رامازاندىكى قېرىنداشلىرىڭىز

رامازاندىكى قېرىنداشلىرىڭىز

مۇسۇلمانلارئارا ئۈلپەتلىشىش ۋە بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش شەرىئەت ۋە دىندۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز شەرىئىتىدە بىزنى دائىم ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشكە ۋە بىرلىشىشكە چاقىرىپ، بۆلۈنۈشتىن ۋە تالاش – تارتىش قىلىشتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئەدەب – ئەخلاق ۋە غايە – مەقسەتلەر يولغا قويدى. ئەگەر بىز بۇ ئەڭ يۈكسەك ئىدىئاللەرنى بەجا كەلتۈرگەن ۋە بۇ ئەخلاقلار بىلەن خۇلقلانغان بولساق، دائىم بىر تەن – بىر جان بولغان بولاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ھەققە ياردەم بەرگەن ۋە دىننى كۈچلەندۈرگەن بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئاللاھ سېنى ئۆزىنىڭ ياردىمى بىلەن ۋە مۇئمىنلەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈردى. سەن يەر يۈزىدىكى پۈتۈن بايلىقنى سەرپ قىلىپمۇ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كەمالى قۇدرەتى بىلەن) ئۇلارنى ئىناق قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾(ئەنفال: 62 – 63).

قېرىنداشلارئارا ئۈلپەتلىشىش سەۋەبكە ئالاقىسىز تەقدىر بولماستىن، بەلكى ئىجرا قىلىنىدىغان شەرىئەتنىڭ ۋە ئورۇندىلىدىغان ۋاجىباتلارنىڭ مېۋىسىدۇر. شەرىئەت شۇنداق ھۆكۈم قىلىدۇكى: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، قېرىندىشىنى قوغدىماي ھالاكەتكە تاشلىۋەتمەيدۇ»([1]) ۋە يەنە: «مۇئمىنلەر بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرۈش، بىر ـ بىرىگە مېھر ـ مۇھەببەت يەتكۈزۈش ۋە ھېسداشلىق قىلىشتا خۇددى بىر پۈتۈن بەدەنگە ئوخشايدۇكى، بەدەننىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا، باشقا پۈتۈن ئەزالار بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇسىز قالىدۇ»([2]).

ئى روزىدار قېرىندىشىم ۋە ھەمشىرەم! كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنكى، ئۇشبۇ رامازان ئېيىدا دۇنيا – ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ئىبارەت ئىلاھىي نېئمەت ۋە بەخشەندەلەرنى بولۇشىغا قولغا كەلتۈرۈشكە ھەممىڭلار تولىمۇ ھېرىسمەنسىلەر.

بارچىمىز رامازان ئېيىدا ئەپۇ قىلىنىشنى، كەچۈرۈم – مەغپىرەتكە نائىل بولۇشنى، سەھۋ – خاتالىقلىرىمىزنىڭ مەخپىي قېلىشىنى، ئىنسانلاردىن بىھاجەت بولۇپ، ھاجەتلىرىمىزنىڭ ئادا قىلىنىشىنى، كەمتۈكلىرىمىزنىڭ تولۇقلىنىپ، قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ ئاسان بولۇشىنى تەمە ۋە ئۈمىد قىلىمىز. پېقىر ھەرگىزمۇ بۇلارغا ئېرىشىشىڭىزنى مۇمكىن ئەمەس ياكى يەتكىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يىراق دەپ قارىمايمەن، چۈنكى سىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سەۋەب ۋە ئاچقۇچلىرىغا ئىگىسىز.

بۇلارنى قولغا كەلتۈرۈش سىزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىڭىزگە بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان نەرسە (لەر) نى ئىنسانلارغا بېرىشىڭىز بىلەن بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئەپۇ قىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئەۋۋەل باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشىڭىز، كەچۈرۈلۈشىڭىز ئۈچۈن ئۆزگىلەرنى كەچۈرۈۋېتىشىڭىز، خاتالىقلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يېپىشىڭىز، ئاسانچىلىققا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن باشقىلارغا ئاسانلاشتۇرۇشىڭىز، سېخىيلەرچە مۇئامىلىگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن سېخىيلەرچە مۇئامىلە قىلىشىڭىز، رەھىم قىلىنىشىڭىز ئۈچۈن رەھىم قىلىشىڭىز، ئېغىرچىلىقلىرىڭىزنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈۋېتىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق بىر ياخشىلىق پەقەت ياخشىلىق بىلەنلا مۇكاپاتلاندۇرلىدۇ. مۇكاپات ياكى جازا ئەمەلگە قارىتا بولىدۇ: ﴿ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ﴾(رەھمان: 60).

بۇ مەنىلەرنى ھىدايەت ئىمامى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىپ بېقىڭ! پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام ئېيتۇر: «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقتىن بىرنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. كىمكى بىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ھەمدەمدە بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولىدۇ»([3]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ»([4]) دەيدۇ ۋە باشقا بىر ھەدىستە ھەم: «كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ سودىسىنى ياندۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى قىيامەت كۈنى كەچۈرۈۋېتىدۇ»([5]) دېگەن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ياخشىلىق قىلغۇچىلار ياخشىلىق بىلەن، قولايلاشتۇرغۇچىلار قولايلاشتۇرۇلۇش بىلەن، سېخىيلىق قىلغۇچىلار سېخىيلىق بىلەن، رەھمەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچىلار رەھمەت بىلەن مۇكاپاتلاندۇرۇلىدۇ: «ئاللاھ بەندىلىرىدىن رەھىم – شەپقەتلىكلەرگىلا رەھىم قىلىدۇ»([6]).

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشىلاشتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ئىش، ئەمەلىيەتتە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشىنى ياخشىلاشتۇر.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار قىيامەت كۈنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يالىڭاچ، ئاچ، ئۇسسۇز، ناھايىتى ھارغىن ھالەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ. كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن كىيىم كىيدۈرگەن بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە كىيىم كىيدۈرىدۇ. كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئاچ قالغاننى تويغۇزغان بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى تويغۇزىدۇ. كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بىرىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغان بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ»([7]).

قېرىنداشلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت رىشتىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان بۇ سالىھ ئەمەللەر زىكىر، دۇئا، روزا ۋە نامازغا ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن بىرگە، بۇ ياخشىلىقلارغا ئالدىراش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان بىر مەيدان بار دېيىلسە، رامازان شۇ مەيداننىڭ مەركىزى بولىدۇ. ﴿ئەنە شۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا مۇسابىقىلىشىپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەردۇر﴾(مۇئمىنۇن: 61).

شۈبھىسىزكى، ئىمانىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيەت ۋە ئەمەلىيەتتىن مۇستەسنا ئىچى قۇرۇق بىر شوئار بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە تالىق تۈرتكە ۋە ئامىللىرى ھەمدە تەلەپ ۋە تەقەززالىرى باردۇر. ئىمانىي قېرىنداشلىقنىڭ تەلەپ – تەقەززالىرى دوستلۇقنى ئىپادىلەش، خالىسانە ياردەم بېرىش ھەمدە ياخشى كۆرۈش ۋە نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەڭ كۈچلۈك ئىمان تۇتقالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك: «ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرۈش ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقالىرىنىڭ بىرىدۇر»([8]). ئۇنىڭ تەلەپلىرىنىڭ قاتارىدىن يەنە تۇغقاندارچىلىقنى ياخشىلاش ۋە ھەربىر مۇسۇلماننى دىندارلىقىغا قارىتا ھۆرمەتلەشمۇ باردۇر.

 رامازاندا ئۆزئارا ئىگە بولۇش ۋە بىر – بىرىگە يېقىن تۇرۇشنىڭ مەنىسى دىندىكى قېرىنداشلىقنىڭ تۈرتكىسىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. ئاچ قالغان (لار) نى تويغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، شۇنىڭدەك قولدىن كەلگەنچە پۈتۈن ياخشىلىقلارنى قىلىش، ئەزىيەت بېرىشتىن قېچىش، سەدىقە بېرىش، زاكاتلارنى ئادا قىلىش، ناماز (لار) نى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇش، بىرلىكتە دۇئا قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىمان ئەھلى ئارىسىدىكى تۇغقاندارچىلىق ۋە قېرىنداشلىق تۈرتكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

بىر ئاي بويىچە پۈتۈن ئۈممەتنىڭ كوللېكتىپ شەكىلدە روزا تۇتۇشىنىڭ ئۆزى ھېس – تۇيغۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ قەلبلەرنى بىر – بىرىگە يېقىن قىلىدۇ. بىر شەھەردە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار بىرلىكتە روزا تۇتىدۇ، بىرلىكتە ئىپتار قىلىشىدۇ. ئۇلار روزا تۇتۇشتا، ئىپتاردا، ئاچلىقتا، توقلۇقتا باراۋەردۇر. ئۇلار بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۇمۇئە نامىزى ئۈچۈن مەسجىدلەرگە كەلگىنىدە، سەپلىرى مۇستەھكەم قېرىنداشلار بولۇپ ھەممىسى بىرلىكتە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىدۇ. رامازان ئېيى تۈگىگەن ۋاقىتتا، ھەممەيلەن يىغىلىپ خۇشال ھالدا ھېيت نامىزى ئوقۇيدۇ ۋە شۈكۈر ئېيتىپ تەكبىر توۋلىشىدۇ.

ئى روزىدار قېرىندىشىم! رامازاننىڭ مەكتۇبىغا دىققىتىڭىزنى بېرىڭ! سىز چوڭ بىر جامائەت ئىچىدىكى يەككە بىر شەخس، بۇ جامائەتتىكى ھەربىر شەخسنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە مۇئەييەن ھەقلىرى بار. سىزگە سېخىيلىق ئېيىدا ئەڭ مۇناسىب ۋە ئەڭ يارىشىدىغىنى ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشتۇر.

¯ سىزنىڭ خىلمۇخىل يېمەك – ئىچمەكلەرگە تولۇپ تاشقان داستىخىنىڭىزدا قايسىنى ئېلىپ قايسىنى ئالماسلىقنى بىلەلمەي تۇرغىنىڭىزدا، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە ئىپتار قىلىدىغانغا بىرەر تال خورما ياكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغانغا سوغۇققىنا بىر يۇتۇم سۇمۇ تاپالمايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇماڭ!

¯ سىز ئازادە ھەم تىنچ ئۆيىڭىزدە يۇمشاق كۆرپىلەر ئۈستىدە راھەت سوزۇلۇپ ياتقىنىڭىزدا، خىلمۇخىل بالايىئاپەت ياكى ئۇرۇش سىناقلىرى بىلەن تولغان رايونلاردا جانلار، جانانلار ۋە ياش ئەۋلادلارغا ھەمدە ماللار ۋە باغۋاران، زىرائەتلەرگە يەتكەن ئەزىيەت ۋە زىيانلارنىڭ دەستىدىن قورقۇنچ، چىدىغۇسىز ئاچلىق، قاتتىق سوغۇق ۋە پىژغىرىم ئىسسىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى خاتىرجەمسىزلىك قامچىسىنىڭ ئاستىدا جان تالىشىپ، قۇلاقنى يارغۇدەك دەھشەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدىغان كىشىلەر نۇرغۇندۇر.

¯ ھەيدەي دېسىڭىز بىرقانچىلىغان ماشىنىلىرىڭىز، ئولتۇرۇپ – قوپاي دېسىڭىز خىلمۇخىل ئالىي كۆرپە – يېكەندازلىرىڭىز، پەرياستۇقلىرىڭىز، خىلمۇخىل نەرسە – كېرەك ۋە ئەشيا – ماللىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە پاناھلىنىدىغان يېرى، ئولتۇرىدىغان ئۆيى، جىددىي ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن قوللىنىدىغانغا قاتناش ۋاسىتىسى يوقلار ئاز ئەمەستۇر.

¯ سىز باي – باياشاتچىلىق، بەخت – سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىزدىن باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىڭىز قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان، كېسەللىكلەر بىلەن ئېلىشىۋاتقان بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ياكى ئۇلارنىڭ جەبر – جاپاسىنى، رەنج – مۇشەققەتلىرىنى ئەسلەيدىغان ۋاپادار كىشىلەرگە تەلپۈنۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

 ¯ ئى روزىدار قېرىندىشىم! رامازان ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەۋلادلىرىڭىزغا ئەڭ ياخشى يېمەك – ئىچمەك، ئەڭ ياخشى كىيىم – كېچەك، ئەڭ ياخشى ئويۇن تۈرلىرىنى تاللاپ بولالماي تېڭىرقاپ قېلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا باشقا بىر قېرىندىشىڭىز قولىنىڭ تارلىقىدىن ياكى نېئمەت بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بېخىللىقىدىن ئەۋلادلىرىنىڭ قايسىسىغا بېرىپ، قايسىسىغا بەرمەسلىكتە تەڭلىكتە قېلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟!

ئى قىممەتلىك قېرىندىشىم، سىز قېرىنداشلىرىڭىزغا سېخىيلىق قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزگە سېخىيلىق قىلغان بولىسىز، بۇ ئارقىلىق سىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە قەرزىي ھەسەنە بەرگەن بولىسىز. ئاللاھ تائالا سىزگە بۇ ياخشىلىقلىرىڭىزنى دۇنيادا قاتتىق موھتاج بولغان كۈنلىرىڭىزدە، شۇنداقلا ئىنسان ئۆز قېرىندىشى، ئانىسى ۋە دادىسىدىنمۇ قاچىدىغان كۈن يەنى قىيامەت كۈنىدە ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ: ﴿كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل – مال سەرپ قىلىدىكەن) ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ﴾(ھەدىد: 11).

ئى ئاللاھ! بىزنى سېنىڭ دىنىڭغا چىڭ ئېسىلىدىغانلاردىن، سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن بىر – بىرىمىزنى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن، سېنىڭ ئىتائىتىڭدە بىر – بىرىمىزگە رەھىم – شەپقەت كۆرسىتىدىغانلاردىن قىلغىن! … ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

—————————————-
([1]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 2442 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2580 – ھەدىس.
([2]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6011 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2586 – ھەدىس.
([3]) «مۇسلىم»، 2699 – ھەدىس.
([4]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1284 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2580 – ھەدىس.
([5]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 7122 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 3001 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 2190 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([6]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1284 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 923 – ھەدىس.
([7]) مۇنزىرىي: «ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب»، 2 – توم، 66 – بەت.
([8]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 18524 – ھەدىس. باھا بەرگۈچىلەر: «باشقا شاھىتلىرى بىلەن ھەسەن ھەدىس» دېگەن. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، 10378 – ھەدىس. ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ