قىز – ئاياللارنىڭ ھەج ۋە دىنى ئىلىم ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئىسلام دىنى قىز – ئاياللارنىڭ ھەج قىلىش ياكى دىنى ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىغا ۋە سىرتلاردا مەھرەمسىز تۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەزكۇر سوئال پەرقلىق ئۈچ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:

1 – مەسىلە: قىز – ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەج سەپىرىگە چىقىشى.

ھەج پائالىيىتى مەيلى ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ھەر بىر مۇسۇلمانغا پەرز قىلىنغان كاتتا ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (بېرىشنىڭ يولىنى قىلالىغانلارنىڭ كەئبىگە ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىمكى تانىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر ).([1])

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش، رامزان روزىسى تۇتۇش».([2])

بۇ دەلىللەر ئەرنىمۇ، ئايالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق قاراش ئوخشاشماسلىقى يوق. لېكىن قىز – ئاياللارغا نىسبەتەن ھەجگە يالغۇز بېرىش خەۋپلىك بولغاچقا، سەھىھ ھەدىسلەردە قىز – ئاياللارنىڭ ھەج ۋە باشقا سەپىرى ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولۇشى شەرت قىلىنغان.

بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن تەكىتلەپ قويىدىغىنىمىز شۇكى، قىز – ئاياللارنىڭ نەپلە ھەجگە مەھرەمسىز بېرىشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە بەزىبىر ئاجىز قاراشلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بارلىق ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.([3])

پەرز ھەجگە سەپەر قىلىشقا كەلسەك، سەھىھ ۋە ئېنىق ھەدىسلەر مەيلى قانداق سەپەر بولسۇن، قىز – ئاياللارنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمىسىز سەپەر قىلىشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقمىسۇن»‏‏.([4])

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ مەھرەمسىز بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر قىلىشى ھالال بولمايدۇ».([5])

ئەبۇ سەئىيد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ئېرى ياكى مەھرىمى بولماي تۇرۇپ ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە يالغۇز چىقىشى دۇرۇس ئەمەس».([6])

ئىمام تىرمىزى يۇقىرىقى ھەدىسلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: ئەھلى ئىلىملەر مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتۇپ كەلمەكتە، ئۇلار قىز – ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشنى يامان كۆرىشىدۇ».([7])

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك، قىز – ئاياللارنىڭ سەپەر قىلىشىغا شەرىئەت ئىككىنىڭ بىرىنى شەرت قىلغان: بىرى، ئېرى. يەنە بىرى، مەھرىمى. مەھرەم دېگىنىمىز ئىمام نەۋەۋىي ۋە ئىمام ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ئالىملار ئىزاھلىغىنىدەك: ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشى مەڭگۈ ھارام بولغان كىشىدۇر.([8])

ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقىنىنى شەرت قىلىش شەرىئەتنىڭ مۇكەممەل ۋە ئۇلۇغلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. چۈنكى بۇنى شەرت قىلىش ئىپپەت – نۇمۇسنى قوغداش، قىز – ئاياللارنى ئىززەتلەش ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى بارلىق پىتنە – پاسات ۋە بۇزۇقچىلىق ئامىللىرىدىن ساقلاپ قېلىشنى كۆزلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۈگۈنكى كۈنلەردە ھەج سەپەرلىرىدە شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلماي مەھرەمسىز ھەجگە بارغان قىز – ئاياللارنىڭ مۇقەددەس دىيارلاردا دۇچ كەلگەن بەزى ئېچىنىشلىق ۋەقەلىكلىرى، بوزەك قىلىنىشلىرى، ھەج قىلىش باھانىسىدا بۇزۇقچىلىق تونىغا ئورىنىۋالغان يامان نىيەتلىك ئاياللارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى، بۇ ئۇلۇغ شەرىئەتنىڭ ھەر زامان ۋە ھەرماكانغا لايىق ئىلاھىي شەرىئەتلىكى، بۇ شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان ئەھۋالدا نۇرغۇن مەسىلىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ، يات ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ مەھرىمى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەيدۇ» دېگەنىدى. بىر ئادەم: ئى رەسۇلۇللاھ! مەن پالان قوشۇن بىلەن جەڭگە چىقماقچى ئىدىم، ئايالىم بولسا ھەجنى نىيەت قىلىۋاتىدۇ، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەجگە چىققىن» دېدى.([9])

قارايدىغان بولساق، يۇقىرىقى بىرنەچچە ھەدىستە سورىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قارىتا «ئۈچ كۈنلۈك»، ياكى «ئىككى كۈنلۈك»، ياكى «بىر كېچە – كۈندۈزلۈك» دېگەندەك ئىبارىلەر كەلگەن بولسىمۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ھەدىسىدە مۇتلەق ھالەتتە «مەھرەمسىز سەپەر قىلمايدۇ» دېگەن. ئىمام تاھاۋىي ۋە ئىمام نەۋەۋىيلەرنىڭ تەھلىلى بويىچە، بۇ ھەدىستىكى ئەر غازاتقا چىقىش بىلەن، ئايالى بىلەن بىللە ھەجگە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئايالى بىلەن بىللە ھەج قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى، ھەجگە ئايالى يالغۇز بارسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.([10])

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان يەنە بىر سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەھرىمى بىللە بولمىغان ئايال ھەرگىزمۇ ھەج قىلمىسۇن!»([11])

ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگىنىدەك، ھەج ئاياللارنىڭ جىھادىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ جىھادى جاپا – مۇشەققەت ۋە ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ياتاق، قاتناش، داۋالىنىش، غىزالىنىش ۋە ئارام ئېلىش قاتارلىقلار ھەج ئايلىرىدا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان، يىلنىڭ كۆپ قىسمىدا تونۇردەك ئىسسىق مەككە مۇكەررەمە، مىنا، ئەرەپات ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرەلەردە ئادەتتىن تاشقىرى بولىدۇ. بۇ جەريانلاردا قىز – ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ھىمايە قىلىشقا ۋە قوغدىنىشقا موھتاج بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، قىز – ئاياللارنىڭ ھەج سەپىرى قىلىشىدا شەرىئەت بېكىتكەن ئېرى ياكى مەھرىمى سەپەرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر بولغىنىدەك، ئايالنى ھەج جەريانىدا ھىمايە قىلىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

ئالىملار يول خاتىرجەملىكى ۋە مەھرەمنىڭ شەرت قىلىنىشى ئۈستىدە توختالغىنىدا، مەھرەم قىز – ئاياللارغا ھەجنىڭ ۋاجىپ بولۇشى ئۈچۈن شەرتمۇ ياكى ھەجنى توغرا ئادا قىلىشى ئۈچۈن شەرتمۇ دېگەن مەسىلىدىمۇ ئىزدەنگەن. ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپ بىلەن بىر بۆلەك ئالىملار: يول بىخەتەرلىكى ۋە مەھرەم ھەج ۋاجىپ بولۇشنىڭ شەرتى دەپ قارىغان. بۇ ئىسھاق ۋە ئىبنۇل مۇنزىرلارنىڭمۇ قارىشىدۇر. مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەپ: «ھەجنى توغرا ئادا قىلىشى ئۈچۈن شەرت» دېگەن.

ۋاجىپ بولۇش شەرتى دېيىلسە، ئېرى ياكى مەھرىمى تېپىلمىسا، ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ دېگەن نەتىجە چىقىدۇ. مۇشۇ قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.

ئىمام ئەھمەد بۇنى ئېنىق ئىپادىلىگەن. ئەبۇ داۋۇد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن:

– مەھرىمى بولمىغان ئىقتىسادى بار بىر ئايال بار. ئۇنىڭغا ھەج پەرز بولامدۇ؟ – دەپ سورىسام، ئۇ:

– ياق، – دەپ جاۋاب بەردى ۋە:

– مەھرەممۇ ئايەتتىكى ‹ھەجگە بېرىشنىڭ يولىنى قىلىش› جۈملىسىدىن، – دېدى.

ئەمما ئادا شەرتى دېيىلسە، ھەج قىز – ئاياللارغا ئەرلەرگە پەرز بولغاندەك پەرز بولىدۇ، ئادا قىلىدىغان چاغدىلا ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما ھەج گەدىنىگە پەرز بولىدۇ، بۇ ئايال ئېرى ياكى مەھرىمىسىز ھەج قىلسا پەرز ھەج گەدىنىدىن ساقىت بولىدۇ – يۇ، چوڭ گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ.([12])

يەنە بىر تەرەپتىن، ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بېرىشىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان، ياكى چىقىمىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ بىللە بېرىشقا ئۇنىمىغان، ياكى ئۇلارغا ئۆزى بىلەن بىللە يول خېتى ۋە رەسمىيەتلەرنى بېجىرەلمىگەن ئەھۋالدا، بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئۇ ئايالغا ھەج پەرز بولمايدۇ. شۇنداقلا ئېرى ياكى مەھرىمىنىڭ چىقىمى ياكى ئۇلارنىڭ رەسمىيىتىنىڭ چىقىملىرى ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ئالىملار: ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىغان ئايالنىڭ ھەجگە بىللە بېرىش ئۈچۈن ئەرگە تېگىشى ۋاجىپ ئەمەس، دېگەن. ئىمام قۇدۇرى قاتارلىق بەزى ئالىملار: ئۇ ئايالنىڭ ئاشۇ چىقىملارنى ۋە رەسمىيەتلەرنى قىلىشقا ئۆز يېنىدىن پۇل سەرپ قىلىپ ھەج قىلىشى ۋاجىپ، دېگەن.([13])

ھازىرقى ھەج ئۆمەكلىرىگە ئېرى ياكى مەھرىمىنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەسلىك، يول خېتى (پاسپورت) ھەل قىلالماسلىق ۋە ۋىزا ئالالماسلىق قاتارلىق قىيىنچىلىقلارمۇ مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ.

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولۇشى يول بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق شەرت بولۇپ، ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بەزى ئالىملاردىن: شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەت بىخەتەرلىك بولغاچقا، بۇ مەقسەت ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلا بولسا، ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغانلارمۇ بولغان. مەسىلەن: ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مەشھۇر قارىشىدا: ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بارمىسىمۇ، ئىشەنچلىك بىر توپ ئاياللار ھەمراھلىقىدا بارسا بولىدۇ، دېسە، شافىئىيلاردىن ئىمام شىيرازى: بىر ئايال ھەمراھ بولسىمۇ بولىدۇ، دەيدۇ.([14])

مالىكىي ئالىملار پەرز ھەجگە ئېرى ياكى مەھرىمىنى شەرت قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار بولمىغان ئەھۋالدا ياكى بىللە بېرىشقا ماقۇل كەلمىگەن ئەھۋالدا، بىر توپ ئەر، ياكى بىر توپ ئايال، ياكى ئەر – ئايال ئارىلاش بىر توپ ھەمراھ بولسا يېتەرلىك دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال ئۆزى دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇشى شەرت.([15])

ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن ئاجىزراق بىر قاراشتا، سەپەر جەريانىدا يات ئەرلەرگە ئارىلىشىشتىن ساقلانغان ئەھۋالدا، ياشىنىپ قالغان ئاياللارغا پەرز ھەجگە مەھرەم شەرت ئەمەس، مالىكىي ئالىملاردىن ئىمام باجىيمۇ شۇنداق قارايدۇ. ھەنبەلىي ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىيە بولسا: بىخەتەر ھەج قىلالايدىغان ھەرقانداق ئايال مەھرەمسىز ھەج قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ شۇنداق بىر قاراش كەلگەن.([16])

ئىمام ئەۋزائىي: ئايال كىشى تەقۋادار بىر گۇرۇپ كىشىلەر بىلەن پەرز ھەجگە چىقسا بولىدۇ. ئۇلاغقا چىقىپ – چۈشۈشتە ئەر كىشى يېقىن كەلمەستىن شوتا ئىشلىتىدۇ. ئەركىشى تۆگىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ بەرسە ياكى ئايال كىشى ئەرنىڭ بىلىكىگە دەسسەپ ئۇلاغقا چىقسا بولىدۇ، دېگەن.([17])

ئىمام ئىبنى ھەزم ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىغان ئايال ھەجگە چىقىۋېرىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان.([18])

ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن دوكتور مۇستافا زەرقا: زۆرۈر تېپىلغاندا ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولمىسىمۇ، بارىدىغان ئايرودرومدا ئېرى ياكى مەھرىمى ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدىغان بولسا، ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقسا بولىدۇ. پويىزمۇ ئوخشاش. چۈنكى بۇلار مەلۇم تۈزۈم ۋە خادىملار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى، دېگەن. شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئۇبەيكانمۇ شۇنداق قارىغان.([19])

بۇ ئالىملارنىڭ ئاساسلانغىنى بويىچە، بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق كاپالەتكە ئىگە بولسا، ئېرى ياكى مەھرىمىسىز ھەجگە بارسا بولىدۇ دېيىلگەن بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئېرى ياكى مەھرىمىسىز سەپەر ۋە ھەجگە چىقماسلىق ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ھەدىسلەر ئاياللارنىڭ سەپىرىنى بىخەتەرلىككە باغلىغان ئەمەس. بەلكى، ئېرى ياكى مەھرىمىگە باغلىغان. بۇنىڭدىن بۇ مەسىلىگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىخەتەرلىك دائىرىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئىنچىكە نەزەر بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خۇددى نامازنى قەسىر قىلىپ (قىسقارتىپ) ئوقۇش ياكى رامزاندا سەپەر ھالىتىدە روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى ئۈچۈن، سەپەردىن ئىبارەت ھالقىلىق بىر ئىللەت (ھۆكۈم چىقىرىشتا تەسىر كۆرسىتىدىغان سۈپەت) بېكىتكەنلىكىگە، ئۇ رۇخسەتنى مۇشەققەتكە ئوخشىغان ئۆلچىمى يوق بىرەر ئىللەتكە باغلىمىغانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇشەققەت بولسۇن – بولمىسۇن، سەپەرلا بولىدىكەن، قەسىر قىلىش بىلەن ئېغىز ئېچىۋېتىش رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭ ھەجى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق كاپالەتكە ئىگە بولسۇن – بولمىسۇن ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولۇشى كېرەك.

شۇڭا، بۇ تۈرلۈك قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئېرى ياكى مەھرىمىنى شەرت قىلغان ئېنىق ۋە مۇتلەق سەھىھ ھەدىسلەرگە زىت كېلىدىغانلىقى جەھەتتىنمۇ، بۇ تۈرلۈك ئەھكاملاردا ئاياللارنى تۈرلۈك پىتنىلەردىن قوغداش قاتارلىق شەرىئەتنىڭ روھى ۋە كۆزلىگەن مەقسەتلىرى جەھەتتىنمۇ، ئاجىز ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا «زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەن ئۇسۇلى قائىدىمۇ بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا ئىمام ئىبنۇل مۇنزىر: «ئۇلار بۇ ھەقتىكى سەھىھ ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان مەزمۇنىنى تاشلاپ، ھەر بىرى دەلىلى بولمىغان شەرتلەرنى قويۇۋېلىشقان» دېگەن.([20])

يۇقىرىقى ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى، شۇنداقلا ئۆلىمالارنىڭ بايانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش نەتىجىسىدە، «ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھەجگە بېرىش» مەسىلىسىنى مۇنداق خۇلاسىلەش مۇمكىن.

1. ئاياللارنىڭ نەپلە ھەجگە ئېرى ياكى مەھرىمىسىز بېرىشىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىدە ئالىملار ئاساسەن ئىتتىپاق.

2. بىللە بارىدىغان ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىغانلارغا ھەج پەرز بولمايدۇ. شۇنداقلا پەرز ھەجگە ئېرى ياكى مەھرىمىسىز بېرىشى سەھىھ ھەدىسلەرگە تايانغان كۈچلۈك قاراشتا دۇرۇس ئەمەس.

2 – مەسىلە: قىز – ئاياللارنىڭ دىنى ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى.

يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەر مەزمۇنى بويىچە ئېيتقىنىمىزدا، قىز – ئاياللارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى ھارام. لېكىن يۇرتىدا دىنى ۋە پەننى جەھەتتىكى زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يوق بولغان تەقدىردە، مەھرەم تېپىلمىغان ياكى تېپىلسىمۇ بىللە سەپەرگە چىقالمايدىغان ئەھۋاللاردا، ئوقۇش ئىستىكىدىكى قىز – ئاياللارنىڭ زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنى زۆرۈرىيەت نۇقتىسىدىن جائىز دېمەي بولمايدۇ. بۇنداق سەپەرگە چىققان ئەھۋالدىمۇ بىخەتەرلىكى يۇقىرى، نامەھرەم بىلەن خالىي ئولتۇرۇپ – قوپمايدىغان ئايروپىلان ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن، بىر سوتكىغا ئۇزىراپ كەتمىگەن مۇددەتتە سەپەر قىلىشى، ئىشەنچلىك بىرنەچچە ئاياللار ياكى بىرەر ئائىلە بىلەن ھەمسەپەر بولۇشى، بارىدىغان جايىدىمۇ مەھرىمى بولۇشى، مەھرىمى بولمىغان تەقدىردە، ئىشەنچلىك كىشىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان، تۈزۈمى چىڭ قىزلار ياتىقى تېپىلىشى كېرەك.

ئىمام قەرداۋى بۇ ھەقتە «قىز – ئاياللار ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەم بىلەن باشقا يۇرتلارغا ئەۋەتىلسە بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام ئەللىرىدىن باشقا ئەللەرگە سەپەر قىلىشتا مەھرىمى بىللە بولۇشى لازىم. بەزى ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزى يالغۇز بارماقچى بولسا، بەزىبىر شەرتلەر تېپىلسا جائىز. مەسىلەن: قاتار دۆلىتى قىلغاندەك مەخسۇس قىزلار ياتىقى تەييارلاپ، چىڭ تۈزۈم ئاستىدا ياتاق نازارىتى كۈچلۈك بولسا، تاشلاپ قويماستىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىپ تۇرغان تەقدىردە مەيلى. ئەمما ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا مەيلى قانداق ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بولسۇن، يالغۇز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن قاراشنى تەكىتلەيدۇ.([21])

ئەلۋەتتە، زۆرۈر بولغان بىرەر كەسپنى ئوقۇش باشقا شارائىتى ياخشى يۇرتلاردا مۇمكىن بولمىسا، مەزكۇر شەرتلەر ھازىرلانغان تەقدىردە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىمۇ باشقا يۇرتلار بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمدە بولۇشى كېرەك.

ئوقۇش ئۈچۈن سەپەر قىلىش مەسىلىسىدە كۇپۇرلۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان، بولۇپمۇ دىن ئۆگىنىش مۇمكىن بولمىغان يۇرتلارغا نىسبەتەن مۇشۇ قاراشنى تۇتماي بولمايدۇ. چۈنكى، سەپەر قىلماي تۇرۇشىنىڭ ئۆزى دىنىنى ئۆگىنەلمەسلىكتىن سىرت، دىنىنى ساقلاپ قالالماسلىق، ئۆزىنىمۇ قوغدىيالماسلىق دېگەن گەپ. بۇ ھازىر ئۆزىنى ئىسلام ئەللىرىدىن سانايدىغان بىر قىسىم ئەللەردىمۇ بەزىلەر دۇچ كېلىدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. سەپەر قىلغان ئەھۋالدا ھېچ بولمىسا دىنىنى ئۆگىنىش، ئەركىن – ئازادە ئىبادىتىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بەلكى تېخى ئىپپەت – نومۇسىنى قوغداپ قالالايدۇ. بۇ جەھەتتىن يەڭگىل زىيان تارتىش ئارقىلىق ئېغىر زىياندىن قۇتۇلغان بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردىكى سەپەر زۆرۈرىيەت سەپىرى بولغاچقا، يالغۇز سەپەر قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان.

ئەمما، ئۆز يۇرتىدا ئازادە – ئەركىن تۇرالايدىغان، دىنى ۋە پەننى زۆرۈر بىلىملەرنى ئۆگىنەلەيدىغان بولسا، ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرىمىسىز سەپەر قىلىشقا بولمايدۇ.

3 – مەسىلە: ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن چىققان قىز – ئاياللارنىڭ ياقا يۇرتلاردا مەھرەمسىز تۇرۇشى.

ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە بولۇش، سەپەر ئۈچۈن قويۇلغان شەرت بولۇپ، تۇرىدىغان جايدا تۇرۇش ئۈچۈن ئېرى ياكى مەھرىمىنىڭ بىللە تۇرۇشى شەرت ئەمەس. پەقەتلا بىخەتەرلىك يوقاپ كەتكەن ئەھۋالدىلا مەھرەم بىلەن تۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئېرى ياكى مەھرىمى بىللە ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ياكى ئاللىبۇرۇن يالغۇز سەپەر قىلىپ بولغانلار، ھازىر ئوقۇپ تۇرۇۋاتقان جايىدا يۇقىرىقىدەك شەرتلەر تېپىلىپ خاتىرجەم بولسا، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرمۇ شۇنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ سەپەر قىلىپ بارغان مەنزىلدە پىتنىدىن ساقلىنىش ۋە ئۆزىنى قوغداش جەھەتتىن، ئىشەنچلىك ھەمراھنىڭ قىز – ئاياللار بىلەن بىللە تۇرۇشى ياكى يۇقىرىدا ئىمام قەرداۋى بايان قىلغاندەك، تۈزۈمى چىڭ، نازارىتى كۈچلۈك، قىزلار ياتىقىدا تۇرۇشى لازىم.

مەزكۇر شەرتلەر مەيلى دىنى ئىلىم ئۈچۈن تۇرۇش بولسۇن ياكى پەننى ئىلىم ئۈچۈن تۇرۇش بولسۇن، ئوخشاشلا زۆرۈر شەرتلەردۇر.

خاتىرجەم بولالمايدىغان ئەھۋالدا ياقا يۇرتلاردىلا ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىدىمۇ قىزلارنى يالغۇز قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. شەيخ ھەسەنەين مۇھەممەد مەخلۇف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن «ئاتىسى خىزمەت زۆرۈرىيىتى سەۋەبىدىن ئوقۇۋاتقان قىزىنى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆيدە يالغۇز قويۇپ، بىرنەچچە كۈن سەپەر قىلىشى» توغرىسىدا سورالغاندا، مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: «سورىغۇچىنىڭ يىراقلارغا سەپەرگە چىقىش جەريانىدا بويىغا يەتكەن قىزىنى بىللە تۇرىدىغان مەھرەمسىز ھالەتتە يالغۇز تاشلاپ قويۇشى، بولۇپمۇ، ھازىرقى زاماندا ئېغىر بۇزۇقچىلىققا سەۋەب بولىدىغان خەتەرلىك ئىشتۇر. شۇنداقلا شەرىئەت ۋاجىپ قىلغان ئىپپەت – نۇمۇسنى قوغداشتىن ئىبارەت كۆرسەتمىگىمۇ زىت كېلىدىغان قىلمىشتۇر. شۇڭا ئۇ قىزنى يالغۇز ھالەتتە تاشلاپ سەپەرگە چىقىپ كېتىش ھارام بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېلىدىغان زىيانمۇ ئاشۇ مۇددەت ئىچىدە ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن يالغۇز قېلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان پايدىدىن ئېغىر بولىدۇ».([22])

كافىرلار دىيارلىرىدا، شۇنداقلا ئامانلىق يوقالغان دىيارلاردا، قىزنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئەھۋالدىمۇ، ئۇنى تىل ئۆگىنىش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن يالغۇز ھالەتتە تاشلاپ قويماسلىق لازىم. يالغۇز تاشلاپ قويۇش بەلكىم ئاقىۋەت ئېتىبارى بىلەن ئۇ قىز ھەققىدە قىلىنغان بىر جىنايەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

قانداقلا بولمىسۇن، ئىلىم تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ بىر يۇرتقا چىققان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇ قىزغا بولىدۇ. ئاندىن شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىگە ئۇ قىزنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا دىن ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتى چۈشىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

16 – 10 – 2016

2-توم، 44-نومۇرلۇق پەتىۋا.
————————————————–
([1]) «ئال ئىمران» سۈرىسى 97 – ئايەت.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى» 8 – ھەدىس. «مۇسلىم» 16 – ھەدىس.
([3]) «الموسوعة الفقهية الكويتية» 17/36.
([4]) سەھىھەين: «بۇخارى» 1086 – ھەدىس. «مۇسلىم» 1338 – ھەدىس.
([5]) «بۇخارى» 1088 – ھەدىس.
([6]) «مۇسلىم» 827 – ھەدىس.
([7]) «تىرمىزى» 3/472.
([8]) «شرح النووي على صحيح مسلم» 9/105. «فتح الباري» 4/77.
([9]) سەھىھەين: «بۇخارى» 1862 – ھەدىس. «مۇسلىم» 2391 – ھەدىس.
([10]) «شرح معاني الآثار» 2/115. «شرح النووي على صحيح مسلم» 9/110.
([11]) «سنن الدارقطني» 2/222. برقم: 2467. ئەبۇ ئەۋانە، ئالبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان.
([12]) «المبسوط» للسرخسي 4/163. «بداية المجتهد» 1/235. «فتح الباري» 4/76. «المغني» 3/97. «الفروع» 3/76.
([13]) «بدائع الصنائع» 2/123.
([14]) «شرح النووي على صحيح مسلم» 9/104.
([15]) «بداية المجتهد» 1/235. «مواهب الجليل» 2/521. «الفواكه الدواني» 1/352.
([16]) «الإنصاف» للمرداوي 3/411. «مجموع الفتاوى» 26/13. «الفروع» 3/177. «المنتقى شرح الموطأ» 3/17. «فتح الباري» 4/76.
([17]) «المغني» 3/97.
([18]) «المحلى» 7/47.
([19]) «فتاوى الدكتور مصطفى الزرقا» ص276.
([20]) «المغني» 3/97.
([21]) https://www.youtube.com/watch?v=JOUqGEyHO9E
([22]) «فتاوى الأزهر» 1/186.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز