پۇل يۆتكەشكە ئالاقىدار ئەھكاملار

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بىز بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە پۇل ئەۋەتمەكچى بولغان تىجارەتچىلەرنىڭ پۇللىرىنى يۆتكەپ بېرىمىز. بىز پۇلنى ئەۋەتىلىدىغان دۆلەتنىڭ پۇلىدا تاپشۇرۇپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ياكى بىرەر كۈندىن كېيىن بىزگە ئالدىن پۈتۈشكەن باھادا دوللار بېرىدۇ. بۇ خىل پۇل يۆتكەپ بېرىش توغرا بولامدۇ؟ توغرا بولمىسا بۇ ئىشنى قىلىشتىكى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئۇسۇل قايسى؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

تىجارەت ۋە باشقا مەقسەت ئۈچۈن بىر جايدىن يەنە بىر جايغا مەبلەغ يۆتكەشكە ئېھتىياج كۆرۈلگەندە، ئارىلىق يىراق ياكى يول خاتىرجەم ئەمەس، ياكى يۆتكەش قىيىن بولغانلىقتىن پۇلنى باشقىلار ئارقىلىق يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ.

پۇل يۆتكەپ بېرىش ئىشلىرى بىر قاراشقا قەرزگە، بىر قاراشقا ھاۋالىگە، يەنە بىر قاراشقا ۋاكالەتكە، ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە پۇلنى باشقا تۈر پۇلغا ئالماشتۇرۇش بىلەن بولىدۇ. شۇڭا، خاتا ئۇسۇلدا يۆتكىگەن ئەھۋالدا جازانىگە يېتىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، پۇل ئېلىپ – سېتىشتا، ئادەتتىكى تاۋار سودىسىدا شەرت قىلىنغان شەرتلەردىن باشقا نەقمۇنەق بولۇشى سەھىھ ھەدىسلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىجماسى بىلەن شەرت.

شۇڭلاشقا پۇل يۆتكەشتە ئەڭ ساغلام ئۇسۇل تۆۋەندىكىچە:

1. ئەگەر ئەۋەتىلمەكچى بولغان پۇلنى ئوخشاش تۈردىكى پۇلدا يۆتكەپ بېرىدىغان بولسا، يەنى پۇل ئەۋەتكۈچى پۇل يۆتكەپ بەرگۈچىگە دوللار بەرسە، بۇنى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا دوللار ھالىتىدە يەتكۈزۈپ بەرسىمۇ، رىيال ئېلىپ رىيال يەتكۈزۈپ بەرسىمۇ، ئىشقىلىپ ئوخشاش تۈردە يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

ئەتا ئىبنى ئەبى راباھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير مەككىدە تۇرۇپ كىشىلەردىن تەڭگە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئىراقتىكى قېرىندىشى مۇسئەب ئىبنى زۇبەيرگە مەكتۇب يازسا، پۇل ئىگىلىرى ئۇنىڭدىن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى. بۇ ئىش ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن سورالغاندا، ئۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇنىڭغا:

ــ ئۇلار بەرگەن تەڭگىلىرىدىن ياخشىراق (پىرسەنتى يۇقىرىراق دېمەكچى) تەڭگە تاپشۇرۇپ ئالسىچۇ؟ ــ دېيىلگەندە، ئۇ:

ــ ئۇلار بەرگەن تەڭگىلىرىنى ئوخشاش ئېغىرلىقتا تاپشۇرۇپ ئالسا يېتەرلىك، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن([1]).

لېكىن، بۇ ۋەقەلىكتە تەڭگىنى تەڭگىگە يۆتكەش تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىلگىرىكى زامانلاردا تەڭگىلەرنىڭ ساپلىق پىرسەنتى ئوخشاش بولمىغاچقا، تەڭگىسىنىڭ ئورنىغا ساپراق تەڭگە تاپشۇرۇپ ئالسىمۇ ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولسا ساھابە كىراملار جائىز دېگەن([2]).

«ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى»نىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «مەلۇم بىر تۈردىكى مەبلەغنى شۇ تۈردىكى مەبلەغدە ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىش شەرئەن جائىز. ھەقسىز بولسۇن ياكى ھەقلىق بولسۇن ئوخشاش»([3]).

2. ئەگەر پۇلنى باشقا تۈردىكى پۇلدا يۆتكەپ بېرىدىغان بولسا، مەسىلەن دوللار بەرسە، ئۇنى رىيال قىلىپ يۆتكەپ بېرىشكە توغرا كەلسە، بۇ ئەھۋالدا ھاۋالە ياكى ۋاكالەت ئىشىدىن سىرت پۇل ئايرىۋاشلاش سودىسىمۇ بولغاچقا، ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن بويىچە سودا نەقمۇنەق بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ يولى: مۇمكىن بولسا، ھەرئىككى جايدىكىلەر مەلۇم بىر سائەتتە كۆرۈشۈشكە پۈتۈشسە، ئاندىن پۇل ئەۋەتكۈچى ئاشۇ سائەتتە پۇلنى (مەسىلەن 1000$) پۇل يۆتكىگۈچىگە بەرسە، پۇل يۆتكىگۈچىنىڭ يەنە بىر جايدىكى ۋەكىلىمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پۇل ئەۋەتكۈچىنىڭ ۋەكىلىگە (مەسىلەن، 1000$ بەدەلىگە 3750 رىيال) تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. پۇل بېرىش ۋە تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىشى بۇ تۆت كىشىنىڭ ئىككى جايدا ئۇچرىشىپ تۇرغان ۋاقتىدا بولۇپ، ئىككى مۇۋەككىل بىر – بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن بىرىنىڭ ۋەكىلى يەنە بىرىنىڭ ۋەكىلىگە پۇلنى تاپشۇرسا، توغرا بولىدۇ. چۈنكى ۋەكىلنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇۋەككىلنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە، دوللار باشقا تۈرگە نەقمۇنەق ئالماشتۇرۇلغان ھېسابتا بولۇپ، جازانە شەكىللەنمەيدۇ.

3. ئىككى كىشى ئۇچرىشىپ بىرى يەنە بىرىنىڭ باشقا دۆلەتتىكى بانكا ھېسابىغا بىر خىل پۇلنى ئۇرۇپ بەرسە، ئۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ يەنە بىر خىل پۇلنى نەق بەرسىمۇ ياكى بانكا ھېسابىغا ئۇرۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىش بولىدۇ.

ئىككى كىشى ئۇچراشماي، تېلېفون ياكى ئۇچۇر – ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا نەق مەيدان كۆرۈشۈپ بىر خىل پۇلنى يەنە بىر خىل پۇلغا يۆتكىگەن ئەھۋالدا، پۇلنىڭ ھەرئىككىسىنى ياكى بىرىنى كېيىن بېرىدىغان بولسا توغرا بولمايدۇ. چۈنكى توختام سورۇنىدا نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلمىغان بولىدۇ. ئەمما نەق مەيدان كۆرۈشۈش ئەسناسىدا ئايرىلماي تۇرۇپ ھەرئىككى تەرەپ پۇلنى بانكا ھېسابىغا ئۇرۇپ بەرسە ياكى تور ئارقىلىق مەلۇم ئۇسۇلدا تاپشۇرۇپ بەرسە، ياكى قارشى تەرەپنىڭ ۋەكىلىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلغان بولىدۇ – دە سودا توغرا بولىدۇ.

4. پۇل ئەۋەتمەكچى بولغان كىشى سوممىنى پۇل يۆتكەپ بېرىدىغان كىشىگە تاپشۇرۇپ ئۇنى پۇل ئالماشتۇرۇش ۋە يۆتكەش ئىشىدا ۋەكىل قىلسا جائىز بولىدۇ. مەسىلەن، ئىستانبۇلدا بىرسىگە 1000$ بېرىپ بۇ پۇلنى رىيالغا ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئۇ كىشىنى ۋەكىل قىلسا، ۋەكىل ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ بەرسە جائىز بولىدۇ. بۇنىڭغا كېلىشىپ ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ. بۇ خۇددى سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئاغىنىسىگە ماۋۇ 100$ نى تېگىشىپ پالانىغا ئالغاچ بارسىلا دېگەنگە ئوخشايدۇ. دېمەك، ئۇ كىشى پۇلنى ئۆزى يېنىدىن ئالماشتۇرماي، مۇۋەككىل تەلىپى بويىچە بىرسىدىن ئالماشتۇرسا، پۇل ئالماشتۇرۇش نەقمۇنەق بولسا، كېيىن ئالماشتۇرۇلغان پۇلنى يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا پۇل ئەۋەتكۈچى پۇل يۆتكىگۈچى بىلەن پۇل ئالماشتۇرمىغان. پۇل ئەۋەتكۈچىنىڭ ۋەكىلى يەنى پۇل يۆتكىگۈچى ۋەكىل سۈپىتىدە باشقا بىرسى بىلەن نەقمۇنەق پۇل ئالماشتۇرغان.

ئەگەر پۇلنى ئۆز يېنىدىن ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولسا، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەم ئالغۇچى ھەم ساتقۇچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ قولىغا نەقمۇنەق تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى تېپىلمىغان بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا پۇل ئەۋەتكۈچى پۇل يۆتكىگۈچى بىلەن پۇل ئالماشتۇرغان ۋە بىر پۇل نەق، يەنە بىرسى نېسى بولغان. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بۇ جائىز بولمايدۇ. ئىمام شافىئىي: «بىر كىشى بىر كىشىنى ئۇنىڭغا پۇل ئايرىۋاشلاپ بېرىشكە ياكى بىر نەرسە سېتىپ بېرىشكە ۋەكىل قىلسا، ۋەكىل ئۇ نەرسىنى ئۆزى بازار باھاسىدا، ياكى ئەرزان، ياكى قىممەت، سېتىۋالسا جائىز بولمايدۇ» دېگەن ۋە كۆپچىلىك ئالىملار مۇۋەككىل بۇنىڭغا رۇخسەت قىلسىمۇ جائىز بولمايدۇ، دەپ قارىغان([4]).

5. ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ۋە ۋەتەن تۇپراقلىرىدىكى ئەزىز مىللىتىمىز خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك قاتتىق قامال ئىچىدە قالغاچقا، ۋەتىنىمىزدىن پۇل ئەكەلدۈرۈش ۋە ئۇ يەرگە پۇل ئەۋەتىش ئىشلىرىدا زۆرۈرىيەت تۈپەيلى پۇل ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلاردا ۋەكىل ئۆز يېنىدىن ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بولسا مەيلى، دېسەك بولىدۇ. لېكىن نائېنىقلىق كاشىلىسىغا دەسسەپ كېيىنچە تالاش – تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ پۇل ئالماشتۇرۇش باھاسىغا ۋە پۇل ئەۋەتىلگەن جايدا قانچە پۇلنى قاچان بېرىدىغانلىقىغا ئالدىن پۈتۈشسە بولىدۇ. بۇنى ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە ھالەت ۋە زۇلۇم ئاستىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان شارائىتتا باشقا چارە تېپىلمىسا، ئامالسىزلىقتىن قىلسا مەيلى. بۇنىڭغا ئۇرۇش رايونلىرىدەك بەزى جايلاردا ئالىملار رۇخسەت قىلغان([5]).

ئەمدى مەزكۇر سوئالدىكى يۆتكەش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە ئەگەر پۇل ئەۋەتكۈچىنىڭ ۋەكىلىگە ئالدىن بېرىلگەن پۇل قەرز بولۇپ، ئۇ قەرزنى كېيىنچە باشقا دۆلەتتە قايتۇرغاندا رىيال قايتۇرسا ياكى قايتۇرىدىغان كۈنى قولىدا رىيال بولمىسا شۇ كۈننىڭ باھاسىدا ھېسابلاپ دوللار ياكى باشقا تۈر پۇل قايتۇرسا بۇ ئىش توغرا بولاتتى.

لېكىن، پۇل ئەۋەتكۈچى قولىدا نەق پۇل يوق ۋە باشقا دۆلەتتە نەق پۇلغا ئېھتىياجى بار، شۇڭا بۇ قەرزنى بىرنەچچە كۈن ياكى بىرەر ھەپتە ئىچىدە قولىغا پۇل چۈشكەندە بەرمەكچى بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىش باشقا دۆلەتتە قەرز بېرىش ۋە ئۇ قەرزنى باشقا دۆلەتتە دوللار شەكلىدە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، قەرز بەرگۈچىگە يا دوللار باھاسى ياكى باشقا تەرەپتىن مەنپەئەت قوشۇلۇپ كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغاچقا، جازانە شۈبھىسى بار، دېيىش مۇمكىن.

يەنە، قەرز بەرگەندە قەرزنى كېيىنچە باشقا تۈردە قايتۇرۇش شەرت قىلىنسا بولمايدۇ. يەنى دوللار قەرز بەرگەندە ئۇنى كېيىنچە رىيال قايتۇرىسىز، دەپ پۈتۈشۈش شەرئەن توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدا پۇل ئالماشتۇرۇش نېسى بولۇپ قالغان بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق باغلاپ قويغان ئەھۋالدا، ئېغىر نامەلۇملۇق كېلىپ چىقىدۇ ھەم ئىككىلا تەرەپ كېيىنچە، ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. نەتىجىدە، توختامنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان «ئېنىق بولۇش شەرتى» تېپىلمىغان بولىدۇ. قەرزنى باغلاپ قويغان نەرسە ئۆرلەشكە قاراپ ماڭسا، گەردەندىكى قەرزدىن ئارتۇق نەرسە قايتۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە بۇ ئارتۇق نەرسە جازانە بولىدۇ([6]). مەسىلەن، 60 مىڭ يۈەن قەرز بەردى ۋە بۇنى 10 مىڭ دوللار قايتۇرىدىغانغا بېكىتىپ قويدى. كېيىن قايتۇرغان كۈندە بۇ 10 مىڭ دوللارغا 61 مىڭ يۈەن كېلىدىغان بولسا، قەرزگە مىڭ يۈەن قوندى دېگەن گەپ.

«ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيەسى»نىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن: «مەلۇم بىر تۈر پۇل بويىچە بېرىلگەن قەرزنى قەرزدار كېيىنچە ئالتۇن ياكى باشقا پۈتۈشكەن تۈردىكى پۇلدا قايتۇرۇشى ئۈچۈن قەرزدارنىڭ گەردىنىگە ئالتۇن ياكى باشقا بىر تۈردىكى پۇل قىممىتى بويىچە يېزىپ قويۇشقا بولمايدۇ»([7]).

مەزكۇر مۇئامىلىگە يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپ باشقا دۆلەتتە بەرگەن قەرزنى باشقا دۆلەتتە دوللار قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت پۇل ئالماشتۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن بولىدۇ ۋە بۇ ۋەدىدىن ھېچبىر تەرەپ يانالمايدۇ. پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسىغا ۋەدىلەشكەن ئەھۋالدا، يېنىۋېلىش ئىختىيارلىقى بولمىسا بۇنداق ۋەدىلىشىش ھارامدۇر. چۈنكى بۇ ۋەدىلىشىشنىڭ ئۆزى توختام ھۆكمىنى ئېلىپ، پۇلنى نېسى ئالماشتۇرغان ھېسابتا بولىدۇ. بۇ تۈرلۈك ۋەدىلىشىشنى «ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى» قۇرئان – ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسى بىلەن جائىز بولمايدۇ، دەپ چەكلىگەن([8]).

شۇڭا، بۇ تەرىقىدە مۇئامىلە قىلماي، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرىدە مۇئامىلە قىلىش كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ.

پۇل يۆتكەش ئىشىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئەسكەرتىپ قويۇش پايدىلىق دەپ قارايمەن:

1. پۇل يۆتكەشتە ھەربىر قېتىملىق يۆتكەشكە مۇنچىلىك (مەسىلەن $100) دەپ ھەق ئالسىمۇ، يۆتكىگەن مەبلەغنىڭ مەلۇم پىرسەنتى (مەسىلەن %1) دەپ نىسبەت بويىچە ھەق ئالسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ، ئىش ئۈچۈن بېرىلگەن تاپان ھەققى بولۇپ، ئىشىغا پىرسەنت بويىچە ھەق ئالسىمۇ، مەلۇم مىقداردا پۇل ئالسىمۇ جائىز بولىدۇ([9]).

2. پۇل يۆتكىگۈچى مەلۇم بىر ئادەمنىڭلا پۇلىنى يۆتكەيدىغان بولسا بۇ ئەھۋالدا سومما پۇل يۆتكىگۈچىنىڭ قۇسۇرىسىز يوقاپ كەتسە تۆلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر شەخس تەرىپىدىن ياللانغۇچى بولىدۇ. ئەمما، ھەممە ئادەمنىڭ پۇلىنى يۆتكەيدىغان بىرى بولسا، سومما قانداق بىر سەۋەبتىن يوقاپ كەتسە كەتسۇن پۇل يۆتكىگۈچى ئۇنى چوقۇم تۆلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئورتاق ياللانغۇچى بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا پۇلنى تۆلەيدىغانلىقى «ئىسلام فىقھ ئاكادېمىيىسى» تەرىپىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن([10]).

3. پۇل ئالماشتۇرغاندا باھا بازار باھاسىدا، ياكى سەل تۆۋەن، ياكى سەل يۇقىرى بولسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا بىر تەرەپنى گوللاش بولمىسا، ئاندىن يۇقىرىدا دېيىلگەندەك قەرزگە مەنپەئەت قوندۇرۇش بولمىسىلا مەيلى. مەسىلەن، دوللار باھاسى 7.55 بولسا، 7.53 ياكى 7.57 گە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن ياكى يۇقىرى پۈتۈشسىمۇ مەيلى. چۈنكى ئېلىم – سېتىم ئىككى تەرەپنىڭ رازىلاشقان باھادا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 09. 25

————————————————————-
([1]) «ئەسسۇنەنۇل كۇبرا»، بەيھەقىي، 11266 – ھەدىس؛ سەنەدى سەھىھ. «ئىئلائۇسسۈنەن»، تەھانەۋىي، 13 – توم، 6442 – بەت؛ «التكميل لما فات تخريجه من إرواء الغليل»، صالح بن عبدالعزيز آل الشيخ، 81 – بەت. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ئوخشاش قاراش ئاجىز سەنەد بىلەن كەلگەن.
([2]) بۇ بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى كونا دوللار بىلەن يېڭى دوللارغا ئازراق ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن. يەنى كونا 50 مىڭ دوللار بېرىپ ئۇنى باشقا جايدا قايتۇرغاندا، يېڭى 50 مىڭ دوللار قايتۇرسا بولىۋېرىدۇ.
([3]) قرارات (مجمع الفقه الإسلامي بجدة) في دورته (التاسعة)، قرار رقم 84 (9/1).
([4]) «ئەلئۇم»، شافىئىي، 3 – توم، 32 – بەت؛ «البحر الرائق»، ابن نجيم، 7 – توم، 167 – بەت؛ «الفواكه الدواني»، النفراوي، 7 – توم، 314 – بەت؛ «مغني المحتاج»، الخطيبُ الشربيني، 2 – توم، 225 – بەت؛ «المغني»، 6 – توم، 353 – بەت؛ «مجلة الأحكام العدلية»، 1496 – ماددا.
([5]) «فتاوى نور على الدرب»، 1 – توم، 233 – بەت.
([6]) القرار رقم: 115 (9/12) بشأن موضوع التضخم وتغير قيمة العملة. مجلس مجمع الفقه الإسلامي المنعقد في دورته الثانية عشرة بالرياض من 25 جمادى الآخرة غلى غرة رجب 1421هـ، الموافق 23 – 28 (سبتمبر) 2000م.
([7]) القرار رقم: 75 (6/8) بشأن موضوع قضايا العملة. مجلس مجمع الفقه الإسلامي 1993.
([8]) مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنبثق عن منظمة المؤتمر الإسلامي في دورة انعقاد مؤتمره الحادي عشر بالمنامة في مملكة البحرين، من 25 – 30 رجب 1419هـ، الموافق 14 – 19 تشرين الأول (نوفمبر) 1998م.
([9]) «المعيار الشرعي»، رقم (1) المتاجرة في العملات؛ «فقه المعاملات المصرفية»، دكتور يوسف بن عبدالله الشبيلي، 18 – بەت.
([10]) مجمع الفقه الإسلامي الدولي المنعقد في دورة مؤتمره التاسع في أبوظبي، مرجع سابق،  1415هـ، 1995م، بشأن الحلول الشرعية لاجتماع الصرف والحوالة.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز