ئىددەت مەزگىلىدە ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشتىن باش تارتقان ئايالنىڭ نەپىقىسى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تۇنجى قېتىم تالاق قىلىنغان ئايال، ئۆزرىسىز ھالدا: ئىددەتنى ئەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ تولدۇرمايمەن، دەپ سىرتتا تۇرسا، ئىددەت مەزگىلىدىكى ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا نەپىقىسىنى بىرىۋېرەمدىم؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئايال كىشى ئىددەتنى ئەرنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئىددەت مەزگىلىدە ئۇ ئۆيدە تۇرماي، ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ياكى باشقا ئۆيدە تۇرسا، ئەر رازى بولغان تەقدىردىمۇ، ئايال گۇناھكار بولىدۇ. ئېرى ياكى قېيىنئاتىلىرى ئىددەت مەزگىلىدە ئۇ ئايالنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتسىمۇ، گۇناھكار بولىدۇ.

(پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئۇلار پەقەت ئوچۇق بىر ھاياسىزلىق قىلمىسىلا (ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۆزلىرىمۇ چىقىپ كەتمىسۇن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، بەلكى ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن).(1)

بۇنىڭغا ئاساسەن بىرىنچى تالاقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان مەزكۇر ئايال باشقا ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولسا، دەرھال ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ، قالغان ئىددىتىنى شۇ ئۆيدە چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ئەرنىڭ ئۆيىگە قايتمىسا، ئەردىن ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ئىددەت نەپىقىسى ئېلىش ھەققى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھەق، ئەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشتىن باش تارتىشى بىلەن قولىدىن كېتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2017. 10. 16

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 340 – بەت. 61 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————————–

1. «تالاق» سۈرىسى 1 – ئايەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز