رامىزاننى كۈتۈۋېلىشىڭىز

شەكسىزكى، ئىنسان بىر ئىشنى قىلغاندا ياكى بىرەر ئورۇنغا زىيارەتكە بارغاندا ۋە ياكى بىرەر كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ بۇ ۋاقىتنىڭ قايتا كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ خىل ھېس – تۇيغۇ بۇنداق تەكرارلانمايدىغان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىدىن ئىبارەت يەنە بىر تۇيغۇنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭىلاشقا ساھابىلەر – ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆزلەر ياشلىنىدىغان، قەلبلەر تىترەيدىغان نەسىھەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا ئۇنى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ھېس قىلىشاتتى، ۋە مۇنداق دېيىشەتتى: بۇ خۇددى بىر ۋىدالاشقۇچىنىڭ نەسىھەتىدەك بولدى، بىزگە ۋەسىيەت قىلغىن.([1]) ئۇلار قايتا تەكرارلانمايدىغان بىر ۋەسىيەتنىڭ قىلنىشى ئۈچۈن ۋىدالىشىش ھېس-تۇيغۇلىرىنى غەنىمەت بىلىشكەنىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەجىدە، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئۈممىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم جەم بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ نەسىھەتلىرىنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېگەن: بەلكىم بۇندىن كېيىن سىلەر بىلەن ئۇچرىشالماسلىقىم مۇمكىن.([2])

بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ۋىدالىشىشنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلىش كىشىگە ۋىدالىشىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تېپىلمايدىغان بىر خىل ھىس تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ساھابىگە: نامازغا تۇرساڭ، نامىزىڭنى خۇددى ۋىدالاشقۇچىنىڭ نامىزىدەك ئادا قىلغىن.([3]) دېگەن نەسىھەتىدىكى سىرىنى بىلەلەيمىز.

كېلىڭلار، تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى… ئىخلاسمەن بىر كىشى ناماز ئوقۇيدۇ،-دەيلى، شۇ نامىزى بىلەن دۇنيادىن خوشلىشىدىغانلىقىنى بىلسە ئۇ نامازنىڭ تاماملىنىشى، خۇشۇلىرى، چىن ئىخلاسلىرى ۋە راستچىل دۇئالىرى قانداق بولار..؟

ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەدىسلىرىدە _ ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر _ ئىبادەتنىڭ ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىدىن قانداق قۇتۇلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان. ئۇنداقتا، بىز ھەر دائىم ۋىدالىشىش گىرۋىكىدە تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن بارلىق ئىبادەتلىرىمىزدە ۋىدالىشىش روھىنى ھازىرلىيالمايمىز؟ مانا رامىزان بىزگە مېھمان بولۇپ كەلمەكتە، ئۇنى ھۆرمەتلىسەك ئۇمۇ بىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىزگە خىلمۇخىل بەرىكەت ۋە ياخشىلىقلارنى سېخىيلارچە تەقدىم ئېتىدۇ.. ئۇ مېھمان شۇنداقلا ھەم ساھىبخان، بەلكىم بىزدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۇنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىشى ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن..! ياكى قىسقىغىنا بۇ ھاياتتا بۇ مېھمان بىزدىن باشقا كىشىلەرنىڭ مېھماندارچىلىقىغا قاتنىشىشى مۇمكىن.. قېنى ئەمىسە مېھمىنىمىزنى كۈتۈۋالايلى! ئۇنىڭ سېخىيلىقىغا يۈزلىنەيلى!

رامىزاننى غەنىيمەت بىلىپ ۋىدالاشقاندەك كۈتۈۋېلىش، ئۇنى خۇشال – خۇرام كۈتۈۋېلىشقا زىت كەلمەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە رامىزان بىلەن خۇش – بېشارەت بېرەتتى، ئۇنىڭ بەرىكەتلىرىگە، ھەر دەقىقىلىرىدىكى رەھمەتلىرىگە قىزىقتۇرۇپ شۇنداق دەيتتى: رامىزان ئېيى سىلەرگە يېتىپ كەلدى، بۇ مۇبارەك ئايدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنىڭ روزىسىنى پەرز قىلدى، ئۇنىڭدا جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ، دەۋزەخ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ، ئۇنىڭدا مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان بىر كېچە بار، كىمىكى ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن مەھرۇم قالسا ھەقىقىي مەھرۇم قالغان بولىدۇ.([4])… چوڭقۇر مەنىلەرگە تولغان بۇ سۆزلەرنى قايتا ئويلىنىپ بېقىڭ، مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە سېخىي بىر ئاي سىزگە يېقىنلاپ كەلسە، بۇ ئاي يەنە كېلىدۇ دەپ خىيال قىلىپ غەنىيمەت بىلمىسىڭىز، ئۇنىڭدا ۋىدالاشقۇچىنىڭ ئىبادىتىدەك ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلمىسىڭىز سىز مەھرۇم بولماي كىم مەھرۇم بولسۇن؟!

ھۆرمەتلىك سەلەفلىرىمىز بۇ ئاينى ئىشتىياق بىلەن كۈتۈشەتتى، روزىسىنى ۋە كېچىدە تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كۈنلىرىنى تائەت – ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىدىن – يەھيا بىن ئەبى كەسىر شۇنداق دېگەن: «ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزانغا سالامەت يەتكۈزگىن! رامىزاننى بىزگە تېنچ – ئامان قىلىپ بەرگىن! ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل بولغان ھالدا رامىزاننى ئاخىرلاشتۇرغىن!». ئۇلار -مەئلە بىن ئەلفەزل ئېيتقاندەك- رامىزاندىن ئىلگىرىكى ئالتە ئايدا ئاللاھ تائالادىن ئۆزلىرىنى رامىزانغا سالامەت يەتكۈزۈشنى تىلىسە، كېيىنكى ئالتە ئايدا رامىزاندىكى ئەمەل – ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى سوراپ دۇئا قىلىشاتتى.([5]) بۇ ئاينى كۈتۈۋېلىش ۋە ئوبدان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان مانا مۇشۇنداق سەمىمى تەييارلىقلار، ئاللاھنىڭ بۇ ئاينى ئۇلۇغلاش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى بىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئاي توغرىسىدىكى سۈننەتلىرىنى چۈشىنىدىغان تىرىك بىر قەلبنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئىبنى رەجەپ _ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن _ مۇنداق دەيدۇ: رامىزان ئېيىغا ئۇلىشىش ئاللاھ بېكىتكەن كىشىلەرگىلا نېسىپ بولىدىغان كاتتا نېمەتتۇر، ئۇنىڭ دەلىلى بۇ ھەدىستۇر: ئۈچ كىشى بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىككىسى شەھىد بولۇپ كېتىدۇ، ئۈچىنچىسى ئۆز ئۆيىدە ئۇ ئىككىسىدىن كېيىن ۋاپات بولىدۇ، بىرى چۈشىدە بۇ كىشىنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكى كۆرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دەيدۇ: ئۇ كىشى ئىككىيلەندىن كېيىن نۇرغۇن نامازلارنى ئوقۇمىدىمۇ؟ رامىزانغا ئۇلىشىپ روزا تۇتمىدىمۇ؟ جېنىم ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىلىقىدىنمۇ چوڭراق پەرق باردۇر.([6])

بەندىلەرنىڭ ئېكىنزارى كەلدى رامىزان،

پاكلاش ئۈچۈن قەلبلەرنى پاساتچىلىقتىن.

ئادا قىلغىن ھەقلىرىنى سۆز ۋە ئەمەلدە،

ئالغىن ئوزۇق قىيامەتكە ئەمەللىرىڭدىن.

كىمكى تېرىپ ئۇرۇقنى سۇغارمىسا گەر،

ئاھ ئۇرىدۇ ھوسۇل كۈنى نادامەتتىن ھەر.

 

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، قېنى كېلىڭ! بىز بىرلىكتە ۋىدالاشقۇچىلار روزىسىنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى بىلىپ باقايلى، بەلكىم كۈنلىرىمىزنى زايە قىلىۋاتقان پارچە – پۇرات ئىشلارنى، ئىمانىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقان قۇرۇق خام – خىياللارنى تاشلىيالىشىمىز مۇمكىن، بۇ مۇبارەك ئايغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ، ۋىدالاشقۇچىنىڭ روزىسىنى تۇتقاندەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى، قېنى ئەمىسە روزىمىزنىڭ بىزنى ئادەت ئۈلپىتىدىن ئىبادەت روھىغا چىقىرىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىپ باقايلى:

* ھەر يىلى روزا تۇتىمىز، كۆپىنچىمىزنىڭ غېمى پەرزنى ئادا قىلىپ قەرزنى تۈگىتىش… بۇ يىلقى غېمىمىز ئىلگىرىكى گۇناھلىرىمىزنىڭ (ئۇ ئەلۋەتتە كۆپتۇر) كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەدىستە كەلگەن روزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ( ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا) ھەقىقىي رەۋىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولسۇن.

 

* ھەر يىلى قۇرئاننى بىر قانچە قېتىم تاماملاشقىلا ئەھمىيەت بېرەتتۇق… بۇ يىل بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇنى تەپەككۇر قىلىپ، مەنالىرىنى ئويلىنىش بىلەن، ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىكى بەلگىلىمىلەرنى تۇرغۇزۇش نىيىتى بىلەن تاماملاپ باقايلى.

 

* ئاينىڭ باشلىرىدا جامائەتنى قولدىن بەرمەسلىككە ئالدىرايتتۇق، بۇ قېتىم پۈتۈن ئاي ئىچىدە تەكبىر ئېھرامنى تېپىشقا تىرىشايلى.

 

* قەدرسىز دۇنيا لەززەتلىرىدىن نەپسىمىز ۋە ئائىلىمىزگە قەلب راھىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن رامىزاننى خاسلاشتۇرۇپ كەلگەنىدۇق، قەلب ھۇزۇرى ئۇلارغا ئوقۇلىدىغان كىتاب، ئاڭلىنىدىغان ۋەز – نەسىھەت ياكى پايدىلىق ئۇچرىشىشلاردىكى قىممەتلىك روھى غىزا بىلەن تېخىمۇ كېڭەيسۇن.

 

* ھەر يىلى ئائىلىلىرىمىزگە مۇشۇنداق خۇشاللىق بېغىشلاپ كەلگەن بولساق، بۇ يىل دائىرىنى كېڭەيتىپ روھى كېسەللىك ياكى دۈشمەنلەرچە ھېلە – مىكىرىنىڭ زەنجىر – كىشەنلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋى توسالغۇلار ئەسىر ئېلىۋالغان باشقا ئائىلىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايلى.

 

* ھەر يىلى موھتاجلارغا ياردەم قىلىپ سەدىقە قىلىۋاتقان بولساق، بۇ يىل خاتالىق ئوتىدىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجى بولغان نەپسىمىزگە ياردەم بېرىشنى ئاساسىي مەقسەتلىرىمىزدىن بىرى قىلايلى، ئۇ ھەربىر خاتالىق ۋە گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىلىنغان سەدىقىدىكى ئىخلاس بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ.

 

* پەزىلىتى كاتتا بولغاچقا رامىزاندا ئۆمرە ھەج قىلىشقا قىزىقىمىز، بۇ يىلدىكى ئۆمرە ھەجنى – ئاللاھ ئىزنى بەرسە – كەلگۈسى ھاياتىمىزغا ئاتايلى، بەلكىم بۇ ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشىشىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

 

* بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئەمەللەرگە قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدۇق، بۇ مەنپەئەت بۇ يىل نەسىھەت قىلىش ۋە كىتاب سوۋغات قىلىش ئارقىلىق ھەر تەرەپكە ئومۇملاشسۇن، بەلكىم شۇ ئىشلىرىمىز بىلەن بىز ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشىلەرنىڭ ساۋابى بىزگىمۇ بېرىلىشى مۇمكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ياخشىلىققا باشلاپ قويغۇچى شۇ ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش.([7])

 

* ئۆز نەپسىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كېلىۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن، بۇ قېتىمقى مۇبارەك رامىزان ئېيىدا بۇنداق بېخىللىقنى تاشلاڭ، چۈنكى بۇ يەردە سىزنىڭ شۇ دۇئايىڭىزغا ئېھتىياجلىق مىليونلىغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىز بار، سىز ئۇلارغا دۇئا قىلغىنىڭىزدا پەرىشتىلەر سىزگە -ساڭىمۇ ئوخشىشى بولسۇن.([8])- دەپ دۇئا قىلىدۇ.

 

* سېخىيلىق رامىزاندا ماختاشقا لايىقتۇر، سىز ئازدۇر، كۆپتۇر ياخشىلىقىڭىز بىلەن شۇنىڭغا لايىق ئىدىڭىز، بۇ يىلقى سېخىيلىقىڭىز سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن، سىزدىن سىلە رەھىمنى ئۈزگەن كىشىگە سىلە رەھىم بىلەن، سىزدىن چەكلەپ قويغان كىشىگە سىزنىڭ بېرىشىڭىز بىلەن يىللاردىكىدىن پەرقلەنسۇن.

 

* كىشىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ساقلىنىپ ئۆزىمىزدىن ھېساب ئالايلى، بەلكىم ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم كېلىپ قەبرىگە كىرىپ كېتىشىمىز ۋە ئۆز نەپسىمىزدىن ھېساب ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي ھېسابقا تارتىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

 

* روزىدارلارنى ئىپتارلىتىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز، بۇ ئىبادەتنى باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ياكى مالامەتلەردىن پاكلايلى، چۈنكى رىياكارلىق بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچى گەرچە بەرسىمۇ ئالالمايدۇ، سەرپ قىلسىمۇ نەتىجىسىنى كۆرەلمەيدۇ.يەنى ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بەلكى رىياسى ئۇ كىشىگە ئازاپ ئىلىپ كىلىدۇ.

 

* رامىزاننىڭ ھۆرمىتى قەدىر كېچىسىدە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، سىز ئۆتكەن يىللاردىكى قەدىر كېچىلرىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىرىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ قېتىم پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭ، بەلكىم بۇندىن كېيىن بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

 

(ئى ئاللاھ! رامىزاندا بىزگە بەرىكەت بەرگىن! رامىزانغا بولغان گۈزەل تەييارلىقلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن! رامىزان روزىسىغا ۋە كېچىلىرىدە تۇرۇشقا ياردەم بەرگىن! بىزنى تەقۋادارلاردىن، دەۋزەختىن ئازاد بولغان خالىس كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلغىن!… ئامىن!)

 

داۋامى بار.

مەنبە:  »رامىزاننىڭ روھى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى« ناملىق كىتاب

تەرجىمىدە:  مۇھەممەدتۇرسۇن يۈسۈپ

————————————————————————–
(1) تىرمىزىي 2676 – ھەدىسنىڭ بىر قىسمى ئىبنى ماجە مۇقەددىمە 42 – 43 ئەھمەد 16694 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(2) دارىمىي (229).
(3) ئەھمەد 22987 ئىبنى ماجە 4181 ئەلبانىي ھەسەن دەپ قارىغان.
(4) ئەھمەد 9213، نەسائىي 2106 سەھىھ .
(5) لەتائىفۇل مەئارىف ئىبنى رەجەب 235 – بەت.
(6) ئەھمەد 27384 ئىبنى ماجە 3925 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(7) تىرمىزىي 2670 ئەھمەد 21326 ئەلبانىي سەھىھ دىگەن.
(8) مۇسلىم 4914 -ھەدىسنىڭ بىر قىسمى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز