تېرىكتۈرىدىغان سىن ئۈزۈندىلىرى

دوكتور سالمان ئەۋدە

ئۇستاز مۇھەممەد قۇتۇبنىڭ ۋاپات تاپقانلىق خەۋىرى ئەتراپقا پۇر كېتىپ ئارقىدىن ئۇ خەۋەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئېنىقلانغان شۇ كۈن ئەسلا ئېسىمدىن چىقمايدۇ. (دەرۋەقە) بۇ ئىش ئۇستاز مۇھەممەد سابۇنىي ھەققىدىمۇ تەكرارلاندى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇستاز ئەبۇبەكرى ئەلجەزائىرىينىڭ ۋاپات تاپقانلىق توغرىسىدىمۇ يالغان خەۋەرلەر تارقاتتى. سىز دوغا تىكىلگەن نەرسە تەرەپكە يۈگۈرگەنگە ئوخشاش سەلبىي خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا كىرىشىپ كەتكىنىڭىزدە، كۆڭلىڭىزدە (ئاڭلىغانلا) خەۋەرنىڭ توغرىلىقىغا ۋە راستلىقىغا ئىشىنىپ كېتىسىز. چۈنكى، سىز ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشنى ياكى سىز تارقاتقان خەۋەرلەرنىڭ راست – يالغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى ياخشى كۆرمەيسىز. بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي تور بەتلەرگە چىققان كىشىلەر قانچىلىك سىن ئۈزۈندىلىرىنى تارقاتتى؟

قانچىلىك تور بەتلەر دىنىي ياكى ئىجتىمائىي سىن ئۈزۈندىلىرىنى تەنقىدلەش ھەققىدە مەخسۇس توختالغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى؟

مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ قىممەت يارىتالايدىغان ئىجابىي سىن ئۈزۈندىلىرىنى قويۇپ تۇرايلى، چۈنكى ئۇ ماختاشقا ئەرزىيدىغان تولىمۇ گۈزەل سىن ئۈزۈندىلىرىدۇر. بىراق مېنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ گەپ – سۆزنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلارنى كۆز ئالدىغا ئەكىلىپ باقماستىن، كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەرخىل – ھەرياڭزا ئادەملەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى، خاھىشلىرى، مەقسەتلىرى ۋە پۇزىتسىيەلىرىنىڭ ئوخشاشمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماستىن تارقىتىدىغان سىن ئۈزۈندىلىرىدۇر. بەزىدە ئۇ كىشىلەر(ھەممىگە)مەلۇم بولمىغان (پىشمىغان)شەخسىي كۆزقاراشلارنى، دىنىي تۈس ئالغان يەرلىك مەدەنىيەتلەرنى، تەكشۈرمەستىن قوبۇل قىلىۋالغان ئوي – پىكىرلەرنى ياكى ئېغىز خاتالىقى بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئويلانماستىنلا ئالدىراپ – تىنەپ(تورغا) چىقىرىلغان سۆزلەرنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، تەنھەرىكەتچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ياكى ئىش بېجىرگۈچىلەرگە بىرەر قەبىلىگە ياكى بىر مىللەتكە، ھەرقانداق بىر رايونغا ياكى بىر ئىرققا قارشى ئېيتىلغان ئىرقى (كەمسىتىش) سۆزلىرى. بەلكىم ئۇ سۆزلەرنى دېگەن كىشى خۇپىيانە كۆزىتىپ تۇرىدىغان كۆزلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئىختىساس ئىگىسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقى، جۇغراپىيە، ئاستىرونومىيە، ئاناتومىيە، مېدىتسىنا قاتارلىق ئىلىملەرگە ئالاقىدار ئىلمىي ئىشلاردا قۇرئاننىڭ ھۆكمى مۇشۇ، دەپ تۇرۇپ، ئالدىراپ – تىنەپ بەرگەن پەتىۋالار. مۇنبەر ئۈستىدە تەسىر قوزغىغان تۇراقسىز كەيپىياتلار. چۈنكى خەتىپ ئىنسانلارنىڭ تەكشۈرمەستىن تارقاتقان سۆز – چۆچەكلىرى، يامان گۇمان قىلىش ياكى بىرەر ھادىسە تۈپەيلى جەمئىيەتكە تەۋە بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەر توغرۇلۇق تارقالغان بىر پىلاستىنكىغا قاراپ ھەممە كىشىلەرنى قارىلاش خاتالىقىنى ئۆتكۈزىدۇ.

خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئىنسان تەبىئىتىدە بار ئىش بولۇپ، ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى نىيەتكە باغلىقتۇر. ئالىيجاناب كىشىلەرنىڭ خۇلق – مىجەزلىرى بولسا خاتالاشقانلارنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىشدۇر. (شۇڭلاشقا) سىز خاتالاشقانلارغا مۇلايىم مۇئامىلىدە بۇلۇڭ، چۈنكى سىزمۇ بىر كۈنى ئۇنىڭ ئورنىدا بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.

(ئىلگىرىكى قەۋملەردىن) بىر ئادەم ئېغىز خاتالىقى ئۆتكۈزۈپ «ئى ئاللاھ ! سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ» دەپ سالدى، ئۇ ئادەم (بۇ خاتالىقى تۈپەيلى) جازالانمىدى، بەلكى تېخى ساۋاب يېزىلدى، چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ نىيىتى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئىبادەت قىلىش بولۇپ ئەسلىدە: «ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، مەن سېنىڭ بەندەڭ» دېمەكچى ئىدى. قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتكەنلىكتىن (نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي) خاتالىشىپ قالدى. ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ مۇشۇ سۆزى ئاۋازغا ئېلىنىپ كىشىلەرگە قويۇپ بېرىلسە، يۇتيۇب، تىۋىتىر، فېيسىبۇك قاتارلىق ئاممىۋى تور بەتلەردىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ئالدىغا تاشلانسا نۇرغۇن كىشىلەر گۇمان قىلىپ، سەلبىي ئىنكاسلارنى يازغان، خالىغانچە ھۆكۈملەرنى چىقىرىپ، ھەققىدە بىر تالاي سۆز – چۆچەكلەرنى قىلغان بۇلاتتى. ئىمام رەبىئى ئىمام شافىئىينىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كەلگەندە: «ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئاللاھ تائالا ئاجىزلىقلىرىنى كۈچەيتسۇن» دېگەن ئىكەن. ئىمام شافىئىي: «ئاجىزلىقىم كۈچىيىپ كەتسە مېنى ئۆلتۈرۈپ قويمامدۇ!؟» دەپتۇ. ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن پەقەت ياخشىلىنىشنى كۆزدە تۇتقانىدىم» دېگەندە، ئىمام شافىئىي: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن مېنى تىللىساڭمۇ ياخشىلىقتىن باشقىنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. رەبىئى: «ئۇنداقتا نېمە دەيمەن؟» دەپتۇ. ئىمام شافىئىي: «ئاللاھ تائالا ئاجىزلىقىڭىزنى يوق قىلىۋەتسۇن ياكى ئاللاھ تائالا سىزگە شىپالىق بەرسۇن، دېگەندەك سۆزلەرنى دېگىن» دەپتۇ.

(ئاممىۋى تور بەتلەردە) ئىنكاس يازغۇچى قېرىنداشلار! گەپ – سۆزلىرىڭلاردا سىلىق بۇلۇڭلار، غىزالانغۇچى ئەڭ مەززىلىك تاماقنى تاللىغاندەك، سىلەرمۇ ئەڭ گۈزەل ۋە شېرىن سۆز – ئىبارىلەرنى تاللاڭلار. سىنلارنى ئۈزۈپ كېسىپ ئۇلاپ كۆز بويامچىلىق قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭلار. ۋاقتى يېڭىمۇ ياكى كونىمۇ، ئىزدىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى بار بۇلۇپ، بەزىدە ئۇ بىر ئىنساننىڭ پىكرى بولسا ئۇ كىشى ئۇ قارىشىدىن قايتقان بولىشى مۇمكىن. سىنلار ئەسلىي مەقسەتتىن بۇرمىلىنىپ باشقا غەرەزلەر ئۈچۈن باش – ئايىغىدىن ئۈزىۋېتىلدىمۇ، قاراپ بېقىڭلار. سىلەر خاتالىقنى تىللاش، ئەيىبلەش، قارشى ئىنكاس يېزىش بىلەن ئەمەس، بەلكى توغرا يول، ئىلىم – ھېكمەت، ئاڭ – ساپا ۋە تۈزىتىش بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلىڭلار. قېرىنداشلار! توپلاردا، تور بەتلەردە سىلەرگە، ئوغۇل – قىز پەرزەنتىڭلارغا ياكى سىلەر ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرەرسىگە ئالاقىدار بوپ قالسا كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلىدىغان نەرسىلەرنى تارقاتماڭلار. ئىنسانلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلارنى خاتالىق سادىر بولغان كىشىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ ئەيىبلەۋاتقان، مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىۋاتقان ئىنكاسلارنى ئوقۇۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار. ھۇجۇم قىلىش يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئۆزلىرىنى قالايمىقانچىلىق، جېدەل – ماجرالارغا ئاتاپ قويغان پىدائىي جەڭچىلەر جەڭگە ھازىر بولۇپ، ئارقىدىن ئۇلار جەڭدە گۈرجەك، پالتىلىرى ۋە بازغان، مىلتىقلىرى بىلەن ھەمدەمدە بولۇپ بىرمۇ ئادەمگە يۈز – خاتىرە قىلمايدۇ، بىردەم بولسىمۇ بىرەر ئېغىز گەپتە دۇدۇقلاپ قالمايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا سوئال قويۇپ بېقىڭلار: بۇ گەپنى قىلغۇچى ئەقلى نورمال، نىيىتى ساغلام، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىغان ئادەممۇ ياكى ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئادەممۇ؟

ھازىرقى زاماندىكى ئۇچۇر پەن – تېخنىكا قوراللىرى پەقەتلا ئالاقىلىشىش ۋە ئاخبارات تارقىتىش ئەسۋاپلىرى بولماستىن، بەلكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پىكىر – كۆزقاراشلارنىڭ يېڭىچە قۇرۇلمىسى بولۇپ ئاخباراتلاردا تارقىتىپ ياكى تارقاتمايدىغان نەرسىلەرنى تاللاشتا ھۇشيار ۋە سەزگۈر بولۇشنى، تەكشۈرۈپ –- ئېنىقلىماي تۇرۇپ ئالدىراپ – تېنەپ تارقىتىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلۇپ سالماق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋىمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» («ھۇجۇرات» 6 – ئايەت). ئورەكتىكى ئادەمگە تاش ئېتىشىڭىز بەكمۇ قۇلاي، بىراق ئۇنىڭ ئورەكتىن چىقىشىغا ياردەم بېرىشىڭىز ئالىيجانابلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر.

تەرجىمىدە: ئابدۇراززاق رەجەپ

مەنبە: (مقطع مستفز!) www.islamtoday.net

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز