رامازاندىكى تىلاۋىتىڭىز

رامازاندىكى تىلاۋىتىڭىز

رامازان ئېيى «قۇرئان كەرىم» بىلەن قوشكېزەكتۇر. چۈنكى، ئۇ ئۇلۇغ كىتاب دەل مۇشۇ ئايدا نازىل قىلىنغان: ﴿رامازان ئېيىدا «قۇرئان» نازىل قىلىنغاندۇر﴾(بەقەرە: 185).

رامازاننىڭ «قۇرئان كەرىم» بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىشى روزىنىڭ «قۇرئان»دا پەرز قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. روزا «قۇرئان كەرىم»دىن يېيىلغان ئىلاھىي نۇرلارنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويىدىغان ئىنسانىي ئالاقىلەرنى يوقاتقۇچى ئەڭ كۈچلۈك ۋاسىتىدۇر. شۇڭلاشقا، روزا تۇتۇش بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ نازىل بولۇشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى زىچتۇر.

رامازان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نۇزۇلى بىلەن ئۇلۇغلانغان بىر ئاي بولغاچ، روزا تۇتۇشقا خاس قىلىنىشى ئەڭ مۇۋاپىق ئىدى. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە نازىل قىلغان ھىدايەتكە ئۇچرىشىشى ئۈچۈن، ئەڭ مۇناسىب ھالىتى روزىدار ھالىتىدۇر.

«قۇرئان كەرىم» رامازاننىڭ پەرزلىكىنى بايان قىلىپ ﴿رامازان سىلەرگە پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183) دېگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ رامازاندا نازىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى: ﴿رامازان ئېيىدا «قۇرئان» نازىل بولۇشقا باشلىدى﴾(بەقەرە: 185). بۇنداق كېلىشى رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ مەخسۇس «قۇرئان كەرىم» ئۈچۈن ئىكەنلىكىدىندۇر. مۇبارەك ئايەتلەر سىزگە شۇنى ھېس قىلدۇرىدۇكى، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇشنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەقسەتلىرىدىن بىرى پىكىر يولىمىزنى «قۇرئان»نى ياخشى چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە ساپلاشتۇرۇشتۇر.

بۇنىڭدىن رامازان ئېيىنىڭ ۋە روزا تۇتۇشنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاينىڭ «قۇرئان ئېيى» دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر.

بىزدىن ئىلگىرىكىلەر، سەلەف – سالىھلەر بۇ مەنىنى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەنگەن. رامازان ئېيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىنىڭ «قۇرئان كەرىم»گە كۆڭۈل بۆلۈش، «قۇرئان كەرىم» بىلەن كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش ۋە «قۇرئان كەرىم» ئۈچۈن زېھىنلەرنى بوشىتىش مەقسىتىدە روزا تۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدى.

ئىمام زۇھرىي([1])دىن رامازاندىكى ئەمەللەر ھەققىدە سورالغىنىدا: «‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاچلارغا تاماق بېرىشتۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

مەشھۇر مۇھەددىس ئابدۇررازاق([2]) نەقىل قىلىدۇ: «ئىمام سۇفيان ئەسسەۋرىي رامازان ئېيى كىرگەندە، ۋاجىپ ئىبادەتلەردىن باشقا پۈتۈن ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىپ، ‹قۇرئان› تىلاۋەت قىلىشقا يۈزلىنەتتى».

 ئىبنى ئابدۇلھەكەم([3]) رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمام مالىك([4]) رامازان ئېيى كىرگەندە، ئىلىم سورۇنلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ، ‹قۇرئان› تىلاۋىتىگە يۈزلىنەتتى»([5]).

خاھ رامازان خاھ باشقا ۋاقىتلاردىكى «قۇرئان» تىلاۋىتى ھەققىدە گەپ قىلغان ۋاقتىمىزدا، «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئاللاھنىڭ كالامىنى چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمام ئىبنۇلقەييىم «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ تىلاۋەت قىلىشنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئون سەۋەبنىڭ بىرىنچىسى قىلدى: «‹قۇرئان كەرىم›نى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش، مەنا – مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش، خۇددى بىر قۇلنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېرىلگەن كۆرسەتمە قوللانمىسىنى يادلىۋېلىشى، تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشى ۋە شەرھلىشىگە ئوخشاشتۇر»([6]).

ھەسەن ئىبنى ئەلى([7]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ‹قۇرئان كەرىم›نى ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىر مەكتۇپ دەپ قاراپ، كېچىلىرى تەپەككۇر بىلەن ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى ھاياتقا تەدبىقلايتتى»([8]) دېگەن.

ئىمام ئىبنۇل جەۋزىي: «‹قۇرئان كەرىم›نى تىلاۋەت قىلغان كىشى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز سۆزلىرىنىڭ مەنالىرىنى زېھىنلەرگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن (‹قۇرئان›نى) نەقەدەر ئىنچىكىلىك بىلەن ياراتقانلىقىغا قارىسۇنكى، ئوقۇۋاتقان كىتابنىڭ ئىنساننىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى بىلسۇن، قەلبىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ كالامىنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇسۇن»([9]) دەيدۇ.

بارلىق مىننەت – تەشەككۈرلەر ئاللاھقا خاستۇر، چۈنكى ئۇ بىزدەك ئاجىز مەخلۇقلىرىغا ئۇ زاتقا مۇناجات قىلىش، كىتابى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە مەنىلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە رۇخسەت قىلغان.

ئىبنى سالاھ ئېيتىدۇ: «‹قۇرئان كەرىم›نى ئوقۇش ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئەزىز قىلىپ بەرگەن بىر ئىمتىيازدۇر. رىۋايەت قىلىنۇركى، مالائىكىلەرگە بۇ نېسىپ قىلىنمىغان ۋە ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى ئىنسانلاردىن ئاڭلاشقا ھېرىسمەندۇرلەر»([10]).

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچىدۇر. رەببىمىزگە مۇناجات ئەيلەش ۋە كىتابىنى تەپەككۇر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ئۇلۇغ ماقاملارنى بېرىشى شۇ جۈملىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى (ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر﴾(فاتىر: 29 – 30).

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئەھلى ۋە خاس كىشىلىرى قىلدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

«ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە يېقىن كىشىلىرى بار! ــ دېدى.

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇلار كىملەر؟ ــ دەپ سوراشقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

ــ ئاللاھ تائالانىڭ يېقىن ۋە خاس كىشىلىرى قۇرئان ئەھلىدۇر، ــ دېدى».([11])

ئى روزىدار قېرىندىشىم! رامازاندا «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش سىزنىڭ «قۇرئان» بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى توغرىلاشنىڭ باشلىنىشى بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، «قۇرئان» ئەھلىدىن، يەنى ئاللاھنىڭ ئەھل ۋە خاس كىشىلىرىدىن بولالايسىز. شۇندىلا «قۇرئان كەرىم»نى تەرك ئېتىپ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىم، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ «قۇرئان»نى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى﴾(فۇرقان: 30) دېگەن ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شىكايىتىگە ئۇچرىغانلاردىن بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالايسىز.

«قۇرئان كەرىم»نى تەرك ئەتكەن كىشىلەردىن ئەمەس، بەلكى زىكىر ئەھلىدىن بولۇشىڭىز ئۈچۈن، رامازاندا «قۇرئان كەرىم»دىن كۈندىلىك بىرەر پارە ئەتراپىدا ئوقۇشتەك ۋەزىپىلەرنى بەلگىلىۋېلىڭ ۋە بۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇڭ. «قۇرئان كەرىم»نى كۈندە ئوقۇش ئۈچۈن ۋەزىپە بەلگىلىۋېلىش زامانىمىزدا تەرك ئېتىلگەن بولسىمۇ سۈننەت ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ سۈننەت قارا بودۇن تەرىپىدىنلا ئەمەس، دەۋەتچىلەر ۋە دىنىي زاتلار تەرىپىدىنمۇ تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. سەلەف – سالىھلەر «قۇرئان كەرىم»دىن ھەر كۈنى مۇئەييەن مىقدار ئوقۇشنى مۇقىمداپ، شۇ بويىچە داۋام قىلاتتى. ئوقۇيدىغان كۈندىلىك «قۇرئان كەرىم» مىقدارىنى ھىزب([12]) ياكى ۋىرد (ۋەزىپە) ۋە ياكى پارە (جۈز) دەپ ئاتايتتى. ئۇلار «قۇرئان كەرىم»نى يا ئايدا بىر قېتىم ياكى ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە ياكى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تامام قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىسلەر باردۇر. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: «كىمكى كېچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىرقىسمىنى ئادا قىلالماي، ئۇنى ئەتىسى بامدات بىلەن پېشىننىڭ ئارىلىقىدا ئادا قىلىۋالسا، خۇددى ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلغاندەك بولىدۇ»([13]).

ساھابە كىراملارمۇ «قۇرئان كەرىم»نى بۆلۈپ ئوقۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەقىف قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىدا كۈتۈۋالغانىدى، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ھەركۈنى ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەدىس سۆزلەپ بېرەتتى، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىكىپ قالدى، ئۇلار:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۈگۈن كېچىكىپ قالدىلىغۇ؟ ــ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:

ــ «قۇرئان كەرىم»دىن تىلاۋەت قىلىشقا تېگىشلىك يەر بار ئىدى، تامام قىلماستىن چىققۇم كەلمىدى، ــ دېدى.

بۇ ھەدىسىنىڭ راۋىيسى ئەۋس ئىبنى ھۇزەيفە مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابەلىرىدىن:

ــ «قۇرئان كەرىم»نى قانداق بۆلۈپ ئوقۇيتتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدىم. ئۇلار:

ــ (تۇنجى:) ئۈچ سۈرە («بەقەرە»، «ئال ئىمران»، «نىسا»)؛

(ئىككىنچى:) بەش سۈرە («مائىدە»دىن «تەۋبە»نىڭ ئاخىرىغىچە)؛

(ئۈچىنچى:) يەتتە سۈرە («يۇنۇس»تىن «نەھل»نىڭ ئاخىرىغىچە)؛

(تۆتىنچى:) توققۇز سۈرە («ئىسرا»دىن «فۇرقان»نىڭ ئاخىرىغىچە)؛

(بەشىنچى:) ئون بىر سۈرە («شۇئەرا»دىن «ياسىن»نىڭ ئاخىرىغىچە)؛

(ئالتىنچى:) ئون ئۈچ سۈرە («ساففات»تىن «ھۇجۇرات»نىڭ ئاخىرىغىچە)؛

(يەتتىنچى:) قىسقا سۈرىلەر («قاف» تىن «قۇرئان»نىڭ ئاخىرىغىچە) ئىدى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى»([14]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «قۇرئان كەرىم»نى يەتتە كۈندە تامام قىلىش ئۈچۈن بۆلەتتى. ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دېگەن: «مەن كۆرپىدە ياكى كارىۋاتتا ئولتۇرغان ھالدا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ يەتتىدىن بىرىنى ياكى ئوقۇش ئۈچۈن بەلگىلىۋالغان يەرلەرنى ئوقۇيمەن»([15]).

رامازاندا سەلەف – سالىھلەر «قۇرئان» تىلاۋىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىنىڭ ئاۋازى ھەسەل ھەرىسى غوڭۇلدىغاندەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

شەھرى رامازان باشتىن – ئاخىر بىر پۈتۈن زامان سۈپىتىدە زىكىر – تىلاۋەت قىلىشقا نىسبەتەن ئۇلۇغ بىر پۇرسەتتۇر. بولۇپمۇ رامازان كېچىلىرى تېپىلغۇسىز بۈيۈك نېئمەتتۇر. كېچە قەلبلەرنى يۇمشىتىش ۋە چوڭقۇر تەپەككۇرنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتىدۇر. بەلكىم مۇشۇ ۋەجدىن جىبرىل ئەلەيھىسسالام «قۇرئان كەرىم»نى ئۆزئارا ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا رامازاننىڭ كېچىلىرىدە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ شۇ مەزمۇندىكى ھەدىسىنى ئىمام ئىبنى رەجەب شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس رامازاننىڭ كېچىلىرىدە قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، كېچىدە ھەلەكچىلىكلەر توختايدۇ، ھىممەتلەر توپلىنىدۇ، تىل ۋە دىل «قۇرئان كەرىم»نى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشقا ئۇيغۇن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە بەندىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ﴾(مۇزەممىل: 6).

يۇقىرىقىلار ئەۋزەل زامانلاردۇر. «قۇرئان» تىلاۋىتى ئەۋزەل بولىدىغان ماكانلارغا كەلسەك، قىرائەت ئۈچۈن ئەڭ ئەلا ماكان مەسجىدلەردۇر. بولۇپمۇ «قۇرئان»نى يادلاش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرى تېخىمۇ ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەيدۇكى: «قاچانكى، بىر جامائە ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيگە يىغىلىپ، ‹قۇرئان كەرىم›نى تىلاۋەت قىلسا ۋە ئۆزئارا ئۆگەنسە، ئۇلارغا تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمەت پەرىشتىلىرى ئورىۋالىدۇ»([16]).

ئى ئاللاھ! «قۇرئان كەرىم»نى كۆڭۈللىرىمىزنىڭ باھارى، قەلبلىرىمىزنىڭ نۇرى ۋە غەم – قايغۇلىرىمىزنىڭ شىفاسى قىلىپ بەرگىن. ئۇنتۇلدۇرۇلغان ئايەتلىرىمىزنى ئەسلىتىپ قويغىن. بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلدۈرۈپ قويغىن. «قۇرئان كەرىم»نى كېچە – كۈندۈز زاتىڭ بىزدىن رازى بولىدىغان شەكىلدە تىلاۋەت قىلغىلى نېسىپ قىلغىن… ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————–
([1]) ئىمام ئەبۇبەكرى مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي (مُحَمَّد بن مُسلم بْن عبيد اللَّه بن عَبْد اللَّه بن شِهَاب الزُّهْرِيُّ، ھ. 51 – 124 / م. 671 – 742) ــ تابىئىن، «ئۇمەۋىيلەر» خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن ھەدىسلەرنى رەسمىي توپلىغان ئالىم ۋە فەقىھ. «ئىبنى شىھاب» دەپمۇ تونۇلغان كاتتا زات. ــ ت.
([2]) ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام ئىبنى ناﻓﯩﺌ ئەسسەنئانىي ئەلھىميەرىي (عَبْدُ الرَّزَّاقِ بنُ هَمَّامِ بنِ نَافِعٍ الحِمْيَرِيُّ، ھ. 126 – 211 / م. 744 – 827) ــ يەمەنلىك ئازادگەردە. مەشھۇر مۇھەددىس، تەفسىرشۇناس. «تەفسىرۇ ئابدۇرراززاق»نىڭ ۋە 11 توملۇق «مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق» ناملىق ھەدىس ۋە سەلەف – سالىھلەرنىڭ سۆزلىرى توپلانغان چوڭ ھەجىملىك كىتابنىڭ مۇئەللىفى. ــ ت.
([3]) ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلھەكەم ئىبنى ئەئيەن ئىبنى لەيس ئەلئۇمەۋىي (عبدُ اللهِ بنُ عبدِ الحكمِ بنِ أَعْيَنَ بنِ اللَّيثِ الأُمويُّ، ھ. 159 – 214 / م. 767 – 829) ــ مىسىرلىق فەقىھ، ئىمام مالىكنىڭ چوڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى. مىسىرلىق مالىكىيلارنىڭ پېشۋاسى، مالىكىي مەزھەب فىقھىدا «ئەلقازائۇ فىلبۇنيان» ۋە «ئەلمەناسىك» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ــ ت.
([4]) ئىمام ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئەلئەسبەھىي ئەلمەدەنىي (الإمَامُ مَالك بن أنس بن مَالك الأصبحي الْمَدَنِيّ) (ھ. 93 – 179 / م. 712 – 795) ــ مەدىنەدە ياشاپ ئۆتكەن بۈيۈك مۇھەددىس، تەبەئى تابىئىن. مەشھۇر «تۆت مەزھەب»نىڭ بىرى بولغان «مالىكىي مەزھىبى»نىڭ ئىمامى. «ئەلمۇۋەتتا» ئاتلىق مەشھۇر ھەدىس كىتابى باردۇر. ــ ت.
([5]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 42 – بەت.
([6]) ئىبنۇلقەييىم: «مەدارىجۇسسالىكىن»، 3 – توم، 7 – بەت.
([7]) ھەزرىتى ئەلھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب ئەلھاشىمىي ئەلقۇرەشىي (الحَسَنُ بنُ عَلِيِّ بنِ أَبِي طَالِبٍ بنِ عَبْدِ المُطَّلِبِ، ھ. 3 – ھ. 50 / م. 625 – 670) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ــ ھەزرىتى فاتىمە بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى، خەلىپىلەرنىڭ بەشىنچىسى، «ئەھلى جەننەت يىگىتلىرىنىڭ خوجىسى». ھەزرىتى مۇئاۋىيە بىلەن سۈلھى تۈزۈپ قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغان زات. ــ ت.
([8]) ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەب – قائىدىلىرى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 61 – بەت.
([9]) ئەلمەقدىسىي: «مۇختەسەر مىنھاجۇل قاسىدىن»، 28 – بەت.
([10]) سۇيۇتىي: «ئەلئىتقان فى ئۇلۇمىل قۇرئان»، 1 – توم، 191 – بەت.
([11]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 12264 – ھەدىس؛ نەسائىي: «ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، 8031 – ھەدىس؛ «ئىبنى ماجە»، 215 – ھەدىس. ئالبانىي: («سەھىھۇ ئىبنى ماجە»، 215 – ھەدىس) «سەھىھ» دېگەن.
([12]) «قۇرئان كەرىم» جەمئىي 60 ھىزب (حِزْبٌ) قا بۆلۈنىدۇ، يەنى، ھەربىر پارە ئىككى ھىزبقا، ھەربىر ھىزب تۆت رۇبئىغا بۆلۈنىدۇ. ــ ت.
([13]) «مۇسلىم»، 747 – ھەدىس.
([14]) «ئىبنى ماجە»، 1345 – ھەدىس. ئىراقىي: «ھەسەن» دېگەن.
([15]) ئابدۇرراززاق: «ئەلمۇسەننەف»، 1322 – ھەدىس؛ ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 8659 – ھەدىس. ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئاننىڭ پەزىلەتلىرى»، 1 – توم، 186 – بەت.
([16]) «مۇسلىم»، 2699 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ