1930 – يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا دائىر قىممەتلىك تۆت ماقالە

تەييارلىغۇچى: قەشقەرلى

 

1931 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىملىرىدىن جىن شۇرىنگە قارشى قومۇل – تۇرپانلاردا خەلقىمىز تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەرگە كېڭىيىپ نەتىجىدە، خوتەندە ئىسلام ھۆكۈمىتى، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، بۇ جەرياندا ئىنقىلابچىلار خىتايلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇدىن ماجۇڭيىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنىنى ياردەمگە چاقىرغان، ئەپسۇس ياردەمگە كەلگەن تۇڭگان قوشۇنلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىلىرى ئارىسىدا نىزا تۇغۇلۇپ، ئاخىرى بۇ نىزا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئىنقىلابچىلار بىر تەرەپتىن كەلگۈندى تۇڭگانلار بىلەن جەڭ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن باسمىچى خىتايلار بىلەن جەڭ قىلغان.

باسمىچى خىتايلارنىڭ زۇلمى يەتمىگەندەك ئەسلى ياردەمگە كېلىپ كېيىن ياۋۇز نىيىتىنى ئاشكارىلىغان تۇڭگانلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارغانلىكى يېرىدە بۇلاڭچىلىق، قەتلىئاملارنى ئېلىپ بارغان.

تۇڭگانلار بىلەن ئىنقىلابچىلارنىڭ ئارىسى بۇزۇلغان پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلانغان خىتاي قوماندانى شىڭ شېسەي ئىنقىلابچىلار ئاتامانى خوجا نىياز ھاجىنى ئالداپ ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، بۇ كېلىشىم رۇس بولشېۋىكلىرىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى بىلەن ۋۇجۇتقا چىققان. نەتىجىدە خوجا نىياز ھاجى خىتاي بېسىپ ياتقان ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شىڭ شېسەي بەرگەن قۇرۇق مەنسەپكە ئولتۇرغان، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى گېنېرالى مەھمۇد مۇھىيتىي مىللىي ئىنقىلابچىلاردىن قۇرۇلغان قوشۇنغا باش گېنېرال بولۇپ قەشقەردە تۇرغان، تۇڭگانلار قوماندانى ماجۇڭيىڭ رۇسىيەگە كەتكەن، قالدۇق ئەسكەرلىرى خوتەننى بېسىپ ياتقان.

كېيىن ئۈرۈمچىدىكى خوجا نىياز ھاجى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن توزاق قۇرۇلۇپ قولغا ئېلىنىپ شەھىد قىلىنغان، قەشقەردىكى مەھمۇد مۇھىيتىيمۇ ئەسكەرلىرىنى تاشلاپ ھىندىستانغا چىكىتىشكە مەجبۇر بولغان.

مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ قالغان ئەسكەرلىرى، قالدۇق تۇڭگانلارغا ئالدىنىپ خىتاي – رۇس قوشۇنلىرى بىلەن جەڭگە كىرىپ مەغلۇپ بولۇپ، توزۇپ كەتكەن. قالدۇق تۇڭگانلارمۇ نۇرغۇن ئالتۇن – كۈمۈشنى بۇلاپ ھىندىستانغا قېچىپ كەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى خىتايلارغا قارشى 1931 – يىلى پارتىلىغان بۇ ئىنقىلاب 1937 – يىلى مەغلۇبىيەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاخىرلاشقان.

باشتا ئاددى دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن باشلىنىپ كېيىن مۇنتىزىم ئارمىيىلەشكەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب – شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنى ئازات قىلىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا نائىل بولغان بۇ ئىنقىلاب بەزى ئاتامانلارنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك – چۈشەنمەسلىكلەر، تۇڭگانلارنىڭ ئىنقىلابچىلارغا خىيانەت قىلىشى ۋە رۇس بولشىۋېكلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارغا قارشى خىتاي قوماندانى شىڭ شېسەينى قوللاپ، ئۇنىڭغا بىۋاسىتە ياردەم بېرىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن.

مانا بۇ ئىنقىلاب ھەققىدە نۇرغۇن يازمىلار، ئەسلىمىلەر، كىتابلار يېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە نەشر قىلىنغان مەجمۇئە – ژۇرناللاردىكى ماقالىلەرمۇ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.

1929 – يىلى دېكابىردا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھرىدە قازاق ئىلغارلىرىدىن مۇستاپا چوقاينىڭ باش مۇھەررىرلكىدە نەشر قىلىنىشقا باشلىغان «ياش تۈركىستان» ناملىق ئايلىق ژۇرنالنىڭ 1938 – يىلى يانۋار، فېۋرال، مارت، ئاپرىل، ماي ئايلىرىدا نەشر قىلىنغان 98، 99، 100، 101 – سانلىرىدا ئارقىمۇ – ئارقا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان تاجى ئەھمەد، دەردمەن، ئەمىن ۋاھىدىي ئەپەندىلەرنىڭ ئاپتورلىقىدىكى:

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسى ئەتراپىدا»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسى ئەتراپىدا(تۇڭگان ۋە رۇس بولشېۋىكلىرى ۋەھشىلىكلىرىدىن بىر نەمۇنە)»، «شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا بىر قاراش» ناملىق چاغىتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ماقالىلەر 30 – يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىلغان قىممەتلىك ئۈچ پارچە ماقالە ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئۈچ پارچە ماقالە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 1938 – يىل بېشىدىكى تۆت ئايلىق سانىغا بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىلەر تولۇق ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ژۇرنالنىڭ شۇ يىلقى 5 – ئايلىق سانىدا(ئومۇمىي 102 – سانىدا) «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشى دەرسلىرى» دېگەن ماۋزۇدا ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن مەزكۇر ئۈچ ماقالىدىكى بايانلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن باش ماقالە بېرىلگەن.

مەزكۇر ئۈچ ماقالىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئىنقىلابقا بىۋاسىتە شاھىد بولغان شاھىدلار قەلىمىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىدە بولسا، قىممىتى ئۇلاردىكى ئىنقىلابقا ئائىت بىر قىسىم ئۇچۇرلار ۋە ئۆزگىچە مۇلاھىزلەردىدۇر.

شۇنداق بولغاچقىمۇ ژۇرنال تەھرىراتى بۇ ئۈچ ماقالىنى تولۇق ژۇرنالدا ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئۈچ ماقالىدىكى بايانلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باش ماقالە ئېلان قىلغان. تەھرىرات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىمۇ ئۆزگىچە قاراش ۋە شۇ دەۋرگە نىسبەتەن يېڭىچە پىكىرگە تويۇنغان قىممەتلىك ماقالە ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر ئۈچ ماقالە ۋە ئۇلار ھەققىدە ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالە قوشۇلۇپ بۇ تۆت قىممەتلىك ماقالىنىڭ بىزنىڭ ئەينى دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى چۈشىنىشىمىزدە ۋە شۇ دەۋردىكى ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىنى توغرا تونۇپ، توغرا يەكۈنلەپ، بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ئىبرەت دەرسى ئېلىشىمىزدا ئالاھىدە ياردىمى تېگىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ تۆت ماقالىنى «1930 – يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا دائىر قىممەتلىك تۆت ماقالە» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىرلەشتۈرۈپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلىدۇق.

ماقالىلەرنى نەشرگە تەييارلاشتا ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ماقالىلەردىكى ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى بويىچە ئىشلىتىلگەن كونا سۆزلەرنىڭ تامامەن دەۋرىمىزدىكى ۋاريانتىنى بەردۇق، شۇنداقلا جۈملە ئۇسلۇبىنىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى جۈملە ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇردۇق، نەتىجىدە بۇ تۆت ماقالىدە ئەينى دەۋرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبى روشەن ئەكىس ئەتمەي قالدى، نەشرگە تەييارلاشتا ئوقۇرمەنلەرگە قولايلاشتۇرۇش كۆزلىنىپ قىلىنغان بۇ دىتسىزلىققا ئۆزۈر سورايمىز.

يەنە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى مەزكۇر ماقالىلەرگە ژۇرنال باشقارمىسى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىلاۋە – ئەسكەرتمىلەر بولسۇن ياكى ئاپتورلار تەرىپىدىن بېرىلگەن تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھلار بولسۇن ئەينى مەزمۇن بويىچە بېرىلدى، ماقالىلەردىكى ئوقۇرمەنلەردىن چۈشەنمەك ئۈچۈن بىر ئاز ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بەزى ئۇزۇن جۈملىلەر، ماسلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ھالىتى بويىچە بېرىلدى، لېكىن چۈشىنىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن بۇ جۈملىلەرنىڭ ئىچىگە پرېسلانغان قىستۇرما جۈملىلەر سىزىقچە ئارىسىغا ئېلىندى.

ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ژۇرنالنىڭ ئومۇمىي سانى، بەت نومۇرى ھەربىر ماقالىنىڭ كەينىدە كۆرسىتىلدى، ماقالىلەر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تەرتىپ بويىچە نىنجىلەشتۈرۈلۈپ بېرىلدى.

ئەينى دەۋردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەققىدە مۇئەييەن تونۇشقا ئىگە ئەمەس ئوقۇرمەنلەر مەزكۇر ماقالىلەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئۇلاپ چۈشىنەلمەسلىكى مۇمكىن، ئۈزۈندى ۋەقەلىكلەرنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرگە ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى، تۆھپىكار ناشىر ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ تەييارلىشىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1 – سانىغا بېسىلغان ئەمىن ۋاھىدىينىڭ «ئەسلەتمە»سىگە مۇراجىئەت قىلغاي.

– قەشقەرلى

خوش، ئەمىسە قىممەتلىك بۇ تۆت ماقالىگە نەزەر تاشلايلى!

 

بىرىنچى ماقالە:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسى ئەتراپىدا

ئاپتورى: تاجى ئەھمەد

 

[بىز تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز مىللى مەسىلىمىز بولغان ۋە شۈبھىسىز يېقىن كېلەچەكتە ئاسىيا قىتئەسىدە بولىدىغان بۈيۈك تارىخىي ھادىسىلەردە رولى مۇھىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن «ياش تۈركىستان» ئوقۇغۇچىلىرى بىر ئاز تونۇشتۇر.

بۇ مەسىلىگە دائىر بېسىلىشى كۆزدە تۇتۇلغان بىر قانچە ماقالىگە باشلانغۇچ بولۇپ بېسىلغان تۆۋەندىكى شەرقىي تۈركىستان چىگرىسى ئىچىدىن يوللانغان ماقالىگە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئايرىمچە تارتىپ ئۆتىمىز. – باشقارمىدىن]

شەرقىي تۈركستان ئىنقىلابى ئاددى چۈشەنچە بىلەن پەقەت يەرلىك زالىم ھۆكۈمەتنى چۈشۈرۈپ، ئورنىغا ئادالەتلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە جۇمھۇرىيەت قانۇنلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىش مەقسىدى بىلەن باشلانغان.

تۈركىستاننىڭ بىر پۇچىقىدا پارتىلىغان بۇ ئىنقىلاب، بومبا زەربىسىنىڭ ئۇرۇلىشىدەك تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىنى قاپلىغان.

ئەمما ئەجەبدۇركى بۇ ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى – مەملىكەتنىڭ جەنۇب ۋە شەرقى جەنۇب تەرەپلىرىدە مۇددىئا ۋە مەقسىتى – ئۆزگۈرۈپ كەتكەن. يەنى خوتەندە «جەلالەتۇلمەلىك» تەيىنلىنىش بىلەن پادىشاھلىق قۇرۇلۇپ، قەشقەردە خوجا نىياز ھاجىنى جۇمھۇر رەئىسى بەلگىلەپ، «جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلغان.

ھالبۇكى ئىنقىلابنىڭ تا بېشىدا ئۈرۈمچىگە كۈچى تولۇق يەتمىگەن ئىنقىلابچىلار پۇرسەتچى تۇڭگانلارنى چاقىرتىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىقى ۋە ئىسلامىي ھەرىكەتتە مۇسۇلمانلىققا توغرا كەلمىگەن ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئارىدا ئىختىلاپ چىقىپ، ئازكۈندە بىر – بىرلىرىگە دۈشمەن بولغان ۋە بۇ نازۇك پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر قويۇش بىلەن تۈرك ئىنقىلابچىلارنى ئۆز تەرىپىگە تارتالىغان ئىدى.

جىن شۇرىننىڭ قاچۇرۇلىشى ۋە شىڭ شېسەينىڭ نەنجىڭ تەرىپىدىن تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۆزىنى «دوبەن» (ئومۇمىي ھەربىي ئىدارە باشلىقى بولۇپ خىتايلاردىكى بىر مەنسەپ) قىلىشى ئومۇمىي پىلاندىن خەۋەرسىز ساددا دىللارنى ئىشەندۈرۈشكە يېتەرلىك بولغىنىدىن باشقا، ئەينى زاماندا قانخور ۋە ۋەھشىي تەبىئەتلىك تۇڭگانلارنىڭ جاپاسىدىن قۇتۇلماق ئۈچۈن بىر چارە ئىدى.

باشلانغۇچىدا چەكسىز بىر ھوقۇقنى ئويلىغان ئىنقىلابچىلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىقى خوجا نىياز ھاجىغا شىڭ دوبەن تەرىپىدىن «نەنجاڭ بوۋىي زۇڭ سىلىڭ» (جەنۇبى شەرقىي تۈركىستان مۇھاپىز يۈكسەك گېنېرالى) لىق مەرتىۋىسىگە نائىلاج رازى بولغان. مانا شۇ ۋاقىتتا خوجا نىياز ھاجى قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتكە رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ئىدى.

بىر تەرەپتىن سىلىڭلىق مەرتىۋىسى، ئىككىنچى تەرەپتىن مۇستەقىل بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسلىك ئۇنۋانىنى ئالغان خوجا نىياز ھاجى بولسۇن، ياكى ئۇنى جۇمھۇر رەئىسى قىلىپ بەلگىلىگەن قەشقەر ھۆكۈمىتى بولسۇن بىر – بىرىگە زىت بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ قانداق بىر نەتىجە بېرىپ توختايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەندى.

لېكىن «بوۋىي زۇڭ سىلىڭ» دەپ سايلىغان شىڭ دوبەن ھەممە نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ، پۈتۈن ئىشنى بىلىپ باشقۇرۇۋاتاتتى.

دەل ۋاقتىدا شۇنى ھەم قەيت قىلماق لازىمدۇركى، ئىنقىلابنىڭ تا بېشىدا ياپونىيە ئۇرۇشىدىن قاچقان خىتاي ئەسكەرلىرىنى سوۋېت – رۇسىيە شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈپ قويغان ۋە رۇسىيىدىن كېلىپ بۇ تۇپراقلاردا ياشاۋاتقان ئاق رۇسلارنىمۇ قوراللاندۇرۇپ، شىڭ دوبەن كۈچىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ماددى ياردەم بەرگەن ئىدى.

سوۋېت – رۇسىيە يالغۇز بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە چۆچەك تەرەپتىكى تۇڭگان ئىسيانىنى باستۇرۇش باھانىسى بىلەن جۇڭغارىيەگە «تارباغاتايىسكى ئەترەت»(مەخسۇس تارباغاتاي قوشۇنى) نى كىرگۈزگەن ئىدى.

يەنى باشقىچىراق قىلىپ ئېيىتقاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋىلايەتلىرىدە ئۆزئارا ئىختىلاپ، مەخپى ھۆكۈمەت قۇرۇش ھەۋەسلىرى ۋە تۇڭگان – تۈرك مۇجادىلىلىرى داۋام قىلىۋاتقان، يەرلىك ۋە مۇۋەققەت ئىدارىنى كۆرۈپ بىر مۇنچە دۆت، نادان ئادەملەر تەرىپىدىن «تولۇق مۇستەقىل» دۆلەت خىيالى سۈرۈلىۋاتقاندا، شىمالدا يىللاردىن بېرى ھازىرلانغان سىياسەتنىڭ پۈتۈن ئاساسى ۋە نېگىزلىرى قۇرۇلماقتا ئىدى.

شىمال تەرەپتىن مەغلۇب بولۇپ قېچىپ كېلىپ، تالان – تاراج، قەتلىئام ۋە خالىغانچە باشقۇرۇپ بىر مۇددەت قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەنلەردە ھۆكۈمران بولغان تۇڭگانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ماجۇڭيىڭ گاسىلىڭ ئۈرۈمچىدىن بىرلىشىپ كېلىۋاتقان يەرلىك تۈرك ئەسكەرلىرىگە قەشقەر ۋە يەكەننى تاشلاپ بېرىپ پەقەت خوتەندە (قارغىلىقتىن تارتىپ) قېلىشنى تۇڭگانلارغا جېكىلىدى ۋە ماجۇڭيىڭ ئاجايىپ بىر خىيال بىلەن رۇسىيەگە كەتتى.

شىمالدىن مەغلۇب بولۇپ قاچقان تۇڭگانلار قەشقەردىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى، خوتەندىكى پادىشاھلىق دۆلىتىنى يوقاتقان ئىدى.

نېمە سەۋەبتىن ئۈرۈمچى ئەسكەرلىرى تۇڭگانلارنىڭ خوتەندە قېلىشىغا رۇخسەت بەردى؟ كۈچى يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە ئەسلىدىنلا قوغلاپ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا نېمە سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن كېلىۋېرىپ ئۇلارنى يوقاتمىدى؟ بۇ ۋە بۇنىڭ كەبى سوئاللارنىڭ جاۋابى كۆڭۈللەردە تۈگۈن ئىدى. مادامىكى شۇنداق بولغان ئىكەن يوقۇتۇلمىقى لازىم ئىدى، بۇ سوئاللارغا ئۇ ۋاقىتتا دوبەنمۇ جاۋاب بېرەلمەيتى. چۈنكى ئۇ ھەم باشقا بىر پىلان ئىدى. (بۇ) ماجۇڭيىڭنى موسكىۋاغا ئېلىپ كەتكەن كۈچنىڭ سىرلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر.

تۇڭگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىدىكى ئۇرۇشلاردا قىلغان زۇلۇملىرى، قەتلىئاملىرى تىلدا داستان بولىدىغان شەكىلدە پاجىئەلىكتۇر.

1934 – يىلنىڭ ماي ئېيىدىن باشلاپ تولۇق ئۈچ يىل خوتەندە تۇرغان تۇڭگان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەردە مەملىكەت ئۈچۈن قىلغان بىرمۇ پايدىلىق ئىشى يوق. ئۇنىڭ قىلغان ئىشى دائىم بۇلاڭچىلىق، زۇلۇم بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان.

بەك جاھىل ۋە زىيادە دۆت بولغان بۇ مەخلۇقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىدا ئېقىتقان قانلىرىنىڭ نەتىجىسى يۇقىرى دەرىجىدە پاجىئەلىكتۇر.

تۈركىستاننىڭ بىچارە يەرلىك خەلقى يالغۇز خىتاي بىلەن ئۇرۇشمىدى، بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشالماي تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، – بولۇپمۇ تۇڭگانلار بىلەن بولغان جەڭلەردە – ئارتۇق قان تۆكۈلدى.

ئەسلىدىنلا مېھمان ۋە مۇساپىر بولغان تۇڭگانلار بىر شەھەرنى قولغا ئالغاندا ئۇنى لايىقىدا باشقۇرالمىدى.

دائىم ئاتلىرى ھازىر، ئۆزلىرى تەييار تۇرۇپ، يۇرتتىن ھەر نەرسىنى بۇلاپ ئالدى، كۆپ يەرلەردە ۋە كۆپ ۋاقىتلاردا كېچىسى يېتىپ قالغان، بار بولغان ھۆكۈمەتنىڭ (تۇڭگانلارنىڭ) ئەتىسى سەھەردىلا كېتىپ قالغىنىنى كۆردۇق.

ماجۇڭيىڭ رۇسىيەگە كەتكەندىن كېيىن ماخوسەن سىجاڭ ئەسكەرلەرنى باشقۇرۇپ خوتەندە قالدى، ماجۇڭيىڭدىن خەت كېلىپ تۇردى، ماخوسەن ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ كۆرۈشۈپ تۇردى.

خوجا نىياز ھاجى ئۈرۈمچىدە لىيۇ جۇشىغا ئورۇنباسار بولدى. لىيۇدىن بۇرۇنقى خىتايلار ئۇنى قورچاق دوبەن قىلىپ «جۇشى» ئۇنۋانى بېرىپ قويۇپ قويدى. (سوۋېتلەر ئىتتىپاقى رەئىس جۇمھۇرى موژىك كالېنىنگە ئوخشاش «جۇشى»لىك باش ۋالىيلىق مۈلكى مەنسىىۋىدۇر. مەسىلەن: «جىن جۇشى» جىن شۇرىننىڭ مەنسىپى ئىدى، بۇ يەنە ھۆكۈمەت باشلىقى دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئومۇمى ۋىلايەت ھەيئەت ئىدارىسىگە يەنى سىڭ جىڭفۇغا رەئىس بولىدۇ.)

«سىجاڭلىق» مەنسىپى بىلەن مەھمۇد مۇھىيتىينى 6 – ئاتلىق يەرلىك تۈرك ئەسكەرلىرى بىلەن قەشقەردە يەرلەشتۈردى.

ئالتىنچىگە ( يەنى سىجاڭلىققا) قاراشلىق تۆت تۈۋەن ئەسكەر بار ئىدى. بۇلارغا يېڭىدىن بىر نەرسە بېرىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشلاردا قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ئالغان قوراللىرى بىلەن تۇردى.

بەزى ۋىلايەتلەرگە يەرلىك تۈركلەردىن ۋالىي، ھاكىم ( دوتەي، سىجاڭ) تەيىنلەندى. «مەكتەپلەر ئېچىلسۇن» دېيىلدى.

گېزىتلەر تەسىس قىلىندى، ھەممىسى گۈزەل، ياخشى ئىدى.

33 – يىلى 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدە قۇرۇلغان ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ «ئون تۆت مىللەت بار» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆلكىسىدە يۈرگۈزگەن – ۋە قەشقەرگىمۇ بارغان – سىياسىتى – ھۆكۈمەت ۋە سىكۇنت نۇقتىسىدىن – ئىنقىلابتىن – ھېرىپ چىققانلارغا، تۇڭگانلاردىن بىزار بولۇپ ھالسىزلانغان خەلققە ئىللىق نەزەردە بىر ئاز جەزبدار كۆرۈندى.

ئەمما مەسىلە ئىشنىڭ ئىچ يۈزىدە ئىدى. بۇ كېلىشكەن، گۈزەل قۇرۇلۇپ قالغان ھۆكۈمەت داھى شىڭ دوبەننىڭ ئىجات قىلغان ئەسىرى ئەمەس ئىدى.

ئۇنىڭ ئۇچى باشقا تەرەپتىن ۋە پەردە ئارقىسىدا باشقىلار بار ئىدى. «قارا كۆز» ئوينىدى، بىز كۈلۈپ ئالقىشلىدۇق، ئەمما ئاقىۋەت بىزگە كۆپ قىممەتكە توختىغان مال بولدى.

مەھمۇد مۇھىيتىي ئەقىللىق ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ساپ، ۋەتەن مۇھەببىتى، دىن ۋە مىللەت سۆيگۈسى زىيادە بولغانلىقتىن، قولىدىكى ئەسكەرنى ساقلاپ، تەلىم خۇسۇسىدىكى ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق يولىنى تۇتۇپ تۇردى. چۈنكى ئۇ سىياسەتنىڭ نەس باسقان تەرىپىنى زەرەرلىك نۇقتىسىنى بىلىپ قالدى. بىچارە فۇجۇشى (ئورۇنباسار) ئۇ يەرلەردە ئەمەس ئىدى.

سىجاڭنىڭ سىردىن خەۋەردار بولۇپ قالغىنىنى، بۇنىڭغا بىنائەن ئاممىنىڭ سۆيگۈسىنى ۋە ھۆرمىتىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان بۇ ئادەمنىڭ بىر كۈنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت بولۇشىنى چۈشىنىپ ئۈرۈمچى ھۆكۈمەتلىرى (چۈنكى يالغۇز ئۈرۈمچى ئەمەس، – دە، چۈنكى «مەزلۇم» مىللەتلەرنىڭ ھامىيسى رۇسىيە – سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈرۈمچى بۇ ئۆلكىلەرنى بىرلىكتە ئىدارە قىلاتتى.) سىجاڭنى نەزەردىن قاچۇرماستىن ئاساسلىق سىياسى خىزمەت سۈپىتىدە كۈزىتىشكە باشلىدى، سىجاڭ بۇنى تۇيۇپ قالدى، چۈشەندى.

ئۇنىڭ خەلقىگە ۋە يۇرتىغا زىيادە ھۆرمىتى بولغاچقا ۋە ئېچىنغاچقا تىنچلىق بىلەن ئەڭ سۆيۈملۈك بالا – چاقىلىرىنىمۇ تاشلاپ چىگرا سىرتىغا چىكەتتى. ئۆز راھىتى ئۈچۈن ئەمەس، ئىنقىلاب مەقسىدىگە يېتەلمىگىنى، كۆڭۈلدىكىدەك ئىش ۋە خزمەت قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، «سىرتتا يۇرت ۋە مىللىتىمگە پايدا يەتكۈزەرمەنمىكىن» دېگەن ئۈمىد بىلەن چەتكە چىقتى.

ئەسكەرلەرگە تەۋسىيەسى: «سىلەر يەنە ئاۋۋالقىدەك ئۆز جايىڭلاردا تۇرۇڭلار، ئاللاھ قىسمەت قىلسا يېقىندا كۆرۈشىمىز، دىن، مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى يۈرىكىڭلاردىن چىقارماڭلار»دىن ئىبارەت ئىدى.

ماخوسەن پۇرسەتتىن پايدىلاندى، سىجاڭ (گېنېرال) مەھمۇد مۇھىيتىينى ئۈرۈمچىگە تۇتۇپ بېرىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى. قانخور مېڭىسى، پۇل ۋە ئالتۇنغا تويمىغان كۆزى ئۇنى ئىككىنچى بىر مەسىلىگە ئەكىردى. ئۇ مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ ئەسكەرلىرىنى غاپىل قىلدى، «مەندە يىگىرمە مىڭ ئەسكەر بار، ئۈرۈمچى بولشېۋىك ھۆكۈمىتىنى يوق قىلىمىز» دېدى.

يالغۇز بىر – ئىككى تۈۋەن ئەسكەرلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارنى تۈرك ئەسكەرلىرى قاتارىغا قوشتى، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە كۈنلۈك ھايات – ماماتلىق جەڭدىن كېيىن تۈركلەر كونا شەھەرنى ئالدى.

ماخوسەن قەشقەرگە كەلدى، تا شۇ ۋاقىتقىچە «بىزنىڭ سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمىزنى رۇسلار بىلمىسۇن، ئۈرۈمچى تۇيمىسۇن» دېدى.

تۈركلەرنى ئۇشتۇرپان، ئاقسۇنى ئازات قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۆزى قەشقەردە قالدى، يېڭى شەھەر(قەشقەر يېڭى شەھىرى) دىكى مۇھاسىرىدە بولغان ئەسكەرلەرنى ساقلاپ تۇردى.

تۈرك ئەسكەرلىرى ئۇ تەرەپتە ئۇرۇشتىكى ۋاقتىدا تۇڭگانلار بۇ تەرەپتە ئاۋۋالقى ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىدى، تالاڭچىلىق، قەتلىئام … ئۆلگەن تۈرك، ئۇرۇشقان تۈرك بولدى. راھەت سۈرگەن تۇڭگان، ئالتۇن توپلىغان، قېچىش ئۈچۈن يول ھازىرلىغان تۇڭگان ئىدى.

«تازغا تۇت، قويانغا قاچ» دېگەن مۇزچىراي سىياسەت چېھرىسىنى كۆرسەتتى.

رۇسلار (ئۈرۈمچى ئەمدى ئوتۇردىن چىقتى، چۈنكى رۇس چېگرىلىرىدىن ئەسكەر كىردى، ئۇنىڭ ئۈچۈن رۇسلار دېدىم. ئەمەلىي سۈرەتلىرى ۋە ناملىرى ئۈرۈمچى بولسىمۇ) مەھمۇد سىجاڭ ئەسكەرلىرىنى ئوتۇردىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تۇڭگانغا تۇت دېگەن ئىكەن. ئەمما كېيىن ئۆزلىرىنىڭمۇ ئەدىبىنى ياخشى بېرىپ قويدى.

بۈگۈن ئەمدى نە خوتەندە ۋە نە باشقا يەردە بىر تەشكىللىك كۈچ قالمىدى. تۇڭگان (36 – سىجاڭلىق) تۈگىدى. ھەر تەرەپ تولۇق ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى نامى ئاستىدىكى بىر ئىدارىگە تەۋەدۇر.

ھازىرقى ئەڭ يېڭى خەۋەردە خوتەننىڭ قاراڭغۇ تاغ دېگەن يەرلىرىدە تۈرك ئەسكەرلەرنىڭ قالدۇقلىرى، تۇڭگانلارنىڭ قېچىپ قالغانلىرى بولۇپ بىر قىسىم قوراللىق كۈچنىڭ جان ساقلاپ تۇرغانلىقى ئاڭلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇس يەنە مۈشكۈل ۋە خەتەرلىكتۇر.

دېمەك تۇڭگانلارنىڭ ئەڭ كېيىنكى زەربىسى، پالاكىتى ۋە زەرەرى ئىنقىلاب پاجىئەسىنىڭ بىر قورقۇنۇچلۇق شەكىلدە تۈگىشىگە سەۋەپ بولدى دېسەك بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ھەر ئىنقىلابتا بۇ نەس باسقان سىمانى كۆرۈش ۋە ھەريەردە يولدا تىكەن بولغىنىنى ئۇقۇش مۇمكىندۇر.

سىجاڭ مەھمۇد مۇھىيتىي ئۇرۇشتىن پايدا چىقىشىنى بىلسە ئىدى، ئۆزى ئۆز ئەسكىرى بىلەن بىرگە تۇرۇپ ئۇرۇشاتتى. ئۇ كىشى بىلەتتىكى ئۇرۇشسا ئۈرۈمچىنىڭ قورقۇنچاق تۆت – بەش مىڭ خىتاي ئەسكىرى بىلەن ئەمەس، توغرىدىن توغرا موسكىۋا بىلەن ئۇرۇشاتتى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن بىھۇدە خەلىقنى ۋەيران قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى.

ئۆز يۇرتى بولمىغان مەنپەئەتپەرەس تۇڭگان «ئۆلسە تۈرك ئۆلۈر» دەپ يانچۇقىنى تولدۇرۇپ، قان، ئۆلۈم، ۋەيرانچىلىق ئىچىدە ئۆلكىنى تاشلاپ، ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىنىمۇ تاشلاپ قاچتى.

تۈركىستانغا يالىڭاچ چىققان تۇڭگانلارنىڭ ئېلىپ كەتكەن ئالتۇنلىرى ۋە قىممەتلىك نەرسىلىرى – ھىندىستاندا قىسمەن كىشىلەرنىڭ قولىدا ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا خۇلاسە – چېچىلىپ كەتتى.

يۇرتتا شۇ كېيىنكى ئىنقىلاب نەتىجىسىدە يەنە نەچچە ئادەملەر ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۈبھە ئاستىدا قالدى ۋە زۇلۇم – سىتەم سىياسىتنىڭ يەنىمۇ ئۇلغۇيىشىغا سەۋەب بولۇپ بەردى.

– تاجى ئەھمەد.

مەنبە: «ياش تۈركىستان ژۇرنىلى»، 1938 – يىلى يانۋار 98 – سانى(28 – بەت) ۋە 1938 – يىلى فېۋرال 99 – سانى( 28 – بەت).

 

 

ئىككىنچى ماقالە:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسى ئەتراپىدا

(تۇڭگان ۋە رۇس بولشېۋىكلىرى ۋەھشىلىكلىرىدىن بىر نەمۇنە)

ئاپتورى: دەردمەن

 

باشقارمىدىن: [شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى ھەققىدە ئىدارىمىزگە ئارقا – ئارقىدىن يازمىلار كەلمەكتە. بىر قىسمىنى بېسىشقا باشلىدۇق، بۇ يازمىلارنىڭ ئومۇمىسىنى ئالغاندا مەزمۇنى بىر – بىرىگە ئوخشىغاچقا،  بىز مەجبۇرى بۇرۇنراق ئالغانلىرىنى باسماقچىمىز، بىز «دەردمەن» ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن «شەرقىي تۈركىستانلىق تۇققانلىرىمىزنىڭ تۇڭگان ۋە رۇس بولشىۋېكلىرى تەرىپىدىن كۆرگەن جەبىر – جاپالىرىدىن قىسقىغىنە بىر نەمۇنە» دېگەن قىسمىنى بېسىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە باشقارمىمىزغا يازغۇچىلاردىن، ماقالىدە سۆزلەنگەن ھادىسىلەرنىڭ (كونا ۋە يېڭى) تارىخىنى كۆرسىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز.]

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەبىت خىتاي خانلىرى ۋە مەمۇرلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ، ئېزىلىپ كەلگەنلىكى مەئلۇم ۋە مەزكۇردۇر. كېيىنكى دەۋرلەردە ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئويغىنىشى يۇرتىمىزنىڭ قۇرتۇلۇشى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىستىراھەت ۋە تەرەققىيات يولىدا ئازاد ئىنسانلار قاتارىدا ياشىشى ئۈچۈن ھەرىكەت تۇغدۇرۇپ ئىنقىلاب باشلىدى.

خىتايلارنىڭ ئىچكىرى ۋىلايەتلىرىدە ھەقسىز قان تۆكۈپ يۈرگەن بىر مۇنچە تۇڭگانلار بىزنىڭ يۇرتىمىزغا قېچىپ كېلىپ، ئىنقىلابنىڭ تۇغدۇرغان ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ، زورلۇق بىلەن بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا قاتناشتى. يۇرتىمىزدا ھېچ بىر ھەققى يوق ۋە تەئەللۇقى بولمىغان بۇ ياتلارنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىپ، ئۆز كەسپى بولغان قان تۆكۈش ۋە تالاش ئۇرۇنۇشلىرى مىللى ئىنقىلابىمىزنىڭ ئۆز ئىستىقامىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشىگە توسقۇن بولدى.

بۇلارنىڭ پىتنىلىرى ئارقىسىدا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستان يەنە جاندىن نەپرەتلىنىدىغان رۇس بولشىېۋىكلىرىنىڭ ئىستىلاسىغا قۇربان بولۇپ، ئەڭ يامان پالاكەتكە ئۇچراپ قالدۇق.

تۇڭگانلار ۋە ئۇلارنىڭ ماجۇڭيىڭ، ماخوسەن دېگەن باشلىقلىرى يۇرتىمىزنى قانغا بوياپ، ئۇنى باشسىز، رەھبەرسىز، چېچىلاڭغۇ بىر ھالغا كەلتۈردى.

ھازىرقى بۈيۈك ئاتىمىز گېنېرال مەھمۇد مۇھىيتىيمۇ نىھايەت يۇرتىنى تاشلاپ چىقىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى. پۈتۈن پالاكەتلەرگە سەۋەبچى ھەقىقەتەندە قانخور رۇس بولشىۋېكلىرىنىڭ ئەخمەق دەللالى بولغان تۇڭگانلارنىڭ چەكسىز جاپا ۋە زۇلۇملىرىدىن تولۇق سۇرەتتە بەھىس ئېتىش بىر مەجمۇئە بەتلىرىدە مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ يازمىدا ئۇ ئۇنتۇلماس جاپالاردىن يالغۇز بىر قىسم خۇلاسىسىلا كەلتۈرۈلۈر.

1- پىچاندا جىن شۇرىن ۋە شىڭ شېسەي تەرىپىدىن بولغان قەتلىئامدا ئۈچمىڭدىن ئارتۇق گۇناھسىز ئۆلۈپ، خەلق تالانغا ئۇچرىدى. مۇھەممەد نىياز داموللام، كەبىر ئاخۇنۇم، مەھمۇد قارىيلاردەك پەزىلەتلىك ئادەملەرمۇ شۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر قاتارىدىندۇر.

2- لۈكچۈن شەھرىدە پېشۋايمىز ھەمدۇللا ئەئلەم ئاخۇنۇم، رەقىب قازى ئاخۇنۇم كەبى ئۆلىما ۋە يۇرت كاتتىلىرى قوشۇلۇپ 2500 دىن ئارتۇق شەھىد بولدى، شەھەر خاراب قىلىندى.

3- تۇرپاندا نئمەتۇللا ھاجىم، ئابدۇخالىق ئەپەندى، تۆمۈر ھاجىم، ئابىد ئاخۇن، ئابدۇراھمان قارىي، ئىبراھىم، سەپەر قارىي ۋە ئابدۇراھمان بايلاردەك قىممەتلىك شەخسلەرنى رەستە بازىرى ئىچىدە توغراپ ئۆلتۈرگەنلەر شۇ تۇڭگانلاردۇر.

4- توقسۇندا ئۆلىما ۋە كاتتا ئادەملىرىمىزدىن مەئسۇم ئەئلەم ئاخۇنۇم، تۆمۈر قازى ئاخۇنۇم، ئابدۇلغەفۇر مەخدۇم داموللام، كەبىر ھاجىم ۋە ئىبراھىم داموللاملار قوشۇلۇپ 1600 گە قەدەر دىندار ئادەملەرنى كوچىلاردا ئۆلتۈردى.

5- بىزنىڭ يەرلىك تۈركلەردىن ئۈرۈمچى تەرەپتە سوقۇش قىلىش ئۈچۈن توپلانغان 5000 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ خوتۇن – بالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇلارغا قاراشلىق ئۆيلەرگە ئوت قويۇۋەتتى.

6- ئۈرۈمچى تەرەپتىكى سوقۇشلارنىڭ پالۋانى غازى ئۆمەر داموللامنى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىك يولداشلىرىنى «تۇڭگانغا نېچۈن ئىتائەت قىلمىدىڭ» دېگەن باھانە بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قورال ۋە ئەسكەرلىرىنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالدى.

7- چۆچەكتە ئابدۇلئەزىز داموللام، ئەنسارى باي، روزى باي كەبى كىشىلەردىن 500 قەدەر ئادەمنى ئۆلتۈردى.

8- ئالتاي، شىخو، ماناس، قۇتۇبى، سانجى، گۇچۇڭ تەرەپلەردىمۇ تۈرك – ئىسلاملارنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك سىمالىرىنى ئوغرى، قاتىل تۇڭگانلار ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن قالغاننى جىن شۇرىن ۋە شىڭ شېسەينىڭ قۇيرۇقلىرى قىردى.

9- ئالتە شەھەر تەرەپتە كۇچار، بۈگۈرلەردىمۇ بىزنىڭ ئىنقىلاب باشلىقلىرىمىزدىن نىياز خەلپەمنى يالغان ۋەدە قىلىپ، ئۇنى كۇچاردا بىر مۇنچە ئەزىز يولداشلار بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈردى.

10-  بۈيۈك باھادىرىمىز گېنېرال ئىسمائىل باينى ئاقسۇدا ھىيلە ۋە يامان نىيەت بىلەن ئۆلتۈردى.

11-  مىللى ئىنقىلابىمىزغا بۈيۈك خزمەت قىلغان، ئالتە شەھەرنى زالىم خىتايلار قولىدىن قۇتقازغان بۈيۈك غازى گېنېرال تۆمۈر بەگنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرۈپ، بېشىنى كەسكەنمۇ مۇشۇ ئۇشبۇ خائىن تۇڭگانلاردۇر.

12- بۈيۈك پالۋان غازى شاھ مەنسۇر بىلەن نۇرئەھمەد جانابلىرى باشلىق بولغان ئەزىز مۇجاھىدلارنى تارتىنماستىن قەشقەردە ئوقلارغا نىشان قىلىپ ئوينىغانمۇ شۇ تۇڭگانلار.

13-  قەشقەردىكى ئەزىز مۇسۇلمانلاردىن 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى تالىغان ۋە خوتۇن – قىزلارنىڭ نومۇسىنى بەربات قىلغانمۇ ئۇشبۇ تۇڭگانلار.

14-  خوتەنگە قاراشلىق زاۋا ۋە قاراقاشلاردىكى توقۇنۇشلاردا قورالسىز، گۇناھسىز كىشىلەردىن 8000 گە قەدەر پازىل، دېھقان، تىجارەتچىلەردىن ئۆلتۈرۈپ تالانچىلىق قىلغانلارمۇ يەنە تۇڭگانلار.

15- خوتەنگە قاراشلىق تەۋەككۇل، ئىسلام ئاباد، قاراڭغۇ تاغ دېگەن يەرلەردە تىرىكچىلىك قىلغۇچى خەلقنىڭ، تۇڭگانلارنىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى 10000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە، ئۆيلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە ۋە مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

16-  خوتەنگە قاراشلىق تەرەپلەردە تۆمۈرچى، تىككۈچى، گىلەمچى كەبى ھۈنەرۋەنلەر ئىشخانىغا يىغىلىپ ئۈچ يىلدىن بېرى ھەقسىز ئىشلىتىلمەكتە ۋە كۆپ زۇلۇملارغا ئۇچرىماقتا.

17- خوتەن خەلقىنىڭ ئالتۇن – كۈمۈشلىرى ئېلىنغان، ئۇلارنىڭ باشقا تۈرلۈك ماللىرىمۇ تۈگىمەكتە، چۈنكى خەلق ئۈچ يىلدىن بېرى خائىن تۇڭگانلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى بېقىپ، پۈتۈن بار – يوقىدىن ئايرىلىپ خانە – ۋەيران بولغان.

18-  قومۇل ۋە تىيانشان تېغىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىدە شەھەر ۋە دالىلاردا تۇڭگانلار قولىدا ئۆلگەن، خانە ۋەيران بولغان ئادەملەرنىڭ ھېسابى يوق.

19- يۇرتىمىزدا بولشىېۋىكلار تەرىپىدىن ھوقۇقىمىزغا تاجاۋۇز قىلىنىپ، دىنسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق مەسلىكى تەرغىب قىلىنىپ، دىنچى – يۇرتچى كىشىلەر قامالدا ۋە رەھىمسىز شەكىلدە ئۆلتۈرۈلمەكتە.

تۇڭگانلار قومۇل، تۇرپان تەرەپلەردە ئىككى يۈز مىليونلاپ قەغەز پۇل چىقىرىپ تارقاتتى. بۇ پۇللارنى ئالمىغان ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى قىيناپ ئۆلتۈردى. قەشقەرگە كېلىپ 500 مىليوندىن ئارتۇق قەغەز پۇل چىقىرىپ، ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى يىغىۋالدى. خوتەندە ئۈچ يىل ئىچىدە چىقارغان قەغەز پۇلنىڭ ھېسابى يوق. بۇ زالىم تۇڭگانلار ھەر تەرەپتە توپىلاڭ چىقىرىپ، خەلقنى زورلاپ، ئۇلارنىڭ ھېسابسىز ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ، ئۆز يانلىرىغا سالدى.

قومۇل، تۇرپان، قاراشەھەر، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن تەرەپلەردە خەلققە ئالۋاڭ سېلىپ، زورلۇق بىلەن ئالتۇن – كۈمۈشلەرنى توپلىۋالدى.

تۇڭگانلار ئالدىدا يەرلىكلەر ئات مىنەلمەي، ياخشى كىيىملەرنى كىيەلمىدى. بۇ تۇڭگانلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بايلىقىنى، ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنى ئاتلارغا، تۆگىلەرگە ئارتىپ چەتئەلگە ئېلىپ كەتتى.

بىر قىسمىنى ئۆز ئادەملىرىنى ھەجگە يولغا سالماق باھانىسى بىلەن ھىندىستانغا چىقىرىپ، چەتئەل بانكىلىرىغا قويدى.

بىزلەر بولساق ئالەمدىن خەۋەرسىزلىكىمىزدىن ۋە نادانلىقىمىزدىن: «بۇ تۇڭگانلار بىلەن بىرلىكتە يۇرتىمىزنى قۇتقۇزىمىز» دەپ، ئۇلاردەك يامان ئىتلارنى بېقىپ، خەلقىمىز ۋە يۇرتىمىزنىڭ پالاكىتىگە سەۋەبچى بولدۇق.

بۇ ساۋاق – تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە دوست – دۈشمەننى ئايرىپ، كۆپ ھەسرەت ۋە نادامەت چەكتۇق ۋە يەنە چەكمەكتىمىز.

ئەمدى بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، بۇندىن كېيىن ياتلارنىڭ ياغلىما يالغانلىرىغا بېرىلمەي، يۇرتىمىزنىڭ قۇرتۇلىشى يولىدا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ، كۈچلۈك ئىمان ۋە ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرايلى!

– شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرىدىن: دەردمەن.

 

مەنبە: «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى 1938 – يىلى فېۋرال 99 – سانى ( 32 – بەت).

 

 

ئۈچىنچى ماقالە:

شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا بىر قاراش

ئاپتورى: ئەمىن ۋاھىدىي

 

ئەسىرلەردىن بېرى خىتاي زۇلمىدا ئېزىلگەن بىز شەرقى تۈركىستان تۈركلىرى خىتاينىڭ ئىستىبدادىغا چىدىيالماي، بۇندىن بەش يىل ئىلگىرى قۇمۇل ۋە تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتەردۇق.

بۇ قوزغىلاڭ بىر ئىنقىلاب شەكلىدە ئاز مۇددەت ئىچىدە تۈركىستاننىڭ ھەر تەرىپىگە يېيىلدى، بۇ قوزغىلاڭ خىتايلارنىڭ جاپا ۋە زۇلمىغا چىدىيالمىغانلىقتىن بولغان ئىدى.

قان تۆكۈشتىن ئىلگىرى لازىم ۋە زۆرۈر بولغان غايە بەلگىلەنمىگەن ئىدى. بۇ ئاچچىق ھەقىقەتىنى ئېتىراپ قىلماق لازىمدۇر.

ئىنقىلاب مۇئەييەن بىر غايە بىلەن باشلانمىغانلىقتىن ئىنقىلاب ۋاقتىدا ئامما تۈرلۈك تۇيغۇ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ھادىسىلەرنىڭ سىرتقى شەكلىگە بويسۇندى، ئۇزۇن يىللار سۈرگەن ئاسارەت دەۋرى مىللى ئاڭ ۋە مىللىي غايىلىرىمىزنى بۇزۇپ، بىزنى پالاكەتكە سۆرىگەندى.

ئاممىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بىر ئېقىم داۋام قىلدى، بۇ ئىسلامىي ھەرىكەت ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە «مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىمىز» دەپ تۇڭگانلارنىڭ ئىشقا ئارلشىشىغا رۇخسەت بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەقسەتلەردە ئوخشىماسلىق بولدى.

بەزىلىرىمىز «ئىستىقلال» دەپ چىققان شارائىتتا، يەنە بەزىلىرىمىز «مۇختارىيەت»، يەنە بەزىلىرىمىز «ھۆكۈمەتنىڭ زالىم مەمۇرلىرى ئالماشتۇرۇلسا خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياشايمىز» دېگەن پىكىرگە بېرىلسەك، يەنە بىر قىسمىمىز مۇستەقىل بىر خانلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدۇق.

تۇڭگانلارنىڭ غايىسىنى بىلگىلى بولمىدى، چۈنكى ئۇلار گەنسۇدىن چىققاندىن تا ئاخىرقى ۋاقىتقىچە بۇلاڭ – تالاڭلار بىلەن مەشغۇل بولدى.

بۇلارنىڭ تىلى، يېزىقى، ئۆرپ – ئادىتى خىتايچە بولغانلىقتىن ئۆزلىرىگە زىيان بولماسلىق شەرتى بىلەن خىتاي تەرەپتارى بولۇپ كۆرۈنەتتى.

ئىنقىلاب باشلانغاندىن بېرى ئوتتۇرغا چىققان ئىسلامىي ھەرىكەت، ئىسلامىي مەقسەتلەر ئىنقىلاب بېشىدا بولغان بەزى زاتلىرىمىزنىڭ شەخسى غايە ۋە مەنپەئەتلىرى ئارقىسىدا كۈندىن – كۈنگە زەئىپلەندى. ئۆزئارا پىرقىچىلىق تالاش – تارتىشلىرى ۋە چۈشىنىشمەسلىكلەر نەتىجىسىدە كۈچ ئازايدى. ئىنقىلاب ئەۋۋەلكى قىزغىنلىقىنى يوقاتتى. ئۇنىڭدىن خەلق ئاستا – ئاستا زېرىكتى.

ئىنقىلابدىن – خۇسۇسەن ئىنقىلابىمىزنىڭ بۇ مۇرەككەب ئەھۋالىدىن – باشقىلار پايدىلىنىشقا باشلىدى.

ئىنقىلابتىن ئاجىزلاشقان تۈركىستانىمىزغا ھەرقانداق كېسەلنىڭ چاپلىشىپ، تەسىر قىلىدىغان ئەھۋالدا ئىدى، دۈشمەنلەر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇشبۇ زەئىپ ھالىتىمىزدە گاھ تەھدىد، گاھ گۈزەل ۋەدىلەر، گاھ دوستانە ئىنسانپەرۋەر تەكلىپلەر بىلەن زېھنىمىزگە كىردى.

ئىنقىلابىمىزنىڭ داۋامى ۋە بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەردىن ھەقىقىي يۇرتچى بولغان تۈركىستانلىقلار ئىبرەت دەرسى ئالدى. بۇ توپقا مەھمۇد مۇھىيتىي رەھبەرلىك قىلدى.

غايە يۇرتىمىزنىڭ قۇرتۇلۇشى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مىللىي بىرلىك، مىللىي شارائىتىمىزغا ئۇيغۇن ۋە مىللىي ئېھتىياجىمىزنى قامدىيالايدىغان، بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشتۇر.

بۇ غايىمىزنى تونۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان كىشىلەر ھازىرلىماق لازىم . ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەكتەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمەك، مەكتەپلەردە بۇ ئاساسىي غايىنى بالىلىرىمىزنىڭ مېڭىسىگە قۇيماق، ئەڭ بىرىنچى ئىشىمىز بولۇش كېرەك ئىدى.

غايسىز ئىنقىلاب، تەشكىلاتسىز ھەرىكەت، ئادەمسىز ئىدارە قۇرۇش، بىھۇدە قان تۆكۈش، نەتىجىسىز كۈچ سەرپ قىلىشتۇر.

ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا كۆز تىكىپ تۇرغان غەرىپ باسقۇنچىلىرى (رۇس بولشېۋىكلىرى) ئىنقىلابىمىزدىن ئۆزلىرى ئۈچۈن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. توغرىدىن توغرا يەرلىك ئىنقىلابچىلىرىمىزنى قولغا ئالماقچى بولدى.

پەقەت بىزنىڭ يولىمىزغا ئىشەنمىگەنلىكتىن ئىككىنچى بىر يول بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە كەلدى. مانجۇرىيەلىك شىڭ شېسەينى قولغا ئېلىپ، ئۇ ۋەتەنسىزنى داھى، قۇتقۇزغۇچى ئۇنۋانى بىلەن دىكتاتور قىلىپ تىكلەپ قويدى، ياپون سوقۇشىدا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەن خىتايلارنى يېڭىدىن قوراللاندۇرۇپ، تۈركىستانغا مىڭلاپ – مىڭلاپ كىرگۈزدى.

خىتاي شىڭ شېسەينىڭ ئاشكارا شوئارى شۇ ئىدى: «شەرقىي تۈركىستان خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى، ھازىرقى ھۆكۈمەت ياڭ، جىن دېگەن خىتايلاردەك تۈركىستاننى ئۆز مۈلكى قىلىۋالمايدۇ، [خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىكى بەش مىللەت (بۇ يەردىكى بەش مىللەت: خىتاي، مانجۇ، تىبەت، مۇڭغۇل، تۈركتىن ئىبارەتتۇر.) ھوقۇقتا باراۋەر] دېگەن قانۇن ئاساسىغا مۇۋاپىق ئىدارە قىلىدۇ.»

ئۇ چاغدا ئىنقىلابدا باشچىمىز بولغان خوجا نىياز ھاجىم شىڭ شېسەي بىلەن بىر كېلىشىمنامە ئىمزالىدى. بىز ئىنقىلابچىلار ئۇ كۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىنىڭ بىر ئەزاسى بولدۇق.

ئەمدى ئىنقىلابچىلاردا بىر مەقسەت، بىر غايە بولماس ئىدى، يۇرتىمىزنىڭ شارائىتى نە ئىسلامىي ھەرىكەت، نە مىللىي چىقىشقا يول قويدى.

ئۈرۈمچىنىڭ ئاغزىدا نەنجىڭنىڭ بىر ئۆلكىسى، ئەمەلىيەتتە ياسالما قىزىل رۇسلارغا سېتىلغان بىر ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق.

تۇڭگان گېنېرالى ماجۇڭيىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن شىڭ شېسەي تەرىپىدىن قىسىلىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، بولۇپمۇ ماجۇڭيىڭنىڭ ئاممىغا قىلغان زۇلمى بىزنى شىڭ ساتقۇن بىلەن بىرلىشىشكە مەجبۇر قىلغان ئىدى. ماجۇڭيىڭ قېچىپ قەشقەرگە كېلىپ، ئۇ يەردىن رۇسىيەگە چىقىپ كەتتى. ئەسكەرلىرى ماخوسەن دېگەن بىرىگە ئىتائەت قىلىپ خوتەنگە باردى، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ھۈنىرى بولغان تالان ۋە قەتلىئامنى داۋاملاشتۇردى.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان ئىدى. رۇسلارنىڭ ياردىمى بىلەن «دوبەن»(ۋالى) بولغان ساتقۇن شىڭ شېسەي «لىيۇ» دەپ بىر قارا جاھىل خىتاينى «جۇشى» قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت نامىدىن خالىغىنىنى قىلدۇراتتى.

خوجا نىياز ھاجىمنى «جۇشى»غا ئورۇنباسار قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. مەھمۇد مۇھىيتىينى يەرلىك تۈرك ئەسكەرلەرگە باش بولغان ھالىتىدە قويۇپ، قەشقەر «جىنبى سىلىڭ» ئورۇنباسارى قىلىپ قەشقەردە قويدى. يولبارىس بەگ بىلەن شەرىپخان ئالتاي – قومۇلنىڭ مۇھاپىزەتچىسى، نىياز بەگ ئاقسۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىستان ئىنقىلابى تۈگىگەن بولدى.

رۇسلار: «ئېزىلگەن مىللەتكە ياردەم قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. سىلەرگە ياردەم قىلىمىز، دىندا ھۆررىيەت، مىللى ئويغۇنۇشتا ئەركىنلىك» دەپ ئوڭايلا ئىچىمىزگە كىرىۋالالىدى.

«دوبەن»دىن باشلاپ «سىجاڭ»غىچە پۈتۈن مۇھىم ئورۇنلارغا «مۇشاۋۇر» دەپ رۇس گېنېراللار كەلتۈرۈلدى. رۇسىيەدە تەربىيىلەنگەن يەرلىك تۈركلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر بۇلۇڭ – پۇچقىقىغا تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن تارالدى.

تۈركىستان ئىسمى رەسمىي قالدۇرۇلۇپ خىتايلارنىڭ بۇرۇن «شىنجاڭ» دەپ ئاتىغان تۈركىستاننى بۇلار «شىڭ شىنجاڭ» دەپ يۈرۈشكە باشلىدى.

«ئۈرۈمچىنىڭ ھاكىمى مەن» دەپ داۋا قىلغۇچى مەركىزى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتايدا مانجۇلارنىمۇ قوشۇپ بەش مىللەت بارلىقىنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدا شەرقى تۈركىستاندا توساتتىن ئون تۆت مىللەت بارلىقى ئېلان قىلىندى. ئەجەپ ئەخمەقلىق بۇ!

ئۈرۈمچى بىز: «شىنجاڭدا مىللەت مەسىلىسىنى رۇسىيەدىكى ئۇسۇلغا مۇۋاپىق توغرا ھەل قىلدۇق» دەپ ماختىنىپ يازدى.

بەلكى ئوقۇرمەنلەر: «تۈركىستاندىكى بۇ ئون تۆت مىللەتنىڭ كىملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن زېھىنلىرىنى چارچىتىدۇ» دەپ ئۇ مللەتلەردىن بىر نەچچىسىنى ساناپ ئۆتۈمىز: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تارانچى، تاتار، قاتارلىقلار. – بۇ ئالتە ئۇرۇقنىڭ باشقا – باشقا مىللەت بولۇش نەزىرىيىسىنىڭ قايسى مەملىكەتنىڭ شۇم، نەس باسقان يادىكارى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەت بارمۇ؟ – باشقا مىللەتلەر ھەم شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى قەشقەردە نوپۇز تاپقاندىن كېيىن يۈزىدىن بىر ئاز پەردىنى كۆتۈردى، ئالتە ماددىلىق شۇئارنى ئېلان قىلدى، ئۇ ماددىلارنىڭ بىرى بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇقنى ساقلاش، يەنە بىر ماددىسى ئون تۆت مىللەت ھوقۇقدا باراۋەرلىك، ئۈچىنچىسى جاھانگىرلارغا قارشى تۇرۇش.

بولشېۋىكلار بىلەن دوست بولغاندىن كېيىن بۇ ماددىغا ھاجەت يوق بەلكى شەكىلگە تاللىغاندۇر.

خۇلاسە ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتە ماددىلىق داھىيانە شوئارى ئەجەب بىر غەلىتە ئىدى. بۇنى قۇبۇل ئەتتۇق.

نېمە بولسا بولسۇن ھەمكارلىق يولىنى تۇتتۇق.

بەزى ئىدارە ئورۇنلاردىن بەزىسىنىڭ مۇئاۋىنلىقىنى يەرلىك تۈركلەرگە بەردى. بۇنىمۇ ئوشۇق كۆرگەن ۋىجدانسىزلار ئەپسۇس ئۆز ئىچىمىزدىن چىقتى.

دېمىسىمۇ «مەسئۇل ئورۇنلاردا نېمە ئۈچۈن يەرلىك تۈركلەردىن بولمايدۇ» دېگەن سوئالغا خىتايلار: «سىلەر ئوقۇمىغان، ئەۋۋەل ئوقۇڭلار، يىتىشىڭلار، ئاندىن كېيىن مەسئۇل ئورۇنلاردا بولىسىلەر» دەپ جاۋاپ بېرەتتى.

ئىمانسىز بىر شەخس ئۇيالماستىن: «ھۆكۈمەتنى بىز يەرلىكلەرگە بېرىش ئوغرىغا خەزىنىنى تاپشۇرغانغا ئوخشايدۇ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن شۇئارلىرى ۋە مەسلەكلىرى قۇرئان كەرىمگە مۇۋاپىق، ھەركىم بۇ ھۆكۈمەتكە خىيانەت قىلسا قۇرئانغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ» دەپ قۇرئاندىن بىر قاتار ئايەتلەرنى يېزىپ رىسالە نەشر قىلدى.

ئۆز خەلقىنى رەسۋا قىلىشقا ئۇرۇنغۇچى شۇنداق ساتقۇن ۋىجدانسىزلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۈيۈك ئېھتىرام كۆرسىتىلدى.

بىزنىڭ ئىدارە ئىشلىرىدىن يىراق تۇتۇلۇشىمىز: پەقەت بولشېۋىكلارغا ساداقىتىمىزنىڭ يوقلىقىدىن ياكى بولمىسا ئاجىزلىقىمىزدىن ئىدى. ساداقەتمەن كشىلەر مۇئاۋىنلىقتىن چىقىپ مەسئۇل ئورۇنلارغىچە ئۆستى.

تۆككەن قېنىمىزنىڭ بىكار بولماسلىقى، مەملىكەتنى قولغا كىرگەندە ساقلاپ قېلىش، باشقىلارغا ئالدانماسلىق، ھەقنى قوغداش قاتارلىقلار ئۈچۈن ھەر ئەھۋالدا ئوقۇماق، زامانىۋىي تەربىيىلەنمەكنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزى بىر تەشەببۇسلار قىلىندى.

پەقەت رۇسىيەگىلا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش مۇمكىن، باشقا تەرەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھۆكۈمەت ئوچۇق ئېيتتى. «مەركىزىمىز» دەپ تۇرغان ئەھۋالدىمۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشنى ھەم قوبۇل قىلمىدى.

باشقا تەرەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق ئۈچۈن شۇ سەۋەبلەر كۆرسىتىلىدى: «بىر مەملىكەتتە ئىش قىلىدىغان كىشىلەر تۈرلۈك مەملىكەتتە ئوقۇسا، ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئوقۇپ كەلگەن مەملىكىتىنىڭ ئۇسۇلنى تەتبىقلاشنى خالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىشەلمەي ئۆزئارا تالاش – تارتىشىدۇ.

نەنجىڭنىڭ ئىدارىۋىي بۇزۇلۇشى ئىش بېشىدىكى ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك مەملىكەتلەردە ئوقۇپ كەلگەنلىكى نەتىجىسىدۇر. تۈركىستانغا پايدىلىق مەملىكەت پەقەتلا بولشىۋېكلار مەملىكىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت رۇسىيەدىلا ئوقۇسۇن» دېيىلەتتى.

بۇ قانداق پىكىر؟ ئىلمىيمۇ؟ نېمە بولسۇن بۇلارنىڭ بۇنداق سۆزلىرى ئىنساننىڭ ھەرقانداق ھەرىكەت ۋە تەبىئىتىگە زورلۇق قىلغىنىغا ئوخشاش ئىنساننىڭ چۈشەنچىسىگە، زېھنىگە ھەم زورلۇق قىلىدۇ.

ئۆز ئىچىمىزدىن بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلىگۈچىلەر كۆرۈنگەن بولسىمۇ ئۇلار ئۆز سۆزلىرىنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى چۈشەنمەي سۆزلەر ئىدى.

بىزنىڭ مۇنەۋۋەر توپىمىز مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ يول باشچىلىقى بىلەن مەۋجۇت مەكتەپلەرنى كۈچەيتمەك، بۇ مەكتەپلەردە ئىمكانىيەت يار بەرگىنىچە يۈكسەك غايىلىك، مىللىي تۇيغۇلۇق كىشىلەرنى تەييارلىماق يولىغا كىرىشتۇق.

خەلق ئۈرۈمچىگە ئىشەنمەيتتى، بىر تەرەپتىن خىتايلارنىڭ مەجبۇرى مەكتەپلىرى ئەكىس تەسىر قىلغانتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاممىنىڭ مەكتەپكە رىغبىتى يوق ئىدى، مەكتەپ تەرەققى قىلماي تۇراتتى.

مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ توغرا يول باشلىشى، خەلق ئارىسىدا ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ – ئىخلاس سايسىدا، داۋاملىق ۋەز ۋە تەشۋىق نەتىجىسىدە مەكتەپ ھاۋاسى ئويغاندى، رىغبەت ئاشتى، ھەر تەرەپتە مەكتەپلەر سېلىندى، ئادەتتىكى خەلق بىرى – بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ مەكتەپلەر كۆپەيدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئاشتى.

ئۈرۈمچى «مەكتەپ ئېچىلسۇن» دېدى، پەقەت بۇ خەلقنىڭ ئىنقىلاپ قېنىنى سوۋۇتماق ئۈچۈن دېيىلگەن بىر سۆز ئىدى. ھەقىقەتتە ئۈرۈمچى مەكتەپ ئېچىلىشىغا رازى ئەمەس ئىدى.

قەشقەردە مىللىي ۋە دىنىي شارائىتقا كۆرە ئىلمىي ھەرىكەت ئېلىپ باردۇق.

خەلققە ئىشەنچ بەرگەن نەرسە مەكتەپلەرنىڭ ئۆز زېھنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ئىدى. كېيىنچە ئۈرۈمچى مەكتەپلەرگە ئىگە بولۇش پىكىرىگە چۈشتى، بىر پىروگرامما ئەۋەتتى، ئۇنىڭدا باشلانغۇچ ۋە ئورتا دەرىجىلىك مەكتەپلەردە خىتايچە بىلەن رۇسچە ئوقۇتۇلۇشى يېزىلغان ئىدى.

مەجبۇرى تەتبىقلاش بۇيرۇقى بىلەن كەلگەن بۇ پىروگرامما، ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا يارىماق ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولغانلىقتىن قەشقەردە قىزغىن قوبۇل قىلىنمىدى. بۇنىڭ تەسىرى دەرھال كۆرۈلدى، ئوقۇغۇچىلار تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى.

يەنە مىللەتكە ئۆزىنى قالقان قىلغان مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ پىروگرامما بىر مۇددەت كېچىكتۈرۈلدى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.

ئىلمىي نەزەردىنمۇ ۋە تەتبىقلىنىش جەھەتتىنمۇ ئۈرۈمچىدە تۈزۈلگەن بۇ پىروگرامما كۆپ تۆۋەن ئىدى. قەشقەردىكى دارىلمۇئەللىمىن بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتايچە ئوقۇتىدىغان بىر مۇئەللىم تېپىلمىغان ئەھۋالدا يۈزلەپ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن خىتايچە مۇئەللىم قايدىن تېپىلاتتى.

خۇلاسە: يېڭىلا ئوقۇشقا كىرىشكەن كىچىك بالىلارنى رۇسچە – خىتايچىدەك قىيىن، يات تىلغا سېلىپ قويۇش، بۇلارنى مەجبۇرلاش، ھۈركۈتۈش، تەلىم – تەربىيە قارىشىدىن توغرا ئەمەستى، بۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئەپەندىلەر چۈشىنەلمىدى.

رەسمىي بىلدۈرۈشلەردە ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 120 مىڭ بالىنىڭ مەكتەپلەرگە ئېلىنغانلىقى يېزىلغان، بۇنىڭ 90 مىڭى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىدى.

بۇ مۇھىم ئېتىراپنىڭ ئۆزىمۇ مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ خەلق ئارىسىدىكى بۈيۈك ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتەتتى.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى بۇ مەكتەپلەرنى ئۆز مەكتىپى ھېسابلىمىغانلىقتىن ھۆكۈمەت ھېسابىغا ھېچ قانداق ياردەم بەرمەس ئىدى.

مەكتەپلەرنى خەلق ئۆز خىراجىتى بىلەن سېلىپ، لازىمەتلىكلىرىنىمۇ ئۆزى تېپىپ بەرگەن ئىدى.

مەكتەپلەرنىڭ مۇئەللىم ۋە باشقا چىقىملىرى بولسا خەلق مۇئەسسىەلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنەتتى. ئۆشۈر – زاكات ۋە ئىئانىلەر بۇ مەكتەپنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىناتتى.

خۇسۇسەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىش ۋە تەرەققىياتى ئۈرۈمچى ھۆكۈمەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتتى، قورقىدى.

«مەكتەپ ئېچىلسۇن» دېگىنىگە پۇشايمان قىلىپ، «قەشقەر ۋىلايىتى مەكتەپلىرى ئۈرۈمچى ئۇسۇلىدا بولماپتۇ» دېگەن باھانە بىلەن تۈرلۈك ئويۇنلار، ئەيىبلەر تېپىپ توسقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى.

مەھمۇد مۇھىيتىي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توپلانغانلارنىڭ ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى نەزىرىدە ئىشىنىدىغان يېرى قالمىدى. مەھمۇد مۇھىيتىي ئۈرۈمچىگە چاقىرىلدى. مەھمۇد مۇھىيتىي ئۈچۈن ئىككى يول بار ئىدى: تامامەن ئىتائەت قىلماق، ئۇرۇشۇپ ئۆلمەك.

بىرىنچى يول غايىمىزگە مۇخالىپ ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا خەلقنى يېڭىدىن ئۆلۈمگە سۆرۈمەكلىك ئىدى. ئۇرۇشۇلغاندا يالغۇز ئۈرۈمچىنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئەمەس، موسكىۋا ئەسكەرلىرى بىلەنمۇ ئۇرۇشىلاتتى.

ئۇندىن باشقا ئىككى يۈزلۈك تۇڭگانلار خوتەن تەرەپتە ئىدى.

مانا شۇنداق مۇلاھىزىلەر بىلەن مەھمۇد مۇھىيتىي چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە قارار بەردى. ئۆزى بىر نەچچە ھەمراھى بىلەن ھندىستانغا ئۆتۈپ كەتتى.

ئەسكەرلىرىگە تىنچلىق بىلەن تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ كەتتى.

خەلق ۋە ئەسكەرلەر كۆيۈمچان رەھبەر مەھمۇد مۇھىيتىينىڭ ئۆز يۇرتىنى، خەلقىنى ۋە ئائىلە ھاياتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندى.

خوتەندىكى تۇڭگانلارنىڭ غاپىل قىلىدىغان ۋەدە ۋە تەكلىپلىرى يەكەندىن باشلاپ قايتىدىن ئىسيان چىقىشقا سەۋەب بولدى.

قەشقەر، ئۇچتۇرپان، كۇچالار ئېلىنىپ ئاقسۇ مۇھاسىرىگە ئېلىندى. پەقەت بۇ قېتىمدا تۇڭگانلار خىيانەت قىلىپ، بولشېۋىكلار ئاشكارا ئارىلىشىپ ئىسياننىڭ ئاقىۋىتى پاجىئەلىك بولدى. ماخوسەن توپلىغان ئالتۇن پۇللارنى، قىممەتلىك خەزىنىلەرنى ئېلىپ ئۇرۇشماستىن قاچتى. ئىككى ئوت ئارىسىدا قالغان تۈرك ئەسكەرلەر بەك يامان ۋەزىيەتتە قالدى.

ئۇرۇشقا تەرغىب ۋە ياردەم ۋەدە قىلغان تۇڭگانلارنىڭ ئۇرۇشماستىن قەشقەر ۋە يەكەندە يېتىۋېلىشلىرى، ماخوسەننىڭ تۈرك ئەسكەرلىرىگە قارشى قىلغان جىنايىتى ۋە ئۇنىڭ بەزى ئادەملەرگە «سەن كوممۇنىست سەن» دەپ دۇق قىلىپ يانا بەزىلەردىن «مەھمۇد مۇھىيتىي چەتئەلدىن قورال ئالدى، ئىئانە بېرىڭلار» دەپ پۇل توپلىشى، يۇرت ئىشلىرىدا كۆپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن ھاپىز بەگنى ئالداپ، ئۇنى مەخپى يوق قىلىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان يارىماسلىقلار – ئىسياندىن كۈتۈلگەن ئۈمىدلەرنى يوققا چىقىرىپ تۈرلۈك پالاكەتلەرگە سەۋەب بولدى.

ئىنقىلاب ياخشى نەتىجە بەرمىدى، ئەمما ئۇ بىزگە ھەقىقىي قىزغىنلىقنى بەردى.

«تاياق يېمىگۈچە ئويغانماس» ئىدۇق، ئەمدى ئويغاندۇق. دوست – دۈشمەننى ئايرىيدىغان بولدۇق. ئىنقىلاب قۇربانسىز بولماس ئىدى، بىز ھەددىدىن زىيادە قۇربان بەردۇق ۋە ئىنتىقام تۇيغۇمىز زىيادە بولدى.

مانجۇرىيەگە كۈلدى، ئۇ يەردە پۈتۈن ئىشلارنىڭ مەسلىھەتچىلىك سۈپىتى بىلەن ئىشقا قاراپ تۇرغان ياپونلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى سۆزلەندى. بۇنى بىز بېرىپ كۆرمىدۇق، پەقەت ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنىڭ مانجۇرىيەگە كۈلىشى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشى ئاتىلىرىمىزنىڭ «ئىشتانسىز تىزى يىرتىققا كۈلۈر» دېگەنلىرىگە ئوخشىمايدىمۇ؟ ئەجەبا بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئەھۋال قانداق؟

مانجۇرىيە ياپونغا قانداق ئەسىر بولسا، مانجۇرىيە ياپون ئىستىلاسى ۋە تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قالغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭمۇ قايسى مەملىكەت ۋە خەلقنىڭ ئاسارەت ۋە تەسىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى ئۆزى ئەخمەقلەرچە ئېتىراپ قىلىپ ئۆتتى.

بىز ئۆز يۇرتىمىزنى ئۆز شارائىت ۋە ئۆزى بارلىقىمىزغا مۇۋاپىق شەكىلدە ئىدارە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت ئىستەيمىز. خەلقىمىزنىڭ روھىغا، تىلىكىگە مۇۋاپىق بولمىغان مەكتەپلەر، ئىدارە – ھۆكۈمەتلەر بىزنىڭ ئەمەستۇر، مەجبۇرىيدۇر، سۈنئىيدۇر.

مىللەتنىڭ روھىغا تەسىر قىلمىغان، مۇھەببەتكە تايانمىغان پۈتۈن يات قۇرۇلۇشلار ۋاقىتلىقتۇر. ساختىدۇر. بىزنىڭ ئەمەستۇر. بىز مەنبەسىنى مىللەتتىن ئالغان ۋە تۈرك ئۆلكىسىنىڭ ئۆزى ۋە بىرلا مىللىتىگە تايانغان بىر قۇرۇلۇش ئىستەيمىز. بۇنداق بىر قۇرۇلۇش ئۆزدۇر ۋە بىزنىڭدۇر. بىز ياسىما ئىسىم، ساختا ئون تۆت مىللەت، يالغان شۇئارلار ۋە نىھايەت بىزنىڭ ئېھتىياجىمىزغا مۇۋاپىق بولمىغان قۇرۇلۇشنى، «ئۈرۈمچى – موسكىۋا»، «شىڭ دوبەن – سىتالىن» شىركىتى ئىدارىسىنى رەت قىلىمىز ۋە نەپرەتلىنىمىز.

بىزنىڭ تۈركىستاندا ئون تۆت مىللەت يوقتۇر ۋە بولالماس، تۈركىستانىمىز ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىسمى بىلەن ئەبەدىي قالۇر.

تۈرك بۆشۈگىنىڭ «تۈركىستان» دەپ ئاتالغانلىقى قىزىللارنى قورقاتسا، ئۇلارنى چۆچۈتسە ۋە بەزى دۈشمەنلەر بىزچە مۇقەددەس بولغان بۇ ئىسىمدىن ئاچچىقلانسا بۇرنىنى چىشلىسۇن.

تۈرك بار تۈركىستان بار دېمەكتۇر. بۇنداق ئەپسانىۋى «ئون تۆت مىللەت دىيارى» ياراتماق بىھۇدە ئاۋارچىلىقتۇر. «ئورتاقلار» قەيەردىن كەلگەن بولساڭلار شۇ يەرگە كېتىڭلار.

– ئەمىن ۋاھىدىي 1938 – يىل يانۋار لاھور

 

ئەسكەرتمە: شەرقىي تۈركىستان مىللىي پاجىئەسىگە دائىر مەجمۇئىمىزنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا بېسىلغان ماقالىلار ھەققىدە كېلىدىغان ساندا ئايرىم توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمىز. – باشقارما.

مەنبە: «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى، 1938 – يىل مارت 100 – سانى (18 – بەت) ۋە 1938 – يىل ئاپرىل 101 – سانى (52 – بەت)

 

تۆتىنچى ماقالە:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشى دەرسلىرى

ئاپتورى: «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى تەھرىراتى

 

«ياش تۈركىستان»نىڭ كېيىنكى سانلىرىدا (98 – سانىدىن باشلاپ) چىققان تاجى ئەھمەد، ئەمىن ۋاھىدىي ۋە دەردمەن ئەپەندىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش ھەققىدىكى يازمىلىرى ناھايىتى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكتۇر.

بۇ يازمىلار – بولۇپمۇ تاجى ئەھمەد بىلەن ئەمىن ۋاھىدىي ئەپەندىلەرنىڭ يازمىلىرىدا – كەلتۈرۈلگەن ئايرىم پاكىتلار ۋە ياكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشىدىن ئايرىم ھادىسە ۋە سەھنىلەر ئۈستىدىكى تەھلىللىرى بىلەن ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ۋە داۋامى، جەريانى ۋە مۇددەتلىك بولۇپ تۇرغىنى، دائىمىي بولمايدىغىنى، كۆرگۈنىمىزدەك پاجىئەلىك ئاقىبەت بىلەن يېقىندىن تونۇشلۇقى بىلەن چىقارماقچى بولغان نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇھىمدۇر.

بىر كۈرەش ھەرىكىتى چىققان چاغدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ۋەيرانچىلىق ۋە بېرىلىش ئېھتىماللىقى بولغان قۇربانلىقلار ھەققىدە ئويلاشمۇ بولمايدۇ.

سۇغا تاشلانغان بىر كىشى قۇرۇق چىقىشىنى ئويلىمىغان كەبى، مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشىگە تاشلانغان بىر مىللەتمۇ ھۆررىيەت ۋە ئىستىقلالنىڭ بايلىق ۋە جان قۇربانى بەرمەي ئېلىنىشىنى ئويلىمايدۇ.

مىللىي ئەرك ۋە مىللىي ئىستىقلال بۇ يولدا قۇربان بولغان ئىنسانلار جەسىتىدىن ياسالغان تاغلاردىن ئاشىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ ئېتىزىنى قەھرىمان ئوغۇللىرى قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ كۆكەرتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىللىي ئىستىقلال كۈرىشىنى ماددىي، مەنىۋىي ۋە تېخنىكىلىق ھازىرلىقلارنى كۆرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن زۆرۈر كېرەكلىك بولغان ئىچكى ۋە تاشقى شارائىتلارنى بىلىپ، ھازىرلاش يولى بىلەن باشلىماق لازىم.

مانا شۇ قاراشتىنمۇ تاجى ئەھمەد ۋە ئەمىن ۋاھىدىي ماقالىلىرى ناھايىتى قىممەتلىك سانىلىدۇ. ئۇلار كۈرەش قۇربانلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇزۇن توختالماستىن ئوقۇرمەننىڭ دىققەت نەزىرىنى كۈرەشنىڭ قانداق شارائىت ئىچىدە باشلىنىپ جەريانلىنىدىغانلىقىغا تارتىدۇ. بۇ شەكىلدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشىدە يولۇققان پاجىئەنىڭ سەۋەبىنى كۆز ئوڭىدا جانلاندۇرىدۇ.

كۈرەش باشلىنىش ئالدىدا كۈرەشنىڭ نىشانى ھەققىدە كۈرەش باشلامچىلىرى ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن كەسكىن پىكىر بولمىغانلىقىنى بىز تاجى ئەھمەد بەگنىڭ ماقالىسىدىن بىلىۋالالايمىز.

كېلىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى مىللىي ھۆررىيەتتىن سۆز ئاچسىمۇ كۈرەشنىڭ مەقسىتى ۋە نىشانى ھەققىدە ئوچۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ كەسكىن بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن.

بىر قىسىملىرى ھۆررىيەت دېگەندە ھەقىقەتەنمۇ كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە زۇلۇم قىلىپ خەلقنى ئېزىپ كېلىۋاتقان خىتاي مەئمۇرلارنى قالدۇرۇپ ئورنىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان شەخسلەر (تەبىئىيكى مۇمكىنقەدەر ئۆز خەلقلىرى ئىچىدىن يېتىشكەن كىشىلەر) قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەنگىنىدەك ئىككىنچى بىر قىسىملىرى ئايرىم مىللىي ئىرادە ۋە مىللىي ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشنى چۈشەنگەن.

مىللىي ھۆررىيەت ھەققىدىكى بىر – بىرىگە زىت بۇ ئىككى پىكىر بىرلا ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ زېھنىدە بىرلىكتە مەۋجۇتمۇ بولغان. شەرقىي تۈركىستان مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ سايلانغان خوجا نىياز ھاجىنىڭ ئەينى زاماندا ئۈرۈمچى يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى يەنى خىتاي باش ۋالىيسىنىڭ يەرلىك تۈرك ئىشىلىرىغا نازارەتچىلىك قىلغۇچى ئورۇنباسار ئەمەلدار بولغانلىقىنىمۇ تاجى ئەھمەدنىڭ ماقالىسىدىن بىلىۋالالايمىز.

بۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە ئۇچرىتىش قىيىن بولغان بىر ھادىسەدۇر. تەبىئىيكى بۇ ۋەزىيەتتە باشلانغان ئىنقىلابنىڭ ياخشى بىر نەتىجىگە ئېلىپ بېرىشىنى كۈتكىلى بولمايتتى.

ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، كۈرەش كېرەكلىك ھازىرلىق كۆرۈلمەي باشلانغان ئىدى. بىر پىروگرامما تۈزۈش ۋە باشلاپ ماڭغۇچى بىر مەركەز ۋۇجۇتقا چىقىرىش مەسىلىسى كۈرەش باشلىنىپ كەتكەندە، تارتىشمىنىڭ قىزغىن چاغلىرىدا چۈشىنىلىشكە باشلىدى ۋە ئىتتىپاقداشلار ئىزدەلدى.

«مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرەش پىروگراممىسى»نى دىنىي ئاساسقا تاياندۇردى ۋە بۇ ئاساستىن تۇڭگانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتى، ئۇ ۋاقىتتا «پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان تۇڭگانلارمۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ۋە تەڭرى بەرگەن ئىتتپاقداشلىرىمىزدۇر» دېگەن زېھنىيەت ھاكىم بولدى.

ئەمدى سىز تاجى ئەھمەد، ئەمىن ۋاھىدىي، دەردمەن ئەپەندىلەرنىڭ يازمىلىرىنى ئوقۇپ، قارىسىڭىز «شۇ مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىمىز» تۇڭگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۈركلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ بۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى» تۇڭگانلاردىن كۆرگەن زەرەر ۋە يېگەن زەربىلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئېزىپ، بېسىپ ياتقان دۈشمەن خىتاي ۋە رۇس كۈچلىرىنىڭكىدىن كۆپ بولمىسىمۇ ئاز ئەمەستۇر.

بۇ زەربىنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر بولۇپ كېتىشىنىڭ باش سەۋەبىمۇ ئۇلارنى «مۇسۇلمان قېرىنداش» دەپ دەرھال قۇچاقلاپ پۈتۈن سىر ۋە ئاجىز تەرەپلىرىنى بىلدۈرۈپ قويغانلىقىدىندۇر.

مانا بۇ يول بىلەن قۇرتۇلۇش كۈرىشى يولىدا دىنىي ئىسلام، قېنى، تىلى خىتاي بولغان بۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز» بىلەن مىللىي قۇرتۇلۇش يولىدا شەكىللەندۈرگەن ئىتتىپاقلىق نەتىجىدە بۇ مۇسۇلمان تۇڭگان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە قارشى قىرغىن بولۇپ چىقتى.

سىياسى كۈرەشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي ئۇنى دىنىي ئەقىدىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇرىۋەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان بۇ پاجىئە خۇسۇسەن ئەمىن ۋاھىدىي ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدىن ئوچۇق كۆرۈنمەكتىدۇر.

تاجى ئەھمەد ۋە ئەمىن ۋاھىدىي ئەپەندىلەر يازمىلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئۈچىنچى مۇھىم نۇقتا خەلق مائارىپى مەسىلىسىدۇر. ئىنقىلاب باشلانغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان كەڭ خەلق ئاممىسى كۆپچىلىكى پۈتۈنلەي ساۋاتسىز بىر ۋەزىيەتتىدۇر.

كۆپىنچىسى دىنىي بىلىم ساھەسىدىن يېتىشكەن باشچى ئۆلىمالار تەبىقىسىمۇ «پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» شوئارى بىلەن باشلىغان تۇڭگان «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» بىلەن ئىتتىپاق ھەرىكىتى پاجىئەلىك نەتىجىلەنگەچ قىسمەن ئېتىبارلىرىنى يوقاتقان بولدى.

سىياسى كۈرەش سىياسى ھازىرلىق ۋە زامانىۋى سىياسى تۇرمۇش ۋە كۈرەش شەرتلىرى ھەققىدىكى بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. بۇلار بولسا بىردىن – بىردىن قولدا ياسىلىدىغان نەرسىلەر ئەمەستۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرلىنىش كېرەكتۇر. مىللىي مەكتەپ لازىمدۇر.

كېلەچەك مىللىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالايدىغان كىشىنى يېتىشتۈرۈش ئوچىقى مىللىي مەكتەپ قۇرۇش كېرەكلىكىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرتۇلۇش ھەرىكىتى باشلىقى مەھمۇد مۇھىيتىي ئەپەندى ھەرىكەت ئىچىدە يۈرۈپ، پۈتۈنلەي چۈشەنگەن. ھەي ئېسىت بىر ئاز كېچىكىپ قېلىندى.

بىزنىڭ بۇرادەرلەر، تۈركلەر بۇ پىكىرگە كەلگۈچە رۇس – خىتاي – تۇڭگان ئىتتىپاقى ئىشنى پۈتتۈرۈپ قويدى. شەرقىي تۈركىستان گەپتە خىتاي، ھەقىقەتتە رۇس قولىغا چۈشۈپ قالدى. «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» تۇڭگان گېنېراللار ماجۇڭيىڭ ۋە ماخوسەنلەر بولسا ئەڭ كېيىنكى ئېلىنغان خەبەرلەرگە كۆرە رۇس – خىتاي خوجايىنلىرى تەرىپىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىگە ياپونلارغا قارشى كۈرەشكە ئەۋەتىلىپتۇ.

ھەر نەرسىگە پەقەت شەخسىي مەنپەئەتى بۇرجىكىدىن قارىغۇچى كىشىلەر بۇلارنى بەلكى ئەمدىمۇ «تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تەبئىي ئىتتىپاقداشلار» دەپ ساناپ كۆرسىتىپمۇ يۈرگەندۇر.

شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى مىللىي قۇرتۇلۇش كۈرىشى ئېغىر توساققا ئۇچراپ قالدى، تەبىئىيكى ئۇ ئۆلمىدى، پەقەت توختىتىلدى، ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالغا ئۇچرىشى تاجى ئەھمەد ۋە ئەمىن ۋاھىدىي بەگلەرنىڭ ماقالىلىرىدە پۈتۈن تېرەنلىكى بىلەن كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇقاردا بىز ئىشارە قىلغان سەۋەبلەردىندۇر.

ئەگەردە تاجى ئەھمەد ۋە ئەمىن ۋاھىدىي ئەپەندىلەرنىڭ ماقالىلىرىدىكى قاراشلىرى پۈتۈن خەلقنىڭ بولمىسىمۇ، باشلامچى مۇنەۋۋەر تەبىقىنىڭ پىكرى بولالىغان بولسا شەرقىي تۈركىستان قۇرتۇلۇش ھەرىكىتى دەرسلىرىنىڭ ئىزسىز ئۆتمىگىنىنى ئېيتالايمىز.

ياخشى ھازىرلىق كۆرۈپ، ساغلام مەقسەتتە قۇرۇلغان مەپكۇرەلىق يولباشچىلىق مەركىزى بەرپا قىلىنىپ، پىروگرامما تۈزۈشكە ئۈلگۈرمەي باشلانغان كۈرەشتىن مۇسبەت بىر نەتىجە كۈتكىلى بولمايدۇ.

تەڭرىگە ئىشىنىڭ، دىندا مەھكەم تۇرۇڭ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىڭ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى «دىنىي بۇرادەر» دەپ ساناڭ، پەقەت سىز بۇنىڭلىق بىلەن مۇسۇلمان بۇرادەرلىرىڭىزنى ھەر زامان سىياسىي كۈرەشتە «تەڭرى بەرگەن ئىتتىپاقدېشىم» دەپ ئويلاپ ئالدانماڭ!

مائارىپ، بىلىم، ياخشى سىياسەت، تېخنىكا ھازىرلىقىنىڭلام بۈگۈنكى شارائىتتىكى كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەتكە ۋە تىلىگىمىز مىللىي ئىستىقلال ۋە ھۆررىيەتكە ئېلىپ بارالايدىغىنىنى زۆرۈر بىلىپ ئىشەنچ بىلەن ئۇ يولدا مېڭىشىمىز كېرەكتۇر.

بۈگۈن يۇرتىمىز تۈركىستاننىڭ ھەر ئىككى شەرقىي ۋە غەربىي قىسمىنىڭ قۇدرىتى بىر شەكىلگە كىرىپ قالدى، قارشىمىزدا ئومۇمىي دۈشمەن رۇس ئېمپىريالىزىمى تۇرىدۇ.

بىز شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستانلىقلار باراۋەر يۈرىشىمىز كېرەك ھەم يۈرىمىز. بۇ بىرلەشكەن ئۇرۇنۇشلىرىمىز، ھۇجۇملىرىمىز بىلەن گىنە قۇرتۇلۇش قۇياشىنى كۆرەلەيمىز ۋە ئۇلۇغ يۇرتىمىز بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرالايمىز. ئۇلۇغ تەڭرى ياردەمچىمىز بولسۇن!

 

مەنبە: «ياش تۈركىستان» ژۇرنىلى، 1938 – يىلى ماي 102 – سانى (2 – بەت)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز