ئىستانبۇلدىكى توي مەرىكىلىرىمىزدىن توغۇلغان ئويلار

بۇ يىل ياز كېلىشى بىلەن توي باغاقلىرى ئارقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. گاھىدا ھەپتىدە 4 – 5 توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلسە، گاھىدا بىر كۈندە 4 – 5 توي بولۇپمۇ كەتتى. بەزىسىگە ۋاقىت چىقىرىپ چوقۇم بېرىشقا تىرىشتۇق، بەزىسىگە بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇۋېتىپلا قايتتۇق، يەنە بەزىسىگە يېتىشەلمەي بارالمىدۇق.

قىز – يىگىتنىڭ ۋە ئاتا – ئانىلىرىنىڭمۇ بۇ ئۆمۈرلۈك ئىش ئۈچۈن ئايرىم ۋە مۇستەقىل توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن توي قىلىۋاتقان قىز – يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، مۇھاجىرەتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنىمۇ كۆزدە تۇتۇشمۇ ئورۇنسىز بولمىسا كېرەك.

خىتتاي كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك يۇقۇملىنىشتىن خەۋپىگە ئىقتىسادىي بېسىم ئامىلىنى قوشقىنىمىزدا توي مۇراسىملىرىنى كوللېكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مېنىڭچە نەچچە تەرەپتىن ئەۋزەللىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.

ئىستانبۇلدا چوڭ ۋە كىچىك ئۇيغۇر ئاشخانا – رېستۇرانتلىرى ئىنتايىن كۆپ. مۇبادا بۇلارنىڭ خوجايىنلىرىدىن بىرنەچچىسى بىرلىشىپ بىرەر مەرىكە زالى ئاچقان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە. ئۇيغۇرچە تائام، ئۇيغۇرچە سورۇن، ئازادە ئولتۇرۇپ – قوپۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش… ئەلۋەتتە كوللېكتىپ توي مۇراسىملىرى بۇنداق بىر توي – مەرىكە زالى خوجايىنلىرىغا ياقماسلىقىمۇ مۇمكىن.

ھەر ساھەدىكىلەر ئادەتتە مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ھەققىدە باش قاتۇرغىنىدا چوڭلار، مىللەت سەرخىللىرى ياكى سىياسىئونلىرىمىز، ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز نېمە ئۈچۈن بىرلىشەلمەيدۇ؟ دەپ سوراش ئارقىلىق بىرلىشەلمەسلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى شۇلارغا ئارتىمىز. ئوخشاش مەنتىق بويىچە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەلمەسلىك، بۇ ئىشتا بىرلىشەلمەسلىك مەسئۇلىيىتىنى توي قىلماقچى بولغان قىز – يىگىت ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئارتساق توغرا بولارمۇ؟ كىچىك ئاشخانا خوجايىنلىرىغىمۇ بىرلىشىپ چوڭ ئاشخانا ياكى توي زالى ئاچالماسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئارتىشقا بولارمۇ؟

توي مۇراسىملىرىدىمۇ ھەمكارلىشىش مۇسۇلمانلارئارا، جۈملىدىن شەرقى تۈركىستانلىقلارئارا قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىپادىسى بولماسمۇ؟ ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە توپلۇقتا تېپىلىدىغان ھەرخىل دىن، دۇنيا ۋە قىممەت قاراشقا ئىگە كىشىلەر بىزدىمۇ تېپىلىدۇ، بۇ مەلۇم مەنىدە بىزنىڭ نورمال جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەڭدارلىقىمىز ۋە بايلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى. مانا شۇ ئوخشىمىغان قاراش ۋە يوللارنىڭ يولۇچىسى بىزلەر دەل مۇشۇ مۇھاجىرەتتە تېپىشىپ قالدۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىجابىي نەتىجىلەر چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇ ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك. كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بولسا بۇ پۇرسەتلەرنىڭ ئەڭ يوللۇق ۋە ئەڭ جەلىبكار بولغانلىرىدىن دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

كوللېكتىپ توي ئىشلىرىغا بەزى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، ساخاۋەتلىك تىجارەتچىلەر… كۆڭۈل بۆلسە، باشقا مىللەتلەردىكىدەك كوللېكتىپ توي مەرىكىلىرى قانات يايسا بۇ ئۇيغۇرغا، مۇسۇلمانغا يارىشىدىغان ئېسىل ۋە بەرىكەتلىك ئىش بولاتتى. پەلەستىندە، مىسىردا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە يۈزلەرچە جۈپكە بىر كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ئىشلارنى چوڭ بايلار ئۈستىگە ئېلىپ بىر تۇتاشلا قىلىۋېتىدۇ. بىز ھەممىمىز يېنىمىزدىن چىقىرالايدىغان بولغاچقا بەلكىم ئۆزئارا كېلىشىپ يۈرمەي ئايرىم – ئايرىم ئۆتكۈزىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ياشلارچۇ؟ بولۇپمۇ توي مەرىكىسى چىقىملىرى ئېغىر كېلىش ئېھتىمالى بار ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ شۇ توي – مەرىكىگە چىقىش قىلالماي توي قىلالمىغانلىقتىن يامان يوللارغا كىرىپ كېتىۋاتقان ياش پەرزەنتلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىچۇ؟

مەن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ كوللېكتىپ توي مەرىكىسى كورىيەدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2012 – يىلىدىكى 3600 قىز – يىگىتنىڭ توي مەرىكىسى ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان توي ۋە ئائىلە ئاقارتىش خەير – ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئورۇنلاشتۇرغان كوللېكتىپ توي مەرىكىلىرىدە جەمئىي 60 مىڭ جۈپ قىز – يىگىتنىڭ تويى بولغان. بىلىشىمچە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرمۇ كوللېكتىپ توي مەرىكىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. بەزى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا كوللېكتىپ توي مەرىكىلىرى توي چىقىمىنىڭ 70% ىنى يەڭگىللىتىدىكەن.

ئۇنداقتا خىتتاي زۇلمى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالىماسلىقى ياكى بۇنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكىنىڭ سەۋەبلىرى ئىچىدە بىزدىكى كۆز – كۆز قىلىش ياكى ھەشەمەت خاھىشى بار دېيىشكە بولامدۇ، ياكى بۇ خۇشاللىق مەرىكىلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئايرىم قىلىشنى ياقتۇرۇش بار دەمدۇق؟ ياكى قىز – يىگىتلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى خىيال سۈرۈپ كېلىۋاتقان توي مەرىكىسىنى ئالاھىدە ئۆتكۈزگۈسى بارلىقى دەمدۇق؟

ئىقتىسادى يار بەرگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا توي مەرىكىسىگە 40-50 مىڭ لىرا خەجلىشىنى نورمال دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ھەققى. ئەمما ئىقتىسادى يوقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا توي مەرىكىسىگە 4 – 5 مىڭ لىرا خەجلىشى مەجبۇرىي ئىسراپ بولۇشى مۇمكىن. بۇ بارىدا ئاددىي ۋە چىقىمسىز زاللارنى ئۇقۇشۇپ ئاز چىقىم بىلەن توي قىلغان ئوقۇغۇچى قىز – ئوغۇللارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش كېرەك. ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىنى تېخىمۇ تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

دەۋەتچىلەرنىڭ تەبلىغلىرى، زىيالىيلارنىڭ ماقالىلىرى نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىرلەشتۈرىدىغان، جەملەيدىغان نەق مەسىلىلەر ئۈستىدە جىددىي توختىلىشتىن يىراق قالىدۇ؟ ئىقتىسادى بار – يوق ھەر خىل شارائىتتىكى ئائىلىلەرنىڭ پەزەنتلىرىنىڭ كوللېكتىپ توي قىلىشى توي قىلىشتىن ئىبارەت سۈننەتنى ئەھيا قىلىشتا ھەمكارلىشىشنى، تويلارنى تېخىمۇ جوشقۇن ئۆتكۈزۈش، ئاددىي – ساددىلىقنى تەرغىب قىلىش ۋە چىقىمنى ئازايتىپ ئىسراپ قىلماسلىق… نۇرغۇن جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە بولسا كېرەك.

كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئالاھىدە بولغان بىرەر كۈنگە ئۇدۇللانسا ياكى مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ دەپ بىلگەن بىرەر پەزىلەتلىك كۈن – سائەتكە ئۇدۇللانسا تېخىمۇ مەنىلىك بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي ئاز چىقىم بىلەن كاتتا سائادەتكە ئېرىشىش بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي مەھرى تويلۇقنىڭ ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىتىش بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي ئىسراپقا قارشى تۇرۇش بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي قەرزگە كىرىپ قالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئىپادىسى بولماسمۇ؟

كوللېكتىپ توي خىتتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ بىر ئامالى بولماسمۇ؟ 20 تويغا بارغاندىن، يىگىرمە جۈپنىڭ تويىغا بىرلا قېتىم قاتناشسا يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاز بولۇشى ئېنىق.

قىز يىگىتلەر توي مەرىكىسى كۈنىنى بېكىتىشتە بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى – كېيىن بولۇشقا كېلىشەلىسە ۋە بۇ ئىشقا ئازراق كۆڭۈل بۆلۈنسە يۈكلىرىمىزنى خېلى يەڭگىللىتىشىمىز مۇمكىن. بەزىلىرىمىز قەرزگىمۇ كىرىپ قالمايمىز.

كوللېكتىپ توي مەرىكىسى بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولغاچقا، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەزىبىر ھەمكارلىق، پىداكارلىق ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش جاپاسىنى تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىرەر گۇرۇپپا ياكى بىرەر تەشكىلات بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرسا توي ئىگىلىرىنىڭ تارتىدىغان جاپاسىمۇ يەڭگىللەيدۇ. بىر ۋەتەننىڭ دەردىنى تارتىپ مۇھاجىرەتتە سەرسانلىق ھاياتىنى كەچۈرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۆلۈم – يېتىم كۈنلىرى جەملىگەندەك، خۇشاللىق كۈنلەرمۇ جەملەيدۇ. ئۆزئارا رىشتىلىرىنى كۈچەيتىدۇ.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 08. 25

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز