خىتتاي كورۇنا (كوۋىد -19) ۋىرۇسىنى سۈنئىي (يوقتىن) پەيدا قىلىش مۇمكىن بولامدۇ؟

دوكتور ھەيسەم تەلئەت

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

خىتتاي كورۇنا (كوۋىد -19) ۋىرۇسىنى سۈنئىي (يوقتىن) پەيدا قىلىش مۇمكىن بولامدۇ؟ زادى ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدا ياسىلىشى مۇمكىن بولامدۇ؟

ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇكى، ئەرەب دۇنياسىدا خەلق مەدەنىيىتى ئىلىم بىلەن قوچۇلۇپ كەتكەندۇر. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، بۇ خىل قوچۇۋېتىش يۈز بەرمەكتە.

ئىلمىي جەھەتتىن، جانسىز ماددىنىڭ جانلىق ماددىغا ئايلىنىشى پەقەت يۈز بەرگىنى يوق. بۇ ھېچ بولۇپ باقمىغان ئىش.

بىئولوگىيە ئالىمى ستۇرىت كۇفمان مۇنداق دەيدۇ: «ساڭا ئۆزىنىڭ ھاياتلىقنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقىنى ئىلمىي جەھەتتىن بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەرقانداق شەخس، ئۇ يا ئەخمەق، يا ئالدامچىدۇر. ھاياتلىقنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئىلمىي جەھەتتىن بىلەلمەيمىز».

ئەسكەرتىپ قوياي، بۇ تېما ئاتېئىستلارنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار: «بىز پۈتۈن ئىلىملىرىمىز ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىز بىلەن (بىر يەرگە كېلىپمۇ) ھاياتلىق ئىشلەپ چىقىرىشقا (جانلىق بىر نەرسىنى ياساشقا) قادىر بولالمايمىز» دەپ قالىدۇ. ئاندىن ئاتېئىستلار: «مەۋجۇد بولۇشىدا ھېكمەت بولمىغان، قالايمىقان بىر زېمىننىڭ مۇھىتىدا ھاياتلىق تاسادىپىي پەيدا بولغان»، دېگەندەك قۇرۇق دەۋانى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ قانداقسىغا مۇمكىن بولىدۇ؟ مانا بۇ، ئاتېئىستلارغا نىسبەتەن چىقالمايدىغان خالتا كوچىدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئا

لىملارنىڭ باكتېرىيىدىن نەچچە مىليون ھەسسە ئاددىي بولغان بىر نەرسىنى ياساپ چىقالىشىدىن ئىبارەت.

«بىز قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنغان ئىش، ھاياتلىقنىڭ شەكىللىرىدىن ئەڭ ئاددىي ئۆرنىكى بولىدىغان بىر خىل ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، يېڭى پەيدا بولغان ئەڭ كىچىك باكتېرىيىدىنمۇ نەچچە مىليون ھەسسە كىچىك ۋە يېنىك بولغان بىر نەرسىنى ياساپ چىقىشتۇر».

دېمەك بۇ، ئىلىمنىڭ يېتىپ بارغان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدۇر. تەبىئىيكى، مەن بۇ يەردە ئەرەب ئاتېئىستلار توغرىلىق گەپ قىلمايمەن. ئەرەب ئاتېئىستلار: «غەرب دۇنياسى ئىنسان ياساشقا يېقىنلىشىپ قالدى»، دەپ خام خىيال سۈرىشىدۇ.

دېمەك، بۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان سۇئال شۇكى، «بىز پۈتۈن ئىلىملىرىمىز، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىز ۋە ئەقىللىرىمىز بىلەن باكتېرىيىدىنمۇ نەچچە مىليون ھەسسە ئاددىي بولغان بىر نەرسىنى ياساشقا قادىر بولالمايۋاتساق، ئاندىن ئاتېئىستلار قوپۇپ، «ئەڭ ئاۋۋالقى، مەۋجۇد بولۇشىدا ھېكمەت بولمىغان، قالايمىقان بىر زېمىننىڭ مۇھىتى باكتېرىيىنى ۋە ئىنساننى پەيدا قىلغان»، دەپ تۇرۇۋالسا، بۇ قانداق بولغىنى؟

گەپنى ئوچۇق قىلساق، ئاتېئىستلارنىڭ بۇ تۇرۇقى بەكلا بىچارە! ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنى ھىدايەت قىلىشىنى سورايمىز.

خوش ئۇنداقتا، بىز ھاياتلىقنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلەل

مەيمىز، دەۋاتساق، «تەجرىبىخانىدا ۋىرۇس ياساش» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ نېمە دېگەنلىك؟

بولۇۋاتقان ئەھۋال شۇ: ئالىملار بەزى ۋىرۇسلارنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ۋىرۇسلارنى ئامىنۇفۇرىن دېگەندەك خىمىيىلىك مۇئەييەن ماددىلارغا ياكى بەزى ئېنزىملارغا تۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ماددىلاردا قاتتىق خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ۋىرۇس بەزى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. لېكىن بۇ، يېڭى ھاسىل بولغان نەرسە ۋىرۇسنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، دېگەنلىكمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ شۇ تۈرنىڭ ئىچىدىكى ۋىرۇسنىڭ ئۆزى. لېكىن، بۇ ۋىرۇستىكى گېن كۆلچىكىنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى بار بولغان مۇئەييەن خۇسۇسىيەتلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ھاسىل بولدى دېگەنلىك. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟

ھەرقانداق جانلىقنىڭ ئىچىدە مەلۇمات لېنتىسى بولىدۇ. بۇ مەلۇمات لېنتىسىغا بۇ جانلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى يېزىلغان بولىدۇ. بۇ ئىلاھىي يارىتىشنىڭ ئاجايىپ، ھەيران قالارلىق تەرەپلىرىدۇر. ھەرقانداق جانلىقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئاشۇ جانلىققا خاس بولغان مەلۇمات لېنتىسىغا ياكى گېن لېنتىسىغا شىفىرلىق ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان بولىدۇ. ھەربىر ھەرپلەر يىغىندىسى بىر مەلۇماتنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەرپلەر مەلۇماتى «بۇ ۋىرۇس بىر جانلىقتىن باشقا بىر جانلىققا قانداق يۆتكىلىدۇ»، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ۋىرۇسنىڭ ئىچىدە بەزى مەلۇماتلار بار بولۇپ، بۇ مەلۇماتلار ئاكتىپ ئەمەس، ئۇخلىغان ھالەتتە بولىدۇ. ئالىملار بۇ ۋىرۇسقا خىمىيىلىك بېسىم پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتسە، شۇ چاغدىلا بۇ مەلۇماتلار جانلىنىپ، بۇ ۋىرۇس يېڭى خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە باشلىشى مۇمكىن.

دېمەك، بۇ مەلۇماتلار ۋىرۇسقا خاس بولغان گېن كۆلچىكىدە بولىدۇ. گېن كۆلچىكى خىلمۇخىل خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ. لېكىن بۇ، ئاشۇ تۈرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇل يەنى ئىنچىكە ۋە كىچىك بىر جانلىقنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى 2018 – يىلى خىمىيىدە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئۇسۇل ئىدى. ئۇلار بەزى باكتېرىيەلەرنىڭ ئېنزىملىرىغا خاس بولغان مەلۇمات لېنتىسىغا خىمىيىلىك ماددىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆزگەرتىشلەر بولسا، ھەرپلەر جەھەتتىن نەچچە مىليون يىللارنى قىسقارتقان ئىدى. يەنى، باكتېرىيە ئۈچۈن نەچچە مىليون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى مۇمكىن بولاتتى. خىمىيىلىك ئۆزگەرتىشلەر نەچچە مىليون يىللارنى قىسقارتقان بولدى.

ھازىر نوبىل خىمىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە خېمىيە ئالىمى دوكتور سارا لينسنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى:

«ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشى بولسا، ئەمەلىيەتتە نەچچە مىليون يىل ۋاقىت كېتىدىغان نەرسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزلەشتۈردى. بۇنى بىر قانچە ھەپتىلەردە ياكى بىر يىلدىلا ئەمەلگە ئاشۇردى. نەچچە مىليون يىل ۋاقىت كېتىدىغان نەرسە بىر قانچە ھەپتىدىلا ھاسىل بولدى دېگەن گەپ».

لېكىن، ئەجەبا، نەچچە مىليون يىللاردىن كېيىن نېمە بولدى. بۇ مىكروب باشقا بىر تۈرگە يۆتكەلمىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە يېڭى بىر بىروتىنمۇ بارلىققا كەلمىدى. بولغان ئىش نېمە دېسەك، بەزى ئېنزىملار ئۆز تۈرىنىڭ گېن كۆلچىكىنىڭ رامكىسىدا تېخىمۇ لاياقەتلىكرەك بولدى. بۇ، نوبىل كومىتېتىنىڭ رەسمىي تور بېكىتىنىڭ سۆزىدۇر.

«سابتىلىسىن subtilisin» دەپ ئاتالغان ئېنزىمنىڭ ئۆزى بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلادتىمۇ ئاۋۋالقىدەكلا داۋاملاشتى. شۇ ئېنزىمنىڭ ئۆزى شۇ ئائىلە، شۇ تۈر، شۇ مىكروبنىڭ ئىچىدە شۇ ئېنزىمنىڭ ئۆزى شۇ».

دېمەك، بىز كۆزەتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېنزىمنىڭ ئىچىدىكى

ئۆزگىرىشلەردۇر. بۇ ئەھۋال: «تەرەققىي قىلىش (جانلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىش) نەزەرىيەسى»گىمۇ رەددىيە بولىدۇ. يەنى، جانلىقلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى يوق گەپ. چۈنكى، نەچچە مىليون يىللار ئۆتكەندىن كېيىنمۇ باكتېرىيە شۇ تۈرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچىدە ئاۋۋالقىدەكلا داۋاملاشقان.

بۇ يەردە مىيتشىجىن ئۇنىۋېرىستىتىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەيران قالارلىق يەنە بىر تەجرىبە بار. بۇ تەجرىبىدە، باشقا بىر تۈرگە يۆتكىلىدىغان ياكى يۆتكەلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بېقىش ئۈچۈن، نەچچە تىرىللىيون باكتېرىيەلەرگە خىمىيىلىك ماددىلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتتى. بىز بىرلىكتە بۇ ھەيران قالارلىق تەجرىبىگە قۇلاق سالايلى، ئاندىن سۆزىمىزگە قايتىپ كېلىمىز.

مىيتشىجىن ۋىلايىتىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى بىئولوگىيە ئالىمى ريتشارد لينسكى سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ئەشرىيكىيە ئەقۇۋلۇنىيە E-coli باكتېرىيەسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىش تەجرىبىسىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. دارۋىنىزىمنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولغان لىينىسكى تەرەققىي قىلىپ قانداق يېڭى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، باكتېرىيەنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد جەريانىدا تەرەققىي قىلىشىنى كۆزىتىپ باقماقچى بولدى.

«مەن بۇ تەجرىبىدىن قاتتىق ھەران قالغۇچىلارنىڭ بىرىمەن. چۈنكى، بۇ تەجرىبە ھەرقانداق بىر مودېلنى قۇرمىدى. ئۇ كومپيوتېر مودىلى ئەمەستۇر. ئۇ ھەم نەزەرىيەمۇ ئەمەستۇر. ئۇنىڭ قىلغىنى، تەرەققىي قىلىش ئىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشى ۋە بۇ ئىشتىن كېلىپ چىققان نەرسىنى كۆرۈشتۇر.

2014 – يىلىنىڭ كېلىشى بىلەن، لىينىسكى ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئاتمىش مىڭ ئەۋلادتىن كۆپرەك باكتېرىيىنى ئىشلەپ چىقاردى.

بۇ، بىزگە ئوخشاش چوڭ بىر جانلىقنىڭ ئۆمرىدىكى مىليون يىلغا بارا

ۋەر بولىدىغان نەرسىدۇر.

ئاشۇ بوتۇلكىلاردا تۇغۇلۇپ، ئۆلۈپ كېتىدىغان نەچچە تىرىلليوندىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغان خىلمۇخىل باكتېرىيىلەر بار.

گەرچە باكتېرىيەلەر دارۋىن نەزەرىيىسى ئۈچۈن مول دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولسىمۇ، لىينىسكىنىڭ تەجرىبىلىرى دارۋىنىزىم ئىشلەپچىقىرالمىغان نەرسىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئىزاھلاپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن».

«بىز يېڭى تەركىپلىك، يېڭى ۋەزىپىلىك يېڭى بىر بىروتۇن تاپالمىدۇق. يەنە، ئېلىپ چىقىرىۋېتىش، قوشۇش ۋە ئەسلى مەۋجۇت بولغان مەلۇماتلارنى قايتىدىن رەتلەش قاتارلىق ناھايىتى كۆپ ئىشلارمۇ بار».

دېمەك بۇ، تەرەققىيات نەزەرىيىسى ئىشلىمىدى دېگەن گەپ.

ئەمدى، ۋىرۇسلارنى پەيدا قىلىش تېمىسىغا قايتايلى. بىز: «ۋىرۇسنى پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بولىدۇ» دېگەن ئىدۇق. لېكىن، ئالىملار ئېلىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر خىل ئۇسۇل بار بولۇپ، ئالىملار ۋىرۇسلاردىكى مەلۇمات لېنتىسىدىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۇنى يەنە بىر ۋىرۇستىكى مەلۇمات لېنتىسىغا قويىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى مەن دائىم: «ئاتنى ئىشەككە چاپتۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئاتايمەن. لېكىن بۇ چاپتۇرۇش، ۋىرۇسلاردىكى مەلۇمات لېنتىسىدىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۇنى يەنە بىر ۋىرۇستىكى مەلۇمات لېنتىسىغا قويىدىغان بولغاچقا، ھۆجەيرىنىڭ ئەڭ كىچىك پارچىسى سەۋىيەسىدە بولىدۇ.

دۇنيادىكى بۇ خىل ئۇسۇلدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات مەركەزلەرنىڭ ئەڭ داڭلىقى «كرايگ ۋېنتېر CRAIG VENTER» ئېنىستىتۇتىدۇر.

كىمكى، بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى چۈشەنمەكچى بولسا، مەن ئۇنىڭغا بۇ پروگراممىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇ پروگراممىنىڭ ئۇلىنىشى مۇشۇ ۋىدىيونىڭ ئاستىدىكى تۇنجى ئىنكاستا بار.

ئەمدىكى سۇئال، خىتتاي كورونا ۋىرۇسىنى تەجرىبىخانىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى ئەمەلىي جەھەتتىن مۇمكىن بولامدۇ؟ مەسىلەن، ئۇلار ھايۋانلار ئارىسىدا يۆتكىلىدىغان كورونا ۋىرۇسىنى ئەكىلىپ، خىمىيىلىك ماددىلارنى كىرگۈزۈپ ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتتى دەيلى. ياكى ئېلىپ – سېلىش، كېسىپ – چاپلاشلار ئارقىلىق بۇ ۋىرۇستا يېڭى خۇسۇسىيەت كېلىپ چىقتى دەيلى. بۇ يېڭى خۇسۇسىيەت بولسا، ئۇنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا يۆتكىلىدىغانلىقى دېسەك، بۇ ئىش ئەمەلىيەتتە بولغان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

ئىلمىي جەھەتتىن بۇ يەردە بىر چەكلىمە يوق. لېكىن، شۇ نەرسە ئ

ايدىڭكى، بىز ئۇنى ياكى بۇنى قارىلايدىغانغا ھېچقانداق بىر دەلىل – پاكىتقا ئىگە ئەمەسمىز. يەنى، بۇ بىر سۇيىقەست بولۇپ، سېھىر سېھىرگەرنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالدىمۇ؟ يەنى، ئورىنى كىم كولىغان بولسا، ئۆزى چۈشۈپ كەتتىمۇ؟ ياكى ئۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ياكى خىتتاينىڭ تەجرىبىخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىئولوگىيەلىك بىر قورال بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۇلار

بۇنى كونترول قىلالماي قالدىمۇ؟ ياكى بۇ ۋىرۇس مۇئەييەن مۇھىت بۇلغىنىشلىرىغا ئۇچراپ، بۇ بۇلغىنىشلار ئۇنى بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۆتكىلىدىغان قىلىپ قويدىمۇ؟

بۇنى، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى بىلمەيمىز.

لېكىن، بىز كېسىپ ئېيتالايدىغىنىمىز شۇكى، ھەقىقەتەن بۇ بالا، بۇ ۋەيرانچىلىق پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز، پەقەت بىزنىڭ زۇلۇملىرىمىز ۋە زىيان ئۇرماس، ساغلام بىئولوگىيىلىك تەڭپۇڭغا ۋە سېستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى» (رۇم سۈرىسى، 41 – ئايەت).

ئۇنداق بولغان ئىكەن، بىزنىڭ قاتتىق يېلىنىش ۋە تەۋبە قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا قايتىشىمىز ۋاجىپ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى» (ئەنئام سۈرىسى، 43 – ئايەت).

بىزنىڭ يەنە، بۇ ئالەمدە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى، ھېكمىتى، ئىرادىسى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، دەپ بىلىشىمىز ۋاجىپ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى» (ئەنئام سۈرىسى، 112 – ئايەت).

مانا بۇ، قازا – قەدەرگە ئىمان ئېيتىشتۇر. پېشانىسىمىزگە پۈتۈلگەن نەرسىنىڭ چوقۇم يەتمەي قالمايدىغانلىقىنى، پۈتۈلمىگىنىنىڭ ھەرگىزمۇ خاتا يېتىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلىشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سەن ئۇھۇد تېغىدەك ئالتۇننى ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا سەرپ قىلساڭمۇ، تاكى سەن تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرمىگۈچە، ئاللاھ تائالا ئۇنى سەندىن قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، پېشانەڭگە پۈتۈلگەن نەرسە ساڭا چوقۇم يەتمەي قالمايدۇ، پۈتۈلمىگەن نەرسە ساڭا ھەرگىزمۇ خاتا يېتىپ قالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئېتىقاد ئۈستىدە ئۆلسەڭ، ئەلۋەتتە دوزاخقا كىرىسەن».

ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ماڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز سەۋەبلەرنى قىلىمىز ۋە يەنە بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرلىرىگە رازى بولىمىز.

بىز پەقەت كېسەل بار ئورۇندىن يىراق تۇرۇش ۋە بۇ ۋاباغا پايدىسى بولىدىغان دورا -دەرمەكلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ كارانتىن ئۇسۇلى بويىچە تىببىي ۋە ئىلمىي سەۋەبلەرنى قىلىمىز؛ شۇنداقلا، ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر، دەپ بىلىمىز.

بۇ ۋىرۇس بىر سۇيىقەستمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ، دەپ بېھۇدە باش قاتۇرمايمىز. ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان ئىشلار بىلەنلا مەشغۇل بولىمىز.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ۋە بىزدىن بۇ بالا – قازانى كۆتۈرۈۋېتىشىنى سورايمىز. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز