رامىزاندىكى روزىلىرىڭىز

 

روزىدارنىڭ، رامىزاننىڭ روھى ۋە مەقسەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر بولۇپلا قالماي، رامىزاننىڭ ئەھكاملىرى، دەلىللىرى ۋە روزىنى گۈزەل قىلىدىغان ئىشلارنى بىلىشىمۇ مۇھىمدۇر.

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ پەرزنىڭ مەقسەتلىرىنى تىرىلدۈرۈشى ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرگۈچى بىر روھقا ئېھتىياجى بولغىنىدەك، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رامىزاننى توغرا ۋە مۇكەممەل ئادا قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈملەرنى بىلىشكە ئېھتىياجى باردۇر.

روزىدار قېرىندىشىم! قېنى بىرلىكتە روزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆكۈملىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنى كۆرۈپ چىقايلى.

1.  رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشىنىڭ كۆرگەنلىكى بىلەن خەۋەر بېرىشى كۇپايىدۇر.

بىر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىش ئىبادەتتە ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ قاتارىدىندۇر.

مۇسۇلمانلاردىن بىر كىشى رامىزان ئېيىنى كۆرگەنلىكىنى خەۋەر بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى ۋە ئۆزىمۇ روزا تۇتاتتى.

بۇ ھەقتە ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر رامىزان ئېيىنى كۆرۈشتى مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆرگەنلىكىمدىن خەۋەر بەرگىنىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتتى ۋە مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى.([1])

ئاينى كۆرۈشتە بىر كىشىنىڭ خەۋىرى بىلەن كۇپايلىنىش ئىمام شافىئىنىڭ، ھەنبەلىلەرنىڭ، ئىبنى ھەزمنىڭ، ئىبنى تەيمىييە ۋە ئىبنى قەييىمنىڭ _ ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن _ كۆز قارىشىدۇر.

2.  رامىزان ئېيى ئالاھىدە بىر ئايدۇر. كۈن سانى كەم بولغان تەقدىردىمۇ ئەجىر مۇكاپاتى كامىل بىر ئايدۇر. ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ئايلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن رامىزان باشلىنىشتىن بىر ئىككى كۈن ئىلگىرى ھېيت كۈنىگە ئوخشاش روزا تۇتۇش چەكلەنگەن.

بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: رامىزاندىن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار. پەقەت بىر كىشىنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان روزىسى بولسا داۋام قىلسۇن.([2])

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاننى ئىشتىياق بىلەن كۈتۈۋېلىشى ئۈچۈن، ھەتتا رامىزان كېلىشتىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى روزا تۇتۇشتىن چەكلەپ مۇنداق دېگەن: شەئبان ئېيى يېرىملاشقان ۋاقىتتا روزا تۇتماڭلار.([3])

3.  رامىزاننىڭ ئەجرى بۈيۈك بولسىمۇ، ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ئەقىلىنى يوقاتقان، بالاغەتكە يەتمىگەن ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان كىشىلەرگە روزىنى پەرز قىلماستىن ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن، بىر مىسكىننى تويغۇزۇشنى پەرز قىلدى.

قادىر بولالمايدىغانلاردىن روزىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىش دېگەنلىك، رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغلاش، رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئۇلۇغلىقىنى بۇزماسلىق ۋە ئىتائەتلەردىن كۈچى يەتكەن نەرسىلەردە ۋاقىتلىرىنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلارنى ئۇلار قىلمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن مەناغا كەلمەيدۇ.

مۇسۇلمان ئەمەس ۋە نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغان ئەقىلسىز كىشىلەر، ۋە شۇنىڭدەك ھەيزدار ياكى نىفاستىكى ئاياللارغا كەلسەك،ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر تۇتسىمۇ ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.

سەۋەبى: مۇسۇلمان بولمىغان ۋەيا ئاقىل ئەمەس كىشىلەر روزىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن بىكىتىلگەن شەرتلەرنى يوقاتقانلىقىدىن روزىسى قوبۇل بولمايدۇ. لىكىن ھەيزدار ۋە نىفاسدار ئاياللار رامىزان ئېيىدا ناماز ئوقۇيالمىغان ۋە روزا تۇتالمىغاندىن باشقا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك قۇرئان كەرىم ئاڭلاش، زىكىر-تەسبىھ، ئىستىغفار ئېيتىش، دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ياخشى ئىشلارنى ۋە سەدىقىنى كۆپلەپ قىلىش ھەققى باردۇر.

4.  رامىزاننىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن، روزىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ھەر كېچىدە نىيەتنى يېڭىلاش شەرتتۇر. ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن: كىم كېچىدە روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلمىغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن روزا يوقتۇر.([4]) بۇ يەردە نىيەتتە ئومۇم كۇپايە قىلىنىدۇ، بىر كىشى شۇ كېچىسى روزا تۇتماسلىقنى نىيەت قىلمىسا ئۇ كىشى ھەر كېچىدە روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتا قىلغان ئومۇمى نىيىتىدە قالىدۇ.

5. كىم روزىغا نىيەت قىلىپ ياتقان بولسا، روزىسىنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن روزىنى بۇزغۇچى پۈتۈن ئامىللاردىن ئىككىنچى تاڭ سۈزۈلگەندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار.»([5])

روزا تۇتقۇچىغا، روزىنى بۇزغۇچى ئامىللاردىن ئىتتىپاققا كېلىنگەن ئالتە تۈرلۈكىدىن ساقلىنىش ۋاجىپ بولىدۇ:

(1) قەستەن يەپ ئىچىش.

(2) يەپ ئىچىشنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغان ئىشلار. بوغازغا كەتكۈدەك دەرىجىدە بۇرۇنغا بىر نەرسە تېمىتىش. بۇ ئادەتتە روزىنى بۇزىۋېتىدىغان بوغازغا كەتكۈدەك دەرىجىدە بۇرنىغا سۇ ئېلىش ياكى ئېغىزنى چايقاشنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئوخشاشتۇرۇش.

بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: روزىدار ۋاقتىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇرنۇڭغا سۇ ئېلىشنى ۋايىغا يەتكۈزگىن.([6])

ئوزۇقلاندۇرغۇچى ئاسما ياكى ئوكۇل ۋەيا قان سالدۇرۇش قاتارلىقلار يەپ ئىچىشنىڭ ھۆكۈمىدىكى روزىنى بۇزىۋېتىدىغان ئامىللاردۇر.

كۆز ۋە قۇلاققا دورا ياكى باشقا نەرسىلەرنى تېمىتىش، سۈرمە سۈرۈش، خوش پۇراقلارنى پۇراش، ئوزۇقلاندۇرمايدىغان ئاسما ياكى ئوكۇللارنى ئىشلىتىش، كېسەللەر داۋالىنىشتا ئىشلىتىدىغان كەپلىمە دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلار يەپ ئىچىشنىڭ ھۆكۈمىدە بولمىغانلىقتىن روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. كۈچلۈك قاراشتا قان ئالدۇرۇش روزىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ھالەتتە قان ئالدۇرغانىدى.([7]) بۇ ھەدىس سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى ھۆكۈم جەھەتتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىدۇ: قان ئالغۇچى ۋە ئالدۇرغۇچى روزىسىنى بۇزىۋەتتى.([8])

ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئەبى سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى كۈچلەندۈرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدارنىڭ ئايالىنى سۆيۈشىگە ۋە قان ئالدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلغان ئىدى.([9])

(3) جىما قىلىش، ئويغاق ھالىتىدە ئايالىنى قۇچاقلاش ئارقىلىق ياكى ئانانىزىم قىلىش ياكى باشقا يوللار بىلەن مەنى چىقىرىش جىمانىڭ مەنىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈن روزىنى بۇزىۋىتىدۇ.

(5) قەستەنلىك بىلەن زورلاپ قۇسۇش ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن روزىنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئەمما نورمال قۇسۇش روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئۆزلۈكىدىن قۇسقان بولسا، ئۇ كىشىگە روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش يوقتۇر. كىم زورلاپ قۇسقان بولسا روزىنىڭ قازاسىنى قىلسۇن.([10])

(6) روزىدار ھالىتىدە ھەيز كېلىش ياكى نىپاسدار بولۇش، ھەتتا ئىپتار ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا بولسىمۇ ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن روزا بۇزۇلىدۇ. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رازىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئايال كىشى ھەيزدار بولغان ۋاقتىدا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟([11])

6. كىم ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتالاشقان ھالەتتە روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ئىشلاردىن بىرنى قىلىپ سالسا، ئۇ كىشىنىڭ روزىسى سەھىھدۇر، ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ.

ئۇنتۇلۇپ قېلىشنىڭ كۆپىنچىسى يېيىشتە ياكى ئىچىشتە بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى روزىدار ھالىتىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىپ يەپ – ئىچىپ قالسا روزىسىنى داۋام قىلسۇن. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇ كىشىگە يېگۈزۈپتۇ ۋە ئىچكۈزۈپتۇ.([12])

بىر كىشى تاڭ يورۇمىدى دەپ ئويلاپ، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن يېيىشنى داۋام قىلغان بولسا ياكى كۈن پېتىپ كەتتى، دەپ ئويلاپ كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى ئىپتار قىلىپ سالغان بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خاتالاشقۇچىنىڭ ھۆكۈمىدە بولىدۇ( يەنى روزىسى بۇزۇلمايدۇ).

كىمكى ئۆزۈرسىز قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتسە ئاللاھقا يالۋۇرۇپ، تەۋبە قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان چوڭ گۇناھنى قىلىپ سالغان بولدى. ئۇ كىشى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كۈننىڭ مىقدارىدا قازاسىنى قىلىدۇ.

7. ئايال كىشى رامىزاندا، ھەيز كۆرسە ياكى نىپاسدار بولۇپ قالسا، روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. ساقايغاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىشى كېرەك .

مۇئازە ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھادىن ھەيزدار نېمە ئۈچۈن روزىنىڭ قازاسىنى قىلىپ نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ دەپ سورايدۇ. ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا سەن ھەرۇرىيلاردىنمۇ(خاۋارىجلارنىڭ بىر پىرقىسى) دەپ سورىغىنىدا، ياق مەن ھەرۇرىيلاردىن ئەمەس، لىكىن ھۆكمىنى بىلىش ئۈچۈن سورۇدۇم دەيدۇ.ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھا، بىز رامىزاندا ھەيزدار بولۇپ قالغاندا، روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇلمىدۇق، دەپ جاۋاب بەردى.([13])

8. كىم رامىزاندا سەپەر قىلغان بولسا، سەپەردە جاپا-مۇشەققەت بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقنى مۇباھ قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر)بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر)ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ.»([14])

لېكىن، سەپەردە روزا تۇتماسلىقنىڭ جائىز بولۇشى، روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان كىشىنى چەكلەپ قويالمايدۇ.

ھەمزە ئىبنى ئەمىر ئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن،

– ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەپەردە روزا تۇتۇشقا ئۆزۈمدە بىر كۈچ قۇۋۋەتنى ھېس قىلىۋاتىمەن، روزا تۇتسام ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟

دەپ سورىغىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،

-ئۇ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىدۇر، كىمكى رۇخسەت بويىچە ئىش قىلغان بولسا ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر. كىمكى روزا تۇتۇشنى ياخشى كۆرۈپ روزا تۇتقان بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ يوقتۇر.

دەپ جاۋاب بەردى.([15])

9. كىمكى رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن بىرگە بولغان بولسا روزىنى بۇزغان ۋە گۇناھكار بولغان بولىدۇ. ئۇ كىشىگە روزىسىنى بۇزغان كۈننىڭ قازاسىنى قىلىش ۋە كاپارەت بېرىش پەرىز بولىدۇ. كاپارەت بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسكە ئاساسەن، قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر كۈچى يەتمىسە، ئارقىمۇ ئارقا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇش، ئەگەر روزا تۇتۇشقىمۇ كۈچى يەتمىسە، ئاتمىش مىسكىننى تويغۇزۇش بىلەن بولىدۇ.([16])

10. كىمكى مۇئەييەن كۈنلەردە روزا تۇتۇشتا مۇشەققەت چىكىدىغان بولسا روزا تۇتماسلىقى جائىزدۇر. بەلكى روزا تۇتۇش ئۇ ئادەمگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، روزا تۇتماسلىقى ۋاجىپتۇر.

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بۇ ئۈممەتتىن مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن «سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى( سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى) ».([17])

كىمكى قاتتىق مۇشەققەت چەككەنلىكتىن روزا تۇتمىغان بولسا ئەھۋالى ياخشىلانغان ۋاقىتتا روزىنى تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. روزا تۇتۇپ قالسا ئۆزىدىن ياكى بالىسىدىن ئەندىشە قىلغان ھامىلدار ياكى بالا ئىمىتكۈچى ئايال روزا تۇتۇش زىيانلىق دەپ قارالغان كىشىنىڭ ھۆكۈمىگە چۈشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا سەپەر قىلغۇچىدىن سەپەر قىلغان مۇددەتتە رامىزاننىڭ پەرزلىكىنى ۋە نامازنىڭ يىرىمىنى، ھامىلدار ياكى بالا ئىمىتكۈچىدىن رامىزاننى كۆتۈرۈۋەتتى.([18])

11. روزا تۇتۇشقا كۈچى يەتمەيدىغان ياشانغانلار ۋە ساقايماس كېسەللەرگە روزا تۇتۇش ۋاجىپ بولمايدۇ. لېكىن روزا تۇتالمىغان ھەربىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى تويغۇزۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئوقۇدى. «روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم.»([19]) ۋە مۇنداق دېدى: بۇ ئايەتنىڭ ھۆكۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغاندۇر. ياشانغانلىق سەۋەبىدىن، روزا تۇتۇشقا كۈچى يەتمىگەن بوۋاي مومايلار ھەربىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر بىر مىسكىننى تويغۇزىدۇ.

بىر نەرسىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ۋە قالايمىقان جۆيلۈيدىغان ياشانغانلارغا كەلسەك، بۇلارغا _ ئىلاھى تەكلىپ ساقىت بولغانلىق ئۈچۈن _ روزا تۇتۇشمۇ ۋە فىدىيە بېرىشمۇ ۋاجىپ بولمايدۇ.

(ئى ئاللاھ بىزنى دىنىمىزنى توغرا چۈشۈنەلەيدىغانلاردىن قىلسىلا. بىزگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى ئۆگىتىپ قويسىلا. بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىنى بىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسىلە.ئىلمىمىزنى زىيادە قىلىپ بەرسىلە… ئامىن!)

مەنبە: »رامىزاننىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى« ناملىق كىتاب

تەرجىمىدە: مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ

—————————————
(1) ئەبۇ داۋۇد 2342 ؛ ھاكىم ۋە ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(2) بۇخارىي 1914 ؛ مۇسلىم 1082.
(3) ئەبۇ داۋۇد 2337 ، ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(4) نەسائىي 2334، ئەھمەد 35918، ئەبۇداۋۇد 2454، … ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(5) بەقەرە 187.
(6) تىرمىزىي 788، ئەبۇ داۋۇد 142، نەسائىي 114 …… ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(7) بۇخارىي 1939.
(8) ئەھمەد 15401، تىرمىزىي 774 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(9) دارىقۇتنىي 2/397 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(10) ئەھمەد 10085، ئەبۇ داۋۇد 2380، تىرمىزىي 720، ئىبنى ماجە 1676 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(11) بۇخارىي 1951، مۇسلىم 779.
(12) بۇخارىي 6679.
(13) مۇسلىم 335 . يەنى بۇ پىرقە نامازنىمۇ ئادا قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ.
(14) بەقەرە 185.
(15) مۇسلىم 1891.
(16) بۇخارىي 6087، مۇسلىم 1111.
(17) ھەج 78.
(18) تىرمىزىي 715.
(19) بەقەرە 184.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز