ئىددەت ئىچىدىكى ئايال بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشسە، نىكاھ چۈشەمدۇ؟

ئىددەت ئىچىدىكى ئايال بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشسە، نىكاھ چۈشەمدۇ؟

سوئال: مېنىڭ دوستۇم ئىددەت ئىچىدىكى بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا پۈتۈشكەن بولسا، ئۇلار ئىددەتتىن كېيىن نىكاھلانسا، نىكاھ چۈشەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن باشقا بىر ئەردىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشقا ئېغىز ئېچىش ياكى ۋەدىلىشىش ھارامدۇر.

ئىددەت رەجئى تالاقتىن بولسۇن، ياكى ئۈزۈل – كېسىل ئاجرايدىغان بائىن تالاقتىن بولسۇن، ۋاپاتتىن بولسۇن، ياكى نىكاھنى ئىناۋەتسىز قىلىشتىن بولسۇن، ياكى شۈبھىلىك نىكاھتىن بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش.

بەزىدە بۇنداق ئىددەت تۇتۇۋاتقان بىر ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشقا ئېغىز ئېچىش ياكى ۋەدىلىشىش بولغاندا، ئايال كىشى نىكاھلىنىشقا ئالدىراپ ئىددىتى توشمىسىمۇ ئىددىتىم توشۇپ بولدى، دەپ تۇرۇۋېلىشى ياكى قورسىقىدىكى بالىنى چۈشۈرىۋېتىشى مۇمكىن.

جانابى ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئېيتىدۇ: ﴿ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن ئېغىز ئاچقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت يوللۇق سۆز قىلساڭلار بولىدۇ، پەرز قىلىنغان ئىددەت توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازا بېرىشتە ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر ﴾(2/«بەقەرە»: 235).

رەجئى تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئالماقچى بولغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشمۇ چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئايال باشقا بىر ئەرنىڭ ئايالى ھېسابلىنىدۇ. بائىن تالاقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئالماقچى بولغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈشنىڭ چەكلىنىشىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشاش ئەمەس. ھەنەفىي مەزھەبتە ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.

ئەمما، ئېرى ۋاپات بولغانلىقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئەھۋالدا ئالماقچى بولغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈش جائىز.

﴿ئېرى ۋاپات بولۇپ ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار﴾ دېگەن ئايەتتىكى پۇرىتىشنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق تەفسىر قىلغان: مەن توي قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. ماڭا بىر سالىھ ئايال ئۇچرىغان بولسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلىمەن، دەيدۇ. قاسىم ئۇنى مۇنداق تەفسىر قىلغان: سىز مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىك، مەن سىزگە قىزىقىمەن. ئاللاھ چوقۇم سىزگە ياخشىلىقنى ئاتا قىلغۇسى دەيدۇ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەرنى دەيدۇ. ئەتاﺋ مۇنداق دېدى: ئېنىق ئېيتماي «مېنىڭ بىر ھاجىتىم بار، خۇش بېشارەت ئېلىڭ، ئەلھەمدۇلىللاھ، سىزگە لايىق كۆپ» دەپ دارىتسا، ئۇ ئايال: «ئېيتقان سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم» دەيدۇ. بىر نەرسە ۋەدە قىلمايدۇ، ئەر كىشىمۇ ئۇ ئايالغا ئۇقتۇرماي، ئۇ ئايالنىڭ ۋەلىيسى بىلەن ۋەدىلەشمەيدۇ. ئەگەر بۇ ئايال ئىددەت ئىچىدە بىرەر كىشىگە ۋەدە قىلىپ قويۇپ، ئۇنى كېيىنچە ئىددىتى توشقاندىن كېيىن نىكاھلاپ ئالغان بولسا، ئىككىيلەننى ئاجرىتىۋېتىشقا بولمايدۇ.(1)

ئوچۇق سۆز ئېچىش دېگەن: مەن سىزنى ئالاي دەيمەن، ئىددىتىڭىز توشقاندا سىزنى نىكاھلاپ ئالاي، دېگەندەك سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئەينىي ئېيتىدۇ: «ئىددەت تۇتۇۋاتقان بىر ئايال ئىددەت ئىچىدە تۇرۇپ، بىر ئەر بىلەن ۋەدىلەشكەن بولسا، ئىددىتى توشمىغان چاغدا نىكاھ قىلىۋالسا، بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن ئۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىۋىتىلىدۇ. بۇ ئەر كېيىن ئۇ ئايال ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالالامدۇ؟ ئىمام مالىك، لەيس ۋە ئەۋزائىي قاتارلىق ئىماملار: قايتا ئالالمايدۇ، دەپ قارىغان. باشقىلار: بۇ ئەر كېيىن ئۇ ئايال ئىددىتىنى توشقۇزغاندىن كېيىن، خاھلىسا ئۇ ئايالنى نىكاھلاپ ئالالايدۇ، دەپ قارىغان. ئەمما، ئىددەت تۇتۇۋاتقان بىر ئايال ئىددەت ئىچىدە تۇرۇپ بىر ئەر بىلەن ۋەدىلەشكەن بولسا، ئاندىن ئىددىتى توشقاندىن كېيىن نىكاھ قىلىۋالسا، باشقا توسالغۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن نىكاھ توغرا بولغان بولىدۇ. ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئوچۇق ئېغىز ئېچىپ ئىددەت ئىچىدە نىكاھ قىلماي ئىددەتتىن كېيىن نىكاھ قىلغان بولسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىلەرنىڭ قارىشىدا نىكاھ توغرا بولىۋېرىدۇ. لېكىن، چەكلەنگەن بىر ئىشنى قىلغان بولىدۇ. ئىمام مالىك: نىكاھلاپ ئېلىپ بىرگە بولغان بولسۇن ياكى بولمىغان بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشى كېرەك، دەيدۇ».(2)

دېمەك، ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنى نىكاھلاپ ئالسا، بۇ نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئىددەت ئىچىدە ۋەدىلىشىپ ياكى ئېغىز ئېچىپ ئىددەتتىن كېيىن نىكاھلاپ ئالسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا نىكاھ توغرا، چۈنكى بۇ ھارام شەكىلدە ئېغىز ئېچىش نىكاھ بىلەن بىللە بولمىغان. شۇڭا، نىكاھقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. يەنە ئېغىز ئېچىش دېگەن نىكاھنىڭ شەرتى بولمىغاچقا، ئېغىز ئېچىش ئۇسۇلى خاتا بولغان ئەھۋالدا، بۇ سەۋەبتىن، نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ چەكلەنگەن ھارام ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

مالىكىي مەزھەب قارىشىدا، ئىددەت ئىچىدە ئېغىز ئاچقان ئايالنى ئىددەتتىن كېيىن نىكاھلاپ ئېلىشى مەكرۇھ، نىكاھلاپ ئالغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئايرىلىشى مۇستەھەب بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 13 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2012، 6 – مارت

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 338 – بەت. 60 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————-
1. «بۇخارىي»، (5124).
2. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 20/118.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ