ۋابا كارانتىنىسى مەزگىلىدە جۈمەنى ئۆيدە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

ۋابا كارانتىنىسى مەزگىلىدە جۈمەنى ئۆيدە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، خىتتاي ۋىرۇسى تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كۆپىنچە دۆلەتلەر مەسجىدلەردە جامائەت ۋە جۈمە نامازلىرىنى چەكلەندى. بۇ ئەھۋالدا ئۆيدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۆيىدە جۈمە ئوقۇشقا بولامدۇ ياكى جۈمە ئورنىغا پېشىن ئوقۇمدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن

پەيغەمبىرىمىز 1400يىل بۇرۇنلا كارانتىن قائىدىسىنى يولغا قويغان ۋە ۋابا تارقالغان ئەھۋاللاردا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ۋابادىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چارە – تەدبىرلەر قاتارىدا جامە – مەسجىدلەردە جامائەت نامازلىرىنى چەكلىدى. نەتىجىدە جامائەت نامازلىرىنى ئۆيدە ئوقۇش ھالىتى شەكىللەندى.

شەرئىي جەھەتتىنمۇ ۋابادىن تۆۋەن تۇرىدىغان قاتتىق يامغۇر، پاتقاق، قاتتىق بوران- چاپقۇن ياكى قاتتىق سوغۇق، قاراڭغۇدا يولنى كۆرەلمەسلىك، ئاغرىپ قېلىش ۋە خېيىم – خەتەرگە يولۇقۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن جامائەت ۋە جۈمە نامازلىرىنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان كۆرسەتمىلەر بار.

مۇھەممەد ئىبنى سىرىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يامغۇر ياغقان بىر كۈنىدە مۇئەززىنگە: «سەن «ئەشھەدۇ ئەننە، مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ»نى دەپ بولۇپ، «ھەييە ئەلەسسالات»(يەنى نامازغا كېلىڭلار!) دېمەستىن ئۆيۈڭلاردا ناماز ئوقۇڭلار! دېگىن» دېگەندە، جامائەت ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن تەئەججۈپلەنگەندەك قىلىۋېدى، ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى جۈمە پەرز تۇرۇقلۇق، مەندىنمۇ ئەۋزەل كىشى (يەنى رەسۇلۇللاھ) قىلغان، مەن سىلەرنىڭ لاي – پاتقاقلاردا مېڭىپ جاپا تارتىپ قېلىشىڭلارنى ياقتۇرمىدىم» دېدى([1]).

نافى رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر سوغۇق كېچىدە زەجنان دېگەن جايدا ئەزان ئېيتقاندا: «نامازنى تۇرالغۇڭلاردا ئوقۇڭلار» دېدى ۋە بىزگە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇئەززىننى ئەزان ئېيتىشقا بۇيرۇپ ئەزاننى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن: «دىققەت! سەپەردە، سوغۇق ياكى يامغۇرلۇق كېچىلەردە نامازنى تۇرالغۇڭلاردا ئوقۇڭلار» دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى([2]).

خىتتاي ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەندىشەسى ئېغىر بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسىمۇ تېخى تېپىلمىغاچقا،  مەسجىدلەردە جامائەت نامىزى ئوقۇماسلىققا رۇخسەت بار دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە دۆلەتلەرنىڭ چەكلىمىسى بويىچە جامە – مەسجىدلەردە جۈمە ئوقۇلمىغان ئەھۋالدا، جامە – مەسجىدلەردە ئەزان توۋلىنىدۇ ۋە «ئۆيۈڭلاردا ناماز ئوقۇڭلار» دەپ جاكارلىنىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا بەش ۋاخ نامازنى ئۆيدە ئوقۇشتىن باشقا چارە يوق. بەش ۋاخ نامازنى ھەر بىر ئۆيدىكى كىشىلەر جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ. جۈمەچۇ؟ جۈمە كۈنى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆيدە جۈمە ئوقۇمدۇق ياكى پېشىنمۇ؟

گەرچە بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ۋابا تارقالغان شارائىتلاردا جامە – مەسجىدلەردە جۈمە ياكى جامائەت نامازلىرى چەكلەنمىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى خىتتاي ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن ئەندىشە قاتتىق بولغاچقا، بۇ ھەقتە ھازىرقى زاماندىكى ئالىملار ۋە پەتىۋا ئورگانلىرى ئىككى خىل قاراشتا بولۇۋاتىدۇ:

بىر قىسمى، بۇ ئەھۋالدا ئۆيدە جۈمە ئوقۇمايدۇ، پېشىن ئوقۇيدۇ دەپ قارىغان. چۈنكى جۈمە نامىزى، خۇتبە ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە يىغىلىشى جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ ئوقۇشى كېرەك بولغان بىر ناماز. ئۆيدە بىر ئائىلە كىشىلىرى جۈمە ئوقۇسا بۇ مەقسەت ئادا بولمايدۇ، دەيدۇ ۋە ئىلگىرىكى سەلەف – سالىھلارنىڭمۇ بىرەر سەۋەب تۈپەيلى جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىغان ئەھۋالدا ئورنىغا پېشىن ئوقۇغانلىقىدەك ۋەقەلىكلەرنى، شۇنداقلا ئۆي ۋە تۈرمىلەردە جۈمە ئوقۇلمايدىغان ئەنئەنىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇسا ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبراھىم ئەتتەيمىي، ئىبراھىم نەخەئىي، زىر، سەلەمە ئىبنى كۇھەيل قاتارلىق تابىئىنلار بىلەن بولغان ئىدىم، زىر بىلەن تەيمىي ئىككىيلەن ئۇ كۈننىڭ جۈمە كۈن ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەندىن كېيىن ئۇلار، شۇ جايىدا تۇرۇپلا جۈمە ئورنىغا تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇدى. ئۇلار (بەلكىم ھەججاجدىن) يوشۇرۇنۇپ قېچىپ تۇرغانلار ئىدى»([3]).

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھتىن:

ــ بىر توپ كىشى جۈمەگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، جامائەت ناماز ئوقۇيدىغان مەسجىدتىن باشقا مەسجىدتە تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارامدىلا؟ ــ دەپ سورالغاندا:

ــ ياق، جامائەت بولماي ئايرىم – ئايرىم پېشىن ئوقۇيدۇ، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن([4]).

ئەلۋەتتە بۇ ئادەتتىكى ئەھۋاللار، ياكى سىياسىي جەھەتتىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ئەھۋاللار، ياكى جامائەت ئىتتىپاقىغا تەسىر يېتىدۇ دەپ قارالغان ئەھۋاللاردۇر. ئۇنداقتا، ھازىرقى ۋابا سەۋەبلىك ئۆيلەرگە سولىنىپ قېلىشنى ئۇنىڭغا قىياسلاشقا بولامدۇ؟

يەنە بىر قىسىم ئالىملار: ھازىرقى ۋابا سەۋەبلىك ئۆيلەرگە سولۇنۇپ قېلىشنى يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا قىياسلاشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمىلەردىكىلەرگە قارىتا ھۆكۈمدە ئالىملار بىردەك قاراشتا ئەمەس. ھازىرقى ۋابا شارائىتىدا ئۆيگە سولىنىپ قالغانلار جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئۆيدىكىلەر بىلەن يىغىلىپ خۇتبە سۆزلەپ ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، جۈمە كۈنىدە جۈمە ئوقۇش بۇيرۇقى مەسجىدنى شەرت قىلمىغان، ئۆيلەرنى مۇستەسنا قىلمىغان، بەش ۋاخ نامازنىمۇ ئۆزرە بولغانلىقتىن ئۆيدە جامائەت بولۇپ ئوقۇشقا بولىدىغان بولسا، جۈمەنىمۇ ئوقۇشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلار، ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئەمەس، ھازىرقىدەك پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا ۋاقتىلىق ئۆيدە ئوقۇپ تۇرۇشنى دېمەكچى.

دەرۋەقە، جۈمەگە ئالاقىدار كۆپ مەسىلىلەردە قاراشلار بىردەك ئەمەس. ئىمام ئىبنى ھەزم: «تۈرمىدىكىلەر، يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنلەر باشقا جامائەتلەرگە ئوخشاش خۇتبە سۆزلەپ ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ» دېگەن. يەنە: «ئۆزرىلىك ئەر ئايالى بىلەن بىللە جۈمە ئوقۇسا، ئىككى رەكئەت ئوقۇيدۇ. شۇنداقلا، ئاياللار جامائەت بولۇپ جۈمە ئوقۇسىمۇ شۇنداق» دېگەن([5]).

ئەسلىدە، ئالىملارنىڭ جۈمە نامىزى ئۈچۈن بېكىتكەن شەرتلىرى توغرىسىدا ئورۇن، سان ۋە باشقا ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن شەرتلەر بولۇپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالىملاردا قاراش بىردەكلىكى يوق. بۇلارنى بايان قىلماقچى بولساق، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. مەسىلەن، جۈمە نامىزى جامائىتى بولۇش ئۈچۈن مەلۇم سان شەرتى بارمۇ؟ دېگەن مەسىلىنىڭ ئۆزىدىلا 15 خىل قاراش بار. شۇڭا، كەمىنە بۇ پەتىۋادا دەلىللەرنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىپ ئۇزارتىۋەتمەستىن، بۇ مەسىلىدە ئىككى خىل قاراش بارلىقىنى ئىخچاملاپ بايان قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم.

ئىمام شەۋكانىي بۇ شەرتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «توغرىسى شۇكى، جۈمە نامىزى ئاللاھ تائالانىڭ پەرزلىرىدىن بىر پەرز. ئىسلام بەلگىلىرىدىن بىرى بەلگە. نامازلاردىن بىر ناماز. كىمكى ئۇ نامازدا باشقا نامازلاردا شەرت قىلىنمىغان نەرسە شەرت قىلىنىدۇ، دەيدىكەن، پاكىتى بولمىسا سۆزى قوبۇل قىلىنمايدۇ. جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئالاھىدىلىكى بار. خۇتبە دېگەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۆزئارا نەسىھەتلىشىدىغان ۋەزدۇر. شۇڭا بىر جايدا ئىككى كىشىدىن باشقا ئادەم بولمىسا، بىرى خۇتبە سۆزلەپ، يەنە بىرى قۇلاق سالسا، ئاندىن قوپۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ»([6]).

ئالىملىرىمىزنىڭ قاراشلىرى يۇقىرىقىدەك ئىككى خىل بولغاچقا، ئۆيدە جامائەت بولۇپ ئازنا كۈنىدىن باشقا كۈنىدىكىدەك تۆت رەكئەت پېشىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت بار.

جۈمە ئوقۇي دېسە، ۋابا مەزگىلى بولغاچقا، جۈمەگە مەسجىدتە ئەزان توۋلانغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىمام بىلەن يەنە بىر ياكى ئىككى كىشى بولسا، خۇتبە سۆزلەپ ئىككى رەكئەت جۈمە نامىزى ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

جۈمە ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس دېگەنلىك، ئوقۇسا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇڭلاشقا، جۈمە نامىزى گەرچە ئاياللارغا ۋە بەزى كىشىلەرگە پەرز بولمىسىمۇ، ئۇلار جۈمەگە قاتناشسا پەرزى ئادا بولىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئىنچىكە نۇقتىمۇ دەل مۇشۇ. يەنى، ئۆزرىلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك، جامەدە جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىغانلار جامائەت بولۇپ جۈمە ئوقۇسا پەرزى ئادا بولغان بولىدۇ. بۇ، جۈمە ئوقۇسا ئادا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭدا ئالىملار بىردەك قاراشتا.

ئىمام شافىئىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن جۈمە پەرز ئەمەس دېگەن تۈرمىدىكىلەر، ئاياللار، سەبىيلەر ۋە قۇللار قاتارلىق كىشىلەر ئەگەر جۈمە نامىزىغا قاتنىشىپ قالسا ئىككى رەكئەتلا ئوقۇيدۇ. ئەگەر جۈمەنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرۈپ قالسا بىر رەكئەت تولۇقلاپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭ بىلەن جۈمەسى ئادا بولىدۇ. ئۇلارغا جۈمە پەرز ئەمەس»([7]).

شۇڭا، يىغىپ ئېيتساق، ۋابا سەۋەبىدىن جامەلەردە جۈمە ئوقۇيالمىغانلارنىڭ ئۆيدە پېشىن ئوقۇشىغا رۇخسەت بار. پېشىننى ئۆيدە جامائەت ئوقۇغىنى ئەۋزەل. ئەگەر خۇتبە سۆزلىيەلەيدىغانلار بولسا، جۈمە ئوقۇي دېسە، ئىمامدىن باشقا ئەقەللىي بىر – ئىككى كىشى بولسا، خۇتبە سۆزلەپ جۈمە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.

خۇتبىگە كەلسەك، خۇتبە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناماز ئەسلى پېشىندىكى تۆت رەكئەتتىن ئىككى رەكئەتكە قىسقارتىلغان. جۈمەنىڭ خۇتبىسى مۇسۇلمانلارغا ھەپتىلىك ۋەز – نەسىھەتتىن ئىبارەت بولۇپ، بىخۇدلارنى سەگىتىش، دىن ئەھكاملىرىنى، شۇنداقلا، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى يەتكۈزىدىغان تەشۋىقات ۋاسىتىسىدۇر. ئىمام نامازدىن بۇرۇن جامائەتكە ئالدىنى، قىبلىگە ئارقىسىنى قىلىپ ئۆرە تۇرغان ھالدا، ئىككى خۇتبە ئوقۇيدۇ. ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىسىنى يېنىككىنە بىر ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتىدۇ. 5 – 10 مىنۇت ۋەز قىلالمىسا، بىرەر دىنىي كىتابتىن ئوقۇپ بەرسىمۇ بولىدۇ. خۇتبىگە بىرەر ئايەت ئوقۇسا ياكى بىرەر ھەدىس سۆزلىسە، ياكى ئاللاھنى زىكىر قىلىپلا ياكى تەسبىھ ئېيتىپلا جۈمەنى ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ، شۇ قىلغىنى خۇتبىگە ھېساب بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2020. 4. 16

———————————————–
([1]) «سەھىھۇل بۇخارىي»، 901 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 699 – ھەدىس.
([2]) «سەھىھۇل بۇخارىي»، 632 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 697 – ھەدىس.
([3]) «مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبى شەيبە»، 1 – توم، 466 – بەت. 5439 – نومۇر.
([4]) «ئەلمۇدەۋۋەنە»، 1 – توم، 238 – بەت.
([5]) «ئەلمۇھەللا» 3- توم، 252 – 259 – بەتلەر.
([6]) «ئەسسەيلۇل جەررار» 182 – بەت.
([7]) «ئەلئۇم» 1 – توم، 218 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ