رامىزاندىكى كېچىلىك ئىبادەتلىرىڭىز

مۆمىننىڭ شەرىپى بولغان كېچىلىك ناماز ئاسماننىڭ ئەمىنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زېمىننىڭ ئەمىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە شۇنداق دېگەن: ئەي مۇھەممەد! سەن خالىغىنىڭچە ياشا، چوقۇم ۋاپات بولىسەن، خالىغان كىشىنى ياخشى كۆر، ھامىنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن، خالىغىنىڭچە ئەمەل قىل، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن. بىلگىنكى مۆمىننىڭ شەرىپى كىچىسى قىيامدا تۇرۇشتۇر، ئۇنىڭ ئىززىتى ئىنسانلاردىن بىھاجەت بولۇشتۇر.([1]) شۇڭا رامىزان كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش باشقا كېچىلەردە قىيامدا تۇرغانغا ئوخشىمايدۇ، رامىزان كېچىلىرىدىكى قىيام شەرەپ ئۈستىگە شەرەپتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامىزان كېچىلىرىنى قۇرئان بىلەن ئۆتكۈزەتتى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان كېچىلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلەتتى ۋە قۇرئاننى دەرسلىك قىلىپ بېرەتتى. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ سېخىي كىشى ئىدى، رامىزاندا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى دەرسلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىدا تېخىمۇ سېخىي بولۇپ كېتەتتى. ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: ھەر كېچىسى شۇنداق ئىدى، دەپ كەلگەن.([2])

سەلەفلەرمۇ رامىزان كېچىلىرىنى قۇرئان بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئۇزۇنراق قىيامدا تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قۇرئاننى رامىزان كېچىلىرىدە بىر قېتىم تامام قىلسا، بەزىلىرى ئون كۈندە تاماملايتتى يەنە بەزىلىرى يەتتە كۈندە تاماملايتتى، ھەتتا ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تاماملايدىغانلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولاتتى.([3])

رامىزان كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا پەزىلىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى رامىزاندا چىن ئىمانى بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ.([4]) بۇ يەردىكى ئىشىنىش ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ شۇ مۇكاپاتنى بېرىدىغانلىقىنى تەستىق قىلىپ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن يېقىنلىشىپ رامىزان كېچىلىرىنى ئىبادەت ۋە قىيام بىلەن ئۆتكۈرۈش دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ بەزى كېچىلىرى ساھابىلىرى بىلەن بىللە قىيامدا تۇرغان بولۇپ، كېيىنچە ئۈممىتىگە پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تەرك ئەتكەن، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: سىلەرگە پەرز قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.([5])

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھىينىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن بۇ جەھەتتىن (پەرز قىلىنىشىدىن) خاتىرجەم بولغان ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەي ئىبنى كەئب ۋە تەمىم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنى كىشىلەرگە رامىزان كېچىلىرىدە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، بۇلار جامائەتكە ئىمام بولغىنىدا بىر رەكئەتتە يۈز ئايەت ئەتراپىدا ئوقۇيتتى ھەتتاكى كىشىلەر قىيامنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ھاسىلارغا تايىنىۋالاتتى، ئۇلار پەقەت زوھۇرلۇق ۋاقتىدىلا قايتىشاتتى.

پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرۇش يۈكسەك ھىممەت ئىگىلىرىلا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان ئىش بولۇپ، بۇ خىل ھىممەت زامانىمىز كىشىلىرىدە ئازلاپ كەتتى، قىيامنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئىمام ئەھمەد بايان قىلغاندەك جامائەتنىڭ تاقىتىگە يارىشا بولىدۇ، پۈتۈن كېچە داۋام قىلىدىغان قىيام ھەققىدە سورالغاندا ئۇ شۇنداق دېگەن: بۇنىڭدا كىشىلەرگە مۇشەققەت بار، بولۇپمۇ كېچىلىرى قىسقا بولغان كۈنلەردە ئەھۋال كىشىلەرنىڭ تاقىتىگە يارىشا بولىدۇ.

ئىمام ئەھمەد رامىزاندا جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان بەزى شاگىرتلىرىغا: بۇلار ئاجىز كىشىلەردۇر، دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆيۈمچانلىق قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەتكە يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى قۇرئاننى تامام قىلىپ بېرەتتى.

مانا بۇ، قۇرئاننى يىگىرمە يەتتە كېچىدە ياكى ئوتتۇز كېچىدە تامام قىلىشنىڭ ئاجىزلارغا ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، لېكىن زامانىمىزدىكى ئاجىزلىق ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، ھەتتا ئىمامدىن بىر رەكئەتتە بىر قانچە ئايەتتىن ئارتۇق ئوقۇماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمىز، بەزى كىشىلەر ئىمام بىلەن بۇ بىر قانچە ئايەتلىك نامازغا تۇرغىنىدىمۇ، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرى ۋە ئەرزىمەس ماتالىرىنى ئارزۇ قىلىپ، ئىككى ياكى تۆت رەكەتتىن كېيىنلا نامازدىن قايتىپ كېتىشىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىمام نامازنى تامام قىلغانغا قەدەر سەۋر قىلغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگىنىدەك، پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى يېزىلغان بولاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم ساھابىلىرى بىلەن كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە يەنە بىر قېتىم يىرىمىغىچە قىيامدا تۇردى، ساھابىلەر: كېچىنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ بىز بىلەن قىيامدا تۇرغان بولساڭچۇ ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: بىر كىشى ئىمام بىلەن ئىمام قايتقانغا قەدەر ناماز ئوقۇغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ قالغان قىسمىنىڭمۇ ساۋابى يېزىلىدۇ،-دېدى.([6])بۇ پەزىلەت ئىمام نامازنى تامام قىلغانغا قەدەر ئىمام بىلەن بىرلىكتە تۇرغان كىشىگە خاستۇر. ئىبنى رەجەپ بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش ياكى يېرىمىدا قىيامدا تۇرۇش، پەقەت ئىمام بىلەن بىرلىكتە تۇرۇش شەرتى بىلەن پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئىمام قايتمىغۇچە نامازدىن قايتمايتتى.([7])

رامىزاندا قىيامدا تۇرۇش روزىنىڭ روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىماملىرىمىز كېچە قىيامىدا قۇرئان تاماملاشتا كىشىلەرگە يىنىكلىتىشتە ئۈلگە بولۇشاتتى، يالغۇز ئوقۇغان كىشىنىڭ ئۇزۇن ئوقۇشىغا ياكى باشقىلارغا ناماز ئوقۇپ بېرىپ ئۇلارمۇ ئۇ كىشىگە ئىتائەت قىلىپ ئۇزۇن ئوقۇشىغا كۆنگەن بولسا بۇنىڭغا چەكلىمە قويمايتتى. ئىبنى رەجەپ شۇنداق دەيدۇ: قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىشنى خالىغان كىشى ئۆزى يالغۇز ئۇزۇن ئوقۇۋالسۇن، باشقىلارغا ناماز ئوقۇپ بەرگىنىدە ئۇلارمۇ ئۇ كىشىگە ئىتائەت قىلىپ ئۇزۇن ئوقۇشىغا رازى بولسا ئۇمۇ مەيلى.([8])

رامىزاننىڭ مەنىۋى روھلىرى بولغىنىدەك، كېچە قىيامىنىڭمۇ مەنىۋى روھلىرى بار، قىيامنىڭ مەنىۋى روھى ئاللاھتىن تامامەن قورقۇش، ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇش ۋە خۇشۇدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامازلىرىدا شۇنداق ئىدى: «ئازاب ئايەتلىرىگە كەلگىنىدە توختاپ ئاللاھتىن پاناھ تىلەيتتى، رەھمەت ئايىتىگە كەلسە توختاپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايتتى».([9]) كۆپىنچە ئىماملار تەراۋىھ نامىزىغا تۇرغىنىدا ئۆزىنىڭ قايسى نامازنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئويلانماستىنلا ياكى ھېكمىتىنى چۈشەنمەستىنلا ئوقۇيدۇ، قەلب تەسكىنلىكى نامازنىڭ بىر رۇكنى بولۇشىغا قارىماستىن، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قەلبنىڭ ھازىر بولۇشى ۋە خۇشۇنىڭ نامازنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماستىن، سەجدە ۋە رۇكۇلىرىدا قەلبى تەسكىنلىك تاپالمايدۇ، قەلب تەسكىنلىكى ئالدىراپ ئوقۇغان نامازدا ھاسىل بولمايدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىپ قىرائەتنى قىسقا قىلىش، مەكرۇھ ھالەتتىكى تېزلىك بىلەن ئوقۇلغان قىرائەتتىن ئەۋزەلدۇر، ئۇزۇن قىرائەت ۋە قەلبى تەسكىنلىك بىلەن ئوقۇلغان ئون رەكئەت ناماز مەكرۇھ ھالەتتىكى ئالدىراپ ئوقۇلغان يىگىرمە رەكئەت نامازدىن ياخشىدۇر، چۈنكى نامازنىڭ روھى قەلبنىڭ ئاللاھقا پۈتۈنلەي يۈزلىنىشىدۇر، سۈپەتلىك ئاز نەرسىلەر لايەقەتسىز كۆپ نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، شۇنىڭدەك تەرتىل بىلەن قىرائەت قىلىش تېز ئوقۇشتىن ئەۋزەلدۇر، مۇباھ قىلىنغان تېزلىك ھەرپلەردىن ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق بولۇپ، بەزى ھەرپلەر چۈشۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە تېز ئوقۇسا جائىز ئەمەس، ئەمما ئارقىسىدىكى جامائەت پايدىلىنالىغۇدەك شەكىلدە ئوچۇق قىرائەت قىلسا تېخىمۇ ياخشى.

ئەي قىيامدا تۇرغۇچى روزىدار قېرىندىشىم، قىيامدا تۇرغىنىڭىزدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسلەڭ: «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا يەنى نامازدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار».([10]) قەلبتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بولمىسا نامازدىكى قىيامنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ، سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا قىيامنى ئۇزۇن قىلغىنىڭىزدا ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەللىك مىڭ يىللىق ئۇزۇنلۇقتا تۇرۇشىنى ئەسلەڭ، چۈنكى قىيامەت كۈنىڭىزدىكى تۇرۇشىڭىزدىن ھاياتىڭىزدا ئاللاھ ئۈچۈن قىيامدا تۇرۇشىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى مىقدارىدا ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ.

كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئاللاھ تائالا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: ”سورايدىغان بارمۇ؟ بېرىلىدۇ، دۇئا قىلىدىغان بارمۇ؟ ئىجابەت قىلىنىدۇ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغان بارمۇ؟ گۇناھلىرى كەچۈرۈلىدۇ، بۇ ھەتتا تاڭ ئاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.([11])

ئەي روزىدار قېرىندىشىم، زامانىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ كېچىسى كۈندۈزگە ئايلاندى، بەزى كېچىلەر قىسمەن ياخشىلىقلار بىلەن گۈللەندۈرۈلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان كېچىلەر جىنايەت ۋە گۇناھلار بىلەن ۋەيران قىلىندى، رامىزان كېچىلىرىدە ئىلاھى رەھمەت چۈشىدىغان ۋاقىتلارنى باشقا كېچىلەرنى زايە قىلىۋەتكىنىڭىزدەك زايە قىلىۋەتمەڭ، ئەي قېرىندىشىم ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، سىز كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە نەدە بولىسىز؟ ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشتىمۇ ياكى ئاللاھقا مۇناجات قىلىشتىن غەپلەتتە قالغان ئۇيقۇدىمۇ ۋە ياكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن تولغان سورۇندىمۇ؟

تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئۇخلىغان بىر كىشىنىڭ گىپى بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان كىشىدۇر، دېگەن ئىدى.([12]) ئىتائەتتىن ئۇخلىغان كىشىگە شەيتاننىڭ قىلىقى بۇ بولسا، مەئسىيەتتە كېچىنى ئۆتكۈزگەن كىشىنى شەيتان نىمىمۇ قىلىۋېتە،-ھە؟ بەزىلەر كېچىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئېغىر كۆرۈۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئاللاھتىن غەپلەتتىكى ئۇزۇن بۇ كېچىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولماقچى؟

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولالمايۋاتىمىز. دېيىلدى، ئۇ دېدىكى: گۇناھىڭلار سىلەرنى كېچىلىك قىيامدىن مەھرۇم قىپتۇ. شۇڭا فۇزەيل بىن ئىياز ئېيتقانكى: كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا، كۈندۈزدە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىساڭ بىلگىنكى، سەن مەھرۇم كىشىسەن، خاتالىقلىرىڭ سېنى كىشەنلەپ قويۇپتۇ.

 

(ئى ئاللاھ! ئاخىرەتتىكى سەن بىلەن يۈزلىشىدىغان كۈندە تۇرۇشىمىزنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن دۇنيادا سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇشىمىزنى گۈزەل قىلغىن! بىزنى دۇنيا خارلىقى ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن ساقلىغىن… ئامىن!)

 

مەنبە: »رامىزاننىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى« ناملىق كىتاب

تەرجىمىدە: مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ

————————————-
(1) ئەلبانىي سىلسىلەتۇس سەھىھە 1903 ھەسەن دىگەن.
(2) بۇخارىي 6، مۇسلىم 2308.
(3) ۋەزائىف رامازان 43 – بەت.
(4) بۇخارىي 37، مۇسلىم 759.
(5) بۇخارىي 924، مۇسلىم 761.
(6) ئەھمەد 20910، ئەبۇ داۋۇد 1375، تىرمىزىي 806…… ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(7) ئەھمەد 20910، ئەبۇ داۋۇد 1375، تىرمىزىي 806…… ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(8) ۋەزائىف رامازان.
(9) ئەھمەد 23460، نەسائىي 1132 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(10) بەقەرە 238.
(11) مۇسلىم 758.
(12) بۇخارىي 3270 مۇسلىم 774.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز