ئايالىمنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى مەن ئۈستۈمگە ئالامدىم؟

ئايالىمنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى مەن ئۈستۈمگە ئالامدىم؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى. ئاتا – ئانام بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمىز . مەن ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى دادامغا بېرەتتىم. يېقىندا ئايالىم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئايالىمنى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى داۋالىتىۋاتىدۇ. ھازىر 70 مىڭ يۈەن كەتتى. يەنە 50 مىڭ يۈەن كېتىدىكەن. مەن ئۇلارغا ئاران 5 مىڭ يۈەن بېرەلىدىم. ئۇنىڭدىن كۆپ بېرەي دېسەم ئاتا – ئانام بەرمىدى ۋە قوشۇلمىدى. چۈنكى، ئارىمىزدا بالا يوق. كەتكەن چىقىملارنى مەن ئۈستۈمگە ئالامدىم ياكى ئايالىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىگە ئالسىمۇ بولامدۇ؟ مەن گۇناھكارمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئايالنىڭ نەپىقىسى ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىبتۇر، بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.

جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە ئېيتىدۇ: ﴿پەرزەنتى تۇغۇلغان ئاتىلار ئۈستىگە ئاياللارنىڭ رىزقى ۋە كىيىم – كېچەكلىرى ۋاجىبتۇر ﴾(2/«بەقەرە»: 233)، ﴿پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئۇلار پەقەت ئوچۇق بىر ھاياسىزلىق قىلمىسىلا (ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۆزلىرىمۇ چىقىپ كەتمىسۇن، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ چەك – چېگرىلىرىغا تاجاۋۇز قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، بەلكى ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ قېلىشى مۇمكىن﴾(65/«تالاق»: 1)، ﴿ئۇلارنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزەڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جاينىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى سىقىپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەڭلار. ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بالىلىرىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇلارغا نەپىقىلىرىنى بېرىڭلار، تولۇق ئاجراپ بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنى ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ھەققىنى بېرىڭلار، ئۆزئارا مۇۋاپىق شەكىلدە پۈتۈشۈڭلار، ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار، ئاتىسى ئۈچۈن بالىسىنى باشقا بىر ئايال ئېمىتىپ بېرىدۇ. باي ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا نەپىقە بەرسۇن، رىزقى ئاز قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا نەپىقە بەرسۇن، ئاللاھ ھېچكىمگە ئۇنىڭغا بەرگىنىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەت ئارتمايدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىق بېرىدۇ ﴾(65/«تالاق»: 6، 7)

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىدالىشىش ھەجىدىكى خۇتبىسىدە مۇنداق تاپىلىغان: «ئاياللارنىڭ ھەق – ھوقۇقىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار! چۈنكى، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانەت قىلىپ تاپشۇرۇشى بىلەن ئالدىڭلار، ئۇلارنىڭ فەرجلىرىنى ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ھالال قىلدىڭلار،… ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك خىراجىتى سىلەرگە مۇۋاپىق مىقداردا ۋاجىبتۇر».(1)

نەپىقە دېگەندىن مەقسەت: كىشى ئۆزى باقىدىغان بالىچاقا، ئاتا – ئانىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان، ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ئومۇم خىراجەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئايال كىشى ئەرگە تەگكەندىن تارتىپ يېتەرلىك خىراجەتنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېرى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىسلام ئايال كىشىگە بۇ ھەقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايال كىشى تىرىكچىلىك قىلىمەن دەپ بازار – كوچىلاردا سۆرۈلۈپ يۈرمەيدۇ، ئايال كىشى يېنىدىن چىقىم قىلمىسىمۇ، تۇرمۇشى ئەرنىڭ ئۆيىدە ئەر تەرىپىدىن تولۇق كاپالەتلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئايال بولغۇچى ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بولغان ھاياتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا تولۇق ۋاقتىنى چىقىرالايدۇ.

لېكىن، ئالىملار بۇ خىراجەتنىڭ چەك – چېگرىسى ۋە باشقا مەسىلىلەردە ھەر خىل قاراشتا بولغاچقا، نەپىقە ھەققىدىكى ئىزاھلىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس.

دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىي نەپىقىنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «ئۆزى بېقىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلارغا يېتەرلىك چىقىمىنى قىلىپ بېرىش».(2)

لېكىن، شەيخ سەييىد سابىق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئايالى موھتاج بولىدىغان يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ، خىزمەتچى ۋە دورا قاتارلىقلارنى ئايالى باي بولغان تەقدىردىمۇ ئايالىغا تەل قىلىپ بېرىش».(3)

ئەسلىدە ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ بۇ ئىزاھاتلىرىدىكى ئوخشىماسلىق، ئىلگىرىكى ئالىملار ئوتتۇرىدىكى قاراش ئوخشاشماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ كۆپچىلىكى داۋالىنىش ۋە دورا – دەرمەك چىقىمىنى نەپىقە دائىرىسىگە ئالماي، نەپىقىنى پەقەتلا يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇ ئۆيدىن ئىبارەت قىلغان. يەنە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە خىزمەتچى خىزمىتىنى قىلىدىغان ئايال بولسا، خىزمەتچىنىڭ ئىش ھەققىنىمۇ قوشقان. ئاز سانلىق ئالىملار بۇنىڭغا ئايالىنىڭ ئاغرىپ قالغاندىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىمۇ قوشقان.

تۆۋەندە ئالىملارنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتەيلى:

تۆت مەزھەب ئىماملىرى بىلەن زاھىرىي مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملار: ئايالىغا قارىتا ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب بولغان نەپىقە ئۈچ تۈرلۈك نەرسە، يەنى:

1. يېمەك – ئىچمەك، 2. كىيىم – كېچەك، 3. تۇرالغۇ ئۆيدىن ئىبارەت، داۋالاش بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، دەپ قارىغان.

مەسىلەن، ئىمام ئىبنى ئابىدىن: «ئۇنىڭ، ئايالىنى داۋالىشى كېرەك بولمايدۇ» دېگەن.(4)

مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىمۇ: «شۇنداقلا ئايالى ئاغرىپ قالغاندا، يا دورىنىڭ ئۆزىنى، يا پۇلىنى ئېرى بېرىشى كېرەك بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تېۋىپنىڭ ئىش ھەققىمۇ بار» دېگەن. (5)

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ: «ئايالى ئۈچۈن تېۋىپنىڭ ئىش ھەققىنىمۇ، قان ئېلىپ قويىدىغانلارنىڭ ئىش ھەققىنىمۇ تۆلەپ قويمايدۇ» دېگەن.(6)

ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى قۇدامە: «ئەر كىشى ئايالىغا دورا – دەرمەكلىرىنى ئېلىپ بېرىشىمۇ، تېۋىپنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشىمۇ ۋاجىب بولمايدۇ» دېگەن.(7)

زاھىرىي مەزھەب ئىمامى ئىبنى ھەزممۇ ئەرنىڭ بوينىغا ۋاجىب بولغان نەپىقە دائىرىسىگە داۋالىنىش خىراجىتىنى كىرگۈزمىگەن.(8)

ھازىرقى ئالىملاردىن ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە، بىن جىبرىن قاتارلىقلارمۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان «پەتۋا كومىتېتى»مۇ، مۇشۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى تۇتۇپ، ئەرنىڭ بوينىدىكى نەپىقىگە داۋالىنىش خىراجىتىنى كىرگۈزمىگەن.(9)

ھازىرقى زامان بىر قىسىم ئالىملار ياقلىغان ئىلگىرىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ قارىشى بەلكىم ئەينى زامانلاردىكى ئاددى – ساددا تۇرمۇش ئەھۋالىغا، ياشام تەرزىگە ۋە ئۆرپ – ئادەتكە ئاساسلانغان بولسا كېرەك. لېكىن، ھازىر داۋالىنىش يېمەك – ئىچمەككە ئوخشاش زۆرۈر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. پەتۋا دېگەن زامان بىلەن ماكان، شۇنداقلا ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەھۋاللارغا قاراپ ئۆزگىرىدىغان ئەھۋال بار.

شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: «داۋالىنىش دېگەن داۋاملىق لازىم بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بىرەر كېسەللىك كۆرۈلگەندە لازىم بولىدۇ. شۇڭا، دورا پۇلى بىلەن دوختۇر ئىش ھەققى ئەرگە ۋاجىب بولمايدۇ» دەپ قارىغان.(10)

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بۇ قارىشىغا ئەينى زاماندىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تىبابەت تەرەققىياتى ئانچە ئىلغار بولمىغاچ، داۋالانسا ساقىيىش ئېھتىمالى ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك: «داۋالىنىش ۋاجىب ئەمەس» ياكى «داۋالىنىش جائىز» دېگەن قارىشى تۈرتكە بولغان بولسا كېرەك. ھازىرقى زاماندا تىبابەت كۆرۈنەرلىك تەرەققىي قىلىپ داۋالىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولماقتا.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئېنىق، كەسكىن، مەخسۇس بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن ئىجتىھادى مەسىلە بولغاچقا، يەنە ئۆرپ – ئادەتنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە تەسىرى بولغاچقا، ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىجتىھاد قىلىشقان.

بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىلگىرىكىلەردىن ئاز بىر قىسىم ئالىملار باشقىچە قاراشتا بولغان. مەسىلەن، مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىدىن ئىبنى ئابدۇلھەكەم: «تېۋىپنىڭ ئىش ھەققى بىلەن داۋالاش چىقىملىرى، ئەرگە ۋاجىب بولىدۇ» دەپ قارىغان.(11)

ئىمام شەۋكانىيمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.(12)

شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئالىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى، ئايالنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىمۇ، ئەرنىڭ بوينىغا ۋاجىب بولغان نەپىقىنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىغان. ئەزھەرگە تەۋە «پەتۋا كومىتېتى»مۇ مۇشۇ قاراشنى تاللىغان بولۇپ، ئىمام قەرەداۋىيمۇ مۇشۇ قاراشنى تەرجىھ قىلغان.(13)

بۇ ئىنتايىن ئورۇنلۇق قاراش، بۇ قاراشنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى ئاياللارغا نەپىقە بېرىش، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدىكى ئومۇم كۆرسەتمىلەر كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كۆپىنچە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى شەرئى مەھكىمىلەر ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلە قانۇنىدا: «ئايالنىڭ نەپىقىسى، مۇۋاپىق مىقداردا يېمەك – ئىچمەكى، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ ۋە داۋالىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.(14)

بۇ قاراش تۆۋەندىكى دەلىللەرگە تايانغان:

1. ئۇرۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ھىند پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە: ئەبۇ سۇفيان بېخىل بىر ئادەم بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ مېلىدىن (مەخپىي) ئېلىۋېلىشقا موھتاج بولىمەن، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۆزىڭىزگە ۋە بالىڭىزغا كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا مۇۋاپىق ئېلىڭ» دېدى.(15)

بۇ ھەدىسنىڭ زاھىرىغا قارايدىغان بولساق، كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردىكى نەپىقە، يېمەك – ئىچمەككىلا خاس ئەمەس، بەلكى ئايالىنىڭ ھاجىتى چۈشىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئومۇمدۇر، دورا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. جانابى ئاللاھنىڭ: ﴿پەرزەنتى تۇغۇلغان ئاتىلارغا ئاياللارنىڭ رىزقى ۋە كىيىم – كېچەكلىرى ۋاجىبتۇر﴾(2/«بەقەرە»: 233) دېگەن ئايەتىمۇ، شۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ، چۈنكى رىزىق دېگەن داۋالىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.(16)

بەلكى، تېخى دورا بىلەن داۋالىنىشقا بولغان ئېھتىياج، يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجدىن كۈچلۈك. ئەگەر يېمەك – ئىچمەك قاتارلىق نەپىقە ۋاجىب دەپ قارىساق، داۋالىتىش بىلەن دورا چىقىمىمۇ ئەلبەتتە ۋاجىب بولىدۇ.

2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ يولىدا سەن خەجلىگەن بىر تىللا، بىر قۇلنى ئازات قىلىش ئۈچۈن خەجلىگەن يەنە بىر تىللا، بىر مىسكىن بىچارىگە سەدىقە قىلغان يەنە بىر تىللا، ئايالىڭغا خەجلىگەن يەنە بىر تىللا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەجىر جەھەتتە ئەڭ كاتتىسى ئايالىڭغا خەجلىگەن بىر تىللادۇر» دېگەن.(17)

بۇ ھەدىستە ئايالىغا خەجلىگەن ۋاجىب ياكى مۇستەھەب نەپىقىنى ھەم سەدىقە، ھەم سىلە – رەھىم بولغاچقا، ئاللاھ يولىدا خەجلىگەن، قۇل ئازات قىلىش ئۈچۈن خەجلىگەن ۋە مىسكىنگە سەدىقە بەرگەن نەپىقىدىن ئەۋزەل قىلغان. مەلۇمكى، نەپىقە دېگەن ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن بولىدۇ. ئۆيدە ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقتىن ياكى قورساق كۆتۈرۈپ، تۇغۇپ، جاپا تارتقانلىقىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئاغرىپ يېتىپ قالسا، تەكشۈرتۈپ داۋالىتىش يېمەك – ئىچمەكتىنمۇ زۆرۈر بولۇشىدا شەك يوقتۇر.

3. جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿ئۇلار بىلەن چىرايلىق ئۆتۈڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 19) دېگەن. ئايالى ساق چاغدا بېقىپ، ئاغرىپ قالسا كارى بولماي تاشلىۋېتىش، داۋالاتماي قېيىنئاتىسىنىڭكىگە ئەۋەتىپ قويۇش، پەرزەنتىنى تۇغۇپ بەرسە دوختۇرخانىنىڭ پۇلىنى تۆلىمەسلىك قانداقمۇ چىرايلىقچە ئۆتۈش بولسۇن!

4. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساھابە – كىراملار ئاياللىرىنى داۋالىغان. ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان.

مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىدىن بەزىسىنى ئوڭ قولى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ دۇئا ئوقۇپ پاناھلىق تىلەپ، مۇنداق دەم سالاتتى: «ئى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى! ئاغرىقنى كەتكۈزىۋەتكىن، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىن، سەن شىپالىق بەرگۈچىسەن، سېنىڭ شىپايىڭدىن باشقا شىپا يوقتۇر، شۇنداق شىپالىق بەرگىنكى، كېسەللىك قالمىغاي».(18)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: ئوسماننىڭ بەدر غازىتىغا قاتناشمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ قولىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى بار بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ قىزى ئاغرىپ يېتىپ قالغان بولغاچقا، رەسۇلۇللاھ ئوسمانغا: «ساڭا بەدرگە قاتناشقان بىر جەڭچىنىڭ ئەجرى ۋە ئۈلۈشى بېرىلىدۇ» دېگەن.(19)

5. ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۆزى باقىدىغانلارنى زايە قىلىۋېتىشى كىشىگە يېتىپ – ئاشىدىغان گۇناھتۇر» دېگەن.(20)

ئاغرىپ قالسا داۋالىماسلىق زايە قىلىۋېتىشنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

6. ناﻓﯩﺌ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ئاسرىغۇچىسىلەر، ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯ قولۇڭلاردىكىلەردىن ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﺳﯩﻠﻪﺭ. ئەمىرمۇ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ جاۋابكاردۇر؛ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ جاۋابكاردۇر؛ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ قولىدىكىدىن جاۋابكاردۇر؛ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻤﯘ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﻩ ئاسرىغۇچىدۇر، ﺋﯘ قولىدىكىدىن جاۋابكاردۇر».(21)

7. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئاراڭلاردا سۆيگۈ ۋە مېھىر – شەپقەت ئورناتقانلىقى، ئۇنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر ﴾(30/«رۇم»: 12). ئايالىنى داۋالىماسلىقمۇ، سۆيگۈ بىلەن مېھىر شەپقەتكە زىت بولىدۇ.

8. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿ئۇ ئىككىڭلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋەتمىسۇن، جاپا تارتىپ قالىسەن﴾(20/«تاھا»: 117). جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتتە خىتابنى ئادەم بىلەن ھەۋۋا ئىككىيلەنگە قىلغاندىن كېيىن، «جاپا تارتىپ قالىسەن» دەپ ئادەمگە خىتاب قىلغان. بۇ ئەر كىشىنىڭ تەر ئاققۇزۇپ ئىشلەپ جاپا تارتىپ، تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئايالىغا تەييارلاپ بېرىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دورا بىلەن داۋالىنىشمۇ زۆرۈر نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر.

يۇقىرىقى دەلىللەر ئىككى قاراشتىكىلەر ئورتاق دەلىل قىلىدىغان دەلىللەر بولسىمۇ، بىرىنچى قاراشتىكىلەر داۋالىنىش چىقىمىنى زۆرۈر دەپ قارىمىغاچقا، ئۇنى ۋاجىب نەپىقە دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن. ھازىرقى زاماندا داۋالىنىش چىقىمىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن ئىكەنلىكىدە ھېچكىم تالاش – تارتىش قىلمىسا كېرەك. دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىي مۇنداق دەيدۇ: «ئەمما، ھازىر داۋالىنىشقا بولغان ئېھتىياج يېمەك – ئىچمەك بىلەن غىزالىنىشقا بولغان ئېھتىياجغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. چۈنكى، بىمار داۋالىنىشنى باشقا ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۇ ئۆلۈم بىلەن ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ئاغرىق ئازابىدىن زارلىنىۋاتقان ئەھۋالدا تاماق يېيەلەمدۇ؟ شۇڭا، مەن داۋالىنىش خىراجىتىمۇ باشقا زۆرۈر خىراجەتلەرگە ئوخشاشلا ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارايمەن».(22)

خۇلاسە: ئەر كىشى كېسەل ئايالىنى داۋالىتىشى، دورا، دوختۇر ۋە دوختۇرخانا ئۈچۈن كەتكەن چىقىملارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەرنىڭ ئىمكانىيىتى يار بەرمىسە، ئايالنىڭ ئاتىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ھەمكارلىشىپ خىراجەت قىلىدۇ.

ئادەتتە، بەزى ئەرلەرنىڭ چىقىمىنى ئاتىلىرى قىلىپ بېرىدىغان بولغاچقا، ئاتىلىرى جەمئىيەتتىكى يامان ئادەت تەسىرىدە كېلىنىنى داۋالاشقا ئۇنىمايدۇ. ئەر تەڭلىكتە چارىسىز قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، يا ئايالنىڭ ئاتىسى ياردەم قىلىپ داۋالىتىۋەتسە ياكى ئەر قەرز ئېلىپ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلىۋەتسە بولىدۇ.

ئەلبەتتە، زۆرۈر داۋالىنىش بىلەن ئارتۇقچە داۋالىنىشنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش لازىم. يۇقىرىدا ۋاجىب دەپ قارىغىنىمىز داۋالىنىش زۆرۈر بولغاندىكى ئەھۋالغا قارىتىلغاندۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1433، 28 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2012، 21 – مارت

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 330 – بەت. 59 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————-
1. «مۇسلىم»، (1218).
2. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 7/756.
3. شەيخ سەييىد سابىق: «فىقھۇسۈننە»، 2/304.
4. سەرەخسىي: «ئەلمەبسۇت»، 21/105؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇلمۇھتار»، 5/227.
5. خۇرەشىي: «شەرھۇلخۇرەشىي»، 4/183.
6. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 8/337.
7. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/235.
8. ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/112.
9. مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە: «تنظيم الإسلام للمجتمع»، 84 – بەت. شەيخ بىن جىبرىن: «فوائد وفتاوى»، 128 -، 129 – بەتلەر؛ «فتاوى اللجنة الدائمة»، 21/169.
10. شىيرازىي: «ئەلمۇھەززەب»، 2/161؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلكافىي»، 3/363.
11. مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 4/392.
12. شەۋكانىي: «ئەسسەيلۇل جەررار»، 2/448.
13. قەرەداۋىي: «فەتاۋا مۇئاسىرە»، 2/172.
14. مەسىلەن: «مىسىر ئائىلە قانۇنى»، 1985 – يىلىدىكى تۈزىتىلگەن 25 – ماددا، 2 – ئابزاس؛ «سۈرىيە ئائىلە قانۇنى»، 71 – ماددا؛ «مەغرىب ئائىلە قانۇنى»، 118 – ماددا؛ «جەزائىر ئائىلە قانۇنى»، 71 – ماددا.
15. «بۇخارىي»، (7180).
16. شەيخ مۇھەممەد سىددىق ھەسەن خان ئەلقىننەۋجىي: «ئەررەۋزەتۇننەدىييە»، 2/312؛ قەرەداۋىي: «فەتاۋا مۇئاسىرە»، 2/172.
17. «مۇسلىم»، (995).
18. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5743)؛ «مۇسلىم»، (2191).
19. «بۇخارىي»، (3130).
20. «ئەبۇ داۋۇد»، (1692)، «نەسائىي»، (9176، 9177).
21. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (893)؛ «مۇسلىم»، (1829).
22. دوكتور زۇھەيلىي: «ئەلفىقھۇل ئىسلامىي ۋە ئەدىللەتۇھۇ»، 10/7380.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ