ھەجگە بېرىش ئۈچۈن پارا بېرىش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ۋەتەندە ياشاۋاتقان بىر مۇسۇلمانمەن. مەن بۇ يىل ھەجگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان ئىدىم، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشسام، سان ھەل قىلغاندىن كېيىن ئۆمەك بىلەن بارالايدىغانلىقىمنى ئۇقتۇردى. باشقىلاردىن ئۇقسام، سان ھەل قىلىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پارا بەرسەم بىر سان ھەل قىلىپ بېرىدىكەن، بەرمىسەم ھەل بولمايدىكەن. بەزەن ئالىملاردىن قانداق قىلىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سورىسام، ئۆمەك بىلەن بارساڭ، پارا بېرىپ بارساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن پارا بېرىش بەدىلىگە، باشقا ھەجگە بارىدىغان مۇسۇلمانغا زىيان سالغان بولىسەن. ئۆمەكنىڭ سىرتىدا بارساڭ، ئامال بولمىغان شارائىتتا، پارا بېرىپ بارساڭ بولىدۇ دەيدۇ. مەن ئىككىلىنىپ قالدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ھەج ئىبادىتى ئىسلامنىڭ ئاساسلىق بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى بولۇپ، شەرتىنى ھازىرلىغان ئاقىل، بالىغ مۇسۇلماننىڭ كېچىكتۈرمەستىن بىر قېتىم ھەج قىلىشى پەرزدۇر. شۇنداقلا بۇ پەرزنى ئادا قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر. جانابى ئاللاھ ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلغان:

(بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبىگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر. )([1])

«بېرىشنىڭ يولىنى قىلىش» دېگىنىمىز، تېنى ھەج قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ساغلام بولۇشى، قەرزلىرىنى تۆلىگەندىن كېيىن بېرىپ – كەلگىچە بالىچاقىلىرىغا يەتكىدەك خىراجەتتىن ئېشىنغان ھالەتتە ھەجگە بېرىش – كېلىش خىراجىتى تەل بولۇشى، يولنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بارىدىغان بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرىقى شەرتلەر ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتى بولۇپ، باشقا شەرتلەر ھازىرلانغاندىن كېيىن ھەجگە خاتىرجەم بېرىپ – كېلەلەيدىغان بولسا، ئاندىن يول بىخەتەرلىكى شەرتى تېپىلغان بولىدۇ – دە، ئۇ كىشىگە ھەج پەرز بولىدۇ. بۇ شەرتلەر تېپىلمىسا ھەج پەرز بولمايدۇ. ھەجگە بارمىسا گۇناھمۇ بولمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بېرىش شەرتىمۇ ھەجنىڭ پەرز بولۇش شەرتىدۇر. بىللە بارىدىغان ئېرى ياكى مەھرىمى تېپىلمىسا ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ. بۇمۇ بىر تەرەپتىن يول بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاياللارغا خاس شەرت.

دېمەك، ھەج شەرتلىرىنى ھازىرلىغان كىشىگە ھەج پەرز، ھازىرلىيالمىغانلارغا پەرز ئەمەس. پاسپورت بولمىغانلىقتىن، ياكى ۋىزا ئالالمىغانلىقتىن، ياكى ھۆكۈمەت توسۇۋالغانلىقتىن، ياكى ئۇرۇش يۈز بەرگەنلىكتىن، ياكى بەكلا ياشىنىپ قالغانلىقتىن، ياكى تەن – سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن سەپەر قىلالمايدىغان بولسا، ھەج پەرز ئەمەس. بۇلار ئۈچۈن ئۆزى بىر قېتىم پەرز ھەج قىلىپ بولغان يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرەرسى خالىسانە ھەج قىلىپ قويسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك توغرا بولىدۇ.

بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىيالمىغانلارنىڭ ئۇ شەرتلەرنى ھازىرلىشى پەرز ئەمەس. مەسىلەن: شەرتلەرنى ھازىرلاش ئۈچۈن قەرز ئېلىشى، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشى، ئۆي ۋە دۇكانلارنى سېتىشى، ئاياللارنىڭ مەھرەم شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئەرگە تېگىشى، پاسپورت، ۋىزا ۋە ياكى ئۆمەك قاتارلىق باشقا رەسمىيەتلەر ئۈچۈن پارا بېرىشى پەرز ئەمەس. لېكىن بۇ كىشىلەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇ شەرتلەرنى ھازىرلاپ ھەجگە بارسا ھەجى توغرا بولىدۇ.

پاسپورت، ۋىزا ۋە ياكى ئۆمەك قاتارلىق باشقا رەسمىيەتلەر ئۈچۈن پارا بېرىشكە كەلسەك، پارا بەرمەي بارالىسا، ھەج پەرز. بارالمايدىغان بولسا پەرز ئەمەس. لېكىن پارا بېرىپ ھەجگە بارسا، بۇ پارا باشقىلارنىڭ ھەققىنى بىكار قىلىۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسا ھەجى توغرا. يەنى پارا بېرىش ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرىپ ھەجگە بېرىش جائىز، لېكىن ۋاجىپ ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا پارا بېرىش گۇناھى ئالغۇچىغىلا بولىدۇ. چۈنكى بۇ پارا بەرگۈچىگە نىسبەتەن ئۆز ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئىسلام دىنىمىزدا ئۆز ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارا بەرسە بەرگۈچىگە گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئالىملىرىمىزدىن كۆپلىگەن بايانلار كەلگەن.

ئىمام سەنئانىي: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى ۋە پارا ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان» دېگەن ھەدىسكە سەھىھ دەپ ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «پارا بەرگۈچى دېگەن ناھەق ئىشقا ئېرىشىش ئۈچۈن پۇل بەرگەن كىشى بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن، ئۆزىنىڭ ھەققىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۇل بېرىش پارا ھېسابلانمايدۇ».([2])

ئىمام ئىبنى ئابىدىين مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىنى ۋە مال – مۈلكىنى زۇلۇمدىن قوغداش ۋە ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زالىم پادىشاھقا پۇل بەرسە، بەرگۈچىگە نىسبەتەن پارا بولمايدۇ».([3])

ئىمام ئەبۇ بەكىر ئەلجاسساس مۇنداق دەيدۇ: «پارىنىڭ يەنە بىر تۈرى بولسا، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھاكىمغا بېرىلگەن پارا بولۇپ، بۇ بەرگۈچىگە چەكلەنمەيدۇ، گۇناھى ئالغۇچىغىلا بولىدۇ، ھەزرىتى جابىر ئىبنى زەيد ۋە شەئبىي مۇنداق دېگەن: ‹زۇلۇمدىن قورققان كىشى ئۆزىنى ۋە مېلىنى پارا بېرىش ئارقىلىق قوغدىسا ھېچ گەپ يوق›. ھەزرىتى ئەتا ۋە ئىبراھىمدىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ھەسەن ئەلبەسرىي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹ئاللاھ تائالا پارا بەرگۈچىگە ۋە پارا يېگۈچىگە لەنەت قىلغان› دېگەن ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹بۇ ناھەق بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى ھەق ئىشنى قىلدۇرماسلىققا پارا بېرىش ھەققىدە دېيىلگەن، لېكىن ھەققىڭنى قوغداش ئۈچۈن پارا بەرسەڭ ھېچ گەپ يوق›. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ‹ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پارا بەرسە بولىدۇ›. مۇجاھىد مۇنداق دېگەن: ‹مال – مۈلكۈڭنى دىنىڭنى قوغداش ئۈچۈن قالقان قىلغىن، مال – مۈلكۈڭنى قوغداش ئۈچۈن دىنىڭنى قالقان قىلما›».([4])

ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زۇلۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەدىيە قىلىپ بىر نەرسە بەرسە جائىز بولىدۇ، بۇ سەلەفلەردىن ۋە كاتتا ئىماملاردىن نەقىل قىلىنغاندۇر».([5])

يېقىنقى زامان ئالىملىرىمىزدىن ئىمام يۈسۈف قەرداۋى مۇنداق دەيدۇ: «قايسى بىر كىشى زايە بولۇپ كەتكەن ھەققىنى پارا بەرمىسە قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان بولسا ياكى زۇلۇم – ناھەقچىلىققا ئۇچراپ پارا بەرمىسە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدىغان بولسا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ئەۋزىلى، تاكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ۋە ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يوللارغا مۇيەسسەر قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلىپ تۇرۇشتۇر. ئەگەر پارا بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان بولسا، باشقا بارلىق يوللارنى مېڭىپ ئۇرۇنۇپ باققان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا زىيان ئۇرمىغانلا بولسا، بەرگۈچىگە پارا بېرىش گۇناھى بولمايدۇ، ئالغۇچىغا پارا ئېلىش گۇناھى بولىدۇ. بەزى ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن: ‹ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەندىن تىلەپ ئالغان نەرسىسىنى (ئوتنى) قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يېنىمدىن چىقىپ كېتىدۇ› ھەزرىتى ئۆمەر: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئۇنىڭغا بېرىلا؟› – دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ‹قانداق قىلىمەن؟ ئۇلار مەندىن سورىمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ، ئاللاھ تائالا ماڭا بېخىللىقنى راۋا كۆرمەيدۇ›. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دەپ باھالىغان. بۇ ۋەقەلىك سەھىھۇ مۇسلىمدىمۇ 1056 – ھەدىستە باشقىچە ئىبارە بىلەن مۇنداق كەلگەن: ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مال تەقسىم قىلغاندا، مەن: ‹ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ مالغا باشقىلار بۇلاردىن ھەقلىق› دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ‹چۈنكى ئۇلار مېنى ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا زورلاۋاتىدۇ. ئۇلار مەندىن تىل – ھاقارەت بىلەن ئالماقچى، بەرمىسەم مېنى بېخىلغا چىقارماقچى. مەن بېخىللىق قىلىدىغان ئادەم ئەمەسمەن›.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئوت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا زاكات بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولسا، ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زۇلۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولغانلارغا گۇناھ بولماسلىقى كېرەك».([6])

يۇقىرىقى دەلىللەر ھەمدە ئالىملىرىمىزنىڭ بايانلىرى، ھەجگە بېرىشتىن ئىبارەت ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پارا بەرسە، بەرگۈچىگە گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھەجگە بېرىش ھەج شەرتلىرىنى ھازىرلىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققى بولۇپ، قىياس جەھەتتىنمۇ دۇنياۋى ھەققىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇل بەرسە پارا ھېسابلانمايدىغان بولسا، دىنىي ھەققىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن پۇل بەرسە، ئەلۋەتتە پارا ھېسابلانماسلىقى كېرەك.

لېكىن، يۇقىرىدا ئالىملار قەيت قىلغاندەك، بۇ ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلىنماسلىقى شەرت. ئەگەر پارا بېرىش نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭ ئورنىغا بېرىۋېلىش ياكى باشقىلارنى تىزىملىكتىن قالدۇرۇۋېتىش كېلىپ چىقسا، باشقىلارغا زىيان ئۇرغانلىق جەھەتتىن بۇ ھارام پارا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ تەرىقىدە ھەج قىلسا ھەجى توغرا. لېكىن پارا بەرگەنلىك ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

مىللىتىمىزدىن ھەجگە بارىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئادەتتە پاسپورت ۋە رەسمىيەت بېجىرىشتە پارىغا تايىنىدۇ، پارىسىز ئىشىنى ھەل قىلالايدىغانلار يوق ھېسابتا، ناۋادا پارا ئارقىلىق رەسمىيەت بېجىرىپ ھەجگە بېرىشنى جائىز دېمىسەك ئۇيغۇرلاردىن ھەجگە بارىدىغانلار چىقمايدۇ – دە، ھەجدىن كۆزلەنگەن نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ مەنپەئەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن پارا ئارقىلىق ھەجگە بېرىش جائىزلىق دائىرىسىدە قېلىشى كېرەك.

«سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى» پەرز ھەج بىلەن نەپلە ھەجنى ئايرىپ: «مۇسۇلمان پەرز ھەجنى قىلغان بولسا نەپلە ھەج قىلىش ئۈچۈن پارا بەرسە جائىز بولمايدۇ. پەرز ھەجنى قىلمىغان بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلىش ئۈچۈن پارا بېرىشتىن باشقا يول تاپالمىسا ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. پارا يېگۈچىنىڭ ئۇ پارىنى ئېلىشى ھارام بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بەرگەن.([7])

لېكىن، مەيلى پەرز ھەج بولسۇن، مەيلى نەپلە ھەج بولسۇن ھەممىسى مۇسۇلماننىڭ بىر ھەققى بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىن پارا بەرمەي بەھرىمەن بولالمىسا، نەپلە ھەجگە پارا بېرىپ بارسىمۇ ئوخشاشلا جائىز بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقى ئالىملارنىڭ تەھلىللىرىمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئەلۋەتتە، پەرز ھەجگە بېرىش پۇرسىتى تاپالماي قېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ پۇرسىتىنى ئىگەللىۋالماسلىق جەھەتتىن، نەپلە ھەجگە بارماي، ھەج خىراجىتىنى سەدىقە قىلىۋېتىش نەپلە ھەجگە بېرىشتىن ئەۋزەلدۇر.

خۇلاسە:

1. پەرز ۋە نەپلە ھەجگە پارا بەرمەي بېرىشتىن باشقا يول بولمىسا پارا بېرىپ بارسا بولىدۇ، ئەمما تۇنجى ھەجگە بۇ تەرىقىدە بېرىشى ۋاجىپ ئەمەس، شۇڭلاشقا پارا بەرمەي بارمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ، پارا بېرىپ تۇنجى ھەج قىلغانلاردىن پەرز ئادا بولىدۇ.

2. پارا بېرىش نەتىجىسىدە باشقىلارنىڭ ئورنىغا بېرىۋېلىش ياكى باشقىلارنى تىزىملىكتىن قالدۇرۇۋېتىش كېلىپ چىقسا باشقىلارغا زىيان ئۇرغانلىق جەھەتتىن بۇ ھارام پارا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ تەرىقىدە ھەج قىلسا ھەجى توغرا. لېكىن، پارا بەرگەنلىك ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

31 – 10 – 2016

2-توم، 45-نومۇرلۇق پەتىۋا.
————————————————–
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى 97 – ئايەت.
([2]) «سبل السلام» 3/43.
([3]) «حاشيە ابن عابدين» 6/424.
([4]) «أحكام القرآن» أبو بكر الجصاص 4/86.
([5]) «الفتاوى الكبرى» 4/516.
([6]) «الحلال والحرام في الإسلام» ص 241.
([7]) «اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء» السؤال السابع من الفتوى رقم.4029 :

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز