ھەيزدارلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشى

«قۇرئانچىلار» كۆتۈرۈپ چىققان ئېتىقادىي ۋە فىقھىي مەسىلىلەر

 

2. ھەيزدارلارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشى

 

ھەيزگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار شەرىئەتتىكى چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ، مۇھىم بولغان ئەھكاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ياخشى چۈشىنىۋالمىغاندا دىننىڭ باشقا ئەھكاملىرىغىمۇ جايىدا ئەمەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھكاملار پەقەت خانىم – قىزلارغىلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى ئەرلەرنىڭمۇ ياشاش پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

شەرئىي جەھەتتىن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا ھەيزدار روزا تۇتمايدۇ، تۇتسا روزىسى ئىناۋەتسىز، قۇرئاننى تۇتمايدۇ، كەئبىنى تاۋاپ قىلمايدۇ، مەسجىدتە تۇرمايدۇ، ئېرى ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمايدۇ([1]). ئومۇمەن: ناماز، رامىزان، ئىددەت، نەپىقە، ھەج، مەسجىدلەرگە كىرىش، تاۋاپ قىلىش… قاتارلىق نۇرغۇن ئەھكاملار ھەيزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئادەتتە، ئاياللاردىن كېلىدىغان خۇن: ھەيز، نىفاس، ئىستىھازە (خۇن كېسىلى) قاتارلىق ئۈچ خىل بولۇپ، ھەيز: بالاغەت يېشىغا قەدەم قويغان ۋە تۇغۇت ئىقتىدارىدىن قالمىغان، تۇغۇت ھالىتىدە بولمىغان ساق ۋە ساغلام قىز – ئاياللاردىن ھەرئايدا بىر قېتىم مەلۇم مۇددەت كېلىدىغان قاندۇر.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ دېگەن ئاللاھ تائالا ئادەمنىڭ قىزلىرىغا پۈتۈۋەتكەن بىر ئىشتۇر»([2]). ھەيز قىز بالا بالاغەت يېشىغا قەدەم باسقاندىن تارتىپ تۇغۇت ئىقتىدارىدىن قالغۇچە ھەر 25 – 30 كۈندە بىر نەچچە كۈن تەكرارلىنىپ تۇرغاچقا، «ئادەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە ئاياللاردا ھەيز كېلىش مۇددىتى ئۈچ – تۆت ياكى بەش – ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئادەت كۈنلىرىدە ھەيزدار قىلىش چەكلىنىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن: ھەيزدار پەرز ياكى نەپلە ناماز ئوقۇمايدۇ، كېيىن قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ. روزا تۇتمايدۇ، لېكىن ساقايغاندا پەرز روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۇ زاتنىڭ ئەزۋاجى مۇتاھھەرەلىرى (مۇھتىرەمە خانىملىرى)، قىزلىرى، مۇھاجىر ۋە ئەنسار ساھابە كىراملارنىڭ ئايال – قىزلىرى شۇنداق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ئۇلاردىن بىزگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلىي تەۋاتۇر([3]) يولى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن ھۆكۈمدۇر. دېمەك، ئەمەل قىلىش جەھەتتىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئەسىرلەر بويى مۇشۇنداق ئەمەل قىلىپ كەلگەن. شۇڭلاشقا خاھ ئەزەلىي ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ چەت بىر يېزىسىدىكى ئۇدۇل كەلگەن بىر مومايدىن سورىسىڭىزمۇ، خاھ يەمەن ۋەيا ماراكەشلىك بىر ئايالدىن سورىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا «ھەيزدار ھالەتتە ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ئەمەلىي تەۋاتۇر دەلىلى بولۇپ، بۇنى ئىنكار قىلغان كىشى، قۇرئاننىمۇ ئىنكار قىلىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى، قۇرئانمۇ بىزگە مۇشۇ تەرىقىدە تەۋاتۇر يولى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن.

ئەينى چاغدىكى خاۋارىجلارنىڭ بەزىسى ھەيزدار ناماز ئوقۇۋېرىدۇ دېسە، يەنە بەزىسى ئوقۇمايدۇ، كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ، دەپ تۇرۇۋالغان. بۇ قاراشتىن خەۋەر تاپقان ۋە كاللىسىدىن ئۆتمىگەن بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:

ــ ھەيزدىن پاكلانغاندا ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ:

ــ ھەرۇرىييەلىك خاۋارىجمۇسىز؟([4]) بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە چېغىمىزدا ھەيزدار بولاتتۇق، رەسۇلۇللاھ بىزنى ئۇنىڭغا (نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا) بۇيرۇمايتتى ياكى ئۇنى قىلمايتتۇق، ــ دېدى. يەنە بىر ھەدىستە: بىزگە شۇنداق بولغاندا روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنى قازا قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق، دەپ جاۋاب بەرگەن([5]).

ساھابىلەرنىڭ شەرىئەتنى تونۇشتۇرۇشلىرىدا «بۇيرۇلاتتۇق» ياكى «بۇيرۇلغان ئىدۇق» دېگەن ئىبارە كەلسە بۇيرۇغۇچىنىڭ بۇيرۇش سالاھىيىتى بولغان، شەرىئەتنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ، بۇ ھەدىس ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئېنىق مەسىلە([6]).

خاۋارىجلارنىڭ قۇرئاندىنلا ھۆكۈم ئېلىش، ھەدىستىن كەلگەننى رەت قىلىش قائىدىسى بولغاچقا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇ ئايالغا ئەيىبلەش تەرزىدە «خاۋارىجمۇسىز» دەپ سوئال قويغان ۋە بۇنى ئادەتتە ئۆز رەيى بويىچە سۈننەتكە قارشى چىقىدىغان خاۋارىجلاردىن يۇقتۇرۇۋالغان بولۇشىدىن ئەنسىرەپ سەۋەبىنى بايان قىلماستىن، دەلىلنى بايان قىلىش ئارقىلىق كۇپايىلەنگەن([7]).

بۈگۈنكى كۈندە «قۇرئانچىلار» ئىلگىرىكى خاۋارىجلارنىڭ قۇرئاندىن باشقىنى رەت قىلىمىز دېگەن قارىشىنى بازارغا سالغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەيزدار ناماز ئوقۇيدۇ، دېسە، ھەممىسى دېگۈدەك، ھەيزدار روزا تۇتۇۋېرىدۇ دېگەن ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى تاشلاپ ھازىرقى دەۋر خاۋارىجلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەيزدار ناماز ئوقۇۋېرىدۇ، ھەيز خۇنى كەلسە تاھارەت سۇنمايدۇ، دېگەن قارىشى([8]) جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر تۇتقان يولىغا زىت كەلگىنىدەك، ھەيزدار روزا تۇتۇۋېرىدۇ، روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن قارىشىمۇ([9]) مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقان يولىغا خىلاپتۇر.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇرئاندىكى ﴿سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾(«بەقەرە»: 185) دېگەن روزا تۇتۇش ئايىتىگە ئاساسەن ھەيزدارنىڭمۇ روزا تۇتۇشى ۋاجىب دەپ قارىسا، يەنە بەزىلىرى روزا تۇتۇش ئۈچۈن تاھارەت شەرت بولمىغاچقا، كېسەلگە ئوخشاشلا روزا تۇتۇشى ئىختىيار، دەپ قارايدۇ.

ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىدىن ھەيزدارنىڭ ناماز ئوقۇشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ناماز ئۈچۈن چوڭ ۋە كىچىك تاھارەتنى شەرت قىلغان. خۇن كېلىپ تۇرۇۋاتقان مۇددەتچە ھەيزدارنىڭ تاھارىتى تاھارەت ئەمەس. ھەدىستە ۋە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا بەقەرە سۈرىسى 222 – ئايەتتىكى ﴿پاك بولغاندا﴾ دېگەننىڭ: غۇسۇل قىلسا، دېگەنلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. تاھارەت شەرتى قاندۇرۇلمىسا، نامازمۇ ئادا تاپمايدۇ.

سەھىھ ھەدىسلەردىمۇ بۇ ھەقتە سورىغان ئايالغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(ئادىتىڭىز بويىچە) بەلگىلىك كۈنلەردە ھەيز كەلگەندە نامازنى تەرك ئېتىڭ، ئۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندە قاننى يۇيۇۋېتىپ، غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇڭ» دېگەن([10]).

ئەمما، روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەب جانابەت ئەمەستۇر. جەنابەت ياكى جۇنۇپلۇق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى ئېھتىلام بولۇشتىن كېيىنكى، غۇسۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى بولۇپ، كىشى جۇنۇپ ھالدا تاڭغا ئۇلاشسا غۇسۇل قىلماستىن روزا تۇتسا بولۇۋېرىدۇ. روزىدار كىشى كۈندۈزدە ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزىسى بۇزۇلمايدۇ. جۇنۇب ھالەتتە جىما قىلىشمۇ چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، سوھۇرلۇقنى يەپ روزا تۇتقان ئايالنىڭ روزىدار ھالىتىدە قىزىللىق كۆرسە روزىسى ئۆزلىكىدىن بۇزۇلىدۇ، شۇڭا ھەيزدارنى روزا تۇتۇش مەسىلىسىدە جۇنۇب كىشىگە ئوخشىتىش دەل چۈشمەيدۇ.

روزا تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشىدىكى سەۋەب «كېسەللىكتۇر» دېيىشمۇ توغرا ئەمەستۇر. چۈنكى، كېسەل كىشىنىڭ ئەھۋالى يار بەرمىسە روزا تۇتماسلىقىغا ياكى تۇتقان روزىسىنى ئىچىۋېتىشىگە رۇخسەت بار، ئەگەر چىدىيالىسا روزا تۇتسا بولىۋېرىدۇ. ئەمما، ھەيزدارنىڭ روزا تۇتۇشى ھارام، چىداپ تۇتسىمۇ ھېساب بولمايدۇ. يەنى ئۇنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.

سەۋەب «خۇن كېلىپ تۇرۇش» دېيىشمۇ ناتوغرىدۇر. چۈنكى، سۈيدۈك تۇتالماس ياكى خۇن كېسىلى بار ئايال ياكى قان چىقىپ تۇرىدىغان يارىدارمۇ ناماز ئوقۇيدۇ ۋە روزا تۇتىدۇ. ھەيز قېنى ئادەتتىكى قاندىن پەرقلىق بولۇپ، خۇن كېسەل ۋە يارىداردىن كېلىدىغان قان ھەيز قېنى بولماستىن تومۇردىن چىققان قاندۇر.

«قۇرئانچىلار» ئەگەر ھەيزدارنى كېسەل دەپ تۇرۇۋېلىپ، قۇرئان ئايىتىگە باشقا تەپسىر ياكى ئىزاھات قاتماي، ئايەتنىڭ ئۆزىدىن ھۆكۈم چىقارماقچى بولسا، ئايەتتىنمۇ كېسەل ۋە مۇساپىر كىشى رامىزاندا روزا تۇتماي، كېيىن تۇتسۇن دەپ بۇيرۇغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: ﴿سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن﴾(«بەقەرە»: 185) دېگەن. دېمەك، قۇرئاننىڭ لەۋزىدىمۇ «كېسەل» روزىنى ساقايغاندا تۇتىدۇ.

ۋەھالەنكى «قۇرئانچىلار»نىڭ ھەيزدارنى ئادەتتىكى كېسەل بىلەن ئوخشاش دەپ قارىشى، يەنى قىياسى توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان قىياس ئەمەس.

دېمەك، بۇ يەردە ھەيزدارنىڭ روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتەۋاتىر بولغان ئەمەلىي بىرلىكى ۋە «كېيىن تۇتىدۇ» دېگەن سەھىھ ھەدىسلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سەۋەبنى كېسەللىك ياكى قىيىنچىلىق، دەپ كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئالىملار ھەيزدارنىڭ روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمەس، ھېكمىتىنى بېكىتىشتە تۈرلۈك يەكۈنلەردە بولغان.

بىنائەن ئەلەيھ ئىمام شافىئىي (ھ. 150 – 204 / م. 767 – 820)، ئىمامۇل ھەرەمەين (ھ. 419 – 478 / م. 1028 – 1085) قاتارلىق ئالىملار ھەيزدارنىڭ ناماز ئوقۇماسلىق، روزا تۇتماسلىقىنى سەۋەبى ئېنىق بىلىنمەيدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن دەپ تەھلىل قىلغان([11]).

بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ قارىشىچە، ناماز كۈندە بەش ۋاخ تەكرارلىنىدىغان ئىبادەت، ھەيز بولسا ھەرئايدا بىر تەكرارلىنىدىغان بولغاچقا، ئاياللار قىينىلىپ قالمىسۇن ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نامازنى ئۇلاردىن كۆتۈرۈۋەتكەن. ئەمما، رامىزان يىلدا بىر ئاي كېلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، بەش – ئالتە كۈن تۇتالماي قالغان روزىنىڭ قازاسىنى كېيىن تۇتۇۋېلىش قولاي ۋە جاپاسىز دەپ قارىلىپ، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇغان.

ئىلگىرىكى بەزى ئالىملار ۋە زامانىمىزدىكى بەزى دوختۇرلار بۇنىڭدىكى ھېكمەت ھەيزدارنى ئاسراش، دەپ قارىغان ۋە قارىماقتا.

ئېھتىمال ئاياللار ھەيزدار ۋە نىفاسدار ھالەتتە ئارام ئېلىشقا ۋە يېمەك – ئىچمەككە كۆپرەك ئېھتىياجى چۈشىدىغان بولغاچقا، ئۇ ھالدا روزا تۇتۇش ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولمىسا كېرەك. دېمەك، ھەيزدارنىڭ روزا تۇتماسلىقى ئۇنى ئاسراشتىن ئىبارەت. چۈنكى، ئىمام بۇجەيرەمىي (ھ. 1131 – 1221 / م. 1719 – 1806) ئېيتقاندەك، ھەيز بەدەننى ئاجىزلىتىدۇ، روزىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىتىدۇ. ئاجىزلىتىدىغان ئىككى نەرسىنىڭ جەملىنىشى بەدەنگە ئېغىر زىيانلىقتۇر. هالبۇكى، شەرىئەت بەدەننى قوغداشنى كۆزلەيدۇ([12]). بۇ سەۋەبتىن، پەرز نامازنىمۇ ئوقۇماي تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇنىڭ ھېكمىتىنى ئاللاھ ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىمام كاسانىي (ھ. ؟ – 587 / م. ؟ – 1191) بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەيز ۋە نىفاسنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، ناماز، روزا، قۇرئان ئوقۇش، قۇرئاننى بىۋاسىتە تۇتۇش، مەسجىدكە كىرىش ۋە كەئبىنى تاۋاپ قىلىش قاتارلىق بىز جۇنۇب كىشى ھەققىدە بايان قىلغان ئىشلار چەكلىنىدۇ. پەقەتلا جۇنۇب كىشى جانابەت ھالىتىدە روزا تۇتسا بولىدۇ، ھەيزدار بىلەن نىفاسدار تۇتسا بولمايدۇ. چۈنكى، ھەيز بىلەن نىفاس جانابەتتىنمۇ ئېغىر، ياكى بۇ ھەقتىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟› دېگەن چەكلىمىسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى چۈشىنەلمەيمىز، ياكى بۇ ھۆكۈم ھەرەج تارتىپ قالماسلىق ئۈچۈن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئاياللار ئەسلىدە ئاجىز يارىتىلغان بولۇپ، خۇن كېلىش ئۇلارنى تېخىمۇ ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. ئۇلارغا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنسا ئىدى، تەستە تۇتقان بولاتتى. بۇ ئەھۋال جانابەت ھالىتىدە كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا، جۇنۇب كىشى نامازنىڭمۇ، روزىنىڭمۇ قازاسىنى قىلىدۇ. ھەيزدارلار، نىفاسدارلار بولسا قىلمايدۇ. چۈنكى، ھەيز ھەرئايدا 3 كۈندىن 10 كۈنگىچە تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە ھەيزدارنىڭ بوينىغا نۇرغۇن ناماز يىغىلىپ قالسا قازاسىنى قىلىشتا قىينىلىپ قالىدۇ. يىلدا 3 كۈندىن 10 كۈنگىچە قازا روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ قالمايدۇ. شۇنداقلا ھەيزدار ۋە نىفاسدار چاغدا يېقىنچىلىق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ﴿شۇڭا، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾(«بەقەرە»: 222) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن ھارامدۇر. جۇنۇب ئايالغا يېقىنچىلىق قىلىش ھارام ئەمەستۇر. چۈنكى، بۇ ھەقتە ئۇنداق چەكلىمە كەلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە مۇباھلىق كەلگەن: ﴿ئەمدى بۇندىن كېيىن رامىزان كېچىلىرىدە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە پۈتكەننى تەلەپ قىلىڭلار!﴾ («بەقەرە»: 187). يەنى جۇنۇب بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەرقانداق ئەھۋالدا يېقىنچىلىق قىلىپ پەرزەنت كۆرۈشنى كۆزلەش مۇباھ قىلىنغان»([13]).

قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى ئالىملارنىڭ ھەيزدارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلەشكە ھەيزدار ھالەتتىكى ئاجىزلىقنى سەۋەب كۆرسىتىشتەك بەزىبىر ئەقىلگە مۇۋاپىق ھېكمەت ئىزدەپ بېقىشى ھەيزدار ئەگەر روزا تۇتسا قىينىلىپ قالمايدىغان بولسا تۇتىۋەرسە بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، بۇ يەردە پەرەز قىلىنىۋاتقىنى ھۆكۈمنىڭ ھېكمىتى. بۇ ھەرگىزمۇ ھۆكۈم ئۆزىگە قاراشلىق بولغان سەۋەب ئەمەس. چۈنكى، ھۆكۈم سەۋەبىگە باغلىنىدۇ. سەۋەبى تېپىلسا ھۆكۈم بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈرلۈك پەرەز قىلىنغان ھېكمەتلەر كەسكىن بولماستىن ئالىملارنىڭ ئىجتىھادى، پەرىزى، خالاس. شۇڭا، بۇ تۈرلۈك پەرەز ھېكمەتلەر شەرىئەتنىڭ غايىلىرىنى ۋە سىرلىرىنى چۈشىنىشتە پايدىلىنىش ماتىرىيالى سۈپىتىدە قالىدۇ. ئەمما، ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىجماسى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىكى ئېنىق كۆرسەتمىلەرنى ئاغدۇرالمايدۇ.

مېنىڭچە بۇ يەردىكى ھۆكۈمنىڭ سەۋەبى ھەيزنىڭ ئۆزىدۇر. بۇنى نە جانابەتكە ئوخشاتقىلى، نە كېسەلگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، جانابەتكە ئوخشاتقان تەقدىردە ھەيز روزىغا توسالغۇ بولمايتتى. كېسەلگە ئوخشاش دېيىلگەندە چىدىيالىسا روزا تۇتسا بولۇۋېرەتتى. ھالبۇكى، ھەيزنىڭ جانابەتتىن پەرقىنى يۇقىرىدا ئىمام كاسانىي بايان قىلدى. كېسەلدىن پەرقى بولسا ھەيزدارلىق بىر خىل كېسەللىكتەك ئاجىزلىق ھالىتى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئېھتىمال نەچچە ئون يىللاپ، ھەرئايدا نەچچە كۈن بىئىختىيار ۋە ئىزچىل كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، ئۇ ھالەتتە ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش زىيانلىق بىر ھال بولغاچقا، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ يەڭگىللىتشى دەپ چۈشىنىلسە بولىدۇ. ھالبۇكى، باشقا كېسەللىكەر ئادەتتە ئۇنداق نەچچە ئون يىللاپ داۋاملاشمايدۇ ۋە ئۇ ھالەتتە ناماز بىلەن روزا مۇتلەق زىيان بولۇشى ناتايىن. ئادەتتىكى كېسەللىكلەر ساغلام بولمىغان تەندە كۆرۈلىدىغان بىنورماللىق بولسا، ھەيز ساغلام تەندە كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ۋە نورمال ئەھۋالدۇر. شۇڭا، ئادەتتىكى كېسەل كىشى خاھلىسا روزا تۇتسا بولىدىغان بولسا، ھەيزدارغا روزا تۇتۇش رۇخسىتى يوق. يەنى بۇ يەردىكى روزا تۇتۇش چەكلىنىش سەۋەبى ھەيزدارلىقنىڭ ئۆزى ۋە ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتۇشنىڭ تەنگە ئېغىر دەرىجىدە زىيانلىق ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سەۋەبتىن بۇنى باشقا كېسەللەرگە ئوخشاش كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويماي، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن پۈتۈنلەي چەكلىۋەتكەن دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

بۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن ھامىلدارلار ناماز ئوقۇسا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بەزىبىر تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىنى ئىشلىسە، ئۇلارغا پايدىلىق – يۇ، ھەيزدارلارغا زىيانلىق؟» دېگەن سوئالغا جاۋابمۇ چىقىدۇ. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئاياللار ناماز ئوقۇغاندا رۇكۇ – سەجدە ھالەتلىرىدە قاننىڭ بالىياتقۇغا ئېقىشى ئاشىدۇ. بالىياتقۇ جىگەرگە ئوخشاش قاننى يىغىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ناماز ئوقۇسا تۆرەلمىگە قان يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەمما، ھەيزدار ناماز ئوقۇسا، قاننىڭ بالىياتقۇغا ئېقىشى يىغىلغان قاننىڭ ھەيز قېنى بىلەن بىرگە بەدەن سىرتىغا چىقىشى بىلەن ھەيز مۇددىتىنىڭ نورمالدىن زىيادە ئۇزىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە نەتىجىدە قاننى كۆپلەپ يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ناھايەت، ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئاق قان دانچىلىرى بەدەندىن چىقىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ھەيزدارنىڭ جىگەر، تال، لىمفاتىك بەز ۋە مېگە قاتارلىق ئەزالىرىنى ئاسانلا كېسەلگە دۇچار قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ھەيزدارنىڭ پاكلانمىغۇچە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىنىشىنىڭ ھېكمىتىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.

روشەنكى، جانابىي ئاللاھ ئۆز ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن ھەيزدارغا روزا تۇتۇشنى چەكلىۋەتتى. چۈنكى، ھەيز مەزگىلىدە بەدەندىكى مېنىرال ماددىلار كېمىيىپ كېتىدۇ. دوختۇرلار ھەيزدارنى كۆپ قان يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تولۇق ئارام ئېلىشقا ۋە مۇنتىزىم غىزالىنىشقا بۇيرۇيدۇ.

مەيلى بىز ھەيزدارنىڭ روزا تۇتماسلىقى ۋە كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشىدىكى ھېكمەتنى بىلەيلى ياكى بىلمەيلى، پەيغەمبىرىمىزدىن كەلگەننى بەجانىدىل قوبۇل قىلىشىمىز، جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك تۇتقان يولىدىن چىقىپ كەتمەسلىكىمىز، بەزىبىر دەۋر خاۋارىجلىرىنىڭ كالتا پەملىكى ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ تەتۈر مۇقام دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ جۆيلۈشلىرىگە پەرۋا قىلماسلىقىمىز كېرەك.

ھەيزدارنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقى، روزا تۇتمايدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئېنىق بىلگەن مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭدا جىمى ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەقتە بەزىبىر ھەدىسلەر كەلگەن بولۇپ، جۈملىدىن تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنى كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيتتا ياكى روزا ھېيتتا([14]) ناماز ئوقۇيدىغان جايغا چىقتى، ھېيت نامىزىغا كەلگەن ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە:

ــ ئى ئاياللار جامائەسى! سەدىقە قىلىڭلار، چۈنكى مەن دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپچىلىكى سىلەر ئىكەنلىكىڭلارنى كۆردۈم، ــ دېدى. ئاياللار:

ــ نېمە ئۈچۈن شۇنداق، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ــ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ:

ــ سىلەر تولا قارغايسىلەر، ياخشىلىقلارغا تانىسىلەر، ئۆزىنى توختاتقان زېرەك ئەرلەرنىڭ بېشىنى سىلەردىنمۇ بەكرەك ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان، سىلەردىنمۇ ئەقلى قىسقا، دىنى كەمتۈك ئادەمنى كۆرمىدىم، ــ دېدى. ئۇلار:

ــ بىزنىڭ ئەقلىمىزنىڭ قىسقىلىقى، دىنىمىزنىڭ كەمتۈكلۈكى قانداق، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ــ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام:

ــ ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىقى ئەرلەرنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ يېرىمىغا تەڭ ئەمەسمۇ؟! ــ دېدى. ئاياللار:

ــ شۇنداق، يېرىمىغا تەڭ، ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئەنە شۇ ئەقلىنىڭ قىسقىلىقىدىن. ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دېۋىدى، ئاياللار:

ــ شۇنداق، تۇتمايدۇ، ــ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ:

ــ ئەنە شۇ دىنىنىڭ كەمتۈكلۈكىدىن، ــ دېدى»([15]).

بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى يوق. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە «قۇرئانچىلار پىرقىسى» دەپ ئاتالغان ئازغۇن تائىپىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسمى ھەيزدارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىپ، دەپ قارىسا، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى ھەيزدارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋاجىپ ئەمەس، تۇتسا بولىدۇ، چەكلەنمەيدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ ئىلگىرىكى خاۋارىجلارنىڭ ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان ئەھكاملارنى رەت قىلىش خاھىشىنى ياقلىغان سېپى ئۆزىدىن ئازغۇنلۇق بولۇپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن سەھىھ ھەدىسلەرگە، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسىغا زىتتۇر.

ئىمام تىرمىزىي (ھ. 209 – 279 / م. 824 – 892) : «ھەيزدارنىڭ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدىغانلىقىدا، نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاشماسلىقى بارلىقىنى بىلمەيمىز» دېگەن([16]).

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى (ھ. 631 – 676 /م. 1233 – 1277) مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھۆكۈم بارلىق ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمدۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار ‹ھەيزدار بىلەن نىفاسدارغا ناماز پەرز ئەمەس، روزىنىمۇ شۇ ھامان ئادا قىلىشى پەرز ئەمەس ۋە يەنە ئۇ ئىككىسىگە نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ ئەمەس، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش ۋاجىپتۇر› دەپ ئىجما قىلغان. ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، ناماز بىلەن روزىنىڭ پەرقى شۇكى، ناماز كۆپ بولۇپ، كۈندە تەكرارلىنىدۇ. روزا ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، ئۇ يىلدا بىر قېتىم كېلىدۇ. بەلكىم ھەيز ھەتتا بىر، ئىككى كۈنلا بولۇشىمۇ مۇمكىن»([17]).

ئىمام ئىبنى قۇدامە (ھ. 541 – 620 / م. 1146 – 1223) : «ئەھلى ئىلىملەر شۇنىڭغا ئىجما قىلدىكى، ھەيزدار بىلەن نىفاسدارنىڭ روزا تۇتۇشى ھارامدۇر. ئۇ ئىككىسى روزا تۇتمايدۇ. تۇتسىمۇ روزا گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. كېيىن ساقايغاندا قازاسىنى تۇتىدۇ»([18])، دەيدۇ.

ھافىز ئىبنى ئابدۇلبەر (ھ. 368 – 463 / م. 978 – 1071) : «مانا بۇ ھەيزدارنىڭ ھەيز كۈنلىرىدە روزا تۇتمايدىغانلىقى، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدىغانلىقىدىكى ئىجمادۇر. بۇلارنىڭ ھېچبىرىدە ئىختىلاپ يوقتۇر. ئەلھەمدۇلىللاھ! مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگىنى شۇ ھەقتۇر ۋە ھەرقانداق ئۆزرىنى كېسىپ يوق قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن ئۆزگىگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾(«نىسا»: 115) بۇ ئايەتتىكى ‹مۇئمىنلەر› كەلىمەسى ئىجمانى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، مۇئمىنلەرنىڭ بەزىسى يەنىلا مۇئمىنلەر بولغاچقا، باشقىچە قاراش بولغاندا ئەگەشكۈچى ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بولغاچقا، مۇئمىنلەرنىڭ غەيرىيگە ئەگىشىش دېگەن نەرسە مەۋجۇد ئەمەس. بۇ ئېنىق مەسىلە بولۇپ، ئارتۇقچە گەپ قىلىش ھاجەتسىزدۇر»([19]).

ئىمام ئىبنى رۇشد (ھ. 520 – 595 / م. 1126 – 1198) مۇنداق دەيدۇ: «بارلىق مۇسۇلمانلار ھەيزنىڭ تۆت ئىشنى توسىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن: بىرى، ناماز ئوقۇش ۋە ئۇنىڭ ۋاجىب بولۇشى، (ھەيزدارنىڭ نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىب ئەمەس، ئەمما، روزا ئۇنداق ئەمەس دېمەكچىمەن) ئىككىنچىسى، روزا تۇتۇشنى توسىدۇ، قازاسىنى قىلىشنى توسمايدۇ. بۇ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ‹روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنى قازا قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق› دېگەن سەھىھ ھەدىسىگە ئاساسەن شۇنداق. ھەيزدار نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى ۋاجىب دېگەن خاۋارىجلارنىڭ بىر تائىپىسى دېگەن گەپ. ئۈچىنچىسى، تاۋاپ بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ھاجىلار قىلىدىغان ئىشلاردىن تاۋاپتىن باشقا ھەممىنى قىلىشقا بۇيرۇغان. تۆتىنجىسى، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿شۇڭا، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار﴾(«بەقەرە»: 222) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن جىما قىلىشنىمۇ توسىدۇ»([20]).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە (ھ. 661 – 728 / م. 1263 – 1328) مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەت ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شۇ ئىسپاتلاندىكى، ھەيز قېنى روزىغا ماس كەلمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ھەيزدار روزا تۇتماي، كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ»([21]).

بۇ يەردە ئىمام ئىبنى رۇشد بىلەن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە بارلىق ئالىملارنىڭلا بىرلىكىنى دېمەستىن، خاۋارىجلارنىڭ بىر قىسمىدىن باشقا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. يەنى بۇ، ئالىملىرى بولسۇن، ئاۋاملىرى بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلار نەزىرىدە ھەممە بىردەك قاراپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمەلىي تەۋاتۇر بولۇپ كەلگەن ئىشتۇر.

تۈركىيەدىكى بەزى قۇرئانچىلار ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يۇقىرىقى «روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنى قازا قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق» دېگەن سەھىھ ھەدىسىدىكى ”قازاسىنى قىلىش“ دېگەن لەۋزدىكى «قازا» كەلىمىسىگە ئېسىلىپ: «بۇ دېگەنلىك ھەيزدار ھالەتتە روزىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلمايتتۇق» دېگەنلىك، چۈنكى «قازا قىلىش» كەلىمىسى قۇرئاندا ۋە ئەرەب تىلىدا ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، فۇقاھالارنىڭ ۋاقىت چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئورۇنداشنى «قازا قىلىش» دەپ ئاتىشى كېيىن پەيدا بولغان ئىستىلاھ دەپ تۇرۇۋالغان ۋە بۇ ئارقىلىق ھەيزدارنىڭ روزا تۇتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان([22]).

بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق:

1.     مەزكۇر جۈملىدىكى «قازا» كەلىمىسىمۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئادا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەدىسنىڭ باش تەرىپى ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن قازا قىلىش توغرىسىدا ئىدى. شۇڭا، سوئال سورىغۇچى: ھەيزدىن پاكلانغاندا ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ دەپ سورىغان. شۇنداقلا بۇ مۇشۇ ھۆكۈمنى بىلدۈرگەن بىردىنبىر ھەدىس ئەمەس. ئۇندىن باشقا «قازا» كەلىمىسى كەلمىگەن نەچچە سەھىھ ھەدىسلەر ئۇ ھۆكۈمنى ئىسپاتلىغان.

2.     قۇرئاندا «قازا» كەلىمىسى ۋاقتىدا ئادا قىلىش مەنىسىدە كەلگىنى راست. لېكىن «قازا» كەلىمىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ۋە ساھابە كىراملارنىڭ سۆزلىرىدە ۋاقتىدا ئادا قىلىش مەنىسىدە كەلگىنىدەك، ۋاقتى ياكى ئورنى ئۆتكەندىن كېيىن ئادا قىلىش مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:

إِذَا أُقِيمَتِ الصَّلاَةُ فَلاَ تَأْتُوهَا وَأَنْتُمْ تَسْعَوْنَ ائْتُوهَا وَأَنْتُمْ تَمْشُونَ عَلَيْكُمُ السَّكِينَةُ، فَمَا أَدْرَكْتُمْ فَصَلُّوا، وَمَا فَاتَكُمْ فَاقْضُوا (ناماز باشلىنىپ كەتكەندە يۈگۈرۈپ كەلمەڭلار! تەمكىنلىك بىلەن مېڭىپ كېلىڭلار! قانچە رەكئەتكە ئۈلگۈرسەڭلار، شۇنى ئادا قىلىڭلار، ئۈلگۈرەلمەي قالغىنىڭلارنى قازا قىلىڭلار!)([23])

نَعَمْ يَا عَائِشَةُ إِنَّمَا مَنْزِلَةُ مَنْ صَامَ فِي غَيْرِ رَمَضَانَ أَوْ غَيْرِ قَضَاءِ رَمَضَانَ أَوْ فِي التَّطَوُّعِ بِمَنْزِلَةِ رَجُلٍ أَخْرَجَ صَدَقَةَ مَالِهِ فَجَادَ مِنْهَا بِمَا شَاءَ فَأَمْضَاهُ وَبَخِلَ مِنْهَا بِمَا بَقِيَ فَأَمْسَكَهُ. (ھەئە، ئى ئائىشە! رامىزان ئېيىدىن باشقا چاغدا ياكى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا نەپلە روزا تۇتقان كىشى مېلىنىڭ بىر تۈركۈمىنى سەدىقىگە ئايرىپ قويۇپ، كېيىن خالىغىنىنى بېرىپ، خالىمىغىنىنى بەرمىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ)([24]).

عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ مَنْ ذَرَعَهُ الْقَيْءُ فَلَيْسَ عَلَيْهِ قَضَاءٌ وَمَنْ اسْتَقَاءَ عَمْدًا فَلْيَقْضِ.(ئۆزلۈكىدىن قۇسۇۋەتكەن كىشىگە روزىنىڭ قازاسى كەلمەيدۇ. قەستەن قۇسقان كىشى قازاسىنى تۇتىدۇ)([25])

عَنْ أَسْمَاءَ بِنْتِ أَبِي بَكْرٍ الصِّدِّيقِ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا قَالَتْ أَفْطَرْنَا عَلَى عَهْدِ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَوْمَ غَيْمٍ ثُمَّ طَلَعَتْ الشَّمْسُ قِيلَ لِهِشَامٍ فَأُمِرُوا بِالْقَضَاءِ قَالَ لَا بُدَّ مِنْ قَضَاءٍ.(ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا، بۇلۇتلۇق بىر كۈنى (كۈن پاتتى دەپ ئويلاپ) ئىپتار قىلدۇق. لېكىن، كۆپ ئۆتمەي كۈن قايتا چىقتى.

ھىشام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: (ئۇلار) قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلدىمۇ؟ ـ دەپ سورالغانىدى، ئۇ:

ــ قازاسىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ؟ ـ دېدى)([26]).

أَنَّ عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عُمَرَ كَانَ يَقُولُ: يَصُومُ قَضَاءَ رَمَضَانَ مُتَتَابِعًا مَنْ أَفْطَرَهُ مِنْ مَرَضٍ أَوْ فِي سَفَرٍ.(ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: كىمكى كېسەل ياكى سەپەر سەۋەبىدىن رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتالمىغان بولسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ) قازاسىنى ئارقىمۇ ئارقا تۇتىدۇ، ـ دەيتتى)([27]).

عَنْ ابْنِ شِهَابٍ أَنَّ عَبْدَ اللَّهِ بْنَ عَبَّاسٍ وَأَبَا هُرَيْرَةَ اخْتَلَفَا فِي قَضَاءِ رَمَضَانَ فَقَالَ أَحَدُهُمَا يُفَرِّقُ بَيْنَهُ وَقَالَ الْآخَرُ لَا يُفَرِّقُ بَيْنَهُ لَا أَدْرِي أَيَّهُمَا قَالَ يُفَرِّقُ بَيْنَهُ.(ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رامىزاننىڭ قازاسى توغرۇلۇق ئىختىلاپلىشىپ قالدى. بىرسى:

ــ (كۈنلەرنى) ئايرىپ تۇتىدۇ، ـ دېسە، يەنە بىرى:

ــ ئايرىماي، ئۇلاپ تۇتىدۇ، ـ دەيتتى.

ئىبنى شىھاب: مەن كىمنىڭ قايسى سۆزنى دېگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ـ دېدى.)([28])

عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا تَقُولُ: كَانَ يَكُونُ عَلَيَّ الصَّوْمُ مِنْ رَمَضَانَ فَمَا أَسْتَطِيعُ أَنْ أَقْضِيَهُ إِلَّا فِي شَعْبَانَ الشُّغْلُ مِنْ رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَوْ بِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ.(ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رامىزاننىڭ بەزى كۈنلىرى روزا تۇتالمايتتىم ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، شەئبان ئېيىدىن باشقا ۋاقىتتا ئۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلالمايتتىم.)([29])

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ: إِذَا مَرِضَ الرَّجُلُ فِي رَمَضَانَ ثُمَّ مَاتَ وَلَمْ يَصُمْ أُطْعِمَ عَنْهُ وَلَمْ يَكُنْ عَلَيْهِ قَضَاءٌ وَإِنْ كَانَ عَلَيْهِ نَذْرٌ قَضَى عَنْهُ وَلِيُّهُ.(ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بىر ئادەم رامىزاندا كېسەل بولۇپ قېلىپ، قازا روزىسىنى تۇتالمايلا ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قازا روزا تۇتۇلماستىن، (مىسكىنلەرگە) تاماق (پىدىيە) بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ گەدىنىدە بىرەر نەزىر (يەنى سەدىقە ۋە ئۇندىن باشقا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاتىغان ئىبادەتلەر) قالغان بولسا، ئۇنىڭ قازاسىنى يېقىنلىرى قىلىدۇ([30]).

عَنْ ابْنِ شِهَابٍ أَنَّ عَائِشَةَ وَحَفْصَةَ زَوْجَيْ النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَصْبَحَتَا صَائِمَتَيْنِ مُتَطَوِّعَتَيْنِ فَأُهْدِيَ لَهُمَا طَعَامٌ فَأَفْطَرَتَا عَلَيْهِ فَدَخَلَ عَلَيْهِمَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَتْ عَائِشَةُ فَقَالَتْ حَفْصَةُ وَبَدَرَتْنِي بِالْكَلَامِ وَكَانَتْ بِنْتَ أَبِيهَا يَا رَسُولَ اللَّهِ إِنِّي أَصْبَحْتُ أَنَا وَعَائِشَةُ صَائِمَتَيْنِ مُتَطَوِّعَتَيْنِ فَأُهْدِيَ إِلَيْنَا طَعَامٌ فَأَفْطَرْنَا عَلَيْهِ فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ اقْضِيَا مَكَانَهُ يَوْمًا آخَرَ.(ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەپلە روزا تۇتتى. ئۇلارغا تاماق سۇنۇلغانىدى، روزىسىنى بۇزۇپ ئۇنىڭدىن يېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىرگەندە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئۇ، دادىسى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك جۈرئەتلىك ئىدى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا گەپ بەرمەي:

ــ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئائىشە ئىككىمىز نەپلە روزا تۇتقان ئىدۇق. بىزگە تاماق سۇنۇلدى، بىز روزىمىزنى بۇزۇپ، تاماق يېدۇق، ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ھەرئىككىڭلار باشقا كۈنى ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىڭلار! ـ دېدى.)([31])

عَنْ ابْنِ عَبَّاسٍ قَالَ تَزَوَّجَ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مَيْمُونَةَ فِي عُمْرَةِ الْقَضَاءِ.( ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قازا ئۆمرىسىنى قىلغاندا (يەنى ھىجرىيىنىڭ 7- يىلى) نىكاھىغا ئالغان.)([32])

عَنْ أَنَسٍ أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دَخَلَ مَكَّةَ فِي عُمْرَةِ الْقَضَاءِ وَعَبْدُ اللَّهِ بْنُ رَوَاحَةَ بَيْنَ يَدَيْهِ يَمْشِي وَهُوَ يَقُولُ خَلُّوا بَنِي الْكُفَّارِ عَنْ سَبِيلِهِ… (ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قازا ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن مەككىگە كىرگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە ئۇنىڭ ئالدىدا:

ــ ئى كاپىرلار ئەۋلادى! ئۇنىڭ يولىنى توسماڭلار… دەپ قوشاق ئېيتىپ ماڭغانىدى.)([33])

دېمەك، قازا سۆزىنى ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن ئادا قىلىشقا يەنى قازا قىلىشقا ئىشلىتىش ھەدىسلەردە بار ئىش.

3.     ھەيزدارنىڭ روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىشى، نامازنىڭ قازاسىنى قىلماسلىقى ھەدىسلەر بىلەنلا ئىسپاتلانمىغان، بەلكى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەلىي تەۋاتۇر يولى بىلەن نەقىل قىلىشى، شۇنداقلا جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسى بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇلار سەھىھ ھەدىسلەرگە قوشۇلۇپ ئۆرۈگىلى بولمايدىغان بىر مەھكەم ئاساسنى تەشكىل قىلغان.

4.     ئىمام غەززالىي (ھ. 450 – 505 / م. 1058 – 1111) قازا سۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋە مەجازىي ئىشلىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، ئادا قىلىشنىڭ تۆت خىل ئەھۋالدا بولىدىغانلىقىنى، ھەيزدارنىڭ روزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ھەيز توسالغۇسى سەۋەبىدىن ھارام بولغاچقا ۋە پاكلانغاندىن كېيىن تۇتقان روزىسى توسالغۇ يوقالغاندىن كېيىن ئورۇندالغاچقا، مەجازەن قازا دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، ئەمەلىيەتتە بولسا ۋاقتىدا ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان([34]).

5.     ئەرەب تىلىدا «قازا قىلىش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىلىرى كۆپ بولۇپ، قەرزنى ئادا قىلىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ([35]).

ۋەلھاسىل، ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ھەدىسىدىكى «قازا قىلىشقا بۇيرۇلاتتۇق» دېگەن سۆزنىڭ ئىستىلاھى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ھەيزدىن ساقايغاندىن كېيىن روزا تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ فۇقاھالارنىڭ ئىستىلاھىغا ھەم ئۇيغۇن كېلىدۇ.

چۈنكى، فۇقاھالار ئۆزرىلىك كېچىكىش بولسىمۇ ئادا ۋاقتىدىن كېيىن قىلىنغان ئىبادەتنى «قازا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ روزا تۇتسىمۇ تۇتالايدىغان يولۇچىغا ئوخشاش ۋاقتىدا ئادا قىلالايدىغان بولسۇن ياكى ھەيز ۋە نىفاسقا ئوخشاش ئۇ ھالەتتە ئۇ ئىبادەت توغرا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن يەنى شەرئىي بىر توسالغۇ سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان بولسۇن ياكى ئۇيقۇغا ئوخشاش ئەقلىي بىر توسالغۇ سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان بولسۇن، ئوخشاش([36]).

يىغىپ ئېيتقاندا، ھەيزدارنىڭ ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتۇشى كەبى بۇ تۈرلۈك جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ دەسلەپكى دەۋردىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئەمەلىيىتىگە ۋە ئىجماسىغا، شۇنداقلا سەھىھ ھەدىس شەرىفلەرگە زىت ۋە ياۋا قاراشلارنىڭ «قۇرئانچىلار» ۋە شۇلارغا ئوخشىغان ھەرخىل كالتا پەملەر ۋە نام چىقىرىش ئارزۇسىدىكى بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن بازارغا سېلىنىشى ھەيران قالارلىق يېڭى ئىش ئەمەس. بۇنى ئىلگىرىكى خاۋارىجلارمۇ كۆتۈرۈپ چىقىپ باققان ۋە مۇسۇلمانلار ئۇلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. بۇ قاراشلارنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئىلگىرىكىلەردىن بىرەر ئالىمنىڭ ياقلاپ باقمىغانلىقىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئىدى. شۇڭا، ئىمام شەۋكانىي (ھ. 1173 – 1250 / م. 1760 – 1834) دېگەندەك: «خاۋارىجلار تۇتۇشۇشقا يارىمايدۇ، بولۇپمۇ جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىجماسىغا زىت بولغان بۇنداق مەسىلىلەردە تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن، كېيىنكىلەردىن بەزىلەر ئۇلارنىڭ مەلۇم قاراشلىرىنى بازارغا سېلىپ نام قازانماقچى بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئازراق توختىلىپ قويدۇق»([37]).

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 09. 15

——————————————-
([1]) «كۇۋەيت فىقھ ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 18 – توم، 12 – بەت.
([2]) «بۇخارىي»، 294 – ھەدىس.
([3]) «ئەمەلىي تەۋاتۇر»: مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن بىرەرسىنى ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن تا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد قىلىپ كېلىشىنى، ئۇنى يالغانغا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئالىم ۋە ئاۋام پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بولۇپ، ئەمەلىي ئىجما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن تالاش – تارتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. بەش ۋاقىت ناماز ۋە ئۇنىڭ رەكئەتلىرى، رامىزان روزىسى، مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ تەرغىب قىلىنىدىغانلىقى، تاھارەتتە ئېغىز – بۇرۇن چايقاش، يۈز – قوللارنى يۇيۇش ۋە ئۆتۈككە مەسھ قىلىش… قاتارلىقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. «ئەھكامۇل فۇسۇل»، ئەلباجىي، 459 – بەت. «بەدائىئۇسسەنائى»، كاسانىي، 7- توم، 331 – بەت. «ئەلئەنۋارۇل كاشىفە»، مەئلەمىي، 14 – بەت. «ئىرشادۇل فۇھۇل»، شەۋكانىي، 87 – بەت. «مۇئجەمۇ مۇستەلەھاتىل ھەدىس»، ھەيدەرئابادىي، 131- بەت. «ئەلئەرفۇششەزىي»، كەشمىيرىي، 1- توم، 41 – بەت.
([4]) بۇ، كۇفەگە يېقىن بىر جايدىكى «ھەرۇرا» دېگەن يەرگە نىسبەت بېرىلىش بولۇپ، خاۋارىجلار ئەڭ دەسلەپتە شۇ يەردە توپلانغان. ئۇلاردىن بىر تائىپە ھەيز كۈنلىرىدە ئوقۇيالماي قالغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەپ قارايتتى. بۇ ئىجماغا خىلاپتۇر. «ئۇمدەتۇل قارىي» 3 – توم، 300 – بەت.
([5]) «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، 321 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 335 – ھەدىس.
([6]) «فەتھۇل بارىي»، 1- توم، 406 – بەت.
([7]) «فەتھۇل بارىي»، 1- توم، 422 – بەت.
([8]) «قۇرئان ئەھلى» (ئەرەبچە) توربېتى. سۇلايمانىيە ۋاقفى (تۈركچە) توربيتى.
([9]) «قۇرئان ئەھلى» (ئەرەبچە) توربېتى. سۇلايمانىيە ۋاقفى (تۈركچە) توربيتى. «البيان بالقرآن»، مۇستافا كامال ئەلمەھدەۋىي، 1- توم، 105 – بەت.
([10]) «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، 331 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 333 – ھەدىس.
([11]) «ئەلمەجمۇ»، 2- توم، 386 – بەت.«حاشية البُجَيْرَمِيّ على الخطيب»، 2- توم، 382 – بەت.
([12]) «حاشية البُجَيْرَمِيّ على الخطيب»، 2- توم، 382 – بەت.
([13]) «بەدائىئۇسسانائىئ»، 1- توم، 204 – بەت.
([14]) قايسى ھېيتلىقىدا راۋىي ئىككىلىنىپ قالغان.
([15]) «سەھىھەين»: «بۇخارىي»، 304 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 79 – ھەدىس.
([16]) «تىرمىزىي» 1- توم، 418 – بەت.
([17]) «شەرھى مۇسلىم»، نەۋەۋىي، 4- توم، 26 – بەت.
([18]) «ئەلمۇغنىي»، 3- توم، 39 – بەت.
([19]) «ئەتتەمھىيد»، ئىبنى ئابدۇلبەر، 22 – توم، 107 – بەت.
([20]) «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، ئىبنى رۇشد، 1 – توم، 56 – بەت.
([21]) «مجموع الفتاوى»، 25 – توم، 220 – بەت.
([22])https://www.hablullah.com/?p=1482
([23]) «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، 1505 – ھەدىس.
([24]) «نەسەئىي» 2323 – ھەدىس. ئالبانىي: ھەسەن، دېگەن.
([25]) «تىرمىزىي» 720 – ھەدىس. ئالبانىي: ھەسەن، دېگەن.
([26]) «بۇخارىي» 1959 – ھەدىس.
([27]) «ئەلمۇۋەتتا» 677 – ھەدىس.
([28]) «ئەلمۇۋەتتا» 678 – ھەدىس.
([29]) «مۇسلىم» 1146 – ھەدىس.
([30]) «ئەبۇ داۋۇد» 2401 – ھەدىس. ئالبانىي: سەھىھ، دېگەن.
([31]) «ئەلمۇۋەتتا» 682 – ھەدىس.
([32]) «بۇخارىي» 4259 – ھەدىس.
([33]) «تىرمىزىي» 2847- ھەدىس. ئالبانىي: سەھىھ، دېگەن.
([34]) «ئەلمۇستەسفا»، ھۆججەتۇل ئىسلام ئەلغەززالىي، 1 – توم، 180 – بەت.
([35]) «المصباح المنير»، 1 – توم، 180 – بەت.
([36]) «شرح الكوكب المنير»، ابن النجار، 1 – توم، 367 – بەت.
([37]) «نەيلۇل ئەۋتار»، شەۋكانىي، 1 – توم، 349 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز