدا يالغۇز تاكسىدا ئولتۇرماي، ھەمراھ ئىزدىشى ياكى خاتىرجەم ئاممىۋىي قاتناشتا بېرىشى لازىم.

ئەلبەتتە، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، خاتىرجەملىك ۋە تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئەدەبلىك بولۇشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، شەھەر ۋە رايونلارغا قاراپ، شۇنداقلا كېچە ياكى كۈندۈز ۋاقتىغا، بېسىپ ئۆتىدىغان يوللارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 13 – سەپەر/ م. 2016، 13 – نويابىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 70 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5233)؛ «مۇسلىم»، (1341).
2. «تىرمىزىي»، (1171)؛ «ئەلمۇستەدرەك»، (387). تىرمىزىي، ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئالبانىيلار: «سەھىھ» دېگەن.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2038)؛ «مۇسلىم»، (2175).
4. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 19/267.
5. نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 9/109.
6. ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 5/153.
7. «فتاوى علماء البلد الحرام»، 1944 – 1950 – بەتلەر. 118 – 120 – نومۇرلۇق پەتۋالار. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 17/57؛ شيخ العثيمين: «فتاوى المرأة المسلمة»، 2/ 554، 555.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5234)؛ «مۇسلىم»، (2509). .
9. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 9/333.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ